ھازىرقى ئورنىڭىز: رومان > سەرسان كۆڭۈللەر
A+ A-

-1-قىسىم

ناھىيىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بۇ كىچىككىنە يېزا خۇددى رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەندەك. گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇلۇپ، كۆككە تاقاشقان ھەيۋەتلىك تاغلىرى. نەگىلا قارىسا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى بولغان دەل- دەرەخلەر، سالا -سالا كەتكەن ئېتىزلارغا تېرىلغان ھەر خىل زىرائەتلەر، ئېرىق ئۆستەڭلەردە ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇلار . ھەر خىل ئاۋازدا سايراۋاتقان. قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى، ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلسا …! ئەتىگەندە قىزىل گالىستۇك تاقاپ رەتلىك كىينىپ مەكتەپكە كېتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار تراكتور ۋە ۋېلىسىپىت بىلەن ئېتىزلىققا، ياكى خىزمەتكە كېتىپ بارغان كىشىلەر، بۇ يېزىنى باشقىچە قاينام تاشقىنلىققا چۈمدۈرەتتى . ئادەتتە بۇ يېزا . ناھىيىگە خېلىلا يىراق بولغاچقا، مۇشۇ يېزىدىن شەھەرنى كۆرمەي. ئۆتۈپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر يېڭىلىقتىن كېچىكىپ خەۋەر تېپىشاتتى . شۇنداقتىمۇ يەنە يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغانلار كۆپ بۇلۇپ ،خەلقنىڭ تۇرمۇشى ھاللىق سەۋىيىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتاتتى . بۇ يېزىدا . ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ . تولۇقراقى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ يېزىغا قايتىپ كېلىشنى خالىماي شەھەرلەردە قېلىپ قېلىشاتتى. ھەتتا بۇ يەردىكى قىزلارمۇ ؟ باشقا شەھەرلەرگە توي قىلىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى . لېكىن بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە. بۇ يېزىدىكى كاتتا ئۆزگىرىشلەر. ۋە تەرەققىياتلار بۇ يېزىنىڭ قىياپىتىنى قايتىدىن باشقىچە بىر تۈسكە كىرگۈزگەن بولۇپ . يېزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن. كۆپلەپ ساياھەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا باشلىدى . بولۇپمۇ يېزىغا ئانچە يىراق بولمىغان تەبىئىي كۆل رايونى . ئەتراپىدىكى جىغانلىق مەنزىرە رايونى . ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ قويۇق كېلىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېتىدىغان تاللاش ئوبيېكتى بۇلۇپ كېلىۋاتاتتى ؟ ئۆز ۋاقتىدا ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمىگەن بۇ جىغانلىق . ئەمدىلىكتە بولسا باشقىلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى . چۈنكى كۆپلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىغاننىڭ پايدىلىق رولىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ چىققاندىن كېيىن ھەتتا ناھىيىگە زاۋۇت قۇرۇلۇپ . يۈرۈشلۈك جىغان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىنىپ ئىستىمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتاتتى. مانا ، بۈگۈنمۇ بۇ ساياھەت ئۇرنى ياشلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ . كېلىپ كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىدە ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى، بۇ ساياھەت ئورنىنىڭ كۆك ئاسماندەك سۈپسۈزۈك سۇلىرى. ۋە ئادەم بويى ئىگىزلىكتە ئۆسكەن ئوت-چۆپ جىغانلىقلىرى . جىغانلىقلار ئارىسىغا سېلىنغان كىچىك -كىچىك ئايرىمخانىلار. ساياھەتچىلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئېچىلغان. ئاشخانىلاردىن چىققان مېزىلىك تاماقلارنىڭ ھىدلىرى ئىختىيارسىز ئاشخانىغا كىرىشكە مەجبۇر قىلسا . ئاشخانا ئالدىغا قويۇلغان كاۋاپداندىن چىققان كاۋاپنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى . ئاشخانا ئالدىغا كىيىملىرى ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ ، پاكىز كىيىنگەن بىر جۈپ قىز يىگىت يېتىپ كەلدى . ئۇلار ئاشخانىنىڭ ئىچىگە بويۇنداپ قاراپ قويغاندىن كېيىن ئىككىسى ئۆز -ئارا بىر نېمىلىرىنى دېيىشىپ، ئاشخانىنىڭ سىرتىغا قويۇلغان جوزىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى . كۈتكۈچى قىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ. جوزىنى سۈرتۈپ تازىلىغاندىن كېيىن قەغەز ئىستاكانلارغا چاي قۇيۇپ بۇلۇپ ئۇلاردىن نېمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىدى . -ھە…بىزگە ئىككى تەخسە ئۈي لەغمىنى بىرىڭ… دېدى يىگىت . يېنىدىكى قىزغا قاراپ قويۇپ چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىغاچ . -مەن لەغمەن يېمەيمەن . ماڭا بىر تەخسە سېرىق ئاش ئەكىلىپ بېرىڭ؟ دېدى ئۇ قىز يىگىتكە قاراپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويۇپ، يىگىت ئۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرمەستىن يېنىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ چېكىشكە باشلىدى، شۇ ئارىلىقتا ، ئاشخانا ئىچىدىن چىقىپ كەلگەن ئىككى يىگىت ئۇ يىگىتكە قاراپ خۇددى ئۇزۇندىن بۇيان ، يوقىتىپ قويغان ئادىمىنى تاپقاندەك ھاياجاندا ۋارقىرىدى . -غەيرەت…بارمۇ سەن ئاداش؟ -ھۇي…ئالىم ،قاچان كەلدىڭ؟ ھەجەپ ئۇزۇن يۇقاپ كەتتىڭغۇ؟ بۇ ئىككەيلەن شۇنداق دېگىنىچە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى . غەيرەتنىڭ قېشىدىكى قىز . تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالغان بۇ يىگىتكە قاراپ خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تۇرۇپلا قالغان ئىدى . --قانداقراق تۇرىۋاتىسىز ماينۇر ؟ ئۇزۇن بولۇپتۇ كۆرۈشمىگىلى . --ياخشى ئالىم ئۆزىڭىزچۇ .سىزنى بۇ يەرگە قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى ؟ ماينۇرنىڭ تۇرقىدىن ئالىمنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . -ھە، شۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بىرنەچچە كۈنلۈك ئارام ئېلىشىم بار ئىدى. شۇڭلاشقا مەھەللىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلارنى، بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرىمنى كۆرۈپ كېلەي، دېگەن مەقسەتتە كېلىشىم ئىدى. مەن شۇ ھەر قايسىڭلارنى مۇشۇ ساياھەت ئورنىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم . دەل مەن ئويلىغاندەك ئىش بولدى . قېنى بۈگۈن سىلەرنى تۈزۈك بىر مېھمان قىلۋالاي…ھە راست … ماۋۇ ئاغىنەمنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي. ئىسمى ،ئابلەت، ئىككىمىز نەۋرە كېلىمىز . ئالىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن غەيرەت ئابلەت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، -يۈرۈڭلار ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ قانغۇچە مۇڭدىشايلى . ئالىم شۇنداق دېگىنىچە غەيرەتنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ بىر بوش ئورۇنغا جايلاشقاندىن كېيىن نەچچە خىل قورۇما ۋە كاۋاپلارنى بۇيرۇتۇپ، جوزىنى توشقۇزىۋەتتى . يەنە تېخى ئىككى قۇتا ھاراقمۇ بۇيرۇتۇپ قويدى، ئۇلار بىر- بىرسىگە تەكەللۇپ قىلىپ ئىشتىھا بىلەن تاماق يېيىشكەچ ئىچىشىپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى . ئالىم بىلەن ماينۇرنىڭ كۆزلىرى پات -پات بىر- بىرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتى ، ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن بىر -بىرىگە دېيەلمەيۋاتقان گەپلىرى باردەك قىلاتتى . -ھە ، غەيرەت ئاداش… سەن بىلەن ئۇزۇن بولۇپتۇ ئەھۋاللاشمىغىلى … قانداق ئۆزۈڭ ، نېمە ئىشلاربىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسەن . -نېمە ئىش قىلاتتىم ئاداش ،! ئۆز ۋاقتىدا ئائلىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا . يۇقىرىلاپ ئوقۇيالماي قايتىپ چىققاندىن باشلاپ ، ئۆيدە دېھقانچىلىق قىلغاندىن سىرت ياغاچچىلىق ھۈنەر ئۆگەندىم ھازىر شۇ كەسىپنى قىلىۋاتىمەن . - ياخشى بولۇپتۇ ، ئاداش . كونىلارنىڭ بىر گېپى بار « ھۈنەرسىز ئەردىن . تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ ياخشى» دەپ…--- مانا ، بىزمۇ ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بىلەن سىلەردەك ئۆزىمىز خالىغانچە بىر ئش قىلالمايمىز . چۈنكى بىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇليەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمساق بولمايدۇ . سىلەرچۇ ؟ نېمە ئىش قىلىشنى خالىساڭلار قىلىۋېرىسىلەر . نەگە بارغۇڭلار كەلسە بېرىۋىرسىلە…! ھەي … بەزىدە سىلەرگە ھەۋەس قىلىمەن جۇمۇ .! مۇشۇ خىزمەتنى تاشلاپ قويايمۇ دەيمەن . لېكىن كېيىنلىكىمىزنى ئويلاپ قالىدىكەنمىز… ئالىم ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتاتتى . ۋە ، سۆزلەۋېتىپ كۆزنىڭ قىرىدا پات- پات ماينۇرغا قاراپ قۇياتتى، ماينۇرنىڭ ئۆزى بۇ يەردە بولغان بىلەن خىيالىي ئاللبۇرۇن كونا ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالغان ئۆتمۈشكە قايتقان ئىدى، ئۇ غەيرەتنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپلا ئەسلىگە قايتتى . ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ -ماينۇر ئۇخلاپ قالمىغانسىز. مۇشۇ كەملەردە ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىڭىز جۇمۇ!- دېدى غەيرەت ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ . ماينۇر خۇددى ئۆزىنىڭ خىيالىنى ئۇلار بىلىۋالغاندەكلا ھېسسىياتقا كېلىپ چىرايى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى . شۇنداقتىمۇ جانان چىنىدەك زىل ئاۋازى بىلەن جاۋاب قايتۇردى . -مېنى كۈندۈزىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايدىغانلارغا ئوخشىتىپ قالماڭ ! شۇ ئىككىڭلار پاراڭلاشقاندىكىن پارىڭىڭلارنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم . -ھە راست ماينۇر . سىز ئۆزىڭىزچۇ ؟ نېمە ئىشلارنى قىلىپ كەتتىڭىز ؟ -مەنمۇ شۇ. سىزدەك ياخشى ئوقۇيالمىغاندىكىن قايتىپ چىقىپ سەيپۇڭلۇق كەسپى ئۆگەندىم ھازىر بولسا مۇشۇ يېزىدا بىر سەيپۇڭلۇق دۇكىنى ئېچىۋالدىم . ئاڭلىسام سىزنى توي قىلدى دەۋاتاتتى . ئايالىڭىزنى بىرگە ئېلىپ كەلمەپسىزغۇ . -بولدى ماينۇر خۇشال ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئاشۇ ئايالنى بىر ئېسىمگە سالمىسىڭىز .ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىلىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى . «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟» دېگەندەك ، توي ئىشىدا ئادەمنىڭ بەختى كەلمىسە . بەكلا بېسىم بولۇپ قالىدىكەن. ھازىر شۇ ئايالىم بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلىساملا . ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ . دېدى ئالىم چىرايىنى ھەسرەتلىك تۈسكە كىرگۈزۈپ . باياتىندىن بېرى گەپكە ئارىلاشماي ، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئابلەت ئالىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ھەيران قالغاندەك قاراپ قويدى، ئالىم بولسا ئابلەتنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن خىجىل بولدىمۇ قانداق ؟ چاندۇرماي تۇر .… دېگەن مەنىدە كۆزنى قىسىپ قويدى .ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق يالغان گەپ قىلغانلىقىنى . پەقەت ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى . ئۆز ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوقۇشى مەكتەپ بويىچە دېگەندەك ياخشى بولمىسمۇ،دادىسىنىڭ ئالاقىسىنىڭ قۇيۇقلىقى ۋە جەمىيەتتىكى تەسىرىگە تايىنىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا. كەيپ- ساپا قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ. ئالىي مەكتەپنىمۇ ئويۇن تاماشا بىلەنلا تاماملاپ قايتىپ كېلىپ ، يەنىلا دادىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ناھىيلىك بانكىغا ئورۇنلاشتى . لېكىن «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ »دېگەندەك. بۇ يەردىكى خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ بانكىنىڭ نۇرغۇن پۇلىغا خىيانەت قىلىپ خەجلەپ تۈگىتىپلا قالماي ، خىزمەتتىن ھەيدىلىپ دادىسىنىڭمۇ بوينىغا بىر مۇنچە قەرىز يۈكلەپ قويدى . ھازىر ئۇ ئەتراپتىكى پۇلى بار ئادەملەر بولسىلا ئۇلارنى قويۇپ، جان بېقىپ كېلىۋاتاتتى . ئاتا- ئانىسى تويىنى قىلىپ قويساق ئوڭۇشلۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە … تويىنى قىلىپ قويماقچى بولدى . ئۇلار تىڭ -تىڭلاپ يۈرۈپ بۇ شەھەردىكى تۇتسا سېپى بار ، چاقىرسا ، ئېتى بار . بىر ئىدارىنىڭ باشلىقىنىڭ ئەرگە تەگمەي ، تۇرۇپ قالغان بىر بىشەم قىزىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، بۇ قىزنىڭ مىجەزى بەكلا ئوسال بولغاچقا ئۇزۇن قالمايلا ئالىمنى شۈپتەك قىلىىپ ئۆزىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان ھالغا ئەكىلىپ قويدى . ھەم دادىسىنىڭ يۈزى بىلەن . يەنە بىر ئىدارىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى . لېكىن ، ئۇنىڭ بەزى خۇيلىرى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ قولغا ئېلنىشىپلا قالغان ھەر قانداق ئادەمنى بىر ئاماللارنى قىلىپ قويۇۋېتەتتى . ئۆز ۋاقتىدا، ئالىمنىڭ ئاتا- ئانىسى خىزمەت سەۋەبىدىن باشقا شەھەردە ئىككى يىل تۇرۇپ قالغان بولۇپ ، ئالىمنى يېزىدىكى تاغىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ قويغان ئىدى . ئالىم بۇ يەردە تۇرۇپ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا غەيرەت ۋە ماينۇرلار بىلەن تونۇشتى ئالىم شوخ . گەپ سۆزگە ماھىر بولغاچقا مەكتەپتە خېلى- خېلى قىزلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت سېلىپ، شۇ قاتاردا ماينۇرنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى . لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى قايتىپ كېلىپ ئۇنى شەھەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى . مانا ، ئەمدى . ماينۇر بىلەن غەيرەت توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان ۋاقىتتا ئالىم پەيدا بولغان ئىدى . مانا ئۇ ھازىر خىيالىدا نېمە ئويلىدى پەقەت ئۆزىگىلا ئايان ئىدى . ئۇنىڭ خوتۇنۇم يوق ، ئاجرىشىپ كەتتىم … دېيىش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى ؟ نېمە مەقسىتى بار ؟ پەقەتلا ئۆزىگە ئايان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن كېتىپ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى غەيرەت بىلەن ماينۇر بىلمەيتى، ماينۇر بىلەن ئالىمنىڭ تولۇقسىزدا ئانچە-- مۇنچە يېقىنلىشىپ يۈرگىنىنى غەيرەت بىلسىمۇ، ئۇ ۋاقىت ئۇلارنى مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان ، پەقەتلا ھەۋەس ئۈچۈن ئارىلاشقان دەپلا چۈشۈنەتتى. لېكىن بۈگۈن ئالىم. ماينۇرنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە رەزىل پىلاندىن بىرنى سوققان ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەچچە يىللىق جەمىيەتتە توپلىغان تەجرىبسىگە ئاساسلانغاندا ماينۇردەك قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش تەس ئەمەس ئىدى . ئۇلار ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىچىپ خېلىلا تەڭشەلگەن ۋاقىتتىلا بۇ يەردىن قايتىپ چىقتى . -غەيرەت ئاداش. بىزنىڭ بۇنداق جەم بولمىقىمىزمۇ ئاسان ئەمەس .مۇشۇ پېتى ئايرىلساق يەنە قاچان كۆرۈشىمىز بىلگىلى بولمايد ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىڭلارنىڭ تويى بولۇشقىمۇ ئاز قاپتۇ. بەلكىم خىزمەت سەۋەبىدىن تۇيۇڭلارغىمۇ قاتنىشالماي قېلىشىم مۇمكىن. شۇڭلاشقا بۈگۈن بۇ باھانىدە تەبرىكلىۋالاي . باياتىن كېلىۋېتىپ قارىسام بۇ يېزىدا يېڭىدىن بىر مۇزىكىلىق كېچىلىك كۇلۇبتىن بىرسى قۇرۇلۇپتۇ . ئاشۇ يەرگە كىرىپ قانغۇچە ئويناپ چىقايلى قانداق دەيسەن ؟ ئالىم شۇنداق دېگەچ . مەسلىكتىن ئۆزىنى ئوڭشاپ تۇرالماي بىر قولىنى غەيرەتنىڭ بويىدىن ئارتىلدۇرۇپ ، مەستلىكتىن خۇمارلاشقان ، كۆزلىرىنى ماينۇرىغا تىكتى . ماينۇر بولسا ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن خىجىل بولدىمۇ ؟ ياكى ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن بىزار بولدىمۇ ؟ ۋىللىدە قىزىرىپ باشقا ياققا قارىۋالدى . -بولدى ئالىم ئاداش ھېلىمۇ سىنى كۈپ ئاۋارە قىلىۋەتتۇق . مەندىغۇ چاتاق يوق ئىدى .لېكىن ماينۇرنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالارمىكىن دەيمەن . سەنمۇ بىلىسەن تېخى توي قىلماي تۇرۇپ كېچىدە سىرتتا يۈرسەك ياخشى بولماس شۇنداقمۇ ؟ غەيرەت ماينۇرغا قاراپ قويدى. -يېنىمدا سىز بولغاندىكىن ئۇلارمۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ . كىرىپ چىقايلىچۇ…مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان . بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. دېدى ماينۇر غەيرەتكە قاراپ ئۆتۈنگەن ھالەتتە . -مانا…مانا . قىز بالا تۇرۇپ ، بۇ گەپنى دەۋاتقان يەردە . سەن نېمىدىن قورقىسەن ئاداش … يۈرە ، كەتتۇق …داۋاي… ئالىم شۇنداق دېگىنىچە بىر قولىدىن قاس چىقىرىپ كۆزنى قىسىپ ، شوخلۇق قىلغىنىچە شۇ يەردىلا ماشىنىدىن بىرنى توسۇپ يۈرۈپ كەتتى . يېزىلىق پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان . بۇ مۇزىكىلىق ئارامگاھ ، يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ. بۇ يېزا ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئىدى، ناھىيە بازارلىرىدا ۋە باشقا شەھەرلەردە كىرىپ ئويناپ كۆنگەنلەر بولسا… بۇ يېزىدا مۇشۇنداق بىر يەرنىڭ ئېچىلغانلىقىغا خوش بولۇپ ، پات -پات كىرىپ ئويناپ چىقىپ كەتسە، ئەمدىلا جەمىيەتكە قەدەم قويۇپ بۇنداق سورۇنلارنى كۆرۈپ باقمىغان ياشلار بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى . ھەتتا بەزىلەر بۇ يەرنىڭ كۈندىلىك مېھمانلىرى ئىدى. ھەتتا بەزى ياشتا چوڭ ئادەملەرمۇ قانداق يەردۇ دەپ ھەۋەس قىلىپ ،كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقىپ كىتەتتى، -پاھ ، بۇ يەرمۇ بولۇپ قويىدىكەن جۇمۇ. چوڭ شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن . دېدى ئالىم. كۇلۇبنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۆت ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن . دېمىسىمۇ . بۇ مۇزىكىلىق كۇلۇب ھەقىقەتەن ئالاھىدە زىننەتلەنگەن بولۇپ .ئۈستگە ئېسىلغان رەڭگارەڭ چىراغلار كۆزنى قاماشتۇرسا . بەش ئالتە كىشىلىك ھەتتا ئون نەچچە كىشىلىكتىن قىلىپ ئايرىم -ئايرىم رەتلىك تىزىلغان سافالار، ئەينەك ساجىلار پارقىراپ تۇرغان تاختايلىق پوللار . ھەممە ئورۇنلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ، يوغان تەشتەكتىكى ھەر خىل گۈللەر . كەڭرى كەتكەن سەينا . ھەر قانداق ئادەمگە ئازادە ئارامبەخىش ھوزۇرىنى ئاتا قىلاتتى . بۇ يەردە بۈگۈنمۇ ئادەم جىق بولۇپ، ئۇلار سەھنىگە يېقىن بىر ئورۇنغا جايلاشتى. مۇلازىم تىزىملىكنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئالىم تىزىملىكىنى قولغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن . بىر نەچچە خىل سوغۇق سەي ۋە يەل يېمىشلاردىن بۇيرۇتۇپ قالغىنىغا بىر يەشىك پىۋا بۇيرۇتتى . - ھە، قېنى. قولۇڭلارغا بىر قۇتىدىن ئېلىڭلار ! بۈگۈن قانغىچە ئىچىپ قانغۇچە ئوينىمىساق ھېساب ئەمەس ! ئالىم شۇنداق دېگەچ . پۈتۈن پىۋا قۇتىللىرىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىردىن قويدى . -قېنى، خوشە. مۇشۇ دوستلۇقىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىش ئۈچۈن . يەنى ماينۇرقىز بىلەن غەيرەتنىڭ بولۇش ئالدىدا تۇرغان تويى ئۈچۈن قېنى كۆتۈرەيلى.

2-قىسىم

ئالىمنىڭ خوشە دېيىش بىلەن ئابلەت بىلەن غەيرەت قولىدىكى پىۋىنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىپ بولۇپ قۇرۇق قۇتىنى جوزىغا قويدى . -يارايسىلەر ئاغىنىلەر، لېكىن مېنى كەچۈرۈڭلار. مەن سىلەردەك پىۋىنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىپ بولالمايمەن .… مەن ئاق ھاراقنى خېلى ئىچىپ قويىمەن . لېكىن مۇشۇ پىۋىنى زە پەقەت مىجەزىم كېلىشمەيدۇ. بۇ يەردە ئاق ھاراق ئىچكىلى قويمايدىكەن. شۇڭلاشقا ئامال يوق پىۋا بۇيرۇتتىم . سىلەر ماڭا قارىماي ئىچىۋېرىڭلار . ھە راست غەيرەت ئاداش . ماينۇر بىلەن بىر قول تانسا ، ئوينىسام قارشى تۇرمايدىغانسە؟ - بولىدۇ، ئوينا ئاداش ، ئوينا… بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلدۇق ئەمەسمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز دوست تۇرساق . دېدى غەيرەت قولىنى پۇلاڭشىتىپ تۇرۇپ. ئۇ ھەقىقەتەن بەكلا مەست بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئالىم ماينۇرنى ئەدەپ بىلەن تانسىغا تارتتى . - مەن .…مەن تانسا ئويناشنى بىلمىسەم ؟ دېدى ماينۇر . قىزىرىپ تۇرۇپ ، - قوپۇڭە مەن ئۆگىتىپ قويىمەن . تەس ئەمەس . بىردەمدىلا ئۆگىنىۋالىسىز . ماينۇر بولسا ، قىزىرىپ تۇرۇپ غەيرەتكە قانداق قىلىمەن ؟ دېگەن مەنىدە قارىدى . -قوپۇڭە… ئۇ تانسىغا تارتسا سىز قوپمىسىڭىز. باشقىلارنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولىسىز بۈگۈن ئويناڭ … كۆڭلىڭىز خۇشال بولغىچە ئويناڭ … ماينۇر قورۇنۇپقىنە ئورنىدىن تۇرۇپ ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان لىرىك كۈيگە . ئالىم بىلەن تانسىغا چۈشۈپ كەتتى . ئالىم ئوڭ قولىدا ماينۇرنىڭ بېلىنى تۇتۇپ . سول قولىدا بولسا سول قولنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ يەڭگىل دەسسەپ ئوينىماقتا ئىدى . ماينۇر ئالىمنىڭ قولى، قولىغا تېگىشى بىلەن جىددىيلىشىپ پۇت -قوللىرى كالۋالىشىپ، خۇددى ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنەتتى . -ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇپ بېرىڭ ماينۇر . جىددىيلەشمەڭ … ماينۇر ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ئۆزىنى ئازراق ئەركىن تۇتۇپ ئۇنىڭغا ماسلاشتى. ماينۇر بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەھەللىدە ، دوستلىرى بىلەن توي كۈنلەردە ئانچە- مۇنچە ئويناپ ئۆگەنگەن بولغاچقا ئالىمغا تىزلا ماسلىشىپ كەتتى . -مەن سىزنى مۇشۇ كەمگىچە ئۇنتۇپ كەتمىدىم …ماينۇر، نەچچە ۋاقىتتىن خىزمەت سەۋەبى بىلەن ، سىزنى ئىزدەپ كېلەلمىگەن بولساممۇ ؟ لېكىن ھەر ۋاقىت، ھەر مىنۇت، ھەر سىكۇنت . سىزنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم . بۈگۈن سىزنى كۆرۈپ مىنىڭ قانچىلىك خوش بولغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ دېدى ئالىم تۇيۇقسىزلا . ماينۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ . -نېمە دەۋاتىسىز ئالىم. ئۇ ئىشلار قاچانقى ئىشلار؟ سىز ئەمدى بۇ گەپنى قىلىپ قاپسىزغۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا نەگە كەتكەن ئىدىڭىز ؟ - بىلەمسىز ؟ مەن سىزنى كۆپ ساقلىدىم . ئىزدەپ كېلەرمىكىن دېگەن ئۈمىدتە يولىڭىزغا تەلمۈردۈم . ئارىلىقتا خېلى يىللار ئۆتتى ، كېيىن سىزنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ توي قىلدى دەپ ئاڭلىدىم . -مەن بىلىمەن ئالىم، سىز دېگەن شەھەردە چوڭ بولغان. بىزدەك يېزىلىق قىزلارنى. ئەلۋەتتە ياراتمايسىز، شۇڭلاشقا مەنمۇ . ئۆز خىلىمنى تاپتىم، گەرچە غەيرەت، سىزدەك رومانتىك شوخ بولمىسىمۇ ؟ سىزدەك كېلىشكەن بولمىسىمۇ. ھەر جەھەتتە مىجەزى ياخشى ماڭىمۇ بەك كۆيىنىدۇ . -سىز مېنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز ماينۇر . ھەممىنى قىلغان چوڭلار بولمامدۇ .! مەن سىزنى ئېلىش نىيىتىمدىن يېنىپ باقمىغان . گەرچە سىز بىلەن كۆرۈشەلمىسەممۇ . سىزنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا قۇيۇپ كەلدىم ؟ چوڭلار مېنىڭ يېزىدىن ئۆيلىنىشىمگە قارشى تۇرۇپ . مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي، ئۆزىنىڭ بىر دوستىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى . مېنىڭ ھەر ۋاقىت خىيالىم سىزدە بولغاچقا ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشمەي . ئاجرىشىپ كەتتىم . بۈگۈن بۇ يېزىغا كېلىشتىكى مەقسىتىممۇ سىز ئۈچۈن ئىدى .سىزنى مەھەللىدە كۆرمىگەندىن كېيىن چۇقۇم بايراملىق بۇ يەرگە كېتپ قالدى دەپ پەرەز قىلىپ بۇ يەرگە كېلىشىم ئىدى . مەن بۇ جەھەتتىن گەرچە غەيرەتكە يۈز كىلەلمىسەممۇ، ئۆزۈمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىنكار قىلسام بولمايدۇ .مەن سىزنى ھېلىھەممۇ ياخشى كۆرىمەن ماينۇر، ئىككىڭلار تېخى توي قىلمىدىڭلار ! بۇ دېگەنلىك ماڭا يەنە پۇرسەت بار دېگەنلىك. ئەگەر قوشۇلسىڭىز، بۇ توينى بىكار قىلىۋېتىڭ! مەن سىزنى شەھەرگە ئېلىپ كېتەي . چۇقۇم سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن .… سىزنىڭ مەڭگۈ بۇ يېزىدا جاپا تارتىپ ئۆتۈشىڭىزنى خالىمايمەن . بىلسەم سىز مەكتەپتىكى ۋاقتىڭىزدا . ئارتىس بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىڭىزغۇ ؟ مەن شۇ ئارزۇيۇڭىزغا يەتكۈزىمەن . چۈنكى شەھەردە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلىرىم جىق. ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ گېپىمنى يىرمايدۇ، سىزنىڭ ، بۇ چىرايىڭىز، ۋە ئارتۇقچىلىقىڭىز بىلەن ئۇزۇنغا قالمايلا نەتىجە قازىنىپ نامىڭىز چىقىپ كېتىدۇ . مېنىڭ بۇ گەپلىرىمنى ئويلىشىپ بېقىڭ ماينۇر . دېدى ئالىم، ماينۇرنىڭ ساددىلىق چىقىپ تۇرغان ، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ .ماينۇر، ئالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ . بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن گەپ باشلىدى . - بۇ ئىش بۇنداق ئاسان ئەمەس ئالىم . غەيرەت بىلەن ئىككىمىزگە چاي ئىچۈرۈپ بولدى . مەن ھازىر بۇنداقلا ئۇنىڭدىن . يۈز ئۆرۈپ كەتسەم ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن . ھەم ئاتا -ئاناممۇ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ . بولدى مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ئالىم، بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولۇڭ . مەنمۇ ئاڭلىمىغان بولاي. يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن . ھەممىمىز تەقدىرگە بوي سۇنماي ئىلاجىمىز يوق . بىزنىڭ پېشانىمىزگە پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ ؟ ئەگەر خالىسىڭىز يەنە دوست بولۇپ ئۆتسەك بولىدۇ ؟ -ياق ماينۇر . بۇ دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق . تاللاش ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇقى .بۇ ئىشتا سىزنى ھېچكىم زورلىيالمايدۇ . ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ . قېنى ئۇنداق بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، دەپ ئېيتالامسىز ؟ ياق، ئۇنداق دېيەلمەيسىز، مەن سىزنى چۈشىنىمەن ماينۇر ، سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز .؟ ماينۇر . تۇيۇقسىز بۇلىۋاتقان بۇ گەپ- سۆزلەرىگە نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلەلمەي ئارسالدى بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ ئالىمنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى ئىنكار قىلالمايتتى. گەرچە ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم يۈرەك تارىنى چەككەن ئادەم يەنىلا ئالىم ئىدى . لېكىن . ھازىر ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا قانداق قىلىش كىرەك دىگەن سوئال ئۇنى قىيناۋاتاتتى . -مەن سىزنى ھازىرلا جاۋاب بېرىڭ دېمەيمەن ، ماينۇر . چۈنكى ، توي ئىشى ئۆمۈرلۈك ئىش . ئوبدان ئويلىنىپ جاۋاب بېرىشىڭىزنى ساقلايمەن . ئۇلارنىڭ پارىڭى شۇ يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا ناخشا ئاخىرلىشىپ ئۇلار ئۆز ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى . بۇ ۋاقىتتا غەيرەت مەست بولۇپ سافادا يېتىپلا ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى. ئابلەتمۇ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ ئەتراپتىكى قىزلارغا خۇددى پاقا تەشكەن سويمىدەك چەكچىيىپ ئۆزىگە ئولجا ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى .غەيرەتنىڭ مەست بولۇپ يېتىپ قېلىشى ئالىمغا پۇرسەت بولدى . ئۇ ھەر قېتىم مۇزىكا باشلانغاندا ماينۇرنى تارتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينىدى . ئويناش جەريانىدا پۈتۈن ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى . ماينۇر ئاخىرى ئۇنىڭ شېكەر يالىتىلغان زەمبەردەك ئوقىنىڭ قۇربانغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى . ئالىم دىسكو ئۇسسۇل دېگەنگە ھەقىقەتەن ئۇستا بولغاچقا بىردەمدىلا. بۇ كۇلۇبىدىكىلەرنىڭ ھەۋەس قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. ماينۇرمۇ بارغانسېرى ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ ، غەيرەت كۆزگە سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ مەست بولۇپ ئىچىپ يېتىپ قالغان، غەيرەتكە ئېچىنىش نەزىرىدە قاراپ، ئۇھسىنىپ قويدى .ئۇلار شۇ پېتى ئولتۇرۇپ پەقەت كۇلۇبنى تاقىغان چاغدىلا بۇ يەردىن قايتىپ چىقتى، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ بۇ چاغدا غەيرەتمۇ ئۇخلاپ مەستلىكتىن خېلىلا يېشىلىپ قالغان بولۇپ . ئالىمنىڭ ئۇنمىغىنىغا- ئۇنىماي ئۇ ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى . ماينۇرنى بولسا بىرلىكتە ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى . ماينۇرنىڭ بۈگۈن كېچە كۆزگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئۇ خىيال ئېكرانىدا ئالىم بىلەن غەيرەتنى سېلىشتۇرۇۋاتاتتى . سېلىشتۇرغانسېرى غەيرەتنىڭ سىماسى سۇسلىشىپ ئالىمنىڭ سىماسى بولسا ، تېخىمۇ يارقىنلىشىپ كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ بۈگۈن ئارامگاھتا دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيتى، ئۇ تېگى يوق خىياللار ئىلكىدە قاچانلاردۇر ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمىدى . پەقەت تاڭ سەھەردە ، تېلېفوننىڭ سايرىشىدىن ئويغىنىپ كېتىپ تېلېفوننى قولىغا ئالدى . تېلېفون ئۇرغان ئالىم بولۇپ . ئاخشام ئۇلار ئۆز- ئارا تېلېفون نومۇرىنى يزىشىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى . -قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەلىكەم . ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ . مەن كېچىچە سىزنى خىيال قىلىپ ئۇخلىيالمىدىم ؟ ئابلەتنى ئەتىگەندىلا شەھەرگە يولغا سېلىۋەتتىم . مەن بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن ؟ شۇڭلاشقا بۈگۈن مەن بىلەن كۆرۈشكۈدەك ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟ ماينۇر ئالىمنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ ، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ، بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نەدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى سورىدى . - مەن سىزنى يېزىنىڭ دوقمۇشىدا ساقلاپ تۇراي . شۇ يەرگە كېلىڭ . ئۇلار خوشلىشىپ تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن ، ماينۇر ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ گىرىم قىلىشقا باشلىدى . ئالىم بولسا . غەيرەتكە ئۆزىنىڭ بىريەرگە بارىدىغانلىقىنى شۇ يەردىلا ناھىيىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماينۇر بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىپ قالدى . غەيرەتنىڭ بولسا بۈگۈن بىرەيلەننىڭ يېڭى سالغان ئۆينىڭ ياغاچچىلىق ،ئىشى توغرۇلۇق . ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ كەلمەكچى بولغان ئىدى، ئۇ ئۆيدىكى مال- چارۋىلارغا ئوت -چۆپ سېلىپ بەرگەندىن كېيىن موتسىكلىتنى مىنىپ كۆرۈپ كەلمەكچى بولغان ئۆيگە يۈرۈپ كەتتى . ماينۇر بىلەن ئالىم . كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇشۇ يېزىدىكى يەنە بىر ساياھەت ئورنىغا بېرىپ ئايلىنىپ يۈرەتتى . ئالىم ئۇنى بىردەم كۈلدۈرسە ، بىردەم تېرىكتۈرۈپ دېگەندەك، ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەكرەك ئۇتۇشقا تىرىشاتتى . دېمىسىمۇ ماينۇر ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا ئىچىكپ كەتتى . - مېنى قولتۇقلىۋالسىڭىزچۇ ، مەلىكەم . - ئادەم خىجىل بولىدىكەن ، ئالىم . مەن ئەزەلدىن بىرسىنى قولتۇقلاپ كۆنمىگەن . -كۆنمىسىڭىز ئەمدى كۈنىسىز گۈلۈم . ھەي سىلەر يېزىلىقلار . نەدە قالدىڭلار دەيمەن شەھەردىچۇ ؟ بۇنداق ئىشلار ئادەتتىكى ئىش بولۇپ كەتتى . - ھە ، مۇنداق دەڭە . قارىغاندا ، سىز ئاشۇنداق قىزلارغا قولتۇقلىتىپ كۈنۈپ قاپسىز ھە. - ياق …ياق . سىز مېنى ئۇنداق سۇيۇق كۆرمەڭ ؟ مەن پەقەتلا سىزنى قولتۇقلىماقچى . ئالىم شۇنداق دەپلا كاپپىدە ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتتى . -ئۇنداق قىلماڭ ، ئالىم . تونۇش- بىلىشلەر كۆرۈپ قالسا ئۇيات ئەمەسمۇ ؟ سىلەر ئوغۇللار خىجىل بولمىغان بىلەن. بىز قىزلار خىجىل بولىمىز .چۈنكى سىلەرگە ئەيىب ئەمەس . -مېنىڭ باشقا مەقسىتىم يوق ماينۇر . پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ۋە ، ئامراقلىقىمنى ئىپادىلىمەكچى . مېنىڭ شەھەرلىك دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى قىز دوستلىرى بىلەن شۇنداق ئامراق ئۆتىدۇ دەڭە . ھەتتا تېخى توي قىلماي تۇرۇپ . توي قىلغاندەك بىر ئۆيدە تۇرۇشلىرىچۇ! مانا بۇنى بىر- بىرىنى چۈشىنىش دەيمىز . چۈنكى ئۇلار . توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن كېلىشەلمەيدىغان ئىشلار بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئالدىنالا بىر ئۆيدە تۇرۇپ سىناپ باقىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن قاملىشىپ قالسا توي قىلىدۇ . بولمىسا شۇ پېتى ئايرىلىپ كېتىدۇ. قاراپ بېقىڭە، بۇ ئىش ھەقىقەتەن بولۇپ قويىدىكەن جۇمۇ - بۇ ئىشنىڭ نەرى ياخشى ئالىم ؟ بۇ قىزلارنى پەس كۆرگەنلىكقۇ. ئۇ قىزلار ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ئويلاشمامدىكىن ، تېخى توي قىلماي ، بىر مەزگىل بىرگە تۇرۇپ . چىقىشالمىسا ئايرىلىپ كېتەرمىش . بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئالىمگەرچە شۇ قىز ئايرىلىپ كەتتىمۇ دەيلى. ئايرىلىپ كېتىپ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلسا . ئۇنىڭ ئىپپىتىنى سۈرۈشتۈرمەسمۇ؟ -سىزگە نېمە دېسەم بولار ماينۇر . ھازىر بىز قانداق دەۋردە تۇرىۋاتىمىز . كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسى ئۆستى تەرەققىيات يۈزلىنىۋاتىدۇ . ھازىر بارغۇ ؟ توي قىلغانلارنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارى يوق . شەھەردىمۇ نى- نى قىز بالىلار . ئوينايدىغاننى ئويناپ ئويۇننىڭ پەيزى نى سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن توي قىلىدۇ ؟ ئەگەر ئىپپەت سۈرۈشتۈرۈپ قالسا ، ئۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان، چۈنكى بىر نەچچە مىڭ كوي خەجلەپ . ساختا ئىپپەت سېلىپ قويسا بولىدۇ. ھەي ماينۇر سىز بىلمەيدىغان ئىشلار جىق جۇمۇ .! ماينۇر ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . -تېخى مۇنداقمۇ ئىش بار دەڭ . ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ . بۇ ئۆزىنى- ئۆزى ئالداشقۇ . ئۆزىنىمۇ ئالداپ ئۆتسۇن . لېكىن ئاشۇلارنىڭ ۋىجدانى ئازابلانمامدۇ،؟ -سىزمۇ شۇنى دەيدىكەنسىز ماينۇر . ھازىر پايدا- مەنپەئەتنى دەپ ، ئۇ ئىشلار بىلەن كىمنىڭ كارى . ئەگەر سىزدىن پايدا چىقىدىغان ئىش بولسا ھەر نېمە قىلىشتىن يانمايدۇ ؟ بولدى بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى . بۇ بىر نەچچە كۈن بىزگە غەنىيمەت ئايلىنىپ كۆڭۈل ئاچايلى . ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتكە چۈشۈپ كەتسەم . بىز بۇنداق داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرالمايمىز . لېكىن سىز شەھەرگە كىرسىڭىز بولىدۇ . مەن شەھەرگە قايتىپ ، ئاتا -ئانامغا سىز بىلەن توي قىلىش توغرۇلۇق ئېيتىمەن . بۇ قېتىم ئۇلار ئەمدى قوشۇلماي ئامال يوق .ئەمدى پات ئارىدا مېنىڭ ئايالىم بولىسىز . مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ . ئالىم شۇنداق دەپ خىجىل بولۇپ تارتىنىپ تۇرغان ماينۇرنىڭ بىلىكىدىن قولىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۇنى قولتۇقلىۋالدى . دەل شۇ ۋاقىتتا يولدا كېتىپ بارغان بىر موتسىكلىتلىق ئادەم ئۇلارغا قاراپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئادەم دەل غەيرەت ئىدى. ئۇنىڭ كۆرۈشىدىغان ئادىمىنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئەتراپتا بولۇپ شۇ يەردىن كۆرۈشۈپ قايتىشى ئىدى. ئۇ،ماينۇر بىلەن ئالىمنىڭ قولتۇقلىشىپ يۈرىگىنىنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى . ئۇ شۇ ھامان موتسىكلىتنى توختىتىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارماقچى بولدى يۇ ، لېكىن نىيىتىدىن يېنىپ قالدى . ئۇ كەينىگە قاراپ - قاراپ قويۇپ بىر خىل ئېغىپ كېتىپ بارغان سول تەرىپىنى مۇجىغىنىچە كېتىپ قالدى. لېكىن ئالىم بىلەن ماينۇر ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان ئىدى . ئالىم ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ماينۇرنى ئۆزى ئۈچۈن نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىدىغان دەرىجىگە ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدى. ئۇ شوخلۇق قىلىپ پات- پات ماينۇرنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى تۇتۇپ قوياتتى. ۋە كەينىدىنلا كەچۈرۈڭ-كەچۈرۈڭ. قولۇم تېگىپ كەتتى مەلىكەم دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىش يولىنى توسۇپ قوياتتى . ماينۇر ئۆزىمۇ سەزمەيلا ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ قالغىلى تۇردى . بۇلار ساق بىر كۈن بۇ ساياھەت ئورنىدا ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ ،كۆڭۈلدىكى پاراڭلىرىنى قىلىشىپ، كەلگۈسى توغرۇلۇق شېرىن خىيال قىلىشىپ كۈننى كەچ قىلدى . -ئاخشامقى يەرگە يەنە كېرىپ چىقامدۇق؟ سورىدى ئالىم ماينۇرنىڭ بوينىغا قولىنى ئارتىلدۇرۇپ . -بۈگۈن كىرمەيلى، ئالىم . ئاخشاممۇ ئۆيگە بەك كىچە كىردىم، غەيرەت بىلەن بىرگە بارغاچقا ئۆيدىكىلەر گەپ قىلمىدى. ھازىر مېنىڭ بېشىمغا قانداق قىلىش توغرۇلۇق غەم چۈشتى . غەيرەت بىلەن توي قىلمايدىغانلىقىمنى ئۆيدىكىلەرگە قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟ -ۋاي …شۇ ئىشمىدى . بۇنى چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ . بارغانسېرى ۋاقىت ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ . ئۇلارمۇ توغرا چۈشىنىپ قالىدۇ . مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن شەھەرگە قايتىپ كېتىپلا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا ئەلچى كىرگۈزىمەن. ئۇ ۋاقىتتا سىزلا چىڭ تۇرسىڭىز ھەممە ئىشلار جايىدا بولىدۇ.

3-قىسىم

-ماقۇل ئالىم. سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن ، مېنى ئالداپ قويماڭ جۇمۇ…! -ئەلۋەتتە، سىزنى ئالداپ قويۇشقا قانداق كۆڭلۈم ئۇنايدۇ . سىز دېگەن مېنىڭ ھاياتىم . بىز ئاران قايتىدىن جەم بولغاندا ، نېمىشقا سىزنى ئالداپ قويغۇدەكمەن . يۈرۈڭ ماينۇر، ئورمانلىق تەرەپنى ئايلىنىپ ئۇنىڭدىن كېيىن قايتىپ كېتەيلى . ئۇلار ئىككىسى ساياھەت ئورنىنىڭ چېتىگە جايلاشقان قويۇق ئورمانلىققا يېتىپ كەلدى . -بۇ يەردە نېمە ئىش قىلمىز؟ ئالىم . بۇ ئورمانلىق بەكلا سۈرلۈك ئىكەن ، قايتىپ كېتەيلى . نېمىشقىكىن ماينۇرنىڭ بۇ يەرگە كىرىشكە پەقەتلا كۆڭۈلى تارتمايۋاتاتتى . -ھېچقىسى يوق ماينۇر قورقماڭ. يېنىڭىزدا مەن بار . بىزنىڭ شەھەردە بۇنداق قويۇق ئورمانلىق يوق . مۇشۇ قويۇق ئورمانلىقنى كۆرسەم . كىچىك ۋاقتىمدا تاغامنىڭ ئۆيىگە چىقىپ، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئورمانلىقتا مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئويلىغانلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ . بىردەم ئايلىنىپ چىقىپ كېتەيلى . ئالىم شۇنداق دەپ ماينۇرنى قولتۇقلىغىنىچە ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى .ئۇلار ئازراق مېڭىپلا ، ئالىم قولىنى ماينۇرنىڭ بوينىغا ئارتىلدۇرۇۋالدى . ماينۇر ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئارتۇق گەپ قىلمىغان بولسىمۇ ، يۈرەكلىرى جىددىيچىلىكتە سوقۇپ كېتىپ باراتتى . ئالىم تۇيۇقسىز ماينۇرنى قۇچاقلىۋالدى . -بۇنداق قىلماڭ ئالىم، بۇنداق قىلسىڭىز بۇلمايدۇ… بىز ئەدەپ- ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك . دېدى ماينۇر ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ . -ئۇنداق قىلماڭ ، ئالىم . مىنى نېمە بولسۇن دەيسىز ؟ توي قىلغۇچە ئارىلىقتا قولۇمنىڭ ئۇچنى تۇتسىڭىز بولمايدۇ . ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ . لېكىن ئالىم ئۇنىڭ گېپىنى ھىچ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ماينۇر ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى . -ئالىم بولدى قىلىڭ . ئۇنداق قىلماڭ . گۇگۇم ۋاقتى . قاراڭغۇ ئورمانلىقتىن ماينۇرنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېسەدەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . -يىغلىماڭ ماينۇر . مېنى كەچۈرۈڭ . مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي قالدىم . ئەمدى سىز مېنىڭ بولۇپ بولدىڭىز . مەن سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن ! يۈرۈڭ ئۆيڭىزدىكىلەر ئەنسىرەپ قالمىسۇن قايتىپ كېتەيلى .! ئالىم ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ . تېخىچە ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان ماينۇرنى قولىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە تەسەللى بېرىشكە باشلىدى . -يىغلىماڭ مەلىكەم . مەن تېخىمۇ تېز تۇتۇش قىلىپ، پات ئارىدا سىز بىلەن توي قىلىمەن، سىز خاتىرجەم بولۇڭ .! -ئەمدى مېنى ئالداپ قويماڭ ئالىم . ئەگەر مېنى ئالداپ قويسىڭىز . ئۆلگىنىم ياخشى .بۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ قانداق يۈرۈيمەن. -خاتىرجەم بولۇڭ. مەن سىزگە ۋەدە بېرەي ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ نېمانداق يىغلاۋېرىسىز دەيمەن ؟ يۈرۈڭ قايتىپ كېتەيلى . ئالىمنىڭ گەپلىرى بارغانسېرى قوپاللىشىشقا باشلىغان ئىدى، ھەي… بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك . ئارىمىزدا بەزىبىر شۇنداق ئەركەكلەر باركى ، قىزلارنىڭ ئىپپىتىنى مۇشۇنداق ئويۇن ئورنىدا كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ . ئاشۇلارنىڭمۇ ئاچا- سىڭىللىرى يوقمىدۇ؟ ئەگەر ئاشۇلارنىڭ ئاچا -سىڭىللىرىنى باشقىلار ئاشۇنداق ئاياغ ئاستى قىلسا ،ئۇلار قانداق بولۇپ كېتەر ؟ شۇنداق توۋلىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ھەي ئەركەكلەر ! قىزلار ئەزەلدىنلا ئاجىز يارالغان. ئۇلارنى ئاسراش قوغداش ، بىز ئەركەكلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى .سىلەر ئۇلارنى ئاسراش قوغداش تۈگۈل . ئۆز قولۇڭلاردا ۋەيران قىلىۋاتىسىلەر ، خارلاۋاتىسىلەر . ئۆز كۆڭلۈڭلارنى خۇشال قىلىش ھېسابىغا . ئۇلارغا ئازاب بېرىۋاتىسىلەر . ھەي قىزلار ! سىلەرمۇ ئۆتكۈنچى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ. بىردەملىك ھېسسىياتنىڭ قۇلى بولماڭلا! چۈنكى سىلەر كەلگۈسىنىڭ ئانىسى! خەير… ئامال قانچە ؟ ھايات مۇشۇنداق بەزىدە رەھىمسىز بەزىدە تاتلىق ، بەزىدە ئاچچىق . ئۇنى تەڭشەش سېنىڭ ئىلكىڭدە ! خەير ئوقۇرمەنلەر! ئەمدى بىز ماينۇرنىڭ كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە قاراپ باقايلى . غەيرەت ئۆيگە قايتىپ كېلىپمۇ ھېچقانداق ئىشقا قولى بارمىدى. ئۇ ھېلىدىن- ھېلى يولغا چىقىپ . يېزا تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى . خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئۇياق -بۇياققا ماڭاتتى، ئۇنىڭدىكى بۇ جىددىيچىلىكنى كۆرگەن دادىسى ساۋۇت، ئۇنىڭغا بىر ئش بولغانلىقىنى پەملەپ. ئېغىز ئاچتى . -نېمە بولدۇڭ ئوغلۇم ؟ بۈگۈن باشقىچە كۆرىنىسەنغۇ . بىرەر ئىش بولمىغاندۇ .؟ -ياق ، دادا ، ھېچ ئىش بولمىدى .! -قارىسام كەيپىياتىڭ تازا ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ . نېمە ئىش بولسا ماڭا دېگىن ئوغلۇم . بار مەسلىھەت بىلەن ھەل قىلىمىز . -سىزگە دېدىمغۇ دادا . ھېچ ئىش بولغىنى يوق . كىرىپ كېتىڭ .! غەيرەت ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنى سىلكىپ سالدى .بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم دادىسىغا قوپال تېگىشى ئىدى. ساۋۇت ئاكا ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ گەپ قىلماستىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى . چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ مۇشۇ كەمگىچە ، ئۆزىگە قاچانلاردۇر بىرەر قېتىم تىكىلىپ قاراپ باققانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتى، ئۇنىڭمۇ مۇشۇنداق ياشلىق ۋاقتلىرى بولغان ئەمەسمۇ ؟ ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولاتتى . ساۋۇت ئاكىمۇ ئۆز ۋاقتىدا . ھازىرقى ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭ دەردىدە نېمە كۈنلەرنى تارتمىغان دەيسىز . ھەتتا باشقىلارنىڭ تۆھمىتىگە ئۇچراپ بىر مەزگىل يۇرتتىن ئايرىلىشقا سەۋەبچى بولغان . كېيىن ئۇنىڭغا قىلىنغان تۆھمەتلەرئاشكارىلانغان ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ،ھازىرقى ئايالى بىلەن توي قىلىپ ، مۇرادىغا يەتكەن ئەمەسمۇ ؟ ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ئادەم تەرىپىدىن ئازرار يېگەندە . ئەڭ ياخشى تاللاش ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىش . چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ ؟ ساۋۇت ئاكا شۇلارنى ئويلاپ ئۈزنىڭ ئىشغا تۇتۇش قىلدى . غەيرەت ساقلاپ تاقىتى- تاق بولۇپ، كۆز باغلانغان ۋاقىتتا ماينۇرنىڭ سىماسى كۆرۈندى . ئۇ يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي كىتىپ باراتتى. -ماينۇر كەچ قاپسىزغۇ ؟ نەگە بارغان ئىدىڭىز . -نەگە بېرىشىم بىلەن كەچ قىلىشىم بىلەن سىزنىڭ نېمە كارىڭىز ؟ بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشماڭ . بىزنىڭ ئىشىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن . ماينۇر شۇنداق دېگىنىچە يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەستىن كېتىپ قالدى . غەيرەت ئاينىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ چۆرىسىنىڭ قىزىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغانلىقىنى پەملىگەن ئىدى، ئۇنىڭ قاتتىق سوغۇق مۇئامىلىسىدىن يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى . چۈنكى ئۇ ماينۇرنى ھەقىقىي ياخشى كۆرەتتى . ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوت دېڭىزغا كىرىشكىمۇ رازى ئىدى، ئەپسۇس ئۇنىڭ بۇنداق تېزلا ئۇنىڭدىن كېچىپ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ئالىمغا نەپرىتى قوزغالدى . ئەلۋەتتە ، بۇ كېچىدە سىرتتا بىر قىز ، بىر ئوغۇل يالغۇز يۈرسە نېمە ئەھۋال كېلىپ چىقماقچى ئىدى ؟ غەيرەت ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان ماينۇرنىڭ كەينىدىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە ھويلىغا قايتىپ كىردى، ئۇنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرى بار ئىدى . ئۇ قوتاننىڭ سىرتىغا باغلاپ قويغان كالىنى قوتانغا ئېلىپ كىرمەكچى بولۇپ يېتىلەپ ماڭغان ئىدى . كالا خۇددى ئۇنى بوزەك قىلغاندەك كەينىگە تارتىشىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى .تېخى ئاچچىقى يانمىغان غەيرەت جان ئاچچىقىدا قۇلىقى يوغان بىر كالتەكنى ئېلىپ .كالىنى ئۇرۇشقا باشلىدى . كالتەككە چىدىمىغان كالا بىر نەچچىنى ئېچىنىشلىق مۆرىۋەتتى . - نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ئوغلۇم ؟ ئاچچىقىڭنى بۇ تىلسىز ھايۋاندىن ئالساڭ قانداق بولىدۇ ؟ ئويات ئوغلۇم…ئۇيات . « ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى »دېگەندەك . باشقىلاردىن ئالالمىغان ئۈچۈڭنى بۇ جانىۋاردىن ئېىلىۋاتىسەن . ساڭا دەپ قوياي ئوغلۇم ؟ مېھرىڭ بىلەن تارتمىساڭ . بۇ جانىۋارمۇ قوتانغا كىرمەيدۇ .ھەر قانداق نەرسە مېھرى -مۇھەببەتكە مۇھتاج ! ھەي…، ھازىرقى ياشلارنى زە ! بېشىغا كىچىككىنە ئىش كېلىپ قالسا ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان .ئەكىلە بۇلدى ماڭا سەن ئۆيگە كىرىپ كەت . بۇ ئىشلارنى يەنىلا ئۆزۈم قىلاي . ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ساۋۇت ئاكا ، ئاشۇنداق دەپ ئاچچىقلىغانچە ئۇنىڭ قولىدىن كالىنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ كالىنى ھەيدەپ قوتانغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماينۇر غەيرەتتىن قاچىدىغان بولۇپ قالدى .ئالىم بولسا ئاشۇ كۈنى ئاخشىمىلا شەھەرگە كىرىپ كەتكەن پېتى بۇ يەرگە دەسسەپمۇ قويمىدى .ماينۇر باشتا ، ئۇنىڭ بىلەن كۈندە بىر نەچچە قېتىم تېلېفوندا پاراڭلىشىپ يۈرگەن بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشمۇ ئازلاپ باراتتى .ھەتتا بەزىدە كۈنلەپ- كۈنلەپ تېلېفون قىلسىمۇ . تېلېفونى ئېتىك بولاتتى ۋە ياكى ئالمايتتى . ماينۇر ئۆزىنىڭ ئالىمنىڭ ئالدام خالتىسغا چۈشكەنلىكى بىلىپ، كۈنلەپ- كۈنلەپ كۆزدىن ياش قۇرۇمىدى . ئۇنىڭ ھېلىقى چاغدا بەرگەن ۋەدىلىرى كۆز ئالدىغا كېلىپ ئازابلىنىپ، گېلىدىنمۇ تاماق ئۆتمەيتى. ئۇنى ئاز دەپ بارغانسېرى ، ئۇنىڭدا ، بەزى بىىر تاماق يېسە ھۆ بولىدىغان . نورمالسىز ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى . ھەتتا ئايدا بىر ئاغرىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئىدى . ئۇ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ دەككە- دۈككىدە يۈرگەن ۋاقىتتا . تاجىخان ھەدە ، ئۇنىڭدىكى نورمالسىزلىقنى سىزىپ قېلىپ . ئۇنىڭ يېنىغا كىردى . - ئېيتىڭە ، قىزىم ئۇ كىمۇ؟ غەيرەت سىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ . ئەگەر ئاشۇنداق ئىش بولۇپ قالغان بولسا تويۇڭلارنى ۋاقتىدا قىلىۋېتەيلى . مەھەللە كويدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيات ئەمەسمۇ قىزىم .… كۆڭلىڭىزدە قانداق ئىشلار بولسا ماڭا دەڭ . سىز بىزنىڭ يالغۇز بىر قىزىمىز . سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بىز چىدىمايمىز قىزىم! -ئاپا … ماينۇر شۇنداق دېگىنىچە ئاپىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ھەسرەتلىك ئاچچىق يىغىسىنى باشلىۋەتتى . -ئاپا .…مېنى نېمىشقا تۇغقان بولغىيدىڭىز ؟ تۇغقان ۋاقتىڭىزدا مېنىڭ مۇشۇنداق قىلدىغانلىقىمنى پەرەز قىلمىغانمىتىڭىز ؟ مەن سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى يەرگە قاراتتىم ئاپا! مېنى ئۇرۇڭ ، تىللاڭ. ھەتتا ئۆلتۈرۋەتسىڭىزمۇ مەن رازى ئاپا . مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن . ماينۇر ئاپىسىغا ئېسىلىپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى . ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ تاجىخان ھەدىمۇ ئۆزىنى توختىتالماي كۆز يېشى قىلدى . -نېمە ئىش قىلىپ قويدىڭىز قىزىم ؟ مەن سىزنى بۇنداق قىلا دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. ئەمدى قانداق قىلارمىز ؟ ماڭا ئېيتىڭە ، ئۇ زادى كىمۇ ؟ ئۇ قايسى نائەھلى ؟ ماڭا ئېيتىڭە قىزىم .! - ياق ئاپا . سىزگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن . مەن ئۇنى ئىزدەپ بارمىسام بولمايدۇ . ئىزدەپ بېرىپ ، ئۇنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى . سوراپ بېلىشىم كېرەك . -ئۆزىڭىزنى ئازابلىماي قىزىم . ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ… ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىر ئوقۇپ باقاي -ياق ئاپا . سىزگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن ، ھەتتا سىزگە دېيىشتىنمۇ خىجىل بولىمەن ئاپا دادام ئاڭلاپ قالمىسۇن . مەن ئەتىلا شەھەرگە كىرىشىم كىرەك ئاپا .… ماينۇر گەپلەرنى قىلىۋاتقان بىلەن كۆزلىرىدىن مونچاقتەك ياشلار ئېقىپ .يۈرەك- باغرى خورلۇقتىن ، ئاچچىق ئازابتىن ئېچشىپ كېتىپ باراتتى .مېھرىبان ئانا يەنىلا ئۇنىڭ رايىغا باقتى ، ۋە ئەتىسى ئۇنى ئاق يول تىلەپ، شەھەرگە ئۇزۇتۇپ قويدى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ، تاختاي تىلدۈرۈش ئۈچۈن زاۋۇتقا كېتىپ بارغان غەيرەت ،يېزىغا قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە . ماشىنىغا چىقىپ ناھىيە تەرەپكە كېتىپ بارغان ماينۇرنى كۆرۈپ قالدى . ئۇ يېقىننىڭياقى ماينۇرنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىدىن، ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملەپ بولغان ئىدى . غەيرەت زاۋۇتقا بېرىپ ياغاچ ماتېرىياللارنى تاشلاپ قويغاندىن كېيىن ماشىنا توسۇپ شەھەرگە ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى. ماينۇر چىڭقى چۈش مەزگىلىدە ناھىيە بازىرىغا يېتىپ كەلدى . ئۇ ئالىمنى نەدىن ئىزدەشنى ئۇقمايتى، شۇنداق بولسىمۇ بەل قويۇۋەتمەي ئالدىغا ئۇچرىغانلكى ئادەمدىن سوراپ يۈرۈپ ، ئاخىرى ئۆنىڭ ئىش ئورنى تېپىۋالدى . ئەپسۇس دەرۋازىۋەن ئۇنىڭغا بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئالىمنى ئىشتىن توختىتىپ، ئائلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى . ماينۇر دەرۋازىغا قارايدىغان ئامانلىق قوغدىغۇچىغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ، ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان ئولتۇراق رايونىنى بىلىۋالدى . لېكىن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قايسى بىنادا ئىكەنلىكىنى ئۇقالمىدى، ئۇنىڭ مۇشۇ دەرۋازا ئالدىدا ساقلىماقتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى . ئۇ ساقلاپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتتا ، ئالىم ئۆزىدىن ئېگىز بولغان بىر ئايال بىلەن قولتۇقلىشىپ يېتىپ كەلدى . ماينۇر ئۇنى كۆرۈپ خۇددى قىممەتلىك نەرسسىنى تېپىۋالغاندەك ھاياجانلانغان بولسىمۇ . ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايالنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى، ئالىم ئۇ ئايال بىلەن قولتۇقلىشىپ ماينۇرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى .ئالىم بولسا ماينۇرغا كۆزنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ . تونۇماسقا سېلىپ ئۆتۈپ كەتتى .ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ، ماينۇرغا ھار كەلدى . ئەتىگەندە ئۆيدىن چىققان ماينۇر مۇشۇ كەمگىچە ، ئۆزىنىڭ بىر بوردا نان ئاغزىغا سالمىغانلىقى ئەمدى ئېسىگە كەلدى. ئۇنىڭ قورساقلىرى كوركىراپ ئېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىر خورلۇقتىن ئەسلا گېلىدىن تاماق ئۆتمەيتتى . ئالىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئايالىمنى قويىۋەتتىم دېگەن گەپلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەندى، ئۇنىڭ يۈرىكىگە بىرسى پىچاق ، تىققاندەك ئازابلاندى . ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئالىمنىڭ كەينىدىن بېرىپ ئايالنىڭ ئالدىدا ياقىسىنى يىرتىپ ئېسىلسىنمۇ؟ قورساقتىكى بالىنى قانداق قىلىسەن دەپ. يىغلىسۇنمۇ؟ ھەي… ئامال قانچە. ئايال كىشىنى شۇنداق ئاجىز كېلىدىكەن . ماينۇرنىڭ باشلىرى قايغاندەك بولۇپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ شۇ جايىدا قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى نامەلۇم . بىر چاغدا …-- ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ .! دېگەن تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ. بېشىنى كۆتۈردى، ئۇنىڭ يېنىدا. ئالىم ئۇنىڭغامەنسىتمىگەندەك قاراپ تۇراتتى . -بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭىز ؟ كىم سىزنى بۇ يەرگە كەلسۇن دەپتۇ . دېدى ئالىم ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ ، -ماڭا راست گېپىڭىزنى ئېيتىڭ ئالىم؟ سىز مېنى ئالداپ قويدىڭىز شۇنداقمۇ ؟ سىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغان شۇنداقمۇ ؟ -ھۇي… سىز قايسى ۋەدىنى دېمەكچى . مەن سىزنى قانداق ئالداپتىمەن . سىزگە قانداق ۋەدە بەردىم ؟ نېمانداق قىلىدىغاندۇ قايتىپ كېتىڭ ؟

4-قىسىم

ئالىم شۇنداق دېگىنىچە ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى، ماينۇر كەينىگە نەچچە دۈگجۈپ جايىغا ئولتۇرۇ قالدى. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى توختىتۋالمىغان بولسا ئىدى يېقىلىپ چۈشىشى ئېنىق ئىدى، -سىز مېنى تۈگەشتۈردىڭىز ئالىم . پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭىز. ياشلىق باھارىىمنى نابۇت قىلدىڭىز . مەن ئەمدى باشقىلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن . سىزگە دەپ قوياي ئالىم . مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ . ماينۇر شۇ گەپنى قىلىۋېتىپ ئىككى قولىدا يۈزىنى ئېتىپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى . - نېمە ؟ بۇ قانداق گەپ ئۆزى ؟ قانداق قىز بالا سىزھۇي ؟ چاپاننىڭ پېشى تېگىپ كەتسىمۇ ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان . سىزچۇ مېنى موللا پوك -پوك كۆرۈپ قالماڭ . سىزدەك ئويۇن تاماشىنى باشقىلار بىلەن ئويناپ چاپاننىڭ پېشى تېگىپ قالسا ئېسىلىۋالدىغان قىزلارنى مەن جىق كۆرگەن . - ئالىم مۇشۇ گەپنى سىز قىلىۋاتامسىز ؟ مەن مۇشۇ كەمگىچە ئەزەلدىن ئەركەكنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقمىغان . سىزنىڭ شېرىن- شىكەر سۆزلىرىڭىزگە ئىشىنىپ ، سىزنى ئادەم ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، مەن قانداق قىلىمەنكىن قاراپ تۇرۇڭ . قانۇن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ھوقۇقنى قوغدايمەن . ئايالىڭىز بار تۇرۇقلۇق مېنى ئالداپ ئىپپىتىمگە تەگدىڭىز . قاراپ تۇرۇڭ . ئەتىلا مەن قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىپ ، بۇ ئىشنى ئىنكاس قىلىمەن . دېدى ماينۇر زەردە بىلەن ئالىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، بىردەم تاماكىسنى چېكىپ . تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇ قىزنىڭمۇ بوش ئەمەسلىكىنى سېزىپ يېتىپ مۇئامىلىسنى ئۆزگەرتتى . -ھەي ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم جېنىم، سىزنى قانداق قىلىدىكىن دەپ تېرىكتۈرۈپ قويدۇم . ئەمەلىيەتتە باياتتىن سىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم . لېكىن يېنىمدا ھازىر ئايالىم بولغاچقا ، سىزگە گەپ قىلالمىدىم . ئۆز ۋاقتىدا سىزگە بەرگەن ۋەدىلەر يالغان ئەمەس ، راست . لېكىن بىر يالغان گېپىم . ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم دېگەن ئىدىم . لېكىن ئاجرىشىپ بولالمىدىم ، مېنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلۈم يوق .… پات ئارىدا ئاجراشماقچى .شۇڭلاشقا مەن ئاجرىشىپ بولۇپ سىزنى ئىزدەي دەپ بارالمىغان ئىدىم . مېنى كەچۈرۈڭ ! باياتىن سىزگە ھەقىقەتەن چاقچاق قىلىپ قويدۇم ؟ ئالىم شۇنداق دەپ ، ماينۇرنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەن ، چاچلىرىنى قولى بىلەن كەينى تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ، يېنىدىن قەغەز ئېلىپ ئۇنىڭ كۆزدىكى ياش يۇقىنى سۈرتۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ بۇ ساختا كۆيۈنۈپ يېقىنچىلىق قىلىشىدىن ماينۇرنىڭ كۆڭلى يۇمشاپ قالدى . - ئۇنداق بولسا ماڭا نېمىشقا تېلېفون قىلمايسىز ؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولاتتىغۇ بەك ئەسكى ئىكەنسىز ئالىم . مېنى شۇنداقمۇ قورقۇتامسىز…! - خاپا بولماڭ مەلىكەم سىزنى قانداق قىلىدۇ دەپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم . قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ ؟ يۈرۈڭ تاماق يەپ كېلەيلى ؟ ماينۇر تاماقنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى بىلەنلا قورسىقى ئاچلىقتىن كوركىراشقا باشلىدى . -دېمىسىڭىزمۇ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. مەن ئەتىگەن ئۆيدىن ناشتا قىلىپ چىققان پېتى تېخىچە بىر نەرسە يېمىدىم جۇمۇ! …ھەممىسى سىزنى دەپ بولمامدۇ . ماينۇرنىڭ قېيداپ گەپ قىلىشلىرى شۇنچىلىك ئوماق كۆرۈنەتتى . - يۈرۈڭ ئەمىسە يېقىن ئەتراپتا ئاشخانا بار تاماقلىرى بەك ئوخشايدۇ . ماينۇر خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ . ئۇنى قولتۇقلىماقچى بولۇپ بىلىكىنى تۇتقان ئىدى . ئالىم ئاستا ئۇنىڭ قولىنى چۈشۈرىۋەتتى… -باشقىلار كۆرۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ -ئۆزىڭىز ئۆز ۋاقتىدا ، شەھەرلىكلەر بىرگە ماڭسا قولتۇقلىشىپ ماڭىدۇ دېگەن ئىدىڭىز .ئەجەبا بۈگۈن ؟ - ئۇ دېگىنىڭىز توغرا . لېكىن سىزمۇ بىلدىڭىزغۇ ئايالىم بارلىقىنى . ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىمىز دەپ تۇرغان ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ بۇنداق يۈرگىنىمىز ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا . ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دىققەت قىلىشىمىز كېرەك . - ھە ، بولىدۇ چۈشەندىم . لېكىن ، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئايالىڭىز بىلەن ئاجىراشمايدىغانسىز ؟ ئۇنداق بولۇپ قالسا ، مەن ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيمەن جۇمۇ . - ياق ، سىزنىڭ سەۋەبىڭىز ئەمەس جېنىم . مەن سىز بىلەن كۆرۈشمەستىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماقچى بولغان ، لېكىن ئارىمىزدا ھەل قىلالمايۋاتقان بەزىبىر ئىشلار بار . قانداق دېسىڭىز ؟ ئۇنىڭكى دادىسىنىڭ خېلى چوڭ ئەمەلى بار . ھازىرقى ئىش ئورنۇممۇ ئۇنىڭ يۈزىدىن بولغان .مەن ھازىر ھەممە ئىشنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم .پات ئارىدا بەلكىم .بۆلۈم باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ قېلىشىم مۇمكىن . ئۇ ۋاقىتتا مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ.ئەگەر ۋاقتى كېلىپ قالسا بۇنداق خىزمەتتىن كېچىپ كېتەرمەن . خىزمەت قىلمايمۇ تىجارەت قىلىپ جېنىنى گۈلدەك بېقىپ كېتىپ بارغانلار جىققۇ ؟ ئۇلار پاراڭلاشقاچ بىردەمدىلا يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى،يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر جۈپ كۆز ئۇلارغا تىكىلگەن بولۇپ بۇ غەيرەت ئىدى،ئۇ بۇ ئىككىيلەننىڭ يەنە بىرگە كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ ناھايىتى بەكمۇ ئازابلاندى .ئۇ ئالىمنىڭ ماينۇرنى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلەتتى . ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئالىمنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ ، ئۆز بەختىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىغا ئېچىنماقتا ئىدى. غەيرەت ئىچىنى چۇلغىۋالغان ئاچچىق بىر سىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە كەينى تەرەپتىكى بىر ماگىزىنغا كىرىپ كەلدى . بۇ ماگىزىندا تۇرمۇشقا لازىملىق ھەممە نەرسىلەر بولۇپ بىر تەرەپتىكى گۈيتەيلەرگە ھاراق تاماكىلار تىزلىپ قويۇلغان ئىدى .غەيرەت بەزى سورۇنلاردا ئانچە- مۇنچە ھاراق ئىچكەن بىلەن تاماكىنى پەقەتلا چەكمەيتى. بۈگۈن نېمىشقىدۇر. ئۆزىمۇ ئۇقمىغان ھالدا بىر قاپ ، تاماكا ئېلىپ تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شورىدى، لېكىن تاماكىنىڭ ئاچچىقى ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە بېرىپ يۆتەل . قىستاپ قاتتىق يۆتەلگىنىچە كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى .لېكىن تاماكىسى ئاچچىق بولغان بىلەن ئۇنىڭ ھازىرقى ئاچچىق سېزىمىغا قارىغاندا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى .يېنىدىكى دۇكاندىن مۇڭلۇق بىر ناخشىسى چىقىپ تۇراتتى . بۇ ناخشا ئىختىيارسىز غەيرەتنىڭ يۈرەك باغرىنى تىترىتىۋەتتى . دەر ھەقىقەت دېگەندەك بۇ ناخشا ھازىرقى كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ياشلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزى ئەمەسمۇ ؟ غەيرەت دۇكانغا قايتىپ كىرىپ . بىر قۇتا ھاراقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، ئۇ ھاراقنى تىز ئىچىۋەتكەچكە ، شۇ ھامانلا ھۆقىلىپ ياندۇرۇەپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى . دۇكاندار بولسا ئۇنىڭغا تەنە قىلىشقا باشلىدى . -ھۇي… ھاراق ئىچەلمىگەن نېمەڭگە نېمە قىلسەن ھاراق ئىچىپ . قاراپ باقە دۇكاننىڭ ئىچىنى نېمىلەرنى قىلىۋەتتىڭ ؟ مەن بۇ يەردە ھاراق ساتىمەن . لېكىن ھاراق ئىچكۈزمەيمەن. ئۇ شۇ گەپنى قىلىپ تۇرۇشىغا ، دۇكانغا ئىككى خېرىدار كىرىپ . سېسىق پۇراققا چىداپ تۇرالماي، ئاغزى - بۇرنىنى تۇتقىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى . -قاراپ باقە . سېنىڭ كاساپىتىڭدىن خېرىدارلارمۇ چىقىپ كەتتى . يا… بۇ يەرنى تازىلاپ بەر، ياكى بولمىسا ، پۇل تۆلە ! مەن ئۆزۈم تازىلىتىۋالاي ! - نېمە كايىپ كەتتىڭ ؟ تازىلاپ بەرسەم بولىدىغۇ .… لېكىن ساڭا دەپ قوياي ، باشقىلارغا گەپ قىلغان ۋاقتىڭدا ئەدەپلىك بول! غەيرەت ھاراقنىڭ تەسىرىدە خېلىلا كەيپ بولغان بولسىمۇ ، يەنىلا كاللىسى جايىدا ئىدى . ئۇ قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ يەردىكى قۇسۇندىلارنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ بەرگەندىن كېيىن دۇكاندىن چىقىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ماينۇر بىلەن ئالىم ئاشخانىدىن تاماق يەپ بولۇپ قايتىپ چىققان ئىدى. - بەلكىم بۇ كەچتە . بارىدىغان يېرىڭىز يوق بولۇشى مۇمكىن مەن سىزگە ياتاق ئېلىپ بېرەي . دېدى ئالىم ئۇنىڭ كۆزىگە شەھۋەتلىك كۆزى بىلەن قاراپ . ماينۇر ئۇنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ كەينىدىن ئەگەشتى . چۈنكى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئامالىمۇ يوق ئىدى . غەيرەت يىراقتىن ئۇلارنىڭ ماشىنا توسۇپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ . ئۇمۇ ماشىنا توسۇپ . ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .ئالىم بىلەن ماينۇر چىققان ماشىنا ئانچە ئۇزۇن يول ماڭمايلا، ناھىيە بازىرىنىڭ چېتىدىكى ئادەتتىكى كىچىككىنە بىر مېھمانخانا ئالدىغا كېلىپ توختىدى . ئالىم مېھمانخانا ئىچىگە كىرىپ ، مۇلازىمەتچى بىلەن بىر نېمىلەرنى دەپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تىزىملاتماي ماينۇرنىڭ كىملىكىنى تىزىملىتىپ ياتاقتىن بىرنى زاكاز قىلدى . ئۇنىڭ مۇلازىمەتچى بىلەن خۇددى كونا تونۇشلاردەك پاراڭلاشقىندىن قارىغاندا ، ئالىم بۇ يەرنىڭ داۋاملىق مېھمىنىدەك قىلاتتى .ئالىم ماينۇر بىلەن مۇلازىمەتچىنىڭ باشلىشىدا ئۈچىنىچى قەۋەتتىكى ياتاققا چىقتى .نىمىشقىدۇر…بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىن بىر خىل دىماقنى ئېچىشتۇرغىدەك سېسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى، مۇلازىم ئۇلارغا ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ بۇلۇڭىغا جايلاشقان بىر ئېىغىزلىق ياتاقنى ئېچىپ بەرگەندىن كىيىن تىلۋۇزۇرنى ئېچىپ تەڭشەپ بىرىپ چۈشۈپ كەتتى . مۇلازىم چىقىپ كىتىشىگىلا ئالىم ماينۇرنى قۇچاقلىۋالدى، -سىزنى بەك سېغىندىم مەلىكەم! -ياق …بۇنداق قىلماڭ…!ئالىم، بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلىرىمىزمۇ يىتىپ ئاشىدۇ،مەن ،شۇ ئىشنىڭ دەردىنى ھازىرغىچە تارتىپ كىلىۋاتىمەن ،قۇرسىقىمدىكى بالا سىزنىڭ بالىڭىز،بۇ ئىشنى ھەل قىلماي تۇرۇپ مىنىڭ قۇلۇمنىڭ ئۇچىنى تۇتىمەن دىمەڭ …! -خاتىرجەم بۇلۇڭ مەلىكەم،مەن ئەتىلا بۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلىپ ئايالىم بىلەن ئاجىرشىمەن،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈيىڭىزگە ئەلچى ئەۋەتىمەن… - ئۇنداق قىلماڭ ئالىم، مېنى ئەمدى زورلىماڭ ! مەن ئەسلى غەيرەت بىلەن شۇنداق ھايالىق يۈرىۋاتقان ئىدىم . ئۇ ھەتتا مېنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى .لېكىن سىزچۇ ؟ قانداق قىلدىڭىز ؟ مەن سىزگە ئىشەنگەن ئىدىم . لېكىن مېنى زار يىغلاتتىڭىز . ئەگەر مېنى ياخشى كۆرسىڭىز … مېنىمۇ چۈشىنىپ قوياتتىڭىز . مېنى بۇنداق ئىشقا زورلىمايتتىڭىز .مىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى بىلەمسىز، ئەگەر بۇ ئەھۋاللارنى دادام ئۇقۇپ قالسا ، مېنى تىرىك تۇرغۇزۇپ سۇيۇشتىن يانمايدۇ . بەلكىم دادامنى بىلىسىز، ئۇنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامان … ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويىغا بەك دىققەت قىلىدۇ . ئۇ ھېلىغىچە مېنى ئىپپەتلىك دەپ ئويلايدۇ . لېكىن ، ئەكسىچە مەن ئۇنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالمىدىم . سىز مېنى ئازراق چۈشۈنۈپ قويسىڭىز نېمە بولىدۇ ؟ بولۇپتۇ ، سىزنىڭ ئايالىڭىز بارلىقىنى ئۇقتۇم . ئۇنىڭدا مەن ئالدانغان بۇلاي… سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىمەن دېگىنىڭىزگە ئىشەنگەنمۇ بۇلاي… لېكىن بۇ ئىشلارنى بېجىرىپ بولغۇچە قورساقتىكى بالا ساقلاپ تۇرمايدۇ ؟بۇنى قانداق قىلىمىز ؟ ئېيتىڭە ئالىم… ماينۇرشۇنداق دەپ ئۆزىگە چاپلىشىۋالغان ئالىمنى كۈچەپ ئىتتىرۋىتىپ ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ -يىغلىماڭ ماينۇر ، مەلىكەم سىز دېگىنىڭىزدەك بۇ ئىشلارغا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن بالىنى ئالدۇرۋېتەيلى ... -بولدى چىقىپ كېتىڭ ئالىم. مەن ھازىر قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ؟ ھەممە ئىشنى ئۆزۈمدىن كۆرىمەن. ئەگەر كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىگەن بولسام . بۇنداق كۈنلەرنى تارتىپ يۈرمەستىم. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى ئويلىشىپ باقاي . ئەگەر ھامىلە چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ، نەدە چۈشۈرىمەن، نەدە تۇرىمەن، كىم مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ بۇ ئىشلار بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەرنىڭ قولقىغا يەتمەسمۇ .؟ ئالىم يىغلاۋاتقان ماينۇرنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا يالغانلاردىن بولسىمۇ ، تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ بىردىن -بىر مەقسىتى بولسا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش. -بولدى… جېنىم مەلىكەم يىغلىماڭ . سىز يىغلىسىڭىز ، مەن چىدىيالمايدىكەن ، بولدى مەن سىزگە بۈگۈن چېقىلماي ، لېكىن مۇشۇ يەردە قونۇپ قالسام بولا… چۈنكى سىزنى يالغۇز قويۇشنى خالىمىدىم . ئالىم شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇپ ، خاتىرجەم قىلغاندىن كېيىن . ئۇنى چىرايلىق گەپ سۆزلەر بىلەن ئىندەككە كەلتۈرۈشنى لايىق تاپتى . لېكىن ، ماينۇر ئۇنىڭ بۇ يەردە قېلىپ قېلىشغا قوشۇلمىدى. ئالىم ئاخىرى ئۇنىڭغا زورلۇق ئىشلىتىشنى لايىق تاپتى . -مېنى قوغلىماڭ ، ماينۇر ئەگەر مېنىڭ دېگىنىم كۆنسىڭىز نېمە دېسىڭىز ماقۇل دەيمەن بۈگۈن ئىككىمىز بۇ يەرگە كىرگەندىكىن … مەن بۇنداقلا چىقىپ كەتسەم بولمايدۇ . باياتىننىڭياقى مەن سىزگە چىرايلىق گەپ قىلدىم . ئەمدى مەندىن يامانلىماڭ . ئالىم شۇنداق دېگىنىچە . ئۇنىڭغا تاشلاندى . ماينۇر ئۇنىڭ قوللىرىنى يۈزلىرىنى تاتىلاپ قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يۈزىگە قارىس قېلىپ تەگكەن شاپىلاق ئاۋازى بىلەن ماينۇرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى . -نېمە باياتىننىڭ ياقى يالۋۇرۇپ سېنىڭ ھېساب دەپ بەرسەم . مېنى قانداق قىلالايدۇ دېمەكچىمىدىڭ ؟ ساڭا دەپ قوياي سەن بۇ يەرگە ئۆز ئايىغىڭ بىلەن كەلدىڭ ، مەن سىنى زۇرلاپ ئەكەلمىدىم. يەنە كېلىپ مۇلازىمەت پوكىيىدە . سېنىڭ ئىسمىڭ يېزىقلىق . بۇ يەردە بىرەر ئىش چىقىپ قېلىپ ، سەن ئەرز قىلغان تەقدىردىمۇ . مېنىڭ ئۇنىڭمۇ ئامالىم بار . چۈنكى ماڭا تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ . مېنى بۇ يەرگە ئۆزى ئېلىپ كەلدى دەيمەن . بۇ يەردە ساڭا گۇۋاھچى بولىدىغان ھېچكىم يوق . قانچىلىك ۋارقىرا .… قانچىلىك يىغلا! ھېچكىم كەلمەيدۇ . ئالىم شۇنداق دېگىنىچە غالجىرلىشىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى مەجبۇرىي سالدۇرۇشقا باشلىدى . ماينۇر بولسا يەنە قارشىلىق كۆرسىتىپ ئېلىشىۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ، ياتاقنىڭ ئىشىگى قاتتىق ئۇرۇلدى. ئالىم بولسا ئىشنى تاشلاپ قويۇپ . ئىشىكنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بېرىپ سىرتقا قۇلاق سالدى . ئىشىك يەنە بىر قېتىم، غەزەپ بىلەن ئۇرۇلدى .ماينۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئالىمنى ئىتتىرىۋېتىپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولغان ئىدى . ئالىم ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى، -ياتاقتىن چىقىپ كەت ،ھۇ… نائەھلى . قالغان ئىشنى ، ئەتە قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىغا بارغاندا دېيىشەيلى . بۇ چاغدا ئىشىك ئۈچىنچى قېتىم قاتتىق ئۇرۇلدى . -كىمۇ . سورىدى ئالىم جىددىيلەشكەن قىياپەتتە . -بۇ… مەن، ئىشىكنى ئاچە . ئەگەر ئاچمىساڭ چېقىپ كىرىمەن . غەيرەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاپ . ماينۇرغا جان كىردى . -قايتىپ كەت بۇرادەر . بۇ كېچىدە ساڭا بۇ يەردە نمە بار ، بۇ ماينۇر بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى . سەن بىلەن ئالاقىسى يوق . دېدى ئالىم غەيرەتنى مەنسىتمىگەندەك، بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەيرەت ئىشىكنى كۈچەپ تېپىشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ قاتتىق تېپىكىدىن ئىشىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاختاي ئۇيۇلۈپ چۈشتى . غەيرەتنىڭ يەنە بىر تېپىكى بىلەن ئىشىك بىر يانغا قىيسىيىپ ئاجراپ چۈشتى، غەيرەت كىرگەن پېتى ئالىمنىڭ قورسىقىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى، ئالىم بۇ كۈچلۈك زەربىدىن كەينى تەرەپكە موللاق ئېتىپ يەرگە يېقىلدى، غەيرەت ،توختاپ قالماستىن ئۇنى دەسسەشكە باشلىدى . -بولدى قىلىڭ غەيرەت!- ماينۇر شۇنداق دېگىنىچە غەيرەتنى توختىتىۋالدى . -بۇ ھايۋاننى نېملا قىلىۋەتسەم ئاچچىقىم بېسىلمايدۇ، بىر ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپلا باھا بەرگىلى بولمايدىكەن،ئۇ ئاخىرى جاجىسىنى يەيدۇ ،ماڭا قىلغانلىرىغا ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، لېكىن ھازىر ئەمەس مېنىڭ تىنىقىملا بولىدىكەن ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن، بۈگۈندىن باشلاپ مەن بۇرۇنقى ماينۇر ئەمەس، مەن ئۇنىڭغا قىزلارنىڭ ئىپپىتىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرسە قانداق بولدىغانلىقى توغرۇلۇق ساۋاق بېرىپ قوياي!سىزبولسىڭىز پاك، غورۇرلۇق يىگىت، ئۇنىڭ ناپاك رەزىللىككە تولغان بەدىنىگە سىز تېگىپ ئۆزىڭىزنى بۇلغىماڭ! ماينۇر شۇنداق دېگىنىچە ئالىمنىڭ جان يېرىگە كۈچەپ تۇرۇپ بىرىنى تەپتى،ئالىم بولسا -ۋايجان!- دېگىنىچە ئىككى قولى بىلەن جان يېرىنى تۇتۇپ دومىلاشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ مۇلازىم بىلەن يەنە بىرەيلەن چىقىپ كەلدى.

5-قىسىم

ئۇلار بولغان ئەھۋالنى كۆرۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولغان ئىدى ماينۇر توسۇۋالدى، -بولدى تېلېفون قىلماڭلار ،تېلېفون قىلساڭلار!ھەممىمىزگە ئاۋارچىلىق بولىدۇ،بۇ ئىشنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلايلى، بۇزۇلغان ئىشىكنىڭ پۇلىنى ۋە رېمونت ھەققىنى تۆلەپ بېرەيلى! ئۇلار ئۆزىگە ئاۋارچىلىق تېپىۋېلىشتىن قورقۇپ ماينۇرنىڭ دېگىنىگە قوشۇلدى، ماينۇر،قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىنى ئېلىپ ئۇلارغا تەڭلىدى، - مانا بۇ ،سىلەرگە تۆلەپ بەرگەن تۆلەم بولسۇن! يېنىمدا نەق پۇل يوق ئىكەن، -ياق ، ماينۇ بۇنداق قىلسڭىز بولمايدۇ بۇ سىزنىڭ ئاپىڭىزنىڭ ئېلىپ بەرگەن ھالقىسى، ئۇنى يېنىڭىزدا ساقلىشىڭىز كېرەك ؟مانا پۇل مەن بېرەي! غەيرەت شۇنداق دەپ يېنىدىن پۇل ئېلىپ مۇلازىمەتچىگە تۇتقۇزدى، -يۈرۈڭ ماينۇر، بۇ يەردىن كېتەيلى، بۇ يەردە ئارتۇق تۇرۇش بىز ئۈچۈن پايدىسىز ! ماينۇر بىلەن غەيرەت مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ باشقا بىر مۇھىتى ياخشى بولغان بىر مېھمانخانىدىن ئىككى ياتاق زاكازقىلىپ ئورۇنلاشتى، غەيرەت ماينۇرنى ياتىقىغا كىرگۈزىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ياتىقىغا قاراپ ماڭغان ئىدى ماينۇر چاقىرىپ توختىۋالدى، - غەيرەت بىز بىردەم پاراڭلاشساق بولامدۇ ؟- ياتىقىغا قاراپ ماڭغان غەيرەت ماينۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئورۇندا توختاپ بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماينۇرنىڭ ياتىقىغا كىردى،ماينۇر توك چەينىكىگە چاي قۇيۇپ قاينىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئۇنىڭ توختىماي ئۇھسىنىشلىرىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ئازابلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ، چاي قايناپ بولغاندىن كېيىن ئىككى ئىستاكان چاي قۇيۇپ غەيرەتنىڭ ئالدىدىكى جوزىغا قويغاندىن كېيىن . ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ ئولتۇرۇپ ئېسەدەپ يىغلىغىنىچە ئېغىز ئاچتى . -مېنىڭ سىزگە مېنى كەچۈرۈڭ دېيىشكىمۇ يۈزۈم چىدىمايدۇ غەيرەت! ئەسلى سىز مېنىڭ يۈزۈمگە قارىماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى ،لېكىن سىز ئۇنىڭ ئەكسىچە مېنىڭ غېمىمنى يەپ كەلدىڭىز ،ئەگەر بۈگۈن ئالىم دېگەن ھايۋاننىڭ ئەپتى- بەشرىسى ئېچىلمىغان بولسا مەن تېخىچە بىلمەي يۈرۈيدىكەنمەن ، مەن بۇلغىنىپ بولدۇم،ئىپپىتىمنى يوقاتتىم، ھازىر تېنىمدە مېنىڭ ھاياتىمنى ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر گۇناھسىز جان يېتىلىۋاتىدۇ، ئۇ بىر سائەت ئارتۇق ياشسا مېنىڭ بىر كۈنلۈك ئۆمرۈم قىسقىرايدۇ . چۈنكى مەن ، ئەل- جامائەت ئالدىدا شەرمەندە بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، سىز ياخشى يىگىت چۇقۇم بەخىتلىك بولۇپ ئۈز بەختىڭىزنى تاپالايسىز! غەيرەت، يېنىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ بىرنەچچە قېتىم كۈچەپ شوراپ يەنە كۈلدانغا تاشلاپ مۇجۇپ ئوتنى ئۆچۈردى ،ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان كۆكۈچ ئىس خۇددى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنى بىرگە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندەك ، ھەر خىل شەكىلدە ئۆزگىرىپ ئاستا -ئاستا تارقىماقتا ئىدى . غەيرەت ، تارقىلىۋاتقان ئسقا قاراپ تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا شۇنداق خۇشال غەمسىز يۈرگەن ،ۋە كۆڭلىگە شۇنچىلىك گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلارنى پۈكۈپ، ئەمدى بولسا تاللاش ئەڭ قىيىن بولغان مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئويلاپ ماينۇرغا قارىدى ،ماينۇر بولسا بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ تىنىمسىز تىترەۋاتقان ئىككى مۈرىسىگە قاراپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى . -يىغلىماڭ ماينۇر! يىغلىغان بىلەن يوقاتقانلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؟ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى ئەمدى كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك ؟ بولدى ماينۇر،بۇ ئىشلارنى ئىككىمىزدىن باشقاھېچكىم بىلمىسۇن، بىز ھېچ ئىش بولمىغاندەك تويىمىزنى قىلىۋېرەيلى بالىنىڭ ئىشىغاكەلسەك ئۇنىڭدا گۇناھ يوق ! بەلكىم خاتالىق ئۆزىمىزدە چۈنكى بىز شېرىن- شېكەر سۆزلەرگە مەھلىيا بولۇپ ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق، ئەتراپىمىزدىكى ساختا كۆيۈنۈشلەرگە ئىرىپ كەتتۇق،بىزنىڭ بۇ كەمچىلىكىمىز بىزنى ئالىمدەك ھىيلىگەر تۈلكىلەرنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيدى،ئۇنداق پەس ئادەملەر باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى يوق ئۆزىنىڭ بىردەملىك خۇشاللىقى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر نېمە قىلىشتىن يانمايدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن ئاچچىق بىر ساۋاق ! بولدى، سىز ئارام ئېلىڭ !قالغان ئىشلارنى ئەتە قايتىپ پاراڭلىشايلى! -چىقىپ كەتمەك غەيرەت!مەن قورقىۋاتىمەن ،بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭ ! غەيرەت ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى، ئۇ ماينۇرنىڭ يېغىدىن ئېشىپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ ئىچ- باغرى ئېزىلىپ كەتتى . ئۇ كەينىگە قايتىپ كېلىپ يېنىدىن قەغەز چىقىرىپ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىنى بۇلسا مېھرى بىلەن سىلاپ تۈزەشتۈردى، - قورقماڭ ماينۇر! يېنىڭىزدا ھەر قاچان مەن بار ، سىز يالغۇز ئەمەس ،لېكىن توي قىلماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە يالغۇز تۇرساق بولمايدۇ. سىز خاتىرجەم بولۇڭ! مەن يېنىڭىزدىكى ياتاقتا! غەيرەت، شۇنداق دەپ قويۇپ قەدەملىرىنى ئېغىر سۆرىگىنىچە ياتىقىغا چىقىپ كەتتى، ئەسلىدە ئۇ چىقىپ كەتمىگەن بولسا ئىشلار باشقىچە بولاتتى،غەيرەت مۇشۇ چىقىپ كەتكەن پېتى ئەمدى ئۇنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئەتىگىنى قۇياش چىقىشى بىلەن بىر كېچىلىك ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەھەر يەنە بىر كۈننى كۈلۈپ كۈتىۋالدى، ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭغان ئوقۇغۇچىلار،ئىش ئورنىغا ماڭغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر،سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاپ يوغان قاسقانلاردىكى ھور چىقىپ تۇرغان مانتىلارنى تەخسلەرگە ساناپ ئالغاچ خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئاشپەزلەر، ۋە يولدا پاراتتىن ئۆتكەندەك رەتلىك تىزىلىپ ماڭغان ماشىنىلار، بۇ شەھەرنى جانلاندۇرۇپ ، باشقىچە قاينام تاشقىنلىققا چۈمدۈرگەن ئىدى، غەيرەت كۈلۈپ چىققان قۇياش مېھىرلىك نۇرلىرىنى مېھمانخانا دېرىزىسىدىن ئۆتۈپ ياتاق ئىچىنى يۇرتقاندىلا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ مۇنچىغا چۈشۈپ راھەت بىلەن يۇيۇنۇپ كىيىنىپ بولغاندىن كېيىن، ياتاقتىن چىقىپ ماينۇرنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتى ،ئۇ شۇنچە چەككەن بولسىمۇ ماينۇر ئىشىكنى ئاچاي دېمەيتتى، ئۇ قايتا -قايتا چېكىپ ئىشىك ئېچىلمىغاندىن كېيىن كۆڭلىنى بىر ئەنسىزلىك چۇلغىۋالدى،ۋە، ئالدىراپ بىرىنچى قەۋەتتىكى مۇلازىمەت ئورنىغا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ بولغان ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتتى، -ھە ، ئاخشامقى سىز بىلەن بىرگە كەلگەن قىزنى دەمسىز ؟ ئۇ ئەتىگەن سەھەردىلا چىقىپ كەتتى،قانداق بىرەر نەرسىلىرىڭىزنى ئېلىپ قاچمىغاندۇ ؟ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالسا بىز بىلەن ئالاقىسى يوق جۇمۇ! ئۇنى ئۆزىڭىز باشلاپ كەلگەن، بەك بولمىسا ساقچىلارغا خەۋەر قىلىڭ! -ئۇنداق بولسا ياتاقنى ئېچىپ بەرسىڭىز مەن بىر قاراپ باقسام بولۇپتىكەن، -بولىدۇ ، ئېچىپ بېرەي، بەلكىم ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسىز مۇلازىم شۇنداق دېگىنىچە ، ئۇنى كەينىگە سېلىپ ياتاققا ئېلىپ چىقىپ ماينۇرنىڭ ياتىقىنى ئېچىپ بەردى، ياتاق ئىچى ئاخشام غەيرەت چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا قانداق بولغان بولسا شۇ پېتى تۇراتتى، غەيرەت ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ تېلېفونى ئېتىك چىقتى . ئۇ ياتاقنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ پىيادە ماڭغاچ ماينۇرنى ئىزدەشكە باشلىدى . چىڭقى چۈش مەزگىلگىچە ئىزدەپ ھېچ يەردىن دېرىكىنى قىلالمىدى. ئۇنى ئىزدەپ ، ھەتتا ئالىمنىڭ ئۆيى ئەتراپىغىچە باردى لېكىن ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتى،غەيرەت ئۇنىڭ ئۆيگە چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەھەللىگە قايتىپ چىقىپ، ئۇدۇل ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باردى، تاجىخان ھەدە ئۇنى خۇشال كۈلكىسى بىلەن قارشى ئېلىپ ئۆيگە باشلىدى . --بولدى، تاجىخان ئاپا. ئالدىراش بولۇپ قالدىم ئۆيگە كىرمەي. مەن…شۇ … ماينۇر ئۆيدە بارمۇ ؟ ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ تاجىخان ھەدە. ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي ئوڭايسىزلىنىپ ؟ ئاخىرى ئۇنىڭ تۈنۈگۈن چىقىپ كېتىپ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، غەيرەتكە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى . -- بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمىسىلە بەلكىم پەيدا بولۇپ قالار . مەنمۇ خېلى ئىزدىدىم . تاپالمىدىم دېدى غەيرەت ئۆزىنىڭ ئوڭايسىزلىقىنى ئىپادىلەپ. ۋە بولغان ۋەقەلەرنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى، -- ۋاي… ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ بۇ قىزنى ئۇنداق قىلار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان . دادىسى تېخى بولغان ئەھۋالنى ئۇقمايدۇ . مەن ئاخشام ئۇنى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كەتتى دەپ . ئالداپ قويغان ئىدىم . ئەگەر دادىسى ئۇقۇپ قالسا . مېنىڭمۇ كۈنۈم تەس سەن قىزىڭنى ياخشى باشقۇرماپسەن دەپ ئاھانەت قىلىدۇ .… سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئوغلۇم غەيرەتجان قانداقلا بولمىسۇن . ئۇنى تېپىپ بەرسىڭىز بولۇپتىكەن --خاتىرجەم بولۇڭ تاجىخان ئاپا…مەن ئۇنى چۇقۇم تېپىپ كېلىمەن . غەيرەت، تاجىخان ھەدىگە ۋەدە بېرىپ شۇ پېتى ئۆيگىمۇ كىرمەستىن شەھەرگە كىرىپ كەتتى. غەيرەت، تاكى قاراڭغۇ چۈشۈپ ئەل ياتقۇ مەزگىلگىچە . شەھەرنىڭ بولۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن ، ئاخشام ماينۇر بىلەن بىللە چۈشكەن ياتاققا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئۇ مۇلازىمەتچىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بۇ يەرگە كەلمىگەنلىكىنى ئۇقتى، ئۇ بىر كېچىنى ياتاقتا ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى يەنە بىر كۈن ئىزدەپ . تاپالمىغاندىن كېيىن مەھەللىگە قايتىپ چىقىپ كەتتى . ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمىگەچكە ، ھەتتا ساقچىلارغا خەۋەر قىلىشمۇ ئېسىگە كەلمىگەن ئىدى، شۇ تەرىقىدە . بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ماينۇرنىڭ خەۋىرى بولمىدى . ھەتتا ساقچىلارغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ساقچىلار كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ ھەرقايسى يولۇچىلار بېكىتى بىلەن ئالاقە قىلغان بولسىمۇ ، خۇددى ماينۇر. مەۋجۇت ئەمەستەك ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىدى . تاجىخان ھەدە بىلەن جامالىدىن ئاكا ، ماينۇرنىڭ دەردىدە تۈگىشىپلا كەتتى . جامالدىن ئاكا ، گەرچە ماينۇرنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ ، ئۇنى باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتتى، دەپ چۈشىنىپ، تاجىخان ھەدىگە كۈندە دېگۈدەك دوق قىلىپ. ئاخىرى تەقدىرگە بويسۇنۇپ ، ھېچقاچان قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلىپ، ھاراق ئىچىشكە ئۆگىنىپ دەردىنى ھاراقتىن ئېلىشقا باشلىدى . بۇ ئىشلار ئۆتۈپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن . ئۇلار بىر شۇم خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى . چۈنكى ، شەھەرنىڭ چېتىدىكى سۇ ئامبىرىدىن بىر قىز بالىنىڭ يالىڭاچ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ،ئۇزۇن ۋاقىت سۇدا تۇرغاچقا بەدەنلىرى لەش بولۇپ ، تونۇغۇسىزھالەتتە بۆلۈپ كەتكەن ئىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭمۇ ؟ ھامىلدار بولغانلىقىغا بىر ئايدىن ئاشقانلىقى ئېنىقلاندى. جامالىدىن ئاكا بىلەن تاجىخان ھەدە بۇ جەسەتنى كۆرگەن بولسىمۇ، تونۇشقا ئىمكان بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى ۋە بەدەنلىرى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يىغا زارى قىلىپ ئۇنى ماينۇر ، دەپ جەزىملەشتۈرۈپ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا. ماينۇرنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكى مەھەللە ئىچىگە پۇر كەتتى، مەھەللىدىكىلەر غەيرەت بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلگەچكە، ئۇلارنى تويدىن بۇرۇن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولغان ، دەپ . ئۇنىڭغا يامان كۆزدە قاراشقا باشلىدى . ماينۇرنىڭ دادىسى جامالدىن ئاكا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ غەيرەتنى ئىزدەپ كەلدى . جامالىدىن ئاكا ئىزدەپ كەلگەن ۋاقىتتا . غەيرەت ھويلىدا باشقىلارنىڭ بۇيرۇتقان ئۆي جاھازلىرىنى ياساۋاتاتتى، جامالىدىن ئاكا . كىرگەن پېتى ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالدى . -مەن سېنى خېلى تۈزۈك ئادەم دېسەم . ئادەم ئەمەس ھايۋان ئىكەنسەن جۇمۇ . سېنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغان ئىدىم . قىزىمنىڭ ئۆلۈمىگە سەن سەۋەبچى بولدۇڭ . -تاغا ، ئۇنداق ئىش يوق … سىز مېنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز ؟ -ئاغزىڭنى يۇم . مېنى تاغا دېگۈچى بولما ؟ سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتىسەن؟ جامالدىن ئاكا ، شۇنداق دېگىنىچە . ئۇنىڭ يۈزىگە مۇشت بىلەن بىرنى قويدى . شۇ ئارىلىقتا ، ئۆيدىن غەيرەتنىڭ دادىسى ساۋۇت ئاخۇن بىلەن . ئايشەمخان ھەدە چىقىپ كەلدى، -ھۇي…ھۇي . جامالىدىن بۇرادەر . ئاچچىقىڭلارغا ھاي ، بېرىڭلار . ئوغلۇم قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا. ئۆزا-ئارا چىرايلىق ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بولىدۇ .بۇنداق ئاچچىقنى يامان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . -ئەمدى دېيىشكەننىڭ نېمە پايدىسى؟ قىزىم كەتتى . ئەمدى كەلمەيدۇ . ئەگەر بۇ ، قىزىمغا پەسكەشلىك قىلمىغان بولسا بۇنداق بولمايتتى . دېدى ساۋۇت ئاكا ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولىدۇ . ئۇنىڭ ھازىر كۆزىگە قان تولغان بولۇپ ئاچچىقىدا بويۇن تومۇرلىرىمۇ كۆپۈپ چىققان ئىدى . -توختاپ تۇرۇڭلار جامالدىن بۇرادەر .! ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقماي تۇرۇپ . بۇنداق ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ . ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمىسىلە، ئاشكارا بولمايدىغان ئىش يوق . بۇ ئىشلار چۇقۇم بىر كۈنىسى ئاشكارىلىنىدۇ. -نېمە ؟ سىلەرچە قىزىم بۇزۇق ئىكەن دە ! ئۇنىڭ غەيرەت بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى . پۈتۈن مەھەللە كويغا ئايان . ئىككىسى دائىم بىرگە يۈرسە . يەنە بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن باشقا كىم قىلماقچى ئىدى ؟ قىزىم زادى نېمە سەۋەبدىن ئۆلۈپ كەتتى ؟ بۇنى چۇقۇم …مۇشۇ ئوغلۇڭلار بىلىدۇ، -جامالىدىن بۇرادەر . مەن ئوغلۇمنى چۈشىنىمەن . ئۇ ئۇنداق پەسكەش ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى قىلدى دېگەن تەقدىردىمۇ . مەن ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلىگە جاۋاب بېرەي .… قېنى ئۆيگە كىرىڭلار . ئاۋۋال بىر پىيالىدىن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى . دېدى ساۋۇت ئاكا . ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ . -بولدى مېنىڭ چاي ئىچكىدەك ۋاقتىم يوق . قايتىپ قالاي . لېكىن ، دەپ قوياي .مەن بۇنىڭ ھېسابىنى ئاخىىرى بىر كۈنى ئالىمەن . جامالدىن ئاكا، شۇنداق ، دېگىنىچە چوڭ -چوڭ چامداپ چىقىپ كەتتى . جامالىدىن ئاكا ، چىقىپ كەتكەندىن كېيىن . ساۋۇت ئاكا ، غەيرەتنى چاقىرىپ مېھمانخانا ئۆيگە ئېلىپ كىردى . -ئوغلۇم . مەن ساڭا ئىشىنىمەن راست گېپىڭنى قىل ، جامالىدىن ئاكاڭنىڭ دېگىنى راستمۇ ؟ -ماڭا ئىشەنگىن دادا . بۇ ئىشنى مەن قىلمىغان بولساممۇ . كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىمەن .لېكىن ، ئۇنىڭ بۇنداق ئۆلۈپ كېتىشى ھەقىقەتەن تاسادىپىي بولدى دادا .لېكىن ھازىر مەھەللە كۇيدىكى ، ھەممەيلەن بۇ ئىشنى مەندىن كۆرۈۋاتىدۇ . قانداق قىلىشىمنى ھىچ بىلەلمەي قالدىم ؟ نەگىلا بارسام خۇددى باشقىلار ماڭا قاراۋاتقاندەك، مېنى ئەيىپلەۋاتقاندەك . بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى . شۇڭلاشقا ، جامالىدىن ئاكامدىنمۇ يامانلىغىلى بولمايدۇ . ئەگەر مەن بولغان ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا دەپ بەرسەم . ئۇ قاتتىق ئازابلىنىشى مۇمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىرنى مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەي قالسۇن .! -- ياخشى ئويلاپسەن ئوغلۇم . لېكىن سەن بۇ قۇرۇق تۆھمەتتىن . قۇتۇلالماسلىقىڭ مۇمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار نېمە دېسە مەيلى . بىر مەزگىل باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كەلگىن، كۆپرەك شەھەر كۆرگەننىڭ زىيىنى يوق . چۈنكى ، كونىلارنىڭ « شەھەر كۆرگەن، ئىتتىن قورق » دېگەن گېپى بولىدىغان . بەلكىم سەن بىر مەزگىل شەھەر چۆگىلەپ كەلگىچە بۇ ئىشلارمۇ بېسقىپ قالار، ئۇنىڭ ئۈستىگە جامالىدىن ئاكاڭنىڭ ئەلپازى بۆلەكچە تۇرىدۇ. ساڭا زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن . ساۋۇت ئاكا شۇنداق دەپلا گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ. قانداق قىلىسەن دېگەن مەنىدە غەيرەتكە تىكىلدى. -ئۇنداق قىلسام قانداق بولىدۇ ؟ ئەگەر مەن كېتىپ قالسام، ئۇلارغا تېخىمۇ بولۇپ بىرىدۇ،ئۇ چاغدا ، ھەممەيلەن مەسۇلىيەتتىن قورقۇپ قېچىپ كەتتى . دېگەن قالپاقنى ماڭا كىيدۈرىدۇ . ياق ، دادا… كەتمەيمەن -گېپىمنى ئاڭلا ئوغلۇم ؟ « ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ، كارۋان يولىغا مېڭىۋېرىدۇ » دېگەن گەپ بار! ئۇلار نېمە دېسەم مەيلى دەۋەرسۇن لېكىن، مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم. جامالىدىن ئاكاڭنىڭ ساڭا ئاۋارچىلىق تېپىپ بېرىشتىن ئەنسىرەيمەن . چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزىنى مەن چۈشىنىمەن، ئۇ بەكلا سەپرا ئادەم…!

6-قىسىم

غەيرەت دادىسىنىڭ دېگىنى بويىچە باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ بىر مەزگىل … تىرىكچىلىك قىلغاچ، ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدى . لېكىن ئۇنىڭ مېڭىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان بىرئىشى بار ئىدى .، ئۇ بولسىمۇ ئالىمنىڭ قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلىتىش ئىدى . غەيرەت دادىسى بىلەن بىر پىكىرگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ بىر كۈنى تاڭ سەھەردە نەرسە- كېرەكلىرىنى ئەپچىل بىر سومكىغا قاچىلاپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتى، ساۋۇت ئاكا بىلەن ئايشەمخان ھەدە ئۇنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ. ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى، ئۇنىڭ مۇشۇ كەتكەنچە قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقى …ۋە قانداق قىسمەتكە دۇچار بولدىغانلىقى ئۇلارغا قاراڭغۇ ئىدى . ئۇ ناھىيىگە قايرىلىدىغان چوڭ يولغا چىققان ۋاقىتتا ، قۇياش نەيزە بۇيى ئۆرلىگەن بولۇپ .بۇ كىچىككىنە يېزىغا ئىللىق نۇرنى سېخىيلىك بىلەن سەپمەكتە ئىدى. ئادەتتە بۇ يېزا يولىغا ناھىيىدىن چىقىدىغان ماشىنىلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ناھىيگە قايتىدىغان ماشىنىلار ئاز دېيەرلىك ئىدى، ئۇ يېرىم سائەت ئەتراپىدا ساقلىغان بولسىمۇ. كوچا ئاپتوبۇسى كېلەي دېمەيتتى . شۇ ئارىلىقتا يېزا تەرەپتىن بىر كىچىك ماشىنا يىراقتىن سىگنال ئۇرۇپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدا توختاپ ئەينەك ئېچىلىپ . ئۇنىڭدىن ئەينى چاغدا ساياھەت ئورنىدا. ئۇچراشقان ئالىم بىلەن بىر نەۋرە ئابلەتنىڭ بېشى كۆرۈندى . غەيرەت ئۇنى كۆرۈپ جۇدۇنى ئۆرلەپ باشقا ياققا قارىۋالدى . -قانداق ئەھۋالىڭلار غەيرەتجان . بىر يەرگە ماڭغان ئوخشىمامسىلەر . شۇ كۆرۈشكەنچە سىلەر بىلەن . كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بولمىدى . قېنى ماشىنىغا چىقىڭلار…! -بولدى . مېڭىۋېرىڭلار . مەنمۇ پىيادە قالمايمەن . -ھەي ، سىلىنىزە… ئالىمنىڭ قىلغان ئىشىغا ماڭا ئاداۋەت ساقلىماڭلار . «ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ» ؟ مېنى ئۇنىڭ بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىسەڭلار قانداق بولىدۇ ؟قېنى ئاۋۋال ماشىنىغا چىقىڭلار . قالغان گەپنى يولدا ماڭغاچ پاراڭلىشايلى .! ئابلەت شۇنداق دەپ . ماشىنىدىن چۈشۈپ غەيرەتنىڭ قولىدىكى سومكىنى ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن . تېخىچە ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرغان. غەيرەتكە ماشىنىنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ بەردى، غەيرەت ئارىسالدى بولۇپ ، ئابلەتكە قاراپ قويۇپ ماشىنىغا چىقتى . ئۇنىڭ نەزىرىدە .ئالىم بىلەن ئابلەت بىر «جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى» ئىدى، ئابلەت ماشىنىنى قوزغاپ بىرەر يۈز مېتىر ماڭغىچىلىك بىر ئېغىز گەپ ، قىلمىدى . چۈنكى ئۇ گەپنى نەدىن باشلاشنى ئويلىشىۋاتاتتى . -غەيرەت ئاداش… مەن بەزىبىر ئىشلاردىن خەۋەر تاپتىم . ھەم ئېچىندىم .مېنىڭ ئاشۇنداق بىر قېرىندىشىم بولۇپ قالغانلىقتىن ئەپسۇسلاندىم . ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ ھېلىقى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقىپ ، ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىغا شېرىك بولدۇم . ئاشۇ چاغدا . ئۇنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى… تامام ، ئاشكارىلىۋەتسەم بولاتتى . لېكىن ، بۇ دەرىجىدە بولۇپ كېتىشنى، خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن . ھەي… ، نېمە دېسەم بولا ؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر نەۋرە . لېكىن ئۇ بىر دۇنيا ، مەن بىر دۇنيا … ئىككىمىزنىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمايدۇ . ئۇنىڭ مۇشۇ كەمگىچە يىغلاتقان ئادەملىرى ئاز ئەمەس . ئۇنىڭ قورقىدىغان بىردىنبىر ئادىمى . ئايالى ، ئەگەر …ئايالى بولغان ئىشلارنى بىلىپ قالسا . ئۇنىڭ كۈنى تەس بۇ شەھەردىمۇ تۇرالمايدۇ . سىلەر مېنى خاتا چۈشەنمەڭلار ئاداش .… ھە ، راست … گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . ئۆزۈڭلار بىر يەرگە ماڭغان ئوخشىمامسىلەر. -ھە … شۇنداق ، مەن بۇ شەھەردىن كەتمەكچى . -بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلسەم بولامدۇ . ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبلىك. شۇنداق زۆرۈر بولۇپ قالدىمۇ؟ -ھەي… مېنىڭمۇ بۇ شەھەردىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى . ئامال قانچە . ئامالسىزلىقتىن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمەن .! … بولدى ، بۇلغان ئىشلارنى ، سىزمۇ ئاڭلىماڭ ، مەنمۇ ئېيتماي. بۇ پەقەت مەن بىلەنلا كەتسۇن…! --بولىدۇ ئاداش ، مەنمۇ سورىماي . بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى. ئويۇن ئورنىدا كۆرۈپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ. ئىپلاسلار. قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى . ھامان بىر كۈنى تارتىدۇ. ئەگەر مەن ياردەم قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا… تارتىنماي دەۋېرىڭلار . ئابلەت شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنىڭ ئالدىدىن بىر تال ئىسىم كارتىسىنى ئېلىپ غەيرەتنىڭ قولغا تۇتقۇزدى . -كىشىنىڭ يۇرتىدا . بىرەر نەرسىگە مۇھتاج بولۇپ قالساڭلار . ماڭا تېلېفون قىلىڭلار . قولۇمدىن كېلىشىچە قاراپ تۇرمايمەن . -- بولىدۇ رەھمەت سىزگە . كەچۈرۈڭ …! سىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن . غەيرەت شۇنداق دەپ . ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ كارتىنى يانچۇققا سالدى . ئۇلار پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ . بىردەمدىلا ناھىيىگە يېتىپ كىردى . -بولدى ، مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي -ئۇزۇن يوللۇق بېكەتكە بارمامسىز ؟ -ياق ، بولدى . بۇ يەردە ئازراق سودىلىقىم بار . بەلكىم چۈشتىن كېيىنلەردە . مېڭىپ قېلىشىم مۇمكىن . غەيرەت شۇنداق دەپ ماشىنىدىن چۈشكەچ . پۇل قاپچۇقىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن پۇل ئالماقچى بولدى . -نېمە قىلىۋاتىسىلەر ، بولدى قىلىڭلار . ئەگەر ماڭا پۇل بېرىمەن دېسەڭلار . مېنى دوست قاتارىدا كۆرمىگەن بولىسىلەر . -ئۇنداق دېسەڭلار بولمايدۇ . سىلەرمۇ تۇرمۇشنى دەپ ، تىرىكچىلىك قىلىۋاتىسىلەر . ئەگەر سىلەرنىڭ ماشىنىغا چىقمىغان بولسام . باشقىلارنىڭ ماشىنىسىغا چىققان بولاتتىم . ئۇ چاغدا ئوخشاش پۇل تۆلەيتتىم . --بولدى ، غەيرەت ئاغىنە . بۇ پۇل مېنىڭ سىلەرگە تۇتقان يوللۇقۇم بولۇپ قالسۇن . خوش ئەمىسە ، ئىشلىرىڭلغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ئابلەت شۇنداق دەپلا . ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ كېتىپ قالدى . غەيرەت، ياتاقتىن بىرنى زاكاز قىلىپ . يۈك -تاقلىرىنى شۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ . سىرتقا چىقتى . ۋە ، بازار ئارىلاپ پىيادە مېڭىپ يۈرۈپ ، ئالىم ئولتۇراقلاشقان بىنانىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرۈپ ئەتراپنى كۆزەتتى . ئۇ ئالدىنقى قېتىم . ماينۇرنىڭ كەينىدىن بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا ئالىمنىڭ ئايالىنى تونۇۋالغان ئىدى .ئۇ بىنانىڭ ئەتراپىدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا ساقلىغاندىن كېيىن . بىنانىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ . ئالىمنىڭ ئايالى چىقىپ كەلدى، ئۇ گىرىمنى بولۇشىغا قېنىق قىلغان بولۇپ. كىيىنىشلىرىمۇ بەكلا مودا ئىدى . چىرايىدىن بولسا ھاكاۋۇرلۇقى چىقىپ تۇراتتى . غەيرەت ، ئۇنىڭ ئالدى تەرەپتىن كېلىپ ئۇنىڭغا ئەدەب بىلەن سالام قىلدى . -قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سالامەت تۇرىۋاتامسىز؟ ئەگەر ئەپسىز بولمىسا سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان بىر ئىش بار ئىدى . ئالىمنىڭ ئايالى . بۇ تونۇمىغان مېھمانغا ئەجەبلىنىپ … مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويدى . ۋە ئېغىزىدىكى سېغىزنى تاراسلىتىپ ئېتىلدۇرۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭدىن سورىدى . -مەن سىزنى تونۇمىدىمغۇ سىز كىم بولىسىز ؟ قارىغاندا يېزىدىن كەلگەن ئوخشايسىز .مېنىڭغۇ سەھرادىن تونۇشلىرىم يوق ئىدى . خاتالىشىپ قالمىغانسىز . -ياق … خاتالىشىپ قالمىدىم . مەن سىزنى مۇھىم بىر ئىش توغرۇلۇق ئىزدەپ كەلدىم . سىز ئالىمنىڭ ئايالى بۇلىسىزغۇ؟ -شۇنداق ، مەن ئالىمنىڭ ئايالى بۇلىمەن… قارىغاندا سىزمۇ ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم قويىلىپ باققان ئوخشىمامسىز . لېكىن بۇنداق ئىشلار بىلەن مېنىڭ ئالاقەم يوق . مېنى ئىزدىمەڭ . ئۇ شۇنداق دەپ ماڭماقچى بولۇۋېدى ، غەيرەت ئۇنىڭغا كېلىش مەقسىتىنى ئېيتتى، -- ياق ، ئۇ توغرىلىق ئەمەس . بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ يامانراق بولۇشى مۇمكىن . سىزنىڭ بەلكىم يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن … خەۋىرىڭىز يوققۇ دەيمەن .بۇ ئىشلارنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن . چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ . ئەگەر خالىسىڭىز ئىككىمىز ئايرىم ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بولىدۇ . ئۇ چاغدا مەن سىزگە ھەممىنى ئېيتىپ بېرىمەن . مەن سىزدىن ئۆتۈنمىدىم . پەقەت ھەققانىيەت تەلەپ قىلىۋاتىمەن … بىر قىزنىڭ ئۇنىڭ ، سەۋەبى بىلەن قانداق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكىنىنى . سىزگە سۆزلەپ بەرمەكچىمەن، ئالىمنىڭ ئايالى . غەيرەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپقىزىقىپ قالدىمۇ قانداق ؟ مۇئامىلىسى بىردىنلا ئۆزگەردى . ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ - شۇنداق ئىشلارمۇ بارمۇ تېخى . قېنى مەن ئاڭلاپ باقاي . نەدە پاراڭلىشىمىز ؟ -نەدە بولسا بولىۋېرىدۇ؟ ئەگەر مېنىڭ ياتىقىمغا بېرىپ پاراڭلىشىشنى ئەپسىز كۆرمىسىڭىز شۇ يەرگە بارساقمۇ بولىدۇ . ئەگەر يېقىن ئەتراپتىكى بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ . تاماق يېگەچ پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇ . بۇنىڭدا سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا قارايمەن . ئالىمنىڭ ئايالى . بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن… ئۇنىڭ ياتىقىغا بېرىشقا قوشۇلدى . ئۇنىڭ بۇنداق پىكىرگە كېلىشىدىمۇ مەلۇم بىر سەۋەب بار ئىدى . چۈنكى ، ئۇنى بۇ شەھەردە . تونۇمايدىغانلار ئاز ئىدى .ئۇنىڭ ئىسمى، پەرىدە بولۇپ. كىچىكىدىنلا ئەركە چوڭ بولغاچقا دادىسىنىڭ نامىنى دەستەك قىلىپ . دوستلىرىنىڭ ئالدىدا خېلى يۈز تاپقانىدى . ئۆيدىكىلىرىمۇ ، ئۇنى بىر تال قىزىمىز دەپ ئەركىلىتىپ يامان كۆندۈرۈپ قويغان بولغاچقا . مەكتەپ پۈتتۈرمەيلا . جەمىيەتتىكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشقا ھەۋەس قىلىپ . ئاخشاملىرى يىغىلىش ۋە كېچىلىك كۇلۇبلارغا قاتراپ يۈرەتتى . ھەتتا ئالىي مەكتەپكە بېرىپ بىر يىل بولمايلا قورسىقىنى دومبايتىپ . مەكتەپتىن ھەيدىلىپ قايتىپ كەلدى . پەرىدەنىڭ ئاتا- ئانىسى ھەممە ئەيىبنى ئۆزلىرىدىن كۆرۈپ ئەمدى ئۆز ۋاقتىدا بەڭباش ئەركە ئۆگىتىپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ،ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى . پەرىدە بىر مەزگىل سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن .يەنىلا بۇرۇنقى پەدىسىدە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناپ يەنە بىر قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈشكە سەۋەبچى بولدى ،ئاتا- ئانىسى ئۇنى باشقۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ، لايىقىدا بىر ئەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزماقچى بولغان شۇ پەيتتە ئالىمنىڭ دادىسى بىلەن پىكىرى بىر يەردىن چىقىپ قېلىپ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان ئىدى، پەرىدە بەكلا بىشەم بولغاچقا توي قىلىپ بىر يىلغا قالمايلا ئالىمنى يىپتەك قىلىۋەتتى، بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ ئەگەر ئالىم ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە كۆنمىسە بىشەملىك قىلىپ ، ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ خۇددى رودۇپايدەك چاپلىشىپ ئاجرىمايتتى .ئالىم بىر نەچچە قېتىم قول تەگكۈزۈپ ئۇرغان بولسىمۇ پەقەتلا پايدىسى بولمىدى ،چۈنكى ئۇ، ئەزەلدىن ئەركە ئۆگىنىپ قالغان بولغاچقا سىرتلاردا بەزىدە جېدەل- ماجىرالارغا ئارىلىشىپ يۈرۈپ كۆنگەن بولغاچقا ئانچە بەك قورقۇپ كەتمەيتتى . ھەتتا ئالىم بىرنى سالسا ئىككىنى سېلىپ، تەڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بوي بەرمەي كەلگەچكە،ئالىم ئامالسىز. ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە پەردەنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ جەمىيەتتىكى تەسىر دائىرىسى خېلى كۈچلۈك بولۇپ . ئۇلارنى رەنجىتىشكە بولمايتى، پەرىدە ئالىمنىڭ باشقا قىزلار بىلەن يېقىنلىشىشىغا پەقەتلا يول قويمايتتى . ئەگەر ئاشۇنداق قىز بىلەن ئارلاشقىننى بىلىپ قالسا بىر نەچچە كۈنگىچە بۇ ئۆيدىن جېدەل -ماجرا قۇرىمايتتى ، شۇڭلاشقا ئۇ سىرتتا ناتونۇش بىر ئەر كىشى بىلەن تاماق يەپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرسا باشقىلارنىڭ سۆز- چۆچەك قىلىشىدىن قۇرقۇپ يەنە كېلىپ ئالىمنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدى . ھەر ھالدا «ئۆزىنى سورىغان . قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» دېگەندەك . ھەر ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇنىڭ ئانچە- مۇنچە . قىچىغسى بولغاچقا . غەيرەتتەك بۇنداق قامەتلىك يىگىتنى بۇنداق قولدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمايتى،غەيرەت پەرىدەنى ئەتىگەن ئېلىپ قويغان ياتاققا باشلاپ بارىدى، پەرىدە ياتاققا كىرىپلا ئىسسىقلاپ كەتكەننى باھانە قىلىپ ئۇچىسىدىكى چاپاننى سېلىۋەتتى ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىيىۋالغان گاڭسىرىنىڭ مۆرە تەرىپى ۋە كەينى تەرىپى ئوچۇق بولۇپ، گۈپۈلدەپ ئەتىر پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى،پەرىدە سومكىسىدىن بىر قاپ تاماكىنى چىقىرىپ ئىككى تال تاماكىنى سۇغۇرۇپ ئالدى -دە، غەيرەتكە تەڭلىدى، غەيرەت ئايال كىشىنىڭ تاماكا چېكىشنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى بولغاچقا ئۇنىڭ سۇنغان تاماكىسىنى ئىككىلەنمەيلا ئالدى . -قېنى دېمەكچى بولغان گېپىڭىزنى ئەمدى باشلىسىڭىز بولىدۇ!- دېدى پەرىدە تاماكىنى كۈچەپ شوراپ ئۈستى تەرەپكە قاراپ پۈۋلىگەندىن كېيىن! غەيرەت ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى .پەرىدە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانسېرى قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ غەيرەتنىڭ گېپى ئاخىرلىشىپ بولغىچە بىر نەچچە تال تاماكىنى چېكىپ بولدى . -بۇ دېگەنلىرىڭىز راستمۇ ؟ مېنى ئالدىمايۋاتقانسىز ؟ -دېگىنىمنىڭ ھەممىسى راست سىزنى ئالداپ نېمە قىلاي! مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن، ئۇ قىز بولسا مېنىڭ توي قىلىدىغان لايىقىم ئىدى، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بىلەنلا كەتسە مەيلى ئىدى،لېكىن ئاخىرىدا ھەممە كەلگۈلۈك ماڭا بولدى. - خەپ توختاپتۇر ئالىم! مەن سېنى قانداق قىلىمەنكى؟ سەن قانداق قىلغان بولساڭ مەن ساڭا شۇنداق جاۋاب قايتۇرىمەن! پەردە ئاشۇنداق دېگىنىچە جوزىغا قاتتىق بىرنى مۇشتلىدى .ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ غەيرەتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، -بىز ئۆي تۇتقىلى بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى، بۇ جەرياندا تېخىچە بىرەر بالىلىق بولالمىدۇق، ھەي، لېكىن ماۋۇ بىر نېمىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى،مەن بىلەن بالىلىق بولالماي باشقىلار بىلەن بالىلىق بولغىننى دەيمەن .قېنى ، «ئۇنداق قازانغا ، مۇنداق چۆمۈچ .» ئۇ قىلغاننى مەن نىمىشقا قىلمايدىكەنمەن .كېلىڭ ، يىگىت سىزمۇ ئەر كىشىغۇ دەيمەن،ئۇ قىلغاننى سىزمۇ قىلىشىڭىز كېرەك؟ سىزنىڭ قىز دوستىڭىزغا پەسكەشلىك قىلغاندىن كىين ئۇنىڭدىن ئۈچىڭىزنى ئېلىڭ! پەرىدەنىڭ بۇ گېپىدىن غەيرەت چۆچۈپ كەتتى،ئۇنىڭ بۇنداق تىزلا ھۆكۈم چىقىرىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. -بۇ…بۇ،قانداق بولار ؟- دېدى غەيرەت ھودۇقۇپ . -قويىڭە ھەي سىزنى سىزمۇ ئوغۇل بالىمۇ؟سىزنىڭ مۇشۇنداقلىقىڭىزدىن غەيرەت دېگەن پەسەندە قىز دوستىڭىزنىڭ ئېچىقىنى ئاشقان گەپ! نېمانداق قىز بالىدەك نازلىنىسىز ئوغۇل بالا بارغۇ ، ۋىجدانلىق بولۇشى كېرەك؟باشقىلار قىز دوستىڭىزنى ئەخمەق قىلغان بولسا سىزمۇ ،شۇ ئارقىلىق ئاشۇنىڭدىن ئۈچ ئېلىشىڭىز كېرەك ؟ پەرىدە شۇنداق دىگىنىچە ئۇنىڭ يېنىغا يېقىنلاپ كەلدى، غەيرەت بولسا ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقىدىن مەست بولۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى . ئۇ ئەزەلدىن مۇشۇ كەمگىچە بىرەر ئايال زاتىنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقمىغاچقاجىددىيلىشىۋاتاتتى، قۇياش تاغ كەينىگە پېتىشىغا بىر غۇلاچ قىلغاندا پەرىدە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى . ئۇ چىقىپ كېتىش ئالدىدا ۋاقتى بولسىلا داۋاملىق ئىزدەپ تۇرۇشنى ئېيتتى . پەرىدە چىقىپ كىتىپ بولغاندىن كېيىن ، غەيرەت ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا نومۇس قىلىپ قالدى،چۈنكى ئۇ بۈگۈن ئىرادىسىگە مۇخالىپ ئىش قىلغان ئىدى،ئەزەلدىن ئەخلاق- ھايا غورۇرنى، ياشاش مىزانى قىلىپ كەلگەن غەيرەت بۈگۈن ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا بۇ خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ قويىدى،لېكىن ئۇ مۇشۇ خاتالىق ئارقىلىق ئالىمدىن ئازراق بولسىمۇ ئۆچ ئالغان ئىدى، غەيرەت،ئەتە ئەتىگەندىلا يولغا چىقىشنى پىلان قىلىپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى ئىشىك چېكىلدى، -كىمۇ؟ ئىشىك يەنە چېكىلدى، بۇ قېتىم غەيرەت كىملىكىنى سورىماستىنلا ئىشىكنى ئاچتى، ئاچتى- يۇ چۆچۈپ كەتتى،چۈنكى ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ قالغان ئالىم تۇراتتى، ئەسلىدە پەرىدە غەيرەت بىلەن كۆرۈشۈپ ياتاققا ماڭغان ۋاقتىدا ئالىمنىڭ بىر ئاغىنىسى ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ شۇ ھامانلا ئالىمغا تېلېفون قىلغان بۇلۇپ، ئالىم ئۇنىڭغا دەرھال ئۇلارنىڭكى ككەينىگە چۈشۈشنى ئېيتىپ ھايال بولمايلا يېتىپ بارغان بولسىمۇ،دوستنىڭ بىخەستىلىكىدىن ئۇلارنى يوقىتىپ قويغان بولغاچقا ئاشۇ يوقىتىپ قويغان ئەتراپتا تىمسىقلاپ يۈرگەن بولۇپ، ياتاقتىن چىققان پەرىدەنى كۆرۈپلا قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ،ئىسپاتى يوق ئىشقا گەپ قىلىشتىن قورقۇپ، پەرىدە كېتىپ بولغاندىن كېيىن ياتاققا كىرىپ مۇلازىمغائازىراق پۇل خەجلەپلا غەيرەتنىڭ ياتىقىنى بىلىۋالغان ئىدى .ئالىمنىڭ ھەيرانلىقى بىردەمدىلا نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ چىرايى بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ غەزەپلىك تۈس ئالدى،ۋە ياتاققا ئوقتەك كىرىپ غەيرەتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. -ھۇ نامەرت ھايۋاننىڭ بالىسى! سېنى بۈگۈن ئۆلتۈرىۋېتىمەن!

7-قىسىم

-قولۇڭنى تارىت!- غەيرەت، شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭ قولىنى ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن قايرىپ تۇرۇپ مۇش بىلەن مەيدىسىگە بىرنى قويدى، شەھەردە يۈرۈپ ئويۇن -تاماشا بىلەن شۇغۇللىنىپ كەيپ- ساپا بىلەن ئۆتكەن ئادەمدە قانچىلىك كۈچ بولماقچىتى دەيسىز ئالىم،، مۇشنىڭ زەربىسىدىن يۇمشاق كارۋاتقا ئولتۇرۇپ قالدى . -سەن تېخى مېنى ھايۋان دەۋاتامسەن ؟ھايۋان دېگەن سەنمۇ ، مەنمۇ… ھۇ… نامەرد . سېنىڭ كاساپىتىڭدىن بىر قىز جېنىدىن ئايرىلدى، سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئالدىدابۇ تېخى ھېچقانچە ئىش ئەمەس ساڭا دەپ قوياي بۇ جاھان «ئۆتنە جاھان»!«ئۆتنىگە لاپقۇت» دېگەندەك سەن باشقىلارغا قىلساڭ ئۆزۈڭگە مۇشۇنداق قايتىپ كېلىدۇ،بۇنى مەندىن كۆرىمە، مەن سېنىڭ ئايالىڭنى زورلىمىدىم ،ھەم بۇ يەرگە باغلاپ ئېلىپ كەلدىم، ئۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلدى، ساڭا دەپ قوياي! سەن باشقا قىزلارغا كۆزۈڭنى قىزارتماي ئايالىڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال! بۇ قېتىم تەلىيىڭ بار ئىكەن ، قۇتۇلۇپ قالدىڭ چۈنكى ،ماينۇرنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ يۈز ئابرويىنى دېمىگەن بولساق، سەن بۇ كەمگە قانۇننىڭ جازاسىنى تارتىپ بولاتتىڭ!ساڭا بىر قېتىملىق ساۋاق بولسۇن، ئەمدى قانداق قىلىش ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى،ئايالىڭ بىلەن ئۆي تۇتامسەن ياكى تۇتمامسەن بۇنى ئۆزۈڭ بەلگىلە! ئەمدى مەن ئارام ئالىمەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،ئەمدى ئىككىمىز دوست ئەمەس ، بەلكى رەقىپ، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇچرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن!لېكىن ، ئەتىدىن باشلاپ مېنى بۇ شەھەردىن تاپالمايسەن، بولدى مەن ئارام ئالىمەن سەن چىقىپ كەت .!ئەمدى سېنىڭ گەپ قىلىشڭنىڭ ئورنى يوق! ئالىم مېھمانخانىدىن قايتىپ چىقىپ چوڭ كوچىدا مەقسەتسىزلا ئايلىنىشقا باشلىدى. تاماكىنى ئۈزمەي چىكەتتى، ئۇ ناھايىتى خورلۇق ھېس قىلىپ ئىچىنىڭ بىر يەرلىرى مۈشۈك تاتلىغاندەك بىئارام بولاتتى،غەزەپتىن چىشلىرى كىرىشىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى، ئەگەر ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆيگە بارسا ئاچچىغىدا پەرىدەنى نېمىلەرنى قىلىۋېتىشنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى، ئۇ ئاچچىقىنى باسالماي بىر ماگىزىنغا كىرىپ بىر قۇتا ھاراقنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى،ھاراق بىردەمدىلا تەسىر قىلىپ ئۇنىڭ يۈز- كۆزلىرى پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى،ۋە نەگە بېرىشنى خىيال قىلىپ ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر نەۋرە كېلىدىغان ئابلەتنى ئېسىگە ئېلىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى . ئابلەت توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى،ئالىم تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا ئۇ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆيگە كېلىشىنى ئېيتتى، ئۇلار تېلېفوندا پاراڭلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالىم يېتىپ كەلدى،ئابلەت ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ چاي قۇيدى . -قارىغاندا ئايالىڭدىن ئازار يېگەن ئوخشايسەن، نېمە ئىش بولغانتى شۇنچىلىك ئۇرۇشۇپ قالغۇدەك؟- ئالىم، چاينىمۇ ئىچمەستىن بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شوراشقا باشلىدى، -ھۇي…!نېمانداق ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك چېكىۋېرىسەن؟ ساڭچۇ ، بۇ ئىشلار تېخى ئاز! كۆڭلۈڭگە كەلسىمۇ دەۋېرەي، سېنىڭدەك بىر قېرىندىشىم بولۇپ قالغىنىدىن مەن نومۇس قىلىۋاتىمەن،مەن سېنىڭ ئاشۇ ئايالىڭنى ئەزەلدىنلا ياقتۇرمايتتىم،ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ئاشۇ قىز بىلەن توي قىلغانلىقىڭنى ئاڭلاپلا سېنىڭ ئاخىرى بىر كۈن مۇشۇنداق كۈنگە قالىدىغانلىقىڭنى پەرەز قىلغان ئاقىۋەت پەرەز قىلغاندەك بولۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ ساڭا ئاز، ھەر قانداق ئادەم قىلغان ئەجرىگە چۇشلۇق نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، سەن باشقىلارنىڭ توي قىلىدىغان قىزىنى ئازدۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگ سەۋەبچى بولدۇڭ، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇلار سېنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا بۇ كەمگىچە بۇ يەردە بولالمايتىڭ! ماينۇردەك ساددا بىر قىزنى ئالداپ مەقسىتىڭگە يەتتىڭ، لېكىن ، نېمە پايدا ئالدىڭ؟ ۋىجدانىڭ ئازاپلانمىدىمۇ ؟ كونىلارنىڭ بىر گېپى بارغۇ .« بۇرۇن تاغ ئايلىنىپ كەلسە،ئەمدى باغ ئايلىنىپ كېلىدۇ » دېگەندەك، ئاخىرى ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا كەلدى . غەيرەتنىمۇ سەرسان قىلدىڭ… يەنە تېخى بىر ئائىلىنى ھىجران ئازابقا دۇچار قىلدىڭ! بۇ سنىڭچە ياخشى ئىشمۇ ؟ بۇنىڭ بەدىلى ئېغىرئالىم، مېنىڭمۇ بۈگۈن كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس بىر قۇتا ھاراق ئىچكەچ پاراڭلىشايلى ! ئابلەت شۇنداق دېگىنىچە نەدىندۇر ساقلاپ قويغان بىر قۇتا ھاراقنى ئېلىپ چىقىپ، بىردەمدىلا بىر نەچچە تەخسە سەي تەييار قىلدى، بۇ ئارىلىقتا ئالىم توختىماستىن تاماكا چېكىپ بېشىنى ساڭگىلتىپ ئولتۇراتتى، ئابلەت ، بىر ئىستاكان ھاراق قۇيۇپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن يەنە بىرنى قويۇپ ئالىمغا سۇندى، ۋە- ئەمدى سەن قانداق قىلماقچى ؟- دېگەن مەنىدە،ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدى، ئالىم ھاراقنى ئېلىپ گەپ قىلمايلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ئابلەتكە قاراپ گەپ باشلىدى . -مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك ئابلەت! ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈپ بولالمايمەن، ئۇ مېنىڭ ئەرلىك غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلدى،ئەمدى مەن بۇ شەھەردە قايسى يۈزۈم بىلەن ياشايمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ بۇ شەھەردە قانچىلىك يۈز- ئابرويى بارلىقنى ئوبدان ئۇقىسەن، ھازىرچە ئۇنىڭدىن ئاجرىشىشمۇ ئاسان ئەمەس،چۈنكى ئۇلار يۈز- ئابرويغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن بىر مەزگىل باشقا شەھەرلەردە چۆرگىلەپ كېلەي، بۇ يەردە سەن بولغاندىكىن بۇلىۋاتقان ئىشلار توغرۇلۇق ئالاقىلىشىپ تۇرساق بولىدۇ، باياتىن سېنىڭ دېگەنلىرىڭ ھەقىقەتەن توغرا، چۈنكى مەن ئۆزۈمگە قىلىۋالدىم ،ھەي ، نېمىسىنى دەيسەن ؟ ئۆگىنىپ قالغان كۆڭۈل! بۇ كۆڭۈلگە ئامال يوق ئىكەن، بەزى چاغلاردا مۇشۇنداق ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايدىكەنمەن، ئاشۇ كۈنىسى ماينۇر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان، لېكىن ئۇنى كۆرۈپلا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، ئۇ بەك ساددا بولغاچقا مېنىڭ شېرىن گەپ -سۆزلىرىمگە ئاسانلا ئالدىنىپ ئۆزىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى، مەن ئاقىۋەتنىڭ بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان،بۇ ئىشلىرىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن سىر بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەپسۇس… مۇشۇنداق تېزلائاخىرلىشىشنى ئويلاپ باقماپتىمەن، -بولۇپتۇ ، ھەر ھالدا سەندە ئازراق بولسىمۇ ۋىجداننىڭ ئۇرۇقى بار ئىكەن، ئۆزۈڭنىڭ خاتالىقىڭنى تونۇغان بولساڭ مەيلى، لېكىن ، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى يولدا ماڭغىن، بۇ،ئۆزۈڭگىمۇ ياخشى، قالغان ئىشلارنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ،يولنى قانداق مېڭىشىڭ سېنىڭ ئىختىيارلىقىڭدا،- ئۇلار شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ بىر قۇتا ھاراقنى ئىچىپ بولدى، ئالىم بولسا ئەتە سەھەردىلا بۇ شەھەردىن ئايرىلىدىغان بولدى،دېمىسىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ شەھەردە ئەمدى تۇرغۇدەك تاقىتى قالمىغان ئىدى، ئالىم ئەتە سەھەردە ئابلەت بىلەن خوشلىشىپ بېكەتكە قاراپ يول ئالدى،ئۇ نە كىيىم- كېچەك ھېچنېمە ئېلىۋالمىغان بولۇپ بېشىنى كۆتۈرمەي پىيادە ھالدا كېتىپ باراتتى ، -ھۇي…! ئالىمجان ئۇكامغۇ بۇ ؟ كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولۇپتۇ ؟ دادىڭىز بىلەن ئاپىڭىز تىنچلىقمۇ!-ئالىم . بۇ سالام -سائەتىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ . ئالدىدا قىرىق - ئەللىك ياشلار ئەتراپىدىكى ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن كىيىملىرى تولا يۇيۇلۇپ ئۆڭۈپ كەتكەن .پۇتىغا كىيىۋالغان قارا رەڭلىك خۇرۇم ئايىغنىڭ سىرى چۈشۈپ ئاق رەڭگە كېلىپ قالغان بىر ئادەم، ئۇنىڭغاقولىنى تەڭلىگىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، -ھە…ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟ -ھە ، مەنمۇ ياخشى ئىنىم، سىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ خوش بولدۇم، مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇشۇ شەھەردىكى بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ يىگىرمە تۇياق قوينىڭ باھاسىنى دېيىشىپ قويغان ئىدىم، بۈگۈن شۇنىڭغا ياجىڭ بەرگىلى كىرىشىم ئىدى،مەن تازا گەپنى ئوڭشاپ قىلالمايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئادەمنى تازا ياخشى چۈشەنمەيدىكەنمەن، شۇڭلاشقا ، ئەپسىز بولمىسا ماڭا بىرگە كىرىشىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ دېدى ئۇ ئادەم، ئۇنىڭدىن ئۆتۈنىگەن تەلەپپۇزدا، ئالىم ،باشتا ئۇ ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئازراق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ .« ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە» دېگەندەك ،پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەماللىققا تۇرۇپ قالدى ،چۈنكى ئۇ سەپەرگە ماڭغان بىلەن يېنىدىكى پۇلمۇ تايىنلىق ئىدى،شۇڭا بىر ئامال قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىدى . -بولىدۇ مەن بېرىشىپ بېرەي ئورنى قەيەردە ئىدى؟ -رەخمەت ئالىمجان ئۇكام،بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم ،ئالدىنقى قېتىم كۆرسىتىپ قويغان ئىدى،يىراق ئەمەس مۇشۇ شەھەردىكى يېڭىدىن بەرپا قىلغان ئائلىكلەر رايونى ئىكەن، ھەممە ئادرېسىنى بىلىمەن لېكىن ئۆيگە كىرىپ باقمىدىم، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ -بولىدۇ ئۇنداق بولسا قېنى يول باشلاڭ! ئالىم ئۇ ئادەمنىڭ ئۈستى- بېشىغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ قانداق قىلىش توغرۇلۇق پىلان سوقۇپ بولغان ئىدى، ئۇ ئادەم ئالىمنى ئەگەشتۈرۈپ بىردەمدىلا كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ كىلىپ، ئۇلاركىرمەكچى بولغان ئۆينىڭ بىنا ئالدىغا كېلىپ توختىدى، -ھە ، راست تاغا! بىز بۇنداقلا كىرسەك بولمايدۇ، سىز تېخى شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ باقمىغان ئوخشايسىز ! - ئاپلا جۇمۇ ئۇكام! مەن بۇ تەرەپنى ئويلىماپتىمەن ، مەن ھازىرلا بېرىپ ئازراق يەل- يېمىش ئېلىپ كېلەي -ياق، تاغا! مەن، ئۇ مەقسەتتە دېمىدىم، مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، سىز بۇ پېتى …… ھەي ، نېمە دېسەم بولار ؟ ئالىم شۇنداق دېگىنىچە ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا تەڭسىزلىكتە قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى . -قېنى ئۇكام نېمە گەپ بولسا دەۋېرىڭ ؟ مەن ئۆزۈم سەھرادا چوڭ بولغان بىر تومپاي ئادەم شەھەرلىكلەرنىڭ قائىدىسىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن، -مۇنداق گەپتى تاغا! بۇ شەھەرلىكلەر ئاساسەن ئۆينىڭ ئاستىغا گىلەم سالىدۇ،ئايىقىمىزنى سىرتقا سېلىپ كىرىمىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز سىرتلاردا كۆپ يول ماڭىسىزشۇنداق بولغاندىن كېيىن پۇتىڭىزنى پۇرىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ،شۇڭلاشقا پۇتىڭىزنى يۇيۇپ پايپاقتىن بىرنى ئېلىپ ئالماشتۇرۇپ كېرىشىڭىز كېرەك ؟ھەي… ، لېكىن ۋاقت بەك كېتىپ قالارمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ۋاقتىم قىس ئىدى دەڭە!- ھېلىقى ئادەم بىردەم ئۆزىنىڭ پۇتىغا،بىردەم ئالىمغ قارىۋەتكەندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، -بۇنىڭ ئامالى ئاسان ئۇكام!مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان پۇلنى سىز ئەكىرىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن ھۆججەت ئېلىۋالسىڭىز بولمىدىمۇ ؟ -بۇنداق قىلساق قانداق بولار ؟ بۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش تۇرسا! ئالىم شۇ گەپنى دېگەن بىلەن ئۆزىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئويلاپ يۈرەكلىرى ھاياجاندا سوقۇپ كەتتى،« ئوغرىغا مال كاممۇ» دېگەندەك بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ۋاقىتتا تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەت ئۇنىڭ تېخى ئاخشاملا ئابلەتكە بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇلدۇردى، -ھېچنېمە بولمايدۇ ئۇكام،سىز پەقەت مېنىڭ ئورنۇمدا كىرىپ مالنى قاچان تاپشۇردىغانلىقى توغرۇلۇق ھۆججەت ئېلىپ پۇلنى بېرىپ قايتىپ چىقسىڭىز بولىدۇ، ئۇ ئادەم شۇنداق دېگىنىچە ، يېنىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ ئالىمنىڭ قولغا تۇتقۇزدى . ئالىم ھاياجانلىنىپ قوللىرى تىترىگەن ھالدا پۇلنى ئالدى-دە بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى، ئالىم بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ قانداق چىقىپ كېتىشنى پىلان قىلىپ ئەتراپقا قارىدى، ئۇنىڭ تەلىيىگە بۇ يېڭى سېلىنغان بىنا بولغاچقا ئىككىنچى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىدىكى ئىككى كۆزنەكلىك دېرىزە ئۇچۇق ئىدى، ئۇ،دېرىزىگە يامىشىپ چىقىپ كەينى تەرەپكە سىيرىلىپ چۈشتى،ئالىم تام بېغىرلاپ سېرىلىپ چۈشكەن بولغاچقا ھېچ قانداق زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇ،ئەتراپقا قاراپ قويۇپ بىنالارنىڭ ئارىلىقىدىن ئارلاپ ئۆتۈپ چوڭ يولغا چىقتى- دە كىچىك ماشىنىدىن بىرنى توسۇپ بۇ شەھەردىن ئايرىلدى،ھېلىقى ئادەم بولسا ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ بىرەر سائەتتىن ئارتۇق تۇرغان بولسىمۇ ئالىم چىقمىغاندىن كېيىن بىر نەرسىدىن ئەنسىرىگەندەك ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيگە چىقتى، لېكىن ئۇ ئادەم ، بۇ ئۆيگە ئادەم چىقمىغانلىقىنى ئېيتقاندىلا ئۆزىنىڭ قويۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ پەسكە قاراپ يۈگۈردى، بۇ چاغدا ئالىم بۇ شەھەردىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ بولغان ئىدى، ئەمدى غەيرەتكە كەلسەك، ئۇ ئەتىگەن سەھەردىلائورنىدىن تۇرۇپ ياتاقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن .يۈك- تاقلىرىنى ئېلىپ ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە يۈرۈپ كەتتى، لېكىن ئۇ نەگە بېرىشنى قەيەردە تۇرۇشنى بىلمەيتى، ئۇ، ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە بېرىپ بېلەت سېتىش ئورنىدىن ئاقسۇنىڭ بېلىتىدىن بىرنى سېتىۋالدى، چۈنكى كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق يەنىلا يىراق كەتمەسلىكنى ئويلىغان ئىدى، ھەم باشقىلاردىن بۇ يەردە يېڭى زاۋۇت- كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى، غەيرەت ماشىنىدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئەتراپتا يول ماڭغاندىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، ئۇ تۇغۇلۇپ تا مۇشۇ كەمگىچە ئۆزى تۇرغان كىچىككىنە ناھىيىدىن باشقا يەرگە چىقىپ باقمىغان ئىدى، ئۇ بۇ شەھەردىكى ئېگىز ھەيۋەت بىنالارغا،كەڭ كەتكەن ئاسفالت يوللارغا، ۋە دوقمۇش- دوقمۇشتىكى ھەر خىل- ھەر ياڭزا گۈللەرگە، ۋە قايناق بازارغا قاراپ ،بۇ شەھەردە تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلدى، ماشىنا بىكەتكە كىرىپ توختىغاندىن كېيىن . ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى ئاشخانىغا كىرىپ قورساق توقلاش بولدى،قورساق توقلاپ بولغاندىن كېيىن باشقىلاردىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ قىزىل كۆۋرۈك بازىرىغا يېقىن ئەتراپتىن ئۆي سەرەمجانلىرى تولۇق بولغان بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئورۇنلىشىۋالدى، ئۇ ئەمدى قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىپ بۇ شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، بۇ يەرنىڭ كەچلىك بازارلىرىمۇ بىر نەچچە يەردە بولۇپ، قىزىل كۆۋرۈكتىكى بۇ بازارمۇ ھەقىقەتەن قىززىپ قوياتتى،ھەتتا بۇ بازاردىن تۇخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلاتتى، غەيرەت بازار ئارىلاپ كۆرگەندىن كېيىن يەنىلا ئۆزىنىڭ ياغاچچىلىق كەسپىنى قىلىپ بېقىشنى ئويلاشتى، چۈنكى ئۇ بۇ ھۈنەرگە ھەقىقەتەن پىششىق بولۇپ ، بىرلا كۆرگەن نەرسىنى ئوخشىتىپ ياسىيالايتى، غەيرەت شۇ پىلاننى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىجارە ئالغان ئۆيگە قايتىپ كەلدى، ئۇ بازاردىكى ئەھۋاللارنى بىر -بىرلەپ خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ بازار ئېھتىياجىغا نېمىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ چىقتى، ئۇ بولسىمۇ كۇچىدىكى ھارۋا سۆرەپ تىجارەت قىلىدىغان تىجارەتچىلەرگە قولايلىق بولغان كۆپ ئىقتىدارلىق قۇل ھارۋىسى ياساپ چىقماقچى بولدى . چۈنكى ئۇ تىجارەتچىلەرنىڭ كەچتە قايتىدىغان ۋاقىتتا، ياكى ئەتىگەندە بازارغا كەلگەن ۋاقىتتا ،خېلى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى ئېغىر ھارۋىنى سۆرىگىنىچە باسىدىغانلىقىنى بىلگەچكە بىر تەۋەككۈل قىلىپ ياساپ بېقىشنى نىيەت قىلدى، ھەم قولىغا قەغەز -قەلەم ئېلىپ ئاشۇ ھارۋىنىڭ شەكلىنى، ۋە ، قانداق ماتېرىيال كېتىدىغانلىقىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، قايتا- قايتا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھارۋىنىڭ چېرتيوژنى سىزىپ چىقىپ كۆڭلى تەسەللى تاپقاندىن كېيىن يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى، ئۇ شېرىن ئۇيقۇ ئۇخلاۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا ئالىم بولسا بۈگۈن ئاقسۇغا كېلىپلا .يېڭىدىن سېتىۋالغان كىيىملىرىنى كىيىپ مۇشۇ شەھەردىكى نامى چىققان بىر كېچىلىك كۇلۇبقا كىرىپ ئايرىم بىر ئورۇندا ئالدىغا ئالىي دەرىجىلىك قىزىل ھاراقتىن بىرنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ،خۇددى بەز مارىغان مۈشۈكتەك ئەتراپقا قاراپ ئولتۇراتتى،ناخشىلارنىڭ شوخ ناخشىللىرغا جۆر بولۇپ ئويناۋاتقان قىز -يىگىتلەرگە قاراپ ھەسەت قىلغاندەك تاماكىسنى كۈچەپ شورايتتى،ئەگەر ئۇ يۇرتىدا بۇلغان بۇلسا ئىدى،بۇنداق ۋاقىتتا يېنىدىن بىر نەچچە قىز ئۈزۈلمەيتى، ئالىم ئەتراپقا ئوغرى مۈشۈكتەك قاراپ ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر جوزىدائولتۇرغان ئىككى قىزىنى كۆرۈپ قالدى، بۇ قىزلارمۇ خېلىدىن بېرى ئىككىسىلا ئولتۇرغان بولۇپ . پات -پات ئىككىسى بىرگە ئۇسسۇل تانسا ئويناپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ زامانىۋى بولۇپ. ئاساسەن مۈرىلىرى ئوچۇق ئالدى ئويما ياقىلىق گاڭسار ، كىيىپ .يوتىسىنى ئارانلا يېپىپ تۇرغان كالتە يوپكا كىيىۋالغان ئىدى . گىرىمنىمۇ ھەددىن زىيادە قىلىۋالغان بولۇپ . ئالدىدا بىر قۇتا قىزىل ھاراق تۇراتتى.

8-قىسىم

ئالىمنى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىردەم كۆزەتكەندىن كېيىن تانسا مۇزىكىسى باشلىنىشىغا ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ چەتتە ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك ، زىلۋا كەلگەن بىر قىزنى تانسىغا تارتتى . ئۇ قىز بولسا يېنىدىكى دوستىغا كۆزنى قىسىپ كۈلۈپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئالىم . ئۇ قىزنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ لىرىك تانسىغا چۈشۈپ كەتتى . ئالىم ئويۇن- تاماشا دېسە، پۇتىنى قويۇپ بېشىدا يۈگۈرىدىغان بولغاچقا . ئۇسسۇل --تانسا دېگەنگە قەۋەتلا ئۇستا ئىدى، ئۇ قىزنىڭ بەدىنىدىن بۇلسا گۈپۈلدەپ ئەتىر پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى ، ئالىم ،ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان خۇشپۇراقلەردىن مەست بولۇپ ئۇ قىزغا ئېغىز ئاچتى، -پاھ…پاھ خوش پۇراقلىق ئەتىرگۈلنىڭ ئۆزى ئىكەنسىز جۇمۇ! تونۇشۇپ قالساق بولامدۇ؟ ئۇ قىزمۇ ؟ خۇددى ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا . ئۇنىڭ كۆزىگە خۇمارلىق قاراپ قۇيۇپ ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەردى، -ئىسمىم گۈلقىز مۇشۇ شەھەرلىك ئۆزۈم بولسام ۋىلايەتلىك بىرىنچى دوختۇرخانىدا ئىشلەيمەن ئۆزىڭىزچۇ .؟ - ھە ، مە ئاقسۇنىڭ بىر ناھىيىسىدىن بۇ يەرگە بۈگۈن بىر ئىش بىلەن چىققان ئىدىم .ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئىچىم پۇشۇپ يەرگە كېلىشىم ئىدى، بۇ يەرگە ئادەم جۈپتى بىلەن كىرسە بولىدىكەن، بولمىسا باشقىلارنىڭ ئوينىغانلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇپ. ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالىدىكەن ھە راست. مېنىڭ ئىسمىم ئالىم ، ئۆزۈم تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن، دېدى ئالىم،ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەپ، ئۇلار تانسا ئوينىغاچ پاراڭلىشىپ بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتى،تانسا تۈگىگەندىن كېيىن ئالىم ئىككى قىزىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى،قىزلارمۇ گەپ قىلماستىنلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا قوشۇلدى، ئالىم بۇ ئىككى قىزلار بىلەن بىللە ئولتۇرغاندىن كېيىن تېخىمۇ مەردلىشىپ كەتتى،ئۇ مۇلازىمنى چاقىرىپ بىرنەچچە خىل قورۇما بۇيرۇتتى، چۈنكى بۇ كېچىلىك كۇلۇبتا ئادەتتە چوڭ -كىچىك قورۇمىلارنىمۇ چىقىراتتى، لىكىن باھاسى خېلى يۇقىرى ئىدى، ئالىم ئىككى قىز بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئۇسسۇل- تانسا ئويناپ خۇشاللىقىدا خودنى بىلمەيلا قالدى قىزلارغا نېمە لازىم بولسا شۇ ھامان بەجاكەلتۈرەتتى،قىزلارمۇبارغانسېرى ئۇنىڭغا ئىچىكىپ ھېچقانداق تارتىنش قالمىدى،ئالىمنىڭ بۇنداق سورۇنلاردا گەپ سۆزگە خېلى ئىپى بولغاچقا قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىپ ،ئۇلارنى كۈلدۈرۈپ سورۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى، لېكىن ، ئۇلار ئەمدى تازا قىزىپ ئولتۇرۋاتقان ۋاقىتتاكۇلۇبنىڭ كېچىلىك تىجارەت ۋاقتى توشۇپ كۆڭۈل ئېچىشقا كەلگەنلەربىر --بىرلەپ قايتىشقا باشلىدى، لېكىن ، بۇ قىزلارنىڭ تۇرقىدىن ئويۇنغا تېخى قانمىغاندەك قىلاتتى، - يۈرۈڭلار قىزلار!بىزنىڭ ياتاققا قايتىپ كېتەيلى ئاشۇيەردە قانغۇچەئىچىشپ ئولتۇرمامدۇق -ھۇي ئالىمجان! بىزنى ياتاققا تەكلىپ قىلىۋاتامسىز؟ بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ئوياندىن تونۇشۇپ ، بۇياندىن ياتاققا بارساق سىزنىڭچە ياخشى بولارمۇ؟ بىز ئۇنداق قىزلارغا ئوخشىمايمىز جۇمۇ! -ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمىز ؟ ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار؟ ئەمدى بۇ يەردە ئولتۇرايلى دېسەك ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ كىتىدىكەن، ياتاققا بارايلى دېسەم سىلەر قوشۇلمىساڭلار، قېنى سىلەرنىڭ پىكرىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمەن . -ئۇنداق بولسا ئالىمجان بىز «كىتىۋى »گە بېرىپ ناخشا ئېيتىپ كېلەيلى! مەن ياخشى بىر يەرنى بىلىمەن قانداق دەيسىز ؟ دېدى گۈلقىز، يېنىدىكى قىزغا مەنىلىك قاراپ قويغاندىن كېيىن ، -بولىدۇ ، چاتاق يوق! سىلەر باشلىغان يەرگە بارمىسام قانداق بولىدۇ،بۈگۈن كېچە قانغۇچە ئوينىمامدۇق،يۈرۈڭلار ئەمىسە كەتتۇق! ئالىم بۇ يەردىن ھېسابنى ئۈزگەندىن كېيىن ئىككى قىزنى قولتۇقلىغىنىچە مەغرۇرلۇق بىلەن چىقىپ كەتتى، ئۇلار ماشىنا توسۇپ گۈلقىز دېگەن «كېتىۋى»گە يېتىپ كەلدى،بۇ يەردە تۈن كېچە بولغان بولسىمۇكىرىپ چىقىۋاتقان مېھمانلارمۇ جىق ئىدى،ئالىم،مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ بىر ئايرىمخانىنى ئالغاندىن كېيىن ئىككەيلەننى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەتتى، ئۇلار كىرىپ ئۇزۇن بولمايلا مۇلازىم يىگىت بىر يەشىك پىۋا بىلەن بىر نەچچە خىل قۇرۇق يەل-- يېمىشلەرنى ئېلىپ ، كىرىپ جوزىغا تىزىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ،ئۇدۇلدىكى تامغا ئېسىلغان تېلېۋىزوردىن شوخ ئۇسۇللۇق ناخشىلار چىقىپ تۇراتتى،ئالىم ئۇلار بىلەن بىردەم بىرەر قۇتىدىن پىۋا ئىچشكەندىن كېيىن گۈلقىزنى تانسىغا تارتتى ۋە تانسا ئويناۋېتىپ ئېغىز ئاچتى، -ھە…گۈلقىز . بۇ يەردىن چىقىپ قاياققا بارىمىز ؟ بۇلمىسابىزنىڭ ياتاققا كېتەيلى! مېنىڭ سىزدىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، -ئالدىرىماڭ يىگىت! سىز نېمانداق ئالدىراڭغۇ دەيمەن ،ئاۋۋال بۇ يەردىن قايتىپ چىققان چاغدا بىر گەپ بولار ، قاراڭ ، تېخى بۇ يەرگە ئەمدى كىردۇق ، بىز تېخى ئىچىپ قانمىدۇق -مېنىڭ دېگىنىم شۇ …دوستىڭىز بار بولۇپ قالدى، سەل ئەپسىز بولۇپ قالامدۇ قانداق ؟ -ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ!ھېچنېمە بولمايدۇ، ئىككى بولساق تېخى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر ئۇنى قايتىپ كەت دېسەم كۆڭلىگە كېلىدۇ چۈنكى مەندە بار كۆڭۈل ئۇنىڭدىمۇ بار ئەمەسمۇ . بىر يەرگە ئىككىمىز بىللە بېرىپ كۆنۈپ قاپتۇق . بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئەگەر ئىككىمىزدىن قورقسىڭىزبىزمۇ ئۆيگە قايتىپ كەتسەك بولىدۇ، -ياق .… ياق ، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس،شۇ.… ئالغان ياتىقىم بىر كىشلىك ياتاق ئىدى،پەقەتلا بىر كارىۋات بار شۇ …شۇڭلاشقا قولايسىز بولۇپ قالارمىكىن دېگەن ئىدىم دېدى ئالىم نېمە دېيىشنى بىلمەي، -ھە ، مۇنداق گەپمىدى،ھېچقىسى يوق ئۈچەيلەن بىر كارۋاتتا ئۇخلايمىز، بىز قىزلار تۇرۇپ قورقمىساق سىز ئوغۇل بالا تۇرۇپ نېمە قورقۇپ كەتتىڭىزمۇ؟ -ھە ، ئۇنداق بولسا مەيلىغۇ، تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك تانسا ئاخىرلىشىپ ئۇلار ئۆز ئورنىغا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن گۈلقىز پىۋىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ھەر بىرسىنىڭ ئالدىغا بىرنى قويغاندىن كېيىن سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشكە دەۋەت قىلدى، شۇ يۇسۇندا بىر يەشىك پىۋا ئىچىپ بولدى، لېكىن ، نېمىشقىدۇرقىزلار خۇددى ھېچنېمە ئىچمىگەندەك ساق ئولتۇراتتى، ئەكسىچە ئالىم بولسا خېلىلا ئېغىر مەس بولغان ئىدى، قىزلار ، يەنە بىر يەشىك پىۋا بۇيرۇتتى، ئالىم مەسلىكىدە قىزلار بىلەن ئوڭ -تەتۈر بولۇپ تانسا - ئۇسسۇل ئويناپ ،يەنە ئولتۇرۇپ پىۋا ئىچىپ دېگەندەك بىردەمدىلا ھۇش كاللىسىنى ئۇقماي سافادا يېتىپ قالدى، گۈلقىز دوستى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالىمنى ئويغىتىپ باقتى، لېكىن ئالىم ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي خۇددى ئۆلۈكتەك سوزۇلۇپ يېتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى، گۈلقىز دوستى بىلەن ئۇنىڭ يېنىنى پۈتۈن ئاختۇرۇپ تېخى ئۇنىڭغا ئەتىگەنلا ھېلىقى ئادەمدىن قويۇۋالغان بىر تۇتام پۇلنى تېپىۋالدى- دە ، كۆزلىرى ھاياجاندىن چاقناپ كەتتى، ۋە ، پۇلنى ئېلىپ بۇ يەردىن تېزلىكتە چىقىپ كەتتى،ئالىم خېلى بىر كەمدىن كېيىن مۇلازىمەتچىنىڭ ئويغىتىشىدىن ئېسىگە كېلىپ، ئەتراپىغا قاراپ قىزلارنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ مۇلازىمەتچىدىن سورىدى - ماۋۇ يەردىكى قىزلار قېنى؟ -كىم كۈرۈپتۇ ؟ ئۇ قىزلارنى، چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى،سىلەر ئارتۇق گەپ قىلماي ھېساباتنى قىلىۋېتىپ كېتىڭلار!بىزمۇ ئىشتىن چۈشۈپ بۇيەرنى تاقايمىز، ھېلىمۇ بۇ يەردە سىلدىن باشقا ئادەم قالمىدى، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ئالىم مۇلازىمەتچىنىڭ بۇ قوپال مۇئامىلىسىدىن ئاچچىقى كېلىپ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ چىرايىغا ئاتماقچى بۇلۇپ قولىنى قويۇن يانچۇققا سېلىپ چۆچۈپ كەتتى،ۋە ھەممە يانچۇقلىرىنى بىر -بىرلەپ ئاختۇرغاندىن كېيىن خۇددى يېلى چىققان توپتەك لاسسىدە بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدى،چۈنكى ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر پۇڭمۇ قالمىغان ئىدى، -نېمىگە قاراپ ئولتۇرىسىلە قوپۇڭلار ! بىزمۇ قايتمىساق بولمايدۇ ،- دېدى مۇلازىمەتچى، توڭلۇق بىلەن . -يېنىمدىكى پۇل يوق تۇرىدۇ ، ھېلىقى قىزلار ئېلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ،خەپ… قانداق قىلسام بولار؟ - نېمە… بۇنداق گەپنى ماڭا دېمەي بىزنىڭ خوجايىنغا دېگىن! ئۇ قىزلارنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كىردىڭ!ئەگەر بۇ يەردىكى قىزلارنى ھەمراھ قىلغان بولساڭ بىز ئىگە بولاتتۇق، ئۇ ئىش بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق ،- دېدى مۇلازىمەتچى، باشتا سىلى ئۈزلىرى، دېگەن ئادەم ئەمدى بولسا ئۇنى سەنلەۋاتاتتى، ئالىم ئورنىدىن قوپۇپ بىر ، ئىككى چامدام مېڭىشىغا تېيىلىپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى، چۈنكى يەر يۈزى پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئالىم شۇنىڭدىلا ئىككى يەشىك پىۋىنىڭ قانداق قىلىپ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى، چۈنكى ئۇ قىزلار پىۋىنى ئالىم بىلەن سوقۇشتۇرۇپ قويۇپ،ئىچمەستىن ھەممىسىنى يەرگە تۆكۈپ ماڭغان ئىدى ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ خۇددى پۇتىغا تاش باغلاپ قويغاندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن مۇلازىمەتچىنىڭ باشلىشىدا بۇ يەرنىڭ باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى،تاقىرباش خوجايىن ئالىمنى كۆرۈپ مۇلازىمەتچىگە سوئال نەزىردە قارىدى، -خوجايىن بۇياقنىڭ ھېساباتنى قىلغۇدەك پۇل يوق ئىكەن شۇڭا بۇ يەرگە باشلاپ كېلىشىم، -نېمە پۇلى يوق ئادەمگە بۇ يەردە نىمە باركەن قارىغاندا مېنى ساخاۋەتچى كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ ، «ئىتمۇ جېنىدا، سۆڭەكنى چاغلاپ يەيدۇ» ياندا پۇل بولمىغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىمەن دېمەي چىملىققا باشلىسا بولمامدۇ دەيمەن،چىملىقتا ھېچكىم پۇل ئالمايدۇ مېنىڭ نېرۋامنى ئۆرلەتمەي پۇلنى چىقىرە ئاداش! -شۇ…شۇ خوجايىن، پۇل بار ئىدى بىرگە ئولتۇرغان قىزلار مېنى مەست قىلىپ قويۇپ ئېلىپ قېچىپتۇ،خېلى جىق پۇل بار ئىدى .ئەگەر ماڭابىر قېتىم يول قويساڭلارمەن ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە پۇلۇڭلارنى ئەكىلىپ بەرسەم! -ئۆتەپ باراۋە…ئاداش! سەندەك ئادەملەرنى جىق كۆرگەنمەن ،نەچچىسى ئەتە ئەكىلىپ بېرىمىز دەپ؟ ئىتتەك يالۋۇرۇپ شۇ پېتى قارىسىنى كۆرسەتمىدى . ئەگەر يېنىڭدا پۇلۇڭ بولمىسا پۇلغايارىغۇدەك نەرسىلىرىڭ باردۇ؟ شۇنى بولسىمۇ ، قويۇپ كېتىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن ئېلىپ كەتسەڭ بولىدۇ، دېدى خوجايىن …ئۇنى مەنسىتمىگەندەك، كۆزنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ،ئالىمنىڭ پۇلغا يارىغۇدەك پەقەت يېنىدا تېلېفونلا بار ئىدى،ئۇ تېلېفوننى يېنىدىن چىقىرىپ . خوجايىننىڭ ئالدىغا قويدى . -ھەي ، مۇشۇ نەرسەڭگە مىنى ئالدىماقچىمۇ ؟ بۇ ئەبجەق تېلېفونىڭ قانچە پۇلغا يارىماقچى ئىدى -شۇ مۇشۇنىڭدىن بۆلەك ھېچنېمە يوق ئىدى . خاتىرجەم بولۇڭ ، خوجايىن . ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە پۇلىڭىزنى تەل قىلىپ كېلىمەن . … ئالىم تىزلانمىدى يۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ھەممە گەپلەر بىلەن يالۋۇرۇپ باقتى . لېكىن ، خوجايىن . ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ ئۇنىڭ قايتىشىغا يول قويمىدى، -ئەگەر پۇلنى تۆلىيەلمىسەڭ، ئىشتان چاپانلىرىنىڭنى سېلىپ قويۇپ كەت… مۇشۇنداق قىلغاندىلا؟ سەن كەلمىسەڭمۇ … ئۇ پۇلنىڭ مەرىدىن كېچىمەن . ئالىم ئاخىرى ئامال قىلالماي . تېخى ئەتىگەنلا قىممەت سېتىۋالغان . كاستۇم بۇرۇلكىسىنى . سېلىپ بېرىپ تېلېفونىنىمۇ قويۇپ قويۇپ ، ئىچ كىيىمى بىلەنلا . بۇ يەردىن چىقىپ كەتتى . تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان بولۇپ كوچىلاردا ئادەممۇ يوق دېيەرلىك ئىدى . بولغان تەقدىردىمۇ . بىر نەچچەيلەن . ئالىمنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ . مازاق قىلغىنىچە . قاراپ قالدى . بۇ يەر بىلەن ئالىم چۈشكەن ياتاقنىڭ ئارىلىقى . خېلىلا يىراق ئىدى، بارغانسېرى تاڭ سۈزۈلۈپ كېتىپ باراتتى . ماشىنىغا چىقاي دېسىمۇ ؟ يېنىدا پۇل بولمىغاچقا . ئارقا كوچا بىلەن يۈگۈرۈپ دېگەندەك . تاڭ سۈزۈلگەندە مېھمانخانىغا كىرىپ كەلدى . مېھمانخانىدىكى ئامانلىق قوغدىغۇچى . ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ، ئالدىنى توستى . ئالىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ . ياتاق كارتىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكەندىلا . ئۇنىڭ ياتاققا چىقىشغا يول قويدى . ئالىم ، ياتاققا چىقىپ خېلى بىر ھازاغىچە ، ئولتۇرۇپ كەتتى . قانداق قىلىش ؟ نېمە قىلىشنى؟ بىلەلمىدى . ھە ، ئۇيان ئويلاپ -بۇيان ئويلاپ . ئاخىرى ھېلىقى قىزنىڭ ئاخشام . دەپ بەرگىنى بويىچە بىرىنچى ، دوختۇرخانىغا بېرىپ باقماقچى بولۇپ مۇنچىغا چۈشكەندىن كېيىن ، يەنىلا شۇ كونا كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ . ياتاقنى ئۆتكۈزۈپ ئالدىنالا زاكالەت بەرگەن . يۈز نەچچە يۈئەن پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى . ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ. يېرىم كۈن سۈرۈشتۈرۈپمۇ ؟ گۈلقىزنى تاپالمىدى . ئۇچرىغانلىكى ئادەملەردىن سۈرۈشتۈرۈپ باقتى . ئۇلار بۇ يەردە بۇنداق قىز بالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقاندىلا. لاسسىدە بولۇپ روھسىز ھالدا قايتىپ چىقتى . پۇلنىڭ دەردىدە . ئىچى ئاچچىق بولۇپ كەتكەن ئىدى ، ھېلىمۇ تەلىيىگە ياتاقتىن قايتۇرغان يۈز نەچچە يۈئەن زاكالەت پۇلى ئاچ قويمايتى ، ئۇنىڭ ھېلىقى ئادەمدىن قويۇۋالغان پۇلى . ئون بەش مىڭ يۈئەن بولۇپ ئۆزىنىڭ يېنىدىمۇ ؟ بىر ئىككى مىڭ يۈئەن پۇل بار ئىدى . ئۇ كوچىدا گۈلقىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك قىزلارنى كۈرۈپ قالسا. ئوغرى مۈشۈكتەك قاراپ كېتەتتى . گۇلقىزنىڭ تاسادىپىي ئۇچراپ قېلىشنى . بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى . لېكىن پۇلنى ئالغان ئادەم .-- مېنى تېپىۋال…… دېگەندەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈرمەيدۇ دە .… ئالىم،قۇرسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن كىچىككىنە بىر ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى، ئاشخانا كىچىك بولسىمۇ تاماق يەيدىغانلار خېلى كۆپ بولۇپ ، ئۇ بىر بۇلۇڭدىكى. جوزىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى . ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر ئادەم تاماق يەپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئادەم تاماق يەۋاتقاچ تېلېفوندا پاراڭلىشىپ بىرسى بىلەن بىرنېمىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى . چىرايلىققىنە كەلگەن كۈتكۈچى قىز ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلىپ. چاي قۇيغاندىن كېيىن نېمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىدى . ئالىم ئۆي لەغمەندىن بىر تەخسە بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن مۇلازىم قىز قويۇپ قويغان. پىيالىدىكى چايدىن بىر يۇتۇم ئىچكەچ . كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ بارغان قىزنىڭ . ئۆزىگە ناھايىتى ماس كەلگەن زىلۋا ئۇستىخىنىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ پىيالىنى ئالدىغا قويدى . لېكىن قولى تىترەپ كەتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ؟ پىيالىدىكى چاي . تۆكۈلۈپ قارشى تەرەپتىكى تاماق يېگەچ تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ . ئالدىغا ئېقىپ چۈشتى . قىزىق چاينىڭ كۆيدۈرۈشىگە چىدىمىغان ئۇ ئادەم . سەكرەپ ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئورۇندىن تۇرۇش بىلەن تەڭلا . قولىدىكى تېلېفون يەرگە چۈشۈپ . ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى . ئۇ ئادەم بولسا ئالىمغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ ئۇنىڭ كانىيىغا ئېسىلدى . --بۇ نېمە قىلغىنىڭ ھۇي… چاي ئىچەلمىگەن نېمەڭگە . ئىچمىسەڭ بولمامدۇ .تېلېفونۇمنى تۆلەپ بەر . --كە…كەچۈرۈڭ…! مەن قەستەن قىلمىغان . دىدى ئالىم تۇيۇقسىز . بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارغا ، ئۆزىمۇ ئىشىنەلمەي . --نېمە كەچۈرۈڭ بىلەن ئىش تۈگەمدىكەن . قاراپ باقە ماۋۇ تېلېفونغا . بۇ تېلېفونغا بارغۇ ؟ سەندەك يالاڭتۆشنىڭ بىر ئايلىق ئايلىقىمۇ چىقىشمايدۇ ، ئۇقتۇڭمۇ ؟ --خاپا …بۇلماڭ… ئاكا… مەن قەستەن قىلمىغان . بۇنى تۆلەپ بەر دېسىڭىز . مەندە پۇل يوق . (كىكەچلەپ تۇرۇپ) --سەندە پۇل بارمۇ يوق … ئۇنى سورىمىدىم . ئارتۇق گەپ قىلماي بۇ تېلېفوننى تۆلەپ بەر. بولمىسا كۆرگىلىكىڭنى كۆرسىتىمەن ، ئۇ ئادەم شۇنداق دېگىنىچە . ئۇنىڭ كانىيىنى تېخىمۇ كۈچەپ بوغۇشقا باشلىدى . بۇ ئارىلىقتا ئاشخانىدىكى . مۇلازىمەتچى قىز بىلەن يەنە بىر ئايال چىقىپ . ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتى . -- بۇ يەردە جېدەل چىقارساڭلار بولمايدۇ . ئۇرۇشساڭلا… سىرىتقا چىقىپ ئۇرۇشۇڭلار . بىز تىجارەت قىلمىساق بولمايدۇ . (يېشى چوڭراق ئايال) -- نېمە ؟ بۇ ئاشخانىدا بولغان ئىش بولغاندىن كېيىن . مۇشۇ يەردە بىر تەرەپ قىلىمىز . سىز بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشماي . قازان بېشىغا چۈشكەن چۆپىڭىزنى تېرىپ يەڭە . --ھۇي… نېمە دەۋاتىسىز ؟ ئۇنى قازان بېشىدىكى چۆپنى تېرىپ . يەيدىغان كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ. ئاغزىڭىزغا بېقىپ سۆزلەڭ . چۆپ يېسەممۇ . سىزدەك ئادەمنى نەچچىنى سېتىۋالغۇچگىم بار . ئۇ ئايال شۇنداق دەپ . ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالدى . شۇ ئارىلىقتا . ھېلىقى ئادەمنىڭ قولى سەل بوشاپ قالغانلىقتىن پايدىلانغان ئالىم .بىر يۇلقۇنۇپلا ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ چىقتىدە ، ئالدى كەينىگە قارىماي ، بەدەر تىكىۋەتتى، ئۇ خۇددى ھېلىقى ئادەم كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك . جان جەھلى بىلەن قېچىۋاتاتتى . ئۇ شۇ قېچىشىدا بىر ئاممىۋى تازىلىق ئۆيىدىن . چىقىۋاتقان بىر ئادەمگە سوقۇلۇپ توپتەك قاڭقىىپ كەينىگە نەچچە موللاقشىپ يىقىلد . ئۇ سوقۇۋەتكەن ئادەم بولسا خېلى ئۇستىخانلىق ئادەم بولۇپ بىر مېتىردەك كەينىگە داجىغىنىچە. ئۆزىنى توختىتىۋالدى. ئالىم خېلى چىڭ چۈشكەن بولسا كېرەك . بېشىدىن قان ئېقىۋاتاتتى . ھېلىقى ئادەم ئاستا بېرىپ ئۇنى يۆلىدى .

9-قىسىم

- نېمانداق … يۈگرەيسىز . كەينىڭىزدىن بىرسى قوغلاۋاتامدۇ . دېدى ئۇ ئادەم . ئۇنى يۆلەپ تۇرغاچ ، ئۇ كەلگەن تەرەپكە قارىدى، -- يا…ياق بىر يەرگە ئالدىراپ ماڭغان . كەچۈرۈڭ ، سىزنى سوقۇپ قويدۇم . دېدى ئالىم خۇددى ھېلىقى ئادەم كېلىپ قالىدىغاندەك . ئەتراپقا ئالاڭلاپ قاراپ . -- ياق… ھېچقىسى يوق ، مەن ھېچنېمە بولمىدىم .… لېكىن … سىز تازا ياخشى ئەمەسقۇ دەيمەن ؟ يۈرۈڭ ، سىزنى دوختۇرغا ئېلىپ باراي . -- ياق ، بولدى ئاكا ، ھېچقىسى يوق . چوڭ چاتاق يوق ئەگەر ئالىمنىڭ ئىختىيارى قويسا . ئۇنىڭ دېگىنىگە كۈنۈپ دوختۇرخانىغا بارغۇسى بار ئىدى لېكىن ھېلىقى ئادەمنىڭ قوغلاپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ . بۇ يەردىن ئىتتىك كېتىشنى ئويلاۋاتاتتى. -- ئۇنداق دېگەن بىلەن بولمايدۇ ئۇكام . يۈرۈڭ ماشىناممۇ تەييار… ئۇ ئادەم شۇنداق دېگىنىچە ، ئۇنى يۆلەشتۈرۈپلا . نېرىدا تۇرغان بىر قارا رەڭلىك سانتانا ماشىنىغا چىقىرىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى . - ھە ، ئۇكام ، ئۆزىڭىزنى نەدىن . سورايمىز ؟ سورىدى ئۇ ئادەم . ماشىنا ھەيدەۋېتىپ ئالدىمغا قاراپ قۇيۇپ،ئالىم ئۆسۈپ چوڭ بولغان ، ناھىيىنىڭ ئىسمىنى دەپ بەردى . - قانداق ، بۇ يەرگە بىرەر ئىشقا چىققانمۇ ؟ -- شۇنداق . بىرەر ئىش- ئوقەتنىڭ ئېپىنى قىلاي دەپ چىققان ئىدىم . لېكىن ، پۇللۇرۇمنى يوقىتىپ قويدۇم . ئۇ شۇنداق دەپ . پۇلنى يوقاتقان جەرياننى سۆزلىمەستىن ، باياتىن ئاشخانىدا بولغان ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بەردى . ئۇ ئادەم بىر ھازا قاقاقلاپ كۈلگەندىن كېيىن . كۈلكىدىن توختاپ ئۇنىڭدىن سورىدى . - سىزدىن سوراپ باقاي ئۇكام . دەسمىيىدىن پۈتۈن ئايرىلىپسىز . ئەمدى قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز . بىرەر ھۈنىرىڭىز بارمۇ ؟ -- شوپۇرلۇقتىن باشقا ھۈنۈرۈم يوق … ھازىر قانداق قىلىشنى بىلمەيمەن ؟ بەلكىم ئىشلىشىم كېرەكتۇ… لېكىن شۇ ئىش ئورنىنىمۇ نەدىن تاپىمەن دەڭە -- ئوھۇي… شوپۇر دەڭ . مانا … مانا . «قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىسىمۇ ؟ ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ .» دېگەن گەپ مۇشۇ دە مانا . -- بۇ نېمە دېگەنلىرى ئاكا . -- ھەي ئۇكام نېمىسىنى دەيمەن ؟ مەن ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپقان بىلەنمۇ ؟ بىرەر پەرزەنتىم يوق . ھەتتا مۇشۇ ماشىنىمۇ . ئۆزۈم ھەيدەپ يۈرۈيمەن . قېرىلىقنىڭ ئالامىتىمىكىن تاڭ ئۇقمىدىم . بەزىدە مۇشۇ كۆزلىرىم تازا ياخشى كۈرۈپ كەتمەيدۇ . بەزىدە ، مۇشۇ سەۋەبلىك . بىرەرسىنى سوقۇپ قويۇپ قويارمەنمۇ دەپ . ئويلاپ قالىمەن . مانا ، ئەمدى ساڭا يولۇقتۇم ،ئىنىم… بولدى ، خىزمەت ئىزدەپ ئاۋارە بولما . ئاۋال دوختۇرخانىغا كىرىپ چىقايلى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى ؟ دېدى ئۇ ئادەم . سەمىمىيلىك بىلەن .، لېكىن ئۇ بىلمەستىن . بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى . « كەچ قويغاننى، ئاچ قويماپتۇ» دېگەندەك . قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغان ئالىمغا . بۇ گەپ مايدەك خۇشياقتى . - رەھمەت ئاكا . مەنمۇ نەدىن ئىش تاپارمەن دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم . تەقدىر -قىسمەت ئىككىمىزنى ئۇچراشتۇرۇپتۇ . مەن چۇقۇم سىزنىڭ دېگەن يېرىڭىزدىن چىقالايمەن . بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى . ئابدۇللا . بولۇپ خېلى يۈز -ئابرويى بار . تىجارەتچىلەردىن ئىدى .ئۇ بەزىدە تىجارەت سەۋەبى بىلەن ئىچكىرىلەرگىمۇ كېرىپ چىقاتتى .لېكىن بايلىق بولغان بىلەن ، بىرەرمۇ پەرزەنتى يوق ئىدى . ئۇ ئۆزىگە ئىشەنچلىك بولغان . بىرەرسىنى تېپىپ ياردەمچى قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپى . ئاشلىق -ماي تىجارىتى بولۇپ دۇكىنىدىن ھەر قانداق ئاشلىقنىڭ ، ھەر خىل تۈرلىرى تېپىلاتتى . ئادەتتە ئۇنىڭ گۈرۈچلىرىمۇ شەرقىي شىمالدىن بىۋاسىتە بۇيرۇتۇپ ئېلىپ كېلىنەتتى، ئاساسەن ئۇ ئاشلىق- ماينى توپ تارقىتاتتى . ھەتتا ئۇنىڭدىن باشقا ناھىيىلەردىمۇ زەنجىرسىمان دۇكانلىرى بار بولۇپ ، ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان ئادەملەر بار ئىدى .بۈگۈن ئۇ نېمىشقىدۇر ، ئالىمنى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى .ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئالىمنى ياقتۇرۇپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى . چۈنكى تۈلكە ئۆزى ھىيلىگەر ، قۇۋ ، مەككار بولغان بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشى . ئادەمنى جەلپ قىلدى ئەمەسمۇ ؟ئالىم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن . ئابدۇللا ئاكىنىڭ قېشىدا ماشىنا ھەيدەپ ۋە ، ئۇششاق چۈششەك ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىپ جېنىنى بېقىپ كەلدى . ئەگەر تاساددىپىي ئابدۇللا ئاكا ، ئۇچرىمىغان بولسا قانداق قىلار بولغىيتتى ؟ قېنى ئوقۇرمەنلەر . ئالىم ،ئابدۇللا باينىڭ يېنىدا تۇرىۋەرسۇن . بىز ئەمدى غەيرەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ باقايلى ؟ غەيرەت ، ئاخشامقى پىلانى بويىچە ئەتىگەندە سەھەردە ئورىدىن تۇرۇپلا . ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئىزدەپ بازار ئايلاندى . ئۇنىڭكى ئالماقچى بولغان نەرسىلىرى . بىر يەردىلا بولمىغاچقا. نەچچە يەرنى ئىزدەپ كەچ بولغىچە تەل قىلىپ ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىن باشلاپلا تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى . ئۇ ئىشنى ناھايىتى پۇختا قىلاتتى . ھەتتا ئۇ ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىنى توك ئارقىلىق ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان قىلىپ ياساپ چىقتى . ھارۋىنىڭ ئاستىغا بولسا نەرسە كېرەك ۋە مال قويىدىغان ، قىلىپ لايىھىلىگەندىن سىرت .يان تەرىپىگە كىچىك بىر توك پار ئورۇنلاشتۇردى . ئالدى كەينى بولۇپ بۇ ھارۋىنىڭ پۈتۈشىگە بىر ھەپتىدىن ئوشۇق ۋاقىت كەتتى . چۈنكى بۇ تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقا پۈتتۈرۈشكە ئالدىرىمىغان ئىدى . بىر ھەپتىدىن كېيىن چۈشلۈكى ھارۋا پۈتۈپ ساق قولدىن چىقتى . ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىلا بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ھارۋىنى بازارغا ئېلىپ چىقتى . بۇ ھارۋىنىڭ نەقىشلىك سىرلىرىغا مەھلىيا بولغان كىشىلەر بىردەمدىلا ھارۋىنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى . غەيرەت ئۇلارغا بۇ ھارۋىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى . -- بۇ ھارۋىڭىز قانچە پۇل ؟ سورىدى . شاپ بۇرۇت بىر ئادەم . قىستىلىپ ، ئالدىغا ئۆتۈپ . -- ھە ، ئىككى مىڭ سوم . دېدى غەيرەت ، تەمكىن ھالدا . - بولىدۇ، مەن سىزنىڭ دېگىنىڭىزگە ئالاي باھا تالاشمايمەن . لېكىن سىز بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىدىغان ئازراق ئىشلار بار ئىدى . ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ .؟ - بولىدۇ . ۋاقتىم يېتەرلىك پاراڭلاشساق بولىدۇ ؟ -- بولىدۇ ئۇنداق بولسا . بىز ماڭايلى … غەيرەت ھارۋىنى ئىتتىرىپ . ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى . ئۇ ئادەم غەيرەتنى ئەگەشتۈرۈپ ئون نەچچە مىنۇت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن . يوغان بىر قورۇ ئالدىغا كېلىپ توختىدى . -- قېنى ئۇكام ، ئاۋۋال ئىچىگە كىرەيلى . غەيرەت ھارۋىنى ئىتتىرىپ قورۇ ئىچىگە ئېلىپ كىردى ؟ بۇ قورۇ . ھەقىقەتەن يوغان بولۇپ . ئىككى قەۋەت قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەر ۋە تاملاردىكى ھەر خىل -ھەرياڭزا نەقىشلەر . ھويلىغا تېرىپ ئىككىنچى قەۋەتكىچە يامىشىپ چىققان ھەشقىپىچەك گۈللەر .ئېگىز قىلىپ ئېلىنغان ئۈزۈم باراڭلار . ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى گۈللۈك تامغا . تىزىپ قويۇلغان ھەر خىل تەشتەكلىك گۈللەر . بۇ ھويلىغا ئالاھىدە ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى . -- قېنى ئۇكام ھارۋىنى قويۇپ، قويۇپ ئۆيگە كىرىڭ … قالغان گەپنى ئۆيدە دېيىشەيلى . ئۇ ئادەم شۇنداق دېگىنىچە غەيرەتنى بىرىنچى قەۋەتكە جايلاشقان مېھمانخانا ئۆيگە باشلىدى . غەيرەت مېھمان خانا ، ئۆيگە كىرىپلا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قالدى . بۇ ئۆينىڭ تۆت تامدىكى ۋە ئۈستىدىكى نەقىشلەر . ھەر خىل پۇسۇن چىقىرىپ ياسالغان دېرىزىلەر . كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئۆي- بېزەكلەر . يەر ئاستىغا سېلىنغان گىلەملەر . ۋە قىممەت باھالىق ئېسىل پەردىلەر . چۆرىدەپ قويۇلغان سافالار . بۇ ئۆينى خۇددى خان ئوردىسىغىلا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى . -- قېنى ئۇكام كېلىڭ ئولتۇرۇڭ، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ غەيرەت قورۇنۇپقىنە . سافاغا كېلىپ ئولتۇراتتى . ئۇ مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق چىرايلىق ئۆيلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، -- ھە ، ئۇكام . ئۆيدىكى خوتۇن- بالىلار چوڭلارنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بەلكىم بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭلاشقا تاماق ئېتىش مۇمكىن بولمىدى ؟ ۋاقتىنچە چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ تۇرايلى . پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ تاماق يېسەكمۇ بولىدۇ . --ھېچقىسى يوق ، ئاكا … تاماق يېگۈدەكمۇ پۇرسەت بولار . سىز دېيىشىدىغان پاراڭلاربار دېگەن ئىدىڭىز . ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ . -- بولىدۇ ئۇكام . مەن بۈگۈن سىزنىڭ بۇ ياساپ چىققان ھارۋىڭىزنى كۆرۈپ ، سىزدە باشقىلار بايقاپ باقمىغان تالانت بارلىقىنى بايقىدىم . شۇڭلاشقا سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان بىر ئش بار ئىدى . ئاۋۋال سىزنىڭ ھارۋىنىڭ پۇلنى بېرىۋېتەي . ئۇ ئادەم شۇنداق دەپ ، يېنىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ ئىككى مىڭ يۈئەننى ئايرىپ غەيرەتنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى . -- رەھمەت ئاكا .… قانداق مەسلىھەتىڭىز بولسا . ئاڭلاپ باقاي . -- ئاۋۋال سىزگە مەن بىر نەرسە كۆرسىتەي . قالغان گەپلەرنى شۇ ۋاقىتتا پاراڭلىشايلى . ئۇ ئادەم شۇنداق دەپ ، غەيرەتنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ ، كۈن ئولتۇرۇش تەرەپكە سېلىنغان بىر ئۆينىڭ ئىشىكنى ئېچىپ غەيرەتنى باشلاپ كىردى .غەيرەت بۇ ئۆيگە كىرىپلا كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى . چۈنكى بۇ ئۆي پۈتۈنلەي زامانىۋى ياغاچچىلىق ئەسۋابلىرى بىلەن تولغان بولۇپ ئەسلىدە بىر ياغاچچىلىق كارخانىسى ئىدى . -- مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئۇكام… مېنىڭمۇ كەسپىم ياغاچچىلىق ئۆي بېزەكچىلىك دېگەندەك ؟ بىر ئۆمۈر مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ كەلدىم . ئەمدى يېشىم چوڭايغاندا .بۇ ئىش ماڭا سەل … ئېغىر كېلىدىكەن ؟ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولسا ھەممىسى قىز . شۇڭلاشقا بۇ كەسپىمگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئادەم يوق . مەن بۇ كەسىپنى توختىتىپ قويغىلى . بىر نەچچە يىل بولدى . ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ شەھەر ئىچىدە . ئۆي جاھازلىرى ؟ ۋە رېستورانلارغا كېرەكلىك جوزا- ئۈستەل بېزەكچىلىك دېگەن نەرسىلەرنى مەن قىلاتتىم . ئۇ ۋاقىتتا شاگىرتلىرىممۇ بار ئىدى . ئۇلارنىڭ ھازىر ھەممىسى دۇكان ئايرىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھازىر دەۋر تەرەققىي قىلىپ بۇرۇن كونا پاسونلار . ئەمەلدىن قالدى . ھازىر ھەممەيلەن يېڭىلىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر . بىزنىڭ بۇ سەۋىيىمىز ئۇلارنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ساھەدە تەڭ ئىلگىرلەپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن . بۇ شەھەردە ئادەتتە ئۆي جاھازلىرىنى باشقا يەرلەردىن كىرگۈزىدۇ .ئەگەر بىز ئاشۇلاردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە . ياساپ چىقساق . تەننەرخى ئۇلارنىڭكىدىن ، خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ ، دېگەن گەپ . چۈنكى ئۇلار…يۈتكەپ كېلىش جەريانىدىكى راسخوتلىرىنى ئەكەلگەن ماللىرىغا قوشۇپ ساتىدۇ . بىزچۇ ؟… بۇ يەردە ئىشلەپ چىقارغاندىكىن ئەلۋەتتە . خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ، ئەھۋالدا . مۇۋاپىق چىقارساق . ھە ئۆزىمىزمۇ پايدىغا ئېرىشىمىز . شۇنداقلا باشقىلارنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرەلەيمىز .… ئۇ ئادەم . گېپىنى دەپ بولۇپ سوئال نەزىرى بىلەن غەيرەتكە تىكىلدى . غەيرەت بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى . بۇ ئادەمنىڭ دېگەنلىرى ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئارزۇلىرى ئىدى . لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئانچە ئىشەنچ قىلالمايتتى . -- بۇ .… ئويلىغانلىرى ياخشى ئىكەن . لېكىن ، مەن بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيمەن . چۈنكى مېنىڭ بۇ ئىشتا ، ئانچە بەك تەجرىبەم يوق . شۇڭلاشقا بۇ توغرۇلۇق سىزگە ۋەدە بېرەلمەيمەن . -- ياق ، ئۇكام . بۇنداق ، ئالدىراپلا گەپنى كېسىۋەتمەڭ . سىزنىڭ قابىليىتىڭىزگە ئاشۇ ھويلىدا تۇرغان قول ھارۋىسى گۇۋاھ .… چۈنكى سىز ئاشۇ سىرتتا تىجارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ . بۇ ھارۋىنى ياساپ چىقتىڭىز . چۈنكى سىزنىڭ قەلبىڭىزدە باشقىلارغا بولغان . مېھرى --مۇھەببەت بار ، دەپ پەرەز قىلىمەن . باشقا ئىشلاردىن سىز خاتىرجەم بولۇڭ . يېنىڭىزدا ، مەن بار .… ئەگەر ئەپسىز كۆرمىسىڭىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ،ھە راست سىزگە تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئىسمىم ئابلا،ئادەتتە مېنى ئابلا موجاڭ دەۋالىدۇ، ئادەتتە بۇ دېگىنى ئابلا ياغاچچى دېگەن گەپ، مەنمۇ كۈنۈپ كەتتىم . ھازىرمۇ بۇ تەۋەلىكتە مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرسا تونۇمايدىغانلار ئاز ئەمەس ئۇلار شۇ پاراڭ بىلەن ئۆز- ئارا تونۇشۇپ، سىردىشىپ ،پاراڭلىشىپ دېگەندەك ئاخىرىدا پىكىردە بىردەككە كېلىپ،غەيرەت بۇ يەردىن خوشلۇشۇپ قايتىپ چىقتى . شۇنداق قىلىپ ، غەيرەت بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تىرىشقاننىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى بۈگۈن تېتىپ كۆردى، ھەم بىر ھەپتىلىك ھاردۇقى خېلىلا چىقىپ قالغان ئىدى،ئۇ ئابلا موجاڭنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىقىپ، ئۆيىگىمۇ بارماستىن ئۇدۇل بازارغا بېرىپئۆيگە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئابلا موجاڭ بىلەن دېيىشىپ ئەتىدىن باشلاپ ياغاچچىلىق سېخىغائىشقا چۈشۈشنى پۈتۈشۈپ قويغان ئىدى . ئەتىسى ئابلا مۇجاڭ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە خىل جوزا- ئۈستەلنىڭ نۇسخىسىنى ئەكىلىپ كۆرسىتىپ مۇشۇ شەكىلدە بىر يۈرۈش ياساپ چىقىشنى بۇيرۇدى،غەيرەت،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تۇتۇش قىلىپ ئون كۈن كەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇيرۇتۇلغان بىر يۈرۈش جوزا- ئورۇندۇقلارنى پۈتتۈرۈپ ئابلا مۇجاڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئابلامۇجاڭ تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كىين چىرايىدىن مىننەتدارلىق تۇيغۇسى جىلۋىلەندى، -دېمىدىممۇ ئۇكام! مەن ئەزەلدىن ئادەمنى خاتا تاللىمايمەن ،سىزنى تاللاپ توغرا قىلىپتىمەن، بۇ جوزا- ئورۇندۇقلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ياخشى چىقىپتۇ،ئەمدى سىز ھېلىقى ئۆزىڭىز ياساپ چىققان ھارۋىدىن ئون دانە ياساپ چىقىشىڭىز كېرەك؟سىزگە ياردەملىشىدىغانغا بىر نەچچە ئادەم ئەكىلىپ بېرىمەن،ئۆتكەندە سىز ياساپ چىققان ھارۋىنى بىرسى كۈرۈپ ياقتۇرۇپ قاپتۇ، شۇنىڭدىن ئون تال لازىم دېگەن ئىدى،ھەر ھالدا،ئىشلىرىمىز ياخشى كېتىپ بارىدۇ،ماۋۇ قانداق تەلىپىڭىز بولسا ئېيتسىڭىز بولىدۇ، ھەر قېتىملىق سېتىلغان مالدا سىزنىڭ پايدىڭىزنى ئايرىپ بېرىمەن، ھېساب- كىتابنىڭ ئېنىق بولغىنى ياخشى، -بولىدۇ ، ئابلا ئاكا!مەن بۈگۈندىن قالماي بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلاي، -ھاي… ھاي!نەچچە كۈندىن چارچىدىڭىز ئۇكام، بىرەر كۈن ئارام ئېلىڭ! ئىش دېگەنچۇ ئۆلگەندە تۈگەيدۇ، بەك ئالدىراپ كەتمەي ئۆزىمىزنىمۇ ئويلىشىمىز كېرەك؟ پۇل تېپىشنىلا بىلىپ خەجلەشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ پۇل تاپقىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئايالىم بالىلارنى ئېلىپ قايتىپ كېلىدۇ،شۇڭلاشقا بۈگۈن ئارام ئېلىشىمىز كېرەك؟ئەگەر سىزنىڭ باشقا ئىشىڭىز بولمىسا بۈگۈن كەچلىك تاماقنى ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەيلى،قانداق قارايسىز؟ -بولدى ئابلا ئاكا،سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مەن قىسلۋالسام قانداق بولىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئازراق ئالىدىغان نەرسىلىرىم بار ئىدى قايتىپ كېتەي! -بولىدۇ ئۇكام،ئۇنداق بولسا سىزنى تۇتىۋالماي،سىلەر ياشلارنىڭمۇ ئۆزۈڭلارغا چۇشلۇق ئىشىڭلار بار! ئەگەر بىرنەرسە لازىم بولسا ماڭا دەڭ! -رەخمەت ئاكا،ھازىرچە لازىم ئەمەس،لازىم بۇلۇپ قالسا تارتىنمايمەن،بۇلىدۇ ،ئۇنداق بۇلسا مەن قايتىپ كىتەي! غەيرەت،ئابلا مۇجاڭ بىلەن خۇشلۇشۇپ قايتىپ چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۈتمەيلا،ئابلا مۇجاڭنىڭ ئىشك ئالدىغا بىر كىچىك كىرا ماشىنىسى كىلىپ تۇختاپ، ماشىنىدىن ئۇنىڭ خۇتۇن -باللىرى چۈشۈپ كەلدى، ئىككى قىزى ماشىنىدىن چۈشۈپلاماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققان ئابلا مۇجاڭغا ئېسىلدى، --دادا…سىزنى بەك سېغىندۇق! -قىزلار شۇنداق دېگىنىچە ئابلا موجاڭنى قۇچاقلاپ سۈيۈپ كەتتى، -ھاي…ھاي…جىنتەكلە! قاچانغىچە چۇڭ بۇلمايسىلەر!داداڭلار ماڭىمۇ قېلىپ قالسۇن ،قاراڭلار داداڭلارغا!بىز ماڭغان ۋاقتىمىزدابىر ئۇبدان قېلىپ قالغان ئىدى، ئەمدى بۇلسا خۇددى شۇراپ تاشلىۋەتكەن كەمپۈتتەك بۇلۇپ قاپتۇ، زادى يېنىدا مەن بولمىسام بىكار بۇ قېرىغا، باھارگۈل ھەدە يىگىرمە نەچچە يىل بىرگە ياشاپ كەلگەن بۇ كۆيۈمچان ۋاپادارغا چاقچاق قىلغاچ ئۇنىڭغا مېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى. -شۇنى دەڭلار ئانىسى،ئەگەر يەنە بىر نەچچە كۈن كەلمىگەن بولساڭلار كەينىدىڭلاردىن باراتتىم ،سىلەر ئايال خەقلەرغۇ ئەزەلدىن .« ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگسىلە» شۇڭلاشقابىر يەرگە بارساڭلار ئالدىراپ كەلمەيسىلەر!بولۇپتۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ؟ قانداق ئۆيەردىكى ئۇرۇق- تۇغقانلار سالامەتچىلىكمىكەن؟

10-قىسىم

دىدى ئابلا مۇجاڭ، ئىككى قىزنىڭ چاچلىرنى سىلاپ ئەركىلەتكەچ كۈز ئەتراپىغا ئانچە -مۇنچە قۇرۇق چۈشسىمۇ يەنىلا گۈزەللىكىنى يۇقاتمىغان باھارگۈل ھەدىگە قاراپ، -ھە،ئۇلارمۇ ياخشى تۇرۋىتىپتۇ، سىلىگە سالام ئېيتتى، ھەراسىت دادىسى، سىلىگە مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بارئىدى ،ئاۋال ئۈيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى، -قارىغاندا خۇشاللىق بار ئوخشىمامدۇ ئانىسى؟ دېدى ئابلا مۇجاڭ ئىككى يېنىدىكى قىزلىرىغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ، -ھاي،ھاي دادىسى!نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز! بۇ توغرۇلۇق تېخى ئويلىشىپ باقمىدىم جۇمۇ! قىزلىرىمنى خۇددى پاختىنىڭ ئىچىدە چۇغ ساقلىغاندەك ساقلاپ كېلىۋاتىمەن، مەنچۇ،بۇ ئۆيگە يەنە بىر ئەزا كۆپەيتىپ بېرىشنى ئويلاشتىم،بىر ئوغلۇم بولسىتى دەپ ئارمان قىلىۋاتاتتىڭىز ئەمەسمۇ؟ شۇ تىلەكلىرىڭىزئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەجەب ئەمەس باھارگۈل ھەدىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئابلامۇجاڭ ،چۆچۈپ خوتۇننىڭ قورسىقىغا قارىدى . -ھۇي ، بۇ نېمە گەپ ئۆزى ؟يەنە بالىلىق بولماقچىمۇ؟ ھاياتىڭلار بىلەن ئويناشماڭلار!ئىككنچى قېتىملىق تۇغۇتۇڭلاردا دوختۇرنىڭ بۇ بالىنى تۇغساھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ،دېگىنىگە ئۇنىماستىن مېنىڭ ئارزۇيۇمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭلنىڭ ھاياتىڭلىنى دوغا تىكتىڭلار!ھېلىمۇ مۆجىزە كۆرۈلۈپ ئانا- بالا ئىككىڭلار بۇ ئائلىنىڭ ھايات شامىنى يورۇتۇڭلار! قىز بولسا نېمە بولۇپتۇ،قىزلار دېگەن ۋاپادار ، كۆيۈمچان كېلىدۇ، كېيىن بىزگە ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغان يەنىلا مۇشۇ قىزلىرىم! بۇ توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يېقىندا تارقىلىپ يۈرگەن بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي!بىر يېڭىدىن توي قىلغان ئەر- خوتۇن ئۆز- ئارا دېيىشىپ مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ھېچكىمگە ئىشىك ئاچماسلىق توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈپتۇ .دېگەندەك ، ئەتىسى يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇلارنى يوقلاپ كېلىپ ئىشىكنى قانچە چەككەن بىلەنمۇ ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن دېيىشكەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئىشىكنى ئاچماپتۇ، يىگىتنىڭ ئاتا -ئانىسى ئۆيدە ئادەم يوق ، ئوخشايدۇ دەپ قايتىپ كېتىپتۇ .يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى كېلىپ ئىشىكنى چېكىپتۇ، ئىشىك بىر نەچچە قېتىم چېكىلگەندىن كېيىن،ئەر،ئايالىغا قاراپتۇ ئايالىنىڭ كۆزدىن ئاققان ياشلىرى مەڭزىدىن ساقىپ چۈشكەن بولۇپ ئۇ يىغلىغىنىچە ئېرىگە دەپتۇ، -- مېنى كەچۈرۈڭ، مەن چىدىمىدىم ئۇلارنىڭ بىزنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىپ كۆرۈشەلمەي قايتىپ كېتىشىگە چىدىمىدىم،-ئايال شۇنداق دېگىنىچە بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ،بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ قىز ھامىلدار بولۇپ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىپتۇ،ۋە،ۋاقتى توشۇپ بىر ئوغۇل يەڭگىپتۇ، قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى خۇشاللىقىدا ، بۇ خوش خەۋەرنى كۈيوغلىغا يەتكۈزۈپتۇ، ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى يىگىت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئەكسىچە خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا « سالامەت بولسۇن !» دېگەن گەپتىن باشقىنى قىلماپتۇ، ھەتتا ئايالىنىڭ قىرىقى توشقان ۋاقىتتىمۇياندۇرۇپ ئېلىپ كەلمەپتۇ،پەقەت يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسى بېرىپ ياندۇرۇپ ئەكىلىپ قويۇپتۇ، بۇ جەرياندا يىگىت يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇلنى بىرەر قېتىم كۆرگىلىمۇ بارماپتۇ،ئايالىغا بولسا يولدىشنىڭ بۇ قىلغانلىرى ھار كەلگەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماپتۇ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقىدەكلا تىنچ خاتىرجەم ئۆتۈپ كەپتۇ، لېكىن ئۇ قىز يولدىشىنىڭ شۇ ۋاقىتتاقىلغانلىرىنى پەقەت ئۇنتۇپ قالماپتۇ،شۇ ئىشلار ئۆتۈپ يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن،ئۇ قىز يەنە ئىككىنچى پەرزەنتىگە قورساق كۆتۈرۈپتۇ، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا ۋاقتى ئاز قالغاندا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ ۋاقتى ، سائىتى توشۇپ، بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپتۇ،بۇ خوش خەۋەر يىگىتنىڭ قۇلىقىغا يېتىشى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشنى تاشلاپ بىر مۇنچە سوۋغا- سالام بىلەن ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ،ۋە ، كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئاپتۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان قېينىئاتىسى ئاخىرى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ، -ئوغلۇم،ئۆز ۋاقتىدا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بۇنچىلىك خۇشال بولمىغان ئىدىڭىزغۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟- يىگىت، بۇ چاغدا ئۆز ۋاقتىدا ئايالى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئىشلارنى بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بېرىپ ئاخىرىدا مۇنۇ گەپنى قىلىپتۇ، -مەن شۇ چاغدا شۇنى پەرەز قىلدىمكى كەلگۈسىدە ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغان يەنىلا قىزىمىز ئىكەن،چۈنكى ئۇلار ئاتا- ئانا ئۈچۈن تاقىلىپ قالغان ئىشىكلەرنى ئاچالايدۇ، قىزلار كۆيۈمچان ، باغرى يۇمشاق كېلىدۇ،ھەر قانداق تاش يۈرەك قىزمۇ، ئاتا -ئانىنىڭ مېھرى ئالدىدا شام بولۇپ ئېرىيدۇ، بىز ئوغۇللارچۇ ؟ باغرى تاشلىق قىلىپ ھەتتا ئاتا- ئانىمىز ئىشىك ئالدىغا كەلسە ئىشىك ئېچىپ بېرىشكىمۇ يارىمايمىز!- يىگىتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئايالى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىرى ئېسىگە كېلىپتۇ،ۋە يىغلاپ تۇرۇپ يولدىشىدىن ئەپۇ سوراپتۇ . - توغرا دېدىلە دادىسى،قىزلىرىمىزمۇ شۇنداق ئەدەپلىك ھايالىق چوڭ بولدى،ئۇلارغا كۆز تەگمىسۇن!شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ كېيىنكى بەختى ئۈچۈن ياخشى ئويلاشمىساق بولمايدۇ، يەنىلا قىزلىرىمىزنىڭ تاللىشىغا قويۇپ بېرەيلى؟مەن ئىشىنىمەن قىزلىرىمىز چۇقۇم بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك تاللاش ئېلىپ بارالايدۇ، دېدى باھارگۈل ھەدە ئىشەنچ بىلەن، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى ھويلا- ئاراملارنى تازىلاش بىلەن مەشغۇل ئىدى، - توغرا دەيسىلەر ، ئاپىسى . ھازىرقى ۋەزىيەتتە ، ئۇلارنىڭكى ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قويۇپ بېرەيلى،ھە ، راست، باياتىن مۇھىم گەپ بار دەۋاتاتتىڭلا قانداق گەپ ئىدى؟- سورىدى ئابلا مۇجاڭ تەقەززا بۇلۇپ، -بۇ مۇنداق ئىش ،بىز بۇ قېتىم ئاكامنىڭ يۇرتىغا بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قىلغان سەپىرىمىزدە بىر قىز بىلەن بىر ماشىنىغا چىقىپ قېلىپ تاسادىپىي تونۇشۇپ قالدۇ، بۇ قىز بەكلا غەمكىن بولۇپ ،كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ،مەن ئۇ قىزغا ھېسدشلىق قىلىش جەريانىدا پاراڭلىشىپ،كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھامىلدار بولۇپ قېلىپ مەھەللىدە تۇرۇشقا يۈزى چىدىماي، يۇرتنى تاشلاپ يېنىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇم، ئۇ قىز بالا نەگە بېرىشنى قەيەردە تۇرۇشنى ئۇقمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنى ئاكامنىڭ ئۆيىگەبىرگە ئېلىپ باردىم،ئۇقىز بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق بالا سالامەت تۇغۇلۇپ قالسا بىز بېقىۋالىدىغان بولدۇق،ئاكام بىلەن ئايالى بۇنى ئاڭلاپ بىز بېقىۋالايلى دەپ تالاشتى،سىزمۇ بىلىسىزئۇلار مۇشۇ ياشقا كىرگۈچىلىك بىر پەرزەنتلىك بولالمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزا-ئارا كېلىشىش ئارقىلىق،قىز تۇغسا ئاكام بېقىۋالدىغان ،ئەگەر ئوغۇل تۇغۇپ قالسابىز بېقىۋالىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق، ئاكام ئۇ قىزنى ئۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى،ھازىر ئاشۇلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپۇپ تۇرۇۋاتىدۇ،مەن ئۆز سەزگۈلىرىمگە ئىشەنسەم، ئۇ قىزنى ئوغۇل تۇغىدۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا سىلىنىڭمۇ بىر ئوغۇللۇق بولۇش ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. -سىلنىڭچە مۇشۇنداق قىلساق بولامدۇ ؟ « بېقىۋالغان بالىنى بالام دېمە . خەقنىڭ كالىسىنى كالام دېمە .» دېگەن گەپ بار . بىز جاپا تارتىپ چوڭ قىلىپ بەرسەك . كېيىن ئاپىسى ئېلىپ كەتسە قانداق قىلىمىز ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلىمۇ ياشىنىپ قالدىڭلار . بۇ كېسەلچان تۇرقۇڭلار بىلەن قىينىلىپ قالارمىكىن دەيمەن . ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر ، بالا بېقىش ئاسان ئەمەس. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ -نېمىشقا بولمايدىكەن ! ئەگەر ئوغۇل بولۇپ قالسىلا ئۆزۈم بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلىمەن ،ئۇ قىزمۇ بالىنى ئالدۇرۋەتمەكچى ئىكەنتۇق، مەن تەربىيەخىزمەت ئىشلەپ ئاخىرى ماقۇل كەلتۈردۈم، ھە ، راست! قارىسام كەيپىياتىلىرى باشقىچە ياخشى بولۇپ قاپتۇ بىرەر خۇشاللىق بارمۇ قانداق؟ سورىدى باھارگۈل ھەدە ،ئۇنىڭدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ،ئابلا ئاكا غەيرەت بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرىدىكى ئىشلارنى بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىلماقچى بولغان پىلانىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى، -بۇ ئويلىغانلىرى ياخشى بولۇپتۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىمۇ مۇشۇنداق ئىدى، لېكىن ، بۇ ئىشنى قىلىمەن دەپ تېخىمۇ چارچاپ ، سالامەتلىكىرىگە تەسىر يېتىپ قالمىسا بولاتتىغۇ! راس،ئۇ بالا قانداقراق بالىكەن ؟ ھەر ھالدا ئۆزىمىزگە پۇختا بولغىنىمىز ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىرىمىزمۇ بويىغا يېتىپ قالدى،ئەگەر ئەخلاقى ياخشى بولمىسا ھېلىقى قىز بالىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىسۇن! -ياق ، ئانىسى ئەنسىرىمەڭلار! نەچچە ۋاقىتتىن ئۇ بالىنى ئوبدان كۆزىتىپ باقتىم،خېلى قۇلىقى يۇمشاق،ئەخلاقلىق بالا ئىكەن، ئەممازە… كاللىسى بەك ساق بالىكەن، نەچچە ۋاقىتتا ئۇنىڭ قولىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشىپ كەلدى، ئەگەردە، بۇ بالا مۇشۇ يەرلىك بولۇپ قالغان بولسا قىزلىرىمىزدىن بىرنى …… ئابلا مۇجاڭ شۇنداق دەپلا گېپىنى توختىۋالدى، -بەكلا ئىشىنىپ كەتتىلىمۇ قانداق ؟سىلنىڭ مۇشۇ باشقىلارغا ئالدىراپلا ئىشىنىپ مىجەزىڭىزنى نېمە دېسەم بولار ؟ ھېلىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇللا ئاكىڭىز بىلەن مەن سەۋەبلىك ئوتتۇرلۇقتا بولغان ئىشىڭلارمۇ سىزنىڭ كۆڭۈلچەكلىكىڭىزدىن بولغان،مانا شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچىلىك ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، خۇددى بىر -بىرىڭلارغا دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىپ يۈرىسىلەر، يېشىڭلارمۇ بىر يەرگە باردى،ئامال بار كونا ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ تاشلاپ يارىشىپ قالساڭلار بولاتتى، -بولدى ئاپىسى،ئاشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى مېنىڭ ئېسىمگە سالماڭلار!ئاشۇ ۋاقىتلارنى ئويلىساملا، ھازىرغىچە ئاچچىقىم بېسىقمايدۇ، بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ياراشتۇرىدىغان ئىشنى قىلماڭلار!ئۇنىڭ بوينى بەكلا قاتتىق،ئۆلۈپ كەتسىمۇ بوينى ئىگىلمەيدۇ ئۇنىڭ…… ھەييي… مۇشۇنداق قېرىنداشسىز ئۆتۈش پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ، ھېلىمۇ ئىككى قىزىم بىلەن سىلەر بولۇپ قاپتىكەنسىلەر، بولدى جىق پاراڭلاشمايلى،سىلەرمۇ سەپەردە ھېرىپ چارچىدىڭلار ھەرقاچان ئارام ئالغاچ تۇرۇڭلار! مېنىڭ بازارغابېرىپ بۇيرۇتۇپ قويىدىغان ياغاچ ماتېرىياللار بار! ئابلا مۇجاڭ شۇنداق سىرىتقا قاراپ ماڭدى،باھارگۈل ھەدە ،چىقىپ كېتىپ بارغان ئابلامۇجاڭنىڭ كەينىدىن مېھرى بىلەن قاراپ قالدى، ئۆز ۋاقتىدىكى قامەتلىك بەستى بىلەن،تاغنى تالقان قىلىدىغان بۇ ئادەمنىڭ،ئەمدىلىكتە ياشىنىپ قەددى يادەك ئىگىلىگەن ئىدى، شۇنداق بولسىمۇيەنىلا ياش ۋاقتىدىكى شوخلۇقىنى تاشلىمىغان بولۇپ، باھارگۈل ھەدە بىلەن ئىككىسى بۇ جەھەتتىن بەكلا ماسلىشاتتى،ئۇلار توي قىلىپ تا مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قېتىم بىر- بىرسىگە قىيپاش قارىشىپ قالغان ئەمەس، قاچانلا قارىسا چىرايلىرىدىن كۈلكە كەتمەيتتى،بۇلارنىڭ مۇشۇ كۈنلەرگە ئېرىشىشىمۇئاسان توختىمىغان، چۈنكى، مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق ئابلا مۇجاڭ، بىر قورساق قېرىندىشى يەنە ئاكىسى ئابدۇللابىلەن ئازارلىشىپ تا،مۇشۇ كەمگىچە ئەپلىشەلمەي كېلىۋاتاتتى .ئەسلىدە باھارگۈل ھەدە بىلەن ئابلا مۇجاڭ ئۇرۇق- تۇغقانلاردىن بۇلۇپ، باھارگۈلنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۈرۈمچىدە تۇراتتى،باھارگۈل ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىق قىز ئىدى، تەقدىر -قىسمەت ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى ۋە بەختىنى،مۇشۇ شەھەرگە چېچىۋەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتى، ئۇلار ھەر يىلى ياز ۋاقتىدا ،بۇ شەھەرگە ساياھەت قىلغاچ تۇغقان يوقلاپ كېلەتتى، باھارگۈلنىڭ ئاتا- ئانىسى تۇغقانچلىق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىن قىلىش ئۈچۈن باھارگۈلنى بۇ ئۆيدىكى ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرسىگە ياتلىق قىلىشنى ئويلىغان ئىدى، خۇددى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك، باھارگۈل بىلەن ئابلا مۇجاڭ بىر- بىرسىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى، لېكىن ئۇلار بۇ ئىشنى چوڭلاردىن مەخپىي تۇتۇپ يۈردى، ئەپسۇس،ئابدۇللامۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا باھارگۈلنى ئۇمۇ ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدى،بۇ دەل ئابدۇللانىڭ توي قىلىش يېشىغا يېتىپ قالغان ۋاقتى بولغاچقا نۆۋەت شۇنىڭ ئىدى، ئەلۋەتتە قائىدە بويىچە ئاۋۋال چوڭدىن كېلەتتى،باھارگۈل بىلەن ئابلامۇجاڭ چوڭلارغا بۇ توغۇرلۇق چۈشەندۈرۈپ بولغىچە، ئابدۇللا دادىسىغا باھارگۈل بىلەن توي قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى،ئۇلارمۇ باھارگۈلنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن كېلىشىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويماقچى بولدى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، باھارگۈل بىلەن ئابلا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي،چوڭلارغا بۇ ئىشنى ئېيتماقچى بولدى-يۇ،لىكىن ئابلا ،بۇ نىيىتىدىن يېنىۋالدى، -سىزگە نېمە بولدى ئابلا،نېمىشقا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمايمىز؟ بىزنىڭمۇ تاللاش ھوقۇقىمىز بار،ئۆزىمىزنى بۇنداق قىيناپ يۈرمەيلى… -كەچۈرۈڭ باھارگۈل،چوڭلار بۇ ئىشنى مەسلىھەت قىلىشىپ بولۇپتۇ، ئەمدى ئامال يوق،چۈنكى بۇ ئىشتىن يېقىن -يىراقتىكىلەر خەۋەر تېپىپ بولدى، ئەمدى مەن بۇ ئىشنى چوڭلارغا ئېيتسام ،ئاكامدىن خوتۇن تالاشقان بولۇپ قالىمەن،ئۇ چاغدا ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى ئەمەس،تەقدىرگە تەن بېرەيلى! ئاكاممۇ ياخشى يىگىت،ئۇ سىزنى بەخىتلىك قىلالايدۇ! - بۇ نېمە؟ دېگىنىڭىز ئابلا؟مىنى خالىسا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان كىيىم -كېچەك، ياكى ئويۇنچۇق كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ ؟ مېنىڭ كىمنى ياخشى كۆرۈش، كىم بىلەن ئۆتۈش ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكى،سىز دېمىسىڭىزمەن دەيمەن، ئىش قىلىپ مەن ئاكىڭىز بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمايمەن! -ئۇنداق قىلماڭ باھارگۈل،سىزنىڭ بەخىتلىك بولۇشىڭىزنى كۆرۈشمۇمېنىڭ بەختىم، ئاكام سىزنى چۇقۇم بەختلىك قىلالايدۇ ئەگەر بۇ ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتسە مەن ئاكامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن،ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ قالمامدىمەن كەچۈرۈڭ باھارگۈل! مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، ئابلا مۇجاڭ، شۇ كۆرۈشتىن كېيىن باھارگۈلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قارىسىنى كۆرسەتمىدى،چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ، بۇلارنىڭ تويىمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى،باھارگۈل ئاخىرى بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي ئابلا بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلاپ ئۆزىنىڭ ئابلادىن باشقا ئادەم بىلەن توي قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. چوڭلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي،باھارگۈلنىڭ رايى بويىچە ئۇنىڭ تويىنى ئابلا بىلەن قىلماقچى بولدى، ئابدۇللا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتى،ھەتتا ئۇلارنىڭ تويىغىمۇ كەلمىدى، چۇنكى ئىشلار بەكلا تەگكەن بولۇپ،ھەتتا ئاتا- ئانىسى تۈگەپ كەتكەنگە قەدەر بۇ ئۆيگە دەسسەپمۇ قويمىدى،ھەر ئىككىلىسى تىرىشىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن بىلەن، تاكى مۇشۇ كەمگىچەبىرگە ئولتۇرۇپ بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ باقمىدى، ئابدۇللا توي قىلغاندىمۇئابلاغا خەۋەر قىلمىدى، ئۇ باشقىلاردىن ئاڭلاپ تويغا بارغان بولسىمۇ ئۇنى كۆرمەسكە سېلىۋالدى، چۈنكى ، ئۇنىڭغا ئۆتكەن ئىشلار بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى، مانا ئابلا مۇجاڭ بىلەن باھارگۈل ھەدە توي قىلىپ بىر مەزگىلگىچە بالىلىق بولالماي كېيىن ، كەينى -كەينىدىن ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولدى،ئۆزىنىڭ ئىسمىغا يېقىن بولسۇن ئۈچۈن . بىرسىنىڭ ئىسمنى ئايگۈل، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئارزىگۈل قويدى، ئىككى قىزنىڭ چىرايى باھارگۈلنىڭ ياش ۋاقتىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتى، لېكىن ئەكسىچە ئابدۇللانىڭ تىجارەتتە نەتىجە قازانغان بىلەن ،مۇشۇ كەمگىچە بىرمۇ بالىسى يوق ئىدى، باھارگۈل ھەدە ، بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قۇيدى، ئۇ شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كىلىشىگە ئىشنەتتى، ۋە ئاكا -ئۇكا ئىككىسىنىڭ يارىشىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلاتتى،تەقدىر-- قىسمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاجايىب بولىدىكەن،ھەر قانداق ئادەم خىلى بىلەن دېگەندەك، ئابدۇللاغا ئالىمنى ئۇچراشتۇرغان تەغدىر بولسا، ئابلا مۇجاڭغا غەيرەتنى ئۇچراشتۇردى، ئۇلارنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇ ئۇلارغا قاراڭغۇ ئىدى، ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بىر شەھەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى.

11-قىسىم

ئەتىسى غەيرەت بىلەن ئابلا ئاكا نەرسە سېتىۋالغىلى بازارغا چىقتى، چۈنكى تېخى ئاخشاملا ئابلا ئاكىغا .بىرئاشخانىنىڭ جۇزا-ئۇرۇندۇقلىرىنى يېڭىلاپ ياساپ بىرىشى توغرۇلۇق زاكاس ئالغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى ھارۋىنىدىنمۇ ياساپ چىقىشى كېرەك ئىدى،ئۇلار يېرىم كۈن بازار ئايلىنىپ، لازىملىق نەرسىلەرنى تەل قىلىپ ئۈيگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، تاماق يېيىش ئۈچۈن يېڭىدىن ئېچىلغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى ، بۇ ئاشخانا يېڭى ئېچىلغان بولغاچقىمىكىن ئادەملەر ھەقىقەتەن جىق ئىدى،مۇلازىمەتچى ، بۇ ئىككەيلەننى بۇلۇڭدىكى بىر جوزىغا باشلاپ كەلدى، بۇ جوزىىدىمۇ ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار ئىشىك تەرەپكە كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ تاماق چىقىشىنى ساقلاۋاتقان ئىدى، ئابلا ئاكا بىلەن غەيرەت ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇردى، ئۇلار ئولتۇرىدى- يۇ،خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ئورنىدىن تەڭلا تۇرۇپ كەتتى، قارشى تەرەپتىكىلەرمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ چەكچىيىپلا قالغان ئىدى، بۇلار باشقا ئادەم بولماستىن ئابدۇللا ئاكا بىلەن ئالىم ئىدى،ئابدۇللا ئاكا، ئابلا مۇجاڭنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى، ئالىممۇ ،ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا ماڭغاچ غەيرەتكە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، -ئابلا ئاكا ئۇلارنى تونۇمسىز ؟ -ھەئە،تونۇيمەن!ئۇ مېنىڭ بىر قورساق ئاكام بولىدۇ، دېدى ئابلا مۇ جاڭ،بېشىنى سىلاپ قويۇپ. -ھە ، ئۇكام ئەجەبا…سىزمۇ تونۇيدىغان ئوخشىمامسىز؟قارىسام بۇلارنى كۆرۈپ سىزمۇ ھەيران قېلىۋاتىسىز! -مەن ئاكىڭىزنى تونۇمايدىكەنمەن،لېكىن يېنىدىكى بالىنى خېلى ئوبدان تونۇيمەن،ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ دېسە، بۇ ئالىم قانداق بولۇپ سىزنىڭ ئاكىڭىزنىڭ يېنىدا ئىشلەپ قالغاندۇ؟ -قانداق دەيسىز ؟ قارىغاندا ئۇنى خېلى ئوبدانلا تونۇيدىكەن سىز دەڭە؟ -ئەلۋەتتە!خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئەتىگەن كەچلىكى، نېمە تاماق يىگەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمىغاندەك ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدىم، ھەم ئۇنتۇپ قالغۇممۇ يوق،چۈنكى مېنىڭ ئۆتمۈشۈمگە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان،مېنى يۇرتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان دەل ئاشۇ-شۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالغىنى تازا ياخشى ئىش ئەمەس، -مۇنداق دەڭ ئۇكام،بۇ گېپىڭىزگە قارىغاندا سىزنىڭمۇ ھەسرەتلىك ئۆتمۈشىڭىز بار ئىكەن، دەڭەقېنى! شۇ ھەسرىتىڭىز بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىپ باقساق قانداق بولار ؟ دېدى ئابلامۇجاڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلىرىغا قىزىقىپ، -ياق ئاكا،بۇ ئۆتمۈشۈم مەن بىلەن كەتسۇن، بۇ ئۆتمۈشكە ئايلانمىدى تېخى يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلار، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئىشلار قانداقمۇ ئىسىمدىن چىقىپ قالسۇن؟چاتاق يېرى ئاكىڭىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭ!بۇ ئالىم دېگەن بوش بالا ئەمەس، -بولىدۇ ئۇكام مەن سورىماي ، لېكىن ئاكامغا مەن قانداق خەۋەر قىلىمەن؟ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىش تۈگۈل ،مېنى يىراقتىن كۆرسىمۇ نېرۋىسى ئۆرلەيدۇ،بىر ئىشنى چۈشەنمىدىم ئۇكام، ئاكام بۇ تىجارەتتە خېلى پىشقان ئادەم شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ بالىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپ قالامۇ؟ -سىز ئۇبالىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇقمايسىز ئابلا ئاكا! ئۇنىڭ نەچچە خىل نەيرەڭلىرى بار، سىز بىلەن بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئۇسۇللىرى بار، مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى كېيىن ئۇقتۇم،قارىغاندا ئۇ يۇرتتا تۇرالماي، بۇ يەرگە قايتىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن! -ئۇنداق بۇلسا ئۇكام، مەن ئۇنىڭ ئادرېسىنى سىزگە تەپسىلىي دەپ بېرەي ،ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ! لېكىن ئۇ بەك سەگەك جۇمۇ!تېخى باياتىن ئىككىمىزنىڭ ئاشخانىدا بىرگە تۇرغانلىقىمىزنى كۆردى، بەلكىم سىزنىڭ گېپىڭىزگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن! شۇنداق بولسىمۇ سىناپ بېقىڭ، ئەسلىدە تېلېفون ئۇرۇپ باقايلى دېگەن، لېكىن ، تېلېفون ئۇرغاندىن يۈز -تۇرانە دېگەن ياخشى، ئۇلار شۇ توغرالىق پاراڭلىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا تامىقى چىقىپ جوزىغا ئېلىپ كېلىندى، - قېنى ئۇكام!«ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام »دەپتىكەن، ئاۋۇ تامىقىمىزنى يەيلى، قالغان ئىشلارنى تاماقنى يەپ بولۇپ پاراڭلىشايلى! ئابلا ئاكا،شۇنداق دەپ ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يېيىشكە باشلىدى.ئابدۇللا ئاكا، ئابدۇللا مۇجاڭنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا تاماقنىمۇ يېمەي قايتىپ چىققان پېتى ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى، -ماشىنىنى نەگە ھەيدەيمەن ، ئاكا! سورىدى ئالىم ،ئاچچىقتىن قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ،چىراي قىزىرىپ كەتكەن ئابدۇللا ئاكىغا قاراپ، -نەگىلا بولسا مەيلى، ھەيدىسىڭىزلا بولىدۇ، مۇشۇنداق بىردەم ئايلىنىپ باققۇم بار! دېدى ئابدۇللا، ئاكا خۇددى ئۆزىگە گەپ قىلغاندەك پىچىرلاپ، ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقى بەئەينى دادىسىدىن يامانلاپ قالغان كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى،ئالىم،ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ شەھەرنىڭ چېتىگە قاراپ ھەيدىدى،چۈنكى ئۇ . ئابدۇللا ئاكىنىڭ باشقىلارغا ئېيتىپ باقمىغان دەرد ھەسرىتى بارلىقىنى سىزىپ بولغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ ، بۈگۈن بۇ يەردە غەيرەتنى كۆرۈپلا جۇدۇنى ئۆرلىگەن بولسا، ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئۇنىڭ قېشىدىكى ئادەمگەكۈرۈپ ،تاماق يېمەي چىقىپ كەتكىنىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر باغلىنىشى باردەك ھېس قىلدى، ئالىم پۇرسەت تاپسىلا ئابدۇللا ئاكىدىن راۋرۇس بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىپ ،بۇ شەھەردىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى .ئالىم بىر نەچچە قېتىم ئابدۇللا ئاكىغا گەپ قىلماقچى بولۇپ، ئاغزىنى ئۆمەللىدى-يۇ،يەنە گەپ قىلمىدى.ئابدۇللا ئاكا ئۇنىڭكى مەقسىتىنى بىلىپ قالغاندەكلا ئۆزى ئېغىز ئاچتى، -ھە ، ئۇكام،قارىغاندا ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز باردەك قىلىدۇ! قېنى ئاڭلاپ باقاي!نېمە گەپ بولسا دەڭ! لېكىن سورىمايدىغاننى سورىماڭ؟ بىلىشىمچە بايىقى ئادەم كىم دەپ سورىماقچى شۇنداقمۇ ؟ ئۇ مېنىڭ ئىنىم بولىدۇ، يەنى بىر قورساق ئىنىم،مەن سىزگە ئۇ ئىككىمىز توغرۇلۇق، بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلىپ بېرەلمەيمەن، لېكىن ، قارىسام ئۇنىڭ يېنىدىكى بالا بىلەن ئىككىڭلار تونۇشىدغاندەك قىلىسىلەر! -ھە ، ئىككىمىز بىر ناھىيدىن ئەمەسمۇ ؟ بىر نەچچە قېتىم، بىر يەردە كۆرۈشۈپ قالغان يېرىمىز بار، لېكىن دېگەندەك قويۇق ئارىلىشىپ كەتمەيمىز! - ھە ، شۇنداقمۇ بولدى تاماق يەيلى! ماشىنىنى ئوبدانراق بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختاتقىن!تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئاشلىق دۇكانلىرىدىن بىز تارقاتقان ئاشلىقنىڭ پۇللىرىنى يىغىپ كېلەيلى! ھازىر ئابدۇللا ئاكىنىڭ پۇللارنى يىغىپ كېلەيلى! دېگننى ئاڭلاپ روھلىنىپ كەتتى .چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم تارقاتقان ماللىرى خېلى جىق بولۇپ ، يىغىلدىغان پۇلمۇ خېلى كۆپ ئىدى . ئۇ بىر ئامال قىلىپ بۈگۈن بۇ پۇللارنى قولغاچۈشۈرۈشنى نىيەت قىلدى. ئالىم ماشىنىنى ئادەم ئانچە بەك جىقمۇ كىرىپ كەتمەيدىغان بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توختىتىپ،ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ چىققاندىن كېيىن ئابدۇللا ئاكىنىڭ يول باشلىشى بىلەن بۇ شەھەردىكى ئۇلار ئاشلىق تارقاتقان دۇكانلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ،كۈن ئولتۇرۇشىغايېقىن، خېلى نۇرغۇن پۇل يىغىپ بىر سومكىغا قاچىلاپ قايتىپ ماڭدى، ئابدۇللا ئاكا، ئادەتتە دۇكاندىكى تەييار ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياقتۇرمايتتى،شۇڭلاشقا ، دائىم ماشىنىدىن بىر چاي قۇتىسىنى ئۈزمەيتى ، ئاشخانىدا تاماق يېيىش جەريانىدا چاي قۇتىسىغا چاي لىقلاپ ئېلىۋالغان بولۇپ ھەر قېتىم دۇكاندىن نېسى پۇللارنى ئېلىپ چىققان ۋاقىتتا بىر يۇتۇمدىن ئىچىپ قوياتتى، ھەر قانداق ئىشنى ئالدىن پۇختا پىلانلاپ كۆنۈپ قالغان ئالىم،ئابدۇللا ئاكىنىڭ بۇ ئادەتلىرىنى بىلىپ يەتكەچكە سۈرگە دورىسىدىن بىرنى ئېلىپ قويغان بۇلۇپ ئابدۇللا ئاكا ئەڭ ئاخىرقى ئاشلىق دۇكانلىرىغا پۇل يىغقىلى كىرىپ كەتكەن ۋاقتىدا چاندۇرماستىن چاي قۇتىسىغا قۇيىۋەتكەن ئىدى، مانا ئابدۇللا ئاكا، چاينى پات -پات ئىچىپ قويىۋاتاتتى، ماشىنا دەل ھېلىقى كۈنىسى ئالىم بىلەن ئابدۇللا ئاكا دوقۇرۇشۇپ قالغان يەرگە كەلگەندە ئابدۇللا ئاكا،بىئارام بولۇپ ئولتۇرالماستىن ئالىمغا ماشىنىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. -ماشىنىنى توختىتىڭ ئۇكام! مەن تازلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي، بۈگۈن چۈشتە يېگەن تاماق خام قالغان ئوخشايدۇ قورسىقىم بەك ئاغرىپ كەتتى ئالىم ماشىنىنى توختىشى بىلەن ئابدۇللا ئاكا ماشىنىدىن چۈشۈپ ئاممىۋى ھاجەتخانىغا يۈگۈرگىنىچە كىرىپ كەتتى، ئالىم، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئابدۇللا ئاكا قويۇپ قويغان سومكىنى ئالدى -دە، ماشىنىدىن چۈشۈپ تېزلىك بىلەن بىر كىچىك ماشىنىنى تۇسۇپ شۇ كېچىسىلا بۇ شەھەردىن ئايرىلدى .ئابدۇللا ئاكا،ھاجەتخانىدىن چىقىپ ماشىنىدا ئالىمنى كۆرمىگەندىن كېيىن ئىتتىك ئىشىكنى ئېچىپ سومكىسىنى قويۇپ قويغان يەرگە قارىدى،ئۇنىڭ سومكىسى كۆرۈنمەيتى، - خەپ! بىلىپ بىلمەي بۆرىنى قوي قوتىنىغا باشلاپتىمەن دىسە!بوپتۇلا،مېنىڭ تاپقانلىرىمنى مۇشۇنداق قىزىل كۆز ئالدامچىلارتالاپ تۈگەتمىسەكىم تۈگىتىدۇ،ياكى مېنىڭ پۇل خەجلەيدىغان پەرزەنتلىرىم بولمىسا ئەگەر شۇ پۇلنى خەجلەشكە نېسىپ قىلسا خەجلەرسەن، ھەي ، نادان بالا دىگەن مېنىڭ نېمىلەرنى ئويلىغىنىنى بىلمەيسەن دېگىنە كۆزۈمگە خېلى يېقىشلىق كۆرۈنۈپ قالغان ئىدىڭ، بولۇپتۇ شۇ پۇل بىلەن توغرا يولۇڭنى تاپالىساڭ ياخشى بولاتتىغۇ! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ دىدى ئابدۇللا ئاكا ، ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ،ئابدۇللا ئاكا ئۇنداق دېگەن بىلەن ئىچى بىر خىل ئاچچىق بولۇپ قالدى،چۈنكى بۈگۈن يىغلىغان پۇل« ئەللىك مىڭ »يۈئەندىن ئاشاتتى،ئۇ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز كۆزى چاي قۇتىسىغا چۈشۈپ قېلىپ بۇرنىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ پوراپ باقتى،دېگەندەك ، ئۇنىڭدىن چاي پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ باشقىچە بىر پۇراق كېلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ تەرىتى يەنە قىستىدى،ۋە ، ماشىنىدىن چۈشۈپ يۈگۈرگىنىچە تازلىق ئۆيگە كىرىپ كەتتى،ئابدۇللا ئاكا ھاجەتخانىدىن چىقىپ ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،ئىشىك ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرغان غەيرەتنى كۆرۈپ تونۇپ قالدى،ۋە قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە ماشىنىدىن چۈشتى، -ياخشىمۇ سىز تاغا قانداق ئەھۋالىڭىز؟ دېدى غەيرەت، ئىككى قولىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ ئەدەپ بىلەن سالام قىلغاچ، -ياخشى ئەمەس قارىغاندا ئاغىنەڭنى ئىزدەپ كەپسەن دېگىنە!سەن خەقنىڭغۇ ياخشىسى چىقمايدۇ، ئەگەر ياخشى بولۇشساڭ يۇرتۇڭغا پاتماي بۇ يەرگە چىقىشامتىڭ! دېدى ئابدۇللا ئاكا تەنە قىلىپ، غەيرەت ئابدۇللا ئاكىنىڭ گېپىدىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ماشىنىغا قارىد،چۈنكى ماشىنىدا ئالىم كۆرۈنمەيتى، ئەسلىدە غەيرەت ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئىشىك ئالدىغا خېلى بۇرۇنلا كەلگەن بولۇپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغان ئىدى،لېكىن ئۇ كېچىككەنلىكىنى بىلدى، -قېنى ئالىم كۆرۈنمەيدىغۇ تاغا؟ -ئۇ سېنىڭ يۇرتلۇقۇڭ بولغاندىن كېيىن، سەن بىلمىسەڭ مەن قانداق بىلىمەن ؟بەلكىم بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئابلا دېگەن گەدەنكەشنىڭ ئىشىغۇ دەيمەن؟ئۇ قەستەن ئادەم قويۇپ بۇ ئىشنى قىلغۇزدى شۇنداقمۇ ؟ ئەمدى سەن نېمە مەقسەتكە كەلدىڭ ئاڭلاپ باقاي! -گېپىمنى ئاڭلاڭ تاغا!قارىغاندا مەن ئويلىغاندەك ئىش بولۇپتۇ، بۈگۈن ئاشخانىدا ئۇنى كۆرۈپلا سىزنى ئىزدەپ كېلىشىم ئىدى،ئۇنىڭ ئاشۇنداق خۇيى بار، لېكىن مەن كېچىكىپ قاپتىمەن -ھە ، مۇنداق دېگىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى خېلى بىلىدىكەنسەن دېگىنە؟ -شۇنداق لېكىن جىق بىلمىسەممۇ ھەرھالدا ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلىمەن، - ئۇنداقتا سەن ئۇ،ئابلانىڭ قېشىدا نېمە ئىش قىلىسەن ؟ ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئالاقەڭ بار ؟ راستلا ھەيران قېلىۋاتىمەن دېسە ؟ تۇرۇپلا بۇ ئىككىڭلارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىننى، يەنە كېلىپ ئىككىلىڭلار بىر يەردىن،ھەم تېخى تونۇشىسىلەر! بۇ يەردە بىر ئويۇن باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن دېدى ئابدۇللا ئاكا،ئۇنىڭغا گۇمان نەزىرى بىلەن قاراپ، -مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز تاغا! مېنىڭ كەسپىم ياغاچچى قىزىقىشىمىز ئورتاق بولغاچقا ئابلا ئاكام بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇنىڭ سىزنىڭ ئىنىڭىز ئىكەنلىكىنى تېخى بۈگۈنلا ئاڭلىدىم، لېكىن جىق گەپ قىلىپ بەرمىدى،پەقەتلا مەن ئالىمنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن ئىدىم،ئۇ سىزگە خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن مېنى ئەۋەتكەن ئىدى،قارىغاندا ئالىم مەقسىتىگە يەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ -شۇنداق مەقسىتىگە يەتتى،يەتكەندىمۇ تۈزۈك يەتتى،بىر ئاي ئىشلەپ بىر يېرىم يىللىق مائاشنى ئېلىپ كەتتى،مانا مۇشۇنداق ئادەملەر باشقىلارنى ئىشەنچىسىز قىلىپ قويىدۇ ئەمەسمۇ؟مېنى ئابلا ئەۋەتتى دەپ قوي؟ قارىغاندا خېلى ئادەمگەئوخشاپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟لېكىن ، ئۇنىڭغا دەپ قوي . ! ئۇ خىيالىدا مىنى يارىشىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ قالمىسۇن،قارىغاندا خېلى تۈزۈك ، بالا ئوخشايسەن قېنى ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى! دېدى ئابدۇللا ئاكا، ئۇنى ئۆيگە باشلاپ،غىيرەتمۇ ئۇنىڭ ئۆيگە باشلىشىنى، ۋە، بۇ ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدى،شۇڭلاشقا ئۇ تۈزۈت قىلمايلا ئابدۇللا ئاكىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى . ئابدۇللا ئاكىنىڭ بۇ قوروسى گەرچە ئابلا موجاڭنىڭكىدىن كىچىكرەك بولسىمۇ . لايىھىلەپ ، سېلىنىشى باشقىچە بولۇپ ئىككى قەۋەت قىلىپ ئىخچام سېلىنغان ئىدى، بىر چەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پەلەمپەي، تەشتەكلىك گۈللەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ بۇ قورۇغا باشقىچە ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى، ھويلىغا گۈللۈك تام قىلىپ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكىلگەن ئۈچ تۈپ ئانار دەرىخى،چېچەكلەپ مېۋىگە كىرگەن بولۇپ كۈن پېتىش تەرەپكە تىكىلگەن ئۈزۈم باراڭلىرى،ۋە ئۇنىڭ ئاستىغا قويۇلغان يوغان كارىۋات، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى گۈل تەشتەكلىرى،بۇ قورۇنى بەئەينىلا باغچىغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى، ئۇلار قۇرۇغا كىرىشىگە ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ئوتتۇرا ياشلاردىن ھالقىغان گەرچە چىرايىغا قورۇق چۈشكەن بولسىمۇ لاتاپىتىنى يوقاتمىغان خوش تەبەسسۇم بىر ئايال چىقىپ ئابدۇللا ئاكا بىلەن غەيرەتنى كۆرۈپ غەيرەتكە سالام قىلدى،غەيرەتمۇ ئۇنىڭ سالمىغا سالام قايتۇردى، -قېنى ئۆيگە كىرئۇكام! ئابدۇللا ئاكا، ئاشۇنداق دەپ ئىشىكنى ئېچىپ ئۇنىڭغا يول باشلىدى،بۇ ئۆينىڭ ئىچىنىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇشىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ئابلا ئاكىنىڭ ئۆيىدىن قېلىشمايتتى،بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۆينىڭ ئاستىغا گىلەم سېلىنماي پول ياتقۇزۇلغان بولۇپ،ئۆينىڭ چۆرىسىگە چۆرىدەپ سافا قۇيۇلغان ئىدى،ئابدۇللا ئاكا ، ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدى، بۇ ئارىلىقتا ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئايالى پەتنۇستا ئىككى تەخسە لەغمەننى ئېلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، -قېنى ئۇكام،ئاۋۋال تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى! دېدى ئابدۇللا، ئاكا ئالدىغا كەلگەن ئاشقا چوكا سانجىغاچ،غەيرەت بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى بىلەن ئابلا ئاكىنىڭ مىجەزىنىڭ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى سەزدى،ئۇ مۇشۇ باھانىدا ئابدۇللا ئاكىدىن گەپ ئېلىپ باقماقچى بولدى -سىز ئالىمنى ساقچىغا ئىنكاس قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزمۇ؟ -ئۇنىمۇ ئويلاشقان ئۇكام ،لېكىن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى،ھازىر بەزى بىر ياش بالىلار قانۇننى تولۇق چۈشەنمەي خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ، لېكىن جاپا تارتماي تاپقان پۇلنىڭ توپىدەك سورۇلۇپ تۈگەيدىغىننى ئۇ بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ، پۇل تۈگەيدۇ ئادەم ئېشىپ قالىدۇ،بەرىبىر مېنىڭ بۇ پۇللارنى خەجلىگۈدەك پەرزەنتلىرىم يوق! بوپتۇلا …! مېنىڭ بىر نەچچە ئايلىق تاپقان پايدامنى ئېلىپ كېتىپتۇ، -تاغا،ئەجەبا سىزشۇنداق كەڭ قورساق تۇرۇپ ياتلارنى كەچۈرۈپ نېمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ ئىنىسىنى كەچۈرمەيسىز؟ -بۇ گەپنى سورىماسلىقىڭ كېرەك ئىدى ئۇكام، ئۇ ئىشقابۇ ئىش ئوخشىمايدۇچوڭلارنىڭ گېپى بارغۇ،«ياتنىڭ ياندىن ئۆتسە،قېرىنداشنىڭ جاندىن، ئۆتىدۇ »دىگەندەك،بۇسەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس - ئۇ دېگىنىڭىزغۇ توغرا ، ئاكا . سىلەر ھېلىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە مۇشۇنداق بىر- بىرىڭلارغا . قېيداپ كەپسىلەر . ئېيتىپ بېقىڭە؟ ئاشۇنداق قىلىشقا ئەرزمدۇ؟ سىلەر نېمە دېگەن بىلەن بىر قېرىنداش ئەمەسمۇ ؟ -- بولدى ئۇكام ، بەلكىم سېنى ئاشۇ ئابلا . ماڭا پەندى نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ ئۇنداق ئادەم نېمىشقا ئۆزى كەلمەيدۇ .ماڭا نەسىھەت كار قىلمايدۇ… بولدى ئۇكام بۇ نىيىتىڭدىن يېنىپ ، باشقا گېپىڭ بولسا قىلغىن . لېكىن ، ئەمدى بۇ گەپنى ئېغىزىڭغا ئالما . مېنىڭ ئۇ توغرۇلۇق پاراڭ قىلغۇم يۇق … ھە راست ، ساڭا دەپ قوياي ؟ تۇرقۇڭدىن خېلى ياخشى بالىدەك قىلىسەن ،… ھەي ، بولدىلا ئۆز ۋاقتىدا ئالىممۇ شۇنداق كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنگەن ئىدى . لېكىن ، « ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا . ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دېگەندەك . ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدىكەن . مەنغۇ …ئالىمنى كەچۈرۋەتتىم . چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئۆزى جازالىدى . ساڭا كەلسەك سەنمۇ ئابلاغا خۇددى ئالىم ماڭا قىلغاندەك قىلىدىغان بولساڭ ، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن . ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆت . ئۇمۇ ياشىنىپ قالدى . غەيرەت ئابدۇللا ئاكىنىڭ گېپىدىن قاراپ . ئابلا موجاڭ بىلەن يارىشىپ قېلىش ئويى بارلىقىنى ،بىلىپ يەتتى، لېكىن ئابلا ئاكا، يەنىلا بويۇن ئېگىشنى خالىمىغان ئىدى.

12-قىسىم

غەيرەت ئابدۇللا ئاكا بىلەن خېلى بىركەمگىچە پاراڭلىشىپ قايتىپ چىقتى . قايتىدىغان ۋاقىتتا ئابدۇللا ئاكا ئۇنى دەرۋازا ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى . ئۇ توغرا سۆزلۈك ، گېپى ئوچۇق ، بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى، ئۇ غەيرەتكە . بىكار بولسا پات- پات كېلىپ تۇرۇشنى ئېيتتى. ئەمدى ئالىمغا كەلسەك . شۇ ئاخشىمىلا كىچىك ماشىنىدىن بىرنى كىرا قىلىپ كېچىچە مېڭىپ ، تاڭ سەھەردە ئۈرۈمچىگە چۈشتى . ئۇنىڭ بۇ شەھەردە كىچىكىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان . بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ ئانچە بەك قىينالمايلا ئۇنى تېپىپىۋالدى، ئۇنىڭ بۇ ئاغىنىسى . بۇ شەھەرگە چىققىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇراتتى . ئالىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ شۇ كۈندىن باشلاپلا ئۇيۇن -تاماشىغا كىرىشىپ كەتتى . ھەتتا ئۈچ ۋاق تاماقنى . ئاشخانىدىن يېيىشكە ئادەتلەندى . كۈندە ئەتىگەندە ئاغىنىسىنىڭ ئايالى ناشتىلىق تەييارلىسا ناشتىلىققا قارىماستىن ، ئاغىنىسىنى ئېلىپ نەچچە كىلومېتىر يىراقتىكى ئاشخانىغا تاكسى بىلەن كىرا قىلىپ بېرىپ . ناشتا قىلىپ كېلەتتى ، ئۇ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىكار تەلەپ دوستلىرى ئاۋۇشقا باشلىدى .ئۇلار بىلەن كۈندە كەچلىكى ، رېستوراندىن چىقماي كەيپ ساپا كوچىسىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ ئاغىنىسىنىڭ .-- ئاداش ، مۇشۇ ئۆيدە . يېتىپ قوپۇڭلار دېگەنگە ئۇنىماي . ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ يېتىپ دېگەندەك . بىر ئاينىڭ ئىچىدە بۇ پۇلنى پاك پاكىز سورىۋىتىپ ، جىمجىتلا غايىپ بولدى . غەيرەتنىڭ ئابلا موجاڭنىڭ ئۆيىدە ھۈنەر قىلىپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتتى . بۇ جەرياندا بىر نەچچە رېستورانلارنىڭ . ۋە ئاشخانىلارنىڭ بۇيرۇتما ئورۇندۇق جوزىسنى ياسىغاندىن سىرت . ئۆزى ياساپ چىققان ھارۋىدىن . ئون نەچچىنى ياساپ قولدىن چىقاردى. ئۇ بىكار ۋاقىت چىقسىلا . ئابدۇللا ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى . ئۇ ئاكا ئىنى ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاكتىپ رول ئويناپ ئىككەيلەننى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلاۋاتاتتى . ئۇنىڭ بۇ چاققان . زېرەكلىكى ئابلا مۇجاڭنىڭ كىچىك قىزى ئارزۇگۈلنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى . ئۇ پات- پات ئۇنى بۇنى باھانە قىلىپ ئۇ ئىشلەۋاتقان يەرگە كىرىپ . ئۇنىڭدىن ئۇنى -بۇنى سوراپ گەپكە سېلىپ تۇرىۋالاتتى . ھازىر غەيرەت تۇرۇپلا ، باشقا بىر نەرسە ياساپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ قالدى .چۈنكى ئۇ بىر ئورۇندىلا تۇرىۋېرىشنى خالىمايتتى . ئۇ كۆپ كۆزىتىش ئارقىلىق ياغاچتىن ماشىنا ياساپ بېقىشنى ئويلاپ قالدى . بۇ ئاسان ئىش ئەمەس بولۇپ . ئۇنىڭغىمۇ خېلى ۋاقىت كېتەتتى . ئۇ بۇ ئوي خىيالنى ئابلا ئاكىغا ئېيتتى . -- بولىدۇ ئۇكام مەن سىزنى قوللايمەن . ئەلۋەتتە ، بىز يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك بەلكىم پات ئارىدا ئۈرۈمچىدە ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك يەرمەنكىسى ئېچىلىپ قېلىشى مۇمكىن .شۇ ئارىلىققىچە پۈتتۈرۈپ قالسىڭىز . يەرمەنكىگە قاتناشتۇرايلى . ھەر قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا ماڭا دەڭ . مەن يېقىندىن ياردەم قىلىمەن . ئابدۇللا موجاڭ شۇنداق دەپ . ئۆزىنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . غەيرەت بىر كېرەكتىن چىققان ماشىنىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ ئۇنى بىر -بىرلەپ چۇۋۇپ. رەت- رېتى بىلەن تەپسىلىي تىزىملاپ ئىنچىكە كۆزىتىپ خاتىرلەپ ، چېرتيوژنى سىزىشقا كىرىشىپ كەتتى . بۇ جەرياندا ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ باقمىدى،قۇرسىقى ئاچسا نان بىلەن سۇغۇق سۇ ئىچىپ ، ئۇيقۇنى كەم ئۇخلاپ دىگەندەك بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكارغا ئۈتكۈزمەي ئىشلىمەكتە ئىدى، بۈگۈنمۇ ، سەھەردىلا ئورۇندىن تۇرۇپ ناشتا قىلىپلا . ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتكەن غەيرەت ، چۈش بولغىچە قورسىقىنىڭ ئاچقننىمۇ ئۇنتۇپ قالمان ئىدى ئۇ چېرتيوژ سىزىپ كۆزى تورلاشقاندىلا . ئۇيقۇسىز كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ كېرىلىپ بىر ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن.ئۆينىڭ ئىچىدە ، ئۇياق بۇياققا مېڭىپ قۇژلۇشۇپ قالغان ، پۇت قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈگەچ، توك ، چەينەككە سۇ قۇيۇپ چاي قاينىتىشقا باشلىدى . دەل شۇ ۋاقىتتا ئىشىك يەڭگىل چېكىلىپ غەيرەتنىڭ --كىرىڭ-- دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئېچىلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىدا بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ ئارزۇگۈل كىرىپ كەلدى. -- كېلىڭ ، سىڭلىم .… سىزنى قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى ؟ -- قانداق شامال ئۇچۇر كېلەتتى غەيرەت ئاكا . سىزنىڭ قورسىقىڭىزنىڭ كوركىرىغان ئاۋازى چاقىرىپ كەلمەمدۇ ؟ -- مۇنداق دەڭ ، سىڭلىم . مېنىڭ قورسىقىمنىڭ كوكىرغىنىنى ئۆيدە تۇرۇپ سىز ئاڭلاپ سىزدە . قۇلىقىڭىز نېمانداق ئۇزۇن سىزنىڭ ؟ -- ھە ، غەيرەت ئاكا ! مېنىڭ قۇلىقىم ئاشۇنداق ئۇزۇن . سىزنىڭ ھەتتا يۈرىكىڭىزنىڭ قانداق سوقۇۋاتقانلىقىدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىپ تۇرىمەن . -- ئوھوي… تېخى . قېنى دەپ بېقىڭە مېنىڭ يۈرۈكۈم قانداق سوقۇدىكەن،؟ -- ئۇنى مەن قانداق بىلەي . سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ كىمگە قانداق سوقىدىغانلىقىنى ئارزۇگۈل شۇنداق دېگىنىچە قىزىرىپ ، كۆزىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدى .غەيرەت نەچچە ۋاقىتلاردىن ، ئارزۇگۈلدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سىزىپ بولغان ئىدى . ئۇنىڭ غەيرەتكە دېيەلمەيۋاتقان گەپلىرى باردەك قىلاتتى . -- سىزنىڭ ئىشقا كىرىشىپ كەتسىڭىز . قورسىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالىدىغان خۇيىڭىز بار . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە كۈن بولدى . بىزنىڭ ئۆيگىمۇ دەسسەپ قويمىدىڭىز . شۇڭلاشقا دادام . تاماق ئاپىرىپ بەرگەچ ، قانداق قىيىنچىلىقى بولسا سوراپ كەلگىن دېگەن ئىدى . ھە ، راست . ئاخشام تېخى ئابدۇللا تاغام . ئايالى بىلەن بىرگە كېلىپتىكەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلغان ئىدى . سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى .ھەم بىر كۈنىسى ئايرىم سىزنى يوقلاپ باردىغانلىقى ئېيتقان ئىدى، بەلكىم بىرنەچچە كۈننىڭ ئىچىدە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . -- ھۇي… ، بۇ خوش خەۋەرغۇ . ئۇلار يارىشىپ قالدىمۇ ؟ -- شۇنداق . ئۇلار يارىشىپ قالغىلى نەچچە كۈن بولدى . بۇمۇ سىزنىڭ تۆھپىڭىز . داداممۇ سىزدىن بەكلا مىننەتدار . ھازىر ئۇلار ئىككى كۈندە بىر دېگۈدەك ، بىر -بىرىنى كۆرۈپ تۇرمىسا چىداشمايدۇ ، تېخى . ھېلىمۇ بىز تۇغۇلساق ئۇلار بىر -بىرسىگە تەتۈر قارىشىپ يۈرۈپتىكەن . مانا ھازىر ھەممە ئىشلار ئەسلىگە كەلدى ئارزۇگۈل خۇشاللىقىدا ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتاتتى . -- مەنمۇ خۇشال بولدۇم سىڭلىم . ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپتۇ . بىر كۈنىسى جەم بولۇپ بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلىسەك بۇلغۇدەك، -- بۇ خوش خەۋەرنى مەن سىزگە يەتكۈزدۈم جۇمۇ . ماڭا سۆيۈنچە يوقمۇ ؟ -- بولىدۇ سىڭلىم سىزگە قانداق سۆيۈنچە لازىم ؟ قولۇم كۆكسىمدە جۇمۇ . -- سىڭلىم -سىڭلىم دەۋېرىدىكەنسىز . مەن سىز سىڭلىم دېگۈدەك كىچىك بالا ئەمەسقۇ -- خاپا بولماڭ . ئەمدى شۇ مەندىن كىچىك بولغاندىكىن سىڭلىم دەيمەن دە . قېنى سىز دەڭە ؟ ئۇنداق بولسا قانداق چاقىراي ؟ -- سىڭلىم دېمەي . ئىسمىمنى چاقىرىڭ … شۇنداق چاقىرسىڭىز بولىدىغاندۇ .؟ -- بولىدۇ ئارزۇگۈل . ئەگەر سىز خۇشال بولىدىغان ئىشىڭىز بولسا ؟ ئارزۇگۈل دەپ چاقىراي . ئەمدى بولدىمۇ . … غەيرەت ئارزۇگۈلنىڭ ئەركىلەپ گەپ قىلىشلىرىغا ئامراقلىقى كېلىپ ئۇنىڭغا قايتا باشتىن كۆز يۈگۈرتتى . ئارزۇگۈل ، بۇيىل ئون سەككىز ياشنىڭ قارسنىى ئېلىپ قالغان بولۇپ . بۇغداي ئۆڭلۈك چىرايىغا ماس كەلگەن . قاپقارا قاشلىرى ، يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان قوڭۇر رەڭ چاچلىرى . بۇلاقتەك كۆزلىرى ، قىڭراقتەك ئېقىپ چۈشكەن قاڭشارلىرى . ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈپ چىققان كۆكسى ، ئىش قىلىپ قىزلاردا بار بولۇشقا تېگىشلىك ، گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا مۇجەسسەم ئىدى . -- ئەمدى بولدى . بۇنىڭدىن كېيىن سىڭلىم دېسىڭىز . رەنجىپ قالىمەن جۇمۇ . بولدى… سىزنى گەپكە تۇتماي تامىقىڭىزنى تېزرەك يەۋېلىڭ . ھە ، راست … يۇيىدىغان كىيىملىرىڭىز بارمۇ ؟ سىز تاماق يەپ بولغىچە ئارىلىقتا مەن يۇيىۋېتەي . -- رەھمەت ، ئارزۇگۈل . لېكىن سىزگە كىيىملىرىمنى يۇغۇزسام قانداق بولىدۇ ؟ تېخى تۈنۈگۈنلا يۇيۇپ بولغان . دېدى غەيرەت يالغان گەپ قىلىپ . چۈنكى ئۆينىڭ بولۇڭ -پۇچقاقلىرىدا تاشلىنىپ تۇرغان كىيىملىرىنى ئارزۇگۈل كۆرۈپ قالغان ئىدى . -- ھېچقىسى يوق . بىز دېگەن ھازىر ياخشى دوستلاردىن … ھېچنېمە بولمايدۇ ؟ ئارزۇگۈل شۇنداق دېگىنىچە . غەيرەتنىڭ ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىغا تاشلاپ قويغان كىيىملىرىنى .يىغىشتۇرۇپ بىر سۇلياۋ داسقا تاشلىدى . -- رەھمەت ، ئارزۇگۈل ، مەن سىزگە سۇ قۇيۇپ بېرەي . دېدى غەيرەت خىجىللىق بىلەن -- غەيرەت ،… بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا بۇنداق تەكەللۇپ قىلماڭ بولامدۇ . بىزيا… يات ئادەم بولمىساق . بۇ ، قانچىلىك ئىش ئىدى ؟ ئەگەر خالىسىڭىز بۇنىڭدىن ، كېيىن داۋاملىق كېلىپ كىر --قاتلىرىڭىزنى يۇيۇپ بېرەي ؟ ئۇلار شۇ تەرىقىدە .چاقچاقلاشقاچ ئۇ يەر- بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ بىردەمدىلا غەيرەتنىڭ كىيىملىرى يۇيۇلۇپ بولدى .غەيرەت كىيىملىرىنى مۇجۇپ . ئاسقۇغا ئېسىۋاتقان ئارزۇگۈلگە قاراپ، ئىچىدە بىر ئىللىق سېزىم ئويغاندى، ئۇ بۇ قىزغا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ قىلىۋاتاتتى ، ئۇ مۇشۇ كەمگىچە . ماينۇرنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ ، ئامال يوق ئىدى ، چۈنكى ، ئۇ كەلمەسكە كەتتى ئەمەسمۇ .غەيرەت ، نەچچە ۋاقىتتىن ئارزۇگۈلنىڭ ئۆزىگە يېقىنچىلىق قىلىپ . باشقىچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ، ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ؟ ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى . شۇنداقلا ، ئۆزىنى ئارزۇگۈلگە ماس كەلمەيمەن دەپ ئويلايتتى . ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ مانا بۈگۈن ئارزۇگۈلنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەپ كېلىشلىرى . ھەتتا ئۇنىڭ كىر -قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىشى .غەيرەتنىڭ قەلبىدە ئارزىگۈلگە قارىتا يەنە قايتا ئويلىنىپ بېقىش ئىستىكىنى قوزغىدى . ئارزۇگۈل ئىشنى تۈگىتىپ . مېڭىشقا تەمشەلگەن ئىدى ، تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا ئابدۇللا ئاكا پەيدا بولدى . ئارزىگۈل ئابدۇللا ئاكىنى كۆرۈپ ۋىللىدە قىزىرىپ، يەرگە قارىغىنىچە ئەھۋال سورىدى . -- قانداق ئەھۋاللىرى ئابدۇللا دادا…؟ --ھۇي… ئارزىگۈل قىزىمغۇ بۇ ! سىز قاچان كەلگەن ئىدىڭىز ؟ --ھە…مە…مەن… تېخى بايىلا كەلگەن . دادام غەيرەت ئاكامغا تاماق ئاپىرىپ بېرىڭ دېگەن ئىدى . ھازىر قايتىپ مېڭىشىم … خوش ئابدۇللا دادا . ئەمىسە مەن قايتتىم ۋاقىتللىرى چىقسا بىز تەرەپلەرگە ئۆتەلا! -- ھە ، ياخشى بولۇپتۇ قىزىم . دادىڭىزغا سالام ئېيتىپ قويۇڭ . مەن . غەيرەتجان ئىنىم بىلەن . ھال مۇڭ بولاي دەپ كىلىشىم ئىدى قانداق ئەھۋالىڭ ؟ غەيرەت ئىنىم . سېنى . بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىدىم . ئىشلىرىڭ قانداق كېتىپ بارىدۇ ؟ غەيرەت ئابدۇللا . ئاكىنى كۆرۈپ خۇددى ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك قۇلىقىغىچە قىزىرىپ كەتتى . --يا…ياخشى تاغا ئۆزىڭىزچۇ ؟ مېنىڭ بۇ غېرىبانە كۈلبەمگە كېلىشىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن . -- ھۇي … ئىنىم ، نېمە ؟ بولدى بۈگۈن ؟ ئارزىگۈل قىزىممۇ … مېنى كۆرۈپ گېپىنى تاپالماي . قىزىپ كېتىپ بارىدۇ… سەن بولساڭمۇ … ئوغۇل بالا تۇرۇپ مىنىڭ ئالدىمدا گېپىڭنى تاپالماي تىلىڭنى چايناپ يۈرىسەن .… ئابدۇللا ئاكا شۇنداق دەپ . غەيرەتنى تېخىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى . غەيرەت بايامقىدىنمۇ ئۆتە قىزىپ كەتتى . -- بولدى قىزارما… ئەگەر جىيەن قىزىمغا كۆڭلۈڭ بولۇپ قالسا ، بۇنىڭ ئىشى ئاسان .مەن ئابلاغا ئۆزۈم گەپ قىلىمەن . سەن ھازىر ئارتۇق باشقا ئىشلارنى ئويلىماي . قىلىۋاتقان ئىشىڭنى پۈتتۈرۈپ باق . قانچىلىك بىڭسىڭ بار كۆرۈپ باقاي ؟ لېكىن ، ھازىر ئالدىراپ تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ئاي شولىسىغا نان چىلاپ يېمىگىن . ئەگەر كۆڭلۈمدىكىدەك پۈتتۈرۈپ قالساڭ… ساڭا ئۆزەم ئەلچى بولىمەن . دېگەن يەردىن چىقالمىساڭ . ئىككىنچى ، ئۇ توغرۇلۇق خىيال قىلمىساڭ بولىدۇ . -- ياق ، تاغا . خاتا ئويلاپ قاپسىز ؟ مەن ئارزۇگۈلنى سىڭلىمدەك كۆرىمەن . باشقا مەقسىتىم يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن ؟ -- ھاي-- ھاي . ساڭا دەپ قوياي بىز ھەممە ئادەم باپباراۋەر . سېنىڭ ماس كەلمىگۈدەك ؟ بىر يېرىڭ كەممۇ ؟ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىڭغىمۇ ، نەچچە ئاي بولۇپ قالدى ؟ ئۆزلىشىپ قالدۇق ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ گېپىڭلار بىر يەردىن چىقىپ قالسا . ئابلا ھەرگىز ياق دېمەيدۇ . بولدى ئۇكام .… ھەر ئىشنى ۋاقتى كەلگەندە دېيىشەيلى . ئەمدى سىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىڭنى كۆرۈپ باقايلى ئ‍ابدۇللا ئاكا ،شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭ سىزپ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان چېرتيوژىغاقاراپ چۈشىنەلمەي . غەيرەتتىن سورىدى . -- مەن بۇ نەرسىلىرىڭنى چۈشىنەلمەيدىكەن ئۇكام… لېكىن مۇشۇنىڭ ئۈچۈن . بىر ئايلىق ۋاقتىڭنى سەرپ قىلدىڭ . شۇنداق ، قىلىشقا ئەرزىمدۇ . بۇنى سىزىشقا بىرئاي كەتكەن يەردە . ئۆزىنى ياساش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتەر ؟ ئاڭلىسام بۇ يىلقى يەرمەنكىگىمۇ ئاز قاپتۇ . سېنىڭچە پۈتۈپ چىقارمۇ ؟ -- ئەلۋەتتە تاغا … مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ . بۇ پۈتكەندىن كېيىن ئىشلىرىمنى يېرىم بولدى دېسەم بولىدۇ . يەنە بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە بۇ چېرتيوژىنى مۇكەممەل پۈتتۈرىمەن . ئۇنىڭ كەينىدىن ، ئەمەلىي ئىش قىلمىسام بولمايدۇ . مۇشۇ سۈرئىتىم بىلەن ئىشلىسەم يەرمەنكىدىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ بۇلىشىم مۇمكىن -- بولىدۇ ئىنىم، مەن سىنى گەپكە تۇتۇپ ۋاقتىڭنى ئالماي . ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن .ۋاقتىڭ يەتسە بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كەتكىن دېدى ئابدۇللا ئاكا ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلگەچ . -- قۇرۇقلا قايتىدىغان بولدىڭىزتاغا… بولمىسا سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كېلەيلى، مەن مېھمان قىلاي . -- بولدى ، ئنىم ، تاماقنىمۇ بىر كۈنى يېيىشەرمىز . ئاۋۋال ئىشىڭنى پۈتتۈرسەڭ مەن سېنى مېھمان قىلاي . ئابدۇللا ئاكا ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەپ قايتىپ كەتتى ، غەيرەت ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ، يەنە ئۆزىنىڭ ئىشغا كىرىشىپ كەتتى .ئۇ چېرتيوژنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن . ئابلا موجاڭنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ . مەخسۇس ياغاچچىلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈيىدە ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى . بۇ جەرياندا ئابلا مۇجاڭ . ئۇنىڭغا لازىملىق نەرسىلەرنى تەل قىلىپ بەردى . ئارزۇگۈل بولسا ۋاقىت چىقسىلا ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى، غەيرەت كېچە -كۈندۈز دېگەندەك ئىشلەپ يۈرۈپ يەرمەنكىگە بىر ئاي ۋاقىت قالغاندا . بۇ ماشىنىنى ياساپ پۈتتۈرۈپ سىناق قىلىشنى باشلىۋەتتى . لېكىن بىرىنچى قېتىملىق سىناق مەغلۇپ بولۇپ ماشىنا ئوت ئالمىدى . ئۇ نەدە چاتاق بارلىقىنى ئۇقالماي . بىر باشتىن تەكشۈرۈپ چىرتىيوژغا قاراپ سېلىشتۇرۇپ، قۇراشتۇرۇشتا خاتالىق بارلىقىنى بايقاپ ، قايتىدىن چۇۋۇپ ، يەنە ئون نەچچە كۈندە قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ، سىناق قىلىپ سىناقتىن ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ ئابدۇللا ئاكا بىلەن ئابلا مۇجاڭنى چاقىرىپ پۈتۇپ چىققان ماشىنا كۆرسەتتى، بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى شۇنداق چىرايلىق ياسالغان بولۇپ،ماشىنىنىڭ ئۇششاق ، ئىنچىكە سايمانلىرى تۆمۈردىن مىستىن ياسالغاندىن بۆلەك باشقا يەرنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، بەكمۇ سىپتا ئىشلەنگەن ئىدى . ئابلا مۇجاڭ بىلەن ئابدۇللا ئاكا بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قايىللىقىنى بىلدۈردى: -ياشاپ كەت ئىنىم! ھەقىقەتەن مەن ئويلىغاندىنمۇ ياخشى چىقىپتۇ،ئەكىلە ئۆزۈم بىر قوللۇق ھەيدەپ باقاي ! دېدى ئابدۇللا، ئاكا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغاچ، -ۋاھ،ۋاھ،قارا!بۇنىڭ ئىچىنى تېخى زاۋۇتتا ئىشلەپ چىقارغان ماشىنىدىنمۇ قېلىشمىغۇدەك ياساپسەن، ئابدۇللا ئاكا شۇنداق دېگەچ،غەيرەتنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي ماختىغاچ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ خۇتقاسالغان ئىدى،ماشىنا يېنىك قوزغىلىپ مېڭىشقا باشلىدى ،ئابدۇللا ماشىنىنى ئالدى كەينىگە ماڭدۇرۇپ باقتى،ئىتتىك مېڭىپ تورمۇزلاپ توختىتىپ باقتى،ماشىنا ھەر جەھەتتىن ئۇنىڭ دىتىغا يېقىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى . -يارايسەن غەيرەت!مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ياخشى قىلىپسەن،سېنىڭ ماشىنا ھەيدەشتىن ،شۇنداقلا ماشىنىدىن خەۋىرىڭ بولمىسا بۇنى قانداق قىلىپ ياساپ چىقتىڭ دەيمەن! دېدى ئابدۇللا ئاكا،ئۇنىڭغا قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ، -بۇنىڭ ھەممىسى ئابلا ئاكام بىلەن ئىككىڭلارنىڭ تۆھپىسى،ئەگەرسىلەر بولمىغان بولساڭلار! بۇنى ياساپ چىقىشىم مۇمكىنمۇ؟چۈنكى سىلەر ھەر تەرەپتىن مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەچكە،مەن بۇ ماشىنىنىى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتىم، - ئۇنداق دېمە ئۇكام،يەنىلا ئۆزەڭنىڭ تىرىشچانلىقى كەلگۈسىدە نەتىجىدە قازىنىپ قالساڭ بىزلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ! -ئۇنداقمۇ بولامدىغان ئاكا!سىلەر مېنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىم مەن ئۆيدىن ئايرىلىپ سىلەرگە يولۇققاندىن باشلاپ سىلەر ماڭ قېرىندىشىڭلاردەك مۇ ئامىلە قىلدىڭلار! مەن بۇنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

13-قىسىم

غەيرەت شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا .ئۆيدىن چىققان ئارزۇگۈل ئۇنىڭ ئاخىرقى گېپىنى ئاڭلاپ غەيرەتكە مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ تاتلىققىنە تەبەسسۇم قىلىپ كۈلۈپ قويدى، غەيرەتمۇ ئارزىگۈلنىڭ تەبەسسۇمغا تەبەسسۇم بىلەن جاۋاب قايتۇردى-يۇ،ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى بويۇن قۇلاققىچە قىزىرىپ كەتتى، بۇ ئوڭايسىزلىقنى يەنىلا ئابدۇللا ئاكا ھەل قىلدى، -ھە،ئابلا ئىنىم ،شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىگە يەرمەنكىگە قاچان ماڭىدىغان بولدۇڭلار؟ سورىدى ئۇ،ئابلامۇ جاڭغا قاراپ،بۇ ۋاقىتتا ئۆي ئىچىدىن چىققان باھارگۈل ھەدە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئارىلاشتى، -ئۇ يەردىكى ئىشلارنىڭمۇۋاقتى توشۇپ قالغاندەك،شۇڭلاشقا ۋاقتىدا بارمىساق بولمايدۇ! بۇلمىسامۇشۇ باھانىدە ھەممىمىز بېرىپ كېلەيلى! -توغرا دەيسىلەر ئانىسى! تېخى ئۇ ئىشمۇ بار!مانا،قوش خۇشاللىق دېگە بولىدۇ، ئىككى كۈن ئىچىدە تەييارلىق قىلىپ ھەممىمىز بىراقلا بارايلى! -ھۇي،قوش خۇشاللىق بولغۇدەك زادى نېمە ئىش ئۇ ؟ تېخى مەندىن يۇشۇرۇپ كەتتىڭلارمۇ ؟ مەنمۇ ئاڭلاپ باقسام بولار! دېدى ئابدۇللا ئاكا ئەر -خوتۇن ئىككەيلەنگە سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ، -بۇ…بۇ،مۇنداق ئىش ئاكا! قېنى ئاۋۋال ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى!يۈرە غەيرەت ئىنىم ئۆيگە كىرەيلى! ئابلا مۇجاڭ، شۇنداق دېگىنىچە ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدى، -بولدى ئابلا ئاكاسىلەر پاراڭلىشىڭلار!مەن ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇندۇقلىرىنى پۇختىراق جايلاشتۇرىۋېتەي! -ھە،ئۇنداق بولسا مەيلى ئۇكام!ئىشىڭنى تۈگىتىپ بولۇپ كىرەرسەن! ئابدۇللا ئاكا بىلەن ئابلا مۇجاڭ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغىچە ئارىلىقتا باھارگۈل ھەدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاي ئېلىپ كەلدى،ئابدۇللا ئاكا چايدىن بىر ئوتلام ئىچىۋېتىپ گەپ باشلىدى، -ھە ، قېنى!بايامقى گەپنىڭ داۋامىنى ئاڭلاپ باقايلى! قانداق خۇشاللىق، قانداق ياخشى ئىشلار بار،مەنمۇ خەۋەر تېپىپ قالاي! -بولىدۇ ئاكا،بۇ ئىشلاردىن سىزنى خەۋەردار قىلمىساقمۇ بولمايدۇ،مۇنداق ئىش ،ھە… ھېلىقى، بولدىلا !ئاپىسى بولغان ئىشلارنى سىلەر سۆزلەپ بېرىڭلار ؟ دېدى ئابلامۇجاڭ ،باھارگۈل ھەدىگە قاراپ،باھارگۈل ھەدە، بولغان ئىشلارنى بىر باشتىن سۆزلەپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق چۈشەندۈردى، -ئاكاسىلىنىڭ مۇشۇ كەمگىچە بىرەر تالمۇ پەرزەنتلىرى يوق!شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاشۇ بالىنى ئوغۇل تۇغۇلۇپ قالسا سىزگە ئەكىلىپ بېرەيلى دېيىشكەن ئىدۇق،بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىزكىن؟- ئابدۇللا ئاكا،باھارگۈل دېگەن گەپلەرنى تەپسىلىي ئاڭلاپ چىقىپ ئاخىرىدا ئۇنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى چۈشىنىپ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى، -ۋاھ،مۇنداق ئىش بار دەڭ تېخى! بەك ياخشى ئويلاپسىلەر،رەھمەت سىلەرگە!ھەيييى! مېنى كەچۈرۈڭلار! مېنىڭ بوينۇم بەك قاتتىق بولغاچقا ئاداۋەت ساقلاپ كەپتىمەن،سىلەر بولساڭلار مېنىڭ غېمىنى قىلىپ كەپسىلەر!بۇ خوش خەۋەرنى ئايالىم ئاڭلىسا قانچىلىك خوش بولۇپ كېتەر ھە دېدى ئابدۇللا ئاكا ھاياجانلىنىپ، ئابلامۇجاڭ، ئايالىنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى،ئۇ ،ئۇنىڭ شۇنچە تېزلا قارارنى ئۆزگەرتىپ ئابدۇللا ئاكىنى قىلىپ خوشال قىلغىنىدىن سۆيۈندى،دېمىسىمۇ ، ئۇلارغا يەنە بىر بالا بېقىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى،بۇنىڭغا ئەڭ ئېھتىياجلىقى يەنىلا ئابدۇللا ئاكا ئىدى، -ھە ، توغرا ، توغرا !بىزمۇ شۇنداق ئويلاشقان، دېدى ئابلامۇجاڭ باھارگۈل ھەدىنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ، -بولىدۇ ئۇنداق بولسا بۇ خوش خەۋەرنى مەن ئايالىمغا يەتكۈزەي! مۇشۇ باھانىدا ھەممەيلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلەيلى! ئابدۇللا ئاكا گېپىنى قىلىپ بولۇپلا ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، بۇ خوش خەۋەرنى ئايالىغا يەتكۈزۈشكە ئالدىراپ چىقىپ كەتتى،ئابلا مۇجاڭ بىلەن باھارگۈل ھەدە ،كەينىدىن ئۇزىتىپ چىققان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن شۇنچە تىزلا خوشلاشتى،ئابلا مۇ جاڭ بىلەن باھارگۈل ھەدە،ياشانغىنىغا قارىماي شۇنچىلىك تېتىك كېتىپ بارغان ئابدۇللا ئاكىنىڭ كەينىدىن قاراپ يۈزلىرىگە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى،چۈنكى بۇ ئىككى ئائلە ئۇزۇن يىللىق ئاداۋەتنى تەلتۆكۈس تۈگىتىپ قايتىدىن قېرىنداشلىق مېھرىنى بىر -بىرسىگە يەتكۈزمەكتە ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئىككى ئائلە تېزلىكتە سەپەر تەييارلىققا كىرىشىپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتى، سەپەر جەريانىدا ئابدۇللا ئاكا ھېلىقى چاغدا غەيرەتكە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئابلا مۇجاڭغائۆزىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئېيتتى،ئابلامۇجاڭ بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاكىسىدىن سورىدى، -سىزنىڭچە ئاشۇنداق قىلساق بولارمۇ؟غەيرەتقۇ ئوبدان يىگىتىكەن، لېكىن ، بىز ئۇنىڭ تېگى- تەكتىنى ئۇقمايمىز -دە، -مېنىڭ كۆزۈم ئادەم تونۇيدۇئۇكام، مەن ئۇنى تۇنجى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم،بۇ بالىنىڭ كۆڭلى بەك تۈز ئىكەن، مانا ئۇ سەۋەبلىك ئىككىمىز ياخشى بولۇشۇپ قالدۇققۇ ؟ئەگەر ئۇ بالا يامان غەرەزلىك بولغان بولسا بۇ كەمگىچە بۇ يەردە تۇرۇپ بولالمايتى، قارىسام ئىككىسىنىڭ بىر- بىرسىگە كۆڭلى بار ئوخشايدۇ، -ياق ئاكا،بۇ ئىشتا ئالدىراشقا بولمايدۇ،چاپان كەيسەكمۇ ياقىسىدىن تۇتۇپ كىيىمىز،ئاچىسى تۇرۇپ سىڭلىسىنىڭ توينى قىلساق ياخشى بولمايدۇ بۇنىڭغا مەلۇم ۋاقىت كېرەك؟ -ئۇنىڭ ئىشى ئاسان! بىز ئۇقمىغان بىلەن ئۇ قىزىڭنىڭمۇ پۈتۈشۈپ قويغان يېرى بارمۇ تېخى ! بولدىلا، ھەر ئىشنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرەيلى!بۇ بۈگۈن دېيىشىپلا ئەتە قىلىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن ئاۋال ئالدىمىزدىكى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى پۈتتۈرەيلى! بۇ ئىككى ئائلىلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇستا بىر كېچە كۈندۈز مېڭىپ ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى،غەيرەت ماشىنىدىن چۈشۈپلا بۇ چوڭ شەھەرگە قاراپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى، كۈك بىلەن بوي تالاشقان ئېگىز بىنالار،چوڭ يولدا پاتماي رەت -رېتى بىلەن كېتىپ بارغان ماشىنىلار،يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخلەر، كوچىدا رەتلىك مودا كىيىنىپ كېتىپ بارغان قىز- يىگىتلەر، يول بويىدىكى ئاشخانىلاردىن چىقىۋاتقان تاماقنىڭ مەززىلىك پۇراقلىرى ،كۈتكۈچىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىراشلىرى، بۇ شەھەرنى باشقىچىلا قاينام- تاشقىنلىققا چۈمدۈرگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ كېلىدىغان خەۋىرىنى بىلگەچكە باھارگۈل ھەدىنىڭ ئاكىسى جېلىل كىچىك ماشىنا بىلەن ئالدىغا چىققان ئىدى، ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ ھەممەيلەن بىلەن تىنچلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۇلارنى ماشىنىغا سېلىپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى،جېلىلنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چېتىگە جايلاشقان سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ يېزىسىدا بولۇپ،ئاتا- ئانىسى بولسا سېمونت زاۋۇتنىڭ پېشقەدەم ئىشچىللىرىدىن ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك تەقدىر ئۇلارغا بىر قىز ، بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى، بالىلار چوڭ بولۇپ قاتارغا قېتىلىپ جېلىل توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار كەينى- كەينىدىن ، ئىككى پەرزەنتنىڭ كۆزىدىن قان ياش ئاختۇرۇپ كەلمەسكە كېتىپ قالدى، باھارگۈل بولسا ئابلا مۇجاڭ بىلەن توي قىلىپ جېلىلنى يالغۇز قويۇپ ئاقسۇغا كەتتى ،جېلىل دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ سېمونت زاۋۇتتا بىر مەزگىل ئىشلىگەن بولسىمۇ سالامەتلىكى يار بەرمەي ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ نىمكەش ماشىنا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتاتتى، سودىسىمۇ ھەر ھالدا ياخشى بولۇپ خېلىلا قول ئىلكىدە بار ئىدى، لېكىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ توققۇزى تەل بولمىغاندەك ئۆزى تاللاپ يۈرۈپ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان ئايالى تۇغماس چىقىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان بولغاچقا يەنىلا بىر- بىرسىگە تەسەللىي بېرىپ كېلىۋاتاتتى،ئالدىنقى قېتىم باھارگۈل ھېلىقى قىزنى ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا،ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولغان ئىدى، ماشىنايېرىم سائەت چامىسىدا ماڭغاندىن كېيىن كىچىك بىر بازارغا يېتىپ كەلدى،بۇ بازار گەرچە كىچىك بولسىمۇ قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن نېمە ئىزدىسە تېپىلىدىغان قايناق بازار ئىدى،ماشىنا تاركوچىغا كىرىپ ئىككى تەرىپىگە شىرنىڭ ھەيكىلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىرئاىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىگە كىرىپ ئازراق مېڭىپلا ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىداتوختىدى،جېلىل ماشىنىدىن چۈشۈپ ،يۈك -تاقلارنى ئېلىپ ئۇلارنى باشلاپ ئۆيگە چىقتى،ئۇنىڭ ئۆيى ئىككىنچى قەۋەتتە بولۇپ،ئۆيى ئانچە بەكمۇ چوڭ بولمىسىمۇ ئۆي سەرەمجانلىرى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ تېخى يېڭىدىن بېزىگەندەك قىلاتتى، جېلىلنىڭ ئايالى مەريەمگۈل ئۇلارنى كۈلۈپ قارشى ئالدى، تاماقمۇ تەيياربولغان بولۇپ، ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغىلابىر قاچىدىن مېزىلىك پىشقان چۆچۈرە ئېلىپ كېلىندى، باھارگۈل ھەدە پات -پات بوينىنى سوزۇپ ئۆي ئىچىگە قاراشقا باشلىدى، -نېمىگە قارايسىز سىڭلىم ؟ بەلكىم ماينۇرنى ئىزدەۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ ماينۇر قىزىم ئەتىگەندىلا دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن كېتىپ قالغان سەل تۇرۇپ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن!ھېلىمۇ شۇ قىزىم بولۇپ قاپتىكەن يالغۇزلۇقۇمنى بىلدۈرمەي ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ئاكىڭىز بولسا ئەتىگەندە چىقىپ كەتسە كەچتە قايتىپ كېلىدۇ، مېنى بولسا ئىش ئورنۇمدىن توختىتىپ قويدى، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ دېدى مەريەمگۈل ھەدە باھارگۈل ھەدىنىڭ نىمە تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى سىزىپ، غەيرەت ماينۇر دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆز ۋاقتىدا ماينۇر بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن شۇ گۈزەل ۋاقىتلار بىر- بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى، -غەيرەت ئوغلۇم،مىجەزىڭ يوق ئوخشىمامدۇ؟ سورىدى ئابدۇللا ئاكا ئۇنى خىيالىدىن ئويغىتىپ،ئابدۇللا ئاكىنىڭكى چاقىرىشى بىلەن غەيرەت ئەسلىگە كېلىپ ئابدۇللا ئاكىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا قارىدى، -تاماق يە ئوغلۇم! تامىقىڭ سوۋۇپ قالمىسۇن ،سەل تۇرۇپ يەنەيەرمەنكە بولىدىغان يەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرمىساق بولمايدۇ، ئەگەر مىجەزىڭ بولمىسا بۈگۈن ئارام ئال،بىز بېرىپ كېلەيلى! -ياق ،ياق،مىجەزىم ياخشى مەن ھېچنېمە بولمىدىم، غەيرەت شۇ گەپتىن باشقىنى قىلالمىدى ،چۈنكى ماينۇر دېگەن بۇ ئىسىم ئۇنىڭ يارىسىنى قايتا تاتلاپ ئاچقان ئىدى،ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئاشۇ يېزىدا بەخت ئىچىدە ئۆتكەن بولاتتى، ئەپسۇس …ئۇ ئۆلۈپ كەتتى،ئەمدى قانچە قىلسىمۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ، غەيرەت شۇ خىياللار بىلەن تاماق يەۋېتىپ ئۆزىگە ئىنتىزارلىق ئىلكىدە تىكىلىپ تۇرغان ئارزىگۈلنى كۆرۈپ قالدى، ئۇغەيرەتكە خۇددى ئۆزىنىڭ خىياللىرىنى بىلىپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى،ۋە ، ئۇنىڭدىن تېزلا كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدى، ئۇلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاياللار ئۆيدە قېلىپ قالدى، ئەرلەر بولسا جېلىلنىڭ يول باشلىشىدا يەرمەنكە بولدىغان يەرگە يۈرۈپ كەتتى، غەيرەتنىڭ ماشىنىسىنى ۋاكالىتەن مال يەتكۈزۈش ئورنىغا سالغان بولۇپ، بىر ئىككى كۈن ئىچىدە كېلىپ بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى، يەرمەنكە قىلىدىغان ئورۇن خېلى يىراقتا بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدا ماشىنا جىق بولغاچقا ئۇ يەرگىمۇ خېلى ئۇزۇندا يېتىپ باردى،ئۇلار بارغان ۋاقىتتا چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جېلىلنىڭ باشلىشى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر ھەشەمەتلىك ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى،مۇلازىم ئۇلارنى قارشى ئېلىپ بىر يۇمىلاق جوزىغا باشلاپ كۈتكۈچىگە قاراپ ۋارقىرىدى، -ئالىم ماۋۇ مېھمانلارغا چاي قۇي! ئۇنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئىچكىرىسىدىن ئالىم بىر قولىدا چەينەك، يەنە بىر قولىدا پىيالە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى،ۋە جوزىدا ئولتۇرغانلارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكىنىدىن قولدىكى پىيالىلەر يەرگە چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى،ۋە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتتى،ئالىمنىڭ كىرىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كەينى تەرەپتىن كۆرگەن غەيرەت «- ئەجەب ئالىمغا ئوخشايدىكەن- يا » دەپ ئويلىدى -يۇ، «- بەلكىم خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن بىر مۇنچە پۇلنى قويۇپ كەتكەن ئادەم ئاشخانىدا ئىشلەپ يۈرەمدۇ .» دېگەننى خىيالدىن ئۆتكۈزۈپ ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمىدى،ئالىم ئىچىگە كىرىپ كەتكەندە ھېلىقى ئۇنى توۋلىغان مۇلازىمەتچى ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلغىنىنى ئاڭقىرالماي كەينىدىنلا تاپ باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭغا سۆزلەپلا كەتتى، -ھۇي،نېمانداق قىلىسەن؟ كاللاڭ چۆرگىلەپ قالمىغاندۇ؟ ياكى ئۇلارغا بېرىشىڭ بارمىدى! -ياق ، ئاداش!مېنىڭ ئۇلارغا بېرىشىم يوق!خاپا بولمىساڭلار بۇ چاينى سىلەر چىقىپ قويۇپ بەرسەڭلار بولۇپتىكەن، چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن بىر مەھەللىلىك مېنىڭمۇ مەھەللىدە خېلى يۈزۈم بار، ئاتا- ئانامنىڭمۇ قول ئىلكىدە بار،ئەگەر ئۆيدىكىلەر بىلەن قىزىرىشىپ قالمىغان بولسام بۇ يەردە ئىشلەپ يۈرمەستىم، ئۆزۈڭلار بىلىسىلەرياخشى خەۋەردىن يامان خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بەك تېز بولىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار توغرا چۈشەنسە چۈشەندى ، بولمىسا «ۋاييەي ھالىغا قاراڭلار!يۇرتتا بولسا ھالىنى ئات تارتالمايتتى،ئەمدى بۇ يەردە بولسا ئاشخانىدا ئىشلەپ چۆپ تېرىپ يېگىلى تۇرۇپتۇ»دېيىشتىن يانمايدۇ، كونىلارنىڭ «ياخشى ئىت ئىگىسىگە ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ »، دېگەن گەپ بار،شۇڭلاشقائۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشىم ئىدى،توغرا چۈشەنسەڭلار! -ھە ، مۇنداق دېگىن توغرا دېدىڭ! بولىدۇ مەن ئۆزۈم چىقاي سەن ئىچىدىن چىقماي تۇرۇپ تۇرغىن ،ئۇلار كېتىپ بولغاندا مەن سېنى چاقىراي! مۇلازىمەتچى بالا شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى،ئالىم بولسا پات- پات ئۇلارنى«كەتتىمۇ ، بارمۇ » دېگەندەك ماراپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جايىدا ئولتۇرالمايلا قالدى،ئۇ بۇلارنىڭ قانداقسىگە بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئويلاپمۇ يېتەلمىدى، ئالىم ئابدۇللا ئاكىنىڭ پۇللىرىنى پۈتۈنلەي خەجلەپ تۈگەتكەندىن كېيىن بىر نەچچە كۈنگىچە سىرتتا چىملىقلاردا،كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا ،دېگەندەك يېتىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدى،ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا كۈنلۈكى مىڭلاپ ئىككى مىڭلاپ خەجلىگەن پۇللىرى كۆزىگە كۆرۈنۈپ كېتىپ باراتتى، ئۇ بۇنداق كېتىۋەرسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ بىر ئش قىلىشنى ئويلۇشۇپ ئاخىرى نەچچە كۈن يول مېڭىپ ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ ئاشخانىغا تاڭجاڭلىققا ئورۇنلاشتى،بۇ ئاشخانىنىڭ سودىسى ياخشى بولۇپ كۈنلۈكى نەچچە مىڭ يۈئەن كىرىم بولاتتى، ئالىم پۇرسەت تاپسىلا ئوغرى مۈشۈكتەك ماراپ پۇرسەت كۈتۈپ جىقراق پۇل تېپىشنىڭ كۇيىدا يۈرەتتى،ئەلۋەتتە،ئۇيەنىلا ئۆزىنىڭ قۇيمىچىلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سالمىسا بولمايتى، غەيرەتلەر ئاشخانىدا تاماق يېگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ۋاقت توشقاندىلا بۇ يەردىن چىقىپ يەرمەنكە بولدىغان يەرگە كىرىپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىتى ئېيتتى، بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىم ئۇلارغا يەرمەنكىگە قاتناشتۇرماقچى بولغان نەرسىنى بىللە ئېلىپ كەلمىسە تىزىملىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى،يەرمەنكىگە يەنە بىر ھەپتە ۋاقىت بار بولۇپ ماشىنىنىڭ كېلىشىگە يەنە ئىككى كۈن بار ئىدى، دەل بۇ ۋاقىتتا جېلىلغا تېلېفون كېلىپ ماينۇرنىڭ ۋاقىتنىڭ توشۇپ قالغانلىقىنى ھازىر ھەممەيلەننىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،جېلىل بۇ خوش خەۋەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى، -ياخشى بولۇپتۇ ھەر نېمە بولسا كەلگىنىمىز بىكارغا كەتمەيدىغان بولۇپتۇ ،ئەگەردە ئوغۇل بولۇپ قالسا بەك ياخشى بولاتتى، --ھاي،ھاي قىز ئوغۇل دېمەي، تىنچ ئامان يەڭگىشىنى تىلەيلى،مەن ئۈچۈن قىز بولسىمۇ ئوغۇل بولسىمۇ بەرىبىر! ئىش قىلىپ ساق -سالامەت تۇغۇلسىلا بولدى، -ياق جېلىل بۇرادەر!مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم،ئۆز ۋاقتىدا سىڭلىمىز باھارگۈل بىلەن دېيىشكەن گېپىڭلار بويىچە،قىز تۇغسا سىلەر بېقىۋالىدىغان،ئوغۇل بولۇپ قالسا بىز بېقىۋالدىغان بولۇپ دېيىشىپتىكەنسىلەرغۇ؟ شۇ مەقسەتتە دېگەن ئىدىم، -ھە ، ئۇنىڭدىن خەۋىرىم بار، لېكىن مەن دېمەكچى،بولسا مۇشۇ نىيىتىڭلاردىن يېنىپ قالغان بولساڭلار!سىلەرگىمۇ بىر يەردىن چىقىپ قالار ئىدى .

14-قىسىم

-ئۇنداق دېسىلىرى قانداق بولىدۇ؟ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا كېلىشكەن ئىش تۇرسا ئەمدىلىكتە گەپلىرىدە تۇرمىسىلا -ئابدۇللا شۇنداق دەپ، دېمەكچى بولغان گېپىنى يۈتىۋەتتى، -ئۇ ۋاقتىدا ئاشۇنداق دېگەن،لېكىن كېيىن ئويلاپ باقسام مەن ئۈچۈن قىز- ئوغۇل بەرىبىركەن،ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلۇپ قالسا سىلەر ئېلىپ كەتسەڭلار مېنىڭ خۇشاللىقىم كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدىكەن،ئايالىممۇ ماينۇر ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان باشقىچە خۇشال!ئۇنىڭمۇ كۈندە غېمى، «ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلۇپ قالسا قانداق قىلارمىز؟»-دەپ غەم- ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ،مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار مەيلى، لېكىن بۇ توغرۇلۇق مېنى قىستىماڭلار! -بولىدۇ ، بۇرادەر! بۇ ئىشلارغا ئامال يوق! دېمىسىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن ئۇ قىزنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۆيۈڭلاردا تۇرغۇزۇپ كەلدىڭلار ئەمەسمۇ، سىلەرنىڭ تاللىشىڭلارغا ھۆرمەت قىلمىساق بولمايدۇ!- -ھاي،ھاي،ئىككىڭلار «سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ» دېگەندەك مەن گەپ قىلماي تۇرسام ئەجەب تالىشىپ كەتتىڭلارغۇ ؟ سىلەرگە دەپ قوياي!بۇ جەھەتتىن ئايالىم باھارگۈلگە رەھمەت دېيىشىڭلار كېرەك؟مەنمۇ تېخى ئوغۇل تۇغۇلۇپ قالسا ئۆزۈم بالا قىلىۋالمەن دەپ ئويلىسام،بۇ خىيالىمنىڭ ئەمەلگە ئاشمىقى ئالتە تاغنىڭ نېرىسىدا ئوخشايدۇ،سىلەر ئارتۇق تالاشماي ئۇ قىزنىڭ تېنچ -ئامان يەڭگىشنى ئارزۇ قىلىڭلار! دېدى ئابلا موجاڭ چاقچاق قىلىپ، ئەمەلىيەتتە «چاقچاقنىڭ يېرىمى مەقسەت »دېگەندەك،ئەگەر ئۇلار تالاشمىغان بولسا ئىدى،ئابلا مۇجاڭ ئىككى يېنىغا قارىمايلا قىز بولۇشىدىن قەتىينەزەر بۇ بالىنى بېقىۋالغان بولاتتى، -مۇنداق دېسىلە ئابلىراخۇن! سىلە تېخى ئىككى قىزلىرىغا قانائەت قىلماي بىزدىن بالا تالاشماقچى بولىۋاتاملا!ئەگەر مېنىڭ سىلدەك ئىككى قىزىم ئەمەس،بىر قىزىم بولغان بولسىمۇ بېشىم كۆككە يېتەتتى، دېدى جېلىل ئۇنىڭ گېپىگە جاۋابەن جاۋاب قايتۇرۇپ، -چاقچاق قىلىپ قويدۇم قېينىئاغا! باھارگۈلمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي مېنى ئىككى بالىنىڭ دادىسى قىلدى، بۇ جەھەتتىن مەن ئۇنىڭدىن كۆپ مىننەتدار، -ئەھە!مەن شۇنداق قىلىپ بۇ يەرگە بىكارغا كەلگەن بولدۇممۇ؟ خەير بولۇپتۇ ،سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار مېنىڭ خۇشاللىقىم، ماڭىمۇ تەقدىرنىڭ بۇيرۇغىنى باردۇ، دېدى ئابدۇللا ئاكا چاقچاق ئارىلاش ئەپسۇسلانغان قىياپەتتە، -مۇنداق دېسىلە!ئەگەر بالىنىڭ ئىشى بولمىسا بىزنى كۆرگىلى بولسىمۇ كەلمەمتىلە؟ھېلىمۇ ئۇزۇن بولدى، ياكى بىز بارمىدۇق ، يا سىلەر كەلمىدىڭلار!ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى !ئاتا -ئانىلىرىمىز ھايات ۋاقتىدا يېقىن ئۆتۈپتىكەن،بىزگە كەلگەن ۋاقتىدا ياتلشىپ كېتىپ بارىمىز جۇمۇ! ئۇلار شۇ پاراڭلار بىلەن چاقچاقلىشىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىشتى، بۇ چاغدا تېخى ماينۇر تۇغۇت ئۆيدىن چىقمىغان ئىدى،غەيرەت بولسا بۇ يەردە ئۆزىنى بىئەپ ھېس قىلىپ جېلىلنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى،چۈنكى ئۇ يەردە ئارزۇگۈل بار ئىدى،ئۇمۇ غەيرەتنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى، -قانداق بولدى غەيرەت!ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ؟ سورىدى ئارزۇگۈل ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن غەيرەتكە مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ، -ياق سىڭلىم!يەرمەنكىگە قاتناشتۇردىغان ماشىنا كېلىپ بولغاندىن كېيىن تىزىملايدىغان بولدى،دوختۇرخانىغا بارغان ئىدۇق ، تۇرغۇم كەلمەي يېنىپ كەلدىم،سىزچۇ دوختۇرخانىغا سىز بارماپسىزغۇ ؟ - تايىنلىق سىڭلىم دېمەيلا قىزىم دەۋېلىڭە! نەچچە قېتىم دېدىم ئىسمىمنى چاقىرىڭ، سىڭلىم -پىڭلىم دېگەن گەپنى قىلماڭ دەپ، دېدى ئارزىگۈل غەيرەتكە قاراپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قېيدىغان قىياپەتتە، غەيرەت ئۇنىڭ قېيداشلىرىغا ئامراقلىقى كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىنى بوشقىنا مۇجۇپ قويدى، -غەيرەت مېنى بازارغا ئېلىپ چىقىڭە!دۆڭكۆۋرۈككە بەكلا بارغۇم بار!دېدى ئارزىگۈل ئۇنىڭدىن ئۆتۈنگەن قىياپەتتە، -ئىككىمىز چىقىپ كەتسەك باشقىلار قانداق ئويلاپ قالار؟ دادىڭىز بىلەن ئاپىڭىز سىزدىن ئەنسىرەپ قالارمۇ، --مەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىم،نېمىشقا ئەنسىرەيدىكەن!ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا سىز بار تۇرسىڭىز،سىزگە بىر گەپنى دەيمۇ؟- ئارزۇگۈل شۇنداق دەپلا ئىككى قولى بىلەن يۈزنى ئېتىۋالدى، -قېنى دەڭە نېمە ئىشتى ؟ بۇنچىلىك خىجىل بولغۇدەك!-دېدى غەيرەت ،ۋە ئارزۇگۈلنىڭ يۈزىنى ئېتىۋالغان قولىنى ئاستا تارتىپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدى،ئارزۇگۈلنىڭ چىرايى بولسا خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، -قېنى ئادەمنى تەقەززا قىلماي ئېيتىڭە! زادى قانداق ئىش ئىدى ؟ -تۈنۈگۈن سەپەردە ماشىنىدا كېلىۋېتىپ دادام بىلەن ئابدۇللا دادامنىڭ بىز توغرۇلۇق پاراڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم،ئابدۇللا دادام دادامنى قايىل قىلدى،شۇڭلاشقا ئىككىمىز بىر يەرگە بارساق ئۇلارمۇ توغرا چۈشىنىدۇ، دېمىسىمۇ نىمىشقا توغرا چۈشەنمەيدىكەن !ياكى بىز باشقىلاردەك ئاپاق- چاپاق بولۇپ يۈرمىسەك! ئارزۇگۈلنىڭ تۇمشۇقىنى ئۇچلايتىپ ئەركىلەپ گەپ قىلىشلىرى ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى، غەيرەتنىڭ ئۇنىڭغا ئامراقلىقى كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى ئالقىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ سلاپ قويدى، ۋە بەدىنگە تارقالغان بىر تاتلىق سېزىمنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ كۆزىگە ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن باقتى، ئارزىگۈل بولسا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراشتىن خىجىل بولۇپ ئاستا قولنى تارتىۋېلىپ باشقا ياققا قاراپ بوشقىنە پىچىرلىدى، -باشقىلار كۆرۈپ قالسائۇيات بولىدۇ! -كەچۈرۈڭ! ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم،سىزگە دېسەم مەندە ئەزەلدىن بىر قىزبالىغا مۇنداق سېزىم بولۇپ باقمىغان!- دېدى غەيرەت ئۆزىنىڭ ئوڭايسىزلىقنى ئىپادىلەپ، -ھە راست غەيرەت!سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي ؟نەچچە ۋاقىتتىن سوراپ باقاي دىگەن ئىدىم ، لېكىن سىزنى باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن دەپ سورىمىغان، - قېنى سوراڭ! قانداق سوئال سورىسىڭىزجاۋاب بېرىمەن، جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال بولسىلا سىزنى نائۈمىد قويمايمەن، دېدى غەيرەت ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىۋاتقان ئارزۇگۈلنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ، -مېنىڭ بەك بىلگۈم بار ،ئەگەر دەپ بېرىشنى خالىمىسىڭىزئۇنىڭغىمۇ مەيلى،سىزنى زورلىمايمەن!-دېدى ئارزىگۈل بىر خىل قېيدىغان تەلەپپۇزدا، -بولىدۇ ئارزۇگۈل مەن سىزگە دەپ بېرەي،ئەسلى بۇرۇنلا سىزگە ئېيتىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى،لېكىن ئۆزۈمنىڭ يۈرەك يارامنى قايتا تاتلاپ ئېچشنى خالىمىغان ئىدىم،قېنى سىز بازارغا ئېلىپ بېرىڭ دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟بۇ گەپنى مەن سىزگە يولدا ماڭغاچ ئېيتىپ بېرەي! ئۇلار بىرلىكتە ئۆيدىن چىقىپ كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن دۆڭكۆۋرۈككە يۈرۈپ كەتتى . ئۇلار ماشىنا بىلەن بەشىنچى كۆۋرۈككە كەلگەن ۋاقىتتا غەيرەت ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپ بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى،كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى كەڭرى كەتكەن تېز سۈرەتلىك ئاسفالت يول، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ياپيېشىل ئوت-- چۆپلەر،ئېگىز باراقسان ئۆسكەن دەل- دەرەخلەر،،ئېگىز- ئېگىز بىنالار .تېز سۈرەتلىك يولدا بىر خىل رىتىمدا كېتىپ بارغان سانجاق- سانجاق ماشىنىلار، چىملىقلارغا يۇمىلاق يۈرەك شەكلىدە قىلىپ ئۆستۈرگەن گۈللەر،ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ شەكلىدە ياساپ ئۆستۈرگەن مەنزىرە دەرەخلەر، بۇ يەرنى غايىۋى بىر باغچىغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى، -مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالايلى ئارزىگۈل!بۇ يەر ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن، -بولىدۇ،مەن ئالدىنقى قېتىم كەلگەن ۋاقتىمدا بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىگە ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىپ پەلەمپەي ئارقىلىق كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ پىيادىلەر ئۈچۈن ياساپ قويغان يول بىلەن مېڭىپ ئوت -چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن، ئۇنىڭ يېنىدا ھەر خىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بىر خىلۋەت يەرگە بېرىپ ئولتۇردى،ئەتراپتا ئۇلاردىن باشقا ئايلىنىپ يۈرگەنلەرمۇ خېلى كۆپ بولۇپ بەزىلىرى جۈپ -جۈپتى بىلەن بەزىلىرى دوستلىرى بىلەن دېگەندەك ئۇ يەر-بۇ يەردە پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇلاردىن ئون نەچچە مېتىر يىراقلىقتا غەيرەت دېمەتلىك تۆت- بەش ئادەم كۈلكە -چاقچاقلار بىلەن بىر نېمىلەرنى قىلىپ ئولتۇرۇشاتتى،قارىغاندا ئۇلار ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندەك قىلاتتى، -نېمە دېگەن گۈزەل شەھەر بۇ؟ -شۇنى دەڭە!مەنمۇ بۇ شەھەرگە مەھلىيا بولۇپ قالدىم،ئادەملىرىمۇ شۇنداق مەدەنىي، -غەيرەت ئەمدىغۇ سۆزلەپ بېرەرسىز؟ دىدى ئارزۇگۈل ئىككى قولى بىلەن ئېڭىكىنى تىرەپ ئولتۇرۇپ غەيرەتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ، -مەن سۆزلەپ بەرسەم ئىچىڭىز پۇشۇپ قالارمۇ ؟ خەپ ، باياتىن ماشىنىدىن چۈشكەن ۋاقىتىمىزدايېقىن ئەتراپتىكى دۇكاندىن يەل -يېمىش، ۋە ، سوغۇق ئىچىملىك ئېلىۋالغان بولساق ياخشى بولاتتىكەنتۇق، -بولدى غەيرەت ھازىر مەن ئۈچۈن سىزنىڭ مۇھەببەت تارىخىڭىزنى ئاڭلاشتىن باشقانەرسىگە تاۋىم يوق! -ئالدىراپ كەتتىڭىزمۇ ؟ بولىدۇ سۆزلەپ بېرەي! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ دىدى غەيرەت بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن!ۋە ماينۇر بىلەن بىر مەھەللىدە چوڭ بولغاندىن تارتىپ تاكى،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمىز دەپ يۈرۈپ ئوتتۇرىلىقتا ئالىم پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر -بىرلەپ سۆزلەپ بەردى،غەيرەتنىڭ گېپى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا قۇياشمۇ تاغ كەينىگە ئولتۇرغان بولۇپ گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ كۈننىڭ بۇنچىلىك تېز كەچ بولۇپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قالغان ئىدى،ئارزىگۈل غەيرەتنىڭ دەپ بەرگەنلىرىنى خۇددى كىنو كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى كۆز ئالدىدىن بىر -بىرلەپ ئۆتۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالغان ئىدى،ماينۇرنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى ئۇنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىۋەتكەن ئىدى ،ئۇ ئىچىدە ئالىمغا مىڭ لەنەت ئوقۇپ نەپرەت ياغدۇراتتى، -غەيرەت ئەگەر سىزنىڭچە ماينۇر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالمىغان بۇلسائۇنى يەنە كەچۈرەمتىڭىز؟ ئارزۇگۈلنىڭ بۇ سوئالغا غەيرەت نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي يېنىدىن تاماكىسىنى ئېلىپ تۇتاشتۇردى،غەيرەت ئادەتتە جىددىيلەشكەن ۋاقىتلاردىلاتاماكا چېكەتتى،ئارزۇگۈلمۇ ئۇنىڭ تاماكا چەككىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى، -غەيرەت سىز تاماكاچېكەمسىز؟ئەجەب سىزنىڭ تاماكا چېكىدىغىنىڭىزنى مەن بىلمەيدىكەنمىنا؟ -سىزگە راست گېپىمنى قىلاي ئارزۇگۈل،مەن تاماكىنى ئادەتتە جىددىيلەشكەن ۋاقتىمدىلا چىكىمەن، لېكىن يېنىمدىن بىر قاپ تاماكا ئۈزۈلمەيدۇ،ھازىر سىزنىڭ سورىغان سوئالىڭىزغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم يالغان سۆزلەي دېسەم ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيمەن، راست سۆزلەي دېسەم ئەرلىك غورۇرۇم كۆتۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇمۇ بىر ئازغۇن ئىنسان! يولدىن ئازغان ئادەمنى ئازغان يولدىن قايتۇرۇپ توغرا يولغا باشلاش كېرەك؟ ئۇنى داۋاملىق شۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويساق، ئۇ يول ئۇنى لەھەتكە باشلايدۇ، ئەگەردە ئۇ ھايات بولغان بولسا بەلكىم ئۇنى كەچۈرۋېتىشىم مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئەمدى مۇمكىن ئەمەس!ئۇ يوق دېدى غەيرەت ۋە تاماكىنى كۈچەپ شوراپ يەرگە تاشلىدى، -ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا مۇھتاج بولغان ئىدى،بۈگۈن ماڭا ھەمراھ بولۇڭ دېگەن ۋاقتىدا مەن ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىدىم،چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ئۇنى كەچۈرەلمىگەن ئىدىم،ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا بولغان بولسام بەلكىم ئۇ ،ئۇنداق خاتالىق سادىر قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى، ئەپسۇس! مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ قايتىپ چىقىپ كەتتىم!ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىمۇ مېنىڭ سەۋەنلىكىم بار!بولىدىلا…! ئارزۇگۈل قايتىپ كېتەيلى!قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ ئۆيدىكىلەر بىزدىن ئەنسىرەپ قالمىسۇن يەنە -مېنىڭ ئەسلى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى ئايلانغۇم بار ئىدى، لېكىن قاراپ باقسام سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز تازا ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ،چۈنكى مەن سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان سوئاللارنى سوراپ سىزنىڭ كونا يارىڭىزنى تاتلاپ قويغاندەك قىلىمەن، -ياق ، ھېچقىسى يوق!بۇنى سىزگە ھامان بىر كۈنى دەپ بېرىشىم كېرەك؟ ئىدى، بۇ ئىشلارنى سىزگە دەپ بېرىپ ئۆزۈممۇ خېلى يەڭگىللەپ قالدىم،دۆڭكۆۋرۈككە بۈگۈن بارالمىساق ئەتە بارساقمۇ بولىدۇ،بەلكىم ئۆيدىكىلەر بىزدىن ئەنسىرەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن؟ غەيرەت شۇنداق دەپ ئورنىدىن قوپۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئارزۇگۈلگە قولنى ئۇزاتتى، ئارزۇگۈلمۇ تارتىنمايلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى، تۇتتى -يۇ خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ بەدەنلىرى تىترەپ كەتتى، ئارزىگۈلنىڭ يۇمشاققىنە قوللىرى غەيرەتنىڭ قولىغا تېگىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىگە بىر ئىللىق سىزىم تاراپ يۈرىكى يۈرەك قەپىسىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ھاياجاندا سوقۇشقا باشلىدى، ئۇلار بىر- بىرسىگە تەشنالىق ئىلكىدە تىكىلىدى، غەيرەت ئارزۇگۈلنىڭ قولى تارتىپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدى، ئارزىگۈل بولسا خۇددى ئۇچىسىغا كىيىۋالغان قىزىل كۆينەكتەك قىزىرىپ يەرگە قاراپ تۇرىۋالغان بولۇپ ئۆزىنى غەيرەتنىڭ مەيلىگە تاپشۇرۇۋەتكەن ئىدى، ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن بولۇپ تېز سۈرەتلىك يولنىڭ كۈچلۈك چىراغ نۇرلىرى ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇراتتى،غەيرەت ئۆزىنى تامامەن يوقاتقان بولۇپ، ئۆزىنى كونترول قىلىش دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتكەن ئىدى،ئۇ ئارزۇگۈلنى ئۆزىگە تارتىپ قۇچاقلىدى، ئارزىگۈل شامدەك ئېرىپ كەتكەن بولۇپ ئۆزىنى ئۇنىڭ مەيلىگە قويۇۋەتتى، -ئۇھۇي !ماۋۇ ئىككىڭلارغا كۆڭۈل ئاچىدىغان باشقا يەر چىقمىدىمۇ ؟ بۇ يەرنى مەينەت قىلىپ، قارىغاندا ئاشنا ئويناۋاتقان ئوخشايسىلەر ھە ؟ ئۇلار تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازدىن چۈچۈپ يېنىغا قاراشتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيرەت بىلەن تەڭ دېمەتلىك چېچىنى ئۇزۇن قويۇپ كۆزىگە چۈشۈرۈۋالغان،پادىچىلار ئىشتىنى، كالتە يەڭ تۈگمىلىك كۆينەك كىيىپ كۆينەكنىڭ ئالدىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەن بىر بالا ئورۇندا دەلدەڭشىپ تۇرالماي ئۇلارغا گەپ قىلىۋاتاتتى، غەيرەت ئۇنىڭ مەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئارزىگۈلنى يېتىلەپ گەپ قىلمايلا مېڭىشقا تەمشەلدى، -ھۇي،ساڭا دەۋاتىمەن ئۇ قىز بىلەن ئىشىڭ تۈگىگەن بولسا بىزگە تاشلاپ قويۇپ سەن كېتىۋەر!ھالىدىن مانا مەن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ قويىمەن، دېدى ئۇ مەست بىر قولىدا ئارزۇگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ يەنە بىر قولىدا ئۆزىنىڭ مەيدىسىگە ئۇرۇپ،غەيرەت ئۇنىڭ ئارزۇگۈلنىڭ قولىنى تۇتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇنى كۈچەپ تۇرۇپ مۇش بىلەن بىرنى قويدى ،مەست بولسا بىر مۇش بىلەن قولى ئارزۇگۈلنىڭ قولىدىن ئاجراپ ئوت -چۆپلەرنىڭ ئۈستىگە يېقىلدى ،ۋە ۋارقىراشقا باشلىدى، -ھۇي،ئاغىنىلەر بۇ ياققا كېلىڭلار! بۇ چاغدا يىراقتا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىۋاتقان تۆت ، بەش بالىلارئۇنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كېلىشكە باشلىدى، - قاچايلى ئارزۇگۈل! غەيرەت شۇنداق دېگىنىچە ئارزۇگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇپ چوڭ يولغا قاراپ يۈگۈردى، لېكىن ئارزىگۈل دېگەندەك ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ بولالماي بۇ بىر تۈپ مەسلەر ئۇلارغا يېتىشپ ئورىۋالدى، -ھە ،ئاغىنىمىزنى ئۇرۋېلىپ نەگە قېچىشماقچىتىڭ؟ --ھۇي،ھۇي غەيرەت ئىكەنغۇ بۇ،ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ! سەن بىلەن بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن جۇمۇ ؟ ھەي ، مەن ساڭا ھەيرانمەن، نەگىلا بارسام كەينىمدىن ئەگىشىپ يۈرەمسەن؟قارا تېخى! كېلەر كەلمەيلا ئاشنا تېپىۋالغىنىڭنى، قارىغاندا خېلى ئىلگىرلەپ قاپسەن جۇمۇ!بۇرۇن قىز دوستۇڭنى باشقىلار كەلتۈرۈپ كەتسە ئاغزىڭنى چاكىلدىتىپ قاراپ قالاتتىڭ! ئەمدى بولسا سەنمۇ قىز كەلتۈرۈشنى ئۆگىنىپسەن ،ھا،ھا،ھا… بۇ گەپ قىلىۋاتقان ئالىم ئىدى،غەيرەت ئۇ گەپنى باشلىغاندىلا ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغان ئىدى، -ئالىم، ساڭا دەپ قوياي! تولا قالايمىقان بىلجىرلىمابۇ مېنىڭ قىز دوستۇم ،ھەم كەلگۈسىدىكى ھاياتىم! سېنىڭ بۇنداق ھاقارەت قىلىشىڭغا رۇخسەت يۇق!ئەگەر يەنە بىلجىرلىساڭ چىشىڭنى تۆكۈۋېتىمەن! بۇ چاغدا ئەتراپتىكىلەر ئۇ ئىككەيلەننىڭ تونۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىككىسىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ئۈچۈن نېرىراق بېرىپ تاماكاچېكىشكە باشلىدى، -ھە ، مۇنداق دەپ قوي!قىز دوستۇم دېگىن،ھەي ، سەن نېمانداق تەلەيلىك دەيمەن، تېخى قىز دوستۇڭدىن ئايرىلغىنى ئانچە ئۇزۇن بولماي تۇرۇپلا يەنە بىر تۇمۇچۇقنى تېپىۋاپسەن،بۇرۇنقىدەك باشقىلارنىڭ كەلتۈرۈۋېلىشىدىن ئەنسىرىمەمسەن؟ياكى مېنى يەنە كەلتۈرىۋالسۇن دەپ ساقلاپ تۇرۋاتامسەن!ھا،ھا،ھا! ئالىم شۇنداق دەپ ئاۋازنى قويىۋېتىپ كۈلۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قوشۇلۇپ كۈلمەكتە ئىدى، - ئاغزىڭنى يۇم ئالىم!گەپ سۆزۈڭگە دىققەت قىل! مەن تېخى ئۆتكەن ئىش توغرۇلۇق سەندىن ھېساب ئالمىدىم، مېنىڭ بۇ يەردە سەن بىلەن ئارتۇق تاكاللىشىپ يۈرگۈدەك ۋاقتىم يوق! غەيرەت شۇنداق دەپلا ئارزىگۈلنى يېتىلەپ ماڭماقچى بولدى.

15-قىسىم

-توختا غەيرەت!سەن مۇشۇنداقلا كەتمەكچىمۇ؟ كۆرۈشمەي، ئاران بىر كۆرۈشكەندە مۇشۇنداقلا كەتسەڭ ياخشى بولماس!ئاۋۇ يېنىڭدىكى قىزنىڭ ھوزۇرىنى بىزمۇ سۈرۈپ باقايلى،قانداق دېدىم ئاغىنىلەر!ھا،ھا،ھا… ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى بولسا «شۇنداق ئاداش .» دېگىنىچە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلمەكتە ئىدى، ئارزىگۈل بولسا قورققىنىدىن غەيرەتنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالغان بولۇپ تېخى باياتىنلا غەيرەتنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئالىمنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى ئېشىپ تاشماقتا ئىدى،ئۇ ئالىمنىڭ ھازىرقى دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ غەيرەتنىڭ كەينىدىن چىققان پېتى ئالىمنى بىر شاپىلاق سالدى، -ھۇ ، ھايۋان ھەممە ئادەمنى ئۆزۈڭگە ئوخشىتىپ قالما!خالىغان ئادەمنى بوزەك قىلىمەن دەپ ئويلىما.!مەن ساڭا دەپ قوياي مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن،سەندەك ئىتىنىڭ بالىسنىى ئايىغىمنىڭ پېتىكىگە تەڭ قىلمايمەن! -ۋاي…ۋۇي، ماۋۇ بىر نېمىنىڭ نېمانداق ئاچچىقى يامان ھۇي! گەپ قىلمىسام تېخى ماڭا قول تەگكۈزىۋاتىدا…! ئالىم شۇنداق دېگىنىچە شاپىلاق يېگەن يۈزىنى بىر قولىدا سىلاپ قويۇپ،كاپ قىلىپ ئارزۇگۈلنىڭ قولىغا ئېسىلدى،قولىغا ئېسىلدى -يۇ ، لېكىن پىشانىسىگە تەگكەن ئالىمنىڭ بىر مۇش بىلەن كۈزدىن «ۋاللىدە»ئوت چاقناپ كەينىگە موللاق ئېتىپ چۈشتى،بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئالىمنىڭ ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى،غەيرەت چاققانلىق بىلەن يېنىدىكى دەرەخنىڭ كەكە سېپىدەك چوڭلۇقتىكى بىر شېخىنى سۇندۇرۇپ ئالد- دە ئۇلارغا قاراپ دېۋەيلىدى، -قايسىڭ كېلىدىغان بولساڭ ئاياپ قويمايمەن! مېنىڭ ھەرقايسىڭ بىلەن ئۆچ ئاداۋىتىم يوق!شۇنداقلا سىلەرنىمۇ تونۇمايمەن، بۇ ئالىم بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىش،سىلەر ئارلاشماڭلار! ئەگەر بىقىنىڭلا قىچىشىپ قالغان بولسا قېنى مەرھەمەت! دېدى غەيرەت مەردانىلىق بىلەن، ئۇلار جايىدا توختاپ بىر- بىرسىگە قاراشتى، -ئاغىنىلەرسىلەر ئاشۇنىڭ قولىدىكى كىچىككىنە بىر تاياقتىن قورقىۋاتامسىلەر!خاتىرجەم بولۇڭلار!ھېچقانداق قىلالمايدۇ ئالىم شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن قوپۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى، غەيرەت چاققانلىق بىلەن قولىدىكى تاياقنى بىر شلىتىپ ئالىمنىڭ گەدىنىگە بىرنى قويغاندىن كېيىن يېقىنلاپ كەلگەن يەنە بىرسىنىڭ قورسىقىغا كۈچەپ تۇرۇپ بىرنى تەپتى،شۇ ئارىلىقتا قالغانلارمۇ يوپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى، شۇ ئارىلىقتا كۆۋرۈكنىڭ تۆپىسىدە بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، -قۇتقۇزۇڭلار ئادەم بارمۇ ؟ ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇپ ۋارقىرىدى ئارزۇگۈل، بۇ چاغدا كۆۋرۈكنىڭ تۆپىسىدىكى پاراڭلىشىپ كېتىپ بارغان بىر نەچچەيلەن ئارزۇگۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جايىدا توختاپ پەسكە قارىدى، ئۇلارنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئاغىنىلىرى بىر- بىرلەپ قۇيرۇقنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىشتى،غەيرەت بىلەن ئارزۇگۈل ئۇلاردىن تىنچ- ئامان قۇتۇلغىنىغا خوش بولۇپ قايتىپ چىقىپ شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسنى تاماشا قىلغاچ پىيادە ئۆيگە قاراپ ماڭدى، ئۇلارنىڭ يۇرت تەرەپلەردە ئاساسلىق كوچىلاردىن باشقا كوچىلاردا كوچا چىرىقى ئورناتمىغان بولغاچقا بۇ كەملەردە كوچىدا ئادەممۇ قالمايتت،لېكىن بۇ يەردە بۇلسا، كېچە بولۇشىغا قارىماي كوچىدا مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەرمۇ كۈندۈزدىكىدىن قېلىشمايتى، ئۇلار قولتۇقلىشىپ پاراڭلىشىپ ماڭغاچ باياتىنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىردەمدىلا ئۇنۇتقان ئىدى،ئىككەيلەن ئۆيگە كىرىپ كەلگەندە ھەممەيلەن ئۆيدە بولۇپ پەقەتلا ئارزىگۈلنىڭ ئاچىسى ئايگۈل دوختۇرخانىدا تۇغۇت بېقىپ قېلىپ قالغان ئىدى، ماينۇرپاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ جېلىل ئاكا بىلەن ئايالىنى بەكلا خوش قىلىۋەتكەن ئىدى،ئابدۇللا ئاكا بولسا بۇ بالىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمىغانلىقىغا نارازى بولغاندەك سافانىڭ بۇرجىكىدە شۈمشىيىپ ئولتۇراتتى، ئىككەيلەن ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەندە ئابلا مۇجاڭ ئارزۇگۈلگە ئالىيىپ قاراپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلماستىن مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى،غەيرەت بىلەن ئارزۇگۈل ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان مۇشۇ پەيتتە يەنىلا باھارگۈل ھەدە ئۇلارنى بۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇردى، -قېنى كېلىڭلار باللىرىم تاماق يېدىڭلارمۇ؟ دېدى باھارگۈل ھەدە مېھرىبانلىق بىلەن، -ياق ئاپا تاماق يېمىدۇق! مەن غەيرەت ئاكامغادۆڭكۆۋرۈك بازىرىنى كۆرسىتىپ كېلىڭ دېگەن ئىدىم شۇڭلاشقا بارغان ئىدۇق! كېلىدىغان ۋاقتىمىزدا شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى كۆرگەچ ماڭايلى دەپ، كېيىن قالدۇق! دېدى ئارزىگۈل بولغان ئەھۋالنى يوشۇرۇپ،شۇ ئارىلىقتا جېلىل ئاكىنىڭ ئايالى ئۇلارغا ئېلىپ قويغان تاماقنى ئېلىپ چىقتى،بۇ ئۆي ئىككى ياتاق ، بىر مېھمانخانا بولۇپ،ياتاق ئۆينىڭ بىرسىنى ماينۇرغا ياتاق ئېلىپ بەرگەن ئىدى،ماينۇرنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئارزۇگۈل بىلەن باھارگۈل ھەدە ئورۇنلاشتى،ماينۇرنىڭ ياتاق ئۆيى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرغان بولۇپ ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇلغان يوغان ئىككى كىشىلىك ھەشەمەتلىك بوچاڭدىن بىرسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ باش تەرىپى ئىشكاپلىق قىلىپ ياسالغان ئىدى، ئوتتۇرىسىدىكى تەكچىگە بولسا ماينۇرنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى تىزىلغان بولۇپ ئوتتۇرىسىدا ماينۇرنىڭ جازىغا ئېلىنغان بىر پارچە رەسىمى تۇراتتى، ئۈچ ئەر كىشىگە بولسا مېھمانخانا ئۆيگە يوتقان سېلىپ بېرىلدى،غەيرەتنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ كەتسە ئۇخلىيالمايدىغان خۇي بولۇپ خېلى بىركەمگىچە كۆز يۇمۇپ ياتقان بولسىمۇ ئۇيقۇسى كەلمەيۋاتاتتى، ئۇ بۈگۈن بەشىنچى كۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ ئابدۇللا ئاكىغا ئالىمنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتماقچى بولدى-يۇ، بۇ نىيىتىدىن دەرھاللا يېنىۋالدى! چۈنكى،ئالىمنى تاپقان بىلەن ئۇ پۇللارنى تۈگىتىپ بولغانلىقى ئېنىق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇللا ئاكا ئۇ ئىشلارنى تېزلا ئۇنتۇپ كەتكەن بولغاچقاقايتىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىشنى خالىمىغان ئىدى،ئەمدى بۇلار ئۇيقۇسىنى مۇشۇ يەردە ئۇخلاپ تۇرسۇن، بىز تېخى چۈشتىلا ئاشخانىدا پەيدا بولغان ئالىمنىڭ تۇرۇپلا بۇ چىملىققا قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ باقايلى، ئالىم بۈگۈن غەيرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن بىر ئامال قىلىپ بۇ ئاشخانىدىن تېزراق چىقىپ كېتىشنى ئويلىدى، ئۇنىڭغا بۇيەردە ئىشلەۋاتقىنىغا بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ ھەر ئايدا قولغا پۇل ئاشماي كېلىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ ئايلىق توشۇپ بولغىچە پۇللىرىنى ئېلىپ خەجلەپ بولاتتى، ئۇ ئامال بار جىقراق پۇلنىڭ ئېپىنى قىلىپ بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشنى پىلان قىلىپ يۈرىۋاتاتتى، غەيرەتلەر تاماق يەپ چىقىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىرگەن مېھمانلارغا چاي قۇيۇش ئۈچۈن پىيالە بىلەن چەينەك كۆتۈرۈپ تاماق زالىغا چىقتى، ئاشخانىدا ئانچە جىقمۇ ئادەم يوق بولۇپئالىم چاي چەينەك بىلەن پىيالىنى قويۇپ قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈشىگە بىرسى ئۇنى چاقىرىپ قالدى، -ماۋۇ تاماق پۇلىنى تۆلىۋېتەي دېگەن ئىدىم!-دېدى بىر ئايال قۇلىدىكى پۇلنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ،ئالىم ئۇ ئايالنىڭ قولىدىكى پۇلنى ئېلىپ مۇلازىمەت پوكىيىگە قاراپ ماڭدى،ئادەتتەبۇئورۇندائاشخاناخوجايىنىنىڭ ئايالى پۇل يىغىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ،تازلىق ئۆيىگە چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئالىم مۇلازىمەت پوكىيىغا بېرىپ ئەتراپقا قاراپ قويغاندىن كېيىن پۇل سالىدىغان تارتمىنى ئاچتى،تارتمىدا بىر باغلام پۇل تۇراتتى، ئالىم تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن پۇلنى ئالدى- دە ،ئەتراپقا قاراپ يانچۇققا سېلىپ تېزلىك بىلەن ئاشخانىدىن ئايرىلدى، ئالىم ئاشخانىدىن چىقىپلا ئالدىغىلا كېلىپ قالغان كىرا ماشىنسىنى توسۇپ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە چىققان ۋاقىتتا ئىزدەپ بارغان ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى،ئۇ بارغان چاغدا ئاغىنىسى بىر نەچچە بالىلار بىلەن سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلىشنىڭ تەييارلىقنى قىلىۋاتقان ئىدى، ئالىمنىڭ بۇ ئاغىنىسنىڭ ئىسمى رۇزى بولۇپ كىچىك ۋاقتىدا يۇرتتىن چىقىپ كىتىپ بۇ شەھەردە تۇرۇپ قالغان بولۇپ،مۇقىم ئولتۇراق ئۆيى يوق باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئىجارە تۆلەپ ئولتۇراتتى، ئۇمۇ بەئەينى ئالىمغا ئوخشاش ئىش خوشياقمايدىغان بىكار تەلەپ بالابولۇپ، ھېچقانداق ئىگە چاقىسى يوق بىر قىز بالىنى ئالداپ يۈرۈپ قولغا كەلتۈرۈپ ھېچقانداق چىقىم قىلمايلا توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغان ئىدى، گەرچە ئۇ دادا بولۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئويۇن تاماشىدىن قول ئۈزمىگەن بولۇپ، بىچارە ئايالى سەي- كۆكتات توپ سېتىش بازىرىدا سەي ئىلغاپ يۈرۈپ ئىشلەپ ئۆينىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئۇلتۇرۋاتقان جايى بۇ شەھەرنىڭ چېتىگە جايلاشقان ياشلار چوققىسى ئولتۇراق رايوندا بولۇپ ئاساسەن بۇ يەردە بىكار تەلەپ ناتوغرا يوللار بىلەن شۇغۇللىنىپ ، جان باقىدىغان ئاقنانچى بالىلار جىق ئىدى،ئىش قىلىپ بۇ يەردىن ھەر خىل كەسىپتىكى ئادەملەرنى تاپقىلى بولاتتى،رۇزى .ئاشۇ بىكارچى بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ بەزى بىر ناتوغرا يامان قىلىقلارنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ ئۆزىگە پۇل تېپىشتا كەسپ قىلىۋالغان ئىدى،ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ياشلار چوققىسى يولىنىڭ ئاستى تەرەپتە مېۋە -چېۋە توپ سېتىش بازىرى . سەي --كۆكتات توپ سېتىش بازىرى، ۋە باشقا توپ سېتىش بازارلىرى ئورۇنلاشقان بولغاچقا ئادەتتە كۈندە دېگۈدەك قاينام تاشقىنلىق ئادەم دېڭىزىنى شەكىللەندۈرەتتى،رۇزى مۇشۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ دائىم دېگۈدەك توپ سېتىش بازىرىنى ئارىلاپ يانچۇقچىلىق قىلاتتى، پۇل تاپقان كۈنلىرى بولسا بىكار تەلەپ دوستلىرى بىلەن قانغۇچە ئىچىپ ئۆيگە كېلىپ ئايالى بىلەن ئۇرۇشسا، پۇل تاپالمىغان كۈنلىرى يەنىلا ئاچچىقىنى بىچارە ئايالدىن ئالاتتى،ئۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايتى،كۆزىگە چېلىققان نەرسىنى ھەر ئامال قىلىپ قولغا چۈشۈرەتتى، بەزى كۈنلىرى قىلىدىغانغا ئىش چىقمىسابىر نەچچە ئاغىنىسى بىلەن تېز سۈرئەتلىك يول بويىدىكى چىملىق گۈللۈكلەردە ئايلىنىپ ئۇخلاپ قالغانلارنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلىرىنى ئېلىۋالاتتى،بەزىلەرنىڭ يېنىدىن ھېچنېمە چىقمىسا ھەتتا يېنىغا سېلىپ قويغان ئايىغىنىمۇ ئېلىپ كېتەتتى،ھەتتا بەزى پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ بىخۇد ئولتۇرۇپ كېتىپ قالغان قىز يىگىتلەرنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان سومكىلىرىنى چاندۇرماستىن ئېلىپ كېتەتتى، پۇلنى جىق تاپقان كۈنلىرى بولساچېكەرمەن ئاغىنىلىرىنى چاقىرىپ پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي كەيپ- ساپا بىلەن تۈگىتەتتى، مانا ، بۈگۈنمۇ بىكار تەلەپ دوستلىرى بىلەن ئازراق پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئۆيدىن چىقىشى ئىدى،ئۇ ئالىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن دوستلىرىغا تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ بەزىلىرى ئالىمنى تونۇيتتى،چۈنكى ئالدىنقى قېتىم ئالىمنىڭ ئابدۇللا ئاكىنىڭ يېنىدىن ئېلىپ چىققان پۇللىرىنى خەجلەشتە ئۇلارنىڭمۇ خېلى كۆپ ھەسسىسى بار ئىدى، ئالىمنىڭ ئاشخانىدىن ئېلىپ چىققان پۇلى ئانچە جىق پۇل بولمىسىمۇ لېكىن بىر نەچچە كۈن ھەشەمەتلىك يەپ ئىچىشكە يېتەتتى، ئۇلار يەنە كونا قائىدىسى بويىچە تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى چىملىقلاردا قاتراپ يۈرۈپ ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئالىمنىڭ -« مەن سىلەرنى بۈگۈن مېھمان قىلاي ھەممە چىقىم مەندىن» دېگەن گېپى بويىچەئاشۇ چىملىققىلا سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشى ئىدى،ئالىم بۇ يەردە غەيرەتنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى،ئۇلار ئەكسىچە غەيرەتنى ھېچنېمە قىلالمىغاندىن كېيىن ئالىم كۆڭلىنى ئىپادىلەپ ئۇلار ئۈچۈن رېستورانغا زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ تاكى رېستوران تاقالغۇچە يەپ ئىچىپ ھوش- كاللىسىنى ئۇقمىغان ھالدا قايتىپ چىقتى ،ئالىمنىڭ ئەزەلدىن ھاراق ئىچىۋالسا ئۇچرىغانلىكى قىزلارغا يېپىشىۋالىدىغان خۇيى بار ئىدى، ئۇلار رېستوراندىن چىقىپ ماشىنىغا چىقماستىن يولنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەڭ دەسسەپ بىرەر ئولجا ئۇچراپ قالار دېگەن مەقسەتتە كېتىپ باراتتى، بۇ دەل يېرىم كېچىدىن ئازراق ئاشقان ۋاقىت بولۇپ كوچا- كويلاردا كېتىپ بارغان ئادەملەرمۇ ئانچە جىق ئەمەس ئىدى،تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئالدى تەرەپتىن ئىككى قىز قولتۇقلاشقىنىچە يېتىپ كەلدى، ھۇي ، خانقىزلار!يالغۇز قاىپسىلەرغۇ ھەمراھ بولامدۇق- دېدى ئالىم بىزەڭلىك بىلەن،قىزلارگەپ قىلماستىن ئۇلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتمەكچى بولغان ئىدى، ئالىم ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى، -نەگە بارىسىلەر ئوماقلا! يۈرۈڭلار بىرگە كۆڭۈل ئېچىپ كېلەيلى! -كەچۈرۈڭ قارىغاندا بىزنى خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايسىز!بىز سىز ئويلىغاندەك قىزلاردىن ئەمەس، دېدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، -خاتا تونۇپ قالغان بولساق تونۇشساق بولىدۇ ئەمەسمۇ خانلىرىم ! ئۇنداق قاپاقلىرىنى تۈرىۋالمىسىلا دەيمەن؟ ئېيتىڭە قېنى، يۈز كويلۇقتىن نەچچىنى قىستۇرساق ئېچىلارسىز؟ ئالىم شۇنداق دېگىنىچە يېنىمدىن بىر تۇتام يۈز كويلۇق پۇلنى چىقىرىپ ئۇلارغا كۆز- كۆز قىلدى،قىزلار ئۇنىڭ بۇ ھاياسىز قىلمىشغا چىداپ تۇرالماي ئۇنىڭغا تىل سالدى، -بىزنى كىمگە ئوخشىتىپ قالدىڭ! ئۇنداق پۇلۇڭنى بارغۇ ئاچاڭغا ئاپىرىپ بەر!ھېلىى يىگىتىمىز كېلىپ قالسا كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىپ قويمىسۇن يەنە -نېمە قارىغاندا تازا ھۆرمىتىڭنى قىلشسا بىلمەيدىغان نېمىلىكەنسەن، ئەگەر ھېلىقىدەك قىزلار بولۇشمىساڭ بۇ يېرىم كېچىدە كوچىدا نېمە قىلىشىسەن تايىنلىق ئۇۋ ئىزدەپ چىقىشقانسەن ھە قاچان؟ سەنلەردەك ھۆرمىتىنى قىلسا سوغۇقى ئېشىپ كېتىدىغان قىزلارنى مەن جىق كۆرگەن! تېخى ئوغۇل دوستىمىز دەپ كېتىشلىرىنى قارا بۇ يېرىم كېچىكىدە سەنلەرنىڭ كەينىدە يۈرىدىغان ئەخمەق بولۇپ قالغان ئوغۇللار يوقتۇ؟ بولدى باشقا گەپلەرنى قىلىشمايلى! -نېمانداق بىزەڭ نىمە سەن ھەي ! بىزنىڭ يولىمىزغا ماڭغىلى قوي! بىز يېرىم كېچىدە ماڭامدۇق كۈندۈزى ماڭامدۇق،سەن بىزنىڭ تاپقان دادىمىز،ياكى تۇغۇپ قويغان ئانىمىز بولمىغاندىن كېيىن كارىڭ بولمىسۇن ئاستا قىسمىغان يەرلىرىڭنى قىسىشىپ كېتىپ قېلىشقىن!بىكار ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالما يەنە! -ئوھوي، باياتىن ياقى ھۆرمىتىنى قىلىپ قويسا نېمانداق ئېشىۋالىدۇ ماۋۇ بىر نېمىلەر ! ئالىم شۇنداق دېگىنىچە ھېلىقى قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ سۆرەشكە باشلىدى،ئۇلاردىن نەچچە مېتىر يىراقتارۇزى ئاغىنىلىرى بىلەن تاماشا كۆرۈپ تۇرۇشاتتى، - قولۇمنى قويىۋەت !-دېدى ئۇ قىز ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ بوشانماقچى بولۇپ، سېنىڭ شۇ دېگىنىڭگە ئۆزۈمنىڭ قانداقلىقىنى ساڭا بىر كۆرسىتىپ قوياي! ئالىم شۇنداق دېگىنىچە ئۇ قىزنىڭ چىرايىغا . كۈچەپ تۇرۇپ شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدى . بۇ چاغدا يەنە بىر قىزىمۇ قاراپ تۇرمىدى . ئىككى قىز تەڭلا . ئالىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى تاتلاپ.چاچلىرىغا ئېسىلىشقا باشلىدى .ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى بولسا يىراقتا تۇرۇپ. تاماشا كۆرگەچ ئالىمغا مەدەت بېرىۋاتاتتى . - بوش كەلمەي ئاداش . بۈگۈن سىنىڭ بىڭسىڭنى بىر كۆرۈپ باقايلى . دەيتتى ئۇلار ئۇنى تېخىمۇ كۈشكۈرتۈپ . ئالىم بولسا ئىككى قىزنىڭ قولىدىن مەھكەم تۇتۇپ يولنىڭ چېتىگە سۆرەيتتى . قىزلار بولسا تىركشىپ قارشلىق كۆرسىتىپ ۋارقىرايتتى، ئالىمنىڭ مەستلىكىدە كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي پۈتۈن ئەس- يادى مۇشۇ قىزلارنى ئېلىپ كېتىشتە ئىدى، قىزلارنىڭ يۇمشاق قوللىرى ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە تېگىپ تۇرسىمۇ ھېچ قانداق پەرۋا قىلمايتتى،شۇ ئارىلىقتا ئالىم يولدا كېلىۋاتقان بىر تاكسىنى توسقان ئىدى، تاكسى شوپۇرى ماشىنىنى توختىتىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەلپازىغا قاراپ يەنە قايتىدىن ماشىنىنى قوزغاپ كېتىپ قالدى، -بۇنداق جاھىللىق قىلىپ نېمە قىلىسىلەر دەيمەن، ئەگەر بىزنى جىق كۆرگەن بولساڭلارئىككىڭلارنى مەن يالغۇز ئېلىپ كېتەي! بۇ يەردە بۇنداق سۆرىشىپ ۋاقتى ئۆتكۈزمەيلى -ئىشىڭنى قىل ھۇ ئېشەك! ئادەم ئەمەس ،ھايۋاننىڭ بالىسى ! -ئوھوي ،چىرايلىق قىزلارنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپ چىقسا پەقەت قاملاشمايدىكەن جۇمۇ! ھېچقىسى يوق ، مەن كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، بۇ چاغدا ئالىم ئىككى قىزنىڭ بىلىكىدىن سۆرەپ يولنىڭ چېتىگە ئېلىپ چىقىپ بولغان ئىدى،شۇ ۋاقىتتا قاياقتىندۇر سىگنال بېرىپ ساقچى ماشىنىسى يېتىپ كەلدى،ئالىم كەيپلىكتە ئانچە بەكمۇ دىققەت قىلمىغان ئىدى، رۇزى بىلەن ئاغىنىلىرى بولسا ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاپ نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى.

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
كىيىنكى قىسىم