: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

ئىبرەت

پاقىنىڭ نەسىھىتى

بىر كىچىك پاقا ئۇزۇن يىل قۇدۇقتا ياشاپ، قۇدۇقتىكى يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئاز قالغانلىقىغا قاراپ سىرتقا چىقىپ ياشىماقچى بوپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرىنى باشقا پاقىلارغا ئېيتىپتۇ، لېكىن ئۇلار :« سىرتقا چىقىپ ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى، قۇدۇقتىكى يەيدىغان نەرسىلەر تېخى بار تۇرسا، ئۆلۈپ قاممايمىز» دەپ ئۇنى رەت قىلىپتۇ، ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ پاقا مىڭ جاپالارنى تارتىپ سىرتتىكى كۆلچەككە چىقىپتۇ، ھەمدە ئۇ يەرنىڭ ياخشى مۇھىتىغا قاراپ قۇدۇقتىكى دوستلىرىنىمۇ چىقىشقا چاقىرىپتۇ، باشقا پاقىلار :« بىز قۇدۇقتا ياشاپ كۆنۈپ قالدۇق» دەپ يەنە رەت قىلىپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇدۇقتىكى سۇ قۇرۇپ باشقا پاقىلار ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھىكىمەت:پەقەت ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغانلارلا ئاندىن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، شۇندىلا تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات مۇھىتىغا ئېرىشەلەيدۇ، قائىدىگە ئېسىلىۋالىدىغانلار، بۇرۇنقى سىزىقىدىن بۆسۈپ چىقالمايدىغانلار مەڭگۈ جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇلار مەڭگۈ چوڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدىغانلاردۇر.

سىزنى سۆيىمەن

يىگىت قىزچاققا توي تەكلىپى قويغاندا پەقەت ئىككىلا سۆزدېدى : ماڭا ئىشىنىڭ قىزچاق يىگىتكە تۇنجى قىز پەرزەنتىنى تۇغۇپ بەرگەندە، يىگىت  :  جاپا تارتتىڭىز دېدى .ئۇلارنىڭ قىزى ياتلىق بولغان كۈنى ئۇ كۆڭلى يېرىم بولىۋاتقان ئايالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ : سىز ئۈچۈن يەنە .مەن بار دېدى.ئايالىنىڭ ساقايماس كېسەلگە گىرىپدار بولغانلىق دىئاگنوز نەتىجىسىنى كۆرگەندە : مەن ھامان يېنىڭىزدا دېدى .ئايالى جان ئۈزۈش ئالدىدا پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرپ : مەنمۇ كەينىڭىزدىن بارىمەن مېنى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ دېدى.پۈتۈن بىر ئۆمرىدە ئۇ بىرە قېتىممۇ ئايالىغا : سىزنى سۆيىمەن دەپ باقمىدى، ئەمما ، باشتىن ئاخىر ئايالىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى .ھېكمەت: ئادەملەر " سۆيگۈ " نى ھەرخىل ئېنىقلىمىلاربىلەن ئىپادىلەيدۇ ،لېكىن ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ ئىپادىلىنىشى، ھاياتىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتلىرىدا سەندىن يىراقلاشمىغان بىر ئادەم بار بولىشىدۇر.

تالانت ئىگىسى

شاگىرت بىر كۈنى ئۇستازىدىن : « ئۇستاز، مېنى بەزىلەر تالانت ئىگىسى دەيدۇ، بەزىلەر كالۋا دەيدۇ، سىزنىڭچە مەن زاى قايسىسىغا تەۋە ؟» دېگەن سوئالنى سوراپتۇ، ئۇستاز بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن :« سېنىڭچە سەن قايسىنىڭغا تەۋە ؟» دەپ قايتۇرۇپ سوراپتۇ، شاگىرت قانداق جاۋاپ بېرىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قاپتۇ. ئۇستازى دەپتۇ: خۇددى بىر قاچا گۈرۈچكە ئوخشاش، ئۇ ئاشپەزنىڭ نەزىرىدە بىر قاچا تاماق، ھاراق ئېچىتقۇچىنىڭ نەزىرىدە ھاراق خۇرۇچى، تىلەمچىنىڭ نەزىرىدە بولسا ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغۇچى بىر ۋاق تاماق، گۈرۈچ يەنىلا شۇ گۈرۈچ پەقەت كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەزىرى ئوخشىمايدۇ خالاس.ھېكمەت: ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان قارىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ

گىزىت سېتىۋېلىش

بوۋاي ھەر كۈنى بىر دۇكانغا بېرىپ گىزىت سېتىۋالىدىكەن، دۇكاندىكى مۇلازىم ھەر قېتىم بوۋاينى كۆزگە ئىلماي بوۋايقا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىكەن، بوۋاينىڭ دوستى بوۋاينىڭ نېمىشقا باشقا يەرگە بېرىپ گىزىت سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ :« مەن ھەر كۈنى كۆپ يول مېڭىپ ئۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ گىزىت سېتىۋالىمەن، يولدا ۋاقتىم ئىسراپ بولىدۇ، ھېرىپ ھالىمدىن كېتىمەن، ئ‍ۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق ئۇنىڭ مەسىلىسى تۇرسا، مەن نېمىشقا ئۇنى ئۈزۈمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلدۇرغۇدەكمەن ؟»ھېكمەت: باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىۋالماڭ، سىرتقى دۇنيادىكى ئازابلار سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بەختىڭىزنى قۇربان قىلماڭ، ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولسا تەبىئىيلا خۇشال بولالايسىز.

بەخىتنىڭ ئۆلچىمى

بىر كۈنى شاگىرت ئۇستازىغا: __ ئۇستاز مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ،مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج، بولمىسا مەن ساراڭ بولۇپ قالىمەن،مەن ئايالىم، باللىرىم ۋە ئاتا-ئانام بىلەن بىللە كىچىك بىر ئۆيدە تۇرىمەن.ھازىر ھەممىمىزنىڭ سەۋرى چېكىگە يىتىپ پېتىشماي كۈندە تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتۈۋاتىمىز. ئۆيۈم ھازىر بەئەينى ئازاب دېڭىزىنىڭ ئۆزى.    ئۇستازى ئۇنىڭغا ئەستايىدىل ھالدا:__ ئۇنداقتا سەن مەن بۇيرىغان ئىشنى قىلىشقا رازى بولامسەن؟__ دەپ سوراپتۇ.__ ئەلۋەتتە رازى،دېگنىڭىز بويىچە قىلىمەن. __ ئۆيۈڭدە قانچە ھايۋان بار؟ __ بىر كالا، ئىككى تۇياق قوي ۋە ئالتە توخۇ بار. __ ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەر تۇرىۋاتقان ئۆيگە ئەكىرىۋال. ئاندىن بىر ھەپتىدىن كېيىن مېنى ئىزدە. بىر ھەپتىدىن كېيىن شاگىرت تولىمۇ بىچارە ھالدا ئۇستازىغا ۋايساپ:__ ئۆيدىكى سېسىق پۇراق ۋە ۋاراڭ چۇرۇڭلار تۈپەيلى مەن پۈتۈنلەي كاللامدىن كېتەي دەپ قالدىم، قەتئىي چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.__ دەپتۇ. ___ ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋەت.__ دەپتۇ ئۇستازى. شاگىرت دەرھال دەرھال ئۆيىگە قايتىپ ئۇستازنىڭ دېگىنى بويىچە قىپتۇ ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن كۆزلىرى خۇشاللىق نۇرلىرى چاقنىغان ھالدا ئۇستازىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: __ھايات نىمىدىگەن گۈزەل، ھايۋانلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيۈم گۈزەل بىر باغچىغا ئايلاندى،شۇنداق جىمجىت ۋە ئىللىق. ھىكىمەت:بەخت ئۆزىدە بار نەرسىنى قەدرلەشتىن كېلىدۇ، باشقا يەردىن ئەمەس.  

مايمۇننىڭ نىشانى

بىر توپ مايمۇن باغدا ئويناۋېتىپ چوڭ بىر مېۋە دەرىخىنىڭ ئۈستىدىكى شاپتۇلغا كۆزى چۈشۈپتۇ، شاپتۇل ھەم چوڭ ھەم قىزىل بولغاچقا ئۇنى ئۈزىۋېلىش نىيىتىگە كەپتۇ، لېكىن شاپتۇل بەك ئىگىزدە بولغاچ ئۇلار خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ دەرەخكە يامىشىشقا پېتىنالماپتۇ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئاستىدا شاپتۇلنىڭ پىشىپ يەرگە چۈشىشىنى ساقلىماقچى بولۇپتۇ.مايمۇنلار ساقلاپتۇ ساقلاپتۇ، خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ شاپتۇل چۈشمەپتۇ، نەتىجىدە كۆپ قىسىم مايمۇنلار كېتىپ قاپتۇ، ئاخىرىدا بىرلا مايمۇن قاپتۇ، ئۇ ئۆزىگە: "چوقۇم شاپتۇلنىڭ چۈشىشىنى كۈتىمەن!" دەپ ۋەدە بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ مايمۇن كۈنلەپ دەرەخنىڭ ئاستىدا ساقلاپتۇ، ئاخىرى شاپتۇل چۈشۈپتۇ، لېكىن شاپتۇل بەك پىشىپ كەتكەچكە يەرگە چۈشىشى پۈتۈنلەي مىجىلىپ كىتىپتۇ، مايمۇن بۇنى كۆرۈپ يىغلاپ كېتپتۇ، دەل مايمۇن شاپتۇلنى ساقلاۋاتقان ۋاقىتتا باشقا مايمۇنلار باشقا يەردىن كۆپ مېۋىلەرنى ئۈزۈپ كەپتۇ ۋە تويغۇچە يەپ نەپسىنى قاندۇرۇپتۇ.ھىكىمەت:نىشانىدىن ۋاز كەچمەسلىك ناھايىتى قىممەتلىك پەزىلەت، لېكىن نىشان خاتا بولسىمۇ داۋاملىق تەرسالىق قىلىش ئەقىلسىزلىق ۋە نادانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بىر قايغۇدا بىر خۇشاللىق

 بۇرۇن  بىر  يىزىدا بىر كىشىنىڭ  ئېتى يۈتۈپ  كىتىپتۇ . كىشلەر  ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشىپتۇ . لىكىن ئۇ  كىشى : ھىچقىسى  يوق  بەلكىم  بۇنىڭمۇ بىر ياخشى تەرىپى بولىشى مۇمكىن، دەپتۇ .دىگەندەك بىر نەچچە كۈندىن  كىيىن، ئۇ ئات يايلاقتىن يەنە بىر  ئاتنى ئەگەشتۈرۈپ قايتىپ  كەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ  ئادەمنىڭ بىر ئېتى ئىككى بولۇپ  قاپتۇ .كىشلەر سەن بەك تەلەيلىككەنسەن ، بىر  ئېتىڭ  ئىككى بولۇپ قالدى، دەپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئادەمنىڭ ئوغلى  بۇ ئاتقا مىنىپ يىقىلىپ چۈشۈپ  پۇتى سۇنۇپ كىتىپتۇ . كىشلەر  يەنە ئۇنىڭغائىچ  ئاغرىتىپ : بىر  ئېتىڭ ئىككى بولغان بىلەن ئوغلۇڭ  مىيىپ بولدى، دەپ ئىچ  ئاغرىتىشىپتۇ . لىكىن ئۇ ئادەم  يەنىلا : بۇنىڭمۇ بەلكىم ياخشى تەرىپى بولىشى مۇمكىن، دەپتۇ. شۇ يىلى  كەنتتىكى بارلىق ئوغۇللارنى  جەڭگە قاتنىششقا  ئېلىپ كېتىپ بىرسىمۇ ساققايتىپ كەلمەپتۇ .ئەمما ئۇ كىشىنىڭ  ئوغلى مېيىپ  بولغانلىقى ئۈچۈن جەڭگە قاتناشماي ھايات قاپتۇ . ھىكىمەت: دىمەك ، ھاياتىڭىزدا  نۇرغۇن سىزئويلىمىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن بۇ ئىشلارنىڭ سىز ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى تەرىپىنىڭ تەييارلانغان ئىكەنلىكىگە  ئىشىنىڭ

كەسلەنچۈكنىڭ يارىسى

يىلان كەسلەنچۈكنىڭ قۇيرىقىنى چىشلىۋاپتۇ، كەسلەنچۈك ئاران تەسلىكتە ھايات قاپتۇ،  دېھقان كەسلەنچۈكنىڭ كۆرۇپ ئۇنىڭغا :«ھەي بىچچارە، قۇيرىقۇڭ ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ، بەك ئاغرىپ كەتكەندۇ ھە» دەپتۇ، كەسلۈنچۈك يىغلاپ تۇرۇپ باش لىڭشىتىپتۇ، دېھقان :«كەل، ياراڭنى تېڭىپ قوياي، لېكىن سەل ئاغرىيدۇ چىداپ تۇرغىن» دەپتۇ، كەسلەنچۈك :« ياق، مەن بۇ ئاغرىققا رەھمەت ئېيتىمەن، دەل مۇشۇ ئاغرىق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى بىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن يارامنى تېڭىپ قويساڭ يېڭى قۇيرۇقۇم ئۆسەلمەي قالىدۇ» دەپتۇ، ھەمدە ئاغرىققا چىداپ يولىغا مېڭىپتۇ. ھىكىمەت:ئازابنىڭ كىشىلەرگە ئاتا قىلىدىغىنى پەقەت پاسسىپ ئېنىرگىيەلا بولماسلىقى مۇمكىن، بەزى ۋاقىتلاردا ئازاب ئىچىدە ئۈمۈد بار، ئازابنى ھېس قىلالىغان ئىكەنسىز سىز ھايات، سىزنىڭ ياشىشىڭىزدا ئۈمۈد بار، بۇنداق ۋاقىتتا ئازابمۇ خۇشال بولۇشقا تىگىشلىك نەرسە، شۇنداق ئەمەسمۇ 

توغرا ۋە خاتانى ئايرىش

توخۇ تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەمدە توخۇ پوقى چىقىرىدۇ، لېكىن كىشىلەر پەقەت توخۇ تۇخۇمىنىلا يەيدۇ، ئادەملەرمۇ دەل توخۇغا ئوخشاش، ئۇتۇق قازانغان بۇلارنى قانداق تاللاشنى بىلىدۇ، مەسىلەن قارشى تەرەپ شىركەت ئاچقان بولسا، سىز ئۇنىڭ پايچەكلىرىنى سېتىۋالسىڭىزلا بولدى، ئۇنىڭ خاتا گەپلىرىنى ئۆگىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.خۇلاسە:باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، ئارتۇقچىلىقىنى قۇبۇل قىلسىڭىزلا بولدى، شاكىلىنى قۇبۇل قىلىۋالسىڭىز ئۆزىڭىزنى زەھەرلەپ قويىسىز.

كەيپىياتنىڭ قۇلى بولماڭ

بوۋاي ھەر كۈنى بىر دۇكانغا بېرىپ گىزىت سېتىۋالىدىكەن، دۇكاندىكى مۇلازىم ھەر قېتىم بوۋاينى كۆزگە ئىلماي بوۋايقا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىكەن، بوۋاينىڭ دوستى بوۋاينىڭ نېمىشقا باشقا يەرگە بېرىپ گىزىت سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ :« مەن ھەر كۈنى كۆپ يول مېڭىپ ئۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ گىزىت سېتىۋالىمەن، يولدا ۋاقتىم ئىسراپ بولىدۇ، ھېرىپ ھالىمدىن كېتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق ئۇنىڭ مەسىلىسى تۇرسا، مەن نېمىشقا ئۇنى ئۈزۈمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلدۇرغۇدەكمەن ؟» خۇلاسە:باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىۋالماڭ، سىرتقى دۇنيادىكى ئازابلار سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بەختىڭىزنى قۇربان قىلماڭ، ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولسا تەبىئىيلا خۇشال بولالايسىز.

مەخسەتلىك پىكىر

ىر ئايال ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدەشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئېرى ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۇنى رازى قىلالماپتۇ. بىر كۈنى بىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەكلىپ بېرىپتۇ. يەنى ئايالى ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدىسە ئۇمۇ ئايالىدىن قۇسۇر ئىزدەپتۇ. نەتىجىدە ئىككىسى ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ.  ئەر ھېلىقى ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭغا بار ئەھۋالنى دەپتۇ. ئۇ ئادەم ئايالىنى تىللاش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. بۇ ئەر ئايالىنى بولىشىغا تىللاپتۇ.  ئايالى قاتتىق ئازابلىنىپتۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ ئەر ھېلىقى تەكلىپ بەرگەن كىشى بىلەن ئايالىنىڭ قولتۇقلىشىپ ماڭغانلىقىنى بايقاپتۇ. ھىكىمەت: تۇرمۇشتىكى بارلىق قېيىنچىلىق ئۈچۈن باشقىلاردىن ياردەم سوراۋەرمەڭ، بولمىسا باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىسىز. 

كۆيۈمسىز دادا

بۇرۇن بىر ئادەم ئانىسىنى ھۆرمەتلىمەيدىكەن. بىراق ئۇنىڭ بالىسى ئۆزىنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن. ئۇ ئانىسىغا قاتتىق تىگىپ تۇرسىمۇ بالىسى ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ قوپال گەپ قىلمايدىكەن. بۇ ئادەم بىر كۈنى بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ. بالىسى ئۇنىڭغا :«دادا، سېنىڭ ياخشى ئادەم ئەمەسلىكىڭنى بىلىمەن، شۇڭا سەندىن ئېشىپ كەتكۈدەك ناچار ئادەم بولغۇچە سېنىڭ ئالدىڭدا يۇۋاش تۇرمىسام بولمايدۇ.»دەپتۇ. خۇلاسە: ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ، ھەممە ئىش سىز كۆرگەندەك بولۇشى ناتايىن

ئەر ۋە ئايال

بىر جۈپ ئەر-ئايال بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھىسىياتى ياخشى بولماپتۇ. ئۇلار بىر بىلىملىك كىشىدىن مەسلىھەت ئالغىلى بېرىپتۇ.  بىلىملىك كىشى:« ئەتىدىن باشلاپ ئەر ئايالنىڭ، ئايال ئەرنىڭ كىيمىنى كىيىپ بىر ھەپتە يۈرۈڭلار» دەپتۇ.   بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ناھايتى خۇشال ھالەتتە كەپتۇ.   ئۇلار :« كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ كىيسەك بەك كۈلكىلىك بولىدىكەن، ئۇ پالاكەتلىك قىلىپ بىرمۇنچە نەرسىنى چېقىۋەتتى، لىكىن بەك ئوماق» دىيشىپتۇ.   ھىكىمەت:ئەمەليەتتە تۇرمۇش ھېچكىمگە خۇشاللىق ۋە خاپىلىق بەرمەيدۇ، ھەتتا ئۇ ھېچنىمە ئەمەس. بىراق ئادەم شۇ تۇرمۇشتىن خۇشاللىق ۋە خاپىلىقنى ئۆزى تېپىۋالىدۇ. شۇڭا ئېغىر كۆرمەي تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىزلا خۇشاللىقىنى خاپىلىقتىن كۆپىرەك تاپالايسىز.

ئۈچ ئاكا ئۇكا

ئۈچ ئاكا-ئۇكا بىر مو يەرنى تالىشىپ قاپتۇ، كېچە-كۈندۈز تالىشىپمۇ ئاخىرىغا چىقالماپتۇ، ئاخىرى ئۇلار بىر ئاقىلنى ئىزدەپ بېرىپتۇ، ئەھۋالنى دەپ بولغاندىن كېيىن ئاقىل ئۇلارغا دەپتۇ : ئۈچىڭلار بىر مو يەرگە بىر پەسىلدىن ئىشلەڭلار، ھوسولۇڭلارنى تەڭ بۆلىشىڭلار، دەپتۇ. بۇ جاۋاپتىن ئۇلار بەكمۇ رازى بوپتۇ. خۇلاسە:جىدەل قىلىپ تالىشىۋاتقان نەرسىنى يەنە بىر نۇقتىدىن كۈزەتسەك ھەل قىلىش ناھايىتى ئاسان.

دادىنىڭ قەلبى

مەن كىرگەن بالنىستتا بىر يىگىت دۈم ياتاتتى، يېشى ئاتمىشلارغا تاقاپ قالغان بىر ئادەم بۇ يىگىتنىڭ ئەتراپىنى پەرۋانىدەك چۆرگۈلەيتتى، بىردەم يىگىتنىڭ مۈرىسىنى تۇتسا، بىردەم يەلپۈيتتى، ئەمما بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. باشتا مەن بۇ ئادەمنى گاچا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم، كېيىن بۇ ئويۇمنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىقىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى بۇ ئادەم ھەر كۈنى قايتىدىغان چاغدا بالىسىغا ئۇزۇن قارىۋېتىپ قايتاتتى، بۇ قېتىم ئۇ بالىسىغا بىر قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن، ماڭا:-بالام ناۋايلىق قىلىدۇ.-دېدى، كەينىدىن،-بىزنىڭ سەككىز مو يېرىمىز، بىرنەچچە توخۇ-كەپتىرىمىز بار.-دەپ قوشۇپ قويدى، مەن بۇ سۆزدىن بۇ ئادەم قىيىنچىلىقىنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-مېنىڭ بۇ بالامدىن باشقا ھېچنېمەم يوق، ئادەم ساقىيىپ كېتىمەن دېسە ساقىيىپ كېتىدىكەن، بالام ساقىيىپ كېتىمەن دېسە بولاتتى،-دېدى. مەن دۈم ياتقان بالىغا قاراپ قويدۇم، ئۇ قىمىرلاپ قويدى، بىراق زۇۋان سۈرمىدى. دادا پەرزەنتىنى ماڭا تاپىلاپ كېتىپ قالدى.شۇ كۈنى كەچ مەن بۇ يىگىت بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتىم، سەھەردە ئاقكۆڭۈل دادا ئۆز قەرەلىدە كەلدى، ئۇ ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇپلا قالدى، قولىدىكى بالىسىغا ئېلىۋالغان نېنى ۋە مېۋىلىرى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. ھەر دائىم دۈم ياتىدىغان يىگىت بۇ قېتىم دادىسىنىڭ يېنىغا مەزمۇت قەدەم بىلەن بارغان ئىدى ھەم دادىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ:-دادا مەن تېزلا ساقىيىپ كېتىمەن، ھەم سېنى گۈلدەك باقىمەن.-دېگەن ئىدى، بوۋاي كىچىك بالىدەك ئېسەدەپ كەتتى، مەنمۇ يېشىمنى يوشۇرالماي قالدىم. شۇنداق، دادا بىزدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت پەرزەنتىنىڭ شۇ ئۆزى كۈتكەن بىر ئېغىز سۆزىگە ھەم ھەرىكىتىگە مۇھتاج، دادىنىڭ قەلبى مانا مۇشۇنچىلىكلا.

بىلىپ بىلمەي يېنىپ قالىدۇ

بىر مېيىپ قىز تاكسىي توستى ماشىنىدىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا باھا ھىسابلىغۇچ 13يۈئەن كۆرۈلدى شوپۇر ئۇنى يۆلەپ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگە ئاپىرىپ قويدى ،لىكىن شوپۇر ئۇنىڭغا :مەن سىزدىن ھەق ئالمايمەن سىزگە قارىغاندا پۇل تاپمىقىم ئاسانراق دىدى ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئولتۇراق رايۇندىن بىر خوجايىن سۈپەت كىشى چىقىپ كەلدى ،ئۇ ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن ئزچىل شوپۇر بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى ماشىنىدىن چۈشدىغان ۋاقىتتا باھا ھىسابلىغۇچتا 17يۈئەن كۆرۈلدى ، ئۇ شوپۇرغا 30يۈئەن بىرىپ مۇنداق دىدى بۇ پۇلنىڭ يانغان قىسمى بايىقى ئايالنىڭ كىرا ھەققى مىنىڭ پۇل تاپمىقىم سىزدىن ئاسانراق ،بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن دەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى . خۇلاسە: ئادەم مىھىر بىلەن ئىنساندۇر ، كىشىگە قىلىنغان ياخشىلىق ھامان ئۆز يولىمىزنى يورتىدۇ .

مۇغەمبەرلىكنىڭ ئاقىۋىتى

كۈن ئاستا-ئاستا غەربكە پېتىپتۇ، قۇياشنىڭ ئولتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تۈلكىنىڭ سايىسى ئاستا-ئاستا چوڭىيىپتۇ، تۈلكە ئۆزىنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە: «مەن قاچاندىن بۇيان بۇنچە يوغىناپ كەتتىم؟» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۈرىسىنى رۇسلاپتۇ، تۈلكىنىڭ سايىسى ئاستا-ئاستا يوغىناپ، بىردەمدىلا ئىككى شىر چوڭلۇقىدا بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈلكە كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ ئۇچلۇق چىشى ۋە ئۆتكۈر تىرنىقى بارلىقىنى، ئادەتتە شىر پادىشاھ بىلەن يېقىنلىشالماسلىقىنىڭ سەۋەبى دەل بېشىنىڭ شىرنىڭكىدەك چوڭ بولمىغانلىقىدىن بولغان، ئەمدى قەددى-قامىتى شۇنچىلىك چوڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن شىردىن قورقىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى، دەپ ئويلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا شىر پادىشاھ دەلدەڭشىپ مېڭىپ كەپتۇ. ئىلگىرى تۈلكە ئامال بار شىر پادىشاھتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى، چۈنكى شىر پادىشاھ ئاچ قالغاندا ئەتراپىدىكى ھايۋانلارنى بىر يالماپلا يەۋېتەتتى. لېكىن بۈگۈن تۈلكە شىرغا يېقىنلىشىپ بېقىشنى قارار قىپتۇ. شىر پادىشاھ تۈلكىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئالماي، ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئېتىلىپ كېلىپ، تۈلكىنى يەرگە بېسىپ بوينىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىپتۇ.خۇلاسە: ئازراق نەتىجە قازانسىلا ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئادەم ئەتراپىدىكى خەتەرنى كۆرەلمەيدۇ...

نىيىتى بۇزۇلغان پادىشاھ

سەلتەنەت سۈرگەن بىر شاھ ئۆتكەن ئىكەن، ئەل ئىچىدە نامى مەشھۇر ئىكەن. بىر كۈنى شاھ ئوۋغا چىقىپ، بىر كىيىكنى قوغلاپ مېڭىپ ھەمراھلىرىدىن ئۇزاپ كېتىپتۇ، قورسىقى  ئاچ، ھارغىن ھالدا مېڭىپ بىر باغ-ۋارانلىق قورو ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ، شاھ ئىشىكنى چېكىپتۇ، چاچلىرى ئاقارغان، ئىنتايىن پاكىز قېرىغان خۇشچىراي بىر بوۋاي ئىشىكنى ئېچىپ، ناتونۇش مېھماننى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ.....بوۋاي مېھماننى قىزغىن كۈتىۋېلىپ باغنىڭ مېۋىلىرىدىن ئېلىپ كەپتۇ، ئەمدىلا بويىغا يەتكەن گۈزەل قىزىنى مېھمانغا ئاناردىن شەربەت  تەييارلاپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ.قىز بىر تال ئانارنى سىققان ئىكەن، لىق بىر ئاپقۇر شەربەت چىقىپتۇ، تەمى شۇنداق شېرىن ئىكەن...شاھ دەقىقە ئىچىدە شۇلارنى خىيال قىپتۇ: مەن شۇنداق سەلتەنەتلىك شاھ تۇرۇپ، مېنىڭ چاھار بېغىمدىكى ئانار بۇنداق شېرىن  ئەمەس، نېمىدېگەن ئېسىل باغ بۇ !!ئاۋۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىچۇ تېخى !مەن بۇ قېرىنىڭ بېغىنى ئۆزۈمنىڭ مۈلكىگە قوشۇپ، ئاۋۇ قىزىنى توقاللىققا ئېلىپ كەتسەم، قېرىنى ئوردا باغۋىنى قىلىۋالسام بولغۇدەك...شاھ شۇ خىياللار بىلەن يەنە بىر ئاپقۇر شەربەت تەلەپ قىپتۇ، قىز چوڭ ئاناردىن بىرنى سىقپتۇ، ھېچقانچە شەربەت چىقماپتۇ، كەينى كەينىدىن ئۈچ دانە ئانارنى سىققان ئىكەن، يېرىم ئاپقۇر ئاران چىقىپتۇ، قىز ھەيرانلىقتا دادىسدىن سوراپتۇ :-دادا، باياتىن بىرتال ئانارنى سىقسام بىر ئاپقۇر شەربەت چىققان ئىدى، ئۈچ تال ئانارنى سىقساممۇ يېرىم ئاپقۇر ئاران چىقتىغۇ ؟ نېمە ئىشتۇ بۇ ؟!بوۋاي ئاپئاق ساقاللىرىنى سىيپىغىنىچە شۇنداق دەپتۇ:-ئېھتىمال ئارىمىزدا بىرەرسىنىڭ نىيەتلىرى بۇزۇلغان بولسا كېرەك قىزىم، يامان نىيەت بەرىكەتنى كۆتۈرىۋىتىدۇ...پادىشاھ دەقىقە ئىچىدە كۆڭلۈمگە پۈككەن يامان نىيىتىم ئۈچۈن باغنىڭ ھوسۇلى كەملەپ كەتسەيۇ، يامانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرسام سەلتەنىتىم قانداق بوپ كېتەر دەپ ئويلاپتۇ...شاھ ئەقلىگە كېلىپ يامان نىيەتتىن يېنىپ، بوۋايغا رەھمەت ئېيتىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. خۇلاسە: قانداق ئىش خەيرلىك بولمايدۇ ؟يامان نىيەت بىلەن باشلىغان ھەرقانداق ئىش !

ئىككى پادىچى

ئىككى پادىچى بولغان ئىكەن، ئۇلار يىللاپ جاڭگاللىقتىن ئايرىلماي قوي باقىدىكەن، ئۇلارنىڭ يېشى ۋە مىجەزى بىر بىرىنىڭكىگە قەتئى ماس كەلمىسىمۇ بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىكەن، سەۋەبى-بىرسى ئوت پەيدا قىلىپ گۈلخان ياقالايدىكەن، يەنە بىرسى بولسا ئوۋ ئوۋلىيالايدىكەن. ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئالاھىدىكىنى قارشى تەرەپنىڭ ئۆگىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشىدىن، يالغۇز قېلىشىدىن قورقىدىكەن. ئىككەيلەننىڭ پىكرى پەقەتلا بىر يەردىن چىقمىغاچقا كۆپ پاراڭلاشمايدىكەن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇلار قويلارنى ئوتلاشقا قۇيۇۋېتىپ ئادىتى بويىچە بىرسى ئوتۇن يىغىپ كىلىپ ئوت قالايدىكەن. يەنە بىرسى ئوۋلاپ كەلگەن ئولجىسىنى پىشۇرۇپ تاماق تەييارلايدىكەن. شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ،ئايلار، ئۆتۈپتۇ ، يىللارمۇ ئۆتىۋېرىپتۇ…پادىچىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوۋ ئوۋلايدىغان پادىچى تۈزۈك بىر نەرسە ئوۋلىيالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئوت پەيدا قىلالايدىغان ياشراق پادىچى بولسا ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلاپتۇ ۋە ئۇ ھېچنىمە ئوۋلىيالمىغان كۈنلىرى ئۆزى كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىگىنىدىن ناھايىتى نارازى بولۇپتۇ. ئۇ دائىم«ئوتنىمۇ مەن قالىسام، ئوتۇننىمۇ مەن تەرسەم، ئەمدى يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ مەن تاپسام، بۇ قېرى ھەممە نەرسىگە شىرىك بولۇپ ئولتۇرسا يەنە تېخى پادىلارنىڭ كەينىدىنمۇ يىتىشەلمىسە بۇ ئادىللىق بولامدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن قاپقان قۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىپ بۇ قېرىنى كۆزدىن يوقاتسام بولاتتى»دەپ ئويلايدىكەن. لېكىن ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا چوڭ پادىچى ئاللىبۇرۇن قاپقانلارنى قۇرىۋېتىپ قايتىپ كېلىپ بولىدىكەن. بىر كۈنى چوڭ پادىچىنىڭ قاپقىنىغا ناھايىتى چوڭ بىر ئېيىق چۈشۈپ قاپتۇ، ئېيىقنى يالغۇز ئەكىتىشكە كۆزى يەتمىگەن ئوۋچى كىچىك پادىچىنى چاقىرىپ كەپتۇ ۋە ئىككەيلەن مىڭبىر جاپادا نىمجان بولۇپ قالغان ئېيىقنى سۆرەپ كېتىۋاتسا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ. بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ...رەھمەت!پاتقاقچىلىقتا يول يۈرۈشمۇ ناھايىتى تەسكە توختاپتۇ ئۇلار تېيىلىپ تولا يىقىلىپ ھېچ ھالى قالمىغاندا چوڭ پادىچى بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ مېڭىشنى ئېيتىپتۇ. ئەسلىدىنلا ئوۋچىنىڭ پىكرىگە قارشى چىقىپ كۆنۈپ كەتكەن كىچىك پادىچى بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلۇپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ قورسىقىغا جىن كىرگەن بولۇپ، نەچچە ۋاقىتتىن ئويلاپ كېلىۋاتقان شۇملۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلاپتۇ ۋە تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن ئوۋچىدىن ئۆزىگە قاپقان قۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ، ئوۋچىمۇ ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا قاپقاننى قايتا قايتا قۇرۇپ كۆرسىتىپ ئۆگىتىپ قويۇپتۇ ، كىچىك پادىچى كۆڭلىدە «قاپقان قۇرۇشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم، بۇنى ھازىر كۆزدىن يوقاتسام ئاۋۇ ئېيىقمۇ ماڭا قالىدۇ، قىشمۇ كىلەي دەپ قالدى ئۇنىڭ تېرىسىنى جۇۋا قىلىپ كىيىمەن»دېگەن ۋەسۋەسە بىلەن ھۆل كىيىملىرىنى سىقىپ ئولتۇرغان ئوۋچىنىڭ كەينىدىن كىلىپلا بېسىۋېلىپ گېلىنى سىقىشقا باشلاپتۇ. ئوۋچىمۇ بوش كەلمەي  قونچىدىكى پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا زەرپ بىلەن ئۇرۇپتۇ، ئۇلار كەسكىن ئېلىشىپتۇ، ئىرمىشىپ،چىرمىشىپ يۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دېگەندە كىچىك پادىچى ئاخىرى چوڭ پادىچىنىڭ جېنىنى ئاپتۇ، ئۇ دەلدەڭشىپ ئورنىدىن تۇرىۋاتقاندا ئاستا-ئاستا ماغدۇرىغا كىلىپ قالغان ئېيىق ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپتۇ، ئۇنىڭ ئېيىق بىلەن ئېلىشقىدەك ھالى قالمىغان بولسىمۇ تىركىشىپتۇ لېكىن ئېيىق ئۇنى بېسىۋېلىپ چىشلەپ تالىغىلى تۇرغاندا ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە قانغا مىلىنىپ ياتقان ئوۋچى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ئوۋچىنىڭ پىچىقىغا كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە«ئوۋچى ھايات بولغان بولسا ئېيىقنى بويسۇندۇرالمىغان ھالەتتىمۇ ئاشۇ پىچاقنى ماڭا سۇنۇپ بېرەلىگەن بولاتتىدە؟! ۋادەرىخا »دىگىنىچە ئېيىققا يەم بولۇپتۇ. خۇلاسە:«ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە»دېگەن ماقال -تەمسىل شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن. 

كۆڭلۈڭنى كەڭ تۇت

دانىشمەننىڭ دائىم تۇرمۇشتىن باتنايدىغان بىر شاگىرتى بارئىكەن . بىركۈنى دانىشمەن شاگىرتىغا بىر پىيالە سۇ ئەكىلىشنى بۇيرۇپتۇ . شاگىر ت دەرھال بىرپىيالە سۇ ئەكىلىپتۇ ، دانىشمەن پىيالىگە بىر ئۇچۇم تۇز قۇيۇپتۇ ئاندىن شاگىرتىغا ئۇنى ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ . شاگىرتى سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ، دانىشمەن سۇنىڭ تەمىنى سوراپتۇ . شاگىرت :<< بەك قىرتاقكەن . >> دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . دانىشمەن شاگىرتىنى كۆل بويىغا باشلاپ كەپتۇ . كۆلگىمۇ بىر ئۇچۇم تۇز تۆكۈپ شاگىرتىغا كۆل سۈيىدىن ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ ۋە سۇنىڭ تەمىنى سوراپتۇ . شاگىر: << تاتلىقكەن .>>  دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . دانىشمەن شاگىرتىغا : << ئەمىلىيەتتە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئازاب بايىقى بىر ئۇچۇم تۇزغا ئوخشايدۇ . بەزى كىشىلەر كۆكسى-قارنىنى پىيالىدەك تار قىلىۋېلىپ ئۇ ئازابلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالماي ، تۇرمۇشتىن باتناپ ياشايدۇ .خۇلاسە:بەزىلەر بولسا كۆكسى - قارنىنى كۆلدەك كەڭرى قىلىپ ئۇنچىلىك ئازابنى ئۆزىگە سىغدۇرۇپ ، رەڭدار تۇرمۇشتىن خالىغانچە بەھىرلىنىپ خوشال ياشايدۇ ... ئېيتە سېنىڭ كۆل بولغۇڭ بارمۇ ياكى پىيالىمۇ ؟ >> دەپتۇ .

مىھنەتسىز ياخشىلىق

بىر ئالىي دەرىجىلىك ئىمپورت ئاپتوموبىلى يېزىدىكى لاي يولدا بۇزۇلۇپ قالدى. داڭلىق ماركىلىق كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان ئاپتوموبىل ئىگىسى تىت-تىت بولغان ھالدا ئولىشىۋالغانلارغا: ـــ قايسىڭلار ماشىنا ئاستىغا كىرىپ بۇرما مىخنى مۇقىملاپ قويۇشنى خالايسىلەر؟ ـــ دەپ توۋلىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىدىكى ماي تۇرۇبىسىدىن مەسىلە چىققان بولۇپ، ماي توختىماي ئېقىپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۇ يەر بىلەن ئەڭ يېقىن ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئارىلىقىمۇ نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلەتتى، شۇڭا ئۇنىڭ جىددىيلەشكىنىدىن تىپىرلاپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى چىرايلىق ياسانغان ئايال ئۇنىڭغا: ـــ پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دەپتىكەن. ـــ دەپ پىچىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ: ـــ كىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ، ئەگەر ياردەم قىلسا بۇ پۇل شۇنىڭ! ـــ دېدى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر يىگىت مىدىرلىدى، ئەمما ئۇنىڭ ھەمراھلىرى «پۇلدارلارغا ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ» دەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. بۇ چاغدا بىر كىچىك بالا كېلىپ: ـــ مەن قىلاي، ـــ دېدى. مەشغۇلات ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بۇ بالا ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىشنى پۈتتۈردى. ئۇ ماشىنا ئاستىدىن ئۆمىلەپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى ئادەمگە ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئەر ھېلىقى پۇلنى بالىغا بەرمەكچى بولغاندا يېنىدىكى ئايال ئۇنى ئەيىبلەپ: ـــ سىز راستتىنلا ئۇنىڭغا بەرمەكچىمۇ؟ ئۇنىڭغا ئازراق پارچە پۇل بەرسىڭىزلا بولدىغۇ!-دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەر ئۇ ئايالنىڭ گېپى بويىچە قولىدىن پارچە پۇلنى ئېلىپ بالىغا تەڭلىۋىدى بالا بېشىنى چايقىدى. بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ...رەھمەت! شۇ چاغدا كىشىلەر توپى ئارىسىدا ھەرخىل نارازىلىق ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ھېلىقى ئەر ئامالسىز باشتا بەرمەكچى بولغان پۇلنى چىقاردى. ئەمما كىچىك بالا يەنىلا بېشىنى چايقاپ تۇرۇۋالدى، ئەر سەل خاپا بولۇپ: ـــ ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟ ئەگەر بۇ پۇلغا رازى بولمىساڭ، ساڭا بىر تىيىنمۇ بەرمەيمەن. ـــ دېدى. ـــ ياق، مېنىڭ ئاز كۆرۈۋاتقىنىم يوق. ئوقۇتقۇچۇم باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭ پۇل ئۈچۈن بولماسلىقىنى ئېيتقان. ـــ دېدى بالا ئۇ كىشىگە تەمكىنلىك بىلەن قاراپ. ئەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرئاز تېڭىرقاپ قالدى ۋە بالىدىن سورىدى: ـــ ئۇنداقتا سەن نېمىشقا تېخىچە كەتمەي تۇرىسەن؟-كىچىك بالا مۇنداق دېدى: ـــ مەن سىزنىڭ ماڭا رەھمەت ئېيتىشىڭىزنى ساقلاۋاتىمەن! خۇلاسە:ئەمەلىيەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ زادى نىمىگە بەكەرەك ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز..

مەينەت دىرېزە

موماي ھەر كۈنى قوشنىسىنىڭ كىيىملىرىنى پاكىزە يۇيمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدىكەن، دائىم: «بىر ئايال كىشى تۇرۇپمۇ كىيىمىنى پاكىزە يۇيالمىغان، ھويلىسىغا يايغان كىيىملەرنىڭ ھەممىسىدە داغ بار تۇرۇپ شۇنىمۇ كىيىم يۇيۇش دەمدۇ» دەپ قوشنىسىنى تىللايدىكەن، بىر كۈنى موماينىڭ نەۋرىسى موماينى كۆرگىلى كەپتۇ، نەۋرىسى موماينىڭ قوشنىسىنى تىللاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا نەزەر تاشلاپتۇ، بىردەمدىلا ھەممىنى چۈشىنىپتۇ، پاكىزە لۆڭگە ئەكىلىپ مومىسى تۇرغان ئۆينىڭ دەرىزىسىنى پاكىزە سۈرتۈپ بېرىپتۇ، ھەم مومىسىغا:«موما، ئەمدى قارىغىنە ئۇنىڭ كىيىملىرى پاكىزە بوپتۇمۇ؟» دەپتۇ، موماي نەۋرىسىگە قاراپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.ھىكىمەت:باشقىلارنى ئەيىپلەۋاتقان ۋاقىتتا ئاۋال ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ «دەرىزىڭىز» مەينەت بولۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن.

يامغۇرلۇق كۈن

بىر ئايال دادىسىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتتى، ئاتا-بالا ئىزچىل تەتۈر قارىشىپ يۈردى. قىز ھەر قېتىم دادىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تاماق يەيىتتى. بىر كۈنى يامغۇر يېغىۋاتقاندا ئاتا-بالا ئىككىسى مەھەللىدە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدى، دادا ئوڭايسىزلانغان ھالدا: -بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە ئوغۇرلۇقچە كەلمە، مەنمۇ يامغۇردا قېلىپ يۈرمەي.-دېدى. ئاتا-ئانىمىز بار، ھاياتلىقتا ھامان قايتار جايىمىز بولىدۇ. ئاتا-ئانا بولمىسا ھاياتلىقتا ھېچنىمە قالمايدۇ. دۇنيادىكى بەزى نەرسىلەرنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، بەزى نەرسىلەرنى مەڭگۈ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ... بارلىق ۋاپادارلىق ئۆز ۋاقتىدا بولسۇن، ساقلاشنى ھەرگىزمۇ پۇشايمانغا ئايلاندۇرۇپ قويمايلى.

باھا بېرىشكە ئالدىرىماڭ

پويىز بىر رېتىمدا كېتىپ بارماقتا. 14-ۋاگوندىكى بىر ئورۇندا 20 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت ھەيرانلىق بىلەن دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىللەرگە كۆزىنى ئۈزمەي قاراۋاتاتتى. -دادا! دادا! ئاۋۇ دەرەخلەر ئارقىمىزدا قالدى.بالىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان دادىسى بالىسىغا قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئەمما ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر جۈپ ئەر-ئايال بۇ 20 نەچچە ياشلىق يىگىتنىڭ كىچىك بالىلاردەك قىلىق قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق نەزىرىدە قاراپ قويدى. ئەمما دەل شۇ پەيتتە بۇ يىگىت يەنە ھاياجانلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى:-دادا! دادا! قارىغىنە ئاۋۇ بۇلۇتلار بىز بىلەن بىرگە يۈگرەۋاتىدۇ.يىگىرمە نەچچە ياشلىق بىر يىگىتنىڭ گۆدەكلەرچە قىلغان بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ غەيرىيلىك ھېس قىلغان بىر جۈپ ئەر-ئايال ئاخىرى چىداپ تۇرالماي ئۇنىڭ دادىسىدىن سورىدى:- نېمىشقا بالىڭىزنى بىرەر ياخشىراق دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقمايسىز؟بۇ گەپنى ئاڭلىغان بالىنىڭ دادىسى چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن كۈلۈپ تۇرۇپ:- مەن بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم، شۇنداقلا بىز بايا تېخى دوختۇرخانىدىن ياندۇق. مېنىڭ ئوغلۇم ئەسلى بىر تۇغما ئەما بالا ئىدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم يورۇق دۇنيانى كۆرۈشى،- دېدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپنى ئاڭلىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال خىجىل بولغىندىن گەپ قىلماي يەرگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.شۇنداق، دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ھېكايىسى بولىدۇ. شۇڭا سىز بىراۋنىڭ ھېكايىسىنى قۇلاق سېلىپ تىڭشىماي ۋە ئۇلارنىڭ رېئال دۇنياسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئالدىراپ باھا بەرمەڭ، چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھېكايىسى سىزنى ھەيران قالدۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ!

بېلىق تۇتۇش پىرى

بىر بېلىقچى بار ئىكەن، ئۇ بېلىق تۇتۇشقا ماھىر بولغاچقا كىشىلەر تەرىپىدىن «بېلىق تۇتۇش پىرى» دەپ ئاتىلىپتۇ. لېكىن بۇ بېلىقچى ياشانغاندا غەمگە پېتىپتۇ، بۇنىڭ ۋەجى ئۈچ ئوغلىنىڭ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى ئادەتتىكىچە بولغانلىقىدىن ئىكەن. بېلىقچى دائىم كۆڭۈل بىسىرەمجانلىقىنى باشقىلارغا سۆزلەپ:-پەقەت چۈشىنەلمىدىم، مەن بېلىق تۇتۇشقا شۇنچە ئۇستايۇ ئۈچ ئوغلۇم دەل ئەكسىچە؟ مەن ئۇلار ئىش ئۇققاندىن تارتىپ بېلىق تۇتۇش ماھارىتىمنى ئۆگىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئاساسىي ماھارەتتىن تارتىپ، تورنى قانداق تاشلاشنى، كېمىنى قانداق ھەيدىگەندە بىلىقلار ئۈركىمەيدىغانلىقىنى، تورنى قانداق تاشلىسا بىلىقلارنى ئاسانلا تۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە دولقۇنلارنىڭ پەسىيىپ – كۆتۈرۈلۈشىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتتىم، يىللادىن بۇيانقى تەجرىبىلىرىمنىمۇ سۆزلەپ بەردىم لېكىن ئۇلارنىڭ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى مەندىنمۇ ناچار بېلىقچىلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ،-دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن ئاڭلاپ قېلىپ:-سىز ئۇلارغا ھۈنىرىڭىزنى قولمۇ قول ئۆگەتتىڭىزمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.-شۇنداق، مەن ئۇلارغا ياخشى ماھارەتلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتىىم،-دەپتۇ ئۇ.-ئۇلار ئىزچىل سىزگە ئەگەشتىمۇ؟-شۇنداق، ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۆزۈەمگە ئەگەشتۈرۈپ ئۆگەتتىم.-گېپىڭىزدىن خاتالىقىڭىز ئاشكارە بولدىغۇ مانا، سىز ئۇلارغا پەقەت تېخنىكىنىلا ئۆگىتىپ، مەشىققە سالماپسىز،-دەپتۇ ئۇ كىشى.خۇلاسە: ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە نىسبەتەن ساۋاق ئالماسلىق خۇددى تەجىرىبە بولمىغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلىتەلمەيدۇ.

ئادالەتسىزلىك

بىر ئىشچى دوستىغا قاقشاپ ئېيتىپتۇ: "ئىشنىڭ ھەممىنى بىز قىلساق، تەقدىرلەشكە گۇرۇپپا باشلىقىمىز ئېرىشىدۇ، ئاخىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى دىرېكتورنىڭ بولۇپ قالىدۇ، بۇ بىر ئادالەتسىزلىك". ئۇنىڭ دوستى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: ئاۋۋال قول سائىتىڭگە قاراپ باق، سەن ئاۋۋال سائەت ئىسترېلكىسىغا، كەينىدىن مىنۇت ئىسترېلكىسىغا  قارايسەن، ئەمما ئايلىنىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان سېكۇنت ئىسترېلكىسىغا سەن قاراپمۇ قويمايسەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر تەڭسىزلىك ھېس قىلساق، تىرىشىپ بەدەل تۆلەپ ئالدىنقىدىكىلەرگە ئايلىنىشىمىز كېرەك، قاقشاپ ئاغرىنغاننىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق.

سىز قانائەتچانمۇ

بىر ياش يىگىت دېڭىز بويىدا تاشلىۋېتلىگەن كونا بىر قولۋاقنى تېپىۋېلىپ، ئۇنى قايتا رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن كۈندە قولۋاقنى ھەيدەپ، ناخشىسىنى ئېيتىپ بېلىق تۇتقىلى دېڭىزغا چىقىدىغان بولدى. گەرچە قۇرۇق قول قايتىپ كەلسىمۇ دېڭىز ساھىلىدا يېتىپ، قۇياش نۇرىغا قاقلىنىپ، ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، ئۆزىنى يەنىلا خۇشال سېزەتتى. دېڭىز ياقىسىدىكى داچىدا بىر بېلىق سودىگىرى ياشايتتى. ھەركۈنى سەھەر ئۆيدىن چىقىپ، كەچ قايتاتتى. ھەركۈنى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا بۈگۈنكى كىرىم ۋە چىقىمنى ھېسابلاش بىلەن بەنت بولاتتى ۋە كۈنبويى غەمكىن يۈرەتتى. كۈندە دېڭىز ۋە ھاۋارايىغا دىققەت قىلىپ، بېلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋە چۈشۈش مەسىلىسىگە باش قاتتۇراتتى. بىردەم بولسىمۇ ئۆزىگە تەۋە راھەت ۋە خۇشال ۋاقتى بولمايتتى. بېلىق سودىگىرىنىڭ ئايالى ھەركۈنى ياش بېلىقچىنىڭ خۇشال ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى ۋە نېمىشقا ئۇنىڭ بۇنداق خۇشال ياشايدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتى. بېلىق سودىگىرى ياش بېلىقچى يىگىتنىڭ كۈندە بېلىق تۇتۇپ بولۇپ، ناخشىسىنى ياڭرىتىپ ئۆيىگە قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە كۆڭلىدە: «مېنىڭ شۇنچە كۆپ بېلىقىم تۇرۇپ، مەن بىرئازمۇ خۇشال بولالمايمەن، كۈنبويى بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمايدىغان بۇ يىگىت نېمىشقا بۇنچە خۇشال ياشايدىغاندۇ؟»دەپ ئويلاپ ھەيران قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بېلىق سودىگىرى بىر ئامال قىلىپ، بۇ بېلىقچى يىگىتنىڭ خۇشاللىقىنى بۇزۇش نىيىتىگە كەلدى ۋە ئايالىغا: -مەن بۇ يىگىتىنى بىر سىناپ باقاي، بۇ دۇنيانىڭ پەقەت ئۇنىڭغىلا ئوڭ كۆزىدە قارايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.-دېدى. شۇنىڭ بىلەن بېلىقچى يىگىتنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا ناخشا ئېيتىۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بېلىق سودىگىرى ئۇنىڭغا تۇيدۇرماي، بىر پارچە ئالتۇننى ئۇنىڭ قولۋىقىغا تاشلاپ قويدى. قۇياش پېتىپ بېلىقچى قولۋاققا چۈشۈپ قاراپ بىر پارچە ئالتۇننىڭ تۇرغانلىقىدىن ھەيران قالدى. بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ...رەھمەت! بېلىقچى يىگىت بۇ ئالتۇننى قولىغا ئېلىپ، كۆڭلىدە بۇ ئالتۇن بىلەن كونىراپ كەتكەن بۇ قولۋاقنى يوغان بىر پاراخوتقا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا ھەركۈنى نۇرغۇن بېلىق تۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى، كۆپ پۇللۇق بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ يوغان پاراخوت ئېلىپ، بىر قانچە بېلىقچىنى ياللاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، بېلىقچىلىق ئىشلىرى كېڭەيگەنسېرى پۈتۈن دېڭىزنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ چوڭ بېلىق سودىگىرىگە ئايلىنىپ، بۇ يەرلەردىكى كاتتا بايلاردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىر كېچە ئويلاپ چىقتى. ئۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇ تېگى يوق شېرىن خىياللارغا غەرق بولۇپ كېتىپ، ناخشا ئېيتىشىنى ئۇنتۇپ قالدى. بېلىق سودىگىرى ئۇنى يىراقتىن كۆزۈتۈپ تۇردى. ئۇ بېلىقچى يىگىتنىڭ ناخشا ئېيتماسلىق سەۋەبىنى بىلدى. شۇ كۈنى ئاخشىمىدىن باشلاپ، بېلىقچى يىگىتنىڭ ناخشىسى ياڭرىماي غەمگە پېتىپ قالدى، ئۇ كونا قولۋاقنى تاشلاپ، ئالتۇننى ساتقاندىن باشقا يەنە يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ، يوغان بىر پاراخوت سېتىۋالدى. شىللىسىغا بىر پاتمان قەرزنى ئارتىۋالغان يىگىتنىڭ بۇرۇنقى خۇشاللىقلىرىدىن ئەسەرمۇ قالماي، كۈنبويى غەم-ئەندىشىدە يۈرىيدىغان بولۇپ قالدى. بېلىق سودىگىرىنىڭ ئايالى بېلىقچى يىگىتىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىن توختاپ، غەمكىن بولۇشقا باشلىغىنىنى كۆرۈپ، يولدىشىدىن: -سىز قانداق قىلىپ بۇ شادىمان يىگىتنى بىزگە ئوخشاش خۇشاللىق درگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدىڭىز؟-دەپ سورىدى. -مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئۆز ئېھتىياجىدىن كۆپرەكىنىلا بەردىم. بۇ ئىش ئۇنىڭ ئاچكۆزلۈكىنى قوزغىدى، ئادەم قانچە ئاچكۆز بولغانسېرى، شۇنچە غۇربەتچىلىك باسىدۇ. يەنى كۆڭلى غۇربەتچىلىكتە قېلىپ، خۇشاللىقىنى يوقىتىدۇ.-دېدى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، بېلىقچى يىگىت چوڭ بېلىق سودىگىرى بولدى، ھەمدە دېڭىز بويىدا بىر داچىسمۇ بار بولدى. كۈنبويى ھېساب-كىتاب ئىشلىرىدىن باش كۆتۈرەلمەي، قاپىقى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداقلا يەنە دېڭىز ۋە ھاۋارايىغا قاراپ، كۆڭلى ئازادە بولۇشنىڭ ئورنىغا، بېلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياكى چۈشۈشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ غەملىرى جىقلاپ، كۆڭلى بىردەممۇ ئازادە تۇرالمايدىغان، ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. بىر قارا قۇيۇن چىقىپ، بىر قانچە بېلىقچى پاراخوتىنى ئاپىرىپ خادا تاشقا سوقتۇردى. پاراخوتلار ھادىسىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن زىيان بولدى. بۇ يىگىتكە قاتتىق زەربە بولدى. سۇلغۇن چىراي يىگىت ئازابلانغىنىچە دېڭىز ساھىلىدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ، بىر سەرگەردان بوۋاينىڭ دېڭىز ساھىلىدا ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يادىغا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى غەم-غۇسسىسىز كۈنلىرى كەلدى. ئۇ سەرگەردان بوۋايدىن: -سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز يوق تۇرۇپ، نېمىشقا بۇنچە خۇشال ياشايسىز؟-دەپ سورىدى. سەرگەردان بوۋاي جاۋابەن: -مېنىڭ نېمىشقا ھېچنىمەم يوق بولغۇدەك؟ بۇ دېڭىز ساھىلى مېنىڭ، قۇياش نۇرى مېنىڭ، تېنىم سالامەت، كىيىمىم پۈتۈن.-دېدى. بېلىقچى يىگىت نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. بۇ دۇنيادا كۆرگەن كۈنلىرىگە قانائەت قىلغان كىشى خۇشال ياشىيالايدۇ، يەنى پەقەت ئېغىزىدىلا ئەمەس، چىن قەلبىدىن قانائەت ھاسىل قىلغان كىشى ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ. شۇ بىر پارچە ئالتۇن ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى تارتىۋالدى. ئۇنىڭ چىنلىقى، روھىي ئازادىلىكى ۋە ئىچكى دۇنياسىدىكى تىنچلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەربىر پاراخوتىنىڭ تېمىغا «قانائەت» دېگەن خەتنى ئويدۇرغۇزدى. ئۇ بېسىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ شىپالىق دورىسى «قانائەت» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئادەمنىڭ نەپسى مەڭگۈ تويمايدۇ، مەڭگۈ قانائەت قىلماسلىق بىر خىل كېسەللىكتۇر. ئەتراپىمىزغا قاراپ باقايلى، ئەتراپىمىزدا قانائەت قىلىشنى بىلمەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۆزىمىزنىمۇ بىر تىڭشاپ باقايلى ھاياتلىق سەپىرىدە ئالدىراش-تېنەش يۈرۈشىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنىلا خۇشاللىققا ئېرىشىش ئەمەسمۇ؟ ئەمما بىز خۇشاللىقنى سىرتقى شەيئىلەردىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن. بىز توختىماي ھەممىدىن ئاغرىنىمىز، تاغدەك بېسىم ئاستىدا ياشايمىز، ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرسەك، بۇ بېسىمنى بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز بېرىمىز. شۇنداق قىلىپ بىز بىر ئۆمۈر خۇشاللىق تاپالماي ئۆتۈپ كېتىمىز. كۈندە ئويغانغىنىڭىزدا، ئۈچ مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، چىن قەلبىڭىزدىن ئۆز ئۆزىڭىزگە: «مېنىڭ ئېرىشكەنلىرىم يېتەرلىك بولدى» دەپ قانائەت ھاسىل قىلىڭ. قانائەتچان بولغاندىلا ئاندىن غەمسىز ياشىغىلى، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆڭۈل خاتىرجەم بولغاندىلا ئەركىن-ئازادە بولغىلى بولىدۇ. ئەركىن-ئازادە بولغاندىلا ئاندىن خۇشاللىق ئادەمنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ.

ئىككى ئاتنىڭ تەقدىرى

ئىككى ئات بىردىن يۈك ھارۋىسنى سۆرەپ ماڭدى،  بىر ئاتنىڭ مېڭىشى تىز،  يەنە بىر ئاتنىڭ مېڭىشى ئاستا. شۇنىڭ بىلەن ئىگىسى كەينىدىكى ھارۋىغا بېسىلغان يۈكنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدىكى تېز ماڭىدىغان ئات قېتىلغان ھارۋىغا يۆتكىدى. كەينىدىكى ئات مازاق قىلىپ كۈلۈپ: "قانچە تىرىشساڭ شۇنچە قىينىلىسەن" دىدى. كىم بىلسۇن،  كىيىن  خوجايىن"بىر ئاتمۇ ھارۋىنى سۆرىيەلەيدىكەن،  ئىككى ئاتنى بىقىپ نىمە قىلاي "دەپ ئويلاپ،  ھورۇن ئاتنى سۇيۇپ يەۋەتتى،  خۇلاسە:مانا بۇ ئىقتىساد ئىلمىدىكى ھورۇن ئات ئۈنۈمى.  باشقىلار سىزنىڭ  بولسىڭىزمۇ ياكى بولمىسىڭىزمۇ بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ۋاقتى،  دەل سىزنىڭ بىر تېپىك بىلەن ھەيدىلىدىغان ۋاقتىڭىزنىڭ كىلىپ قالىدىغانلىقى خالاس. ئاكىتىپلىق سىزنى جاپادا قۇيسىمۇ ئورنىڭىزنى ساقلاپ قالىدۇ.

ئەقىل ۋە سەمىمىيەت

بۇ كىچىك ھېكايە سىزگە سەمىمىيلىكنىڭ زادى قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئىلگىرى ئىككى ياخشى دوست بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى «ئەقىل»، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى «سەمىمىيەت» ئىكەن.  مەلۇم بىر كۈنى ئىككىيلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىپتۇ، ئەپسۇس، دېڭىزدا قاتتىق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كېلىپ، ئىككىيلەن ئولتۇرغان كېمە چۆكۈپ كېتىپتۇ، قۇتقۇزۇش كېمىسىدە پەقەت بىرلا ئورۇن بولۇپ، «ئەقىل» ۋەزىيەتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، قۇتقۇزۇش كېمىسىنىڭ ئورنىنى تالىشىش ئۈچۈن «سەمىمىيەت» نى دېڭىزغا ئىتتىرىۋېتىپتۇ. «سەمىمىيەت» نۇرغۇن سۇ ئىچىۋالغان بولسىمۇ تەلىيىگە ئۆلمەي قاپتۇ، دېڭىز دولقۇنى ئۇنى بىر ئارالغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ قويۇپتۇ، ئۇ قۇملۇقتا ئولتۇرۇپ كېمە ساقلاپ قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي يىراقتىن بىر پەس شوخ مۇزىكا ئاڭلىنىپتۇ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇزىكا چىققان تەرەپكە قاراپ، بىر كىچىك كېمىنىڭ ئارالغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ كىچىك كېمىدە كىچىك بايراقنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «خۇشاللىق» دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، ئەسلىدە «خۇشاللىق» ئولتۇرغان قولۋاق ئىكەن. «سەمىمىيەت» دەرھال: «خۇشاللىق، خۇشاللىق، مەن سەمىمىيەت، مېنى قۇتقۇزۇۋالامسىز؟» دەپ توۋلاپتۇ. «خۇشاللىق» كۈلۈپ تۇرۇپ «سەمىمىيەت»كە: «بولمايدۇ، بولمايدۇ، ئەگەر سەمىمىي بولسام خۇشال بولالمايمەن، قاراڭ، بۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئادەم راست گەپ قىلغاچقا خۇشال بولالمايدۇ» دەپتۇ. بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ...رەھمەت! دەپ بولۇپلا، «خۇشاللىق» يولىغا كېتىپ قاپتۇ. يەنە بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن، «ھوقۇق» ناملىق قولۋاق كەپتۇ. «سەمىمىيەت»: «ھوقۇق، ھوقۇق، مەن سەمىمىيەت، مېنى قۇتقۇزۇۋالامسىز؟» دەپ ۋارقىراپتۇ. «ھوقۇق» بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قولۋىقىنى ئالدىراش كىچىك ئارالدىن يىراقلاشتۇرۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ «سەمىمىيەت» كە قاراپ: «بولمايدۇ، بولمايدۇ، سىز كېمەمگە چىقسىڭىز بولمايدۇ، ھوقۇقۇم ئاسان قولغا كەلمىگەن، ئەگەر سەمىمىي بولسام، ھوقۇقۇمنى ساقلاپ قالالمايمەن» دەپتۇ. «سەمىمىيەت» ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا «ھوقۇق» نىڭ ئايرىلغىنىغا قاراپ، چۈشەنمىگەن ھالدا يەنە ئارالدا تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە بىر قولۋاق كەپتۇ، «سەمىمىيەت» «رىقابەت» ناملىق كېمىگە قاراپ: «رىقابەت، رىقابەت، مەن سەمىمىيەت، مېنى كېمىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيگە ئاپىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. «رىقابەت» «سەمىمىيەت» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىراپ-تېنەپ: «سەن ماڭا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمە، ھازىر دۇنيادا رىقابەت شۇنچە كەسكىن، ئەگەر مەن يەنە سەمىمىي بولسام، مەن باشقىلارغا تەڭ كېلەلمەيمەن» دەپتۇ-دە، ئالدىراپ كېتىپ قاپتۇ. تۇيۇقسىز، دېڭىزدا چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، قاتتىق بوران ئۆركەشلەپ تۇرغان غايەت زور دولقۇنلارنى پەيدا قىلىشقا باشلاپتۇ، «سەمىمىيەت» ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرغاندا، تۇيۇقسىز بىر يېقىملىق، مېھرىبان ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ : «بالام، كېمىگە چىققىن!». «سەمىمىيەت» قارىسا ئەسلىدە ۋاقىت بوۋاي ئىكەن. «سىز نېمىشقا مېنى قۇتقۇزىسىز؟» «سەمىمىيەت» سوراپتۇ.  ۋاقىت بوۋاي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «پەقەت ۋاقىتلا سەمىمىيەتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ» دەپتۇ. قايتىش يولىدا، «ۋاقىت» بوۋاي غايەت زور دولقۇن سەۋەبىدىن كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن «ئەقىل»، «خۇشاللىق»، «ھوقۇق»، «رىقابەت»نى كۆرسىتىپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «سەمىمىيەت» بولمىسا، «ئەقىل» ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ، «خۇشاللىق» ئۇزۇنغا بارمايدۇ، «ھوقۇق» ساختا بولۇپ قالىدۇ، «رىقابەت» مۇ مەغلۇب بولىدۇ، دەپتۇ.

خوراسنىڭ بەختسىزلىكى

خوراس بىر قۇلۇپ ياسىغۇچى، 15 يىل ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم تۈرمىگە كىرگەن، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇرنىغا سۇ كىرمەي، ئوغرىلىقتىن قول ئۈزمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، يەنە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشتىن ساقلاندى. خوراس نادىر كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى، مانا بۇ ئۇنىڭ ھەر يىلى زېھىن سەرپ قىلىپ بىر بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئېچىشتىكى سەۋەب. ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم كۆڭۈل قويۇپ پىلانلايتتى، كېيىنكى 12 ئايلىق يەپ-ئىچىش، ئويۇن-تاماشىغا، بولۇپمۇ كىتاب سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىدىغان پۇلىنىڭ غېمىنى يەيتتى.ھازىر ئۇ ئىيۇلنىڭ بىر ئاپتاپلىق كۈنىدە يولدا كېتىۋاتىدۇ، بۇ يىلقى ھەرىكىتىنىڭمۇ چوقۇم ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇ بىر ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇنى تەپسىلىي كۆزەتتى، بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ۋە ئايالى لوندونغا كەتكەن، بۈگۈن ئىككى خىزمەتكار يەنە كىنو كۆرگىلى كېتىشتى. خوراس بەك مەمنۇن بولدى. كۈزدە يەنە ئىككى خىل قىزىقارلىق كىتاب نەشردىن چىقىدۇ، ئۇ بۇ بىخەتەرلىك ساندۇقىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن ئالماشتۇرغان پۇلغا ئۇلارنى سېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلەيدۇ.ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، سىگنال توك سىمىنى ئۈزۈۋېتىپ، بىخەتەرلىك ساندۇقى قويۇلغان ئۆيگە كىردى. بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئېچىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى ئاسان ئىش، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمى قۇلۇپ ۋە بىخەتەرلىك ساندۇقى بىلەن ھەپىلىشىش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ ئەزەلدىن ئەستايىدىل، ئەزەلدىن بارماق ئىزىنى قالدۇرۇپ قويمايدۇ. ئۇ قاتتىق ئىشلەۋاتاتتى، تۇيۇقسىز كەينىدىن ئاۋاز كېلىپ، قورققىنىدىن ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلىدى.ـــ كىم؟ـــ مەن ئۈستۈنكى قەۋەتتە تۇرۇپ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىدىم.بىر ياش خانىم ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇ ناھايىتى چىرايلىق، ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان ئىدى. ئۇ تام مەشنىڭ يېنىغا كېلىپ، قولى بىلەن ئۇ يەردىكى زىننەت بۇيۇملىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويدى.ـــ ھەممە ئادەم مېنى بىر ئايدىن كېيىن قايتىدۇ دەپ ئويلىغان، ئەمما مەن دەل ۋاقتىدا قايتىپ كەلدىم، گەرچە مەن بىر ئوغرىغا سوقۇلۇپ كېتىشنى خالىمىساممۇ. ــ دېدى ئۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ، ــ مەن ساقچىغا تېلېفون قىلىمەن...خوراس پۈتۈن كۈچى بىلەن بىچارە قىياپەتتە يالۋۇرۇپ:-مېنى قويۇپ بېرىڭ! خانىم، ئەمدى ھەرگىز بۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، مەن تۈرمىدە يېتىشتىن ئەڭ قورقىمەن،- دېدى.ـــ بۇنىڭدىن كېيىن قول ئۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلامسىز؟خانىم ئۈستەلدىكى كۈمۈشتىن ياسالغان تاماكا قۇتىسىدىن بىر تال تاماكا ئالدى.كەچۈرۈمدىن ئۈمىد بارلىقىنى كۆرگەن خوراس بىر تەرەپتىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ:-قەسەم قىلاي! ــ دېدى ـ دە، دەرھال پەلىيىنى سېلىپ چاقماقنى ئۇزاتتى.ـــ خانىم، سىز راستتىنلا ماڭا كەڭچىلىك قىلدىڭىزمۇ؟ ــ خوراس چاقماقنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى.ـــ بولىدۇ، لېكىن سىز چوقۇم مەن ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.ـــ پەقەت مەن قىلالىساملا،- دېدى خوراس.ـــ لوندونغا بېرىشتىن بۇرۇن، مەن زىبۇ ـ زىننەتلىرىمنى بىخەتەرلىك ساندۇقىغا سېلىپ قويغان، بۈگۈن كەچتە بىر تانسا كېچىلىكى بار، شۇڭا مەن قايتىپ كېلىپ ئېلىۋالاي دېگەن، بىراق...خولاس كۈلۈپ كېتىپ:-سىز بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭ نومۇرىنى ئۇنتۇپ قاپسىز، شۇنداقمۇ؟- دېدى. بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ...رەھمەت!ـــ توغرا ئېيتتىڭىز،-دېدى خانىم. خوراس بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئەپچىللىك بىلەن ئېچىپ، ئۇنىڭغا زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن، دەرھال غىپپىدە تىكىۋەتتى.بىراق، ئۇنىڭ قەسىمى پەقەت ئىككى كۈنلۈكلا ئىدى. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە، خوراس تۇيۇقسىز ئۇ سېتىۋالماقچى بولغان ھېلىقى ئىككى كىتابنى ئېسىگە ئالدى، ئۇنىڭ ئۆزىگە باشقا بىر بىخەتەرلىك ساندۇقى ئىزدەيدىغانلىقى ئايان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا پۇرسەت بولمىدى، چۈشتە ساقچىلار ئۇنى ئۈنچە-مەرۋايىت ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى.خوراس بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئاچقاندا پەلەي كىيمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بارماق ئىزى ھەممىلا يەردە قالغان ئىدى. ھېچكىم ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئېچىپ زىننەت بۇيۇمى ئېلىپ بەرگەن ھېكايىسىگە ئىشەنمەيتتى. خانىم ئۆزىمۇ، بۇ ھېكايىنى ئاق چاچلىق بىر موماي قالايمىقان توقۇپ چىققان دەيتتى.ھازىر، خوراس تۈرمە كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۇ ئاشۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان، ئەقىللىك ياش خانىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئىش قىلىدۇ، لېكىن خوراستىن بەكرەك قاملاشتۇرۇپ قىلىدۇ.

(ئەنگلىيە) ۋ. كانىن

توغرا يول

ئەر ئاشنىسىنى ئۆيىگە تاماق يېگىلى ئېلىپ كەلدى. تاماق ئۈستىدە ئەرنىڭ ئايالى توختىماي ئەرنىڭ ئاشنىسىغا تاماق ئۇسۇپ بەردى. بىر كۈن ئىچىدىلا ئىككى ئايال خۇددى ئاچا-سىڭىللاردەك يېقىن بولۇپ كەتتى. ئارىلىقتا بىرى ئۇنىڭ ئايالىغا ئاستاغىنە: «ئۇ يولدىشىڭىزنىڭ سىرتتا بېقىۋاتقان ئاشىنىسى» دېدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، يولدىشىم يەنە ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۆيگە كېلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلالامتى!؟ ھەقىقەتەن چاقچاق قىلىشقا ئۇستىكەنسىز» دېدى. باشقىلار بېشىنى چايقاپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى ئۈچىنچى شەخس ئايال قايتا پەيدا بولۇپ باقمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىلمەيدۇ ئەمەس، بەزى ئىشلارنى بىلگەننىڭمۇ پايدىسى يوق. بەزىدە ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىۋالغاندىن، ئامال قىلىپ شۇ ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرگەن ياخشىراق. مانا بۇ ھەقىقىي توغرا يول. ئەخمەقلىق قىلىپ يولدىن ئازمايدىغان كىم بار دەيسىز؟

زىديەتلىك ھايات

بۈگۈنكى باش قەھرىمان بىرتال پاقا بۇ پاقا داڭلىق پاقا ئىدى ، ئەمما ئاخشام ئۇقۇشماي دەسسەپ يانجىپ  سالدىم ، شۇندىمۇ بۇ پاقىنىڭ ئۆتمىشتىكى پەلسەپىلىك ھاياتىنى سىلەرگە سۇنسام بۇ پاقا باشلانغۇچتا سۆزلەيدىغان ماختانچاق پاقا شۇ … شۇ قېتىمقى جەنۇبقا بېرىش سەپىردە« بۇ ئامالنى مەن ئويلاپ تاپقان» دەپ ماختىنىپ ئاغزى قۇمۇشتىن ئاجراپ كىتىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن . شۇ قېتىم «ماختانچاقلىق قىلماسلىق»نى بىزگە ئەسكەرىتكەن. 2- قېتىم ئۇ يەنە جەنۇپقا باماقچى بوپتۇ ، ۋە قەتتى ئىرادە بىلەن  ئاغزىنى قەتتى ئاچماسلىققا نىيەت قىپتۇ، قۇمۇشنى چىشلەپتۇ ، ئۆردەكلەر قۇمۇشنىڭ ئىككى ئۇچىنى چىشلەپ كۆككە كۈتۈرلۈپ جەنۇپقا مېڭىپتۇ ، بىرىنجى يېزدىن ئۈتۈپتۇ ، كىشلەر بۇ ئامالنى كىم ئويلاپ تاپقاندۇ دىيشىپتۇ ، پاقا ئاغزىنى ئاچماپتۇ ، ئىككىنجى يېزىدىن ئۈتۈپتۇ ، ئاغزىنى ئاچماپتۇ ، ئۈچۈنجى يېزىدىن ئۈتۈپتۇ ، پاقا ئاغزىنى ئاچماپتۇ ، ئەمما چىدىمىغان ئۆردەكلەر « بۇ ئامالنى پاقا ئۆيلاپ تاپقان» دەپتۇ … پاقا قۇمۇشنى مەككەم چىشلىگەن بولسىمۇ يەنىلا سازلىققا چۈشۈپ كىتىپتۇ .  ئۇ خۇلاسە قىلىپ « سىز تىرىشقان بىلەنلا ئۇتۇق قازنىشىڭىز ناتايىن» دەپتۇ. 3-قېتىم كۈزدە  بۇ پاقا ئۆردەكلەرگىمۇ ئاغزىنى ئاچماسلىقنى تاپلاپ يەنە ئۇچۇپتۇ ، 1-يېزىدىن ئۈتۈپتۇ ، 2-يېزىدىن ئۈتۈپتۇ 3-يېزىدىن ئۈتۋاتقاندا ھەممىسى بۇرۇنقى ساۋاقنى ئەسكە ئېلىپ قۇمۇشنى شۇنداق چىڭ چىشلەپتىكى قۇمۇش سۇنۇپ كىتىپ پاقا يەنە سازلىققا چۈشۈپ كىتىپتۇ …  پاقا خۇلاسە قىلىپ«  ھاياتتا بەزى ئىشقا بىھۇدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەڭ » دەپتۇ.  4-قېتىم پاقا ئۈچەكتە ياتقىچە كاللىسقا باشقا ئامال كەپتۇ ، نىمىشقا قۇمۇش چىشلىگۈدەكمەن ؟  ئۆردەكنىڭ دۈمبىسگە چىقۋالسام تېخىمۇ بىخەتەر بولمامدىم ؟   يەنە ياز كىلىپ كۈزمۇ كەپتۇ ، پاقا بۇ قېتىم جەنۇپقا سالامەت بېرىپتۇ …  ۋە خۇلاسە قىلىپ « ئىجادىي تەپەككۇر ، يېڭىلىق يارتىش سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر» دەپتۇ.  5-قېتىم بولسا كىرەك  ، پاقا ئۆردەكنىڭ دۈمبىسدە ئۇخلاپ قېلىپ يۇمشاق كارۋات دەپ ئويلاپ يۇملاپلا يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ ، مىنىڭ ئالدىمغا چۈشۈپتىكەن ، بىچارە تېخى ئۆلمەپتىكەن ،ئەمما مەن  ئۈستىگە كۆرمەي دەسسەپ ئۇنى يانجىپ ئۆلتۈرۈپ قويدۇم ،  خۇلاسە كالام  «ئەجەل نامرات ، باي ، ئەقىللىق دۆت ، مۇۋاقىيەت قازانغان قازانمىغان ، ئىشىنى قىلىپ بولغان قىلىپ بولاممىغان كارى يوق كىلىۋېردۇ …»  ھاياتتا نۇرغۇن بىر بىرگە زىت كۆز قاراشلار ، پەلسەپىلەر بار گاھىنى ئۇنىڭ بىلەن گاھلاردا بۇنىڭ بىلەن كۈڭلىمىزنى ئەمىن تاپقۇزدىكەنمىز .

لەغمەن سېلىش

ئۇ ئەمدىلا شىرە ئالدىغا كېلىپ، تاماق يريىشكە تەييارلىق قىلىپ تۇرىشىغا ئايالىنىڭ بىرنەچچە دوستلىرى ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئايالى يولدىشىغا: -ئاشنى ئىسسىق سالايمۇ سوغۇقمۇ؟-دەپ سورىدى. -ئىسسىق سال.-دېدى يولدىشى. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئايالنىڭ دوستلىرى غۇدۇڭشىشپ: -ماۋۇ خوتۇننىڭ دۆتلىكىنى، شۇنچە يىل ئۆي تۇتقان ئادەم ئېرىنىڭ لەغمەننى ئىسسىق يەمدۇ، سوغۇق يەمدۇ بىلمىگىنى نېمىسى؟ ھېلىمۇ مۇشۇنداق ھاماقەت خوتۇنلارنىڭ تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئەرلەر ئائىلىدىن بىزار بولۇپ كېتىدۇ.-دېيىشتى،-بىراق ھېچكىمنىڭ خىيالىغا بۇ ئەرنىڭ خوتۇنى لەغمەننى ئىسسىق سالسا «سوغۇق سالمىدىڭ» دەپ، سوغۇق سالسا «ئىسسىق سالمىدىڭ» دەپ، سورىماي سالسا «نېمىشقا سورىماي سالىسەن» دەپ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇنداق بىز كۆپ ھاللاردا بىراۋنىڭ ئائىلىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇلارغا يا ئۇنداق، يا مۇنداق قارا چاپلاشقا ئۇرىنىمىز، «ئىسنىڭ ئاچچىقلىقىنى مورا بىلىدۇ»غانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالمايمىز.

ۋەسىيەتنامە

ياشانغان بىر بوۋاي پۈتۈن ئۆمرىدە يىغقان پۇللىرىغا نۇرغۇن قىممەت باھاللىق ئاسار-ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغانىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئۈچ بالىسىنى تاشلاپ خېلى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭ بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇشلۇق بولغانىدى. بالىلىرى يېنىدا بولمىسىمۇ بوۋاينىڭ تەلىيىگە ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەي ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى: «بۇ بالا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلماي، كەچكىچە بوۋايغا ھەمراھ بولىۋاتىدۇ، قارىماققا ناھايتىمۇ ۋاپادار كۆرۈنىدۇ. كىم بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ كۆزلەۋاتقىنى بوۋاينىڭ پۇلى» بولۇشى مۇمكىن دېيىشەتتى. بوۋاينىڭ بالىلىرىمۇ دائىم ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، دادىسىنىڭ ئېھتىيات قىلىشىنى، ئوقۇغۇچىسىغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى تاپىلايتتى. بوۋاي بولسا ئۆزىنىڭ ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى، ئەخمەق ئەمەسلىكىنى ئېيتاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بوۋاي ئالەمدىن ئۆتتى، ئادۋۇكات ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقىتتا ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن قايتىپ كەلدى ھەمدە ھېلىقى ئوقۇغۇچىمۇ كەلدى. ۋەسىيەتنامە ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ چىرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى، چۈنكى بوۋاي يىغىپ ساقلىغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھېلىقى ئوقۇغۇچىسىغا قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. بوۋاي ۋەسىيەتنامىگە: «بىلىمەن ئوقۇغۇچىمنىڭ كۆزلىگىنى مېنىڭ يىغىپ ساقلىغان نەرسىلىرىم بولىشى مۇمكىن، لېكىن غېرىبلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئاخىرقى ئۆمرۈمدە ماڭا ھەقىقىي ھەمراھ بولغان ئادەم دەل شۇ. مېنىڭ بالىلىرىم مېنى ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن ئاغزىدىلار بار، ئەمەلىيىتىدە يوق، شۇڭا ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولسىمۇ، بەرىبىر ساختا. ئەكسىچە، مېنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىمنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا بولسىمۇ، ماڭا 10 يىل ياردەم قىلدى، بىرەر ئېغىز قاقشاپمۇ باقمىدى، بۇنى ھەقىقىي مۇھەببەت دېيىشكە بولىدۇ» دەپ يازغان ئىدى. ئاچكۆزلۈك بىر ئۆي-زېمىن خوجايىنى بىر قول ئاستىدىكى خىزمەتچىسىنىڭ ساداقىتىدىن مىننەتدار بولۇپ، بۇ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىسىنى بىر يۈرۈش ئۆي بىلەن مۇكاپاتلىماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ خىزمەتچىسىنى شىركەت ئۆزى قۇرغان بىر ئولتۇراق رايونىدىن خالىغان بىر يۈرۈشنى تاللاشقا بۇيرۇپتۇ.نەتىجىدە بۇ خىزمەتچى 120 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ بىر يۈرۈش ئۆينى تاللاپ، بۇ خوجايىنىنى بىئارام قىلىپ قويۇپتۇ.ئۇ خوجايىن ئەسلىدە بۇ خىزمەتچى ئاڭلىق ھالدا 80 كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك يۈرۈشنى تاللايدۇ، دەپ پەرەز قىلغانىكەن، لېكىن «ئۇنىڭ بۇنداق ئاچكۆز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانىكەن». شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوجايىن قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇ خىزمەتچىسىگە 80 كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك بىر يۈرۈش ئۆي سوۋغا قىپتۇ.نەتىجىدە، بۇ خىزمەتچىسى خوجايىنىدىن نارازى بوپتۇ، بۇ خوجايىنمۇ بىر ياخشى خىزمەتچىسىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ.خۇلاسە: باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدىن پايدىلنىپ ئۆز نەپسىڭىزگە چوغ تارىتسىڭىز بۇ تولىمۇ ئ‍اچكۆزلۈك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئۆچكىنىڭ خاپىلىقى

 بىر كۈنى سەھەردە بىر ئۆچكە كۆكتاتلىققا كىلىپكۆكتاتلىقتىكى يېسىۋېلەكنى يېمەكچى بولۇپتۇ، لېكىن كۆكتاتلىق قورشاللىق بولغاچقا ئۆچكە كۆكتاتلىققا كىرەلمەپتۇ.  ئۇ چاغدا قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ.  تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئەتىگەنكى قۇياش نۇرىدا ئۇنىڭ سايىسى تولىمۇ چوڭ كۆرۈنگەچكە ئۆچكە ئۆزىنى"مەن نىمە دىگەن ھەيۋەتلىك" دەپ ئويلاپ  ئۆز – ئۆزىگە:   شۇنداق ئېگىز تۇرسام شاخلاردىكى مېۋىلەرگە چۇقۇم بۇيۇم يېتىدۇ، بۇ يېسىۋېلەكلەرنى يېسەم - يېمىسەم  كارايىتى چاغلىق دەپتۇ. كۆكتاتلىققا يېقىن جايدا بىر مېۋىلىك باغ بولۇپ باغدىكى مېۋىلەر پىشىپ مەي بولۇپ كەتكەن  ئىكەن.  ئۆچكە باغقا قاراپ يول ئاپتۇ.  ئۇ باغقا يېتىپ كەلگەندە  كۈن چىڭقى چۈش بولغان مەزگىل بولۇپ كۈن دەل ئۆچكىنىڭ بېشىغا توغرا كېلىپتۇ. ئۇ چاغدا ئۆچكىنىڭ سايىسى ئىنتايىن كىچىك ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىكەن، بۇنى كۆرگەن ئۆچكە. ئەسلىدە مەن بەكلا ۋىجىك ئىكەنمەنغۇ! ئەھۋالدىن قارىغاندا دەرەخ شاخلىرىدىكى مېۋىلەرنى يېيەلمەيدىغان ئوخشايمەن،  يەنىلا قايتىپ بېرىپ يېسىۋىلەك يېگىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ، دەپتۇ ۋە ئالدىراپ - تېنەپ كەينىگە يېنىپتۇ. ئۇ كۆكتاتلىققا كەلگەندە كۈن غەرب تەرەپكە ئۆتكەن بولغاچقا، ئۆچكىنىڭ سايىسى تېخىمۇ ئۇزاراپتۇ.  مەن نېمىشقا قايتىپ كەلدىم ؟ ھە، دەپتۇ ئۆچكە جىلە بولۇپ. مەن شۇنداق ئېگىز تۇرسام، شاخلاردىكى مېۋىلەرنى  يىيەلىشىمدە گەپ يوق دەپ  دەرەخ شاخلىرىدىكى مېۋىلەرنى يېگىلى مېڭىپتۇ.   ئۆچكىنىڭ خاپىلىقى دەل ئۇنىڭ ئۆزىنى توغرا تونۇمىغانلىقىدا. ئۇنىڭ سايىسى قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدىن چوڭ كۆرۈنگەندە ئۆزىنى چاغلىماي ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ. چېڭقى چۈشتە سايىسىنىڭ كىچىكلەپ كەتكىنىنى كۆرگەندە بولسا ئۆزىنىڭ ۋىجىكلىكىگە چىدىماي ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىدۇ.  ئادەم ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەندىلا، ئاندىن ھەر قانداق نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ

توك پار​

ئانا تۇرىۋاتقان بۇ يۇرت تاغلىق رايون بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر قىش ـ ياز ئۆيىدىكى مەشنى ئالمايتتى، چۈنكى يامغۇر ياغسىلا ھاۋا سوۋۇپ ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئادەم ئۆيگە ئوت قالىمىسا مۇزلاپ ئۆيدە ياتقىلى ۋە ئولتۇرغىلى بولماي قالاتتى، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىنىڭ شەھەردىكى ئوغلى ئانىسىنى يوقلاپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا تېلېفون قىلدى، نەۋرىسىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقان ئانا تېپىرلاپلا قالدى، چۈنكى ئانبنىڭ كۆمۈرى تۈگىگەن ئىدى، بالىسىغا بۇ گەپنى دېيەلمەيتتى، ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەنسىرەۋاتقىنى تېخى يېشىغا توشمىغان نەۋرىسى ئىدى، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىپ قالسا نەۋرىسىگە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتقان ئىدى، شۇڭا ئۇ بىرەر توك پار بولسىمۇ تېپىپ بالىلار ياتىدىغان ئۆيگە قويۇپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قوشنا ـ قولۇم، ئۇرۇق ـ تۇغقانلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئوبدانلا ئىسسىيدىغان، ئەمما توكنى ھارغىچە يەيدىغان بىر توك پار تېپىپ ئوغلى تۇرىدۇ دەپ قارىغان ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، كېلىنلەر كېلىپ ئانىنىڭ ئۆيىدە ئون كۈندەك تۇرۇپ قايتتى، بۇ چاغدا ئىككى قېتىم ھاۋا ئۆزگىرىپ كېچە ـ كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى زور بولدى، لېكىن كېلىنلەر بۇ سوغۇقنىڭ دەردىنى تارتمىدى: -ئانا ئۆزۈڭنى ئوبدان ئاسرا، شەھەرگە ئەكېتەيلى دېسەك «كۆنۈپ قالغان ئۆيۈمدىن ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ» دەيسەن توك پار ئېلىۋالغىنىڭ ياخشى بوپتۇ، ئىسسىقىمۇ ئوبدانلا ئادەم تەرلىتىدىكەن، ئۆزۈڭنى ئىسسىق تۇتقىن، ـ دېدى بالا ئانىسىغا كۆيۈنگەن ھالدا: -بولىدۇ جېنىم بالام، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى ئاسراپ، ئۇرۇش ـ تالاش قىلماي ياخشى ئۆتۈڭلار، ئانا ئۇلاردىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلدى. شۇ كۈنى ئانا توك پارنى تۇغقىنىغا قايتۇرپ بەردى، ئۇ ياتقان ئۆي يەنىلا سوغۇق ھالىتىگە قايتتى، تىزىنى قۇچاقلاپ ياتقان ئانا مۇزلاۋاتقان بولسىمۇ، ئوغلىنى، كېلىنىنى، نەۋرىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە تېنى ئىللىپ قالغاندەك بولاتتى، ئۇ ئەتىدىن باشلاپ تاپقان پۇلىنى يىغىپ ئاشۇنداق توك پاردىن بىرنى ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى، بۇ ئانىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كېيىنكى قېتىم ئوغلى كېلىپ قالسا باشقىلاردىن توك پار سوراپ، خىجالەت تارتىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىدى

ئاخىرقى ئۆمرۈم​

بىر بوۋاي بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىغا نۇرغۇن بىباھا ئاسار ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلاپتۇ. ئۇنىڭ ئايالى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۈچ بالىسى بار ئىكەن. لېكىن بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىپتۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكىگە ئىگە بوپتۇ. بالىلىرى يېنىدا بولمىسىمۇ، بەختكە يارىشا بوۋاينىڭ يەنە بىر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر: «قاراڭ بۇ يىگىتكە، ئۆزىنىڭ رەسمىي ئىشىنى قىلماي كۈندە بوۋايغا ھەمراھ بولدى، خۇددى ناھايىتى ۋاپادار ئادەمدەك. كىم بىلمەيدۇ، ئۇ بوۋاينىڭ پۇلى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ» دېيىشىپتۇ. ھەتتا بوۋاينىڭ بالىلىرىمۇ دائىم چەتئەلدىن تېلېفون ئۇرۇپ، ئاتىسىغا ئېھتىيات قىلىشنى، ئوقۇغۇچىسىغا ئالدىنىپ قالماسلىقنى تاپىلاپتۇ. بوۋاي دائىم: «ئەلۋەتتە بىلىمەن! مەن يا ئەخمەق بولمىسام!» دەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ئادۋوكات ۋەسىيەتنامىنى ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا بوۋاينىڭ ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن قايتىپ كەپتۇ، ئوقۇغۇچىسىمۇ مەيدانغا ھازىر بوپتۇ.

ئۈچ خالتا گۈرۈچ

ئوغلى ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن چاغدا، دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ئانا-بالا ئىككىسى ئ‍ازاب ئ‍ىچىدە بىر دۆۋە توپا بىلەن دادىسىنى ئۇزىتىپ قويدى. ئانىسى قايتا ياتلىق بولماي، ئوغلىنى جاپادا چوڭ قىلدى. ئۇ چاغدا كەنتتە توك يوق ئىدى، ئوغلى ھەر كۈنى كەچتە جىنچىراغ يورۇقىدا كىتاب ئوقۇپ، رەسىم سىزاتتى، ئانىسى يىڭنىنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ كۆڭلىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن يامايتتى. ئ‍ايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتمەكتە ئ‍ىدى. تەقدىرنامىلەر ئىككى تەرىپى ئالا-بۇلىماچ بولۇپ كەتكەن توپا تامنى قاپلىغاندا، ئوغلىمۇ باھاردىكى بامبۇكتەك بوي تارتىپ چوڭ بولۇپ كەتكەنىدى. ئ‍وغلىغا قاراپ ئ‍انىنىڭ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى قورۇقلارغا كۈلكە يۈگۈردى. كۈز پەسلى كەلگەندە، ئوغلى ناھىيەدىكى نۇقتىلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتى. ئانا ئېغىر رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمايتتى، شۇڭا ئ‍ۇلار بەزىدە تويغۇدەك تاماقمۇ يېيەلمەيتتى. ئۇ چاغدا بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ھەر ئايدا ئ‍اشخانىغا 15 كىلوگىرام گۈرۈچ تاپشۇراتتى. ئوغلى ئانىسىنىڭ گۈرۈچ تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ،-ئانا، مەن ئوقۇشتىن چېكىنىپ سېنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىڭغا ياردەملىشىمەن،-دېدى. ئانىسى ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، مېھرىبانلىق بىلەن،-سېنىڭ مۇشۇ كۆڭلۈڭ بولسىلا مەن چىن قەلبىمدىن خۇشال، مەكتەپتە ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ. خاتىرجەم بول، مەن سېنى تۇغقان ئ‍ىكەنمەن، بېقىشقا ئامالىم بار. سەن ئاۋۋال مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرغىن، مەن ئارقىدىنلا گۈرۈچ ئاپىرىپ بېرىمەن،-دېدى. ئوغلى تەرسالىق بىلەن ئ‍ۇنىمىدى، ئانىسى ئ‍ۇنى بارغىن دېسە، ئوغلى يەنىلا ياق دەپ تۇرۇۋالدى، ئانىسى ئ‍اخىرىدا ئوغلىنىڭ يۈزىگە بىر شاپلاق سالدى، بۇ 16 ياشلىق ئوغلىنىڭ تۇنجى قېتىم تاياق يېيىشى ئىدى... ئوغلى ئاخىر مەكتەپكە كەتتى، ئانىسى ئۇنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان قارىسىغا قاراپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشخانىسى ئ‍الدىدا ئ‍انا پەيدا بولدى. ئۇ ئاقساپ ئىشىكتىن كىرىپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە مۈرىسىدىن بىر خالتا گۈرۈچنى چۈشۈردى. تارازىنى تىزىملاشقا مەسئۇل شيۇڭ ئۇستام خالتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، بىر سىقىم گۈرۈچنى قولىغا ئېلىپ قاراپلا قوشۇمىسى تۈرۈلدى،-سىلەر ئاتا-ئانىلار زادى پايدا ئېلىشنى ياخشى كۆرىسىلەر. قاراڭە، بۇنىڭدا چىلگە شال، ئارا شال، كەنجى شال ۋە ئىنچىكە گۈرۈچلەر ئ‍ارىلاش بار ئىكەن،-دېدى. ئانا خىجىللىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەچۈرۈم سورىدى. شيۇڭ ئۇستام قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە گۈرۈچنى تاپشۇرۇۋالدى. ئانىسى يەنە بىر كىچىك خالتىنى چىقىرىپ،-ئۇستام، بۇ بەش يۈەن، ئوغلۇمنىڭ بۇ ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز،-دېدى. شيۇڭ ئۇستام ئۇنى ئېلىپ، چايقىۋىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەڭگە پۇل شاراقلىدى. ئۇ چاقچاق قىلىپ،- سىز كوچىدا چاي تۇخۇمى ساتامسىز نېمە؟-دېدى. ئانىنىڭ يۈزى يەنە قىزىرىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ رەھمەت ئېيتىپ ئاقساپ كېتىپ قالدى. يەنە بىر ئاينىڭ بېشىدا بۇ ئانا بىر خالتا گۈرۈچنى يۈدۈپ ئاشخانىغا كىردى. شيۇڭ ئۇستام ئادىتى بويىچە خالتىنى ئېچىپ گۈرۈچكە قاراپ قوشۇمىلىرى چىڭ تۈرۈلدى، چۈنكى خالتىدىكى يەنىلا ئارىلاش گۈرۈچ ئىدى. ئۇ ئالدىنقى قېتىم بۇ ئانىغا ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن ئ‍ىدى، بىراق بۇ قېتىم تەپسىلىي قىلىپ مۇنداق دېدى: مەيلى قانداقلا گۈرۈچ بولسۇن، بىز ھەممىنى ئالىمىز. ئەمما سورتنى ئايرىش كېرەك، ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا پىشۇرغىلى بولمايدۇ، تاماقمۇ چالا پىشىپ قالىدۇ. كېلەر قېتىم يەنە مۇشۇنداق بولسا، مەن قوبۇل قىلمايمەن. ئانا سەل تەشۋىشلەنگەن ھالدا،-ئۇستام، بىزنىڭ ئۆيدىكى گۈرۈچلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق، قانداق قىلىمىز؟-دېدى. شيۇڭ ئۇستام نېمە قىلارىنى بىلەلمەي،-ئ‍ەجەبا سىلەر يېرىڭلارغا يۈز خىل گۈرۈچ تېرامسىلەر؟ كۈلكىلىك گەپقۇ بۇ،-دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئ‍انا زۇۋان سۈرۈشكە پېتىنالمىدى، شيۇڭ ئۇستامنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. ئاينىڭ بېشىدا، ئ‍انا يەنە كەلدى، شيۇڭ ئۇستام گۈرۈچنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىپ،-ھەي، سىز ئانا تۇرۇپ نېمىشقا ئۆزگەرمەيسىز؟ نېمىشقا يەنىلا ھەر خىل رەڭلىك گۈرۈچ ئ‍ەكىلىسىز؟ بۈگۈن يەنە قانداق باھانە تېپىپ كەلدىڭىز؟-دېدى. ئانا ئىككى تىزىنى ئېگىپ، شيۇڭ ئۇستامنىڭ ئالدىدا تىزلاندى، ئىسسىق ياشلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆز چانىقىدىن تاراملاپ ئ‍اقاتتى،-ئ‍ۇستام، مەن سىزگە دېسەم... بۇ گۈرۈچنى مەن تىلەپ كەلدىم...-شيۇڭ ئۇستام ھەيران بولۇپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ، بىرھازاغىچە گەپ قىلالماي قالدى. ئىلاننى چىكىپ قويۇڭئانا يەردە ئولتۇرۇپ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى تۈرۈپ، بىر جۈپ قېتىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن پۇتىنى چىقاردى، پۇتلىرى ئىششىپ موكىسىمان بولۇپ قالغانىدى... ئانا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئاخىرقى باسقۇچتىكى رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، يول مېڭىشىممۇ قىيىن، يەر تېرىيالىشىممۇ مۇمكىن ئ‍ەمەس. ئوغلۇم ئىش ئ‍ۇقىدىغان بالا، ئ‍ۇ ئ‍ەسلى ئوقۇشتىن چېكىنىپ ماڭا ياردەم قىلماقچى بولغان، بىراق مەن بىر كاچات بىلەن ئ‍ۇنى مەكتەپكە يولغا سالدىم... ئۇ يەنە شيۇڭ ئۇستامغا ئۆزىنىڭ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىنى ئىزچىل يۇرتداشلاردىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئوغلىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورققانلىقىنى ئ‍ېيتتى. ھەر كۈنى تاڭ يورۇغاندا، ئۇ قۇرۇق گۈرۈچ خالتىسىنى ئېلىپ، ھاسىسىغا تايانغىنىچە ئون نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى كەنتكە بېرىپ تىلەمچىلىك قىلاتتى، ئاندىن قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن كەنتكە ئوغرىلىقچە كىرىۋالاتتى. ئ‍اندىن ئۇ تىلەپ كەلگەن گۈرۈچلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاينىڭ بېشىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرەتتى... بۇنى ئ‍اڭلاپ شيۇڭ ئۇستامنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. ئۇ ئانىنى يۆلەپ،-مەن ھازىرلا بېرىپ مەكتەپ مۇدىرىغا مەكتەپتىن سىلەرگە پۇل ئىئانە قىلىشنى ئېيتىپ قوياي،-دېدى. ئ‍انا ئالاقزادە بولۇپ،-ياق، ياق، ئەگەر ئوغلۇم مېنىڭ ئۇنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلسە، ئۇنىڭ غۇرۇرى دەپسەندە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزگۈم يوق. ئۇستامنىڭ ياخشى كۆڭلىگە ئ‍ېرىشتىم، مۇشۇ كۇپايە، سىزدىن ئ‍ۆتۈنەي، مەخپىيەتلىكنى ساقلاڭ،-دەپ ئ‍ۆتۈندى. ئانا ئ‍اقسىغىنىچە كەتتى. مەكتەپ مۇدىرى ئاخىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شەپە چىقارماي، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى دېگەن نام بىلەن بۇ ئ‍انىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۈچ يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئوغلى 627 نومۇر بىلەن چىڭخۇا داشۆسىگە ئۆتتى. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزاتقان كۈنى، ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داقا-دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يەتتى، مەكتەپ مۇدىرى ئالايىتەن ئ‍ۇ ئ‍انىنىڭ ئوغلىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى، ئ‍وغلى «مەكتەپتە يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىر نەچچىسى بار، نېمىشقا مېنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىدۇ» دەپ ئ‍ويلىدى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، سەھنىدە يەنە ئۈچ تال گۈرۈچ خالتىسى بار ئىدى. شۇ ئەسنادا، شيۇڭ ئۇستام سەھنىگە چىقىپ، ئ‍ۇ ئ‍انىنىڭ گۈرۈچ سودىسى قىلىپ، بالىسىنى ئوقۇتقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى، پەستە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. مەكتەپ مۇدىرى ئۈچ تال خالتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا،-مانا بۇ ھېكايىدىكى ئانا ئ‍ېلىپ كەلگەن ئۈچ خالتا گۈرۈچ، بۇ دۇنيادىكى ئ‍ەڭ قىممەت ئاشلىق. تۆۋەندە بۇ ئۇلۇغ ئانىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمىز،-دېدى. ئوغلى ئارقىسىغا قارىدى، شيۇڭ ئۇستام ئانىسىنى يۆلەپ سەھنىگە قاراپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن چىقتى. شۇنىڭ بىلەن سەھنىدە ئەڭ ئىللىق بىر كۆرۈنۈش نامايان بولدى، ئانا-بالا ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى، ئانىسىنىڭ كۆزلىرى ئىللىق، مۇلايىم ئىدى، بىر تۇتام ئاق چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا پېشانىسىدە تۇراتتى، ئوغلى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ بېرىپ ئ‍انىسىنى قۇچاقلاپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى: «ئانا، مېنىڭ ئ‍انام...»

تاتۇق يۈز ئادەم

شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىدىن قايتىدىغان بولدۇم. ھەركىم ئۆز راھىتىنى ئويلايدۇ دەپ مەنمۇ قايتىدىغان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىدىنراق بېلەت ئېلىۋېلىش ئۈچۈن سەھەردىلا بېكەتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. سەھەردىكى ئىش بەرىكەتلىك دەپ مەن بۈگۈنكى بېلەتنىڭ تۇنجى خېرىدارى بولۇپ كۆڭلۈمدىكىدەك كارىۋاتنىڭ بېلىتىگە ئېرىشتىم. مېڭىش ۋاقتى چۈشتىن كېيىن بولغاچقا خالىي بىر جايغا كىرىپ نېمە ئىشلارنى قىلىش ھەققىدە كىچىككىنە تىزىس تۈزۈۋالدىم. ئىشلىرىم ئىدىتلىق پۈتۈپ ۋاقىتنىڭ قانداق توشۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن، ئاپتوبۇسقا چىقىپ كارۋىتىمغا راھەتلىك جايلاشتىمدە كېچىنىڭ لەززەتلىك ئۇيقۇسى كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا يېڭىلا سېتىۋالغان ژورنالنى كەينىدىن ئالدىغا قارىتىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. ئەمدىلا ئاپتوبۇس قوزغىلاي دەپ تۇرۇشىغا يۈزىنى توغرىسىغا تاتۇق باسقان تولىمۇ بەتبەشىرە، خۇددى دېڭىز قاراقچىلىرىنى ئەسلىتىدىغان بىرى ئاپتوبۇسقا چىقتى. بۇ ئادەمدىن مەنلا ئەمەس، باشقا يولۇچىلارمۇ ئەندىكىپ كەتتى. شوپۇرمۇ بىرەر نەرسىدىن خەۋپسىرىگەندەك ئۇنىڭ بېلىتىگە يېنىش-يېنىشلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ ياتىدىغان كارىۋاتنى كۆرسەتتى. ئەمدى مېنىڭ يۈرۈكۈم جىغ قىلىپ قالدى، سەۋەبى ئۇ مېنىڭ يېنىمدىكى كارۋاتقا كېلىپ جايلاشتى. مەن ئۇنىڭغا قورقۇمسىراپ نەزەر تاشلىۋىدىم ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خىل بىزارلىق تۇيغۇسى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. كېچىچە ئۇخلىمىغانمۇ كۆز جىيەكلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. تاتۇق يۈز ئادەم كارىۋاتنى بىر قۇر تۈزەشتۈردىدە موككىدە قىلىپ ئۆزىنى كارۋاتقا ئۇزۇنسىغا تاشلاپ كۆزىنى يۇمدى. «ئۇھ!» دەۋەتتىم ئىچىمدە. باشقىلارنىڭمۇ يېنىك تىنغانلىقىمنى بايقاشقان ئىدى. بىراق ئىش ئەمدى چىقتى ئۇنىڭ بىر پەستىن كېيىن تارتقان خورىكى ئاپتوبۇسنى لەرزىگە سالغىلى تۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يىرتىق پايپىقى ئۇچىدىن قوزىنىڭ تۇمشۇقىدەك ماراپ قالغان پۇتلىرىدىن چىقىۋاتقان بەتبۇي پۇراق شۇنداق سېسىق ئىدى. تەرەپ-تەرەپتىن غۇدۇراش باشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىرمۇ ئەركەك چىش يېرىپ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتاتتۇق. مېنىڭ بايامقى لەززەتلىك خىياللىرىم نەلەگىدۇ غايىب بولدى، ئەمدى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ جەڭ بۇرغىسىدەك خورىكىدىن قۇتۇلۇشتا قالغان ئىدى. قۇلىقىمنى ئىككى بارمىقىم بىلەن قاتتىق بېسىپ باقتىم، ئەتراپتىكىلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىردە كۈلگۈم كەلسە، بىردە ئۆزۈمنىڭ گۈر-گۈر قىلغان بىلەن چاغلىقلار ئەر ئىكەنلىكىمدىن نومۇس قىلىۋاتاتتىم. ئىلاننى چىكىپ قويۇڭئاخىرى چىدىمىدىم ئەگەر مۇشۇنداقلا بولسا مەن ئۆيگە يەتكۈچە بولغان بۇ ئون بەش سائەتلىك يولدا ساراڭ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى باردەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، شۇڭا بارلىق غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇنى نوقۇدۇم. ئۇنىڭ خورىكى نوقۇشۇمدىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى شۇنداقتىمۇ بىر ئاز تۇرۇۋېلىپ يەنە نوقۇۋىدىم، ئۇ دەررۇلا ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. ئەمدى مېنىڭ ئۇنىڭ قولىدا بىر نەرسە بولىدىغانلىقىمنى بىلگەن ئەتراپتىكى بىر نەچچە تاماشىبىنمۇ بويۇنداپ بىز تەرەپكە قارىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ ماڭا يار-يۆلەك بولىدىغان بىرەر يۈرىكى بارنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ يەتتىم، شۇڭا مەنمۇ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا روبىرو يۈزلەندىم. -بىز چىدىماي قالدۇق خورىكىڭىز، پۇتىڭىزدىن چىقىۋاتقان پۇراق... -چۈشەندىم، ئەمدى يات!-دېدى ئۇ چىرايىمغىمۇ قارىماي، مەن ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن دەپ ياتتىم. دەككە-دۈككە ئىچىدە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن بىر چاغدا قارىسام تاڭ سۈزۈلۈپتۇ يېنىمدىكى كارۋاتقا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. تاتۇق يۈز ئادەم پۇتىغا يالتىراق خالتىنى كىيىۋېلىپ ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە ئولتۇراتتى. -بۇ... بۇ... كېچىچە ئ‍ۇخلىمىغان ئ‍وخشىمامسىز؟-دېيەلىدىم مەن ئ‍اران. -مەن ئۇخلىسام سىلەر ئارام ئالالمايدىكەنسىلەر مەن ئ‍ىشلەۋاتقان يېرىمدىن مۇھىم ئ‍ىش بىلەن يۇيۇنمايلا سەپەرگە چىقىپ قالدىم، مەنزىلگە بارغاندا ئۇخلىۋالىمەن.-دېدى تاتۇق يۈز ئادەم. پۈتۈن بەدىنىمدە سانسىز چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئاراملىققا چۆمدۈم، تاتۇق يۈز ئادەم يەنىلا ئېڭىكىنى يۆلەپ چوڭقۇر خىياللار ئىلكىدە يەڭگىل تەۋرىنەتتى.

ئازاپ ۋە نەپرەت

يىلان كەسلەنچۈكنىڭ قۇيرىقىنى چىشلىۋاپتۇ، كەسلەنچۈك ئاران تەسلىكتە ھايات قاپتۇ،  دېھقان كەسلەنچۈكنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا :«ھەي بىچچارە، قۇيرىقۇڭ ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ، بەك ئاغرىپ كەتكەندۇ ھە» دەپتۇ، كەسلۈنچۈك يىغلاپ تۇرۇپ باش لىڭشىتىپتۇ، دېھقان :«كەل، ياراڭنى تېڭىپ قوياي، لېكىن سەل ئاغرىيدۇ چىداپ تۇرغىن» دەپتۇ، كەسلەنچۈك :« ياق،،، مەن بۇ ئاغرىققا رەھمەت ئېيتىمەن، دەل مۇشۇ ئاغرىق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى بىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن يارامنى تېڭىپ قويساڭ يېڭى قۇيرۇقۇم ئۆسەلمەي قالىدۇ» دەپتۇ، ھەمدە ئاغرىققا چىداپ يولىغا مېڭىپتۇ.ئازابنىڭ كىشىلەرگە ئاتا قىلىدىغىنى پەقەت پاسسىپ ئېنىرگىيەلا بولماسلىقى مۇمكىن، بەزى ۋاقىتلاردا ئازاب ئىچىدە ئۈمۈد بار، ئازابنى ھېس قىلالىغان ئىكەنسىز سىز ھايات، سىزنىڭ ياشىشىڭىزدا ئۈمۈد بار، بۇنداق ۋاقىتتا ئازابمۇ خۇشال بولۇشقا تىگىشلىك نەرسە، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟

توكيولۇق قىز

كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كېلىپ بىر چوڭ مېھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە «مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن» دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ ھاجەتخانىنى تازلاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلۇپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپئاق، يۇمران قولىغا لاتىنى ئېلىپ تەرەت قاچىسىغا ئۇزاتقان چاغدا، ئىچى ئۆرلەپ ناھايتى بىئارام بوپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر مويسىپىت ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ تەرەت قاچىسنى قايتا-قايتا، پاكىز بولغىچە سۈرتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن تەرەت قاچىسىدىن بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ ئىچىۋېتىپتۇ. لېكىن چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا بولماپتۇ. ئارقىدىنلا ئۇ چۈشەندۈرۈپ:«پەقەت تەرەت قاچىسىنى پاكىز يۇيۇپ ئىچىدىكى سۇنى ئىچكىلى بولىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەندىلا، ئاندىن تەرەت قاچىسىنى پاكىز تازلىدۇق دېسەك بولىدۇ،-دەپتۇ.»قىزچاق بۇنىڭدىن ناھايتى چوڭ ئىلھامغا ئىگە بوپتۇ ۋە «بىر ئۆمۈر ھاجەتخانا تازلىساممۇ، چوقۇم بىر كۆزگە كۆرۈنگىدەك تازىلىق ئىشچىسى بولىمەن» دېگەن نىيەتكە كەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بىر ئاكتىپ پۇزىتسىيە، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپتۇ. ھەمىشە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆز خىزمىتىنى ناھايتى پۇختا قىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايتى تېز ئۆسۈپ «ياپۇنيەدىكى ئەڭ ئەستايىدىل ئايال» دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي ياپۇنيە سەھيە ئىشلىرى مىنىستىرىغا ئايلىنىپتۇ

قوشنامنىڭ ئىسمى

بىر ئادەم ئۈچ كۈن ئويلىنىپ قوشنىسىنىڭ ئىسمىنى ئىسىگە ئالالماپتۇ. باشقىلاردىن سوراي دىسە ئۇنى زاڭلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. ئايالى ئۆيىدە بولمىغاچقا ئۇ باشقا ئامال تاپالماپتۇ. ئۇ شۇنچە كۈن ئويلىنىپ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن قوشنىسى ئۇنىڭغا : "مەن شۇنچە كۈن ئويلىنىپ ئىسمىڭىزنى ئەسلىيەلمىدىم،مەندىن رەنجىمەي ئېيتىپ بەرسىڭىز " دەپتۇ.  خۇلاسە: ئۆز جۈپتىڭىز ياكى دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئاكتىپراق بولۇڭ،بەلكىم ئۇلار سىزنىڭ شۇ بىر قەدىمىڭىزنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .

 لايىق تاللاش

چى يەڭگە ئوغلى شياۋ چىنى كىچىكىدىن ئۆزى بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلغاچقا، ھازىرغىچە ھەممە ئىشلىرىغا دېگۈدەك ئارىلىشىۋالاتتى. شياۋ چى بىر قانچە قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، بىراق چى يەڭگىگە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ياقمىدى. ئۇ: -ماڭا كېلىن بولۇش ئۈچۈن جەزمەن ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، بىرى فامىلىسى چى بولۇشى، يەنە بىرى ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇشى، يەنە بىرى مۆچىلى توڭگۇز يىللىق بولۇشى شەرت. ئۇنداق بولمايدىغان بۇ ئۆيگە ياتلىق بولىمەن دەپ خام خىيال قىلمسىۇن! -دېدى. شياۋ چى شۇنچە قىلىپمۇ ئاپىسىنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، ئۇيان-بۇيان ئىزلەپ يۈرۈپ، ئاخىرى تەلەپكە ئۇيغۇن قىزنى تاپتى. چى يەڭگە خۇشاللىقىدىن شياۋ چىغا قىزنى ئۆيگە باشلاپ كېلىشنى ئېيىتتى ۋە قىزغا باھا بېرىش ئۈچۈن ئىنىسىنىڭ ئايالىنىمۇ قوشۇپ چاقىرىۋالدى. قىزنى كۆرگەن چى يەڭگە ئىچىدە: «خېلىغۇ چىرايلىق قىزكەن، بىراق سەل قېرى چىرايمۇ قانداق» دەپ غۇدۇڭشۇپ قويدى. ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: -ئىسمىڭىز نېمە؟ نەچچىگە كىردىڭىز؟-دەپ سورىدى. قىز ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: -ياخشىمۇسىز ھەدە، ئىسمىم چى شياۋيا، مۆچىلىم توڭگۇز يىللىق، شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىدە ئىشلەيمەن،-دەپ جاۋاب بەردى. چى يەڭگە رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇلار تاماق يېگەچ تولىمۇ قىزغىن ھەم كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتى. بىراق ئىنىسىنىڭ ئايالى بىرەر گەپ قىلماقچىدەك، بىراق ئېغىزىدىن چىقىرالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. زىياپەت ئاياغلىشىپ، شياۋ چى قىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىلى كەتتى. ئىنىسىنىڭ ئايالى يەڭگىسىدىن: -ھەدە، نېمىشقا بۇ ئۈچ شەرتنى بەلگىلىۋالدىڭىز؟-دەپ سورىدى. چى يەڭگە كۈلۈپ قويۇپ: -يەنە شۇ جىيەنىڭىزگە ياخشى بولسۇن دەپ بولمامدۇ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش فامىلىلىك قىزنى تاپسا، كەلگۈسىدە بالا كىمنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا ئوخشاش؛ ھۆكۈمەت خادىمى بولسا، تۇرمۇشتىن قىينىلىپ قالمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن جىيەنىڭىزگە پال ئاچۇرغانىدىم، ئۇنىڭغا توڭگۇز يىللىقلار بەك ماس كېلىدىكەن، مەن بىلەنمۇ زىددىيىتى ئاز بولىدىكەن. مۇشۇنداقلا بولسا نېمىدىگەن ياخشى!-دېدى. ئىنىسىنىڭ ئايالى بېشىنى چايقاپ: -قانداقمۇ ياخشى بولسۇن ھەدە، ئۇ قىزنى ئوبدان تونۇيمەن، سىزگە راست گەپنى قىلسام، ئۇ قىزنىڭ فامىلىسى چى بولغىنى بىلەن بىزنىڭ فامىلىمىزدىكى چى خېتى بىلەن ئوخشىمايدۇ،-دېدى. -ھېچقىسى يوق، بەرىبىر ئوقۇلۇشى ئوخشاشقۇ. - ئۇنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغىنى راست، بىراق ئۇ قانۇن دوختۇرى. -مەيلى ئىشقىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ نېنىنى يېسىلا بولمىدىمۇ. - گېپىم تېخى تۈگكىنى يوق ھەدە، ئۇنىڭ مۆچىلى ھەقىقەتەنمۇ توڭگۇز يىلىنىڭكى، بىرق ئۇ شياۋ چىدىن توپتوغرا 11 ياش چوڭ! بۇ سۆزنى ئاڭلىغان چى يەڭگە تۇرغان جايىدا قاققان قوزۇقتەك داڭقىتىپلا قالدى

پۇل ئېلىش

بۈگۈن ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالغىلى بانكىغا بارسام، تونۇشۇم لاۋ لى بىلەن ئۇنىڭ ئايالىمۇ پۇل ئالغىلى كەپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ كەينىدە بولغاچقا ئۇلار مېنى كۆرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ: -مەن مەخپىي نومۇر كىرگۈزىمەن، نېرى تۇرۇڭ!-دېگەن ئاۋازى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى. لاۋ لىمۇ ئايالىنىڭ گېپى بىلەن كەينىگە داجىدى. كۆڭلۈمدە: «بۇ خوتۇن ئەجەپ يامانكىنا ئۆينىڭ ھېساباتىنى ئۆزى تۇتىدىكەن!» دەپ ئويلىدىم. ئۈچ قېتىم تېتىلدىغان ئاۋازدىن كېيىن ئايال كەينىگە قاراپ لاۋ لىغا: -بولدى، مەن كىرگۈزۈپ بولدۇم، كەينىدىكى ئۈچ خانىسىنى سىز كىرگۈزۈڭ.-دېدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. «ئەسلىدە بۇلار خالىغانچە پۇل ئالالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇ قالتىس چارىكەن، بولىدىغان ئىشكەن» دەپ ئويلىدىم. شۇ ئەسنەدا لاۋلىغا كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدۇم. لاۋ لى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى ئۈچ قېتىم باسقاندىن كېيىن ئاندىن ئالتە خانىلىق مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزدى. مەن ھاڭۋېقىپلا قالدىم، چۈنكى ئۇ ئايالىنى بابلاۋاتقان ئىدى. لاۋ لى پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ئالغان پۇلنى ئايالىغا تۇتقۇزىۋېدى. ئايال پۇلنى ئېلىپلا لاۋ لىنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سالدى: -نېمە ئويۇن ئويناۋاتقىنىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭما؟ كونۇپكىنى توققۇز قېتىم باستىڭ. باشقىلارنىڭ مەخپىي نومۇرى ئالتە خانىلىق، ئەجىبا سېنىڭ توققۇز خانىلىقما؟ سەندىن گۇمانلانغىنىمغا ئۇزۇن بولغان مېنىڭ!-دېدى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ بۇتتەك قېتىپلا قالدىم. لاۋ لى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، ئايال ئاچچىقلانغان ھالدا يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. -ئالدىنقى قېتىم 520 (我爱你، سىزنى سۆيىمەن!) دەپ كىرگۈزگەنىدىم، بۇ قېتىم 748 (去死吧، بېرىپ ئۆل!) دەپ كىرگۈزسەممۇ پۇلنى چىقىرالىدىڭ يامانكەنسەن! ئېيتە، كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرى قانچە؟ ئېيتمىساڭ تۈگەشكىنىڭ شۇ!-دېدى. لاۋ لى قورققىنىدىن تىترەپ تۇرۇپ: -438438 (死三八死三八، ئۆلگۈر خوتۇن!)-دېدى. لاۋ لىنىڭ چىرايىغا قايتا قارىغىنىمدا مېنىڭمۇ پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى، شۇڭا مەن پۇلمۇ ئالماستىن ئوغرىغا ئوخشاش غىپپىدە تىكىۋەتتىم. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن لاۋ لىدىن ئاڭلىسام، ئايالى بانكىدىن پۇل ئېلىپ قايتىپ كېلىپلا ئىتتىن بىرنى سېتىۋاپتۇدەك، ئۇ ئۆيدە بىكار تۇرماي ئىتقا پۇل پۇراتقۇزىدىكەن. لاۋ لى غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ئايالىدىن: «خوتۇن، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ بۇ ئىتنى كوچىدىن پۇل تەرگىلى سالامسەن؟» دەپ سورىغاندا ئايالى سىرلىققىنە كۈلۈپ قويۇپ: «كېيىنچە بىلىپ قالىسىز!» دەپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن لاۋ لى ئۆيىدىكى ئاياغنىڭ كورۇپكىسىغا، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان شەخسىي پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ.

زىراپە بىلەن توشقان

بىر كۈنى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى توشقاننىڭ قەپەستىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ، ئۇلار يىغىن ئېچىپ بارلىق قەپەسلەرنى بۇرۇنقى 10 مېتىردىن 20 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈشنى قارار قىلىپتۇ، ئىككىنچى كۈنى ئۇلار يەنە توشقاننىڭ سىرتتىن كەلگەنلىكى كۆرۈپتۇ، ئۇلار قەپەسنىڭ ئېگىزلىكىنى يەنە ئېگىزلىتىپ 30 مېتىر قىلىپتۇ، ئىككىنچى كۈنى باغچا باشقۇرغۇچىلىرى يەنە توشقاننىڭ سىرتتا يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ، ئۇلار بىر قېتىمدىلا قەپەسنىڭ ئېگىزلىكىنى 100 مېتىر قىلىپ ياساپتۇ. بىر كۈنى زىراپە توشقاندىن :«ھەي توشقان، قارىغىنە، بۇلار قەپەسنىڭ ئېگىزلىكىنى يەنە ئېگىزلىتەرمۇ؟» دەپتۇ، توشقان :«ئەگەر ئۇلار يەنە قەپەسنىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق قويۇۋەرسە بىر نەرسە دېمەك تەس جۇمۇ» دەپتۇ. ھىكىمەت:ھەممە ئىشتا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تونۇش بەكمۇ مۇھىم، ئىشنى يۈزەكى تونۇپلا بىرتەرەپ قىلغانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

كۆكتات ساتقۇچى ئايال

ئىشتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ئولتۇراق رايوننىڭ قورۇسى ئىچىدە ئالدىغا بىر پارچە لاتىنى يېيىپلا ئۈستىگە يېڭى، يۇمران، ھازىرلا يۇلۇنغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدىغان مايلىق يىسىۋېلەك بىلەن قاراپلا ئالغۇسى كەلگىدەك چىرايلىق كۆكلىگەن كۈدە سېتىۋاتقان بىر ئايالنى كۆرۈپ قالدىم. ئايالنىڭ ئۈستى بېشى ئاددىي، رەتلىك بولۇپ، قارىماققا 35لەردىن ئەمدى ھالقىغاندەك كۆرىنەتتى. مېنىڭ كۆكتاتلىرىغا قارىغىنىمنى كۆرگەن ئايال گەپ باشلىدى. -سەي ئالامسىز؟ ئۆزىمىزنىڭ ھويلىسىدا ئۆستۈرگەن كۈدە بىلەن مايلىق يىسىۋېلەك، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلەتمىگەن.-بۇنى ئاڭلاپ جايىمدا توختىدىم. ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئۇيەر بۇيەرگە يايما يېيىپلا سودا قىلىۋاتقانلارنى كۆرسەم بىرنەرسە ئالماي كېتەلمەيدىغان، شۇلارغا كىچىككىنە بولسىمۇ ياردەم قىلىشنى ئويلايدىغان مىجەزىم بار ئىدى. بۇ مىجەزىمنى بىلىدىغان بالاممۇ مەن كۆرمەي قالسام قولۇمنى تارتىپ: «ئاپا ئاۋۇ يەردە بىر چوڭ ئايال ئولتۇرىدۇ، بىر نەرسە ساتقىلى تۇرۇپتۇ ئالايلىمۇ؟» دەپ مېنى باشلاپ ماڭاتتى. ئوغلۇمنى باغرى قاتتىق ئادەم بولۇپ قالمىسۇن دەپ مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشاتتىم. ھازىر يېنىمدا ئوغلۇم يوق، بولغان بولسا ئۇ چوقۇملا مېنىڭدىن بۇرۇن كېلىپ ئۇ ئايالنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بولغان بولاتتى. ئوغلۇمنى ئويلىغاچ ئىككى سۇلياۋ خالتىغا ئايرىم-ئايرىم سېلىنغان مايلىق يىسىۋېلەك بىلەن كۈدىلەرنى قولۇمغا ئالدىم. باھاسىنى سوراپ بولغىچە ئايالغا تېلېفون كەلدى، ئۇ ماڭا «سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ» دېگەن مەنىدە ئايانچىلىق بىلەن قارىدى. مەنمۇ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ تېلېفوندا پەس ئاۋازدا: -ھە، بىردەمدە ئويغىنىپ كەتتىما؟ بولىدۇ بالام، سەن قاراپ تۇر مەن ھازىرلا بارىمەن.-دېدىدە تېلېفوننى قويدى. مەن ئۇنىڭ كەتكىلى ئالدىرايدىغىنىنى بىلىپ كۆكتاتلىرىنىڭ ھەممىنى سېتىۋالماقچى بولدۇم. ئۇ ئايال مەقسىتىمنى بىلگەندىن كېيىن: -سىز ھەممىنى ئالماقچىما؟ ئىشلىتىپ بولالامسىز؟ ئىشلىتىپ بولالمىسىڭىز ئازراق ئېلىڭ جۇمۇ ئىسراپ بولمىسۇن. سېتىپ بولالمىسام مەيلى، ئۆزۈم بىر ئامال قىلىمەن.-دېدى. مەن سەل ھەيران قالدىم. -باشقىلار سەيلىرىنى قانچە جىق ساتسا شۇنچە خوش بولىدۇ، سىز نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟-دېدىم. -ئەسلىدە مەن بۇلارنى سېتىپمۇ يۈرمەيتتىم، قارىسام بەك قويۇق كۆكلەپتۇ. ئازراق يۇلىۋېتەي دېسەم كىچىككىنە يەردىنمۇ جىقلا چىقىپ كەتتى، شۇڭا سېتىۋىتەي بالىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنىڭ پۇلى بولسىمۇ چىقار دېدىم، سېتىپ بولالمىسام مەيلى ئەمما ئىسراپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. سىز بىلمەيسىز كۈدىنى يولدىشىم تېرىغان، بۇيىل يەنە كۆكلەپتۇ. ئۇ تېرىغان كۈدىلەر كۆكلەپ چىقتى، لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى...-دەپ نەچچە سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدى. -يولدىشىڭىز بىرەر يەرگە كەتتىما؟-دېدىم مەن سۈكۈتنى بۇزۇپ. -ئۇ ئۆتكەن يىلى كۈزدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ تۈگەپ كەتتى. بۇ ئىش قېيىنئانامغا ئېغىر كېلىپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالدى، بايا تېلېفون قىلغان مېنىڭ بالام، مومىسى ئۇخلاپ قالغاندا كېلىۋىدىم، بىردەمدە ئويغىنىپ كېتىپتۇ. شۇڭا قايتىپ كېتەي دېدىم، ئاستى ھۆلدە قالمىسۇن…-مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم ۋە يېنىمدىن 50 يۈەننى چىقىرىپ ئايالغا ئۇزاتتىم. -بولدى قايتۇرماڭ، قېينانىڭىزنى يوقلىغىنىم بولۇپ قالسۇن، كۆكتاتلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى مەن ئالاي، خاتىرجەم بولۇڭ، يولدىشىڭىزنىڭ قولى تەگكەن سەيلىرىڭىزنى ھەرگىز ئىسراپ قىلىپ تاشلىۋەتمەيمەن، يەپ بولالمىسام قوشنىلىرىمغا تارقىتىپ بەرسەم بولىدۇ ئەمەسمۇ.-ئايال پۇلنى ئېلىپ ماڭا 40 يۈەننى تەڭلىدى. -ياق ياق، بۇنداق دېمەڭ، مېنىڭ تۇرمۇشۇم ياخشى. كەم نەرسەم بولسا تىرىشسام تاپالايمەن ھەم يەنە پارتىيە ـ ھۆكۈمەتھەم كادىرلىرىمىز قېيىنئانامغا جىق ياردەملەرنى قىلىۋاتىدۇ، مەن بۇ كىچىككىنە كۆكتاتقا 50 يۈەن ئالسام بولمايدۇ، سىزنىڭمۇ تۇرمۇشىڭىز بار، تۇرمۇش ھەركىمگە ئاسان ئەمەس، يېنىڭىزغا سېلىپ قويۇڭ، كۆكتاتلىرىمنىڭ قەدرىنى قىلغىنىڭىز ئۈچۈن ئون يۈەن ئېلىپ قالدىم، ئاشقان پۇلىڭىزنى ئېلىڭ.-دەپ ئۇنمىساممۇ ئۇنىماي پۇلنى ئالقىنىمغا تىقىپ قولۇمنى چىڭ سىقتى. شۇنچە چىڭ تۇرساممۇ ئۇنىماي قولۇمغا تۇتقۇزۇپ تۇرىۋالغان پۇلنى ئامالسىز سومكامغا سالدىم. ئۇ يەرگە سالغان رەختلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، كونىراپ كەتكەن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىغا سالدى ھەمدە ماڭا قولىنى پۇلاڭلىتىپ: -ئاۋايلاپ مېڭىڭ!-دەپ خوشلاشتى. ئايالنىڭ ئاددىيلىقتىن بالقىپ تۇرغان ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان سىماسى، قەلبىمدە چوڭقۇر ساقلىنىپ قالدى. مەن كۆكتاتلارنى ئۆزۈم ئىشلەتكىدەكنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى قوشنىلىرىمغا بەردىم ھەم ئۇلارغا ئۇ ئايالنىڭ سۆزىنى جىكىلىدىم: -سېسىتىۋەتمەي ئىشلىتىڭلار جۇمۇ، بۇ بىر ياخشى پەزىلەتلىك ئايالنىڭ خىمىۋىي ئوغۇت ئىشلەتمەي، ئۆستۈرگەن كۆكتاتلىرىكەن...

قۇلۇلىنىڭ ئازابى

قۇلۇلە دائىم پاقىنى كۆزىگە سىغدۇرالمايدىكەن، بىر كۈنى پاقا پەقەت چىداپ بولالماي قۇلىلىدىن :«قۇلۇلە ئەپەندىم، سىز ماڭا بۇنچە ئۆچلۈك قىلغۇدەك مەن سىزنى بىرەر يەردە رەنجىتىپ قويدۇممۇ؟» دەپ سوراپتۇ، قۇلۇلە :«سىلەرنىڭ تۆت پۇتۇڭلار بار، سەكرەپ-تاقلاپ يۈرەلەيسىلەر، مەن مۇشۇ ئېغىر قېپىمنى كۆتۈرۈپ ئۆمىلەپ بەكلا ھېرىپ كېتىمەن، شۇڭلاشقا سىلەرگە قارىساملا ئىچىم سىقىلىدۇ» دەپتۇ، پاقا :«بۇنىڭغا مەندە نېمە ئامال، سىز پەقەت بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزنىلا كۆرۈپ ئازابلىرىمىزنى كۆرەلمەيسىز» دەپتۇ، شۇنى دەپ تۇرىشىغىلا چوڭ بۈركۈت كەپتۇ، قۇلۇلە قېپىغا كىرىۋېلىپ قۇتۇلۇپ قاپتۇ لېكىن بۈركۈت پاقىنى يالماپلا يەۋېتىپتۇ. ھىكىمەت: تۇرمۇشىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ لېكىن باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ، باشقىلارغا ھەسەت قىلىش دائىم كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئازابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئويلىسىڭىز تېخىمۇ بەخىت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلالايسىز.

ئىشەنچ

يېقىندا مەن گېرمانىيە فىرېيبېرگ سېرك ئۆمىكىنىڭ خادىمى «بوشلۇقتىكى ئۇچار ئادەم» رودلى بىلەن تونۇشۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن «ماھارەت كۆرسىتىشنىڭ خەتىرى بارمۇ؟» دەپ سورىدىم، ئۇ «بار» دەپ جاۋاب بەردى. -ئەمما ئويۇن كۆرسىتىۋاتقاندا سىزنىڭ شۇنچىلىك ئەركىن-بىمالال ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىڭىزغا دىققەت قىلدىم، ئەجەبا قورقمامسىز؟-دەپ سورىدىم. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: -«ئۇچار ئادەم» بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم «تۇتىۋالغۇچى»غا تولۇق ئىشىنىشىم كېرەك. تاماشىبىنلار بەلكىم «ئۇچار ئادەم»نى بەك قالتىس دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن قالتىس بولغىنى مېنى «تۇتىۋالغۇچى». ئۇلار مەن يىراقتىن ئۇچۇپ كەلگۈچە چوقۇم دەل جايىغا يېتىپ بېرىشى ۋە مېنى تۇتىۋېلىشى كېرەك. -ئۇنداقتا، سىلەر قانداق قىلىپ مۇشۇنداق ئورۇندىيالىدىڭلار؟ بىرەر ئەپچىل چارە بارمۇ؟ -زۆرۈر بولغان ئاساسىي ماھارەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق ئالاھىدە يېرىمۇ يوق، ئەگەر چوقۇم ئىشنىڭ ئېپىنى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئەڭ چوڭ ئەپچىل چارە شۇكى، مەن ھېچنېمە قىلماي ھەممىنى «تۇتىۋالغۇچى»غا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچقان چېغىمدا، پەقەت ئىككى بىلىكىم ۋە ئىككى قولۇمنى ئۇنىڭغا سوزۇپ، مېنى تۇتۇۋېلىشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن. -سىز ھېچنېمە قىلمامسىز؟-مەن ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قالدىم. -شۇنداق، ھېچنېمە قىلمايمەن! ئەگەر مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشقا ئۇرۇنسام، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، «ئۇچار ئادەم»نىڭ ۋەزىپىسى «ئۇچۇش»، «تۇتىۋالغۇچى»نىڭ ۋەزىپىسى «تۇتۇش»، «ئۇچار ئادەم» قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى چوقۇم تۇتىۋالىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىشى كېرەك. خۇلاسە:ئادەتتە خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا بىزنىڭ بەزىدە «ئۇچار ئادەم»لىك رولىنى ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل ئىشەنچ، قوللىرىڭىزنى ئۇزۇن سۇنۇپ، قارشى تەرەپنىڭ سىزنى تۇتۇۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.