ھاياتىمنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى ياشاپ بولدۇم، ياشىغاندىمۇ مەنىلىك، مۇھەببەتلىك ۋە شەرمەندىلەرچە ياشىدىم. مۇھەببەتلىك ئۆتكەنلىكىم - ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئايال بىلەن توي قىلىپ، بەختلىك ئائىلە قۇرغانلىقىم، شۇنداقلا بۇدرۇق بىر ئوغۇلنىڭ دادىسى بولغانلىقىم بولدى. ئەمما شەرمەندىلەرچە ياشىغىنىم بولسا ئۆزۈمگە مەنسۈپ بولمىغان سۆيگۈنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن، ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنىڭ ھەمدە بۇنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى بىلەن يۈرىكىمنى ئۆرتەپ، كېيىنكى ھاياتىمنى ئازابلىق پۇشايمانلار بىلەن بىزىگەنلىكىم بولۇپ قالدى. ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئويلىسام بەختىمدىن سۆيۈنىمەن. بىراق، يۈرىكىمدە قالغان مەڭگۈلۈك جاراھەتنى ئويلىسام ئۆزۈمنى ھەرگىزمۇ كەچۈرەلمەيمەن.
ناھىيىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بۇ كىچىككىنە يېزا خۇددى رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەندەك. گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇلۇپ، كۆككە تاقاشقان ھەيۋەتلىك تاغلىرى. نەگىلا قارىسا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى بولغان دەل- دەرەخلەر، سالا -سالا كەتكەن ئېتىزلارغا تېرىلغان ھەر خىل زىرائەتلەر، ئېرىق ئۆستەڭلەردە ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇلار . ھەر خىل ئاۋازدا سايراۋاتقان. قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى، ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلسا …!
مۇھاببەت ۋىژدان غۇرۇر، بۇ ئۈچ سۆز بىر بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق، بۇ ئىنسانلارنىڭ قەلىپلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان لىنىيە، خۇددى ھازىر بىز تۇرمۇشىمىزدا ئىشىلتىۋاتقان، بىز نەچچە مىنۇت ئايرىلىپ قالساق ئىچىمىز سىقىلىپ خۇددى قاراڭغۇ زۇلىمەتتە قالغاندەك ھىس قىلىدىغان ئىلىكتىر ئىنىرگىيە، دىمەك بۇ توك، سىلەر بەلكىم يۇقىردا ئىيتىلغان بۇ ئۈچ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىسىلەر ياكى بىلمەيسىلەر، ۋە ياكى چوڭقۇر چۈشۈنەلمىگەن بولۇشىڭلارمۇ مومكىن، ئۇنداقتا بىر بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغان بۇ سۆزلەرنى مەن سىلەرگە بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي،
نەزەر سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قاتارىغا ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي سەمىرىپ كەتكەن دىلو بىجىرگۈچى خادىم سوت زالىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا كېلىپ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: ــ سوت باشلاندى ــ دەپ ۋاقىرىدى. بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممەيلەن گۈررىدە ئورنىدىن تۇردى.كوللىگىيە باشلىقى بىلەن سوراقچىلارمۇ كەينى كەينىدىن زالدىكى ئېگىز سۇپىغا چىقتى.كوللىگىيە باشلىقىنىڭ بويى ئېگىز،ئىككى يوتىسى توم، مۇشتۇملىرى خۇددى سېپىل سوقىدىغان بازغاندەك بولۇپ،سوتخانىدىكى جىددى كەيپىياتقا يەنە بىر تۈرلۈك سۈرلۈك تۈس قوشقانىدى.سوراقچىلار بىلەن بىللە قوسىقى پۇتلىرىنىڭ ئارىسىغا ساڭگىلاپ چۈشكەن يۈزلىرى ئىششىق مەخسۇس تەپتىش ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرىمۇ كەلدى.
تېلېفونۇمغا قاراپ ئولتۇرىمەن. ئاجايىپ ھە، پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلغاندىن بۇيان بۇ ئەپ دېتاللارمۇ كارامەت. مۇشۇ دوۋيىن دېگەن نەرسە پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۈزۈمنى ناھايىتى ساغلام نورمال ئادەمدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. مۇشۇ دويىندىلا ئۈزۈپ يۈرسەم مەنمۇ نورماللا ھېچكىم مېنى مېيىپ چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرىدىغان، ئورۇق، داۋاملىق ئانىسى سىرتقا يۈدۈپ ئېلىپ چىقىدىغان قىز دېمەيدۇ. مەنمۇ ھېچكىمگە ئۆزۈمنىڭ، مېيىپ ئىكەنلىكىنى چاندۇرمىدىم ھەم ئېيتمىدىم تور دۇنياسدا ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. تۇرمۇشتىكى مەن باشقا ئادەم، تور دۇنياسدىكى مەن يەنە باشقا ئادەم. بەزىدە مۇشۇ تېلېفوننىڭ ئېكراندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرسامكەن، رېئال تۇرمۇشقا قايتمىسام دەپ ئويلاپ قالىمەن.
بەزى دادىلار ئۆلۈپ كەتتى، بىراق ئۇلار باللىرىنىڭ روھىدا ئۆزىنى قايتا تىرىلدۈردى. بەزى دادىلار ھايات... بىراق ئۇلار بالىلىرىنىڭ يۈرىكىدە قارا داغ بولۇپ ئۆچۈپ كەتتى. قولۇمدىكى تەكلىپنامىنى كۆرۈپ ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتىم. چىرايلىق دوستۇم«ھەيدى» سابىق يىگىتىمنى قولتۇقلاپ، ئۇماق قىزىنى قۇچاغلاپ ئولتۇرغان ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ كەينىدە كۈلۈپ تۇراتتى. بۇ ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ «35يىللىق توي خاتىرە كۈنى»نىڭ تەبرىك مۇراسىمى ئىدى. شۇ تاپتا كۆزۈم ئۇ قولتۇقلاپ تۇرغان سابىق يىگىتىمدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ كۆزىدىن چىقىپ تۇرغان بەخت، خوشاللىق ۋە ئىشەنچتە ئىدى. قايسى بىر كىتابتا كۆرىشىمچە كىچىكىدىن دادىسىنىڭ مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولغان قىزبالىنىڭ كۆزىدە نۇرى بولىدىكەن. قەددى تىك بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىكەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا بار ئىدى. باغاقنى قويۇپ ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ باقتىم. چىرايىم 30 ياشقا ئەمدى كىرگەن قىزبالىدەك ئەمەس بەلكى 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئاياللاردەك سۇلغۇن ۋە قارا ئىدى. كۆزۈم بىلەن ئاغزىمنىڭ ئەتراپىغا روشەن قورۇقلار چۈشكەن بولۇپ، ئىشلەتكەن قىممەت باھالىق يۈز ئاسراش بويۇملىرىممۇ بۇ قورۇقلارنى يوقىتالمىغانىدى. ئەڭ مۇھىمى كۆزۈم، كۆزۈمنىڭ ئىچىدە نۇر ۋە ئىشەنچ دېگەن نەرسىدىن ئەسەر يوق، پەقەت ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاب ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. بۇ ھالىتىمگە قارىغانلا كىشى مېنىڭ دادا مېھرىگە قانماي چوڭ بولغانلىقىمنى ھېس قىلالايتتى.
نەزەر سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قاتارىغا ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي سەمىرىپ كەتكەن دىلو بىجىرگۈچى خادىم سوت زالىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا كېلىپ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: ــ سوت باشلاندى ــ دەپ ۋاقىرىدى. بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممەيلەن گۈررىدە ئورنىدىن تۇردى.كوللىگىيە باشلىقى بىلەن سوراقچىلارمۇ كەينى كەينىدىن زالدىكى ئېگىز سۇپىغا چىقتى.كوللىگىيە باشلىقىنىڭ بويى ئېگىز،ئىككى يوتىسى توم، مۇشتۇملىرى خۇددى سېپىل سوقىدىغان بازغاندەك بولۇپ،سوتخانىدىكى جىددى كەيپىياتقا يەنە بىر تۈرلۈك سۈرلۈك تۈس قوشقانىدى.سوراقچىلار بىلەن بىللە قوسىقى پۇتلىرىنىڭ ئارىسىغا ساڭگىلاپ چۈشكەن يۈزلىرى ئىششىق مەخسۇس تەپتىش ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرىمۇ كەلدى.
-ۋوي...قانداقسىگە سىزمۇ بۇ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالدىڭىز؟...ماشىنىڭىزچۇ؟ ئەڭ ئاخىرقى ئاپتۇبۇسقا،ئەڭ ئاخىرقى بېلەتنىڭ ئېگىسى بولۇپ ئارانلا ئۈلگۈردۈم.ئۇھ،دېمەيلا، ئالدىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىرى شۇنداق دەپ گەپكە تۇتتى.ئۇنىڭ كىملىكىنى،ئىسمىنى بىلمەيمەن.ئەمما تونۇشلا چىرايىدىن بىر يەرلىك ئىكەنلىكىمىز چىقىپ تۇراتتى.ئەدەپ يۈزىسىدىن قول ئېلىشىپ كۈرۈشتۈم .يەنە بىر نەچچەيلەنمۇ قول ئۇزارتتى.ئۇلارغا يىغىنغا كەلگەنلىكىمنى، شوپۇرۇمنىڭ تۇيۇقسىز بالنىسقا كىرىپ قالغانلىقىنى، ئەتە سىڭلىمنىڭ قىزى ياتلىق قىلىنىدىغان بولغاچقا جىددى مېڭىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم.شۇنداق دېگەچ ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم.

ئېگىلمىسۇن داداڭنىڭ بېشى ، تۆكۈلمىسۇن ئاناڭنىڭ يېشى

<<تېخىمۇكۇپ
1