بىر كۈنى



شئېر
بىر كۈنى
مۇھەممەتجان راشىدىن
،بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما ، يول تاپىدۇ بىر كۈنى
.ئامان بولسا ،ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى
،خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن
.ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى

،گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا
.ئۆزى كىلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى
،ئات بولغۇچە ئاۋۇ تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ
.ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى

،ئاق نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان
.قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈن
،كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈگەنلەر
.چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى

،تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ
.ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى
،بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ،ۋاقتى بار
.خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي باقىدۇ بىر كۈنى

،كۆندۈرىدۇ بۇجاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى
.شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى
،بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ
.ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى

،پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا
.يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى
،سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ
.ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى

،شۇئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق
.ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى
،يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بىرىدۇ ياخشىنى
.ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى
