ماقال-تەمسىل
ماقال-تەمسىل
،كىتاب—بىلىم بۇلىقى
.بىلىم-ھايات چىرىقى
،يامان ھارۋا يول بۇزار
.يامان ئادەت يۇرت
،ساقلىق جان راھىتى
.ئىناقلىق كۆڭۈل راھىتى
،ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ
.ھوشيار بول
.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما
،دەرەخ مېۋىسى بىلەن ئەتىۋار
.ئادەم تۆھپىسى بىلەن ئەتىۋار
،ئەقىل دوست
.نادان دۈشمەن
،ئەقىل توزىماس
.بىلىم خورىماس
،كۈننى توسۇۋالغىلى بولماس
.ۋاقىتنى سېتىۋالغىلى
،ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر
.يامغۇر بىلەن يەر
،نادانلىق نامراتلىقنى چىللايدۇ
.ھۇرۇنلۇق مۇشەقەتنى چىللايدۇ
.ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى بىلىم بىلەن