ماقال-تەمسىل

ماقال-تەمسىل

،كىشى يۇرتىدا سولتان بولغۇچە

. ئوز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول

،ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا

، رەڭرى روھىڭ سامان بولماس

،ئاچ كىرسەڭ گەر قايناق بازارغا

. تائام ساتمايدۇ بەلكىم شۇ كۇنى

،ئىشنىڭ ئاسىنى يوق

. قىلالىساڭ قىيىنى يوق

،ئاچقا قازان ئاستۇرما

.مۇزلىغانغا ئوت ياقتۇرما

،ئاسرىساڭ كۈندە يېڭى كىيىم

. ئاسرىمىساڭ كۈندە كونا كىيىم

،ئامانەتنى تۇتماڭ

. يوقالسا تۆلەرسىز

، تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ

. يىقىلسا ئۆلەرسىز

،دوست باشقا قارايدۇ

. دۈشمەن ئاياغقا قارايدۇ

،ئاتىقى چىققاننى ياتمۇ تۇغقىنىم دەيدۇ

. چاتىقى چىققاننى تۇغقانمۇ يات دەيدۇ

،ئەقلىڭگە قول سۇنساڭ نىجات تاپىسەن

. نەپسىڭگە قول سۇنساڭ ھالاكەت تاپسەن

،سامان يىققان پۇل يىغدى

.ئوتۇن يىققان كۈل

،بالىنى ياشتىن ئۆگەت

. خوتۇننى باشتىن ئۆگەت

،ئىنسانغا دوستلۇق قىممەتلىك

ئۆمۈرگە ياشلىق (قىممەتلىك)

،بىلىم ئالمىغان ياش

. تام تۇۋىدىكى تاش

،ھايات ساڭا باقمايدۇ

.باققنى ساڭا ياقمايدۇ

،قاغا بالام ئاپئاق

.كىرپە بالام يۇمشاق

،ئاينىڭ كېچىگە كۆيگىنى يالغان

،ئاتاڭ ھەم ئاناڭدىن باشقا

.ھەر بىراۋنىڭ سۆيگىنى يالغان

،ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى

. ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى

،گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان

. پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن