2ماقال-تەمسىل

ماقال-تەمسىل

،ئۈمىد ياشنىتار

.غەم قاقشىتار

.ۋاقتىڭ كەتتى—بەختىڭ كەتتى

.ۋاقىتنى غەنىيمەت بىل—پۇلۇڭغا ئىشەنمە

.ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس

.ئىلىمسىز ئادەم—مېۋىسىز دەرەخ

.ئىنساپلىقنىڭ دىلى ساپ

.دانا كىشى ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلار

،ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر

.ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر

،ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق

.ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق

،ياخشى گەپ ئىسستىدۇ

.يامان گەپ سوۋۇتقۇ

،ياخشىدىن ئات قالىدۇ

.ياماندىن داد

،ياخشى بىلەن دوست بولساڭ،ئېچىلار چېچەكلىرىڭ

.يامان بىلەن دوست بولساڭ،يېرىلار يۈرەكلىرىڭ

،چوڭ ئىززەت قىلسا

.كىچىك خىزمەت قىلار

.ساقلىقىڭ—بايلىقىڭ

،سۇ يەرنىڭ قېنى

.يەر دېھقاننىڭ جېنى

.مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى تۆۋەن

،بىرلىك بولماس

.تىرىكلىك بولماس

،سەۋرچان ئاش يەر

.بىتاقەت تاش يەر

.پۇل سوراشتىن ئېرىنگەن يولدىن ئازار

،ئۆستەڭدە سۇ بولسا

.كىچىك ئېرىق قۇرىماس

،قوشنا بولسا يۆلەك بول

.بولمىسا بۆلەك بول

،ئوقۇماي بىلىم ئالغىلى بولمايدۇ

.تېرىماي ھوسۇل ئالغىلى

.كېڭەشلىك ئىشنىڭ پۇشايمىنى يوق

،كىشىگە قىلساڭ يامانلىق

.ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق

،كۈن يورۇقى تاڭ بىلەن

.دىل يورۇقى ئاڭ بىلەن

،كۈندىن قالدىڭ ئايدىن قالدىڭ

.ئايدىن قالدىڭ يىلدىن قالدىڭ

،مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس

.كەڭ تون يىرتىلماسئەمما ھاياتنڭمۇ ئۆزنڭ ئويلغانلرى بار ئىكەن

.مەنىسىز ياشلىق—سايدىكى تاشلىق.

،ھەممە ئىشقا پەم كېرەك

.كەش-ئۆتۈككە چەم

،ھوسۇلۇڭ كەم بولسا

.ھاۋادىن كۆرمە

.ھوشيار بولساڭ ئاپەت كۆرمەيسەن

.ھۈنەرلىك ئادەم—مېۋىلىك دەرەخ.

،ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ

.ھوسۇل ئالىسەن قاچىلاپ

.ئوقىغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ

،ياخشىغا بىر سۆز

.يامانغا مىڭ سۆز

،ياخشىغا يېتىشمەك قىيىن

.ياماندىن قۇتۇلماق

،ياخشى نىيەت ئاشقا

.يامان نىيەت باشقا

،ياخىشغا يىپەك يېپىشار

.يامانغا تىكەن

.ھۈنەر—پۈتمەس-تۈگىمەسن گۆھەر