ماقال-تەمسىل

ئۆتۈپ كىتەر دىيشتۇق ئەسلى ئۇ كۆنۈپ كىتشكەن

بىرسى سېنى تاشلاپ كەتكەندە سەۋەبىنى سورىما

يادىڭغا يەتكەن سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى توغرا

دادام بولغان بولسا دېگەن يەرگە كېلىپ توختاپ قالغان خىياللار

يولدىن چىقما خاندىن قوقما

غوجامنىڭ غوجىسى چامغۇر-زىدەكنىڭ ئورىسى

يوق يەردىن پۇتاق چىقارماق

ياخشىلىققا ياىشىلىق يامانلىققا يامانلىق

ئادالەت بىرگەز ئۆرلىسە جاھالەت مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ

زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدىرىنى بىلمەس

ئات ئايغىنى تاي باسىدۇ

ھىساپلىق دوس ئايرىلماس

كىمنىڭ گىپىنى قىلسا شۇ پەيدا بوپتۇ

جاپانىڭ تىگى ئالتۇن

كۆزى ئوچۇق قارغۇ

ئۆزۈڭ خالىمىغاننى باشقىلارغا تاڭما

ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلىقى پۇت-قولۇمنىڭ بوشلىقى

ئەلگە كىرسەڭ ئىلىڭچە سۇغا كىرسەڭ بىلىڭچە

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق

بۇرنىغا يىمىگۈچە ئەقلىنى تاپماس