ماقال-تەمسىل
ماقال-تەمسىل
،ئادەم يەرنى ئالدىمىسا
.،يەرئادەمنى ئالدىماس
،ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر
،ئادەم مېھنەت
،ئالىم بولساڭ
.ئالەم سېنىڭكى
،ئامالىم يوق دېگۈچە
.بىلىم ئالغىن تۈگمىچە
،ئايرىلغاننى قار باسار
.بۆلۈنگەننى بوران
،ئايرىلغاننى ئېيىق يەر
. بۆلۈنگەننى بۆرە
.ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق
.ئەقىلسىز يىگىت—يۈگەنسىز ئات
.ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ
،بىلىمى بار بىلىمىگە تايىبار
.بىلىمى يوق كۈچىگە
،بىلىملىكنىڭ كۆزىدە ئالەم
.بىلىمسىزنىڭ كۆزىدە مالەم
.بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان
،بىلىملىك ھاۋادا ئۇچار
.بىلىمسىز تەمەدا توزار
،بىلىمسىزنىڭ ئىشى بىر
.بىلىملىكنىڭ ئىشى مىڭ
،ئەقىلسىز بىلەن پولو يېگۈچە
.ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ
.ئەقىل ياشتا ئەمەس،باشتا
،باھاردا ئۇخلىمىغان
.قىشتا غەم قىلماس
،بەلگە بولسا يولدىن ئازمايمەن
.بىلىم بولسا سۆزدىن
،بىر ياخشىلىق
.بىر يامانلىق ئۇنتۇلماس
،بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغۇچە
.بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن
،بىلىمسىزگە ئىش يوق
.ئىشسىزغا ئاش
،بىلىم ئۆگەنسە كىشى
.كۆككە يېتەر بېشى
،بىلىملىك نۇرلىنار
.بىلىمسىز خورلىنار
،بىلىملىك تاللىنار
.بىلىمسىز شاللىنار
.بىلىمى بار تۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك—تېرىقچىىق قىلىپ ھوسۇلىنى يىغماسلىق بىلەن باراۋەر
،بىلىكى چوڭ بىرنى يىڭەر
.بىلىمى چوڭ مىڭنى