: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
ئۈچ ئەخمەق
ئۈچ ئەخمەق
بۇرۇن بىر يۇرتتا ئۈچ كىشى بار ئىكەن، ئۈچىلىسى يىگىتىكەن، يىگىت بولغاندىمۇ قۇرۇق سۆلەت, بىكار تەلەپ, تايىنى يوق ئىكەن، ئۇلار يازنىڭ تازا ئىش قاينىغان بىر كۈنى تاماشا قىلىمىز, گۈل قىسىمىز دەپ بەش ئېرىق دېگەن يەرگە مېڭىپتۇ, بىر پېشىنى ئۈستۈن, بىر پېشىنى تۆۋەن قىلىشىپ كېتىپ بارسا، ئۆزى راسا كېلىشكەن، چاچلىرى تېقىمىغا چۈشكەن چىرايلىق بىر ئايال ئۇچراپتۇ، چوكان ئۇلارغا تەبەسسۇم بىلەن تەزىم قىلىپتۇ، يىگىتلەر ھاڭۋېقىپ بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭغىچە ئۇ چوكان خېلى يەرگە كېتىپ قاپتۇ، بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا كۈلۈشۈپ ماختىنىشىپ شۇ يەردىن خېلى بىر يەر بېرىشىپتۇ . بىر ھازادىن كېيىن بىرسى ئارقىسىغا قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ، -نېمىدېگەن كېلىشكەن چوكان، ماڭا سالام قىلدى، كۆردۈڭلارمۇ دەپ كۆرەڭلەپتۇ، ئىككىنچىسى ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ چۈشۈرۈپ -نېمە دەيسەن، ماڭا سالام قىلدى ماڭا، دەپتۇ ئۇنىڭغىچە ئۈچىنچىسى تاقەتسىزلىنىپ بىكار ئېيتىسىلەر، ئاكاڭغا سالام قىلدى ئاكاڭغا، دەپ ۋارقىراپتۇ، بۇ ئۈچەيلەن تالىشا تالىشىغا ئاخىرى جالاقلىشىپ مۇشتلىشىپ كېتىپتۇ، شۇ ئارىدا بۇ يەرگە كېلىپ قالغان بىر بوۋاي ھەيران بولۇپ -توختاڭلار ھاي توختاڭلار، نېمە ئۈچۈن مۇشلىشىسىلەر ؟ دەپ سوراپتۇ، ئۈچەيلەن تەڭلا -قارىماملا، بىر چوكان تەزىم قىلىپ ئۆتۈۋىدى شۇ تەزىمنى تالىشىپ قالدۇق دەپتۇ. بوۋاي مانا قىزىق، سىلەر مۇنداق ئۇرۇشۇپ تۇرغىچە شۇ چوكاننىڭ ئۆزىدىن سورىساڭلار بولمامدۇ، ئۈچ يىگىت بوۋاينىڭ مەسلىھەتى بويىچە ھېلىقى چوكاننىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئارقا ئارقىدىن چاقىرىپتۇ -خېنىم، ۋاي خېنىم، سەل توختىسىلا بايا قايسىمىزغا سالام قىلدىلا ، قايسىمىزغا؟ دەپ سوراپتۇ، چوكان توختاپتۇ ۋە بۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا ھەيران بولۇپ -قايسىڭلار بەك ئەخمەق بولساڭلار شۇنىڭغا تەزىم قىلدىم، دەپ يولغا راۋان بولۇپتۇ، مەن بەك ئەخمەق مەن ئەخمەق، ئۈچەيلەن شۇنداق دېيىشىپ يەنە مۇشتلاشقىلى تۇرۇپتۇ، ئاڭغىچە ھېلىقى بوۋاي ئارقىسىدىن يېتىپ كېلىپ، يەنە نېمە دەپ ئۇرۇشىۋاتىسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ، بۇلار بولغان ۋەقەنى ئېيتىپتۇ، -ئۇنداق بولسا سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئەخمەقلىقىڭلارنى بىر بىرلەپ ئېيتىپ بېرىڭلار، ئاندىن قايسىڭلارغا سالام قىلغانلىقىنى ئايرىپ بېرەي، شۇ يەردىلا مەن ئېيتاي، مەن، دەپ بىرىنچىسى سۆز باشلاپتۇ -قارىسىلا تاغا، بىر كۈنى ئۆيگە كىرىپ ئىسسىناي دەپ شۇنداق ئوچاققا يېپىلسام ئوچاق ئالدىدىكى كۈل دۇمباق بولۇپ تۇرۇپتۇ، قولۇمغا كۆسەينى ئېلىپ كۈلنى چۇخچىلىسام قولۇمغا تۆت تۇخۇم چاچراپ چىقتى، دەررۇ بىر تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويىۋېتىپ ئېغىزىمغا كاپپىدە سالدىم، سېلىپ تۇرسام ئىچكىردىكى ئۆيدىن ئانام چىقىپ قالدى، ئانامدىن ئىزا تارتىپ ئاغزىمنى چىڭ يۇمۇپ قوۋزۇقۇمنى پوزنەك قىلىپ تۇرىۋالدىم، ئاڭغىچە ئاتام كىردى، -ۋاي ئوغلۇم ، نېمە بولدى؟ ئېڭىكىڭ ئىششىپ قالدىمۇ؟ دەپ سورىدى ، كۆزۈمنى پارقىرىتىپ ھە دېدىم، ئاتام ئانامغا بىر نېمىلەرنى دەپ تالاغا يۈگۈردى، ئانام-ئاغزىڭنى جىم تۇت، دەپ نېرى كەتمەي قادىلىۋالدى ، ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەي ئاتام بىر ساتىراشنى باشلاپ كىردى، -بالامنىڭ قوۋزى پوزىنەك بولۇپ قاپتۇ، يامىنىغا ئۆرۈلۈپ كەتمىسۇن يېرىپ ئېلىۋەتسىلە دېدى، ساتىراچ ئۇستىرى بىلەن قوۋۇزۇمنى ياردى، مانا قېپى چىقتى دەپ تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئالدى، مانا يىرىڭى چىقتى دەپ سېرىقىنى ئالدى، شۇنداق قىلىپ ھەممىسىنى ئېلىۋەتتى، ساقايسۇن دەپ ئاغزى بۇرنۇمنى تېڭىۋەتتى، مەن قاراپ تۇرۇپ ئېڭىكىمنى يارغۇزغان مانا شۇنداق ئەخمەق، شۇمىدى سېنىڭ سۆزۈڭ دەپ ئىككىنجىسى سۆز باشلاپتۇ، سېنىڭ ئەخمەقلىقىڭ مېنىڭ ئەخمەقلىقىمغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىكەن -قارىسىلا تاغا، مېنىڭ بىر ئاغچام بار ئىدى، مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق ئىدىم، بىر كۈنى بازارغا بارغىلى قوپسام ئاغچام ۋاي ماڭا ئىككى پۇللۇق ئۇپا ئالغاچ كەلسىلە جۇمۇ دېدى، شۇ يەردىن بازارغا بارغۇچە ئاغزىمدىن چۈشۈرمەي، ئۇپا ئۇپا ئۇپا، دەپ باردىم ، بازارنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئالدىمغا يوغان بىر ئېرىق ئۇچرىدى، ئالدىمغا بىر، كەينىمگە بىر مېڭىپ ئېرىقتىن بىر ئاتلىۋىدىم ئېرىققا يۇمىلاپ چۈشتۈم، ئورنۇمدىن تۇرسام ئاغزىمدىكى ئۇپا ھېلىقى ئېرىققا چۈشۈپ قاپتۇ، ئېرىقنىڭ ئىچىگە سەكرەپ كىرىپ سۇنى ئىككى ئۈچ كۈنگىچە ماتىلاپ ئىزدىدىم، شۇنداق ئىزدەپ تۇرسام بىر ئادەم كېلىپ -نەچچە كۈندىن بېرى بۇ سۇنى ئەجەب ئىزدەپ كەتتىڭ، نېمەڭ يۈتۈپ كەتكەن ئىدى شۇنچىۋالا ئىزدىگۈدەك، دەپ سورىدى، سودىلىقىم ئاغزىمدىن سۇغا چۈشۈپ يۈتۈپ كەتتى، يا يادىمدا يوق، يا سۇدا يوق شۇ شۇنى ئىزدەۋاتاتتىم، دېۋىدىم ئۇ كىشى-سەن مۇنداق ئىزدەپ تاپالمايسەن ئۇنىڭدىن كۆرە مەكتەپتىكى ئۇستازنىڭ قېشىغا بېرىپ سورىساڭ يادىڭغا سېلىپ قويىدۇ دىدى، شۇ يەردىن مەكتەپكە بېرىپ ۋەقەنى ئېيتىۋىدىم ئۇستاز بىر كۈلۈپ، بىر ئۆڭۈپ -نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن تېخى... ماڭ مەكتەپنى قالايمىقان قىلماي دەپ قوغلىدى، مەن ئۇنىماي ئۆتۈنۈپ قالاي ئۇستاز، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىمۇ شۇنداق سودا بۇيرۇغان بولغىيدى، بىر ئېيتىپ بەرسىلە، دەپ تۇرۇۋالدىم، يەنە كايىپ كەتتى، كەشنىڭ ئۇچۇپ كەتكىنىگە قارىماي كاسامغا نەچچىنى تېپىۋەتتى، بولمىدى، ئاخىر-سەن بەش ئېرىق كوچىسىدىكى جىگدە تۈۋىگە بارساڭ ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازلاردىن بىرسى يولۇقىدۇ، شۇنىڭدىن سورىساڭ ھەممە ئىشنى دەپبىردۇ دىدى، بارسام راست دېگەندەك بىر قىمارۋاز ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، -ماڭا قارىسىلا دەپ ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋېدىم خاپا بولۇپ كەتتى، ئاغزىغا كەلگەننى دەپ سەكرەپ كەتتى، مەن بىر مىنۇت ۋاقتىمنى خوتۇنۇمنىڭ ئۇپىسىغا تەڭ قىلمايمەن دەپ مۇشت بىلەن ئوننى ئۇرۇپ پەشۋا بىلەن سەككىزنى سالدى، ۋاي ھەشقاللا، ئۇپا ئۇپا ئۇپا، سىلى دېمىسىلە يادىمغا يەتمەيتتى ئاكا دەپ ئارقامغا ياندىم، گەپ شۇ يەرگە يېتەر- يەتمەيلا ئۈچىنجىسى سۆز باشلاپتۇ -نېمە دەيدىكىن دېسەم سېنىڭ ئەخمەقلىقىڭ مېنىڭ ئەخمەقلىقىمغا ياماقمۇ بولمايدىكەن، مەن خوتۇنۇمغا سەندىنمۇ بەكرەك ئامراق ئىدىم، قارىسىلا تاغا-بىر كۈنى مەنمۇ بازارغا بارغىلى قوپىۋىدىم خوتۇنۇم -ھەي بارمىسىلا ئەنسىرەيمەن، دېدى، ياق دېدىم، ئۇنداق بولسا توختىسىلا، بازار دېگەندە ئادەم جىق، يەڭگۈش بولۇپ كەتمىسىلە، سىلىگە بىر نىشان قىلىپ قوياي، دەپ بوينۇمغا يوغان بىر جۇۋاز قاپىقىنى ئېسىپ قويدى، شۇ ياخشى بولدى دەپ يولغا راۋان بولدۇم ، بازارغا كىرگۈچە ئالتە يەردىن تېنەپ سەككىز يەردە يېتىپ ئاران باردىم، بازاردا ئادەم مىغ-مىغ،شۇنداق قايناق. ئۇقمايمەن نەدە يۈردۈم قايان باردىم بىر چاغدا ھېرىپ ئېچىپ ئۆزۈمگە شۇنداق قارىسام قاپاق يوق، ۋاي ئىسىت، مەن ئەمدى يۈتۈپ كېتىپتىمەن، دەپ يىقىلىپ قوپۇپ كېتىپ بارسام ئالدىمغا جىق بالىلار ئۇچرىدى -ۋاي ئاكا، نەگە، نېمە ئىش بولدى، دەپ سورىدى -ئۆزۈم يۈتۈپ كېتىپتىمەن، قاپاق يوق نېمىمۇ دەر ئاچاڭلار، دېۋىدىم بالىلار ۋاي ئەنە قاپاق ئارقىلىرىدا تۇرىدىغۇ دېدى، بالىلار قاپاقنى ئالدىمغا ئېلىپ كۆرسەتكەندە قارىسام راست قاپاق ئارقامغا ئۆتۈپ قالغان ئىكەن، مەن دېگەن مانا مۇشۇنداق ئەخمەق. ھېلىقى بوۋاي-ئۇنداق بولسا ئۈچىڭلار بىر-بىرىڭلاردىن قېلىشمايدىغان ئەخمەق ئىكەنسىلەر، ئۇ چوقۇم ئۈچىڭلارغا تەڭ سالام قىپتۇ-دەپ ماجرانى ئايرىپ قويۇپتۇ. تۈگىدى