: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
شېتىلە بىلەن پېتىلە
شېتىلە بىلەن پېتىلە
بۇرۇنقى زاماندا بىر جۈپ ئەر خوتۇن ئۆتكەن ئىكەن ، ئېرىنىڭ ئېتى شېتىلە خوتۇنىنىڭ ئېتى پېتىلە ئىكەن ، بۇلار مەھەللىدىن چەترەك پاكار بىر ئۆيدە تۇرىدىكەن، بىر كۈنى ئۆينىڭ لىم ياغىچى غارسىلداپ سۇنۇشقا باشلاپتۇ، ئەر خوتۇن بۇنىڭغا چارە قىلماقچى بولۇپتۇ، شېتىلە نوغۇچنى تۈۋرۈك قىلايلى دەپتۇ، پېتىلە قارشىلىق كۆرسىتىپ -نوغۇچ بولمىسا بىز ئۇرۇقلۇق بۇغداي تېپىپ، تېرىپ، يىغىپ ئۇن تارتىپ كەلگەندە قانداق قىلىپ ئاش ئېتىمىز، مۇنۇ ھاسىسىنى تۈۋرۈك قىلايلى دەپتۇ، شىتىلە قوپۇپ -سەن تەييار ھاسىنى تۈۋرۈك قىلىپ قويساڭ، مەن قېرىغاندا نېمىنى تايىنىمەن، تۇغىدىغان باللىرىڭ چوڭ بولۇپ باش باشتاقلىق قىلسا نېمە بىلەن ئەدەپلەيمەن، سەن ئاشۇ دەۋاتقاندا ئۇ بەڭباش ئوتۇن ئەكىرگىلى چىقىپ ئويناپ قالسا ھاسام بولمىسا قانداق تالاغا چىقىپ چاقىرىپ كىرەلەيمەن، سەن زادى كېيىنلىكنى ئويلىمايسەن دەپتۇ سۇنۇشقا باشلىغان ياغاچ پەسلەشكە باشلاپتۇ، تونۇر كۆسىيى قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ يۈرگەن بىر تال ياغىچى بار ئىكەن، ئۇلار شۇنى تۈۋرۈك قىلىپ لىمنى توختىتىۋاپتۇ، ئۇلار بىر كۈنى قېيىناتىسنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بېرىپتۇ، قايتىش ۋاقتىدا قېيىن ئاتىسى ئۇلارغا ئىككى جىڭ گۆش بېرىپتۇ، ئۇلار گۆشنى ئەكىلىپ قازانغا سېلىپتۇ، گۆش ئەمدى پىشاي دېگەندە ۋاي خوتۇن، گۆشنىغۇ يەيمىز، چىش كولىغۇچى يوق، قانداق قىلىمىز دەپتۇ شېتىلە- بۇ گەپنى قۇۋۋەتلەپ بىز ھەممە ئىشنى ئالدىن تەييارلاپ كەلگەن ئەر خوتۇن تۇرۇپ ئەجەب ئۇنى ئويلىماپتىمىز ھە، دەپتۇ پېتىلە ئۇلار چىش كولىغۇچنىڭ ئارچا ياغىچىدىن بولىدىغانلىقىنى، ئارچىنىڭ تاغدا بولىدىغانلىقىنى ئەسلىشىپ گۆشنى قازانغا قويۇپ ئاۋۋال تاغقا بارماقچى بولۇپتۇ. ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچنى قويۇشقا يەر تاللاپتۇ، بۇلار بىر زامانلار كېلىپ دېھقانچىلىق قىلساق لازىم بولىدۇ دەپ بىر تۈز يەرنى خامان قىلىپ ئوتتۇرىسىغا موما ياغاچ قاداپ قويغانىكەن، قارىسا موما خېلى ئېگىز ئەر خوتۇن بىر بىرىنى يۆلىشىپ تۇرۇپ ئاچقۇچنى مومىنىڭ ئۇچىغا ئېسىپ قويۇشۇپتۇ ۋە بۇ يەرگە ھېچكىمنىڭ قولى يەتمەيدۇ دەپ جەزم قىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاققا راۋان بولۇپتۇ بۇلارغا يولدا بىر ھىيلىگەر ئادەم ئۇچراپتۇ، ئۇ شېتىلە بىلەن پېتىلەگە سالام بېرىپ -يول بولسۇن نەگە مېڭىشتىلا،دەپ سوراپتۇ شېتىلە بىلەن پېتىلە بىر بىرىنىڭ ئاغزىدىكى گەپنى تارتىۋېلىپ سۆزلەپ كېتىپتۇ ۋاي تەقسىر، بۈگۈن قېيىناتىمىزنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بارساق ئىككى جىڭ گۆش بەردى، ئۇنى قازانغا سېلىپ ئەمدى يەيلى دېسەك چىش كولىغۇچى يوق، شۇنى ئەكىرىش ئۈچۈن تاغقا كېتىۋاتىمىز دەپتۇ شېتىلە -ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچنى موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا ئېلىپ قويدۇق دەپتۇ پېتىلە-گۆش پىشاي دەپ قالغان يەنە كىرىپ يەپ كەتمىسىلە جۇمۇ -نېمە دېگەنلىرى بۇ خېنىم، دەپتۇ ھېلىقى ئادەم- ئۇنداقمۇ قىلامدىغان ئۇلار خوشلىشىپ ئۆز يوللىرىغا كېتىپتۇ، شېتىلە بىلەن پېتىلىنىڭ قارىسى ئۆتۈشى بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ گۆشنى يەپ شورپىسنى ئىچىپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچنى يەنە ئاۋۋالقىدەك موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا ئېلىپ قويۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ، شېتىلە بىلەن پېتىلە تاغقا بېرىپ ئارچا تېپىپ چىش كولىغىچ ياساپ ئۈچ كۈندە ئاران ئۆيگە كېلىپتۇ، ئىشىك ئېچىپ كىرىشىگە بىر دۆلەت قوڭغۇزى ئۆمىلەپ بوسۇغىدىن چىقىۋاتقان، بىردەمدىلا بىر تۆشۈككە كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ، شېتىلەر بىلەن پېتىلەر كىرىپ قازاننى ئاچسا ھېچنېمەيوق ۋاي ئىسىت بۇنى ھېلىقى قوڭغۇز يەپ كېتىپتۇ دەپ ئارقىدىن قوغلاپ چىقسا ھېچ نەدە يوق . ئىشىكنى ياپماي كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئەر خوتۇن بىر بىرىگە خېلى تاپىتەنە قىلىشىپتۇ ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ ئۇلار قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يەنە يوقلاپ بارغاندىن كېيىن چۆچۈرە بىلەن مېھمان قىلىپ قايتىش ۋاقتىدا بىر جىڭ گۆش بېرىپتۇ، شېتىلە بىلەن پېتىلە ئۆيگە كېلىپ گۆشتە چۆچۈرە ئېتىپتۇ، ئاش پىشقاندا شىتىلىنىڭ ئېسىگە قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە چۆچۈرىنى چوكا بىلەن ئىچكەنلىكى كېلىپتۇ دە بىر شەرتنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى بىلىپ دەرھال چوكىنى قانداق ياساش ئۈستىدە ئويلاپتۇ ئۇنىڭ شىلۋە ياغىچىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى ئەسلەپتۇ شىلۋە ئەلۋەتتە تاغدا بولىدۇ، ئاخىرى چۆچۈرىنى قازاندا قويۇپ ئىككىسى تاغقا ماڭماقچى بولۇپتۇ، بۇ قېتىم ئاچقۇچنى بۇرۇنقىدىن يوشۇرۇنراق جايغا قويۇشنى مەسلىھەتلىشىپ تونۇر تۈۋىدىكى كۈلگە كۆمۈپ ئۈستىگە ئەگرى بۈگرە قىلىپ سۇ سېپىپ بەلگە قىلىپ قويۇپ تاغقا مېڭىپتۇ، يولدا ھېلىقى ئادەم بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ شىتىيلە بىلەن پېتىلە بۇ نۆۋەت ئالداپ قۇتۇلماقچى بولۇپ كېلىشىۋاپتۇ ھە يول بولسۇن دەپتۇ ھېلىقى ئادەم، -تاغقا بارمايمىز، شىلۋە ياغىچىنى ئالمايمىز، چوكا ياسىمايمىز دەپتۇ شىتىلە-ئۆيدە چۆچۈرە ئەتمىدۇق، ئاچقۇچنى كۈلنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ ئۈستىگە ئەگرى بۈگرى سۇ سېپىپ قويمىدۇق، دەپتۇ پېتىلە، يولۇچى بۇلار بىلەن خوشلىشىپ توپتوغرا شېتىلە بىلەن پېتىلىنىڭ ئۆيىگە كېلىپتۇ دە، چۆچۈرىنى ئىچىپ قازاننىڭ ئاغزىنى بۇرۇنقىدەك يېپىپ قويۇپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچنى ئۆز جايىغا قويۇپ كېتىپتۇ، بۇ قېتىم شېتىلە بىلەن پېتىلە بەش كۈندە كېلىپتۇ، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ بېرىپ قازانغا قارىسا ھېچنېمە يوق، بىر چىۋىن قازاننىڭ ئىچىدىكى نەمنى شۈمۈۋاتقۇدەك ۋاي خوتۇن چاپسان بول ، پالتىنى ئەكىلىپ بەر دەپتۇ، پېتىلە پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ پالتىنى ئەكىلىپ بەرگەندىن كېيىن شىتىلە چىۋىننىڭ بېشىنى نىشانلاپ تۇرۇپ تازا كەلتۈرۈپ بىرنى قويۇپتۇ، قازان سەككىز پارچە بولۇپتۇ چىۋىن ئۇچۇپ بېرىپ پىتلىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ، ۋاي خوتۇن، دەپتۇ شېتىلە-مىدىرلىماي تۇر، بۇ قۇرغۇر سېنىڭ بېشىڭغا قوندى بۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمىسەم بولمايدۇ، دەپ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن بېرىپ بىر قويغانىكەن، خوتۇنىنىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپتۇ، ھېلىقى چىۋىن غىڭ قىلىپ ئۇچۇپ تۈۋرۈككە قونۇپتۇ، شېتلىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ تومۇرلىرى كۆپۈپ، ئاچچىق ئىچىگە، غەزىپى بېشىغا ئۆرلەپتۇ، سەن ھىيلىگار قۇۋ چىۋىن دەپتۇ شېتىلە-ئاشنى ئىچىڭ بىر، قازاننى چېقىڭ بىر، خوتۇننىمۇ ھەم ئۆلتۈرۈڭ بىر، ئەمدى تۈۋرۈككە قونۇپ ئۆگزىنى كۆمتۈرىۋەتمەكچىمۇ، مەن سېنىڭ شۇنداق ئەدىپىڭنى بېرەيكى خەپ توختا، ئۇ پالتىنى ئارقىسىغا يوشۇرۇپ ئاستا پۇتىنى ئۇچىدا دەسسەپ تۈۋرۈككە يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا ئىشىك ئېچىلىپتۇ قارىسا ھېلىقى ئاچ كۆز ئادەم كىرىپ كېلىۋاتقۇدەك ، ئۇ كۆڭلىدە بۈگۈن نەق سامسا تەييارلاپ قويغاندۇ دېگەن ئويدا ئىكەن، شىتىلىنىڭ خەپ شۈك دېگەن ئىشارتى بىلەن جىم تۇرۇپ قاپتۇ، شىتىلىنىڭ قولىدا پالتا بارلىقىنى ئۇقماپتۇ، شىتىلە ئەپلەپ تۇرۇپ تۈۋرۈككە راسا ئەكەلدۈرۈپ بىرنى قويغاندىن كېيىن تۈۋرۈك بىلەن بىللە لىممۇ چۈشۈپتۇ، چىۋىن ئۇچۇپ تالاغا چىقىپ كېتىپتۇ، سۇنغان يوغان لىم ياغاچ توپتوغرا ھېلىقى ئاچكۆز ئادەمنىڭ چوقىسىغا چۈشۈپ ۋايجان دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۆلۈپتۇ، شېتىلە بولسا ئۇنىڭ بىلەن چاتىقى يوق چىۋىننى قوغلاپ كېتىپتۇ...