: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

بۇلبۇلگويا

بۇلبۇلگويا

بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن ، كۈنلەردىن بىر كۈنى ، ئۇ بېغىنى سەيلە قىلىپ ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپتۇ ۋە ھارغاندىن كېيىن باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەتراپى رەڭمۇرەڭ گۈللەر بىلەن قاپلانغان باراڭدا دەم ئېلىپ يېتىپ ھەر خىل گۈللەرنىڭ خۇشپۇراقلىرى، تۈرلۈك تۈمەن قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن مەست بولۇپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ۋە چۈش كۆرۈپتۇ، بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بىر باغدا خىلمۇخىل مېۋىلەر پىشىپ، رەڭمۇ رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۈرلۈك تۈمەن قۇشلار سايرىشىپ تۇرغۇدەك، قۇشلارنىڭ ئارىسىدا بەكمۇ چىرايلىق بىر قۇش ئالايىتەن بىر يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ھەممە قۇشلاردىن چىرايلىق سايرىغۇدەك، ئۇنىڭ ھەربىر سايرىشىدا ئاغزىدىن دەستە-دەستە گۈللەر ئېتىلىپ چۈشكۈدەك، بۇ قۇشنىڭ ئېتى بۇلبۇلگويا ئىكەن، پادىشاھ -ئاھ بۇلبۇلگويا دەپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ قارىسا ئۆز بېغى ھەر قاچاندىكى مەنزىرە گۈللەر ئېچىلىپ قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان ، بۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىدە بىر بۇلبۇلگويا بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولار ئىدى، دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھنىڭ خىيالى كۆرگەن ھېلىقى بۇلبۇل گويادا قاپتۇ، پادىشاھ ئاشۇ بۇلبۇلگويانى بىر كۆرسەم ئۇنىڭ سايراشلىرىنى بىر ئاڭلىسام دېگەن ئارزۇ ئارمانلار بىلەن كۈندىن كۈنگە خىيالغا چۆكۈپ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان چىرايى سارغىيىپ مەيدىسىنى نەم يەرگە يېقىپ ياتىدىغان بولۇپتۇ، ئاتىسىنىڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بالىلىرى ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بېلىش ئۈچۈن -ئاتا سىزگە نېمە بولدى؟ نېمە بۇنچە خىيالغا چۆكۈپ چىرايىڭىز سارغايدى؟ نېمە ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز بار ؟ دەپ سوراپتۇ، لېكىن پادىشاھ -قويۇڭلار بالىلىرىم، مېنىڭ دەردىمنى سوراپ نېمە قىلىسىلەر، سىلەر سورىماڭلار، مەن ئېيتماي دەپ زادى ئېيتقىلى ئۇنىماپتۇ، لېكىن بالىلار ئاتىسىغا تىنچلىق بەرمەي ھەر كۈنى سوراۋېرىپتۇ ئاخىرى ئاتىسى ئۆزىنىڭ باغدا يېتىپ كۆرگەن چۈشىنى ۋە شۇ چۈشىدە كۆرگەن بۇلبۇلگويانىڭ ئىشىق پۇراققا چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەنە شۇ بۇلبۇلگويانى كۆرۈش ئۇنىڭ سايرىشىنى ئاڭلاش ئارزۇ ئارمىنىدا ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپتۇ ، شۇ ۋاقىتتا پادىشاھنىڭ تۇنجى ئوغلى -بۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا خىيال سۈرۈپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلامسىز ئاتا مەقسىتىڭىز شۇنداق ئىكەن نېمىشقا شۇ چاغقىچە بىزگە ئېيتمايسىز، مانا بىز بالىلىرىڭىز ، ئەلۋەتتە ئۇ بۇلبۇلگويانى تېپىپ كېلىپ سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزەلەيمىز دەپتۇ، ئوتتۇرانچى ئوغلىمۇ شۇنداق دەپتۇ ، كېيىن بالىلىرى بۇلبۇل گويانى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتىسىدىن ئىجازەت سوراپتۇ پادىشاھ بۇلبۇل گويانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس، ئۇنى تاپالامدۇ تاپالمامدۇ دەپ ئويلاپتۇ ئاخىرىدا -مەيلى ئىزدىسەڭلار ئىزدەپ كۆرۈڭلار، تېپىپ كىلەلىسەڭلار ئەجەب ئەمەس ، بالىلىرىم ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرۈپ سايرىشنى ئۆزى قۇلىقىم بىلەن بىر ئاڭلاپ ئۆلسەم ئارمىنىم يوق، دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ شۇ چاغدا پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلىمۇ -ئاتا مەنمۇ باراي دەپ ئىجازەت سوراپتۇ، ئاكىلىرىنىڭ-قوي ئۇكام يول ئۇزۇن ۋە قىيىن سەن بولساڭ تېخى كىچىك قىينىلىپ قالىسەن ئۇنىڭدىن كۆرە ئاتا ئانىمىزنىڭ ئالدىدا ئويناپ كۈلۈپ يۈرىۋەرگىن دېگىنىگە، ئاتا ئانىسىنىڭ-ياق بالام سەن تېخى سەپەرگە چىقىپ باقمىغان ئاكىلىرىڭ بارسۇن، سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئويۇنۇڭنى ئويناپ يۈرىۋەرگىن دېگىنىگە كۆنمەي -ياق بارىمەن دېدىم بارىمەن دەپ يىغلاپ تۇرىۋاپتۇ، پادىشاھ نەسىھەتكە كۆنمىسەڭ مەيلى بېرىۋەر بالام كۆرگىلىكىڭ بولسا كۆرەرسەن دەپ ئۇنىڭغىمۇ ئىجازەت بېرىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچ ئاكا ئۇكا سەپەرگە تەييارلىنىشقا باشلاپتۇ يول ئوزۇقى ئۈچۈن ئۈچ ياغلىق توقاچلارنى ياقتۇرۇپ سۈرگۈچلەرنى پىشۇرۇپ ئۈچ خورجۇننى تولدۇرۇپ تاغدىكى يېقىنلارنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى ئۈچ ئاتنى تاللىۋاپتۇ، ئۇلار يولغا ئالغان ئوزۇق تۇيۇقلىرىنى ئارتىپ ۋە ئاتا-ئ‍انىسىدىن رازىلىق ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ، كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەر، ھەپتىلەرنىڭ كەينىدىن ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ ئۇلار كۆپ دەريالارنى كېچىپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپتۇ تاغلاردىن ئېشىپ، چۆل باياۋانلارنى كېسىپتۇ، بىر يەرگە كەلگەندە ئۇلارغا ئۈچ ئاچا يول ئۇچراپتۇ، بۇ ئۈچ ئاچا يولنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر تاش بولۇپ ئۇنىڭغا خەت يېزىلغانىكەن-خەتتە ئوڭ تەرەپتىكى يول بارسا كېلەر، ئوتتۇرىسىدىكى يول بارسا يا كېلەر، يا كەلمەس، سول تەرەپتىكى يول بارسا كەلمەس، دەپ يېزىلغان ئىكەن ، ئەنە شۇ يەردە ، بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا، ئەمدى ھەر قايسىمىز ئۆز ئالدىمىزغا باشقا باشقا يولغا ماڭايلى، ئىزدىگەن بۇلبۇلگويانى بىرسىمىز تاپالمىساق، يەنە بىرسىمىز تاپارمىز دېيىشىپ ئۈچى ئۈچ يولغا چۈشۈپ ماڭماقچى بولۇشۇپتۇ، لېكىن ھېچقايسىنىڭ بارسى كەلمەس يولغا ماڭغۇسى كەلمەپتۇ، ئاكىلىرىنىڭ مۇشۇ ئوي بىلەن قىينىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ -مەيلى ئاكىلار بارسى كەلمەس يولىغا مەن ماڭاي ، سىلەر باشقىلىرىنى مېڭىڭلار دەپتۇ كەنجىسى مەن بارسا يا كېلەر ياكى كەلمەس يولىغا ماڭاي دەپتۇ ئوتتۇرانچىسى ئۇنداق بولسا مەن بارسا كېلەر يولغا ماڭاي دەپتۇ تۇنجىسى ئۇلار قايسى بىرىنىڭ قايتقان، قايسى بىرىنىڭ تېخى قايتمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئەگەر كىم ئىلگىرى قايتقۇدەك بولسا ئەنە شۇ تاشقا ئۆز ئىسمىنى ۋە قايتقان كۈنىنى يېزىپ كېتىشى ھەققىدە شەرتلىشىپتۇ-دە، ئۈچ تەرەپكە راۋان بولۇپتۇ ، بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى شۇ كېتىشى بىلەن كۆپ يول يۈرۈپ چۆل باياۋانلارنى، تاغلارنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ، يول ئوزۇقى تۈگەپتۇ، ئېتىنىڭ تاقلىرى ئۇپراپ چۈشۈپ ئاقساپ كېتىپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇپ بىر بۈك بوستانلىقنى كۆرۈپ قاپتۇ، بۇ بالا ئاشۇ يەردە ئادەم بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ توپ توغرا شۇ بوستانلىققا قاراپ مېڭىپتۇ، يەنە خېلى ماڭغاندىن كېيىن بوستانلىققا يېتىپ كېلىپ ئېتىنى خادىغا باغلاپتۇ-دە ، ئۆزى باغقا كىرىپتۇ قارىسا سالقىن باغ ، خىلمۇخىل مېۋىلەر پىشىپ رەڭلىك گۈللەر ئېچىلىپ تۈرلۈك تۈمەن قۇشلار سايرىشىۋاتقان...

باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل بولۇپ ئۇنىڭدا بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگۈدەك كۆلگە تۆت تەرەپتىن كۈمۈشتەك سۈزۈك سۇلار قويۇلۇپ تۇرغۇدەك ، لېكىن يا سۇنىڭ ئايىغى چىقمىغۇدەك ، يا كۆل تاشمىغۇدەك، باغنى ئارىلاپ بىر يەرگە كەلسە لىق بىر قازان تاماق پىشىپ تۇرغۇدەك، لېكىن باغدا ئادەم زاتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ، نەچچە كۈندىن بېرى ئاغزىغا بىر چىشلەم بىر نېمە سالماي قورسىقى ئېچىپ كەتكەن كەنجى بالا قازاندىكى تاماقتىن ئۇسسۇپ ئىچمەكچى بولۇپ قولىنى چۆمۈچكە ئۇزاتقان ئىكەن ، چۆمۈچ{ تاق }قىلىپ بالىنىڭ ماڭلىيغا تېگىپتۇ . پىشىپ تۇرغان ئالمىلاردىن يېمەكچى بولۇپ قولىنى شاخقا ئۇزارتقان ئىكەن، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى شاق قىلىپ كاچىتىغا ئۇرۇلۇپتۇ، بۇنىڭغا ھەيران بولغان بالا ئېتىنى ئوتلاشقا قويىۋېتىپ ئۆزى كۆل بويى ئارىسىدا دەم ئېلىپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ۋە مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا سالاپەتلىك بىر بوۋاي ھاسا تايىنىپ كېلىپ -بالام سەن خەتەرلىك جايغا دىۋىلەرنىڭ ماكانىغا كېلىپ قالدىڭ، نېمە ئۈچۈن ۋە نېمە ئىزدەپ بۇ يەرگە كېلىپ يۈرۈيسەن؟ دەپ سوراپتۇ، بالا بۇلبۇلگويانى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ -ھەي بالام، دەپتۇ بوۋاي،-قىيىن نەرسىنى ئىزدەپ كەپسەن، چۈنكى ئۇ دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ ئىچكىرى بېغىدا، سەن ھازىر ئۇنىڭ چەت بېغىدا تۇرىۋاتىسەن ئۇنى ئالماقچى بولۇپ كەلگەن ناھايىتى كۆپ ئادەم دېۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ، لېكىن سەن بىر ئىلاجىنى قىلىشىڭ مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قىل، ھەر كۈنى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا يېنىڭدىكى شۇ كۆلگە ئىككى كەپتەر كېلىپ ئۇچۇپ چۈشۈپ چۆمۈلۈپ ئوينايدۇ، بۇلار ئەنە شۇ دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ قىزلىرى، سەن سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىۋال-دە، قولىدىكى ئۈزۈكلىرىنى سوراپ تۇرۇۋال، ئۈزۈكنى ئالماي تۇرۇپ كىيىمىنى قايتۇرۇپ بەرمىگىن بولمىسا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن، خوپ بالام مەقسىتىڭگە يەتكىن ئىشىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاي-بوۋاي شۇنداق دەپ غايىب بولۇپتۇ، بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن بالىنىڭ قۇلىقىغا بىرسى كۆزۈڭنى ئاچ دېگەندەك قىلىپتۇ بالا چۆچۈپ ئويغانسا ھېچكىم يوق، پەقەت ئاسماندا ئىككى كەپتەر بىر بىرىنى قوغلاپ ئوينىشىپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقۇدەك، بالا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ مۆكۈنۈپ تۇرۇپتۇ، ھېلىقى كەپتەر كۆلنىڭ بويىغا چۈشۈپ بىر قانات قاققان ئىكەن، ئاي دىسە ئاي ئەمەس، كۈن دىسە كۈن ئەمەس چىرايلىق قىزلارغا ئايلىنىپتۇ، كېيىن باغنى ئايلىنىپ سەيلە قىلىشىپتۇ ئالمىلاردىن ئۈزۈپ يېيىشىپتۇ، قازاندىكى تاماقتىن ئۇسۇپ ئىچىشىپتۇ ئاندىن كۆلگە كېلىپتۇ- دە كىيىملىرىنى سېلىپ قويۇپ چۆمۈلۈشكە، بىر-بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئويناشقا باشلاپتۇ، شۇ چاغدا بالا سەزدۈرمەي ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ-دە كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىۋاپتۇ، قىزلار سۇغا چۆمۈلۈپ بولۇپ كىيىملىرىنى كىيەي دېسە كىيىمى يوق تۇرغۇدەك، قىزلار يالىڭاچ بولغانلىقتىن ئىزا تارتىپ كۆلدىن چىقالماپتۇ-دە كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سوراپ يالۋۇرشىپتۇ، لېكىن بالا قىزلارغا ئۈزۈكىڭلارنى بەرسەڭلار قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپتۇ، قىزلار يالۋۇرۇپ يېلىنىپ كىيىملىرىنى ئالالمىغاندىن كېيىن ھەر ئىككىسى قولىدىكى ئۈزۈكنى چىقىرىپ بېرىپتۇ، بالا ئۈزۈكنى ئاپتۇ-دە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆزى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇرۇپتۇ، بالىمۇ قەددى قامىتى كېلىشكەن ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن قىزلار كىيىملىرىنى كىيىپ چاچلىرىنى تاراپ تۇرۇپ ھەر قايسىسى ئۆز ئىچىدە ، بۇ يەرگە كەلگەن ھەر قانداق ئادەم زادى تىرىك قالمايتتى، لېكىن بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ قورقماسلىقى ۋە ئەقىللىقلىكى بىلەن بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشمەستىن بىزنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى، دېمەك بۇ يىگىتتىن ئايرىلماسلىق كېرەك، دەپ ئويلاپ ھەر ئىككىسى بالىنىڭ جامالىغا زوقلىنىپ ئاشىق بولۇپتۇ، ئۇنىڭغا تاماق بېرىپ قورسىقىنى تويدۇرۇپتۇ، ئالما ئۈزۈپ بېرىپتۇ باغنى سەيدە قىلدۇرۇپتۇ ئىگىچە-سىڭىلنىڭ ھەر قايسىسى يىگىتنى ئۆزىگە قارىتىۋالماقچى بولۇپ تالىشىپ قاپتۇ -ئاچىسى: مەن سېنىڭدىن چوڭ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىگىت مېنىڭ بولۇشى كېرەك، ئولجا دېگەن ئاۋۋال چوڭىغا كېيىن كىچىكىگە تېگىدۇ، دەيدىكەن سىڭلىسى بولسا -ياق ئۇنى سېنىڭدىن ئاۋۋال مەن كۆرگەن، ئ‍ولجىمۇ ئاۋۋال تاپقاننىڭ بولىدۇ دەپ تالىشىدىكەن، شۇنداق قىلىپ ئىگىچە سىڭىل ئىككىسى تالىشىشتا قاپتۇ، ئۆز ئارا كېلىشەلمىگەندىن كېيىن: بولمىسا سوراقچىنىڭ ئالدىغا بارىمىز، سوراقچى قايسى بىرىمىزگە بۇيرۇپ بەرسە يىگىت شۇنىڭ بولسۇن دەپ دېۋىلەر سوراقچىسىغا بېرىپتۇ، سوراقچىنىڭ ئالدىغا ئاۋۋال ئاچىسى كىرىپ: سوراقچى بۈگۈن بىز ئىگىچە سىڭىل ئىككىمىز بىر ئولجا تېپىۋالغان ئىدۇق، لېكىن ئۇنى ئىككىگە بۆلگىلى بولمايدۇ، سىڭلىم بولسا مەن ئاۋۋال كۆرگەن شۇڭا مەن ئالمىسام بولمايدۇ دەيدۇ، مەن دەيمەن چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن ئالىمەن دەيمەن، شۇ سەۋەبتىن ئالدىلىرىغا كەلدۇق، ئۇنى قايسىمىز ئېلىشىمىز كېرەك دەپتۇ، سوراقچى بولسا قىزنىڭ ھۆسۈن جامالىغا مەپتۇن بولۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ-دە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ -توغرىسىنى ئېيتقاندا ئولجا ئاۋۋال كۆرگەننىڭ بولىدۇ، ئەگەر سىز ئۇلارنى ئېلىشقا شۇنچە قىزىقىپ كەتكەن بولسىڭىز، ئاۋۋال مېنى بىر سۆيۈپ قويۇڭ، ئولجىنى سىزگە بۇيرۇپ بېرىمەن، دەپ شەرت قويۇپتۇ، قىز يىگىتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن سوراقچىنىڭ شەرتىگە ئىلاجىسىز رازى بولۇپتۇ، سوراقچى قىزنى مەھكەم قۇچاقلىۋېلىپ سۆيۈشكە باشلاپتۇ، شۇ چاغدا ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ تۇرغان سىڭلىسى بۇ ئىشنى كۆرۈپ قېلىپ دەررۇ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ-دە -ھەي شەرمەندىلەر، بۇ قانداق ئىش سىلەرنى ئاتامغا ئېيتمىسام خەپ توختاڭلار، دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ

ئەگەر بۇ گەپ پادىشاھقا يەتسە كاللىسى ئېلىنىدىغانلىقىدىن قورققان دىۋە -ئەي قىزىم ۋارقىرىماڭ ئولجا سىزنىڭ، گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ، ۋە يىگىتنى كىچىكىگە بۇيرۇپ بېرىپتۇ ئەگەر بۇ ئىشنى ئاتىسىغا ئېيتىپ قويسا جېنى تېنىدىن جۇدا بولىشىدىن قورققان ئاچىسىمۇ -جېنىم سىڭلىم ئاغزىڭنى يۇم، مەيلى يىگىت سېنىڭ بولسۇن دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ، يىگىتنى ئۆزىگە ھۆكۈم قىلدۇرۇۋالغان سىڭلىسى خۇشال بولۇپ -مەيلى، سىلەرنى كۆرمىدىم، مېنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، دەپ يۈگۈرگىنىچە يىگىتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپتۇ ۋە يىگىتتىن بۇ يەرگە نەدىن ۋە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ، يىگىت ئۆزىنىڭ نەدىن ۋە نېمە مەقسەتلەر بىلەن كەلگىنىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ -ھەي يىگىت، يولۇڭ يىراق, مەقسىتىڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەس ئىكەن، سەن ئىزدەپ كەلگەن بۇلبۇلگويا مېنىڭ ئاتامدا با، ئاشۇ كۆرۈنگەن تاغنىڭ باغرىدا ناھايىتى چىرايلىق بېغىمىز بار، دەپ قولىنى سوزۇپ تاغنى كۆرسىتىپتۇ قىز،-بۇلبۇلگويا شۇ باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن قەپەستە تۇرىدۇ، ئۇ باغقا ئادەم زاتى ئاياغ باسالمايدۇ . ئەگەر بىر ئىلاجىنى تېپىپ كېرەلىگەن تەقدىردىمۇ تىرىك چىقالمايدۇ، بۇ يولدا تالاي تالاي ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن، لېكىن بۇلبۇلگويانى ئېلىش ئۈچۈن مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن ، بۇ ئىشنى پەقەت ھەپتە ئاخىرقى كۈنى كېچىسىلا ئورۇنلاش مۇمكىن، چۈنكى ھەپتە ئاخىرقى كۈنى ئاتام ئوۋغا چىقىپ كەچ قايتىدۇ ۋە ئاخشىمى ھاراق شاراپ ئىچىپ ئۇزاق ئويۇن تاماشالاردىن كېيىن ئۇخلاپ قالىدۇ، باغنىڭ قاراۋۇللىرىمۇ مەستلىكتە قاتتىق ئۇخلاپ كېتىدۇ، ئەنە شۇ چاغدىلا باغقا كىرىش مۇمكىن، لېكىن باغنىڭ ئىچىدە يولۋاس ۋە شىرلار بار، ئۇلار ناھايىتى خەۋپلىك قولۇڭدىكى مانا بۇ ئۆزۈكنى باغدىكى يولۋاس ۋە شىرلار تونۇيدۇ ئۇلار بۇ ئۈزۈكنى كۆرۈشى بىلەنلا ساڭا ھېچقانداق زىيان زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، بۇلبۇلگويانى پەقەت قەپىسى بىلەنلا ئالغىن، بىراق قەپەسنى ئېچىپ سالمىغىن، ئەگەر قەپەسنى ئاچساڭ بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ كۈلىۋېتىدۇ، ئۇ چاغدا لەشكەر ۋە قاراۋۇللار ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار تېنىڭنى پارچە پارچە قىلىپ يولۋاس شىرلارغا تاشلاپ بېرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قىز يىگىتنى پىنھان بىر يەرگە جايلاشتۇرۇپتۇ ۋە ھەر كۈنى بىللە كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپتۇ، شۇنداق قىلىپ كۈتكەن ھەپتە ئاخىرقى كۈنىمۇ كېلىپتۇ سەھەردە دىۋىلەر پادىشاھى تاغقا ئوۋغا كېتىپتۇ، ئۇ كۈن بويى تاغمۇ- تاغلارنى كېزىپ ئوۋلاپ يۈرۈپ ھېرىپ چارچاپ كەلگەندە ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن تاماشا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. تاماشاغا دىۋىلەرنىڭ ھەممىسى توپلىنىپتۇ، يىگىت بۇلبۇلگويا تۇرغان باغقا قاراپ مېڭىپتۇ باغقا يېقىن بىر يەرگە كېلىپ دىۋىلەرنىڭ ئۇخلىشىنى كۈتۈپ يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ، دىۋىلەرنىڭ ئويۇن تاماشاسى يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلىپتۇ، ھەممىسى مەسلىكتىن ئۆزلىرىنى بىلمەي ئۇخلىشىپ ۋاراڭ چۇرۇڭ بېسىلغاندىن كېيىن، يىگىت دېۋىلەر ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ بېسىلدىغۇ دەپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ۋە باغقا يېقىن كېلىپ ئۇياق بۇياققا قاراپتۇ ھېچكىم كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ئاستا شورىدىن باغقا كىرىپتۇ، باغنى ئايلىنىپ يۈرگەن يولۋاس ۋە شىرلار يىگىتكە قاراپ ئېتىلىپتۇ. لېكىن يىگىت قولىدىكى ئۈزۈكنى شۇنداق كۆرسىتىشى بىلەنلا ئۇلار جىم بولۇشىپتۇ ۋە تەزىم قىلغاندەك باشلىرىنى ئېگىشىپ تۇرۇپتۇ، يىگىت گۈللەرنىڭ ئارىسىدىن ، بۇلبۇل گويانى تېپىپتۇ دە، ھېلىقى قىزنىڭ جېكىلگەن سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ- بۇلبۇل گويانى تاپتىم، ئەمدى قەپەسنى ئېچىپ ئۇنى بىر كۈلدۈرەيچۇ، دەپ قەپەسنى ئېچىپتۇ شۇ چاغدا بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ بىر كۈلىۋەتكەن ئىكەن ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن ئۇيقۇدىكى ھەممە دىۋىلەر ئويغىنىپ كېتىپ باغقا قاراپ يۈگۈرۈشىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان قىزمۇ ئەنسىرەپ باغقا ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇچۇپ كېلىپتۇ ۋە دەرھال كېلىپ يىگىتنى يوشۇ بۇلبۇلگويانى ئۆز قولغا ئېلىپ تۇرۇپتۇ، كېيىن يۈگۈرۈشۈپ كەلگەن دىۋىلەرگە -بۇ مەن بۇلبۇلگويانى كۈلدۈرۈپ كۆڭۈل ئېچىۋاتىمەن، بۇ يەرگە مېنىڭدىن باشقا كىممۇ كىرەلەيتتى، خاتىرجەم بولۇپ ئۇيقۇڭلارنى ئۇخلاۋېرىڭلار دەپ قايتۇرۇپتۇ، دېۋىلەر قىزنىڭ بۇ سۆزىدىن خاتىرجەم بولۇپ ئۆز جايىلىرىغا كېتىشىپتۇ، قىز بولسا بۇلبۇلگويانى جايىغا قويۇپ، بۇ ئىشنى كېيىنكى ھەپتە ئاخىرقى كۈنىگە قالدۇرۇپتۇ، سەۋەبى بۇ ھەپتىدە يىگىت بۇلبۇل گويانى ئېلىپ كەتسە دىۋىلەر ئۇنى قىزدىن كۆرۈشى تۇرغان گەپ ئىكەن. شۇنداق قىلىپ يەنە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ قىز بىلەن يىگىت كۆلدە سۇغا چۆمۈلۈپ باغدا ئوينىشىپ يۈرۈپ ھەپتە ئاخىرقى كۈنىمۇ كېلىپتۇ، بۇ قېتىم قىز يىگىتكە راستلا قاتتىق جېكىپ -ئەگەر قەپەسنى يەنە ئاچىدىغان بولساڭ ئەنە ھەر ئىككىمىز ھالاك بولىمىز، قۇلىقىڭدا تۇتقۇنكى قەپەسنى زادى ئاچما دەپتۇ، دېۋىلەر پادىشاھى يەنە ئوۋغا كېتىپتۇ، كەچقۇرۇن ھېرىپ كېلىپ ئولتۇرۇش قىلىپتۇ ئويۇن تاماشا، ئىچكۈلۈك باشلىنىپتۇ، يەنە ھەممىسى مەست بولۇپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، ئەنە شۇ چاغدا يىگىت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇدە تونۇش يول بىلەن ئۇياق بۇياققا قاراپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن شورىدىن باغقا چۈشۈپتۇ، ئۆزىگە قاراپ ئېتىلغان يولۋاسلارغا ، يەنە ھېلىقى ئۈزۈكنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى تىنچلاندۇرۇپتۇ دە، گۈللەرنى ئارىلاپ بېرىپ بۇلبۇل گويانى ئاپتۇ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرقى كۈنى كېچىسى قىلغان خاتاسىنى ۋە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئەسكە ئېلىپ قەپەسنى ئاچماستىن توپ توغرا ئۆزى تۇرغان باغقا كېلىپتۇ ۋە بۇلبۇلگويانى ئېلىپ يۇرتىغا قايتماقچى بولۇپتۇ، قىز يىگىتنى نۇرغۇن سوۋغا سالام بىلەن يولغان ساپتۇ، -ئەگەر بېشىڭغا بىرەر ئېغىر كۈن چۈشكۈدەك بولسا مانا بۇ چاچنى كۆيدۈرىسەن شۇ زامان مەن ھازىر بولىمەن، دەپ بىر تال چېچىنى يۇلۇپ يىگىتكە بېرىپتۇ. بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپتۇ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ يىگىت تالاي دەريالاردىن ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ يىگىت نۇرغۇن چۆل باياۋانلارنى بېسىپ ئاكىلىرى بىلەن ئايرىلىشقان ھېلىقى ئۈچ ئاچا يولغا يېتىپ كېلىپتۇ، ئۇ يېتىپ كېلىپ تاشقا قارىسا ھېچبىر خەت يېزىلمىغان يىگىت ئاكىلىرىم تېخىچە قايتماپتۇ ئۇلارنى تاشلاپ كەتسەم بولماس ئۇلارنى ئىزدەي بولسا بىللە كېتەرمىز بولمىسا بىر خەۋەرنى ئېلىپ كېتەرمەن دېگەن ئويغا كېلىپتۇ ۋە ھېلىقى تاشقا -مەن ئۇكاڭلار، بۇلبۇلگويانى تېپىپ قايتقان ئىدىم، لېكىن سىلەرنىڭ قايتمىغىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئىزدەپ كەتتىم، ئەگەر بىر بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشالماي قايتقۇدەك بولساق مۇشۇ تاشقا يېزىپ كېتىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن يېتىپ بارىمەن دەپ يېزىپ قويۇپ ، ئوتتۇرانچى ئاكىسى كەتكەن بارسا يا كېلەر يا كەلمەس يولغا راۋان بولۇپتۇ، كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ بېرىپتۇ. بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا ئوتتۇران ئاكىسى بىر ئاشخانىنىڭ ئوچىقىدا ئوت قالاپ كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن، سەپسېلىپ قارىسا كىيىملىرى يىرتىلىپ جۇلجۇل بولۇپ، جۈدەپ كۆزلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىكەن، كېيىن ئۇكىسى ئاكىسىنى كۆرۈپ تونۇپتۇ ئاكىسى ئۇكىسىنى تونۇماپتۇ، يىگىت ئۆزىنى تونۇتمايلا بېرىپ بىر سارايغا چۈشۈپتۇ دە، يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئاستا ئاشخانىغا كېلىپتۇ ۋە ئاشپەزگە مەن قوش تۇرنا دۆڭدە تۇرىمەن، ئاۋۇ ئوت ياقارىڭىزدىن مەن تۇرغان سارايغا مانتا ئەۋەتىپ بېرىڭ دەپ پۇلنى تۆلەپ كېتىپتۇ...

ئاشپەز بىردەمدىن كېيىن بىر لېگەنگە مانتىنى سېلىپ ئوراپ ئوت ياقارغا ئاپىرىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ، ئاكىسى كىلىپ مانتىنى ئۇكىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قايتماقچى بولۇپ بۇرۇلۇپتۇ شۇ چاغدا ئۇكىسى توختاڭ بۇياققا كېلىڭ مانتىنى بىللە يەيمىز دەپتۇ، ئوت ياقار بولسا خىجالەت بولۇپ -ياق ، ياق ، رەھمەت . بۇ جۇلجۇل كىيىملىرىم بىلەن سىزدەك بىر بايۋەچچە بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىر لېگەندە تاماق يېسەم قاملاشمايدۇ دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپتۇ . لېكىن ئۇكىسى ئۇنىماي -ياق بۇياققا كېلىڭ. مەن تاماقنى يالغۇز يېيەلمەيمەن ماڭا ھەمراھ بولمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ تۇرىۋاپتۇ، كېيىن ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىپتۇ ئاكىسى بۇ يىگىتنى بىر يەردە كۆرگەندەك لېكىن قەيەردە كۆرگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈرەلمەپتۇ، ئۇكىسى ئۇياق بۇياقتىن پاراڭ قىلىپ ئاخىرى ئۆزىنى تونۇتۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئاكا ئۇكا ئىككىسى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ مۇڭدىشىپتۇ، ئاكىسى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى قانداق بولۇپ بۇ كۈنلەرگە دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ، كېيىن ئۇكىسى بازارغا بېرىپ يېڭى كىيىم كېچەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئاكىسىنى كىيىندۈرۈپتۇ ۋە ئاشخانىدىن چىقىرىۋاپتۇ شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىككىسى ئەمدى چوڭ ئاكىمىزنى تاپايلى دېيىشىپ يولغا راۋان بوپتۇ، نۇرغۇن يېزا ۋە شەھەرلەرنى كېزىپتۇ ئۇچرىغان كىشىلەردىن سوراپتۇ ھېچ يەردىن خەۋەرنى ئالالماي يەنە بىر چوڭ شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. بىر كۈنى بازارنى ئارىلاپ يۈرۈپ بىر يەردە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ توپلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ دە ، ئاكا ئۇكا ئىككىسى شۇ يەرگە بېرىپتۇ قارىسا ئوتتۇرىدا جۇلجۇل كىيىملىك قولىدا ئۇزۇن ھاسا تۇتقان بىر قەلەندەر ساپايە سوقۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقۇدەك، ئۇلار سىنچىلاپ قارىسا ئۆزلىرى ئىزدەپ يۈرگەن چوڭ ئاكىسى ئىكەن ، لېكىن ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا تونۇشلۇق بەرمەي ئۆزلىرى چۈشكەن سارايغا بېرىپتۇ دە سارايۋەنگە ئىلتىماس قىلىپ بىز بۈگۈن بازاردا ساپا سوقۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقان بىر قەلەندەرنى كۆردۇق ئۆزىمىز مۇساپىر بولغىنىمىز ئۈچۈن شۇ قەلەندەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولدۇق، سىز شۇ قەلەندەرنى چاقىرىپ ئەكىلىپ بەرسىڭىز دەپتۇ سارايۋەن بازارغا بېرىپ قەلەندەرنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا -ھەي قەلەندەر، بۇياققا كەل ، ئىككى كىشى سېنىڭ ناخشاڭغا خۇشتار بولۇپ قاپتۇ ئۇلار سودىگەرلەرمۇ ياكى سەيلە قىلىپ يۈرگەن بايۋەتچىلەرمۇ بىلمەيمەن، ئۇلار بىزنىڭ سارايغا كېلىپ چۈشكەن سېنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى يۈر مەن بىلەن دەپ قەلەندەرنى بىللە ئەكەپتۇ، قەلەندەر سارايغا كېلىپ -ھەر قايسىلىرىنىڭ ھۇزۇرلىرىغا قانداقلېكىن خىزمەتلىرى بولسا بەجا كەلتۈرۈشكە كەلدىم دەپ تىز پۈكۈپ تەزىم قىلىپتۇ -كېلىڭ كېلىڭ دېيىشىپ ئاكا ئۇكا ئىككىسى قەلەندەرگە جاي كۆرسىتىپتۇ -بازاردا سىزنىڭ ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ خۇشتار بولۇپ قالدۇق بىر ناخشا ئېيتىپ بەرسىڭىز دەپ ئىلتىماس قىلىپ كىشى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئەگەر مۇمكىن بولسا ناخشىڭىزدىن بىر ئاڭلىساق دەپ ئۇنى ئۆز يانلىرىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ ، قەلەندەر -ئەگەر مېنىڭ ناخشامغا خۇشتار بولساڭلار سىلەردەك ياخشىلارغا جان دىلىم بىلەن خىزمەت قىلاي، دەپ قەدرىنى رۇسلاپ ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ، بىردىن خىيالى بۆلۈنۈپ بۇ كىشىلەر كۆزۈمگە خۇيمۇ ئىسسىق كۆرۈندىغۇ، قەيەردە كۆرگەندەك قىلىمەن دەپ ئويلاپتۇ يۇ، لېكىن زادى يادىغا كەلتۈرەلمەپتۇ، كېيىن كەنجى ئۇكىسى ئۇياقتىن بۇياقتىن پاراڭ قىلىپ ئاستا-ئاستا ئۆزلىرىنى تونۇتۇپتۇ ۋە ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، ئاندىن كېيىن كەنجى ئۇكىسى بازارغا بېرىپ يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كېلىپ ئاكىسىنى كىيندۈرۈپتۇ ۋە ئۇزاق مۇڭدىشىپ بېشىدىن ئۆتكەننى ئېيتىشىپتۇ بۇ ئۈچ ئاكا ئۇكا بىر نەچچە كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قاراپ يول ئاپتۇ، ئۇلار ئۇزاق مېڭىپ ئۆز شەھىرىگە يېتىشكە يەتتە كۈنلۈك يول قالغاندا چوڭ ئاكىسى بىلەن ئوتتۇرانىسىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ، ئۇلار بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن توختاپتۇ تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ دەم ئېلىپ ياتقاندا ئىككى ئاكىسى يوشۇرۇنچە بىز ئۆيگە بارغاندا ئۇكىمىز بۇلبۇلگويانى مەن تاپتىم دېسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرسىمىزنىڭ ئاشخانىدا ئوت قالاپ بىرسىمىزنىڭ تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگىنىمىزنى ئېيتىپ قويسا بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئۇيات ئىش بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆلۈۋالغىنىمىز تۈزۈك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ بۇلبۇلگويانى ئۆزىمىز ئېلىپ بارايلى. ئەگەر ئۇكىمىزنى سورىغۇدەك بولسا، ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن، ئۇنى ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق دەيلى، دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ، ئۇلار كەنجى ئۇكىسىنىڭ ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى قۇدۇققا تاشلاپتۇ ئۆزلىرى بۇلبۇل گويانى ئېلىپ يەتتە كۈندىن كېيىن ئۆيگە يېتىپ بېرىپتۇ. بالىلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ئاتا-ئانا ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ كېيىن كەنجى ئوغلىنى سوراپتۇ ئۇلار كېلىشىۋالغان گېپى بويىچە بىز بۇ يەردىن چىقىش بىلەنلا ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن، شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى كۆرمىدۇق بىز بۇلبۇلگويانى تاپقاندىن كېيىن ئۇنى كۆپ ئىزدىدۇق، بىراق ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ، ئاتا-ئانا كەنجى ئوغلىنىڭ دەردىدە قاتتىق قايغۇ ھەسرەت چېكىپتۇ، بۇلبۇلگويامۇ سايرىماستىن خيالغا پېتىپ كېتىپتۇ ئاتىسى-ئاھ بۇلبۇلگويا تېپىلدى دەپ خۇشال بولسام ئەمدى ھەممىدىن كەنجى بالامنىڭ دەردى مىنى چۆكتۈردى، دەپ يەنە ھەسرەتكە چۆكۈپ كەنجى بالىسىنىڭ دەردىدە يىغلاپ يۈرۈپ ئاتىسىمۇ ئانىسىمۇ كۆز نۇردىن ئايرىلىپتۇ، كەنجى ئوغلى ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ھوشىغا كېلىپ قارىسا قاراڭغۇ قۇدۇقنىڭ تېگىدە ياتقۇدەك، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قۇدۇقتىن چىقىشقا ھەرىكەت قىلىپ كۆرۈپتۇ لېكىن چىقالماپتۇ، ھېلىقى قىز بەرگەن بىر تال چاچنى كۆيدۈرەي دەپ چاقماق تاشنى چېقىپ كۆرسە ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكتىن يانماپتۇ ، تەلەيگە يارىشا شۇ ئارىدا قۇدۇق يېنىغا بىر نەچچە كارۋان كېلىپ چۈشۈپتۇ، ئاتلىرىنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاردىن بىرسى قۇدۇقتىن سۇ تارتىشقا چېلەك تاشلاپتۇ شۇ ۋاقىتتا يىگىت چېلەككە ئېسىلىۋاپتۇ كارۋان چېلەكنى تارتسا كۈچى يەتمەپتۇ كېيىن ئىككى ئۈچى بىر بولۇپ تەسلىك بىلەن تارتىپ چىقارسا بىر يىگىت چىقىۋاتقۇدەك يىگىت قۇدۇقتىن چىقىپ ۋەقەنى كارۋانلارغا ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە ھېلىقى چاچنى كۆيدۈرۈپتۇ، شۇ چاغدا ئاسماندىن بىر كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ قۇدۇق بېشىغا قونۇپ بىر قانات قېقىپلا قىزغا ئايلىنىپتۇ دە يىگىتتىن بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشتى؟ دەپ سوراپتۇ، يىگىت بولغان ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ قىز قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىككى قېتىم چاۋاك چالغان ئىكەن توقۇقلۇق ئىككى تۇلپار كىشنىگىنىچە يېتىپ كېلىپتۇ، ئىككىسى ئىككى تۇلپارغا مىنىپتۇ دە چۇھ دەپ يولغا چۈشۈپتۇ، ئۇلار يەتتە كۈنلۈك يولنى يېرىم كۈندە بېسىپ ئۆيگە يېتىپ بېرىپتۇ، قىز بىلەن ئىشىكتىن شۇنداق كىرىشى بىلەنلا نەچچە كۈنلەردىن بۇيان كۈلمەستىن غەمكىن ياتقان بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ بىر كۈلىۋەتكەن ئىكەن، ئۇنىڭ كۈلكىسى پۈتۈن ئۆينى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ، ئۇكىسىنىڭ تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگىنىنى ئاكىللىرى بىلەلمەي قاپتۇ، كۆز نۇرلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا بىلەن ئانا بۇلبۇلگويانىڭ كۈلۈشىنى ئاڭلاپ خۇشال بولسىمۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەپتۇ، كەنجى ئوغۇل ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام مېھرىبانلىرىم سالامەتمۇ سىلەر، مەن كەنجى ئوغلۇڭلار، دەپ ئاتا ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانا ۋاي جېنىم بالام بارمۇ سەن نەلەردە يۈرگەنسەن، ئاكىلىرىڭ سېنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ كەلگەن ئىدى، دەردىڭدە تولا يىغلاپ كۆز نۇرىمىزدىن ئايرىلدۇق بالام دەپ يىغلاپ بالىسىنى باغرىغا بېسىپتۇ، خۇشاللىقتىن كۆزلىرى ئاستا-ئاستا ئېچىلىپتۇ ۋە ۋاي بالام سېنىمۇ كۆرىدىغان كۈن بار ئىكەنغۇ دەپ ئوغلىنى يېڭى باشتىن باغرىغا بېسىپ يىغلىشىپتۇ، كەنجى ئوغلى ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ، بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئاكىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئاخىرى ئۇلارنىڭ قىلغان قەستلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاتا-ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىنى ئاتا-ئانىسىغا تونۇشتۇرۇپتۇ، بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. ھەر كۈلگەندە ئۇنىڭ ئاغزىدىن دەستە-دەستە گۈللەرئېتلىپ چىقىپتۇ، كەنجى ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن غەزەپلەنگەن ئاتا چوڭ ئوغلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىشقا بۇيرۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇلبۇلگويانى بىر كۆرۈشكە ئارمان قىلغان پادىشاھ ئۇنى ئۆز يېنىغا ئالايىتەن جايلاشتۇرۇپتۇ ۋە ھەر كۈنى ئۇنىڭ سايرىشىدىن زوقلىنىپ مۇرات مەقسىتىگە يېتىپتۇ، تۈگىدى