: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

ھېكمەتلىك ئەينەك

ھېكمەتلىك ئەينەك

ئۆتكەن زاماندا مەلۇم بىر شەھەردە بىر كەمبەغەل كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قالغان دىلشات ئىسىملىك ئارزۇلۇق بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. بۇ كىشى دىلشاتنى بىلىملىك، ئەقىللىك ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە بايلارغا كېچە - كۈندۈز چاكار ئىشلەپ پۇل توپلايدىكەن. دىلشات يەتتە ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىپتۇ. دىلشات زېرەك، ئەقىللىك بالا بولغاچقا، مەكتەپكە كىرگەن كۈندىن باشلاپ ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپتۇ، باشقا ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا بەكمۇ تىرىشىپ ئوقۇپتۇ. دىلشات بىر كۈنى ئەزىز، ئەدھەم ئىسىملىك ساۋاقداشلىرى بىلەن بازارغا چىقىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، كوچىنىڭ دوقمۇشىدا نۇرغۇن ئادەم تامغا چاپلانغان بىر ئېلاننى ئوقۇۋاتقۇدەك. بۇلارمۇ ئادەملەر ئارىسىدا قىستىلىپ كىرىپ ئېلاننى ئوقۇپتۇ. ئېلاندا:«كىم بەش يۈز تىللا تاپشۇرسا، ھېساباتچىلىق ئۆگىتىپ قويۇلىدۇ» دېيىلگەنىكەن. دىلشات ئىككى ساۋاقدىشىغا: - بىز ھېساباتچىلىقنى ئۆگەنسەك قانداق؟ — دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. - تۆلەيدىغان پۇلىمىز يوق،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەزىز، ئەدھەممۇ شۇنداق دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا،_ دەپتۇ دىلشات،— مەن ئوقۇي، سىلەر مەكتىپىڭلارغا كېتىۋېرىڭلار،— دەپ قويۇپ ئۆيىگە كېتىپتۇ. دىلشات ئۆيىگە بېرىپ، كوچىدا كۆرگەن ئېلاننىڭ مەزمۇنىنى ئاتىسىغا دەپ بېرىپتۇ ۋە ھېساباتچىلىقنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاتىسى دىلشاتنىڭ ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تىرىشىپ-تىرمىشىپ تاپقان پۇلىدىن بەش يۈز تىللا بېرىپتۇ. دىلشات بەش يۈز تىللانى ئاپىرىپ تاپشۇرۇپتۇ. ئۆگىنىش بىر يىل داۋام قىپتۇ، بىر يىل ئىچىدە دىلشات تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشىنى تۈگىتىپتۇ، ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاتىسىغا ھەمكارلىشىپ كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە چاكار ئىشلەپتۇ. بىر كۈنى دىلشات كوچا ئايلىنىش ئۈچۈن بازارغا چىقىپتۇ، قارىغۇدەك بولسا، بازار دوقمۇشىدا نۇرغۇن ئادەم بىر ئېلاننى ئوقۇۋاتقۇدەك. دىلشاتمۇ بېرىپ ئېلاننى ئوقۇپتۇ. ئېلاندا:«ھېكمەتلىك ئەينەكنىڭ سىرى ئۆگىتىلىدۇ، ئۆگىنىشنى خالىغۇچىلار بەش يۈز تىللا تاپشۇرىدۇ» دېيىلگەنىكەن. دىلشات: يەنە بىچارە ئاتام مېنى بېقىش ئۈچۈن جاپا چېكىپ بايلارغا ئىشلەۋاتىدۇ، ھېساباتچىلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بەش يۈز تىللا تۆلىدى، بۇ ھېكمەتنى ئۆگىنەي دېسەم نەدىمۇ پۇل بولسۇن دەپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. ئاتىسى دىلشاتنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ، دىلشات شەھەرگە چاپلانغان ئېلاننىڭ مەزمۇنىنى ئاتىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئۇزاق ئويلىنىشتىن كېيىن: - خەير، بوپتۇ، ئۆگەنگىن، مەن كىشىلەردىن پۇل سوراپ باقاي،— دەپ دىلشاتنى خاتىرجەم قىپتۇ. ئەتىسى ئاتىسى بەش يۈز تىللانى دىلشاتقا تۇتقۇزۇپ ماڭدۇرۇپتۇ. دىلشات مەكتەپكە بېرىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئۆگىنىشكە كىرىشىپتۇ. ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق تىرىشىپ ئوقۇپتۇكى، ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇشىنى پۈتكۈزۈپ، بىر دانە ھېكمەتلىك ئەينەكنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى دىلشات بازارغا چىقىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بازار دوقمۇشىدا يەنە نۇرغۇن ئادەم ئېلان ئوقۇۋاتقۇدەك. بېرىپ ئېلاننى ئوقۇغۇدەك بولسا، ئېلاندا: «ھەر خىل سازلارنى چېلىشنى ئۆگىتىمىز، ئىختىيار قىلغانلار ئۆزىنى مەلۇم قىلسۇن، ھەققى بەش يۈز تىللا» دېيىلگەنىكەن. بۇ ئېلاننى كۆرگەن دىلشاتنىڭ روھى تېخىمۇ چۈشۈپ ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. ئاتىسى تاماق بەرسىمۇ يېمەپتۇ، گەپ قىلسا، گەپكە جاۋاب بەرمەپتۇ ھەم بىر كېچە كۆز يۇمماپتۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن ئاتىسى دىلشاتتىن نېمە ئەھۋال بولغانلىقىنى سوراپتۇ. دىلشات ئىلاجسىز كوچىدا كۆرگەن ئېلاننىڭ مەزمۇنىنى ئاتىسىغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھەر خىل سازلارنى چېلىشنى ئۆگىنىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاتىسى

- ئەي جېنىم ئوغلۇم، سېنىڭ مېنىڭدىن كېيىن قېلىپ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە لازىم بولىدۇ، دەپ سېنىڭدىن سىر ساقلاپ، يېرىم ئۆمۈر ئىشلەپ تاپقان بىر مىڭ بەش يۈز تىللا پۇلنى يەرگە كۆمۈپ ساقلىغانىدىم، ئىككى قېتىملىق ئۈچۈن مىڭ تىللا كەتتى. بوپتۇ، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، جاپا تارتساممۇ بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كېتەر، — دەپ ئەڭ ئاخىرىدا قېلىپ قالغان بەش يۈز تىللانى دىلشاتقا تۇتقۇزۇپ ماڭدۇرۇپتۇ. دىلشات تىرىشىپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدە ھەر خىل سازلارنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ چالالايدىغان، ئۇنىڭ چالغان سازلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم، ھەتتا ئۇچار قۇشلارمۇ بىھوش بولۇپ كېتىدىغان ماھىر سازەندە بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ. بىر كۈنى دىلشات روھى چۈشكۈن ھالدا بازار ئايلىنىپ كېتىۋاتسا، بىر توپ ئادەم تامغا چاپلانغان بىر ئېلاننى ئوقۇۋاتقۇدەك. دىلشات كۆڭلىدە، ئۈچ قېتىم ئاتامنىڭ ئاران تەستە يىغىپ توپلىغان پۇللىرىنى سەرپ قىلىپ ئوقۇپتىمەن، ئوقۇغىنىم ئەسقاتمىدى، بۇ ئېلاننى كۆرۈپ نېمىمۇ قىلارمەن، بولدى، ئوقۇمايلا قوياي، دەپ كەينىگە يېنىپ بولۇپ، يەنە بوپتۇ، كۆرۈپ باقسام باقاي، دەپ قايتىپ كېلىپ ئېلاننى ئوقۇپتۇ. ئېلانغا قارىغۇدەك بولسا، بۇ شەھەرگە باشقا شەھەردىن كەلگەن بىر كارۋان بېشىنىڭ ھېسابقا ئۇستا بىر ئادەم ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېلان ئىكەن. ئېلاننى كۆرگەن دىلشات ئىنتايىن خۇش بوپتۇ - دە، دەرھال باشقا شەھەردىن كەلگەن كارۋان بېشىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. كارۋان بېشى: - سەن نېمە ئىش قىلالايسەن؟ — دەپ سوراپتۇ. دىلشات. - مەن ھەرقانداق ھېسابات ئىشلىرىنى قىلالايمەن،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كارۋان بېشى: - ئۇنداق بولسا، بىزنىڭ تۆت مىڭ سەككىز يۈز تۆگىلىك يۈكىمىز بار، بۇنى ساتساق قانچە پۇل بولىدۇ؟ پايدىسى قانچىلىك بولىدۇ؟— دەپ سوراپتۇ ۋە ماللارنىڭ تۈر - خىلىنى، ئېلىش- سېتىش باھالىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. دىلشات بىردەمنىڭ ئىچىدە تۆت مىڭ سەككىز يۈز تۆگىلىك يۈكنىڭ ھېساباتىنى ۋە پايدىسىنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كارۋان بېشى كۆڭلىدە ئاپىرىن ئوقۇپ، دىلشاتنى ھېساباتچىلىققا ئېلىپ قاپتۇ ھەم بىر يىللىق ئىش ھەققى ئۈچۈن بىر مىڭ بەش يۈز تىللانى دىلشاتقا تۇتقۇزۇپ، ئەتىسى يولغا چىقماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. دىلشات: - قېرىپ قالغان ئاتام بار، مېنىڭدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق، ئاتامنىڭ قېشىغا بېرىپ رازىلىق ئېلىپ كېلەي،— دەپتۇ كارۋان بېشىغا. كارۋان بېشى رۇخسەت قىپتۇ. دىلشات ئۆيىگە بېرىپ، ئەھۋالنى ئاتىسىغا ئېيتىپتۇ ئاتىسىنىڭ ئوغلىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەپتۇ. دىلشات: - ئەي مېھرىبان ئاتا، ئۈچ يىلدىن بېرى ئوقۇيمەن، دەپ سىزگە نۇرغۇن چىقىم قىلدۇردۇم، ئەمدى ئوقۇغاننىڭ راھىتىنى كۆرىدىغان ۋاقىت كەپتۇ، راھەت كۆرىدىغان چاغدا نېمىشقا ئۇنىمايسىز؟ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ، تىنچ-ئامانلىق بولسا پات يېقىندا كۆرۈشىمىز،— دەپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ ھەم كارۋان بېشى بەرگەن بىر مىڭ بەش يۈز تىللانى ئاتسىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئاتىسى ئىلاجسىز دىلشاتقا ماقۇل بوپتۇ. كارۋانلار ئەتىسى يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار بىرنەچچە كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپ، بىر قۇملۇق باياۋانغا يېتىپ كەپتۇ، ئىچىدىغان سۇلىرى تۈگەپتۇ، ئادەم ۋە تۆگىلىرى ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاشقا باشلاپتۇ، دىلشاتمۇ ئۇسۇزلۇقتىن قاتتىق بىئارام بوپتۇ

ئەتراپقا قارىسا، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلگەن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ساينىڭ تېشىدەك ياتقۇدەك. كارۋان بېشىمۇ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ ۋە ئىككى ئادەمنى سۇ تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ، لېكىن ئۇلار بىر كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا، دىلشات ئېلىۋالغان ھېكمەتلىك ئەينەك بىلەن ئەتراپقا قارىغانىكەن، بىر يەردە بىر قۇدۇقنى كۆرۈپتۇ. - مۇشۇ يەردىن ئازراق ماڭساق قۇدۇق بار يەرگە بارغۇدەكمىز،— دەپتۇ دىلشات كارۋان بېشىغا. ئۇلار بۇ يەردىن قوزغىلىپ، ئۇزاققا قالماي قۇدۇق بار يەرگە كەپتۇ. قۇدۇققا قارسا، ئاغزى تاش بىلەن مەھكەم ئىتىلگەنىكەن. كارۋانلار قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى يۆتكەپ قارىسا، قۇدۇق چوڭقۇر بولۇپ، سۇنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلگىلى بولمايتۇ. كارۋان بېشى: - قۇدۇققا قايسىڭلار چۈشۈپ قاراپ باقىسىلەر؟— دەپتۇ ئەتراپتا تۇرغانلارغا. قۇدۇققا چۈشۈشتىن قورقۇپ، بۇ گەپكە ھېچقايسىسى جاۋاب بەرمەپتۇ. دىلشات: - قۇدۇققا مەن چۈشۈپ باقاي، — دەپتۇ. دىلشات ئارغامچا بىلەن بېلىنى باغلاپ قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپ، سۇنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىپتۇ. كارۋانچىلار ئارغامچىغا چېلەكنى باغلاپ قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈرۈپتۇ. دىلشات سۇ ئالاي، دەپ چېلەكنى شۇنداق سۇغا سالغانىكەن، سۇ ئاستىدا ھەددى - ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە - مارجانلار تۇرغۇدەك. ئۇ چېلەككە سۇ توشتۇرۇپ قۇدۇق بېشىغا چىقىرىپ بېرىپتۇ. ئادەملەر، تۆگىلەر تەشنالىققا قېنىپتۇ ۋە قاپاق - قاچىلىرىغا سۇ قاچىلاپتۇ. كارۋان بېشى دىلشاتنى قۇدۇقتىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن چېلەكنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چۈشۈرۈپتۇ. دىلشات چېلەككە ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مارجانلارنى ساپتۇ. كارۋان بېشى چېلەكنى تارتىپ قارىغۇدەك بولسا، چېلەكتە ئالتۇن - كۈمۈش تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن كارۋان بېشىى ھەيران قېلىپ، خۇشاللىقىدىن ھوشىدىن كەتكىلى تاس قاپتۇ. ۋە ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى قويماي چىقىرىشنى بۇيرۇپتۇ. دىلشات كارۋان بېشىنىڭ دېگىنى بويىچە ئالتۇن - كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. قۇدۇقتا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلگەن كارۋان بېشىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، دىلشاتنى قۇدۇق ئىچىدە قالدۇرۇپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىۋېتىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. بۇلار ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرسۇن، گەپنى دىلشاتتىن ئاڭلايلى: دىلشات ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۆلۈم خەۋپىنى، كارۋان بېشىنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى، ئاتىسىنىڭ قايسى كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىگە كۈچ- قۇۋۋەت، مەدەت تىلەپ ئۈچ كېچە -كۈندۈز قۇدۇق ئىچىدە تۇرۇپتۇ. تۆتىنچى كۈنى قۇدۇق ئىچىگە سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، قۇدۇقنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن ئۆڭكۈر كۆرۈنۈپتۇ. ئۆڭكۈرنى كۆرگەن دىلشات يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆلگەن ياخشى، ئۆڭكۈرگە كىرىپ، جېنىم تېنىمدە ئامان بولسا بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەرمەن، دەپ ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ خېلى ئۇزاق مېڭىپتۇ. بىر چاغدا بىر دەرۋازا كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ دەرۋازىدىن شۇنداق ئاتلاپتىكەن، بىر چارباغقا كىرىپ قاپتۇ. باغدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلغان، بۇلبۇللار سايراۋاتقان، ھەر خىل مېۋىلەر پىشىپ كەتكەن، گۈللەر ئىچىدە ئالتۇندىن سېلىنغان ئۆي، ئۆينىڭ ئالدىدىكى سۇپىدا ئالتۇن تەخت تۇرغان، لېكىن بىرمۇ ئادەم يوق. دىلشات بۇ مۆجىزاتلارنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ھەيران بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەل قورقۇپتۇ.

ئۇ ئادەمگە بىر ياشتىمۇ بىر ئۆلۈم، يۈز ياشتىمۇ بىر ئۆلۈم، ماڭا نىجاتلىق بولسا ھايات قالارمەن، بولمىسا مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ تۈگەرمەن، دەپ ئويلاپ ھېلىقى ئالتۇن ئۆيگە كىرسە، تامغا ئېسىقلىق، ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر راۋابقا كۆزى چۈشۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن دىلشاتنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، راۋابنى قولىغا ئېلىپ شۇنداق بىر چالغانىكەن، راۋابنىڭ ئۈنىنى ئاڭلىغان بۇلبۇللار سايراشتىن توختاپ راۋابنىڭ قۇلىقىغا قونۇشۇپتۇ. ئەسلىدە بۇ يەر دىۋىلەر شەھىرى ئىكەن. سىرتقا چىقىپ كەتكەن دىۋە - پەرىلەرمۇ راۋابنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ يېتىپ كېلىپ بىھوش بولۇشۇپتۇ. دىلشات پۈتۈن ئەس - يادىى بىلەن راۋاپ چالغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپتىكى دىۋىلەرنى كۆرمەپتۇ. بىر چاغدىن كېيىن راۋاب چېلىشنى توختىتىپ يېنىغا قارىسا، بىھوش بولۇپ يېتىپ كەتكەن دىۋە - پەرىلەر تۇرغۇدەك، دىلشات ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپتۇ. بىرھازادىن كېيىن دىۋىلەر پادىشاھى ھوشىغا كېلىپ: - سەن ئادەمزاتمۇ ياكى دىۋە - پەرىمۇ؟ ئادەم بولساڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭ، —دەپ سوراپتۇ. دىلشات دىۋىلەر پادىشاھىغا بېشىدىن ئۆتكەن بارلىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاڭغىچە بىھوش ياتقان دىۋە - پەرىلەرمۇ ھوشىغا كېلىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، دىلشاتنىڭ سۆزىنى تىڭشاپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھى دىلشاتنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ رەھمى كەپتۇ، ئۇنى ئېسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىپتۇ ھەم بۇ يەرنىڭ دىۋىلەر ماكانى ئىكەنلىكىنى، باغ ئىچىدىكى خالىغان يەرلەردە سەيلە - ساياھەت قىلىشىنى، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، دىلشاتنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپتۇ. دىلشات دىۋىلەر پادىشاھى دېگەندەك، باغلارنى ئەركىن - ئازادە سەيلە قىپتۇ، ھەر كۈنى دىۋىلەر پادىشاھىغا ساز چېلىپ بېرىپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھى دىلشاتقا ئۆز ئادىمىدەك ئىشەنچ بىلەن قاراپتۇ. كۈنلەر، ئايلار ئۆتىۋېرىپتۇ. بىر كۈنى دىلشات ئاتىسىدىن ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغانلىقى، ئاتىسىنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى خىيال قىلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆز يېشى قىلىپ، بۇ يەردىن كېتىش قارارىغا كەپتۇ - دە، دىۋىلەر پادىشاھىغا بۇ يەردىن كېتىشكە رۇخسەت قىلىشىنى ئېيتىپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھىمۇ بۇ يىگىتنىڭ ئ‍ەقىللىك، زېرەك، ۋاپادارلىقىغا قايىل بولۇپ، كېتىشىگە رۇخسەت قىپتۇ. ئۇ دىلشاتتىن: - سېنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويىمىز— دەپ سوراپتۇ. دىلشات: - مېنى يەر ئۈستىگە چىقىرىپ قويساڭلارلا بولىدۇ،—دەپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھى: - بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟_ دەپ سوراپتۇ. دىلشات: - مەن سىلەردىن ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن. ئاتامنىڭ قېشىغا كېتىش جەريانىدا خېيىم - خەتەرگە يولۇقۇپ قالمىساملا بولىدۇ،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھى بۇ تەلەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ سەمىمىيەت-ساداقىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ: - ئۇنداق بولسا، بىر ئات، بىر دانە ئەڭگۈشتەر بېرىمەن، بۇنى ئېلىپ يولغا چىقساڭ، نەگىلا بارساڭ خېيىم- خەتەرگە يولۇقمايسەن، بېشىڭغا كۈن چۈشكەن چاغلاردا ئەڭگۈشتەرگە قاراپ مېنى ياد ئەتسەڭ ساڭا ياردەمدە بولىمەن،— دەپ بىر ئات، بىر دانە ئەڭگۈشتەرنى بېرىپ، دىلشاتنى يەر ئۈستىگە ئاچىقىپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ

دىلشات دىۋە پادىشاھى بىلەن خوشلىشىپ، ئاتنىڭ بېشىنى يۇرتى تەرەپكە قارىتىپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. يولدا ھېچقانداق خېيىم- خەتەرگە يولۇقماي، بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. دىلشات ئاتنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: - ئەي جانىۋار، مېنى بۇ يەرگە ساق - سالامەت يەتكۈزۈپ قويدۇڭ، ساڭا رەھمەت، ئەمدى ئۆز ماكانىڭغا كەتكەيسەن،— دەپ ئاتنى قويۇپ بېرىپتۇ. ئات بىر كىشنەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىب بوپتۇ. دىلشات كەلگەن شەھەر شۇنداق بىر ئاۋات شەھەر ئىكەنكى، بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن ئىكەن. ئۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلىپ يۈرۈپ بىر سارايغا چۈشۈپ، ئەتىسى كوچا ئايلانغىلى چىقسا، شەھەر خەلقى كەلكۈن سۇدەك شەھەرنىڭ سىرتىغا قاراپ يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن دىلشات بىر بوۋايدىن: - بوۋا، بۇ ئادەملەر نېمىگە شۇنچە يۈگۈرۈشۈپ كېتىدۇ؟— دەپ سوراپتۇ. بوۋاي: - ئوغلۇم، سەن باشقا بىر جايدىن كېلىپ قالغان ئوخشايسەن. شەھىرىمىزنىڭ پادىشاھى دۇنيادىن ۋىدالاشقىلى بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى. شەھىرىمىزدە بىر دۆلەت قۇشى بولۇپ، پادىشاھ ۋاپات بولغان كۈنى قۇشنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا، شۇ كىشى پادىشاھ بولىدۇ. بۇ قۇش ئۇچۇۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى، تېخىچە ھېچكىمنىڭ بېشىغا قونمىدى. بۇلار شۇ قۇشنىڭ كىمنىڭ بېشىغا قونىدىغانلىقىنى كۆرگىلى كېتىپ بارغان ئادەملەر، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. دىلشاتمۇ ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇپ، تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا چىقىپتۇ. قارىسا، بوۋاي دېگەندەك بىر قۇش ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ئايلىنىپ يۈرگۈدەك. كىشىلەر قولىغا بىر پارچىدىن گۆش ئېلىپ، قۇشنى «كە- كە» دەۋاتقۇدەك. بىر چاغدا قۇش ئاسماندىن شۇڭغۇپ چۈشۈپ دىلشاتنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ، دىلشات قۇشنى ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ، قۇش يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا قونۇۋاپتۇ. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەر خەلقى دىلشاتنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. يېڭى پادىشاھنىڭ شەرىپى ئۈچۈن قىرىق كېچە - كۈندۈز زىياپەت ئۆتكۈزۈپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى دىلشات شاھانە كىيىملەرنى كىيىپ، تەختتە ئولتۇرۇپ شاھلىق يۈرگۈزۈشكە كىرىشىپتۇ. دەل شۇ كۈنى ھېلىقى كارۋانلارمۇ بۇ شەھەرگە سودىگەرچىلىك قىلغىلى كېلىپ قاپتۇ. ئادەت بويىچە سىرتتىن كەلگەن سودىگەرلەر پادىشاھ ھۇزۇرىغا بېرىپ، پادىشاھتىن سودا قىلىش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىشى كېرەك ئىكەن. كارۋان بېشى پادىشاھتىن ئىجازەت ئېلىش ئۈچۈن ئوردىغا بېرىپتۇ، قارىغۇدەك بولسا، ھېلىقى ئۆزى ياللىۋېلىپ قۇدۇق ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتكەن دىلشات. دىلشاتمۇ كارۋان بېشىنى تونۇپتۇ-دە، شۇئان كارۋان بېشىنى زىندانغا تاشلاشقا بۇيرۇق قىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن شەھەر ئوتتۇرىسىغا دار ياسىتىپ، پۈتۈن شەھەر خەلقىنى يىغىپ، كارۋان بېشىنى دار ئالدىدا توختىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن قىلمىشىنى ئېلان قىلىپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، دىلشات ئۈچ يىل ئوقۇغان ئىلىم-ھېكمەتنىڭ خاسىيىتى بىلەن پادىشاھ بولۇپ، ئاتىسىنى يېنىغا ئەكېلىپ، شەھەرنى ئادىللىق بىلەن سوراپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. تۈگىدى