: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
ئات باقار ۋەزىر
ئات باقار ۋەزىر
بۇرۇن، بۇرۇن، بۇرۇنكەن، ئات ئېغىلى ئورۇنكەن. ئات باقارنىڭ باققىنى بوز ئات بىلەن تورۇقكەن. بىر پادىشاھنىڭ ئىككى ياخشى ئېتى بولۇپ، بىرى بوز، بىرى تورۇقكەن. پادىشاھ بۇ ئىككى ئېتىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا ئىككى ئاتقا خاس ئات باقار تاللاپ، باشقا ئاتلاردىن ئايرىپ باقتۇرىدىكەن. ئات باقار ئىككى ئاتنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ئون بەش كۈندە بىر قېتىم پادىشاھقا مەلۇم قىلىپ تۇرىدىكەن. شۇڭا، پادىشاھ ئات باقارغا ئىشىنىدىكەن ۋە ئۇنى: «راستچىل ئادەم» دەپ بىلىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئات باقارنى: «زادىلا يالغان ئېيتمايدىغان ئادەم» دەپ تەرىپىنى قىپتۇ. شۇئان ئوڭ قول ۋەزىر ئورنىدىن تۇرۇپ: - مەن يالغان ئېيتقۇزسام، قانداق قىلىدىلا؟ — دەپتۇ پادىشاھقا. پادىشاھ: - يالغان ئېيتقۇزساڭ پادىشاھلىقىمنى بېرىمەن، ئېيتقۇزالمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن ! — دەپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر بۇنىڭغا رازى بوپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن كۆپچىلىك بىر پۈتۈك پۈتۈپتۇ، ھەممىسى گۇۋاھچى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۆھرىنى بېسىپتۇ، مۆھرى يوقلىرى بارمىقىنى بېسىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىر ئات باقارغا قانداق قىلىپ يالغان ئېيتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى ئويلاپتۇ. ئۇ ئات باقارنىڭ يېنىغا بېرىپ، بوز ئات بىلەن تورۇق ئاتنىڭ ئەھۋالىنى سوراپتۇ، ئاندىن ئات باقارغا: - سەن بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئىككى ئاتنى يوقات! —دەپتۇ. ئات باقار ھەيران بولۇپ: - قانداق يوقىتىمەن؟ يوقالسا، پادىشاھقا نېمە دەيمەن؟ دەپتۇ. - يوقىتىش ئاسان، — دەپتۇ ئوڭ قول ۋەزىر، — مەن قىزىمنى ساڭا بېرىمەن، تويدا مۇشۇ ئىككى ئاتنى سويىسەن، پادىشاھقا ئاتلار ئۆلۈپ قالدى دەيسەن،— دەپتۇ. ئات باقار ئۇزاقتىن بېرى ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قىزىغا غايىبانە ئاشىق بولۇپ يۈرگەنىكەن، شۇڭا نېرى- بېرىسىنى ئانچە كۆپ ئويلىمايلا ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بوپتۇ. ئات باقار توينىڭ قەرەلى توشۇشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئىككى ئاتنى ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ، ئىككى ئات سويۇلۇپ، گۆشى توي كۈنى مېھمانلارغا تارتىلىپتۇ. كەچتە قائىدىسى قىلىنىپ، ۋەزىرنىڭ قىزى ئات باقارنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپتۇ. توي ئۆتۈپ، ئاتلارنىڭ ئەھۋالىنى پادىشاھقا مەلۇم قىلىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، ئات باقارنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قېتىپتۇ، پادىشاھقا نېمە دېيىش توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپتۇ، ئاخىر ئۇنىڭ كاللىسىغا مۇنداق بىر ئەقىل كىرىپتۇ: ئۇ ئات ئېغىلىنىڭ نېرىسىدىكى دۆڭگە بىر تال ياغاچنى سانجىپتۇ، ياغاچقا ئۆزىنىڭ تۇمىقىنى كىيدۈرۈپتۇ، ئاندىن يېنىپ كېلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ھېلىقى ياغاچنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ - دە، ئۇنى «پادىشاھ» بىلىپ: - سالام، ھۆرمەتلىك شاھىم،_ دەپتۇ بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە. - ئۆزۈڭ ئوبدان تۇردۇڭمۇ؟ بوز ئات بىلەن تورۇق ئات ئەامانمۇ؟_ دەپتۇ «پادىشاھ». ئات باقارنىڭ يۈرىكى «جىغ» قىلىپ، يۈزى ئوت ئاپتۇ. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ: - ئۆلۈپ قالدى ! — دەپ بولۇپ: «ئەستا، بۇ سۆزۈم قاملاشمىدى» دەپ بۇرىلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئەتىسى يەنە ھېلىقى ئۆزى ياساپ قويغان ياغاچنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: - سالام، ھۆرمەتلىك شاھىم،— دەپ سالام بېرىپتۇ. «شاھ» مۇ تۈنۈگۈنكىدەكلا: - ئۆزۈڭ ئوبدان تۇرغانسەن، بوز ئات بىلەن تورۇق ئات ئامانمۇ؟— دەپ سوراپتۇ.. - ئوغرى ئېلىپ كەتتى !— دەپتۇ - دە:«ئەستا، بۇ، سۆزۈم تېخىمۇ قاملاشمىدى» دەپ يەنە ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. ئۆگۈنى يەنە ياغاچنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىپتۇ. «شاھ» ئۇنىڭ سالىمىغا سالام قايتۇرۇپ، ئاتلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانىكەن، ئات باقار: - بوز ئات بىلەن تورۇق ئات ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قازىنىدا قاينىدى، ئات باقار ۋەزىرنىڭ قىزىنىڭ قوينىدا يايرىدى،— دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن: «توغرا جاۋاب تاپتىم» دەپ، ئات باقارنىڭ كۆڭلى يورۇپ، خۇشال بولۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئاڭغىچە ئاتلارنىڭ ئەھۋالىنى پادىشاھقا مەلۇم قىلىش قەرەلى توشۇپتۇ. پادىشاھ ئۆتكەنكى ۋەدىسى بويىچە ھەممە ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئات باقار ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ - دە: - سالام، ھۆرمەتلىك شاھىم، — دەپ سالام بېرىپتۇ. پادىشاھ: - ھە، ئۆزۈڭ ئوبدان تۇرغانسەن، بوز ئات بىلەن تورۇق ئات ئامانمۇ؟_ دەپ سوراپتۇ. ئات باقار: - بوز ئات بىلەن تورۇق ئات ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قازىنىدا قاينىدى، ئات باقار ۋەزىرنىڭ قىزىنىڭ قوينىدا يايرىدى، دەپ راستىنى ئېيتىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ يۈرىكى پوكۇلداپ، چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ كۆپچىلىكتىن: - راست ئېيتتىمۇ، يالغانمۇ؟— دەپ سورىغانىكەن، كۆپچىلىك: - راست، راستىنى ئېيتتى، — دېيىشىپتۇ. پادىشاھ پۈتۈكچىنى چاقىرىپ، ھېلىقى پۈتۈكنى ئوقۇتۇپتۇ، ۋەدە بويىچە جاللاتنى چاقىرىپ، باشقىلارنى ئازدۇرۇپ، يالغان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. راست سۆزلۈك ئات باقارنى ئۆزىگە ئوڭ قول ۋەزىر قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئات باقار ئات بېقىشتىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ.تۈگىدى