: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

ئىسكەندەر ۋە ھۆرلىقا

ئىسكەندەر ۋە ھۆرلىقا

بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشىنىڭ ئىسكەندەر دېگەن ئوغلى بولغانىكەن. ئىسكەندەر چوڭ بولۇپ يىگىتلىككە يەتكەندە، ئاتا - ئانىسى ئوغلىنى ئۆيلەش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۇلار بىر كۈنى كەچكى تاماقتىن كېيىن ئىسكەندەرنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ: - ئوغلۇم، بىز قېرىدۇق، پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلاپ قالدى. كۆزىمىزنىڭ ئوچۇقىدا سېنى ئۆيلەپ قويايلى دەۋاتىمىز، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟— دەپتۇ. ئىسكەندەر بولسا، شەھەرمۇشەھەر يۈرۈپ جاھان كېزىشنى ئارزۇ - ھەۋەس قىلىپ يۈرگەنىكەن، چۈنكى ئۇ يولۇچى ۋە جاھانكەزدىلەردىن بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ يۈرۈپ، كۆڭلىدە شۇنداق ئارزۇ - ھەۋەس قوزغالغانىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ: - ئۆيلىنىش قېچىپ كەتمەس، كۆڭلۈمدە بار چوڭ ئارزۇ - ھەۋەس. ئەگەر سىلەر رازىلىق بەرسەڭلار، مەن ئالدى بىلەن جاھاننى بىر كېزىپ كەلسەم، — دەپتۇ. يالغۇز ئوغلىنىڭ كۆڭلىدە بۇنداق ئارزۇ - ھەۋەسنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئاتا - ئانا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ - دە: - مەيلى، ئوغلۇم، ئەگەر كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئارمىنىڭ بولسا، بىز رازى،_ دەپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئاتا- ئانا ئىسكەندەرنىڭ يول تەييارلىقىنى باشلاپتۇ ۋە بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوغلىنى كارۋانلارغا قوشۇپ سەپەرگە ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلارمۇ ئۆتۈپتۇ. كارۋانلار شەھەرمۇشەھەر يۈرۈپ، ساتىدىغان ماللىرىنى سېتىپ، ئالىدىغان ماللىرىنى ئېلىپ قايتماقچى بولغاندا، ئىسكەندەر ئاتا ئانىسىغا: «مەن ئامان - ئېسەن يۇرت كېزىپ يۈرىمەن. مېنىڭدىن ئەنسىرىمەڭلار. مەن ئەمدى باشقا شەھەرگە كەتتىم» دەپ ئىككىلىك خەت يېزىپ كارۋانلاردىن ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى باشقا شەھەرگە كېتىپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئىسكەندەر شەھەرمۇشەھەر كېزىپ يۈرۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى چوڭ بىر شەھەردە تاماشا قىلىپ يۈرسە، ناھايىتى چىرايلىق كىيىنگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىر ياققا كېتىپ بارغۇدەك. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ بېشى ياكى ئاخىرى كۆرۈنمىگۈدەك. ئىسكەندەر ئۇلارنىڭ نەگە كېتىپ بارغانلىقىنى سورىسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جاۋاب بەرمەستىن، پەقەت ئۆز-ئۆزگە:«ھە، تەلەي كەلسە، ماڭا تاشلىسىدى» دېگەن گەپنىلا دەپ يولىغا كېتىۋېرىپتۇ. ئىسكەندەر ئۇياق - بۇياققا قارىسا، بىر ئىشىكنىڭ تۈۋىدە بىر موماي قاراپ تۇرغۇدەك. ئىسكەندەر يۈگۈرۈپ موماينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ - دە: - موما، بۇ كىشىلەر نەگە ۋە نېمە ئىشقا كېتىپ بارىدۇ؟— دەپ سوراپتۇ. - ھوي بالام، بۇ شەھەردىكى خاننىڭ ھۆرلىقا دېگەن بىر قىزى بار. ئۇ قىز شۇنداق چىرايلىق بىر قىزكى، ئەگەر جاھاندا چىرايلىق ئىككى بولسا، بىرسى شۇ قىز، ئەگەر بىرلا بولسا، ئۆزى شۇ. ئەنە شۇ قىزغا پۈتۈن جاھاندىكى شاھزادىلەر، بەگزادىلەر ۋە بايلارنىڭ بالىلىرى ئاشىق بولۇپ ئەلچى ئەۋەتىشتى، لېكىن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى كىمگە بېرىشنى بىلەلمەي، ئاخىر ئىختىيارنى قىزنىڭ ئۆزىگە قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن قىز بارلىق يىگىتلەرنىڭ شەھەدەرۋازىسىدىن ئۆتۈشىنى ئۇقتۇردى. قىز دەرۋازىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە ياققان بىرەر يىگىتكە ئالما تاشلىغۇدەك. بۇ كىشىلەر ئەنە شۇ دەرۋازىدىن ئۆتۈشكە كېتىپ بارىدۇ،—دەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ موماي. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئىسكەندەرمۇ توپقا قوشۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. بىر يەرگە بارغاندا، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدە قولىدا بىر تال ئالما تۇتقان ئاجايىپ گۈزەل بىر قىزنى كۆرۈپتۇ، ئۇ قىز شۇنداق چىرايلىق ئىكەنكى، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغۇدەك. شەھەر خەلقى دەرۋازىدىن ئۆتۈۋاتقۇدەك، لېكىن قىز ئالمىنى ھېچكىمگە تاشلىمىغۇدەك. كىشىلەر دەرۋازىغا يەتكۈچە چوڭ ئۈمىد بىلەن بارىدىكەن، ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشۈپ كېتىدىكەن. ھەممىنىڭ كەينىدىن ئىسكەندەر دەرۋازىغا يېتىپ بېرىشى بىلەنلا، قىز قولىدىكى ئالمىنى ئىسكەندەرگە قارىتىپ تاشلاپتۇ. قىزنىڭ ئالمىنى نى - نى كېلىشكەن شاھزادىلەر ۋە بەگزادىلەرگە تاشلىماي، ئاددىي بىر يىگىتكە تاشلىغىنى ئۈچۈن ھەممە ھەيران بوپتۇ. ئەمما، ئىسكەندەرمۇ ناھايىتى چىرايلىق، پېشانىسى ئوچۇق ۋە ئەقىللىك يىگىت ئىكەن. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، چوڭ توي -تۆكۈن ئۆتكۈزۈپ، قىزنى ئىسكەندەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۆي تۇتۇپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، يەنە بىرنەچچە ئايلار ئۆتۈپتۇ

كۈنلەردىن بىر كۈنى، ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئەسلەپ، ئۆز شەھىرىگە قايتىش ئويىغا كەپتۇ - دە، خوتۇنىغا: - ھۆرلىقا، مەن بوستانلىق شەھىرىنىڭ پۇقراسى، مېنىڭمۇ ئاتا - ئانام، قېرىنداشلىرىم بار. مەن جاھان كېزىپ چىققانىدىم، مانا خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى، شەھەرلەرنى كەزدىم، تەقدىر - ئىرادە بىلەن ئىككىمىز قوشۇلۇپ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ قالدۇق. ئەمدى سىز ئاتا - ئانىڭىزدىن رۇخسەت ئالسىڭىز، مېنىڭ ئاتا - ئانامنىڭ ئالدىغا بارساق. دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. ھۆرلىقا بۇ مەسلىھەتنى توغرا كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئانا- ئانىسىغا ئېيتىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ رازىلىق بېرىپتۇ ۋە كۆپ سوۋغا - سالاملار بىلەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. ئىسكەندەر ئۆز شەھىرىگە ئۇدۇل كەتمەستىن، يەنە كۆرمىگەن شەھەرلەرنى كۆرۈپ كېتىش ئۈچۈن شەھەرمۇشەھەر ئايلىنىپ مېڭىپتۇ. ئۇلار كۆپ چۆللەرنى بېسىپ، جىق دەريالاردىن ئۆتۈپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى كېزىپ ۋە تالاي تاغلارنى ئېشىپ چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەردە ئۇلارنىڭ تونۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، شەھەرنىڭ چېتىدە ئىگىسىز بوش تۇرغان بىر ئۆيگە چۈشۈپ جايلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ يول ئوزۇقلىرى تۈگەپ، پۇللىرى ئاز قالغانىكەن، ئەمما ئىسكەندەر بۇ توغرۇلۇق ھۆرلىقاغا ھېچنېمە دېمەپتۇ ۋە ئۆزىچە خىجالەت بولۇپ، خىيال بىلەن ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھۆرلىقا ئاستا ئىسكەندەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئىسكەندەر، سىزگە نېمە بولدى؟ نېمە سەۋەبتىن شۇنچە خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرىسىز؟— دەپ سوراپتۇ. ئىسكەندەر: - يولغا ئالغان ئوزۇقىمىز تۈگىدى، پۇلىمىز بىر- ئىككى كۈنگە يەتكۈدەكلا قالدى. يولىمىز تېخى ئۇزاق، تونۇش - بىلىشلەرمۇ يوق، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي بېشىم قاتتى،_ دەپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. ھۆرلىقا ئېرىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ: - شۇنىڭغىمۇ شۇنچە باش قاتۇرامسىز؟ قويۇڭ، بىر ئىلاجى بولۇپ قالار. ھازىر بازارغا بېرىپ ئىككى نان، بىر گەز ياخشى شايى، قىرىق بىر تۈرلۈك يىپەك يىپ ئەكېلىڭ،— دەپ ئىسكەندەرنى بازارغا ئەۋەتىپتۇ. ئىسكەندەر بازارغا بېرىپ، ئىككى نان، بىر گەز ياخشى شايى، قىرىق بىر تۈرلۈك يىپنى ئەكەپتۇ. ئاخشىمى ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئولتۇرۇپ ھېلىقى ئىككى نان بىلەن چاي ئىچىپ قورساقنى توقلاپتۇ، كېيىن ھۆرلىقا: - سىز ئەمدى ئارام ئېلىڭ، ھېرىپ كەتتىڭىز، — دەپ ئىسكەندەرگە ئورۇن سېلىپ بېرىپتۇ. ئىسكەندەر يېتىپ ئۇخلاپتۇ ۋە ھۆرلىقانىڭ كېچىچە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەپتۇ. ھۆرلىقا بولسا كېچىسى قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ، ھېلىقى يىپلار بىلەن شايىدىن ناھايىتى چىرايلىق كەشتە قولياغلىق توقۇپتۇ، ئۇنى سەھەرگە يېقىن پۈتكۈزۈپ قوزۇققا ئىلىپ قويۇپتۇ - دە، يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ئەتىگەنلىكى ئىسكەندەر ئۇيقۇدىن تۇرسا، ھۆرلىقا ئۇخلاۋاتقان، قوزۇقتا ناھايىتى چىرايلىق بىر كەشتە قولياغلىق ئېسىقلىق تۇرغان. ئىسكەندەر شۇنچە شەھەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ھېچ يەردە ۋە ھېچقاچان بۇنداق چىرايلىق قولياغلىقنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئۇ قولياغلىقنى قولىغا ئېلىپ ھەيران بولۇپ:« بىزدە بۇنداق چىرايلىق كەشتە قولياغلىق يوق ئىدىغۇ، بۇ نەدىن كېلىپ قالدى؟ دەپ ئەجەبلىنىپ تۇرغىنىدا، ھۆرلىقا ئويغىنىپتۇ. ئۇ ئىسكەندەرگە: -ئەجەبلەنمەڭ، بۇنى مەن كېچىچە ئولتۇرۇپ، سىز بازاردىن ئەكەلگەن يىپ ۋە شايىدا تۇقۇدۇم. ئەمدى سىز بۇنى بازارغا ئاپىرىپ سىتىپ كىلىڭ. يۈز يامبۇ بەرمىسە ساتماڭ. ساتقاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك ئوزۇق ۋە يەنە تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بىر گەز شايى ۋە قىرىق بىر تۈرلۈك يىپ ئەكېلىڭ. شۇنداق قىلىپ، ئۈچ- تۆت قېتىملا كەشتە توقۇپ ساتساق، يولغا يېتەرلىك ئوزۇق جايلىۋلىمىز،—دەپ ئىسكەندەرنى يەنە بازارغا ئەۋەتىپتۇ

ئىسكەندەر كەشتە قولياغلىقنى قاتلاپ قوينىغا ساپتۇ - دە. بازارغا كېتىپتۇ. ئۇ بازارغا بېرىپ قوينىدىكى قولياغلىقنى شۇنداق چىقىرىشى بىلەنلا، كىشىلەر قولياغلىقنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران قېلىشىپ ئىسكەندەرنى ئورىۋاپتۇ. ھەركىم بۇ كەشتە قولياغلىقنى سېتىۋېلىشقا قىزىقىپ ئۆزئارا تالىشىپ قاپتۇ. شۇ ئارىدا شۇ شەھەردىكى خاننىڭ بالىسى بازارنى ئارىلاپ تاماشا قىلىپ يۈرگەنىكەن، ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، بۇ كىشىلەر نېمىنى شۇنچە تالىشىۋاتىدىكىنە دەپ قارىسا، ناھايىتى چىرايلىق بىر كەشتە قولياغلىقنىڭ سودىسى بولۇۋاتقان. ئۇنىڭمۇ ھەۋىسى كېلىپ بۇ قولياغلىقنى ئالغۇسى كەپتۇ ۋە توپنىڭ ئارىسىغا يېرىپ كىرىپ: - توختاڭلار، خالايىق، توختاڭلار، قولياغلىقنى تالاشماي بۇياققا بېرىڭلار ! بۇنىڭ ئىگىسى كىم ؟ باھاسى قانچە ؟ _ دەپ سوراپتۇ. ئاڭغىچە بۇ قولياغلىقنى تالىشىپ، بىر - بىرلىرى بىلەن بوغۇشۇۋاتقان كىشىلەر شاھزادىگە گەپ قىلالماي، قولياغلىقنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. - قولياغلىقنىڭ ئىگىسى مەن، باھاسى يۈز يامبۇ،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىسكەندەر. شاھزادە دەررۇ يۈز يامبۇنى چىقىرىپ بېرىپتۇ - دە، قولياغلىقنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران بولۇپ، پاھ - پاھ، ئەجەبمۇ چىرايلىق توقۇلغان قولياغلىق ئىكەنا ! بۇنى توقۇغان قانداق گۈزەلنىڭ چېۋەر قولىدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە كۆرۈش ۋە قولغا چۈشۈرۈش كېرەك، دېگەن ئويغا كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئاستا ئىككى دوستىنى چاقىرىپ: - سىلەر ھېچكىمگە بىلىندۇرمەستىن ئاۋۇ يىگىتنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ بارغان يېرىنى، ئۇ بارغان يەردە كىملەرنىڭ بارلىقىنى تولۇق بىلىپ كېلىڭلار،— دەپ ئىسكەندەرنى كۆرسىتىپتۇ. ئىسكەندەر بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلا بازاردىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۇنى پايلاپ يۈرگەن ھېلىقى ئىككى يىگىت كەينىدىن يوشۇرۇنچە ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئىسكەندەر ئۆزى چۈشكەن ئۆيگە كېلىپ دەرۋازىدىن كىرسە، ھۆرلىقا ھويلىلارنى سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ يۈرگەنىكەن. ئۇ دەررۇ ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھېلىقى پايلاپ كەلگەن ئىككى پايلاقچى دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ كۆرۈپتۇ. كېيىن ئۇلار شاھزادىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - بىز ھېلىقى يىگىتنىڭ كەينىدىن پايلاپ بارساق، ئۇ شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ قارىساق، شۇنداق چىرايلىق بىر جۇۋان ھويلىنى سۈپۈرۈپ يۈرۈپتۇ، ئېھتىمال شۇ يىگىتنىڭ خوتۇنى بولسا كېرەك. ئۇ جۇۋاننىڭ چىرايلىقلىقىنى بىر دېمەڭ، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس،— دەپتۇ. - دېمەك، بۇلار باشقا يۇرتتىن كەلگەن كىشىلەر ئىكەن. ئۇنداق بولسا بۈگۈن كەچتىلا ئىشنى باشلايلى،— دەپتۇ شاھزادە ۋە ئىككى دوستى بىلەن كەچتە ھېلىقى جۇۋاننى ئېرىدىن تارتىپ ئەكېلىشكە مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۈن كەچ بوپتۇ. ئىسكەندەر بىلەن ھۆرلىقا كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇزاق پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىسكەندەر يېتىپ ئۇخلاپتۇ، ھۆرلىقا بولسا قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ كەشتە توقۇشقا باشلاپتۇ. تۈن يېرىمدىن ئۆتۈپ، پۇتۈن شەھەر ئۇيقۇغا كەتكەندىن كىېيىن، شاھزادە ئىككى دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىسكەندەر ئولتۇرغان ئۆيگە كەپتۇ. ئۇلار ئاستا دەرۋازىنى ئېچىپ ھويلىغا كىرىپتۇ، لېكىن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچالماي ئىشىكنى بۇزۇشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا ھۆرلىقا بۇ تاراق - تۇرۇقتىن قورقۇپ ئىسكەندەرنى ئويغىتىپتۇ. ئاڭغىچە شاھزادە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۆيگە كىرىپ، زورلۇق بىلەن ھۆرلىقانى سۆرەپتۇ. ئىسكەندەر قانچىلىك قارشىلىق قىلسىمۇ، يالغۇزلۇق قىلىپ كۈچى يەتمەپتۇ. ھېلىقى ئۈچى ئىسكەندەرنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈپ، پۇت - قولىنى باغلاپ، كوچىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ يېنىدىكى پاتقاققا تاشلىۋېتىپتۇ - دە، ھۆرلىقانى ئەكېتىپتۇ

ئەتىسى ئەتىگەن نۇرجان دېگەن بىر كىشى ھارۋا ھەيدەپ كېلىۋېتىپ، كۆۋرۈككە كەلگەندە ئېتى ئۈركۈپ ئۆتمەپتۇ. ھارۋىكەش ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قارىسا، پۇت - قولى باغلانغان بىر ئادەم لايغا مىلىنىپ ياتقۇدەك. ئۇ دەررۇ ئىسكەندەرنىڭ پۇت- قوللىرىنى يېشىپ ھارۋىغا ساپتۇ -دە، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئەكېتىپتۇ. نۇرجان ئىسكەندەرنى يۇيۇپ، قۇرۇق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كۆرپىلەرگە ئوراپ ياتقۇزۇپتۇ. ئىسكەندەر خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، ئۆزى بىر يات كىشىنىڭ ئۆيىدە ياتقان. ئىسكەندەرنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى كۆرگەن نۇرجان: - سەن كىم بولىسەن؟ نەدىن كەلدىڭ؟ نېمە سەۋەبتىن بۇ ئەھۋالغا دۇچار بولدۇڭ؟_ دەپ سوراپتۇ. ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ۋە نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرلەرگە كېلىپ، بۇ ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنى باشتىن - ئاياغ سۆزلەپ بېرىپتۇ، لېكىن بۇ ئىشنى قىلغان كىم، ھۆرلىقانى كىملەر نەگە ئەكەتكەنلىكىنى ئېيتىىپ بېرەلمەپتۇ. نۇرجان ئاكا بۇنى ئاڭلاپ: - قايغۇرما، ئۇكا، ئوغۇل بالىنىڭ بېشىغا ھەر ئىشى كېلىدۇ. ئەگەر خوتۇنۇڭ مۇشۇ شەھەردە بولسا، ئۇنى تېپىش ئاسان، ئۇنى تېپىشقا مەن ياردەم قىلىمەن—دەپ ئىسكەندەرنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ ئىسكەندەر ئاۋۋالقى ھالىغا كەپتۇ. بىر كۈنى نۇرجان ئاكا بازارغا بېرىپ خۇرجۇننىڭ ئىككى بېشىنى تولدۇرۇپ ھەر خىل ئۇششاق-چۈششەك ماللارنى، يەنى يىپ - يىڭنە، ئەينەك، دورا-دەرمانلارنى ئەكەپتۇ ۋە ئۇنى بىر سېۋەتكە سېلىپ: - مانا، ئۇكام، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى خوتۇن-قىزلارغا كېرەكلىك نەرسىلەر، سەن مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن كوچىمۇكوچا يۈرۈپ سېتىقچىلىق قىل، مۇشۇ نەرسىلەر ئارقىلىق خوتۇنۇڭ بىلەن تېپىشىسەن. بۈگۈن ماڭغان كوچىلار بىلەن ئەتىسى ماڭما، ھەر كۈنى باشقا - باشقا كوچىلار بىلەن ماڭ. شۇنداق قىلىپ، بىرنەچچە كۈننىڭ ئىچىدە پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىسەن. ئاۋازىڭنى ئايىماستىن: «ئەلەڭگەيۇ، مەلەڭگە، مېنىڭدىكى ھەر نەرسە- كېرەك بولۇر ھەدەمگە» دەپ ۋارقىراپ ماڭ —دەپ ئىسكەندەرگە بېرىپتۇ. ئىسكەندەر سېۋەتنى كۆتۈرۈپ: «ئەلەڭگەيۇ، مەلەڭگە، مېنىڭدىكى ھەر نەرسە كېرەك بولۇر ھەدەمگە !» دەپ ۋارقىرىغىنىچە كوچىمۇكوچا يۈرۈپتۇ. ھەربىر ھويلىدىن خوتۇن- قىزلار يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ، بەزىلىرى يىپ - يىڭنە، بەزىلىرى سۈزگە - تارغاق، بەزىلىرى دورا - دەرمان، قىسقىسى ھەركىم ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشىپتۇ، لېكىن ھۆرلىقا ھېچ يەردىن چىقماپتۇ. ئىسكەندەر شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر كۈنى خان سارىيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. ھۆرلىقا ئەنە شۇ ساراينىڭ ئۈستۈنكى ئۆيىدە ئىككى كىنىزەكنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرىدىكەن. ئۇ قايغۇ - ھەسرەت بىلەن خىيال سۈرۈپ دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرسا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزىدىن قارىسا، ئەلەڭگەيۇ، مەلەڭگە، مېنىڭدىكى ھەر نەرسە كېرەك بولۇر ھەدەمگە دەپ ۋارقىرىغىنىچە بىر سېۋەتتە جىق ئۇششاق - چۈششەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆز ئېرى ئىسكەندەر كېتىپ بارغۇدەك. ھۆرلىقا يېنىدىكى قىزلارغا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن: - قىزلار، مېنىڭ بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ، ئاۋۇ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان كىشىدىن باش ئاغرىقىنىڭ دورىسى بولسا ئەكىرىڭلار. ئۆزۈڭلارغىمۇ بىرەر نەرسە كېرەك بولسا ئېلىڭلار، — دەپ پۇل بېرىپتۇ. قىزلار يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ كەتكەندە، ھۆرلىقا بىر پارچە قەغەزگە خەت يېزىپ تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ قىزلار ئۆزلىرىگىمۇ كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ، بىر قۇتا دورا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. ھۆرلىقا دورىنى ئېلىپ قارىغان بوپتۇ- دە، ئاستاغىنا ھېلىقى خېتىنى قۇتىنىڭ ئىچىگە ساپتۇ ۋە: - بۇ دورا ئۆزىمىزدىمۇ بارغۇ، مەن باشقا ياخشىراق دورا بارمىكىن دېۋىدىم. بۇنىڭ كېرىكى يوق، تۇتۇڭلار، ئاچىقىپ قايتۇرۇپ بېرىڭلار،— دەپتۇ. قىزلار قۇتىنى ئېلىپ يەنە يۈگۈرۈشۈپ چىقىپتۇ -دە، ئىسكەندەرنى توختىتىپ: - بۇ دورا مەلىكەمنىڭ ئۆزىدە بار ئىكەن، — دەپ قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. لېكىن، بۇ ئىشلارنى نە قىزلار، نە ئىسكەندەر چۈشەنمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسكەندەر كەچكىچە كوچىمۇكوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ كەچقۇرۇن قايتىپ كەپتۇ

ئۆيدە كەچلىك تاماقنى يەپ ئولتۇرۇپ، نۇرجان ئاكا: - ئىشلىرىڭ قانداق، ئۇكام؟ ھۆرلىقانى كۆرەلىدىڭمۇ؟؟ دەپ سوراپتۇ. ئىسكەندەر: - ياق، بۈگۈنمۇ كۆرەلمىدىم، ئىشىم نەتىجىسىز،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. لېكىن، نۇرجان ئاكىنىڭ كۆڭلى بىرنەرسىنى تۇيغاندەك قىلىپ: - سېنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن ياكى بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ قايتۇرۇپ بەرگەن كىشىلەر بولدىمۇ؟— دەپ سوراپتۇ، شۇ چاغدا ئىسكەندەر ماڭغان كوچىلىرىنى، قەيەردە، كىملەرگە نىمىلەرنى ساتقانلىقىنى بىر - بىرلەپ يادىغا ئاپتۇ -دە: - ھە راست، بۈگۈن بىر چوڭ ئىمارەتنىڭ ھويلىسىدىن ئىككى قىز چىقىپ بىر قۇتا دورا ئەكىرىپ كەتكەنىدى، لېكىن قايتىپ چىقىپ، بۇ دورا مەلىكەمنىڭ ئۆزىدە بار ئىكەن، دەپ قايتۇرۇپ بەردى، — دەپتۇ. نۇرجان ئاكا: - قېنى، سېۋەتنى بېرى ئەكەلگىنە، — دەپ سېۋەتتىكى قۇتىلارنى بىر - بىرلەپ ئېچىپ قاراپتۇ ۋە بىر قۇتىنىڭ جىدىن بىر پارچە خەتنى تېپىپ، — مانا، ئۇكام، مۇنۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرگىنە، — دەپ ئىسكەندەرگە بېرىپتۇ. ئىسكەندەر خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ كۆرسە:«مەن خاننىڭ سارىيىدا، ئۈستۈنكى ئۆيدە. سىزنى كۆردۈم، لېكىن ئالدىڭىزغا چىقىشقا ئامالىم بولمىدى، چۈنكى مەن كۆزەت ئاستىدا تۇرىمەن. سۆزنىڭ قىسقىسى، ھەپتە ئاخىرقى كۈنى كېچىسى تەييارلىنىپ كېلىڭ، قېچىپ قۇتۇلىمىز. ھۆرلىقا، دەپ يېزىلغانىكەن. ئىسكەندەر خۇشال بولۇپ، ئەمدى قانداق قىلىش توغرىسىدا نۇرجان ئاكىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. نۇرجان ئاكا ئىسكەندەرنىڭ دولىسىنى قېقىپ تۇرۇپ: - مانا، ھۆرلىقا تېپىلدى، ۋەدە ھەپتە ئاخىرقى كۈنى كېچىسى ئىكەن. ئاڭغىچە تەييارلىق كۆرۈش كېرەك، — دەپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ ئىسكەندەر تەييارلىق كۆرۈشكە باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۈتكەن ھەپتە ئاخىرقى كۈنىمۇ كەپتۇ. نۇرجان ئاكا ئىسكەندەرگە يولغا كېتەرلىك ئوزۇق ۋە ياخشى ئىككى ئاتنى توقۇپ تەييارلاپ بېرىپتۇ. ئاخشىمى ئىسكەندەر بىر ئاتنى مىنىپ، بىر ئاتنى يېتىلەپ ھېلىقى ساراينىڭ ئالدىغا كەلسە، ئۆيدە تېخى چىراغ ئۆچمىگەنىكەن. ئۇ:«بالدۇر كېلىپ قاپتىمەن، ئەمدى چىراغ ئۆچكۈچە بىر دالدىغا كىرىپ بىر ئاز كۈتۈپ تۇراي» دەپ، چەترەك بىر يەرگە بېرىپ تامنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپتۇ - دە، ئاتتىن چۈشۈپ چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇ قاياققا قېچىش، نېمە قىلىش خىيالى بىلەن ئولتۇرۇپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن بۇ يەردىن بىر ئوغرى ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ، ئاتلارنىڭ پۇرقۇشلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ، كېلىىپ قارىسا، توقۇقلۇق ياخشى ئىككى ئاتنى چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ بىر كىشى ئۇخلاۋاتقان. بۇنى كۆرگەن ئوغرى: «مانا، ئىش ئوڭ كەلدى، ئامەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ» دەپ، ئاستا يېقىن كېلىپ ئىسكەندەرنىڭ قولىدىكى چۇلۋۇرنى كېسىپتۇ - دە، ئاتنىڭ بىرىنى مىنىپ، بىرىنى يېتىلەپ كېتىپتۇ. ئىسكەندەر ئۇيقۇچىلىقتا ھېچنېمىنى سەزمەي يېتىۋېرىپتۇ، دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھۆرلىقا تەييارلىنىپ، ئىسكەندەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ دېرىزىدىن كوچىغا قاراپ تۇرغانىكەن. بىر چاغدا ھېلىقى ئوغرى ئاتلارنى دۈپۈرلىتىپ، شۇ كوچا بىلەن ساراينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. دېرىزىدىن قاراپ تۇرغان ھۆرلىقا قاراڭغۇدا بۇنى ئىسكەندەر دەپ قاپتۇ -دە، تەييارلاپ قويغان بىر خۇرجۇن ئالتۇننى دېرىزىدىن تاشلاپتۇ ۋە ئۆزى ئېھتىيات بىلەن قەدەم بېسىپ تاشقىرىغا چىقىپتۇ. ئوغرى ئالدىغا چۈشكەن بۇ نەرسىگە ھەيران بولۇپ، ئاتتىن ئېڭىشىپ قارىسا، ئىچىگە لىق بىرنېمە تولدۇرۇلغان خۇرجۇن. ئۇ دەررۇ ئاتتىن چۈشۈپ خۇرجۇننى ئېچىپ قارىسا ئالتۇن. بۇنى كۆرگەن ئوغرى خۇشاللىقى ئىچىگە سىغماي، ئۇنى ئاتقا ئارتىپتۇ. شۇ ئارىدا ھۆرلىقا يېتىپ كېلىپ: - قېنى، چاپسانراق بولۇڭ، بىرەر كىشى كۆرۈپ قالغۇچە كېتەيلى، — دەپتۇ. ئوغرى بولسا ئۆز - ئۆزىگە:«مانا، ئامەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ» دەپ، بىر ئاتقا ھۆرلىقانى مىندۈرۈپ، بىر ئاتقا ئۆزى مىنىپ «چۇھ» دەپ تاغقا قاراپ كېتىپتۇ. ئۇلار كېچىچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن تاغقا يېتىپتۇ، ئوغرى ئۆزى ياشايدىغان بىر ئۆڭكۈرگە ھۆرلىقانى ئېلىپ كىرىپتۇ. يورۇق چۈشكەندە ھۆرلىقا ھېلىقى كىمىسا، ئىسكەندەر ئەمەس، باشقا بىر كىشى. «ئاھ، ئەمد راسا قولغا چۈشۈپتىمەنغۇ» دەپتۇ ھۆرلىقا ئىچىدە. ئوغرى ھۆرلىقانىڭ چىرايىدا پەيدا بولغان ھەسرەتنى سېزىپ: - نېمىدىن شۇنچە خاپىسىز، خېنىم؟ چىرايىڭىزنى ئاچسىڭىزچۇ، مانا بۇ بايلىق- دۇنيالارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ، — دەپ ئۆڭكۈردىكى ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى ھۆرلىقانىڭ ئالدىغا تۆكۈپتۇ. لېكىن، ھۆرلىقا سىر بەرمەستىن: - ياق، نېمىدىن خاپا بولاتتىم، پەقەت ئات مىنىپ ئۆگەنمىگەنلىكىمدىن ھېرىپ قالسام كېرەك،— دەپ قويۇپتۇ. ئوغرى خۇشاللىقىدىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قاپتۇ. ھۆرلىقا بولسا، بۇنىڭ قولىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى ئىزدەپ: - ئۇھ، خويمۇ ئۇسساپ كەتتىما، ئازراق سۇ تېپىلارمىكىن؟— دەپ سۇ سوراپتۇ. ئوغرى ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ: - سىز ئۈچۈن سۇ تۈگۈل، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىمۇ تەييار،—دەپتۇ ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ بۇلاقتىن بىر ئاپقۇر سۇ ئەكېلىپ، ئازراق قېتىق قوشۇپ دوغاپ قىپتۇ - دە، ھۆرلىقاغا ئۇزارتىپتۇ. ھۆرلىقا دوغاپتىن ئازراق ئىچىپتۇ -دە، ھەر ئېھتىمالغا قارشى يانچۇقىغا سېلىۋالغان بىھوش دورىسىنى ئېلىپ ئاستا دوغاپقا ئارىلاشتۇرۇپتۇ ۋە: - سىزمۇ ئۇسساپ قالغانسىز، ئازراق ئىچىۋېلىڭ، — دەپ دوغاپنى ئوغرىغا ئۇزارتىپتۇ. ئوغرى دوغاپنى ئېلىپ بىر كۆتۈرۈپ ئىچىۋېتىپتۇ -دە، بىرئازدىن كېيىن كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ يىقىلىپتۇ.

ھۆرلىقا ئۆز كىيىملىرىنى خۇرجۇنغا سېلىپ، ئوغرىنىڭ ساندۇقىدىكى ئەرەنچە كىيىملەرنى ئېلىپ كىيىپ، ئاتقا مىنىپ قېچىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۆرلىقا كۈنبويى مېڭىپ تاغلاردىن ئېشىپتۇ، چۆللەردىن ئۆتۈپتۇ. كەچ كىرىپ تۈن باشلىنىپتۇ. تۈن بويى مېڭىپ كۆپ تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر تاغقا كەپتۇ. تاڭ سەھەردە تاغدىن ئېشىپ كېتىپ بارسا، ئاسماندا بىر قۇش ئۇچۇپ يۈرگۈدەك، يەرگە قارىسا ناھايىتى نۇرغۇن كىشى قۇش قاياققا ئۇچسا شۇ ياققا قاراپ، قۇشقا ئەگىشىپ يۈرگۈدەك. بىر ۋاقىتتا قۇش ئەگىپ - ئەگىپ تۆۋەنلەپ چۈشۈپ ھۆرلىقانىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. قۇشنى ئەگىشىپ يۈرگەن كىشىلەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ: «ۋاي خان ئالىيلىرى، مۇبارەك بولسۇن!» دېيىشىپ ھۆرلىقانى ئاتتىن چۈشۈرۈپ، قولمۇقول كۆتۈرۈپ دېگۈدەك خان ئوردىسىغا ئەكېتىشىپتۇ. ھۆرلىقا ھېچنېمىنى چۈشەنمەي، ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ خانى ئۆلۈپ قالغانىكەن، خاننىڭ تەخت ۋارىسى يوق ئىكەن، شۇڭا شەھەر خەلقى خانلىق تالىشىپ ئۆزئارا چىقىشالماستىن، ئاخىرى خاننىڭ ئامەت قۇشى دەپ ئاتالغان قۇشىنى ئۇچۇرۇپ: «ئەگەر شۇ قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا شۇ خان بولىدۇ» دېگەن قارارغا كەلگەنىكەن. شۇ قۇش ھۆرلىقانىڭ بېشىغا كېلىپ قونغىنى ئۈچۈن، قارارغا مۇۋاپىق، ئۇنى شۇ شەھەرگە خان قىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى، ھۆرلىقا ئايالچە كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى سىزدۇرۇپتۇ - دە، يەنە ئەرەنچە كىيىنىۋاپتۇ، كېيىن ساراي باشقۇرغۇچىنى چاقىرىپ: - مۇشۇ سۈرەتنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قاراۋۇل قويۇڭ. ئەگەر كىمدىكىم شۇ سۈرەتنى كۆرۈپ «ئاھ - ۋاھ» ئۇرسا، دەررۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ھەيدەپ كېلىڭ ،!— دەپ ئەمر قىپتۇ. ساراي باشقۇرغۇچى خاننىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاپ، سۈرەتنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپتۇ ۋە قاراۋۇللارنى قويۇپتۇ. ئەمدى گەپنى ئىسكەندەردىن ئاڭلايلى: ئىسكەندەر ئۇخلاپ قېلىپ ئاتلىرىنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغان كۈننىڭ ئەتىسى: «خاننىڭ كېلىنى قېچىپ كېتىپتۇ» دىگەن گەپ پۈتۈن شەھەرگە يېيىلىپتۇ. غەزىپى قاينىغان شاھزادە:«ئاسمانغا چىقىپ كەتسە تاپىنىدىن، يەرگە كىرىپ كەتسە چېچىدىن تارتىپ چىقىمەن !» دەپ يۇرتمۇيۇرت ئايلىنىپ ئىزدەشكە باشلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئىسكەندەرمۇ: - دىمەك، ھۆرلىقا قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى بىز نەدە بولسۇن تېپىشىپ قالارمىز» دەپ ئۇنى ئىزدەپ يولغا چىقىپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى شاھزادە ھۆرلىقانى ئىزدەپ يۈرۈپ، دەل شۇ ھۆرلىقا خانلىق قىلىۋاتقان شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. شەھەرگە كىرىشتە دەرۋازىدا ئېسىقلىق تۇرغان ھېلىقى سۈرەتنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە:«ئاھ، جېنىم خوتۇنۇم، نەلەردە ۋە كىملەرنىڭ قولىدا يۈرىدىغانسەن؟» دەپ ئاھ - ۋاھ ئۇرۇپتۇ. نۆكەرلەر شۇ زامان ئۇنى تۇتۇپ، پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي خاننىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ. ھۆرلىقا ئۇنى شۇ زامان زىندانغا تاشلاشقا ئەمر قىپتۇ. يەنە بىر كۈنى ئىسكەندەر مۇشۇ شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇمۇ دەرۋازىدىكى سۈرەتنى كۆرۈپ:«ئاھ، جېنىم خوتۇنۇم، نەلەردە ۋە كىملەرنىڭ قولىدا يۈرىدىغانسەن؟ دەپ ئاھ-ۋاھ ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. نۆكەرلەر بۇنىمۇ خاننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەپتۇ. ھۆرلىقا ئۇنى تونۇسىمۇ تونۇماسقا سېلىپ، ئۇنىمۇ زىندانغا تاشلاشقا ئەمر قىپتۇ. ھۆرلىقا شۇ كۈنى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئەر - ئايال، چوڭ-كىچىك جىمىكى ئاھالىسىگە ئوردىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىنىشنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شەھەردىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە ئادەم كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتا ساراي ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىنىپتۇ ۋە نېمە ئىش بولدىكىن دەپ كۈتۈپ تۇرۇشۇپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ھۆرلىقا خان ۋەزىرلىرى بىلەن بىللە چىقىپتۇ ۋە ئىسكەندەر بىلەن ھېلىقى شاھزادىنى زىنداندىن ئالدۇرۇپ چىقىپ: - ئەي پۇقرالىرىم ! مەن سىلەرنىڭ قارارىڭلار بويىچە خانىڭلار بولۇپ ھۆكۈم سوراۋاتىمەن. ئەمدى مېنىڭ سىلەرگە ئاشكارىلايدىغان بىر سىرىم بار، قۇلاق سېلىڭلار. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن ئەر ئەمەس، بەلكى ئايال كىشىمەن. مېنىڭ ئېرىم بار ئىدى، لېكىن بىزنىڭ بېشىمىزغا بەختسىزلىك كېلىپ، ئىككىمىز بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىپ كەتكەنىدۇق، مانا ئەمدى تېپىشتۇق. مېنىڭ ئېرىم مانا بۇ يىگىت،— دەپ ئىسكەندەرنى كۆرسىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ، _ بىزنىڭ بېشىمىزغا بۇ دىشۋارچىلىقلارنى سالغان مانا بۇ قارا نىيەت، — دەپ شاھزادىنى كۆرسىتىپ ۋە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىپ، ئاخىرىدا،— قارا نىيەت شاھزادىنى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ، ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈڭلار. ئەمدى مەن خانلىقنى ئېرىم ئىسكەندەرگە تاپشۇرىمەن، — دەپ سۆزىنى تۈگىتىپتۇ. ياساۋۇللار ئۇنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، شاھزادىنى بىر ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ قويۇۋېتىپتۇ. ئات ئۇنى سۆرەپ، تېپىپ يۈرۈپ پارچە - پارچە قىلىۋېتىپتۇ. ئىسكەندەر شۇ كۈندىن باشلاپ تەختتە ئولتۇرۇپ خانلىق قىلىشقا باشلاپتۇ ۋە ئاتا - ئانىسىنىمۇ يېنىغا ئېلىپ كىلىپتۇ ۋە شۇنىڭدىن كىيىن بەخىتلىك ياشاپتۇ. تۈگدى