: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

ئۈچ يالغاندا 40 يالغان

ئۈچ يالغاندا 40 يالغان

بار ئىكەنۇ يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەنۇ توق ئىكەن، تۈلكى ياساۋۇل ئىكەن، بۆرە ھاكاۋۇر ئىكەن، غاز كانايچى ئىكەن، ئۆردەك سۇنايچى ئىكەن، قاغا قاراقچى ئىكەن، سېغىزخان يالاقچى ئىكەن، يىلان تۈگمەنچى ئىكەن. ئەنە شۇ زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن. قىز بويىغا يەتكەندە، ئەتراپتىكى پادىشاھلارنىڭ شاھزادىلىرى بەس - بەس بىلەن قىزغا ئەلچى ئەۋەتىشىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىسىمۇ، قىز زادىلا ئۇنىماپتۇ، بىر كۈنى پادىشاھ قىزىنىڭ ئالدىغا ئېمىكئانىسىنى كىرگۈزۈپ، قىزىنى ياتلىق بولۇشقا كۆندۈرمەكچى بوپتۇ، ئېمىكئانا پادىشاھنىڭ ئېيتقىنى بويىچە راھەت- پاراغەتتىن، زىبۇ - زىننەتتىن، نەغمە - ناۋادىن، تاجۇتەختتىن سۆز ئاچقانىكەن، قىز: مەن ھايۋاندىن پەرقلىنىمەن، مال - بايلىقتىن ئۈستۈنمەن. كىمكى شەرتىمنى ئادا قىلسا، شۇنىڭ گۈلىمەن دەپتۇ. ئېمىكئانا قىزنىڭ سۆزىگە ئەجەبلىنىپ، خەير، نېمىلىكى بولسا قېنى بىر ئاڭلاپ باقاي، دەپ ئويلاپتۇ، ئاندىن: — خوش، شەرتىڭنى سۆزلە، قىزىم، مەن بىر ئۇقاي مۇناسىپ كەلسە، پۈتۈن ئالەمگە جاكار قىلاي، — دەپتۇ. — ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغاننى ئېيتالىغان يىگىتكە ياتلىق قىلىنسام رازىمەن، ئەمما، راستنى يالغان دېسە ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدۇ. مېنىڭ شەرتىم مۇشۇ، — دەپتۇ قىز. پادىشاھ ئېمىكئانىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ۋەزىر، دانىشمەنلەرنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق شاھزادىلەرنىڭ ئەلچىلىرىگە قىزنىڭ شۇ شەرتىنى ئېيتىپتۇ ۋە كىمكى راستنى يالغان دېسە بېشى ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھلىقلارنىڭ شاھزادىلىرى، چوڭ - كىچىك يۇرتنىڭ بەگزادىلىرى ۋە ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ خانزادىلىرى كېلىشكە باشلاپتۇ، لېكىن بەزىلىرى بۇ شەرتنى ئادا قىلىشقا كۆزى يەتمەي، قىزنىڭ مېھرىدىن كېچىپتۇ. بەزىلىرى بولسا، قىزنىڭ ئوت - پىراقىدا شەرتنى ئادا قىلالماي باشلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئاخىر ئېمىكئانا ئارقىلىق قىزىغا بۇ شەرتنى ئادا قىلىدىغان بىرەر ئەقىللىك شاھزادە، خانزادە ۋە بەگزادىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ، قىزىنى ئەقىلسىزلىكتە ئەيىبلەپتۇ. لېكىن قىز بۇنىڭغا زادىلا كۆنمەپتۇ. قىز ئىشەنچ بىلەن: «بۇنى ئېيتالايدىغان كىشى چىقىدۇ، ئاتام سەۋر قىلسۇن، ئەگەر چىقمىسا مەيلى» دەپتۇ. شۇ تەرىقىدە كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، قىزنىڭ شەرتىنى نى-نى شاھزادىلەر، خانزادىلەر ۋە بەگزادىلەرنىڭ ئادا قىلالمىغانلىقى سۆز چۆچەك بولۇپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپتۇ. ئەمدى گەپنى مۇشۇ پادىشاھنىڭ شەھىرىگە قاراشلىق يىراق يېزىدىكى بىر كەمبەغەل موماينىڭ ئوغلىدىن ئاڭلايلى يىراق بىر يېزىدا ناھايىتى كەمبەغەل بىر موماي ياشايدىكەن، ئۇنىڭ يالغۇز بىرلا ئوغلى بار ئىكەن، ئانا - بالا ئ‍ىككىسى ئەتىگەندىن - كەچكىچە كىشىلەرنىڭ ئىشىكىدە ئ‍ىشلەپ، كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزىدىكەن. يىگىت شۇنچە چاققان بولسىمۇ، بايلار ئۇنى زاڭلىق قىلىپ، ئۆز ئىسمىنى ئاتىماي {گال} دەپ ئاتايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە گال بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئىجازەت سوراپتۇ. موماي ئوغلىنىڭمۇ قىزنىڭ شەرتىنى ئورۇنلىيالماي جان بېرىشىدىن ئەنسىرەپ جاۋاب بەرمەپتۇ. گال ئانىسىنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى سەزگەندىن كېيىن، ئانىسىغا تەسەللى بېرىپ: - خاتىرجەم بول، ئانا، قىزنىڭ شەرتىنى ئورۇنلىماق ئاسان،_ دەپ ئۆزىنىڭ راسلىغان سۆزلىرىنى بىر-بىرلەپ دەپ بېرىپتۇ. ئانىسى ئىلاجسىز ئوغلىنىڭ ئامانلىقىنى ئۈمۈت قىلىپ ماقۇل بوپتۇ. گال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئازماڭدىمۇ، كۆپ ماڭدىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم، ئىشقىلىپ بىر كۈنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ياساۋۇللار بۇ يىگىتنى كۆرۈپ، ئالدىنى توسۇپتۇ: — سەن گاداي بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ — دەپ قوغلاپتۇ. گال ئۇلارنىڭ گۇمانلىرىنى سېزىپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ: — مەن ئوغرىمۇ ئەمەس، قاراقچىمۇ ئەمەس، لېكىن بىر باينىڭ سادىق قۇلى. مەن شۇ باينىڭ پادىشاھتىن يوشۇرۇپ تىقىپ قويغان بورداق قويلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرىشكە كەلدىم، لېكىن قويلارنىڭ سانىنى شاھنىڭ ئۆزىگە ئېيتىمەن، ياساۋۇللار شاھقا خەۋەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاچ كۆز شاھ خۇشاللىقىدىن گالنى چاقىرىپ: — قېنى، قويلار ھەققىدە چاققانراق سۆزلىگىن،— دەپتۇ گال ھېچبىر ھودۇقماستىن، تېتىكلىك بىلەن:— مەن ئاۋۋال سىلىگە راسلىغان سۆزلىرىمنى ئېيتاي قىزلىرىمۇ كېلىپ ئاڭلىسۇن. سىلى بۇنىڭ بىلەن قويلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلىلا، سىلى بىلمىسىلە، قىزلىرى چۈشىنىدۇ،_دەپتۇ. پادىشاھ قىزىنى چاقىرىشقا مەجبۇر بوپتۇ. گال يالغاننى باشلاپتۇ: بىرىنچى يالغان- ئۇلۇغ شاھىم، مېنىڭ ئېتىم گال، ئۆزۈم بىر كەمبەغەل، ئاتامدىن يالغۇز قالغان يېتىممەن. لېكىن، مەن ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرۈپ، ئۆلە- ئۆلە، ئاخىر ئاكا -ئۇكا بولۇپ ئۈچىمىز قالدۇق. مەن بۇنىڭغا ھەيرانمەن، لېكىن ئەجەبلەنمەيمەن. بىز ئۈچ بولغاندىن كېيىن ئارىمىزدا دوستلۇق، بۇرادەرلىك پەيدا بولدى، بىراق بىر - بىرىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتۇق ھەم تونۇشمايتتۇق. شۇ چاغدا ئۇچىمىزغا قارىساق كىيگەن كىيىملىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئەقلىمىز ھەيران قالدى: بىرسىمىزنىڭ ياقىسى يوق، بىرسىمىزنىڭ ئېتىكى يوق، يەنە بىرسىمىزنىڭ غولى يوق. بىزشۇنداق قىلىپ، ئىككى ئەما زۇلمەتتە ئۇچرىشار دېگەندەك، بىرچۆلدىكى سايدا بىر - بىرىمىز بىلەن مۇڭداشساقمۇ ئاڭلىماستىن، بىللە ماڭساقمۇ كۆرمەستىن، يولدا يۈرمەي، چەتكە چىقماي، ئوتتۇرىدا مېڭىپ كېتىۋەردۇق. خېلى يولماڭغاندىن كېيىن، يول ئۈستىدە ئۈچ تەڭگە ئۇچراپ قالدى. كۆزىمىزنى يۇمۇپ قارىساق، بىرىنىڭ تامغىسى يوق، بىرىنىڭ رەڭگى يوق، يەنە بىرىنىڭ ئېغىرلىقى يوق ئىكەن. بۇ ئۈچ تەڭگىنى مۇشتلاشساقمۇ ئەرز قىلىشماي، تەڭ بولمىسىمۇ ياخشى-يامىنىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئادالەتلىك بىلەن بۆلۈشۈۋالدۇق. يەنە مېڭىۋەردۇق، مېڭىۋەردۇق، يول ماڭساقمۇ مىدىرلىماي، سۈيى يوق كۆلى بار بىر سايغا چۈشتۇق....سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پادىشاھ شۇنداق غەزەپكە كەپتۇكى، سۆز قىلالماي ھوشىدىن كېتىپتۇ، بىرھازادىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، گالنى مىدىرلاتماي بېشىنى ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ گال ناھايىتى مەردانىلىك بىلەن تېتىك تۇرۇپ مىيىقىدا كۈلۈپتۇ:_ ئۇلۇغ شاھىم، مەن ئېيتاي، سىلى ئاڭلىسىلا، كاللام چېپىلماس، سۆزۈم توختىماس، سۆزىدە تۇرمىغان ئادەم بولماس ھازىرچە ئىختىيارنى قىزلىرىغا بەرسىلە، قىزلىرى بۇيرۇق قىلسۇن،— دەپتۇ. تەختنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ گالنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سۆزلەۋاتقان يىگىتنىڭ ئېتى گال بولسىمۇ، سۆزى بال ئىكەن، دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى زوق بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان مەلىكە تەختنىڭ ئالدىغا چىقىپ: — كىشى جانانىدىن جانىنى ئايارمۇ؟ كۆرۈڭ، پەرۋانىلەر ئوتتىن يانارمۇ؟ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى توغرا بولسا قورقۇشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ ئەقىللىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاخىرىغىچە سەۋر - تاقەت بىلەن ئاڭلىيالايدۇ...قېنى، ئاڭلاپ باقايلى ! ! دەپ يىگىتكە ئىشارەت قىپتۇ. پادىشاھ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ئوردا دانىشمەنلىرى، ۋەزىرلىرى باش ئېگىشىپ، مەلىكىگە تەزىم قىلىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. گال يەنە سۆزىنى باشلاپتۇ ...

سۈيى يوق كۆلى بار بىر سايغا چۈشتۇق. سۈيى يوق كۆلدە ئۈچ بېلىق ئويناقلاپ ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ. بۇ بېلىقلارنىڭ ئىككىسى ئۆلۈك، بىرىنىڭ جېنى يوق ئىكەن. بىز ھېلىقى بېلىقلارنى ئېلىپ، ئېتىكى يوقنىڭ ئېتىكىگە سېلىپ، سايدىن چىقىپ يولغا چۈشتۇق، يولدا ماڭماي، يولدىن چىقماي كېتىۋەردۇق، كېتىۋەردۇق، قارىساق ئالدىمىزدا ئۈچ ئۆي كۆرۈندى، بىز شۇ ئۆيلەرگە كەلدۇق. ئىككى ئۆينىڭ تېمى يوق. بىرىنىڭ ئورنى يوق. بىز ئورنى يوق ئۆيگە كىرسەك، ئۈچ دانە قازان تۇرۇپتۇ. قازانلارنىڭ ئىككىسى تۆشۈك، بىرىنىڭ تۈۋى يوق. ئېتىكى يوق ئاكام ئېتىكىدىكى جېنى يوق بېلىقنى ئېلىپ، تۈۋى يوق قازانغا سالدى. بىز ئۇنى پىشۇرماقچى بولۇشتۇق، قارىساق، ئوتۇن يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوت ياقماي، ئوتۇننى ئايىماي قالاۋەرسەك، قازان قاينىماي گۆشى پىشىپ، سۆڭىكى مىلىق-مىلىق بولۇپ كېتىپتۇ، يەپ باقساق، ئىسسىقمۇ ئۆتمەپتۇ، نېمە بولسا بولسۇن دەپ، ئۈچىمىز راسا يېدۇق، يېگەندىمۇ بىر - بىرىمىزنى تەكلىپ قىلىشماستىن يەۋەردۇق. بىراق، يېگەن گۆش قورسىقىمىزنىڭ بىر بۈرجىكىگىمۇ كەلمەپتۇ. ئويلىساق قورسىقىمىز راسا تويۇپ كېتىپتۇ. كەتمەكچى بولدۇق. ئۆيدىن چىقايلى دېۋىدۇق، ئىشىكتىن پاتمىدۇق. ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن، ئىلاجنىڭ تولىلىقىدىن تام تۆشۈكىدىن چىقىپ كەتتۇق.يەنە يول يۈردۇق، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈردۇق، يۈرىۋېرپ بىر ئېتىزغا چىقىپ قالدۇق. قارىساق، ئۈنمىگەن چىخ تۈۋىدە تۆرەلمىگەن توشقان يېتىپتۇ. شېخى يوق دەرەختىن پۇتىمىغان چوماقنى ئېلىپ، ھېلىقى توشقاننى راسا بىر ئۇرۇۋىدۇق، توشقان جىم يېتىپ، يۈگۈرگەن پېتى كولىمىغان ئورىغا چۈشۈپ جان بەردى. توشقانغا پىچاق سالماي، قول تەگكۈزمەي سويساق، چىقتى ئون پاتمان گۆشى، يىگىرمە پاتمان چاۋىسى،ئالتە ئايدىن بېرى يەۋاتىمىز، ھېلىمۇ بار تەڭدىن تولىسى.شۇنىڭدىن بۇيان بىز ئاچ قېلىپ، ئاكام مەندىن خاپا بولۇپ، ئۆزى بىلگەن يەرگە كەتتى. يىگىرمە پاتمان چاۋا ياغ ماڭا قالدى. بۇ ياغنىڭ ھەممىسىدە چورۇقۇمنى ياغلىدىم، ياغ چورۇقۇمنىڭ بىرىگە يەتمىدى. خەير، شۇنداق بولدى. ھېرىپتىكەنمەن، ئۇخلاۋاتسام بىر چاغدا جاھان زىلزىلىگە كېلىپ غوۋغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئويغانسام، چورۇقلىرىم:«ساڭا ياغ تەگدى، ماڭا يوق» دەپ گالاچلىتىپ مۇشتلىشىپ، قاپاقلىرىنى يېرىشىپتۇ، سۆزۈمگە كۆنمىدى،مەسلىھەتكە كىرمىدى. ئىلاج يوق، ئاخىر چورۇقلىرىمنىڭ ئىككى قۇلىقىدىن تۇتۇۋېلىپ ھەر بىرىنى ئۈچ شاپىلاقتىن ئۇرۇپ جىم تۇرۇش، ئەمدى ئۇرۇش» دەپ يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم...بىرۋاقتىدا ئويغىنىپ قارىسام، ياغلانغان چورۇقۇم غول چاپىنىمنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۆزى يېپىنىپ راسا ئۇخلاۋېتىپتۇ، ياغ تەگمىگىنى خاپا بولۇپ قېچىپ كېتىپتۇ. ياغلىغان چورۇقۇمنى ئويغىتىپ، بىر كەسلەنچۈكنى ھارۋىغا قېتپ يولغا راۋان بولدۇق. چورۇقۇم ھارۋىنى ھەيدىدى، مەن يول كۆرسەتتىم، شۇنداق قىلىپ، مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆيگە ئاسانلا يېتىپ كەلدىم.' مەن ئۆيدىن چىقىش ۋاقتىدا ئۆيدە بىر موماي، بىر خوراز بار ئىدى، قايتىپ كەلسەم ئۆي يوق، ئۆي بولسىمۇ ئورنى يوق،تېمى بولسىمۇ لېيى يوق، ئەتراپقا قارىسام، ھېچنېمە يوق. ماڭا بۇ تازا تارتقۇلۇق بولدى. ئەمدى ئۆينى، موماينى، خورازنى نەدىن تاپاي، پادىشاھىم؟ ئەرزىمنى بايان قىلاي دەپ ھۇزۇرلىرىغا كەلدىم، — دەپ گال ئېڭىكىنى سىلاپ خاتىرجەم تۇرۇپتۇ.پادىشاھ گال ئېيتىۋاتقان ھېكايىنىڭ مەنىسىگە يېتەلمەي، ئەتراپىدىكى ۋەزىر، دانىشمەنلەرگە قاراپتۇ. دانىشمەنلىرىدىن بىرسى پادىشاھقا:— گالنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، يالغان ئېيتقان كىشى شاھ خەنجىرىنىڭ ئوزۇقىدۇر،— دەپتۇ. قىز بۇ سۆزگە كايىپ: — ھۆرمەتلىك ئاتا، گالغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى يەنە ئېيتسا،— دەپتۇ. پادىشاھ جاۋاب بەرگۈچە، گال: تەخسىر.-.! دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ. ئىككىنچى يالغان — تەخسىر، ئاڭلاۋاتىدىلا، موماي يوق، خورازمۇ يوق- چورۇقۇمنىڭ بىرى تېخى يوق. بۇلارسىز ياشىماق تېخى تەس شۇڭا دېمىم ئىچىمگە چۈشتى، كۆڭلۈم بۇزۇلدى. خەير دېدىم. موماي، خوراز، چورۇقنى يەنە بىر ئىزدىدىم. ماڭدىم، مېڭىۋەردىم، ئورنۇمدا قېلىۋەردىم. شۇنداق قىلىپ، بىر قىشلاققا يەتتىم. خورىزىم شۇ قىشلاقتا بىر بايغا ئىشلەۋېتىپتۇ، باينىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى پەقەت شۇ خوراز بىلەن مېڭىۋېتىپتۇ. خورىزىم بىلەن كۆرۈشتۈم، قۇچاقلىشىپ سۆيۈشتۈم. بىر-بىرىمىزنى شۇنچىلىك سېغىنىپ كېتىپتۇقكى، كۆرۈشە-كۆرۈشمەي، يىغلىشىپ كېتىپتۇق. خورىزىم بايغا ئالتە ئاي كېچە - كۈندۈز ئىشلەپتۇ. خورازنى ئەكېتىش ئۈچۈن باي بىلەن سۆزلەشتىم، بولمىدى، سوقۇشتۇم، بولمىدى. بايغا بۇ ئىشلار ئەرمەك بولدى، ئاخىر ھەققىگە بىر جۇۋالدۇرۇز بەرمەك بولدى. باي بۇنىڭغىمۇ ئاسان كۆنمىدى. جۇۋالدۇرۇزنى ئالغىنىمغا خۇش بولدۇم، خۇش بولۇپ، يەنە يولغا چىقماق بولدۇم، لېكىن خورىزىم ئۇنىمىدى، ئۇ يەنە ئۈچ ئاي ئىشلەپ، ئاندىن ھەققىنى تولۇق ئېلىپ قايتماق بولدى. مەن جۇۋالدۇرۈزنى ئېلىپ خۇرجۇنۇمغا سېلىپ، خورىزىمغا خەير دەپ، ئارقامدىن تېز كەل دەپ، يەنە يولغا راۋان بولدۇم. موماي بىلەن بىر پاي چورۇقنى ئىزدەپ كېتىۋەردىم، كېتىۋەردىم، ھېچ يەردىن تاپالمىدىم، ئېگىز تاغلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ پۈتۈن ئالەمگە قارىدىم، كۆرۈنمىدى، ئاخىر بىر قېلىن جاڭگالنىڭ ئىچىدىكى چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ قارىسام، يەتتە تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە، يەتتە دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، بىر كىچىك ئۆستەڭ بويىدا موماي كىر يۇيۇپ ئولتۇرۇپتۇ، بېرىپ يىغلاپ كۆرۈشۈپ:«كېتەيلى، ئانا، يۈر» دېسەم، «بايغا ئىشلىگىلى ئالتە ئاي بولدى، توققۇز ئاي بولغاندا ھەق بەرمەكچى، ھەققىمنى ئالماي كەتمەيمەن» دەپ ئۇنىمىدى. مەن قايتىپ كېتىشكە تەمشىلىۋىدىم، ئۇسساپ كەتكىنىمگە ئۈچ كۈن بولغانلىقى ئېسىمگە چۈشتى. ھاۋا ناھايىتى ئىسسىپ قايناپ تۇرغان بىر چاغ ئىدى. مەن دەريا بويىغا بارسام، سۈيى غاچچىدە توڭلاپ كېتىپتۇ، مۇزنى تىشىشقا تاش تاپالماي، بېشىمنى قۇلىقىمدىن تۇتۇپ بىر قويغان ئىدىم، مۇز يېرىلدى، سۇنى راسا ئىچتىم، ئۇسسۇزلۇق تىتىپ، يەنە يولغا چۈشتۈم، بىر يەرلەرگە بارغاندىن كېىن قارسام. بېشىمنىڭ تېڭى يوق، ئويلىسام دەريادا قاپتۇ، قايتا جۇۋالدۇرۇزغا قارىسام ئۇنىڭ بىسى يوق. شۇنىڭ بىلەن «ۋا ئىسىت » دېدىم - دە، بېشىمنى تېپىشنى ئۇنتۇپ موماينى ئالغىلى باردىم. ۋاقىت ئۈچ ئايغا توشقانىدى. موماي يوق، سۈرۈشتۈرسەم، ئىش ھەققىنى ئالماقچى بولغىنىدا باي مومايغا تۆھمەت توقۇپ، ئۇنى دەسسەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. مانا پادىشاھىم، ئەھۋال شۇ ! ھەممە تارتقۇلۇق بىز پېقىرلارغىلا بولامدۇ؟ ئويلاپ كۆرسىلە، ئالدىلىرىغا شۇنى ئېيتقىلى كەلدىم،— دەپ جاۋاب كۈتكەندەك تۇرۇپتۇ. پادىشاھ ھودۇقۇپ، ۋەزىر-دانىشمەنلىرىگە قاراپتۇ، ئەقىل سورىغاندەك قىلىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماراپتۇ. ۋەزىرلەردىن بىرسى: — يالغانچىنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى پادىشاھقا ھاقارەت. پادىشاھىمىزنىڭ زامانىسىدا بۇنداق ئادالەتسىز ئىشلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ! — دەپ تۇرۇشىغا، گال: — تەخسىر، تېخى گەپ بۇ يەردە ،! دەپ سۆزىنى يەنە باشلاپتۇ. ئۈچىنچى يالغان —موماينىڭ خۇن قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ياقىسىدىن سۆرەپ، سوراقخانىغا ئېلىپ باردىم. سوراقچى ئۇنداق دەپ، مۇنداق دەپ، موماينىڭ خۇنىغا بىر ئېشەك بۇيرۇپ، «سوراقخانىنىڭ ھۆكمى نەق، ئادا قىلىش ھەق» دەپ، يولغا سالدى. موماي ئۈچۈن يىغلاپ، نائىلاج ئېشەكنى مىندىم- دە، يولغا چىقتىم. كەڭ دەشت- باياۋاندا كېتىۋاتسام، قىرىق كارۋان ئۇچراپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرسى ماڭا قاراپ:«ھەي گال، ئېشىكىڭ يېغىر بولۇپ قاپتۇ، باشقىدىن توقۇۋال» دېدى. ئېشەكتىن چۈشۈپ قارىسام، راستلا ئېشەكنىڭ دۈمبىسىنى يېغىر بېسىپ كېتىپتۇ. بۇنى قانداقمۇ ساقايتارمەن دەپ، كارۋانلاردىن سورىسام، كۆيدۈرۈپ باسقىن دەپ، بىر دانە ياڭاق بەردى. ياڭاقنى كۆيدۈرۈپ بېسىۋىدىم، بىردىنلا ئېشەكنىڭ دۈمبىسىدىن بىر تۈپ ياڭاق دەرىخى ئۈنۈپ چىقتى، ھەش - پەش دېگۈچە كۆكلەپ، چېچەكلەپ كەتتى، ياڭاقلىرى پىشىپ قالدى. ئېشەك ياڭاقنى كۆتۈرەلمەي بېلى ئېگىلىپ، قورسىقى يەرگە يەتتى. مەن ياڭاقلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېشەكنى يېتىلەپ شۈدىگەرلىككە ئېلىپ باردىم. كۈچۈمنىڭ بارىچە ياڭاققا چالما ئېتىشقا باشلىدىم، لېكىن بىر تالمۇ ياڭاق چۈشمىدى. شۇنچىۋالا ياڭاقتىن بىرەرى چۈشمىگىنىگە ئىچىم پۇشۇپ، ئاستا ئاۋايلاپ ياڭاقنىڭ تۆپىسىگە چىقتىم. قارىسام، ياڭاقنىڭ ھەممىسى شور باغلاپ كېتىپتۇ. شاختىن - شاخقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈرسەم، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئۈستى ئېتىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ، بىر تەرىپىدە بىر ئۆستەڭ سۇ شارقىراپ ئېقىۋېتىپتۇ، بىر تەرىپىدە تاۋۇز تېرىلغان ئېتىز تۇرۇپتۇ. مەن تاۋۇزنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈردۈم. پېلەكلەردىن ھەر يوغان تاۋۇزلار چۈشكىلى تۇردى، نېمىسىنى دەيلا، بىردەمدە ھەممىسى شالاقلاپ پىشتى. مەن بىر كۈنى پىچىپ يەي دەپ، بىر تاۋۇزنى ئۈزدۈمدە، پىچاقنى شۇنداق سېلىشىمغا تاۋۇز تاراسلاپ يېرىلىپ، پىچاق تاۋۇزنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. پىچاقنى ئالاي دەپ، تاۋۇزنىڭ ئىچىگە چۈشتۈم، قارىسام پىچاق ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق، ئىزدەپ، تاپالماي يۈرسەم، بىر ئادەم ئۇچراشتى. ئۇنىڭدىن: — ئاكا، پىچاق كۆردىڭىزمۇ؟ دېسەم، ئۇ ئادەم: — ئاۋۋال سەن ماڭا جاۋاب بەر، ئەسلىدە بىز قىرىق كارۋان ئىدۇق، ھەربىرىمىزدە قىرىقتىن ئۇلاغ بار ئىدى، يوقىتىىپ قويۇپ تاپالمايۋاتىمىز، كۆردۈڭمۇ؟ — دەپ مېنىڭدىن سورىدى. _ پادىشاھىم، ھۇزۇرلىرىغا شۇنى ئېيتقىلى كەلدىم، ئېيتىدىغىنىمنى ئېيتىپ بولدۇم، ئەمدى قۇلىقىم سىلىدە، دەپتۇ گال پادىشاھ ۋەزىر-دانىشمەنلىرىنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى كۈتۈپتۇ، ئۇلار ھېچبىر مەسلىھەت بېرەلمەپتۇ. ئاخىر دانىشمەندىن بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ: - بۇ ئالجىغان نېمىكەن، دەپ تۇرۇشىغا، پادىشاھنىڭ قىزى: -بۇنى بىلمىگەن تەبىر بېرەلمەيدۇ. يىگىت مېنىڭ شەرتىمنى ئادا قىلدى. ئاتا، ئەمدى تويغا رۇخسەت قىلسىڭىز،_ دەپتۇ. پادىشاھ رازىلىق بېرىپ، ۋەزىر ۋە دانىشمەنلىرىنى تويغا ھازىرلىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.تۈگىدى