: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

قوغلانغان مەلىكە

قوغلانغان مەلىكە

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر موماي بولغانىكەن. ئۇ بىر توپ غازلىرى بىلەن قاقاسلىقتىكى بىر كەپىدە تۇرىدىكەن. قاقاسلىقنىڭ ئەتراپى ئورمان ئىكەن. ھەركۈنى سەھەردە موماي ھاسىسىغا تاينىپ، ئىغاڭلاپ ئورمانلىققا بارىدىكەن. ئۇ ئۇيەردە ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەيدىكەن. شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا كىشىلەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن. ئۇ غازلىرىغا ئوت ئالىدىكەن، قولى يەتكەن مېۋىلەرنى ئۈزىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنى يۈدۈپ قايتىپ كېلىدىكەن. كىشىلەر مۇنداق ئېغىر يۈك ئۇنى چوقۇم بېسىۋالىدۇ، دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمما موماي تىنچ-ئامان ئۆيىگە كېلەلەيدىكەن. ناۋادا ئۇنىڭغا بىرەرسى ئۇچراپ قالسا، موماي مۇلايىملىق بىلەن: —قەدىرلىك يۇرتداش، تىنچلىقمۇ، بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى! ئوت-چۆپ يۈدۈۋالغىنىمدىن ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ھەممە ئادەم ئۆز يۈكىنى ئۆزى كۆتۈرۈشى كېرەك، _ دەيدىكەن. بىراق كىشىلەر ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن نېرى ماڭىدىكەن. بىرەر دادا بالىسىنى ئېلىپ موماينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالسا دادا بالىسىغا: — بۇ مومايدىن پەخەس بولۇڭ، ئۇ ناھايىتى ھىيلىگەر پىرخون،— دەيدىكەن. بىر كۈنى ئەتىگىنى چىرايلىق بىر يىگىت ئورماندىن ئۆتۈپتۇ. قۇياش كۈلۈپ بېقىپتۇ. قۇشلار شادىمان سايراپتۇ. سالقىن شامال سۆيۈپ ئۆتۈپتۇ. يىگىتنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يايراپتۇ،ئۇ ئورماندا ھېچكىمنى ئۇچراتماپتۇ. يىگىت تۇيۇقسىز موماينىڭ يەردە ئولتۇرۇپ ئورغاقتا ئوت ئورۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. موماى بىر خالتىنى لىق توشقۇزغان بولۇپ يېنىدا يەنە ئىككى سېۋەتكە نەشپۈت ۋە ئالمىلار قاچىلانغان ئىكەن. يىگىت: موما، بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى قانداقمۇ كۆتۈرەلەيسىز؟دەپ سوراپتۇ. موماي: _ تەقسىر، كۆتۈرمىسەم بولمايدۇ. بايلارنىڭ بالىلىرى بۇنداق ئېغىر ئىشلارنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق بىز دېھقانلاردا يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن! دەيدىغان بىر گەپ بار. يىگىت مومايغا قاراپ تۇرۇپتۇ. موماي: — ماڭا ياردەم قىلامسەن؟ سېنىڭ بېلىڭ ئىگىلمىگەن، پۇتلىرىڭمۇ كۈچلۈك، بۇ نەرسىنى يۈدۈسەڭ ھېچقانچە جاپا تارتمايسەن. ئۆيۈممۇ يىراق ئەمەس، تاغنىڭ كەينىدىكى قاقاسلىقتا. بىر چامداملا يەر، دەپتۇ يىگىت مومايغا ئىچ ئاغرىتىپ: — دادام دېھقان ئەمەس، بەلكى باي گىراف، دېھقاندىن باشقىلارنىڭمۇ ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بېرەي. —شۇنداق قىلساڭ، تولىمۇ خۇش بولار ئىدىم. بىرەر سائەت يول ماڭغانغا نېمەڭ كېتەتتى؟ ئالما ۋە نەشپۈتلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن. ياش گىراق بىر سائەتلىك يولنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سەل تەڭلىكتە قاپتۇ. موماي ئۇنى كەتكىلى قويماي، يوغان خالتىنى ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ، ئىككى سېۋەتنى بىلىكىگە ئېسىپتۇ. — قانداق، بۇ نەرسىلەر يېنىكقۇ-ھە؟ — ياق، يېنىك ئەمەسكەن. گىرافنىڭ چىرايىدىن قاتتىق كۈچەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. — بۇ خالتا ناھايىتى ئېغىر ئىكەن، ئىچىدىكىسى تاشمۇ نېمە؟ بىلىكىمدىكى بۇ ئالما-نەشپۈتلەرمۇ قوغۇشۇندا قۇيغاندەكلا ئېغىر ئىكەن، دېمىمنى ئالالمايلا قالدىم. يىگىت يۈكلىرىنى يەرگە قويماقچى بوپتىكەن، موماي ئۇنىماپتۇ. موماي يىگىتنى زاڭلىق قىلىپ: — مەن قېرى موماي چېغىمدا بۇ نەرسىلەرنى يۈدۈيمەن سىلەر ياشلار يۈدۈشكە ئۇنىمايدىكەنسىلەر. چىرايلىق گەپنى ھەممە ئادەم قىلالايدۇ، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كەلگەندە بەدەر تىكىۋېتىدۇ. نېمە دەپ بۇ يەردە تۇرۇۋېرىسەن، يۈر، ھېچكىم ساڭا يۈكلىرىڭنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ. گىراف تۈز يەردە ماڭغاندا ھەر ھالدا چىداپتۇ. تاغقا يامىشىدىغاندا تاشلار ئايىغى ئاستىدا دومىلاپ سىيرىلىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئارام بەرمەپتۇ. پېشانىسىدىن مۇنچاقتەك تەر قۇيۇلۇپتۇ. يىگىت: — موما، ماڭالمىدىم، ئارام ئېلىۋالاي. — بولمايدۇ، كېلىپ قالاي دېدۇق. ئارام ئالساڭمۇ يېتىپ بارغاندا ئالغىن. ھازىر ماڭمىساڭ بولمايدۇ! ساڭا بىرەر خەيرىلىك ئىش بارمۇ تېخى، كىم بىلىدۇ؟؟ — موما، تولىمۇ تەرسا ئىكەنسىز،— دەپتۇ يىگىت. يىگىت يۈكنى يەرگە قويۇشنى ئويلىسىمۇ قويالماپتۇ. يۈك خۇددى يىلتىز تارتىپ قالغاندەك پەقەت چۈشمەپتۇ، ئۇيان-بۇيان دومىلاپ قۇتۇلالماپتۇ،موماي بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ھاسسىغا تاينىپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ. موماي دەپتۇ: قەدرلىك تەقسىر، خاپا بولما، يۈزۈڭ خۇددى كۈركۈ توخۇمىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ. چىداپ كۆتۈرگىن، ئۆيگە بارغاندا ساڭا جىق تاپان ھەققى بېرىمەن. گىرافنىڭ نېمە ئامالى بولسۇن، ئۇ چىشىنى چىشلەپ موماينىڭ ئارقىدىن مېڭىپتۇ. موماي بارغانسىرى قاقباش بولۇپ كېتىپتۇ، گىرافنىڭ دۈمبىسىدىكى يۈكمۇ بارغانسىرى ئېغىرلاپتۇ. موماي: توساتتىن يىگىتنىڭ دۈمبىسىدىكى يۈكنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىۋاپتۇ. موماي ۋىجىك بولسىمۇ سەھرادىكى ئەڭ سېمىز قىزلاردىن مۇ ئېغىر ئىكەن. ياش گىرافنىڭ پۇتلىرى دىرىلدەپ كېتىپتۇ. گىراف ماڭمىسا موماي شاخ ۋە زىغىر پاخىلى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئۇرىدىكەن. يىگىت ھاسىراپ تاغقا يامىشىپتۇ، موماينىڭ ئۆيىگە كەلگۈچە يىقىلىپ قالاي دەپتۇ. غاز موماينى كۆرۈپ قاناتلىرىنى قېقىپ بوينىنى سوزۇپ غاقىلداپ يۈگۈرۈپ كەپتۇ. ياشانغان، ئېگىز، ناھايىتى كۆرۈمسىز، تەمبەل بىر ئايال قولىغا تاياق ئېلىپ غازلارنى ھەيدەپتۇ. ھېلىقى ئايال مومايغا: ئانا، نېمە ئىش بولدى؟ بەك ھايال قالدىڭىزغۇ؟ _ دەپتۇ. موماي: قىزىم، ھىچ ئىش يوق. بىرەر ئىشقا يولۇقمىدىم، ئەكسىچە ماۋۇ قەدىرلىك جانان يۈكلەرنى كۆتۈرۈۋالدى، ھېرىپ قالغىنىمدا مېنىمۇ كۆتۈردى. يولنىڭ يىراقلىقىمۇ بىلىنمىدى، بەك خۇشال بولدۇم. يول بويى چاقچاقلىشىپ كەلدۇق، — دەپتۇ موماي. موماي يىگىتنىڭ دۈمبىسىدىن پەسكە سىيرىلىپ يىگىتنىڭ دۈمبىسىدىكى ۋە بىلىكىدىكى يۈكلەرنى ئېلىپ ناھايىتى مۇلايىم لىق بىلەن يىگىتكە: — ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئارام ئالغىن. ئىش ھەققىڭنى كەم قىلماي بېرىمەن، — دەپتۇ. موماي غاز باققۇچى ئايالغا: — قىزىم، ئۆيگە كىرىپ كېتىڭ، يىگىت بىلەن تۇرسىڭىز بولمايدۇ. ئىشنى چوڭايتىۋەتمەيلى. ئۇ سىزنى ياقتۇرۇپ قاممىسۇن يەنە، _ دەپتۇ. گىراف يا كۈلۈشنى، يا يىغلاشنى بىلمەي: «ئايال مەندىن ئوتتۇز ياش كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ مەيلىمنى تارتالمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. بۇ چاغدا موماي كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك غازلىرىنى سىيلاپ قىزىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت ياۋا ئالمىنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا يېتىپتۇ. ھاۋا ناھايىتى ئىللىق بولۇپ، ئەتراپتىكى ياپيېشىل ئوتلاقتا نورۇزگۈل، ئىپارگۈل دېگەندەك تۈرلۈك گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەنىكەن. ئاپئاق غازلارنىڭ بەزىلىرى يەردە مېڭىپ يۈرسە، بەزىلىرى سۇدا ئۈزۈپ يۈرىدىكەن.

يىگىت: —بۇ يەر تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىكەن، بىراق بەك ھېرىپ كېتىپ كۆزۈمنىمۇ ئاچالمايۋاتىمەن، بىردەم ئۇخلىۋالاي. شامال چىقىپ چوغدەك قىزىپ كېتىۋاتقان پۇتۇمنى يەلپۈگەن بولسا تازا بەلەن بولاتتى،— دەپتۇ. يىگىت بىردەم ئۇخلىغاندىن كېيىن موماي ئۇنى ئويغىتىۋېتىپتۇ. موماي: تۇرغىن، بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرما، ساڭا جاپا سالغان بولساممۇ ھاياتىڭغا خەۋپ يەتمىدى. ئىش ھەققىڭنى بېرەي. ساڭا ئالتۇن- ھاجەتسىز، باشقىچە بىر نەرسە بېرەي، دەپتۇ. موماي شۇنى دىگەچ يېشىل قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۈپ _بۇنى ئوبدان ساقلا، ئۇ ساڭا بەخت ئەكېلىدۇ،— دەپتۇ. گىراف ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، ئۇ باشقىدىن مادارىغا كەلگەندەك بولۇپتۇ. ئۇ موماينىڭ سوۋغىسىغا تەشەككۈر ئېيتىپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ، ھېلىقى «چىرايلىق قىزچاق» قا قايتا قارىماپتۇ. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن يىراقتىن غازلارنىڭ خۇشال غاقىلدىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. گىراف باياۋاندا ئۈچ كۈن مېڭىپ يولىنى تېپىپ بىر چوڭ شەھەرگە كەپتۇ. ئۇنى ھىچكىم تونۇمىغاچقا ئۇدۇل ئوردىغا ئاپىرىپتۇ. پادىشاھ ۋە خانىش تەختتە ئولتۇرغانىكەن. گىراف تىزلىنىپ يانچۇقىدىن يېشىل قاشتاش قۇتىنى چىقىرىپ خانىشنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.خانىش ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇپ قۇتىنى ئەكېلىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. خانىش قۇتىنى ئېچىپلا يەرگە يىقىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادملىرى گىرافنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلىماقچى بولۇپتۇ. خانىش كۆزىنى ئېچىپ چاپارمەنلەرنى يىگىتنى قويۇۋېتىشنى باشقىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئېيتىپتۇ. خانىشنىڭ گىراف بىلەن دىيىشىدىغان مەخپى گېپى بار ئىكەن. خانىش گىراق بىلەن يالغۇز قالغاندا يىغلاپ تۇرۇپ دەپتۇ: مەندىكى بۇ تاجۇ-دۆلەتنىڭ نېمىگە پايدىسى؟ ھەركۈنى ئويغىنىپلا ھەسرەتلىنىمەن. ئۈچ قىزىمنىڭ كەنجىسى بەك چىرايلىق بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر ئۇنى دۇنيادىكى پەرىزات دېيىشەتتى. قىزىم قاردەك ئاپئاق، مەڭزى ئالمىدەك قىپقىزىل، چېچى قۇياش نۇرىدەك تاۋلىنىپ تۇراتتى. قىزىم يىغلىسا كۆزىدىن ياش ئەمەس ئۈنچە-مارجان تۆكۈلەتتى. قىزىم ئون بەشكە كىرگەندە ئېرىم ئۇنى ھەدىلىرى بىلەن تەختنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرىدى. قىزىم كىرگەندە خۇددى ئوردىدا قۇياش كۆتۈرۈلگەندەك بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆزلىرىنىڭ پارقىراپ كەتكەنلىكىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. ئېرىم:«قىزلىرىم، قاچان ئۆلىدىغىنىمنى بىلمەيمەن، بۈگۈن مۇنداق قارار قىلدىم، مەن ئۆلگەندە ھەربىرىڭلار بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشىسىلەر، ھەممىڭلار ماڭا ئامراق، بىراق قايسىڭلار ئەڭ ئامراق بولساڭلار شۇ ئەڭ ياخشى نەرسىگە ئېرىشىدۇ» دېدى. قىزلىرىمنىڭ ھەممىسى ئېرىمگە ئامراقلىقىنى ئېيتتى. ئېرىم: «مېنى قانچىلىك سۆيىدىغىنىڭلارنى دېيەلەمسىلەر؟ گېپىڭلاردىن مەقسىدىڭلارنى بىلىۋالاي» دېدى. چوڭ قىزىم: «سىزنى ئەڭ تاتلىق شېكەردەك سۆيىمەن» دېدى، ئىككىنچى قىزىم:«سىزنى چىرايلىق كىيىملىرىمنى سۆيگەندەك سۆيىمەن» دېدى. كىچىك قىزىم ئۈندىمىدى، ئېرىم:«ئەڭ قەدىرلىك قىزىم، مېنى قانداق سۆيىسىز؟» دەپ سوردى. قىزىم:«بىلمەيمەن، سۆيگۈمنى بىرەر نەرسىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،» دېدى. بىراق ئېرىم چوقۇم بىرەر نەرسىنى دەڭ دەپ تۇرۇۋالدى. قىزىم: «ئەڭ ئېسىل تائامدا تۇز بولمىسا تائامنىڭ تەمى بولمايدۇ. مەن سىزگە تۇزغا ئوخشاش ئامراق، بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ غەزىپى تېشىپ: «مېنى تۇزدەك ياخشى كۆرسەڭ ماڭا بولغان سۆيگۈڭگە تۇز بىلەن جاۋاب قايتۇراي، دېدى. ئېرىم چوڭ قىزىم ۋە ئوتتۇرانچى قىزىمغا بەرگەن تۇزدىن بىر خالتىنى قىزىمنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ، ئىككى يانچىغا قىزىمنى باياۋانغا ئاپىرىۋېتىشىنى ئېيىتتى، قىزىمنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈندۇق، بىراق پادىشاھنىڭ ئاچچىغى يانمىدى. قىزىم خوشلىشىدىغاندا يامغۇردەك يىغلىدى! يولبويى كۆزلىرىدىن ئۈنچە-مارجان تۆكۈلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ رەھىمسىزلىك قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ئورماندىن قىزىمنى ئىزدەتتى، بىراق تاپالمىدۇق. قىزىمنى ياۋايى ھايۋانلار يەپ كەتتىمىكىن دەپ بەك ئازابلاندىم، نېمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم. قىزىم بىرەر ئۆڭكۈردە ھاياتتۇ ياكى بىرەر مېھرىبان كىشى بېقىۋالغاندۇ دەپ بەزىدە تەسەللىمۇ تاپتىم. سىزنىڭ قۇتىڭىزنى ئاچسام قۇتىدكى بىر مەرۋايىت قىزىمنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن مەرۋايىت بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش تۇرمامدۇ. بۇ مەرۋايىتنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاجانلانغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. بۇ بىر تال مەرۋايىتنى قانداق تاپقانلىقىڭىزنى دەپ بېرىڭ. گىراف خانىشقا بۇ مەرۋايىتنى ئورماندىكى موماينىڭ بەرگەنلىكىنى، موماي تولىمۇ غەلىتە بولغاچقا ئۇنى پىرىخۇنمىكىن دەپ بىلىدىغانلىقىنى دەپتۇ. بىراق گىراف موماينىڭ مەلىكىنىڭ گېپىنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى، مەلىكىنىمۇ كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ ۋە خانىش موماينى تاپماقچى بولۇيتۇ. ئۇلار مەرۋايىت بار يەردىن قىزىنىڭ دېرىكىنى قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپتۇ... مۇماي قاقاس دالىدىكى چىغرىقتا يىپ ئېگىرىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ، ئوچاقتىكى ئوتۇندىن ئاجىز يورۇقلۇق چىقىدىكەن. سىرتتا تىۋىش ئاڭلىنىپتۇ، ئەسلىدە غاز باققۇچى قىز غازلىرىنى ھەيدەپ كەلگەنىكەن. قىز ئۆيگە كىرىپتۇ. موماي قىزنىڭ تىنچ- ئامانلىق سورىغىنىغا جاۋاب بەرمەستىن بېشىنى لىڭشىتىپلا قويۇپتۇ. قىز موماينىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يىپ ئىگىرىپتۇ، قىز تولىمۇ چېۋەر ئىكەن. ئىككىسى ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ بىر ئېغىز گەپلەشمەپتۇ. دەرىزە غىچىرلىغاندەك بولۇپتۇ، قارىسا بىر جۈپ قىپقىزىل كۆز ئۇلارغا قاراۋاتقۇدەك. ئۇ بىر مۈشۈكياپىلاق بولۇپ ئۈچ قېتىم «ھۇق» دەپ سايراپتۇ. موماي ئۈستىگە بىر قارىۋېتىپ دەپتۇ: — قىزىم، ۋاقتى بولدى، سىرتتىكى ئىشىڭىزنى قىلىڭ. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ نەگە بارىدىغاندۇ؟ قىز يايلاقتىن ئۆتۈپ تاغ جىلغىسىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئۈچ تۈپ قېرى كاۋچۇك دەرىخى بار ئىكەن. يوپيورۇق تولۇنئاي تاغنى بىر تال يىڭنىنىمۇ تاپقىلى بولغىدەك دەرىجىدە ناھايىتى روشەن يورۇتۇپتۇ. قىز يۈزىگە تارتىۋالغان بىر پارچە تېرىنى ئېلىۋېتىپ قۇدۇقنىڭ بويىغا كېلىپ يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپ تېرىنى سۇغا چىلاپ چۆپنىڭ ئۈستىگە يېيىپ قويۇپ تۇلۇنئاي نۇرى تېرىنىڭ ئۈستىدە جىمىرلاپتۇ. بۇ قىزنىڭ قانداق سىياققا كىرىپ قالغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بۇنداق ئىشنى سىلەر كۆرۈپ باقمىغان. قىزنىڭ ئۆرۈمە چاچلىرى ئالتۇندەك ساپسېرىق جۇلالىنىپ قىز ساپسېرىق تون كىيىۋالغاندەك كۆرۈنىدىكەن. قىزنىڭ كۆزلىرى ئاسماندىكى چولپاندەك نۇرلۇق بولۇپ، مەڭزى ئالما چېچەكلىرىدەك قېنىق ھال رەڭدە ئىكەن. بۇ چىرايلىق قىز ئولتۇرۇپ ھەسرەت چېكىپ راسا كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مۇنچاقتەك تۆكۈلۈپ، يۈزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشۈپتۇ، دەرەخ شاخلىرى شالدىرلىمىغان بولسا، قىز شۇ تۇرقىدا ئۇزاقراق ئولتۇرغان بولاتتى. قىز ئوۋچىنىڭ مىلتىق بەتلىگىنىنى ئاڭلىغان بۇغىدەك سەكرەپ تۇرۇپتۇ. ئاينى بىر پارچە قارا بۇلۇت توسۇۋاپتۇ، قىز تېرىنى يۈزىگە كىيىۋاپتىكەن، شامال چىراغنى ئۆچۈرگەندەك كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھېلىقى نۇر غايىپ بولۇپتۇ

قىز ئۆيىگە قايتىپتۇ. قىز ئارچا يوپۇرمىقىدەك تىترەپتۇ. ئىشىكتە كۈتۈپ تۇرغان مومايغا ھەممىنى دەپ بېرىپتۇ. موماي مېھىربانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ: - بۇنى بىلگەنىدىم، — دەپتۇ. موماي قىزنى ئۆيگە باشلاپ مەشگە ئوتۇن تاشلاپ، چىغرىقنىڭ يېنىدا ئولتۇرماي قولىغا بىر سۈپۈرگە ئېلىپ ئۆينى تازىلاپتۇ. موماي قىزغا: —ھەممىنى پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك، — دەپتۇ. قىز: -ئانا، بۇ كېچىدە نېمىشقا تازىلايمىز، نېمە قىلماقچى سىز؟ دەپتۇ موماي: ھازىرنىڭ قانداق چاغلىقىنى بىلەمسىز؟ -تېخى يېرىم كېچە بولمىدىغۇ، سائەت ئون بىردىن سەل ئېشىپتۇ، ئىسىڭىزدە قالماپتۇ. ئۈچ يىل ئاۋالقى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىمغا كەلگەن ئىدىڭىزغۇ. ۋاقتىڭىز توشتى. ئەمدى بىرگە تۇرالمايمىز قىز ھەيران بولۇپ دەپتۇ: قەدىرلىك ئانا مېنى قوغلىۋېتەمسىز، نەگە بارىمەن؟ دوستۇممۇ يوق. بارغۇدەك يۇرتۇممۇ يوق، دېگەنلىرىڭىزنى قىلدىم. مەندىن ناھايىتى رازى بولۇپ كەلدىڭىز. مېنى كەتكۈزۈۋەتمەڭ،_ دەپ يىغلاپتۇ. موماي بولغۇسى ئىشنى قىزغا دېگۈسى كەلمەپتۇ. موماي-ئەمىسە بۇ يەردە تۇرمايمەن، كۆچۈشتىن بۇرۇن ئۆينى پاكىز يىغىشتۇرۇپ قوياي. ئىشىمغا دەخلى قىلماڭ. غەم قىلماڭ، تۇرغۇدەك بىرەر ئۆي تېپىلىپ قالار. سىزگە بەرگەن ئىش ھەققىمدىن رازى بولىسىز. -ماڭا دەپ بېرىڭ، زادى نېمە بولدى؟ -سىزگە يەنە بىر دەپ قوياي، ئىشىمغا دەخلى قىلماڭ. ئەمدى گەپ قىلماي ئۆيىڭىزگە كېتىڭ، يۈزىڭىزدىكى تېرىنى ئېلىۋېتىپ بۇ يەرگە كەلگەندە كىيگەن يىپەك كۆڭلىكىڭىزنى كىيىڭ. ئۆيدە چاقىرىشىمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇڭ. ئەمدى خانىش ۋە پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتايلى. ئۇلار گىراف بىلەن قاقاسلىقتىكى ھېلىقى موماينى تېپىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ. كېچىدە گىراق ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ يالغۇز مېڭىپتۇ. ئەتىسى ئۇ يولنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپتۇ. گىراف مېڭىۋېرىپتۇ. كەچتە بىر دەرەختە تۈنەپتۇ. ئۇ خاتا مېڭىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. ئاي چىققاندا يىراقتىن بىرەيلەننىڭ تاغدا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ قىزنىڭ قولىدا تايىقى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ موماينىڭ ئۆيىدە كۆرگەن ھېلىقى غاز باققۇچى قىز ئىكەنلىكىنى تونۇۋاپتۇ. گىراف توۋلاپتۇ: -ھوي، ئۇ كەلدى. مەن بۇ پېرىخۇننى تۇتۇۋالىمەن، ئۇ ئەمدى قاچالمايدۇ. قىز قۇدۇق بويىغا كېلىپ يۈزىدىكى تېرىنى ئېلىپ يۈزىنى يۇيۇپتۇ، ئالتۇندەك چاچلىرى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ يەلكىسىنى يېپىپتۇ، يىگىت ئۆمرىدە مۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرمىگەچكە داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ، نەپەسمۇ ئالالماپتۇ، قىزدىن كۆزىنى ئۈزەلمەپتۇ، يىگىت بەك ئىگىلگەنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ، ئىشقىلىپ شاخ قاراسىلاپ كېتىپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىز تېرىنى يۈزىگە تاتىپ كىيىكتەك قېچىپتۇ. ئاينى قارا بۇلۇت توسىۋاپتۇ. يىگىت قىزنى كۆرەلمەپتۇ. قىزنىڭ قېچىشىغا گىراف دەرەختىن چۈشۈپ ئۇنى ئىتتىك قوغلاپتۇ. يىگىت ئۇزۇن ماڭمايلا غۇۋا يورۇقتا يايلاقتا ئىككى ئادەمنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار پادىشاھ بىلەن خانىش بولۇپ ئۇلارمۇ موماينىڭ كەپىسىدىكى يورۇقنى كۆرۈپ مۇشۇ ياققا كېلىۋاتقانىكەن. گىراف: -قۇدۇق بويىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزنى كۆردۈم، — دھپتۇ. ئۇلار ئۇ قىزنى چوقۇم يوقاپ كەتكەن قىزىمىز دەپ جەزم قىپتۇ. ئۇلار ناھايىتى خۇش بولۇپ كەپىگە كەپتۇ. ئۆينىڭ چۆرىسىدىكى غازلار بېشىنى قاناتلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ جىممىدە ئۇخلاۋاتقۇدەك. ئۇلار دېرىزىدىن قارىسا موماي ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا يىپ ئىگىرگەچ ئەتراپقا قارىماستىن بېشىنى لىڭشىتىۋاتقۇدەك. ئۆي ئىچى ئادەم تۇرمىغاندەك پاك- پاكىز ئىكەن. ئۇلار قىزىنى كۆرەلمەپتۇ. ئۇلار ئۇزاق قاراپ جۈرئەت قىلىپ دېرىزىنى يەڭگىل چېكىپتۇ. موماي خۇددى ئۇلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغاندەك ئورنىدىن تۈرۇپ مۇلايىملىق بىلەن: كىرىڭلار، سىلەرنى تونۇيمەن، _ دەپتۇ. ئۇلار كىرگەندە موماي: ئۈچ يىل بۇرۇن بۇ سەمىمىي ھەم ئوماق قىزنى سەۋەبسىزلا ھەيدىۋەتمىگەن بولساڭلار، بۇنچە يول ماڭمايتتىڭلار. قىز مۇشەققەت چەكمىدى. ئۇ ئۈچ يىل غاز باقتى، ھېچقانداق ئەسكى ئىش ئۆگەنمىدى. پاك قەلبىنى ساقلىدى. ئەمما سىلەر تەشۋىشتە ياشىدىڭلار، بۇ جازا سىلەرگە يېتەرلىك، — دەپتۇ. موماي كىچىك خانىنىڭ يېنىغا بېرىپ: — قىزىم، چىقىڭ!— دەپتۇ. ئىشىك ئېچىلىپ مەلىكە چىقىپتۇ . مەلىكە يىپەك كۆڭلەك كىيگەن، چاچلىرى پارقىراپ، كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتكەن بولۇپ جاھاندىكى پەرىزاتقىلا ئوخشايدىكەن. مەلىكە ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپتۇ. ئۇلار خۇشاللىقتىن يىغلىشىپتۇ. ياش گىراف چەتتە قاراپ تۇرۇپتۇ. مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئەتىرگۈلدەك ھۈپپىدە قىزىرىپتۇ. مەلىكە نېمىشقا قىزارغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن. پا-دىشاھ: -قەدىرلىك بالام، مەملىكەتنى ئىككى ھەدىڭىزغا بەرگەنىدىم،ئەمدى سىزگە نېمە بەرسەم بولار؟_ دەپتۇ. موماي: -مەلىكىگە ھېچنىمە كېرەك ئەمەس، مەلىكە سىلەر ئۈچۈن يىغلىغاندا كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ئۈنچە-مارجاننى مەلىكىگە بەردىم. بۇ بايلىقلار دېڭىزدىكىدىنمۇ چىرايلىق، مەملىكىتىڭلاردىنمۇ قىممەتلىك. مەن يەنە بۇ كەپەمنى ماڭا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن ھەدىيە قىلدىم. موماي شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا غايىپ بوپتۇ. تام- تورۇس گۈلدۈرلىگەندەك قىلىپتۇ. قارىسا، كەپە ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر ئوردىغا ئايلىنىپتۇ. ئوردىدا زىياپەت تەييارلانغان بولۇپ چاكارلار ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشۈپ يۈرىدىكەن. ھېكايە تاماملانمىدى. بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن مومامنىڭ خاتىرىسى ياخشى بولمىغاچقا بەزى جايلارنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. چىرايلىق مەلىكىنىڭ گىراف بىلەن توي قىلىپ مۇشۇ ئوردىدا ناھايىتى بەختىيار ياشىغانلىقىغا باشتىن- ئاياغ ئىشىنىمەن. كەپىنىڭ يېنىدە ھېلىقى موماي باققان ئاپئاق غازلار ئەسلىدە قىزلار بولۇپ (قىزلار بۇنى ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار) ئۇلار ئادەم سىياقىغا قايتىپ ياش خانىشنىڭ كېنىزىكى بولۇپتۇ. بۇنى ئېنىق بىلمىسەممۇ شۇنداقراق قىياس قىلالايمەن. موماي ئادەتتىكىلەرنىڭ قىياسىدەك پېرىخۇن بولماستىن، سەمىمىي پەرىزات ئىكەنلىكى ئېنىق. مەلىكە تۇغۇلغاندىلا موماي ئۇنى سېھىرلەپ مەلىكە يىغلىغاندا كۆزىدىن ياش ئورنىدا ئۈنچە-مارجان تۆكۈلىدىغان قىلىپ قويغان ئىكەن. ھازىر بۇنداق ئىش يوق. بولمىسا نامراتلار بايلارغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى. تۈگىدى