: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

ئېيىق شاھزادە

ئېيىق شاھزادە

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر نامرات تۇل ئايال بولۇپ، ئۈستى ئوت-چۆپتە يېپىلغان بىر كەپىدە يىگانە تۇرىدىكەن. كەپىنىڭ ئالدىدا بىر گۈللۈك بولۇپ، گۈللۈكتە بىرى ئاق، بىرى قىزىل ئېىچىلىدىغان ئىككى تۈپ ئەتىرگۈل بار ئىكەن. تۇل ئايالنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، ئىككى تۈپ گۈلگە ئوخشاش بىرىنىڭ ئىسمى ئاق يەنە بىرىنىڭ ئىسمى قىزىل ئىكەن. بۇ قىزلار ناھايىتى ساداقەتمەن، سەمىمىي، ئەمگەكچان بولۇپ ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيدىكەن. دۇنيارا مۇنداق ياخشى بالىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەزەلدىن بولمىغان ئىكەن. ئاق قىزىلغا قارىغاندا ئېغىر-بېسىق، مۇلايىمراق ئىكەن. قىزىل ئوت-چۆپلۈكتە ۋە دالىدا سەكرەپ-تاقلاپ گۈللەرنى ئۈزۈپ كېپىنەكلەرنى تۇتۇپ ئوينايدىكەن. ئاق ئۆيدە ئانىسى بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىكەن، ئىشى بولمىسا ئانىسىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىدىكەن. ئىككى قىز بىر-بىرىگە ناھايىتى ئامراق بولۇپ سىرتقا چىققاندا قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىكەن. ئاق «بىز ئايرىلمايلى» دېسە، قىزىل «مەڭگۈ ئايرىلمايمىز»دەيدىكەن. ئانىسى«قايسىڭلاردا بىر نېمە بولسا، تەڭ ئورتاقلىشىڭلار» دەيدىكەن. قىزلار ئورماندا سەكرەپ، ئويناپ قىپقىزىل بۆلجۈرگەنلەرنى تېرىسا ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىكەن. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ يېقىنچىلىق قىلىدىكەن. بۆجەن ئۇلارنىڭ قولىدىن يېسىۋېلەك يوپۇرمىقى يەيدىكەن. بۆكەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئوت يەيدىكەن. بۇغىلار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن خۇشال- خورام سەكرەپ ئۆتىدىكەن. قۇشلار ئۆ تۆپىسىدە خۇشال سايرىشىدىكەن. قىزلارغا ھېچ ئىش بولمايدىكەن. ئۇلار ئۇزاق ھايال بولۇپ قېلىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە بخنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدىكەن. سەھەردە ئانىسى بىلسىمۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدىكەن. بىر قېتىم ئۇلار ئورماندا تۈنەپ قاپتۇ. تاڭ نۇرى ئۇلارنى ئويغاتقاندا ئۇلار پارقىراپ تۇرىدىغان ئاپئاق كىيىملىك ئوماق بىر بالىنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ. بالا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇلايىم نەزەردە قاراپتۇ، ئەمما بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ئورمانغا كىرىپ كېتىپتۇ. قىزلار ئەتراپىغا قاراپتۇ - دە، چوڭقۇر بىر ھاڭنىڭ قىرىدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇلار قاراڭغۇدا يان تەرەپكە ئازراقلا ئۆرۈلگەن بولسا ھاڭغا چۈشۈپ كېتەر ئىكەن. ئانىسى قىزلارغا ھېلىقى بالىنىڭ سەمىمىي بالىلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پەرىشتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئاق ۋە قىزىل ئانىسىنىڭ كەپىسىنى بىر كىم قارىسا كۆڭلى ئېچىلىپ قالغۇدەك دەرىجىدە پاكىز يىغىشتۇرۇپتۇ. يازدا قىزىل ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىكەن. ھەر سەھەردە ئانىسى ئويغانماستا ئۇ ئىككى تۈپ ئەتىرگۈلدىن تىزغان بىر دەستە گۈلنى ئانىسىنىڭ كارىۋىتىغا قويۇپ قويدىكەن. بۇ دەستىنى ئۇ قىشتا ئاق مەشكە ئوت قالاپ ناھايىتى پاكىز، ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان مىس قازاننى مەشكە قويىدىكەن. كەچتە قار ياغسا ئانىسى: — ئاق، ئىشىكنى تاقىۋەتكىن، — دەيدىكەن. ئۇلار مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئانىسى كۆزەينىكىنى تاقاپ كىتاب ئوقۇپ بېرىدىكەن. قىزلىرى ئاڭلىغاچ يىپ ئىگىرىدىكەن. ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر قوۇزا ياتىدىكەن قىزلارنىڭ كەينىدىكى سازنىڭ ئۈستىدە بىر ئاق-كەپتەر بېشىنى قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە، ئۇلار مۇشۇنداق ئولتۇرغاندا بىرەيلەن ئىشىكنى چېكىپتۇ. ئانىسى: — قىزىل، ئىشىكنى ئاچقىن، بىرەر يولۇچى قونىدىغان ئوخشايدۇ،_ دەپتۇ. قىزىل بىرەر نامرات بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ئىشىكنى ئاچسا ئەسلىدە بىر ئېيىقكەن. قىزىل ۋارقىرىغىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ قېچىپتۇ. قوزا مەرەپتۇ. كەپتەر پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئاق ئانىسىنىڭ كارىۋىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. ئېيىق: — قورقماڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلمايمەن. توڭلاپ ئۆلەي دېدىم، ئىسسىنىۋالساملا بولدى،— دەپتۇ. ئانىسى: — بىچارە ئېيىق، مەشنىڭ يېنىدا يانقىن، پەخەس بول، تۈكلىرىڭ كۆيۈپ كەتمىسۇن. ئاق، قىزىل چىقىڭلار، ئېيىق سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلمايدىكەن. ئۇ ناھايىتى سەمىمىي ئېيىق ئىكەن،— دەپتۇ. ئىككى قىز كەپتۇ. قوزا ۋە كەپتەرمۇ ئورنىغا كەپتۇ. ئۇلار ئېيىقتىن قورقماپتۇ. ئېيىق: _ بالىلىرىم، ئۈستۈمدىكى قارنى قېقىۋېتىڭلار! — دەپتۇ. قىزلار سۈپۈرگە بىلەن ئېيىقنىڭ ئۈستىبېشىنى سۈپۈرۈپتۇ. ئېيىق خورۇلداپ مەشنىڭ يېنىدا بىخارامان يېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇلار چىقىشىپ قاپتۇ. ئېيىق بىلەن چاقچاقلىشىپتۇ. قىزلار پۇتلىرىنى تارتىپ دۈمبىسىگە مىنىۋاپتۇ. ئېيىقنى ئۇياق-بۇياققا ئىتتىرىپ ئويناپتۇ. بىر تال تاياق بىلەن ئېيىقنى نوقۇغاندا ئېيىق غىڭشىسا ئۇلار كۈلۈشۈپ كېتىدىكەن. ئېيىق ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلغانلىقدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. قىزلارنىڭ چاقچىقى ئېشىپ كەتكەندە ئېيىق: — مېنى ئۆلتۈرۈپ قويماڭلار يەنە، بالىلىرىم. سىلەرگە توي تەكلىپى قويىدىغان يىگىتنى ئۆلتۈرۈپ قويغۇلىۋاتىسىلەر! — دەپتۇ، ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغاندا ھەممەيلەن يېتىپتۇ. ئانىسى ئېيىققا: — مەشنىڭ يېنىدا ياتقىن. ئۇ يەر ئىسسىق، — دەپتۇ. تاڭ يورۇغان ھامان ئىككى قىز ئېيىقنى چىقىرىۋېتىپتۇ. ئېيىق قارلارنى دەسسەپ ئورمانغا كىرىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ھەر كۈنى كەچتە ئوخشاش ۋاقىتتا ئېيىق كېلىپ، مەشنىڭ يېنىدا ياتىدىكەن ھەم ئىككى قىز بىلەن چاقچاقلىشىپ ئوينايدىكەن. بۇ قارىۋاي كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشىك تاقىلىدىكەن. باھار كېلىپ ئەتراپ يېشىللىققا پۈركىنىپتۇ. بىر كۈنى سەھەردە ئېيىق ئاققا: — ئەمدى كەتسەم ياز تۈگىگۈچە كەلمەيمەن، _ دەپتۇ. ئاق: — ئېيىقباي، نەگە بارماقچىسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ. —ئورمانغا بېرىپ زەھەرخەندە پاپىدىن بايلىقىمنى قوغدايمەن، قىشتا يەرجاھان مۇزلاپ كەتكەندە ئۇلار يەر ئاستىدىن چىقالمايدۇ، ھازىر يەرجاھان ئىللىدى، ئۇلار ئۈستىگە چىقىپ نەرسە-كېرەكلەرنى ئوغرىلايدۇ. ئۇلار قولىغا چىققانلىكى نەرسىلەرنى ئۆڭكۈرلىرىگە ئاپىرىۋالىدۇ، ئاپىرىۋالسىلا ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدۇ،_ دەپتۇ. ئاق بۇ قېتىمقى خوشلىشىشتا كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇپتۇ. ئاق ئ‍ېيىققا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپتۇ. ئېيىق ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا، ئىشىكنىڭ ئىلغۇچى ئېيىقنىڭ تېرىسىنى ئازراق ئىلىۋاپتۇ. شۇ چاغدا ئاق ئالتۇننىڭ پارقىرىغىنىنى كۆرگەندەك بولۇپتۇ،ئەمما جەزم قىلالماپتۇ. ئېيىق يۈگۈرۈپ دەرەخلەر ئارىسىدا كۆزدىن غايىىپ بولۇپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئانىسى قىزلىرىنى ئورماندىن ئوتۇن ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ. قىزلار يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ يەردە ياتقىنىنى كۆرۈپتۇ. دەرەخنىڭ يېنىدىكى چۆپلۈكتە بىر نەرسە سەكرەپ- تاقلاۋاتقۇدەك. قىزلار نېمىلىكىنى پەرق ئېتەلمەپتۇ. يېقىن بېرىپ قارىسا جۈدەپ كەتكەن، ساقال- بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىر پاپا ئىكەن. پاپىنىڭ ساقىلى دەرەخكە يۆگىشى پ قالغاچقا پەتەك خۇددى ئىتقا ئوخشاش دەرەخكە باغلىنىپ قاپتۇ. پاپا قىزارغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قىزلارغا: —نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر؟ ماڭا ياردەم بەرمەمسىلەر؟_ دەپتۇ

— نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر؟ ماڭا ياردەم بەرمەمسىلەر؟_ دەپتۇ. قىزىل:— ھەي پاپا، نېمە قىلىۋاتىسەن؟_ دەپ سوراپتۇ. پاپا: — ھەممىگە قىزىقىدىغان بەڭباش قىز، مەن بۇ دەرەخنى كېسىپ ئۇششاق پارچىلاپ ئوتۇن قىلىپ ئوچاققا قالىماقچى ئىدىم، بىزنىڭ سانىمىز ئاز بولغاچقا ئېتىدىغان ئېشىمىزمۇ ئاز، يوغان ئوتۇن تامىقىمىزنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. بىز سىلەردەك ئاچكۆز ئەمەس، تەلىيىم بار ئىكەن. ياغاچنى يېرىپ شىنا قېقىۋالغان ئىدىم. ئەمما بۇ ئىپلاس ياغاچ بەك ھىيلىگەر بولغاچقا چىرايلىق ساقاللىرىمنى يۆگىۋېلىپ قىسىۋالدى، چىقىرالمايۋاتىمەن. ئاقىۋەت، سىلەردەك ياسانچۇق قىزلارنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم. سىلەر بەك ئىپلاس ئىكەنسىلەر، دەپ قاقشاپلا كېتىپتۇ. ئىككى قىز خېلى كۈچەپ باقسىمۇ ، ياغاچ بەك چىڭ قىسىۋالغاچقا پاپىنىڭ ساقىلىنى چىقىرالماپتۇ. قىزىل: ئادەم چاقىراي، _ دەپتۇ. پاپا قوپاللىق بىلەن: كالۋا قىز، كىم سېنى ئادەم چاقىرسۇن دەپتۇ؟ ئىككىڭلارنىڭ كۈچى يېتىدۇ. بىرەر ئامالىڭلار يوقمۇ؟ _ دەپ ھۆركىرەپتۇ. ئاق: _ ئالدىرىمايلى، ئامال تاپتىم، — دەپتۇ-دە، يانچۇقىدىن قايچىسىنى چىقىرىپ پاپىنىڭ ساقىلىنى كېسىپتۇ. پاپا ياغاچتىن قۇتۇلۇپ دەرەخنىڭ كەينىگە تىقىپ قويغان لىق ئالتۇن قاچىلانغان خالتىنى يۈدۈپ كوتۇلداپتۇ: — ئىپلاسلار، چىرايلىق ساقىلىمنى كېسىۋېتىشتىڭ! ئالۋاستى جاجاڭلارنى بەرسۇن ئۇ شۇ گەپلەرنى دېگىنىچە خالتىنى يۈدۈپ كېتىپ قاپتۇ. يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاق ۋە قىزىل بېلىق تۇتۇپ، بېلىق گۆشىدە تاماق ئەتمەكچى بوپتۇ. ئۇلار دەريا بويىغا بېرىپ قارىسا يوغان چېكەتكە سۇ يۈزىدە سەكرەپ يۈرگۈدەك. قىزلار قاراپ بېقىپ ھېلىقى پاپىنى تونۇۋاپتۇ. قىزىل دەپتۇ: — نەگە بارماقچىسەن، سۇغا چۈشمەكچىمۇ؟ پاپا ۋارقىراپ: مەن سىلەردەك دۆت ئەمەس، سىلەر مۇنۇ ئۆلگۈر بېلىقنىڭ مېنى سۇ تېگىگە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟دەپتۇ ئەسلىدە پاپا بېلىق تۇتۇۋاتقان ئىكەن، ئويلىمىغان يەردىن شامال ئۇنىڭ ساقىلى بىلەن قارماقنىڭ يىپىنى چىگىشتۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇ چاغدا ئان بىر بېلىق قارماققا ئىلىنغانىكەن، ئاجىز پەتەكنىڭ ئۇ بېلىقنى تارتىشقا كۈچى يەتمەيتۇ. بېلىق كۈچلۈك بولغاچقا پاپىنى ھە دەپ-سۇ تېگىگە تارتقىلى تۇرۇپتۇ. پاپا قاشتىكى قومۇشلارنى تۇتۇۋالغان بولسىمۇ پايدىسى بولماپتۇ. ئۇ بېلىققا ئەگىشىپ ھەرقاچان سۇدا چۆكۈپ كېتىش خەۋپىدە قاپتۇ. ئىككى قىز دەل ۋاقتىدا كېلىپ ئۇنى تارتىپ ساقال بىلەن قارماقنىڭ يىپىنى ئاجراتماقچى بوپتۇ، ئەمما ئامال بولماپتۇ. شامال يىپ بىلەن ساقالنى بەك چىگىشتۈرۈۋېتىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايچا بىلەن ساقالنى كېسىپتۇ. پاپا يەنە بىرمۇنچە ساقال- بۇرۇتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قىزلارغا ۋارقىراپتۇ: — ھەي كەپسىز شۇملار، مېنى نېمىگە ئوخشىتىپ قويدۇڭلار؟ ساقىلىمدىن بىر مۇنچە كېسىۋېتىپسىلەر، ئۆيدىكىلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ تېزراق كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! بولسا ئايىغىڭلارنىڭ پاشنىسىمۇ چۈشۈپ قالغاي، پاپا قومۇشلۇققا يوشۇرۇپ قويغان بىر خالتا ئۈنچە-مارجاننى ئېلىپ گەپمۇ قىلماستىن خالتىنى يۈدۈپ بىر تاشنىڭ ئارقىغا ئۆتۈپ غايىب بوپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى قىزلارنى شەھەردىن يىپ-يىڭنە، ئارغامچا ۋە لېنتا قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇلار بىر قاقاسلىقتىن ئۆتۈپتۇ. قاقاسلىقتا يوغان قورام تاشلار بار ئىكەن. ئۇلار ھاۋادا ئۇچۇۋاتقان بىر قۇشنى كۆرۈپتۇ. قۇش ئۇلارنىڭ بېشىدا ئاستا-ئاستا ئەگىپ يىراقتىكى بىر قورام تاشقا قونۇپتۇ. قىزلار ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. قىزلار يۈگۈرۈپ بېرىپ قاراپ تولىمۇ ھەيران بولۇپتۇ. بايىقى بۈركۈت ھېلىقى پاپىنى تۇتۇۋېىلىپ ئېلىپ ماڭغىلى تۇرغانىكەن. ئىككى مېھرىبان قىز پاپىنى تۇتۇۋېلىپ خېلى ئۇزاق ھەپىلىشىپ بۈركۈتتىن تارتىۋاپتۇ. قورقۇپ كېتىپ ئېسىنى يوقاتقان پاپا ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن دەھشەتلىك ۋارقىراپتۇ: سىلەر ماڭا ئازراقمۇ ئىچ ئاغرىتمامسىلەر؟ سىلەر مېنىڭ كۆڭلىكىمنى يىرتىپ جۇل-جۇل قىلىۋەتتىڭلار! سىلەر ئىنتايىن كالۋا ھەم قوپال ئىكەنسىلەر. پاپا بىر خالتا گۆھەرنى يۈدۈپ تاشنىڭ تېگىدىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ غايىب بوپتۇ. قىزلار پاپىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا يولىغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار شەھەرگە بېرىپ سودىلىقىنى قىلىپتۇ. ئۆيگە قايتاشىدا يەنە ھېلىقى قاقاسلىقتىن ئۆتۈپ پاپىنى قورقىتىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە پاپا يانچۇقىدىكى گۆھەرلەرنى بىر پاكىز يەرگە تۆكۈۋاتقان بولۇپ، بۇنچە كەچتە ئۇ يەرگە ئادەم كېلىپ قېلىشىنى ئويلىمىغانىكەن. كەچكى شەپەق ياقۇتلار ئۈستىگە چۈشكەندە ياقۇتلاردىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ۋال-ۋۇل نۇر چاقناپتۇ. قىزلار ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ بۇلارغا قاراپ تۇرۇپلا قاپتۇ. پاپا: — بۇ يەردە نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىلەر؟ _ دەپ ۋارقىراپتۇ. غەزەپلەنگەن پاپىنىڭ چىرايى قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىماقچى بولۇپتىكەن، ھۆركىرىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. قارىسا يوغان بىر قارا ئېيىق، ئورماندىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقۇدەك. پاپا قورققىنىدىن بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. پاپا ئۆڭكۈرگە بېرىۋالغۇچە ئېيىق ئۇنىڭغا يېتىشىۋاپتۇ. قورقۇپ كەتكەن پاپا يالۋۇرۇپ: - قەدىرلىك ئېيىق، ماڭا رەھىم قىلغىن، بايلىقىمنىڭ ھەممسىنى ساڭا بېرەي، قارا،بۇ يەردە يەنە چىرايلىق ياقۇتلارمۇ بار، ماڭا رەھىم قىل! مەندەك ۋىجىك، ئاۋاق بىر نېمىنى يەپ ئاۋارە بولمىغىن. مەن چىشىڭنىڭ كاۋىكىنىمۇ توشقۇزالمايمەن. يەنىلا ماۋۇ ئىككى كەپسىز قىزنى ئېلىپ كەتكىن. ئۇلار بۆدۈنىگە ئوخشاش يۇمران ھەم بۇدۇرۇق.ئۇلارنى يېسەڭ تويىسەن، — دەپتۇ. ئېيىق بۇ گەپلەرگە پەرۋا قىلماي ئالقىنى بىلەن رەزىل پاپىنى بىرنى ئۇرۇپتىكەن، پاپا تىن تارتماي ئۆلۈپتۇ. ئىككى قىز قېچىپ كېتىپتۇ. ئېيىق ئۇلارنى توۋلاپتۇ: — ئاق ۋە قىزىل، قاچماڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە ماڭاي. قىزلار ئېيىقنىڭ تونۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ توختاپتۇ. ئېيىق قىزلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تېرىسىنى سالغان ئىكەن، ناھايىتى كېلىشكەن بىر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇ يىگىتنىڭ كىيىملىرى ئالتۇندىن ئىكەن. يىگىت:— مەن بىر شاھزادە ئىدىم، بايلىقىمنى ئوغرىلىۋالغان ماۋۇ ئىپلاس پاپا مېنى سېھىرلەپ ئېيىققا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. مۇشۇنداق ھالەتتە ئورماندا يۈردۈم. پاپا ئۆلسىلا ئاندىن ئەسلىمگە كېلەتتىم. ئۇ ھازىر تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى. ئاق شاھزادە بىلەن توي قىلىپتۇ. قىزىل ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن توي قىلىپتۇ. ئۇلار پاپا توپلىغان دۇنيالارنى بۆلۈشۈپتۇ. ئانا ئىككى قىزنىڭ ئۆيىدە ئۇزاق زامان بەختلىك ياشاپتۇ. ئانا ئىككى تۈپ ئەتىرگۈلنى كۆچۈرۈپ دېرىزىسىنىڭ ئالدىغا تىكىپتۇ. ئەتىرگۈللەر ھەر يىلى ئاق