: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

چىن تۆمۈر باتۇر

A+A-

چىن تۆمۈر باتۇر

قەدىمكى زاماندا ھاۋاسى يېقىشلىق، باغباراڭلىرى چىرايلىق، يايلاقلىرى پاياندازدەك كۆرۈملۈك بىر يۇرتتا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن. ئۇ خاپىلىقىنى بېسىش مەقسىتىدە ھەر دائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئاي - كۈنلەر ئۆتۈپ، پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلىدار بوپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ شىكارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتكەندە، كىچىك خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بىراق، پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنى ئىچى تارلىق قىلىپ، بالىنى كۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىتنىڭ كۈچۈكىنى ئەكېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن يېنىپ كەلگەندە، چوڭ خوتۇنى ئالدىغا چىقىپ: — ئەي ئەزىزىم، كىچىك خوتۇنلىرى كۈچۈك تۇغدى،— دەپ خەۋەر قىپتۇ. دەرغەزەپ بولغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. شۇ چاغدا چوڭ خوتۇنى ھىيلىگەرلىك بىلەن: — ئۆلتۈرمىسىلە، پادىشاھىم، بۇ نۆۋەت مەن بىر قوشۇق قېنىنى تىلىۋالاي،— دەپ يالۋۇرغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى بىر قېتىمغا ئامان قالدۇرۇپتۇ. ئارىدىن يەنە بىرقانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى يەنە ھامىلىدار بوپتۇ. پادىشاھ يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىنچە شىكارغا چىقىپ كەتكەنىكەن، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنى قىز تۇغۇپتۇ. چوڭ خوتۇنى بۇنىمۇ كۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا مۈشۈكنىڭ ئاسلىنىنى ئەكېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە، چوڭ خوتۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا مۈشۈكنىڭ ئاسلىنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ: — ئەي ئەزىزىم، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنلىرى ئاسلان تۇغدى، يۇرت ئىچىدە يۈزىمىزنى يەر قىلىۋەتتى، بۇ نېمىدېگەن رەسۋاچىلىق، — دەپ يالغاندىن يىغلاپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ. ئاچچىقلانغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىغا ئېغىر جازا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئەمدى گەپنى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايلى: چوڭ خوتۇنى كۆلگە تاشلىۋەتكەن ھېلىقى بالىلارنى بىر ئېيىق سۇدىن ئاچىقىپ، جاڭگالغا ئېلىپ كېتىپ بېقىپتۇ. بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بوپتۇ، ئەقلىگە كەلگەندە ئۇلار بىر - بىرىگە ئات قويۇشۇۋاپتۇ، ئوغۇلنىڭ ئېتى چىن تۆمۈر، قىزنىڭ ئېتى مەختۇمسۇلا بوپتۇ. بۇ بالىلار سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا ساغلام، كۈچلۈك ھەم بەك چىرايلىق بولۇپ ئۆسۈپتۇ. كېيىنچە ئۇلار ئېيىقتىن ئايرىلىپ، جاڭگالنىڭ بىر چېتىگە ئۆي ياساپ، شۇ ئۆيدە ياشاشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر كىچىك چېغىدىلا ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگەنگەچكە، تۈرلۈك جان- جانىۋارلارنى تۇتىدىغان ئاجايىپ باتۇر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئوۋغا چىققاندا يەتتە كۈن ئوۋ ئوۋلايدىكەن. مىسران قىلىچى بېلىدىن، ئالغۇر بۈركۈتى قولىدىن، ئارغىماق ئېتى ئاستىدىن، كاپ - كاپ كۈچۈكى يېنىدىن ئايرىلمايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا چىقىپ كېتىۋېتىپ، سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا مۇنداق دەپتۇ: _ سىڭلىم مەختۇمسۇلا، مەن ئوۋدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۆگزىگە چىقما، ئوتنى ئۆچۈرمە، سۇنى كۆچۈرمە، توخۇنى «تاخ» دېمە، مۈشۈكنى «پەش» دېمە، ئوت ئۆچۈپ قالسا، تۈتۈن چىققان ياققا ئوت سوراپ كېتىپ قالما. شۇ گەپلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇر مىسران قىلىچىنى ئېسىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، كاپ - كاپ كۈچۈكىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قولىغا قوندۇرۇپ ئوۋغا مېڭىپتۇ. ئارىدىن بىر - ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مەختۇمسۇلا يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ، ئۆگزىگە چىقىپ بېشىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ. مۈشۈك بىلەن توخۇسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. مۈشۈك مىياۋلاپ، توخۇسى قاقاقلاپ، مەختۇمسۇلانىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپتۇ. مەختۇمسۇلا مۈشۈكىنى پەش، توخۇسىنى «تاخ» دەپ قوغلاپتۇ. مۈشۈكى بىلەن توخۇسى ئۆگزىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپتۇ. مۈشۈك ئوچاق يېنىغا كېلىپ چۆگۈننى ئۆرۈۋېتىپتۇ، توخۇ كۈلنى تاتىلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوچاقنىڭ ئوتى ئۆچۈپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۆيگە كىرىپ ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ناھايىتى قايغۇرۇپ يەنە ئۆگزىگە چىقىپ «ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ دەپ يىغلاپ ئولتۇرسا، ئوڭ تەرىپىدە ئىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، سول تەرىپىدە تۈتۈن كۆرۈنۈپتۇ. مەختۇمسۇلاغا ئوت تېپىش قايغۇسى چۈشۈپتۇ. «نېمە بولسا بولسۇن، پېشانەمدىن كۆرەي» دەپ ئىس چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، مورىسىدىن ئىس چىقىۋاتقان بىر ئەسكى تام ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۆي ئىچىدە بىر موماي ئولتۇرغۇدەك. مەختۇمسۇلا «سالام» دەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. موماي ئۇنىڭدىن كىملىكىنى، نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا ھەممىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. موماي مەختۇمسۇلانىڭ ئىككى قولىغا كۈل بىلەن تېرىق سېلىپ بېرىپتۇ ۋە بىر تال تېزەكىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى ياغاچقا سانجىپ ئاغزىغا چىشلىتىك ئويۇپتۇ، ئاندىن مەختۇمسۇلاغا: -ئىككى قولۇڭدىكى كۈل بىلەن تېرىقنى ئۆيۈڭگە بارغۇچە چېچىپ بارغىن، ئارقاڭغا قارىمىغىن،— دەپتۇ! مەختۇمسۇلا موماينىڭ دېگىنىنى قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، موماينىڭ ئۆيىدىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۆيىگىچە ھېلىقى تېرىقلار ئۈنۈپ بەلگە بولۇپ قاپتۇ. ئۇ موماي ئەسلىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىكەن، مەختۇمسۇلا ئۇنى بىلمەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئوتنى ئەكېلىپ دەررۇ ئوت يېقىپ، بىر قازان گۆش پىشۇرۇشقا باشلاپتۇ. كۈن ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشۈپ، كەچ كىرىشى بىلەن ھېلىقى يەتتە باشلىق يالماۋۇز موماي ئىشىككە كېلىپ: چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟ ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟ مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟ ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟ كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا موماينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ: چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر، ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر، مىسران قىلىچى قوزۇقتا يوقتۇر، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر، كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر. دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، موماي يەتتە باشلىق يالماۋۇز سۈرىتىدە ئۆيگە كىرىپ، ئاۋۋال قازاندىكى گۆشىنىڭ ھەممىسىنى يەپتۇ، ئاندىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۇزۇن چېچىدىن تۇتۇپ تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ، تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپتۇ، كېتەر چېغىدا مەختۇمسۇلاغا: -مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ھېچكىمگە ئېيتما، ئەگەر ئېيتىدىغان بولساڭ، مېنىڭدىن زادى قۇتۇلالمايسەن، دەپ پوپوزا قىپتۇ. مەختۇمسۇلا قورققىنىدىن ھېچنىمە دېيەلمەپتۇ، ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپتۇ.

ئەتىسى كۈن كەچ بولۇشى بىلەن، ھېلىقى يالماۋۇز موماي يەنە كەپتۇ، ئۆيدە بار نەرسىلەرنى يەپ بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك مەختۇمسۇلانىڭ قېنىنى شوراپتۇ. بۇ ئەھۋال بىرنەچچە كۈن شۇ خىلدا داۋاملىشىپتۇ. مەڭزى ئاناردەك، ھۆسنى گۈلدەك مەختۇمسۇلا كۈندىن-كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ، زەپىراندەك سارغىيىپ كېتىپتۇ. يەتتىنچى كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ سىڭلىسىنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ، كۆڭلىگە گۇمان تولۇپتۇ، چۈنكى سىڭلىسى مەختۇمسۇلا بىر يىل كېسەل بولغان ئادەمدەك سارغىيىپ كەتكەنىكەن. — ھەي مەختۇمسۇلا، يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە شۇنچە ئورۇقلاپ، سارغىيىپ ھالىڭدىن كېتىپسەن، نېمە بولدۇڭ؟ كىمدىن ساڭا ئازار يەتتى؟_ دەپ سوراپتۇ چىن تۆمۈر باتۇر. مەختۇمسۇلا يىغلاپ تۇرۇپ، يالماۋۇز موماينىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاكىسىغا بايان قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان چىن تۆمۈر باتۇر ناھايىتى غەزەپلىنىپ:«ئەگەر مەن شۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرمىسەم، چىن تۆمۈر ياتۇر بولماي كېتەي» دەپ قەسەم ئىچىپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا قاراپ: _ ھەي سىڭلىم، مېنىڭ كەلگىنىمنى ھېچ كىشى بىلمىسۇن. مەن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئورا كولاپ مۆكۈنۈپ ياتىمەن. ئەگەر يالماۋۇز كېلىپ مېنى سورىسا، كۈندىكىدەك: كەلمىدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، — دەپتۇ، ئاندىن ئېتىغا، بۈركۈتىگە ۋە كۈچۈكىگە قاراپ، — ھەي ۋاپادار جانىۋارلىرىم، ئەگەر يالماۋۇز موماي كەلسە، ئۈن چىقارماڭلار، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى قولغا چۈشۈرەيلى، — دەپتۇ. بۇ جانىۋارلار چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ گېپىنى ئۇقىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، چىن تۆمۈر باتۇر مەيدىسىگە يەتتە قات ساۋۇتنى تېڭىپ، بېشىغا دۇبۇلغا كىيىپ، مىسران قىلىچىنى تۇتۇپ ئورىدا مۆكۈنۈپ يېتىپتۇ. بىركەمدىن كېيىىن يالماۋۇز موماي كېلىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ، بەدىنى شۈركۈنۈپ كېتىپتۇ. ئۇ: «بۈگۈن چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەن ئوخشايدۇ، قايتىپ كەتمىسەم بولماس» دەپ يېنىپتۇ، لېكىن نەپسى قايتىپ كېتىشكە يول قويماپتۇ. موماي: چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىر سوراپ كۆرەي، ئەگەر كەلگەن بولسا قايتىپ كېتەي، كەلمىگەن بولسا ئۇ تەلىيىم، دەپ ئويلاپ، ئىشىككە يېقىن كېلىپ: چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟ ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟ مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟ ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟ كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا: چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر، ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر، مىسران قىلىچى قوزۇقتا يوقتۇر، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر، كاپ- كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر. دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. موماينىڭ يۈرىكى توختاپ، يەتتە بېشىنىڭ ھەربىرىدىن تۈرلۈك سادالارنى چىقىرىپ، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك كىرىپ كەپتۇ، لېكىن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرمەي: ھەي مەختۇمسۇلا، ئاكاڭ چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەن ئوخشايدۇ، ئۆيۈڭدە ئادەمنىڭ پۇرىقى بارغۇ؟— دەپتۇ. مەختۇمسۇلا تەمكىنلىك بىلەن: — ئاكام تېخى كەلمىدى. ئەگەر كەلگەن بولسا ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا، مىسران قىلىچى قوزۇقتا، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا، كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بولماسمىدى،— دەپتۇ. — سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن، چىن تۆمۈر باتۇر ئېنىق كەلگەن ئوخشايدۇ، ئادەم پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ، ئۇ يوشۇرۇنۇۋالغان ئوخشايدۇ، — دەپتۇ يالماۋۇز موماي. — بۈگۈن ئاكامنىڭ كۆڭلەك، تامبىلىنى يۇيۇپ، سۈيىنى ئۆيگە تۆككەنىدىم، شۇنىڭ پۇرىقى بولسا كېرەك، — دەپتۇ مەختۇمسۇلا. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يالماۋۇز موماي ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپتۇ. ئادىتى بويىچە مەختۇمسۇلانىڭ ئۇزۇن چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ، ئەمدىلا قېنىنى شوراي دەپ تۇرۇشىغا، چىن تۆمۈر باتۇر ئورىدىن چىقىپ، مىسران قىلىچى بىلەن بىر ئۇرغانىكەن، يالماۋۇز موماينىڭ بىر بېشى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ- يالماۋۇز موماي «ئاھ» دەپتۇ-دە، چىن تۆمۈر باتۇرغا قاراپ: — بىر بېشىمنىغۇ ئالدىڭ، قالغان ئالتە بېشىمغا قانداق جاۋاب بېرىسەن؟؟— دەپ قەھرى بىلەن ئېلىشىشقا كىرىشىپتۇ. ئېلىشىش بىر كېچە - كۈندۈز داۋام قىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ يەنە بىر بېشىنى چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئۆيدىن قېچىپ چىقىشنىڭ ئىلاجىنى تاپالماي، چىن تۆمۈر باتۇرغا يەنە ئېسىلىپتۇ، يەنە بىر كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر بۇ قېتىم يالماۋۇز موماينىڭ يەنە بىر بېشىنى چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچ بېشىدىن ئايرىلغان يالماۋۇز موماي تېخىمۇ غەزەپ بىلەن تۇتۇشۇپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئۇياقتىن - بۇياققا قېچىشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ بەشىنچى بېشىنى كېسىپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئەمدى ماغدۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى پىيالىدەك بوپتۇ، ئىشىكتىن قېچىپ چىقاي دېسە، مەختۇمسۇلا قىلىچ شىلتىپ چىقارماپتۇ. ئاخىر چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ ئالتىنچى بېشىنىمۇ چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. ئەمدى يالماۋۇز موماينىڭ «يەل مۈڭگۈز» دەپ ئاتالغان بىرلا بېشى قاپتۇ. ئۇ ئامالسىزلىقتىن قۇيۇنغا ئايلىنىپتۇ - دە، ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ: — ھەي مەختۇمسۇلا، خەپ توختا ! خەپ توختا ! دەپ بەدەر قېچىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، بىر بېشى قالغان يالماۋۇز موماينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. مەختۇمسۇلا باغلاقلىق كاپ - كاپ كۈچۈكىنى قويۇۋېتىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز مومايغا يېتىشىپتۇ. يالماۋۇز موماي نائىلاج چىن تۆمۈر باتۇرغا ئېسىلىپتۇ. ئۇلار كەچ كىرگۈچە ئېلىشىپتۇ. ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كاپ- كاپ كۈچۈكى يېتىپ كېلىپ، يالماۋۇز موماينىڭ پاچىقىدىن چىشلەپ تارتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن يالماۋۇز موماي ھالسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ. كاپ - كاپ كۈچۈكى ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ يەتتىنچى بېشىنى ئېلىپ، ئۆيگە خۇشال قايتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنە بىرنەچچە ۋاقىت خۇشال-خۇرام ئۆتۈپتۇ،مەختۇمسۇلانىڭ رەڭگى رويى ئاستا- ئاستا ئوڭلىنىپ، ئاۋۋالقى ھالىتىگە كەپتۇ. ئۇ ئاي يۈزلۈك، خۇمار كۆزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، سۇمبۇل چاچلىق، قارا قاشلىق نازۇك بەدەن بىر گۈزەل بوپتۇكى، ئۇنى كۆرگەن ھەرقاندا كىشى ئەقىل- ھوشىنى يوقىتىپ قويىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر زېرىكىپ، يەنە ئوۋغا چىقماقچى بوپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا: _ھەى سىڭلىم، مەن يەنە ئوۋغا چىقىمەن. سەن ھەرگىز ئۆيدىن تالاغا چىقمىغىن، سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ چېچىڭنى تارىمىغىن،— دەپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى بىلەن خوشلىشىپ ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ.

مەختۇمسۇلا ئاكىسىنىڭ نەسىھەتىنى يادىدا تۇتۇپ بىرنەچچە كۈنگىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماپتۇ، لېكىن كۈنلەر ئۆتكەنسېرى زېرىكىپتۇ. ئاقىۋەت تالاغا چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ بويىدا سۈزۈك سۇنىڭ ئېقىشىغا قىزىقىپ چېچىنى تاراشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن، سۇمبۇل چاچلىرىدىن بىرنەچچە تېلى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاچلار قوشنا پادىشاھلىقنىڭ ئوردىسىدىكى كۆلگە ئېقىپ بېرىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ پادىشاھلىقنىڭ شاھزادىسى ئوزمۇخ نۆكەرلىرى بىلەن كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇرغانىكەن. شاھزادە ئوزمۇخ كۆل بويىغا كېلىپ باش-كۆزىنى يۇيۇۋاتسا، ئۇنىڭ قولىغا ھېلىقى چاچلار ئېلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ چاچلارنىڭ ئۇزۇن ۋە سۇمبۇللۇقى شاھزادىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئوزمۇخ نۆكەرلىرىدىن: —بۇ نېمىدېگەن ئۇزۇن چاچ؟ كىمنىڭ چېچى؟ — دەپ سوراپتۇ. نۆكەرلەر: —ھەي شاھزادە، بۇ قوشنا پادىشاھلىقتا ياشايدىغان گۈزەل قىز مەختۇمسۇلانىڭ چېچى ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ چىن تۆمۈر باتۇر دېگەن ئاكىسى بار، ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان ئەر تېخى چىققىنى يوق،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپتۇ، دەرھال قول ئاستىدىكى سەركەردىلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت ئاپتۇ، نۇرغۇن لەشكەر توپلاپ، مەختۇمسۇلانى بۇلاپ كېلىش ئۈچۈن يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار بىرنەچچە كۈندىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئەتراپنى قورشاپتۇ. مەختۇمسۇلا بۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆگزىگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ: — ھەي لەشكەرلەر، بۇ نېمىدېگەن ئۇياتسىزلىق ! يالغۇز بىر ئاجىز قىزغا شۇنچە لەشكەرلەرنىڭ كېلىشى نامەردلىك ! ئاكام چىن تۆمۈر باتۇر كەلسە قانداق جاۋاب بېرىسىلەر؟ ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرۈپ، ئوتتەك كۆيۈپ مۇنداق دەپتۇ: — ھەي مەختۇمسۇلا، ئۆزۈڭنى ماڭا قوبۇل قىلساڭ قىل، بولمىسا سېنى زورلۇق بىلەن ئالىمەن! مەختۇمسۇلا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غەزەپ بىلەن ئۆگزىدىن يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا كېتىشنىڭ ئالدىدا: «ناۋادا بېشىڭغا كۈن چۈشسە، بۇ قۇشنى قويۇۋەتكىن، مەن قەيەردە بولسام، شۇ يەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ بارىدۇ» دەپ تاپىلاپ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قويۇپ كەتكەنىكەن. مەختۇمسۇلا چۈمۈلىدەك قورشاپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنى كۆرۈپ قۇشنى قويۇۋېتىپتۇ، ئۆزى قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ، بۇلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن لەشكىرىنى يوقىتىپتۇ. ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇر خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇ مىسران قىلىچىنى ئوينىتىپ، بىر ئۆزى نەچچە مىڭ لەشكەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ. تەڭ كېلەلمىگەن لەشكەرلەر ئۆلەر - تىرىلىشىگە باقماي قېچىشقا باشلاپتۇ. ئوزمۇخ قېچىپ كېتىۋاتقان لەشكەرلىرىگە : -سىلەر ئىككى كىشىدىن شۇنچە قاچامسىلەر؟ قاچساڭلار مەندن ياخشىلىق كۆرمەيسىلەر !— دەپ، پىتىراپ كەتكەن لەشكەرلىرىنى ئۆزى باشلاپ يەنە ئۇرۇش ئېچىپتۇ. ئوزمۇخ چىن تۆمۈر باتۇرغا بىرقانچە ئون پالۋىنى بىلەن بىراقلا ھۇجۇم قىپتۇ. نەيزە - قىلىچلارنىڭ بىر-بىرى ئۇرۇلۇشىدىن چاقماق چاققاندەك ئوتلار چاقناپتۇ. بىراق،ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى يېڭەلمەپتۇ. مەختۇمسۇلا بۇھالنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ: «ئاكامغا زەخمە يەتمىگىيدى، ئۇنىڭ مېيىپ بولغىنىدىن مېنىڭ يوق بولغىنىم ياخشى» دەپ ئويلاپ، ئاكىسىغا مۇنداق دەپتۇ: - جېنىم ئاكا، دۈشمەنلەر سان - ساناقسىز ھەم رەھىمسىز، شۇڭا سىز جەڭدىن يېنىڭ، ئۆلسەم مەن ئۆلەي، سىز ئامان قېلىڭ! شۇ چاغدا چىن تۆمۈر باتۇر مەختۇمسۇلاغا قاراپ: — سىڭلىم، مېنىڭدىن ئەنسىرىمە. چىن تۆمۈر دەپ ئېتىم بار، ماڭا دۈشمەن ئالدىدا باش ئېگىش ئۆلۈم بىلەن تەڭ. سەن جانجىگەر سىڭلىمدىن ئايرىلالمايمەن، شۇڭا جەڭدىن يانمايمەن! دەپ جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئوزمۇخنىڭ لەشكەرلىرى ئۆلۈپ تۈگەشكە ئاز قالغاندا، ياردەمگە ئەۋەتىلگەن لەشكەرلەر نەرە تارتىپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار قىلىچ - نەيزىلىرىنى يالىڭاچلاپتۇ، ئوقيالىرىنى چەنلەپتۇ، چىن تۆمۈر باتۇرغا قارا قاغىدەك يېپىشىپتۇ. ئوزمۇغ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ مەختۇمسۇلانى تۇتۇۋېلىپ، پۇت - قولىنى مەھكەم باغلاپ ئەپ قېچىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر قەھر - غەزەپكە تولۇپ، يەتتە كېچە، كۈندۈز ئېلىشىپ ھەممە بۇلاڭچىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ، كېيىن قارىغۇدەك بولسا، مەختۇمسۇلا ھېچ يەر كۆرۈنمەپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، مەختۇمسۇلانى ئىزدەپ دەشت - چۆللەرنى كىزىپتۇ، ئىزدە-ئىزدە ئاخىر جىرغىلاڭ دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ، كۆك يايلاق تېغىنىڭ كۆكتۆپە دېگەن يېرىگە كەپتۇ. كىشىلەر داڭقى داستان بۇ باتۇرنى ناھايىتى خۇشال قارشى ئاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇ يەرگە جايلىشىپ قاپتۇ، چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ تېزلا باي بوپتۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ مال - دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زادى كۆرۈنمەپتۇ، پۈتۈن ئوي - خىيالى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادىلا قاپتۇ، كۆزى كېچە- كۈندۈز ياشتىن قۇرۇماپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر تولا يىغلاپ يۈرۈپ، ئاخىر ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى گەپنى مەختۇمسۇلادىن ئاڭلايلى. ئوزمۇخ ساھىبجامال مەختۇمسۇلانى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئوردىسىغا ئاپىرىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ، مەختۇمسۇلا بۇلاڭچىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنە كېچە - كۈندۈز ئاكىسىنى كۆرۈشنى خىيال قىلىپ، قانداقلا بولسۇن بۇلاڭچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەختۇمسۇلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. پادىشاھ ئۆز كۆڭلىدە: «ھە، ئەمدى ئىككى بالىلىق بولغاچقا بىزگە مايىل بولدى» دەپ ئويلاپ رۇخسەت قىپتۇ. بۇ پادىشاھلىقىنىڭ بىر تۇلپارى بولۇپ، ئۇ تۇلپارغا پادىشاھنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىنىڭ مىنىشى مەنئى قىلىنغانىكەن. مەختۇمسۇلا ئەنە شۇ تۇلپارغا مىنىپ، قىرىق كېنىزەك ھەم قىرىق نۆكەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە دەريا بويىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇلار جىرغىلاڭ دەرياسى بويىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. قاتار - قاتار چېدىر - بارگاھلارنى تىكىپ، ھەر خىل تائاملارنى پىشۇرۇپتۇ، سۈتتىن قىلىنغان شارابلارنى تۇلۇم - تۇلۇمى بىلەن تىكلەپ قويۇپتۇ. چوڭ زىياپەت باشلىنىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ئاياقلارغا سۈت ھارىقىنى تولدۇرۇپ، كېنىزەك، نۆكەرلەرگە بىر - بىرلەپ سۇنۇپ، بىردەمدە ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇلارنىڭ مەستلىكىدىن پايدىلىنىپ چاققانلىق بىلەن تۇلپارغا مىنىپتۇ- دە، جىرغىلاڭ دەرياسىنى كېچىپ ئۇ قاتقا ئۆتۈۋاپتۇ. پادىشاھ ئالدىدا بېشى كېتىشتىن قورققان نۆكەرلەر دەرھال ئارقىدىن قوغلاپ دەريا لېۋىگە كەپتۇ، بىراق ھېچقايسىسىنىڭ ئېتى دەرياغا كىرەلمەپتۇ. ئەسلىدە پادىشاھنىڭ تۇلپارىدىن باشقا ھەرقانداق جانىۋار بۇ دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتەلمەيدىكەن.

ئامالسىز قالغان نۆكەرلەر مەختۇمسۇلاغا قاراپ: ھەي مەختۇمسۇلا ! ئىككى بالاڭنى يېتىم قىلماي كەينىڭگە يانغىن ! دەپتۇ. مەختۇمسۇلا: _ ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ كەلسەڭلار، كەينىمگە يانىمەن ! دەپتۇ. نۆكەرلەر دەرھال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ چوڭىنىڭ ئېتى ئاقار، كىچىكىنىڭ ئېتى چۆكەر ئىكەن، مەختۇمسۇلا نۆكەرلەرگە قاراپ: _ چوڭ بالامنى دەرياغا تاشلاڭلار، ئۇنىڭ پىراقىغا چىدىماي ئۇياققا ئۆتۈپ قالارمەن! دەپتۇ. نۆكەرلەر ئاقارنى دەرياغا ئاقتۇرۇپتۇ، بىراق مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. نۆكەرلەر: «مەختۇمسۇلا كىچىك ئوغلىنى ئوبدان كۆرىدۇ، شۇنى دەرياغا تاشلىساق، ئوغلىنى تۇتۇۋالىمەن دەپ دەرياغا چۈشەر» دېيىشىپ، چۆكەرنى دەرياغ- تاشلاپتۇ. بالا شۇ زامان سۇغا غەرق بوپتۇ. مەختۇمسۇلاغا بۇ ناھايىتى ئېغىر كەپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ سۆيۈملۈڭ ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇرنى تېپىش ئارزۇسىدىن يانماپتۇ.ئۇ نۆكەرلەرگە قاراپ: _ ھەي ئىنساپسىز بۇلاڭچىلار! سىلەرگە نەسلىمنىمۇ قالدۇرمىدىم، ئەمدى مۇرادىم ھاسىل بولدى! دەپتۇ - دە، ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇلاڭچىلار دەريادىن ئۆتەلمەي ئامالسىز قايتىپتۇ. مەختۇمسۇلا شۇ يۈرگىنىچە دەشتلەرنى كېزىپ، تاغلاردىن ئېشىپ، بىر گۈزەل يايلاققا يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، نۇرغۇن تۆگىلەر يايلاپ يۈرگۈدەك. مەختۇمسۇلا تۆگىچىلەردىن: — بۇ كىمنىڭ تۆگىلىرى؟ — دەپ سوراپتۇ. تۆگىچىلەر: — چىن تۆمۈر قارىغۇنىڭ تۆگىلىرى، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. — ئۇ نېمە بولۇپ قارىغۇ بولدى؟_ دەپ سوراپتۇ مەختۇمسۇلا. تۆگىچىلەر: — ئۇنىڭ بىر سىڭلىسىنى بۇلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەنىكەن، شۇنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدى، _ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا يەنە: — ھازىر ئۇ قەيەردە؟ — دەپ سوراپتۇ. تۆگىچىلەر: — قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز،— دەپتۇ. مەختۇمسۇلا يەنە مېڭىپتۇ، بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن يىلقىلار ئۇچراپتۇ، يىلقىچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ، يەنە بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن كالا، قوي پادىلىرىنى كۆرۈپتۇ، قويچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا جاۋاب بېرىپتۇ. ئاخىرىدا مەختۇمسۇلا ئەڭ چەتتە موزاي بېقىۋاتقان بىر پادىچى بالىدىن: — جېنىم ئۇكام، چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر قەيەردە ؟ ئېيتىپ بەرسەڭ،— دەپ يېلىنىپ سوراپتۇ. پادىچى بالا تەسلىكتە: — چىن تۆمۈر قارىغۇ ھازىر ئالتۇن ئارىشاڭ دېگەن يەردە،_ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: — مەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى بولىمەن، مېنى ئاكامنىڭ قېشىغا باشلاپ بارساڭ، — دەپتۇ. پادىچى بالا : پادىدىن ئايرىلالمايمەن، موزايلار يۈتۈپ كەتسە قاندى قىلىمەن؟— دەپ ئۇنىماپتۇ. مەختۇمسۇلا: - ئۇنداق بولسا پادىلىرىڭغا مەن قاراپ تۇراي. قوۇڭغا مۇنۇ ئالمىنى ئال، ئەگەر چىن تۆمۈر باتۇر سۆزۈڭگە ئىشەنمىسە، ئالمىنى كۆزىگە سۈرتسەڭ، كۆزى ئېچىلىدۇ دەپ قولىغا بىر ئالمىنى بېرىپتۇ. پادىچى بالا ئالمىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇ بېرىىپ چىن تۆمۈر باتۇرغا مەختۇمسۇلانىڭ خەۋىرىنى ئېيتقانىكە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ. شۇ ھامان پادىچى بالا: ئالمۇتىيارنىڭ ئالمىسى، مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى. مەختۇمسۇلا بولمىسا، قايدىن كېلۇر خالتىسى؟ دەپ، ئالمىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزىگە سۈركىگەنىكەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ زامان ئېچىلىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر پادىچى بالىغا چوڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىپتۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەختۇمسۇلانىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئاكا - سىڭىل قېرىنداشلار بىر - بىرىنى كۆرۈپ يىغلىشىپتۇ، ھال - ئەھۋال سوراپ مۇڭدىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار خۇشال - خۇرام، تىنچ ئۆمۈر سۈرۈپتۇ.