: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

چۆچۈرە بالا

چۆچۈرە بالا

ئۆتكەن زاماندا سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت، ساپ ھاۋالىق بىر يېزىدا تېرىپ ئاشقۇدەك يېرى، باراقسان بېغى، مال-ۋارانغا تولغان قوتىنى، ئازادە ھويلا-ئارامى بار بىر ئىشچان دېھقان ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ توققۇزى تەل، تۇرمۇشى باياشات بولسىمۇ، لېكىن ئاخشىمى-ئەتىسى ئۆزىگە ئەرمەك بولغۇدەك بىرەر ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتى بولمىغاچقا، كۈنى ھەسرەت ۋە غەشلىكتە ئۆتىدىكەن. بۇ دېھقاننىڭ ۋاپادار، چېچەن ئايالى ئېرىنىڭ كۆڭلىدىكى دەرد-ھەسرىتىنى چۈشىنىپ، ئېرىگە بىر پەرزەنت تۇغۇپ بېرىش ئۈچۈن سەۋەب ئىزدەپ قىلمىغان ئىشى قالماپتۇ، قىلغۇدەكلا ئىشنىڭ ھەمىنى قىلىپتۇ، خەير-ساخاۋەت بىلەن بوپتۇ، بىراق يەنىلا بالىلىق بولالماپتۇ. ئىلاجسىز قالغان ئايال ھەر كۈنى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ بىر پەرزەنت تەلەپ قىپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، بالا يۈزى كۆرمەپتۇ. ئايال ئاخىر تەقدىرگە تەن بېرىپ، پۈتۈن زېھنىنى ھويلا - ئاران ۋە ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا قارىتىپ، ئېرىگە ياردەمچى بوپتۇ. ئىشتىن يانغاندا ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ. دېھقانمۇ خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىكەن. ئەمما پەرزەنت سەۋداسى ئازابلاپ ئارام بەرمىگەن كۆڭلى ھەرقانداق قىلسىمۇ ھەسرەتتىن خالىي بولمايدىكەن. شۈڭا، ئۇ دائىم دېگۈدەك ئۈن - تىنسىز، تېگى يوق خىياللارغا غەرق بولۇپ ئۆتىدىكەن. بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ، ئايالى چۆچۈرىگە تۇتۇش قىپتۇ.دېھقان ئادىتى بويىچە يۇمشاق تۆشەككە تاشلىنىپ خىيالغا كىزىپتۇ. ئېرىنىڭ ئەپتىگە قاراپ يۈرىكى ئېزىلگەن ئايال چۆچۈرە تۈگكەچ ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىپ:«ئاھ، نېمىسىنى دەي، مەن تۈگۈۋاتقان چۆچۈرىچىلىك پەرزەنتىم بولغان بولسىمۇ، ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيا رازى بولاتتىم» دەپ كۆز يېشى قىپتۇ. شۇ زامان ئايالنىڭ قورسىقى ئاچچىق تولغاپتۇ - دە، ئاياغ تەرىپىدىن بىر مونەك چۈشۈۋاتقاندەك سېزىم پەيدا بوپتۇ، ئايال نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، پۇچقىقىدىن خۇددى چۆچۈرىگىلا ئوخشايدىغان كىچىككىنە بىرنەرسە چۇشۈپ دىڭىلداپ ئاشتاختىسى ئۈستىگە چىقىپتۇ - دە: — ئانا - ئانا، مەنمۇ چۆچۈرە تۈگۈشۈپ بېرەيمۇ؟— دەپتۇ. بۇ مۆجىزىدىن ھەيرانۇھەس بولغان ئايال سىنچىلاپ قارىسا، ھېلىقى چۆچۈرىسىمان مەخلۇق ئەپچىللىك بىلەن جىلتىلارغا قىيما سېلىپ چۆچۈرە تۈگۈۋاتقۇدەك. ئارزۇسىغا يەتكەن ئايال سۆيۈنگەن ھالدا: — چۆچۈرىجان ئوغلۇم، تېخى ئەمدىلا تۇغۇلدۇڭ، ماڭا چۆچۈرە تۈگۈشۈپ بېرىمەن دېمەي، ئاتاڭنىڭ قوينىغا كىرىپ ئوينىۋالغىن، — دەپتۇ. چۆچۈرە بالا ئاشتاختىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئايالىنىڭ كىم بىلەن گەپلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەي، خىيالدىن بېشىنى كۆتۈرگەن دېھقان كىچىككىنە چۆچۈرە بالىنىڭ شۇنچە يېنىك چامداپ يېنىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چەكچىيىپلا قاپتۇ. ئۆي ئىچى بىردىنلا جانلىنىپ كېتىپتۇ. چۆچۈرە بالىنىڭ گەپلىرى شۇنچە چۈچۈك، مېڭىش- تۇرۇشلىرى شۇنچە قىزىقارلىق، قىلغان - ئەتكەنلىرى شۇنچە ئورۇنلۇق ئىكەن. كىچىككىنە تۇرقىغا قارىماي، ئۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ چۆچۈرە يەپتۇ، تاماقتىن كېيىن داستىخان يىغىپتۇ، ئانىسىغا ياردەملىشىپ قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇپتۇ. ياتار ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسى: «قوينىمىزغا سېلىپ ياتساق ئۇيقۇچىلىقتا بېسىپ تاشلاپ مىجىلىپ كەتمىسۇن دەپ، چۆچۈرە بالىنى ئاتىسىنىڭ تۇمىقى ئىچىگە ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئەر - خوتۇنلار ئورنىدىن تۇرۇپ تۇماقنىڭ ئىچىگە قارىسا، چۆچۈرە بالىسى كۆرۈنمىگۈدەك، چاقىرىپتىكەن، جاۋاب كەلمەپتۇ. ئۆي ئىچىنى ئىزدىسە ھېچ يەردىن چىقماپتۇ. «نەچچە يىللار ئارزۇلاپ ئاران ئېرىشكەن ئوغلىمىز نەگە غايىب بولغاندۇ؟ دەپ ئەنسىرىشىپ، ئوچاق بېشى ۋە قاچا - قۇچىلارنىڭ ئىچىگە قاراپتۇ، ھېچ يەردە كۆرۈنمىگۈدەك. ئىشىكنى ئېچىپ تالاغا قارىسا، ھويلا - ئاران پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، سۇ سېپىلىپ، چىنىدەك تازا تۇرغۇدەك. تاڭ ئاتار - ئاتماي يەم تەمە قىلىپ ئارام بەرمەيدىغان مال- ۋارانلار ئېغىل - قوتانلىرىدا كاراسلىتىپ ئوت - چۆپ يېيىشىۋاتقۇدەك. كۆڭۈللىرى بىرنېمىنى تۇيغان ئەر - خوتۇن ھويلا ئالدىغا چىقىپ قارىسا، چۆچۈرە بالىسى چوڭ قىزىل خورازغا مىنىۋېلىپ ئۇياقتىن - بۇياققا چېپىپ يۈرەرىمىش. ئەر - خوتۇن خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، چۆچۈرە بالىسىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىرىپتۇ. ناشتىدىن كېيىن چۆچۈرە بالا ئاتىسىغا ئەگىشىپ، ئېتىزغا بىللە بارىمەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاتا - ئانىسى يالۋۇرۇپ، نەسىھەت قىلىپ ئاران قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. چۈشكىچە چۆچۈرە بالا ئانىسىغا ياردەملىشىپ سۇ ئەكېلىپتۇ، كۆكتات ئوتاپتۇ، تاماق ئېتىپتۇ. چۈشلۈك تاماق تەييار بولغاندا، ئۇ: «ئاتامغا ئۆزۈم تاماق ئاپىرىپ بېرىمەن» دەپ جېدەل قىپتۇ. ئانىسى: — ۋاي جېنىم بالام، بويۇڭ چۆچۈرىچىلىك تۇرسا، شۇنچە چوڭ تاماق كومزىكىنى قانداق كۆتۈرىسەن؟ — دەپتىكەن چۈچۈرە بالا: باشقا ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، مېنى كومزەكنىڭ قۇلىقىغا مىندۈرۈپ قويسىڭىزلا بولدى،— دەيتۇ. ئانىسى ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆنۈپ، كومزەكنىڭ قۇلىقىغا مىندۈرۈپ قويۇپتۇ. چۆچۈرە بالا كومزەكنى دىكىلدىتىپ ماڭدۇرۇڭ، بىردەمدە كۆزدىن ئۇزاپتۇ. ئۇ ئېتىز بېشىغا بېرىپ كەمزەكنى بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى ئاستىغا قويۇپتۇ - دە؟ _ ئاتا، تاماق ئەكەلدىم، غىزالىنىۋېلىڭ !! دەپ ۋارقىراپتۇ. ئاتىسى قوشنى توختىتىپ قۇلاق سالسا، ئۈجمە تەرەپتىن ئاۋاز چىقىۋاتقۇدەك. ئاتىسى كېلىپ چۆچۈرە بالىسىنى ئامراقلىقى كېلىپ سۆيۈپ قويۇپتۇ - دە، تاماق يېيىشكە تۇتۇش قىپتۇ. تاماق يەپ بولۇپ قارىسا، چۆچۈرە بالا كۆرۈنمىگۈدەك. چاتاق بولدى، بۇ كەپسىز قاياققا قاچقاندۇ دەپ ئەتراپىغا سەپسالغانىكەن، چۆچۈرە بالا ساپاننىڭ تۇتقۇچىغا مىنىۋېلىپ يەر ھەيدەۋاتقۇدەك. ئاتىسى قېشىغا كېلىپ بولغۇچە، چۆچۈرە بالا ھەيدەشكە تېگىشلىك يەرنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ تۈگىتىپتۇ. ئەتىسى چۆچۈرە بالا ئاتىسىغا: — ئۆيدە ئۇن ئاز قاپتۇ. تۆگىگە ئۈگۈت ئارتىپ بەرسىڭىز، تۈگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىپ كەلسەم، — دەپتىكەن، ئاتىسى: — بالام، تۈگمەن بەك يىراقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن چۆچۈرىچىلىك بەستىڭ بىلەن قانداق ئۇن تارتىپ كېلەلەيسەن؟ _ دەپ ئۇنىماپتۇ. — مېنى ئۈگۈت ئۈستىگە قوندۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، تۆگە يولنى بىلىدۇ، ئۈگۈتنى تۈگمەنچى بىلەن ئۇن تارتقۇزغىلى كەلگەنلەر چۈشۈرۈپ، تارتىپ يولغا سېلىپ قويىدۇ. مەندىن غەم قىلماڭ،— دەپتۇ چۆچۈرە بالا. ئاتىسى ئامالسىز چۆچۈرە بالىنى تۈگمەنگە يولغا ساپتۇ. چۆچۈرە بالا يول بويى تۆگىنى قاتتىق باشقۇرۇپ مېڭىپتۇ. تەڭ يولغا كەلگەندە يامغۇر يېغىشقا باشلاپتىكەن، ئۇ ئۈگۈت ئۈستىدىن دىڭىلداپ مېڭىپ تۆگىنىڭ قۇلىقىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ دالدىلىنىپتۇ. يامغۇر توختاپ ئاپتاپ چىققاندا، تۆگە يۈرۈشىنى ئاستىلىتىپ چۆپ ۋە غازاڭ يەپ مېڭىپتۇ. تۆگە بىر قېتىم غازاڭغا ئېڭىشكەندە، چۆچۈرە بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن غازاڭ ئارىسىغا دومىلاپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، تۆگە ئۇنى غازاڭ بىلەن قوشۇپ يالمىۋېتىپتۇ. چۆچۈرە بالا تۆگىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ ۋارقىراپ، تېپچەكلەپ كېتىپتۇ.

چۆچۈرە بالا تۈگىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ ۋارقىراپ، تېپچەكلەپ تۆگىنى تۈگمەنگە ئەكەپتۇ. تۈگمەن ئالدىغا كەلگەندە، تۆگىنىڭ قورسىقىدىن: _ ھەي تۈگمەنچى، ئۈگۈتۈمنى تارتىپ بەر، تېز بول، بولمىسا ئۆيۈمگە كەچ قالىمەن !— دېگەن سادا كەپتۇ. تۈگمەنچى چىقىپ قارىسا، ئۈگۈت ئارتىقلىق تۆگىلا تۇرغۇدەك، ئىگىسى كۆرۈنمىگۈدەك. تۈگمەنچى: _ ئۈگۈتنىڭ ئىگىسى قېنى؟ — دەپ توۋلاپتىكەن، چۆچۈرە بالا: مەن تۆگىنىڭ قورسىقىدا، سەن ئۈگۈتنى چۈشۈرۈپ، ئۇن تارتىپ تۆگەمگە ئارتىپ بەرسەڭلا بولدى، ئۆيگە ئۆزۈم كېتىۋېرىمەن، — دەپتۇ. ھەيران قالغان تۈگمەنچى باشقىلار بىلەن ئۈگۈتنى چۈشۈرۈپ ئۇن تارتىپ، يەنە تۆگىگە ئارتىپ بېرىپتۇ. ئۇن تارتىلىپ بولغۇچە ئوتلاپ تويغان تۆگە كەلگەن يولى بىلەن ھايالسىز ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ھويلىغا كەلگەندە، چۆچۈرە بالا: — ئاتا، ئۇن تارتىپ كەلدىم، ئۇننى چۈشۈرۈۋال، — دەپ ۋارقىراپتۇ. تاقەتسىزلىنىپ ئولتۇرغان ئاتىسى يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا، ئۇن ئارتىلغان تۆگە ھويلىدا تۇرغۇدەك، چۆچۈرە بالا كۆرۈنمىگۈدەك، ئۇ چۆچۈرە باتۇرۇم، قېنى سەن؟_ دەپ چاقىرىپتۇ ئاتىسىى تۈگىنىڭ مەرىدىن كېچىپ، مېنى تۆگىنىڭ قېرىنىدىن تېپىۋالغىن - دەپتۇ چۆچۈرە بالا ئاتىسى دەرھال تۆگىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىچ - باغرىدىن بالسىنى ئىزدەپتۇ، ئۇيان قاراپتۇ، بۇيان قاراپتۇ، چۆچۈرە بالا ئۈچەي - قېرىنلار ئىچىدىن چىقماپتۇ. ھەسرەتلىك يېشىنى تۆكۈشكەن ئاتا - ئانا قالدى - قاتتى ئۈچەي - قېرىنلارنى ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلاپ قايغۇرۇپ يىغلىشىپتۇ. ئەسلىدە تۆگە بوغۇزلانغاندا دېمى كېسىلىپ ھوشسىزلانغان چۆچۈرە بالا تۆگىنىڭ توققۇز تونلۇقىنىڭ قېتىغا كىرىپ قالغانىكەن. شۇ كېچىسى ئۇزاقتىن بۇيان ئوزۇق تاپالماي ئاچ يۈرگەن بىر قېرى بۆرە قان ھىدىنى پۇراپ چۆچۈرە بالىنىڭ ھويلىسىغا كەپتۇ- : ئەخلەت خانىغا تاشلىۋېتىلگەن تۆگىنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرىنى ئاچ كۆزلۈك بىلەن يالماپ يۇتۇۋېتىپتۇ. چۆچۈرە بالىمۇ توققۇزتونلۇق بىلەن بىللە بۆرىنىڭ قارنىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئاچ كۆز بۆرە يەنە بىر دېھقاننىڭ قوتىنىغا كىرىپتۇ. چۆچۈرە بالا ۋارقىراپتۇ: _ ھەي دېھقان، قوتىنىڭغا بۆرە تەگدى! ئارا - پالتاڭنى ئېلىپ تېز چىق ! بۆرىنىڭ جان - پېنى چىقىپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي تىكىۋېتىپتۇ. ئەتىسى ئېچىرقىغان بۆرە پادىسىنى ھەيدەپ يايلاققا كەتكەن بىر قويچىنىڭ قوتىنىدا قالغان قوزىلارغا تەگمەكچى بولۇپ شۇنداق چىت ئاتلىشىغا، چۆچۈرە بالا: — ھەي تايغانلار، كەلمەمسەن ! قوتانغا بۆرە كىردى !! دەپ ۋارقىراپتۇ. تايغانلارنىڭ ھاۋشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بۆرە ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، بۆرە قەيەرگە بېرىپ ئولجىغا تۇتۇنسا، چۆچۈرە بالا قورسىقىدا تۇرۇپ مال ئىگىسىنى چاقىرىدىكەن ياكى ھايۋانلارنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن. بىرقانچە كۈنگە قالماي بۆرىنىڭ تۈكلىرى تەتۈر يېنىپ، ئۇستىخانلىرى تېرىسىنى تېشىۋەتكۈدەك بوپتۇ. ئاچلىق ۋە ماغدۇرسىزلىققا پايلىمىغان بۆرە بىر كۈنى قورسىقىدىكى چۆچۈرە بالىدىن: ئەي، جېنىمغا پاتقان شور پېشانە مەخلۇق، قانداق قىلسام سەندىن قۇتۇلىمەن؟— دەپتۇ. — شور دەرياغا بېرىپ تۇزلۇق سۇدىن قانغۇچە ئىچ، ئاندىن راسا تەرلىگۈچە يۈگۈر، شۇ چاغدا مەندىن قۇتۇلىسەن !! دەپتۇ چۆچۈرە بالا. بۆرە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، شور دەريانىڭ قىرتاق سۈيىدىن قورساقلىرى ئېسىلىپ كەتكۈچە ئىچىپتۇ، ئاندىن پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، دېمى كېسىلگۈچە يۈگۈرۈپتۇ. تېرىلىرى تەرگە چۆمۈلگەندە توختاپتىكەن، ئىچى سۈرۈپ شاتراقلاشقا باشلاپتۇ. قورسىقى بوشاپ يېنىكلىگەندە، كۈچسىز تېنىنى سۆرەپ بىر دالدىغا بېرىپتۇ - دە: ھەي، ئوتقۇيرۇق، ئەمدىغۇ قورسىقىمدىن چىقارسەن!! دەپ توۋلاپتىكەن، ئۈن كەلمەپتۇ، يەنە توۋلاپتۇ، ئۈن چىقماپتۇ. قۇتۇلغىنىغا خۇش بولغان بۆرە ئاياغلىرىغا مەدەت بېرىپ باشقا جاڭگالغا كېتىپتۇ. بۆرىنىڭ شاترىقى بىلەن بىللە يەرگە چۈشكەن چۆچۈرە بالا ئەمدىلا ئۆزىنى رۇسلاپ تۇرۇشىغا، ئەگىپ يۈرگەن بىر توڭ قاغا كۆرۈپ قېلىپ ئۇچۇپ چۈشۈپتۇ. قاغا بىر تاقلاپ، ئىككى چامداپ چۆچۈرە بالىنى چوقۇشقا تەمشەلگەنىكەن، چۆچۈرە بالا لىككىدە ئىرغىپ قاغىنىڭ بوينىغا مىنىۋاپتۇ - دە، ئۇنىڭ پەيلىرىنى چىڭ تارتىپ تۇرۇپ: — ئامان قالاي دېسەڭ ئاۋۇ ياققا ئۇچ، ئۆلەي دېسەڭ يەرگە چۈش ! — دەپ ۋارقىراپتۇ. ئاغرىققا چىدىيالماي قالغان قاغا نائىلاج چۆچۈرە بالا دېگەن ياققا قاراپ ئۇچۇپتۇ، دېھقاننىڭ ھويلىسى ئۈستىگە كەلگەندە چۆچۈرە بالا قاغىنىڭ پەيلىرىنى تارتىپ تۇرۇپ : -ئاۋۇ قوناق يېيىلغان ئۆگزىگە چۈش، قوناقلاردىن خلىغانچە ئال، ئاندىن ئىختىيار قىلغان يېرىڭگە ئۇچ !! دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. چۆچۈرە بالىنىڭ گېپى كۆڭلىگە تازا ياققان توڭ قاغا ئۆگزىگە قونۇپ، چۆچۈرە بالىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. بىر باش قوناقنى چىشلەپ، ئىككى باش قوناقنى قاماللاپ ئۇدۇل كەلگەن بىر ياققا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. چۆچۈرە بالا شوتىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ: ئاتا-ئانا مېنى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، شوتىنىڭ بالدىقىغا پۇتۇم يەتمىدى،— دەپ ۋارقىراپتۇ.. چۆچۈرە بالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئوڭىمىزمۇ ياكى چۈشىمىزمۇ دەپ ھاڭ-تاڭ قالغان ئاتا - ئانىسى چىقىپ قارىسا، چۆچۈرە بالا ئۆگزىنىڭ گىرۋىكىدە چۈشەلمەي تۇرغۇدەك. ئاتىسى شوتا ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىپ چۆچۈرە بالىنى ئەپچۈشۈپتۇ. -قەيەرلەردە بولدۇڭ، قانداق يېتىپ كەلدىڭ، چۆچۈرە باتۇرۇم؟— دەپ سوراپتۇ ئانىسى ۋە ئېتىلىپ كەلگىنىچە ئۇنى باغرىغا بېسىپتۇ. دەشت - باياۋانلاردا سەيلە - ساياھەتتە بولدۇم، ئۈچ باش قوناق سىمكار بېرىپ قايتىپ كەلدىم،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ چۆچۈرە بالا. شۇ كۈندىن باشلاپ، چۆچۈرە بالا ئاتا - ئانىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي، ئاتا - ئانىسىغا چوڭ ئادەملەرگە ئوخشاش قول - قانات بولۇپ خۇشاللىق ۋە ئارامبەخش ئېتىپتۇ. تۈگىدى