: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
بىلمەس تاز
بىلمەس تاز
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئېگىز تاغنىڭ نېرىسىدا باياشات بىر يۇرت بار ئىكەن. بىر يىلى، بۇ يۇرتنىڭ پادىشاھى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھنىڭ بالاغەتكە يەتكەن ئوغلى پادىشاھ بوپتۇ. بۇ يىگىت يۇرتنى ئادىل سوراپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ پادىشاھ ئۆيلىنىپتۇ. ئۆيلىنىپ توققۇز ئاي توققۇز كۈن ئۆتكەندە، ئايالىنىڭ كۆزى يورۇپ، شۇنداق چىرايلىق بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بەختكە قارشى خان ئايىم تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىپتۇ، بالا يېتىم قاپتۇ. شۇ بالا تۇغۇلغان چاغدا پادىشاھنىڭ ئىشىكى ئالدىدا شۇنداق بىر چىرايلىق قۇلان تاي پەيدا بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا ھەيرانۇھەس قېلىپ: «مېنىڭ بالام بىر خىسلەتلىك بالا ئوخشايدۇ» دەپ، بالىنى يېنىدىن زادى ئايرىماپتۇ. ئەمدى بۇ تايغا كەلسەك، تاي يا ئوت يېمەيدىكەن، يا سۇ ئىچمەيدىكەن، لېكىن ئۇنىڭ ئادەمگە ئوخشاش زۇۋانى بار ئىكەن، ئادەملەر بىلەن سۆزلىشەلەيدىكەن. ئايلار ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ پادىشاھنىڭ ئوغلى چوڭ بوپتۇ. پادىشاھ ئۇنى مەكتەپكە بېرىپتۇ. بالا مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلاپتۇ. ھېلىقى تاي بولسا، ھېچكىم كىرەلمەيدىغان ئىنتايىن ئېسىل ئېغىلدا سولاقلىق تۇرىدىكەن. پادىشاھ ھەرقانداق جايدىن كەلسە، ئەڭ ئاۋۋال بالىسىنى كۆرۈپ پېشانىسىغا سۆيۈپ قويۇپ، ئاندىن باشقىلار بىلەن سۆزلىشىدىكەن. كېيىن پادىشاھ يۇرت-خەلقنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، بالاممۇ چوڭ بولۇپ قالدى دەپ، يەنە بىر ئايال بىلەن توي قىپتۇ. توي قىلغاندىن كىيىنمۇ پادىشاھ بىر يەردىن كەلسە، ئەڭ ئاۋال بالىسىنى كۆرۈۈپ سۆيۈپ قويۇپ، ئاندىن ئايالى بىلەن كۆرىشىدىغان ئادىتىنى تاشلىماپتۇ. بۇنىڭغغا پادىشاھنىڭ يېڭى ئايالى ھەسەتخورلۇق قىلىپ: «بۇ پادىشاھ بالىسى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، مېنىڭ بىلەن ئانچە كارى يوق، بۇنداق بولىۋەرسە، كېيىن مەنمۇ تۇغسام، پادىشاھنىڭ بۇرۇنقى بالىسى پادىشاھ بولسا، مەن قانداق قىلىمەن؟» دەپ ئويلىنىپ، بۇ بالىنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ شىكارغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئەمدى گەپنى پادىشاھنىڭ ئايالىدىن ئاڭلايلى: بۇ ئايال بىر ھىيلىگەردىن مەسلىھەت سوراپ، بالا داۋاملىق كىرىپ-چىقىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىغا بىر ئورا كولاپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن تۆمۈر قوزۇقلارنى بېكىتىپتۇ، ئۈستىنى ئاجىز شال بىلەن يېپىپتۇ. بالا مەكتەپتىن كېلىپ ئارىلىقتىن ئۆتۈشى بىلەن، ئەنە شۇ ئورىغا چۈشۈپ كېتىپ تۆمۈر قوزۇققا سانجىلىپ ئۆلىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. ئەمدى گەپنى بالىدىن ئاڭلايلى: بالا ھەر كۈنى تاي بىلەن بىللە ئوينايدىكەن. قۇلان تايمۇ بالىدىن بۆلەك ھېچكىمنى ئۆز يېننغا يولاتمايدىكەن. بالا مەكتەپتىن كېلىپلا ئەڭ ئاۋۋال قۇلان تاينى يوقلايدىكەن - دە، بىردەم ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ ئاندىن ئۆيگە كىرىدىكەن. پادىشاھ شىكارغا چىقىپ كېتىپ، ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا ئورا قازغان كۈنىمۇ بالا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ئەڭ ئاۋۋال ئېغىلغا كىرىپ، قۇلان تاينى سىلاپ تۇرسا، قۇلان تاي بىر كۈلۈپ، بىر يىغلاپتۇ. بالا بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ: - ئەي قۇلان تېيىم، بۈگۈن نېمە بولدۇڭ، نېمىشقا بىر كۈلۈپ، بىر يىغلايسەن؟ — دەپتۇ. بۇ چاغدا، قۇلان تاي: - ئەي باتۇر ئوغۇل، مەن بۇرۇن سېنىڭ بىلەن ئويناپ-كۈلۈپ ئىنتايىن ياخشى ئۆتتۈم، مەن شۇ كۈنلىرىمنى ئويلاپ كۈلىۋاتىمەن. ئەمما، بۈگۈن سەن ئۆلىدىغان بولدۇڭ، سەن ئۆلسەڭ مەن قانداق قىلارمەن؟ ئەگەر سەن ئۆلسەڭ، مەنمۇ بۇ دۇنيادىن غايىب بولىمەن، شۇڭا يىغلاۋاتىمەن،— دەپتۇ. بالا: - ئەي قۇلان تېيىم، مەن ھازىر ئۆلسەم بولمايدۇ، ئەگەر ئۆلۈش توغرا كەلسىمۇ، ئاتام كەلگەندە ئۆلسەم مەيلى. سەن مېنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىمنى بىلىدىغان ئوخشايسەن، ئېيتىپ بەر،_ دەپ ئىلتىجا قىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، سەن مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ ئۆيۈڭگە كىرگەندە ئىشىك ئالدىغا دەسسىمەي، بىرلا سەكرەپ ئۆيۈڭگە كىرىپ كەت. چىققىنىڭدا، ئاناڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئىشىك ئالدىدىن سەكرەپلا ئۆتۈپ كەت. ئاناڭ سېنىڭدىن: «بالام، بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟» دەپ سورىسا، «ماڭا ئۇستاز شۇنداق قىلىڭ دېگەن» دەپ، مەكتەپكە بېرىپ ئۇستازغا: «ئۇستازىم، ئانام سىزدىن بالىغا ئىشىك ئالدىدىن سەكرەپ ئۆتۈڭ دېگەنمۇ، دەپ سورىسا، مەن شۇنداق دېگەن، دەپ قويسىلا» دەپ ئېيتىپ قويساڭ ئىش تۈگەيدۇ،— دەپتۇ. بالا قۇلان تاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئۆيگە كىرگەندە ئىشىك ئالدىدىن سەكرەپلا ئۆيگە كىرىپ تامىقىنى خاتىرجەم يەپتۇ. بالا مەكتەپكە ماڭاي دېگەندە، ھەسەتخور ئانا: — بالام، ئاستا مېڭىڭ، يىقىلىپ كېتىسىز! — دېگەندە، بالا ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئىشىك ئالدىدىن بىرلا سەكرەپ سىرتقا چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئانىسى: — بالام، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ دېسە، بالا: — ئانا، بۇ ئۇستازىمنىڭ تاپشۇرۇقى، — دەپلا ئېغىلغا كىرىپ قۇلان تاي بىلەن خوشلىشىپ مەكتەپكە مېڭىپتۇ. بالىنىڭ ئۆيدىن ساق - سالامەت چىقىپ مەكتەپكە ماڭغانلىقىنى كۆرگەن قۇلان تاي ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ. ھىيلىگەر ئانىنىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشماپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھمۇ شىكاردىن قايتىپ كەپتۇ. دەل شۇ كۈنى بۇ خوتۇن ئۆتكەنكى ھىلەم ئەمەلگە ئاشمىدى، ئەمدى بۇنى زىھىرلەو ئۆلتۈرىمەن دەپ، بالا مەكتەپتىن كەلگۈچە زەھەر ئارلاشتۇرۇپ چاي دەملەپتۇ. بالا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ئادىتى بويىچە قۇلان تاينىڭ ئالدىغا كەپتۇ. بالا قۇلان تاينىڭ يېنىغا كىرسە، قۇلان تاي يەنە بىر كۈلۈپ، بىر يىغلاۋاتقۇدەك. بالا بۇنى كۆرۈپ، يەنە: - ئەي قۇلان تىيىم، بۈگۈن يەنە نېمە بولدۇڭ، بىر كۈلۈپ، بىر يىغلايسەنغۇ؟—دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قۇلان تاي: - سەن ئۆتكەنكى خەتەردىن قۇتۇلۇپ خۇشال بولدۇڭ، مەنمۇ خۇشال بولدۇم. لېكىن، بۈگۈن چاي ئۈستىدە ئۆلسەن، ئۇ چاغدا ئاتاڭمۇ كېلىدۇ، سەن ئاتاڭنىڭ ئالدىدا ئۆلىسەن،—دەپتۇ. بالا بۇنى ئاڭلاپ: - ئەي ئەقىللىك قۇلان تېيىم، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەر، — دەپتۇ. بۇ چاغدا قۇلان تاي بالىغا: - بۈگۈن ئاناڭ ساڭا زەھەر سېلىپ چاي دەملىدى، سېنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچى. بۈگۈن ئاتاڭمۇ يېتىپ كېلىدۇ. ئاناڭ ساڭا ئالدى بىلەن ئايرىم چەينەكتە، ئايرىم پىيالىدە چاي قۇيىدۇ، ئاتاڭ بىلەن ئىككىسى ئايرىم چەينەكتە چاي ئىچىدۇ. سەن چاينى ئىچىسەن - دە، ئاتاڭنىڭ ئالدىدا ئۆلىسەن،—دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بالا چۆچۈپ كېتىپ: - بۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟— دەپ سوراپتۇ. بۇ چاغدا قۇلان تاي بالىغا: - بۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. سەن چاي ئىچىشتىن ئىلگىرى:«ئەي ئانا، ئاۋۇ نېمە؟» دەپ تۈڭلۈكنى كۆرسىتىسەن. ئاناڭ بىلەن ئاتاڭ دەرھا تۈڭلۈككە قارايدۇ، شۇ چاغدا دەرھال ئاناڭنىڭ چېيى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ چېيىنى يەڭگۈشلەپ قويۇپ، ئۆزۈڭنىڭ چېيىنى خاتىرجەم ئىچىۋەر. شۇنىڭ بىلەن، ئاناڭ ئۇقماي زەھەرلەنگەن چاينى ئىچىۋالىدۇ، سەن ساق قالىسەن، — دەپتۇ. بالا قۇلان تاينى سىلاپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە كىرىپتۇ. بۇ چاغدا نۆكەرلەر پادىشاھنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىپتۇ. بالا ئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشۈپتۇ. پادىشاھنىڭ ئايالىمۇ چاندۇرماي چىقىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ ۋە چاي ئەكەپتۇ، بالىغا ئايرىم چەينەكتە چاي ئەكېلىپ
بالام، سىزگە ئايرىم چەينەكتە چاي دەملىدىم،— دەپ ئايرىم پىيالىگە چاي قۇيۇپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بوپتۇ. ئايال پادىشاھ بىلەن ئۆزىگە ئايرىم چەينەكتە چاي ئەكېلىپ، ئىككى پىيالىگە قۇيۇپ شىرەگە كېلىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا، بالا شوخلۇق قىلىپ: — ئانا، ئاۋۇ تۈڭلۈكتىكى نېمە؟ _ دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ بىلەن ئايالى دەرھال تۈڭلۈككە قاراپتۇ، شۇ چاغدا بالا چاققانلىق بىلەن چاندۇرماي ئانىسىنىڭ چېيى بىلەن ئۆزىنىڭ چېيىنى يەڭگۈشلىۋاپتۇ ۋە بەخىرامان چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاناڭ بۇ ھىيلىگەر خوتۇن چاينىڭ يەڭگۈشلەنگەنلىكىنى بىلىپ چاي قېلىپ، ئۆزىنىڭ چېيىنى تۆكۈۋېتىپ، چىنىنى چايقاپ قايتىدىن چاي قۇيۇپ ئىچىپتۇ. ئايالمۇ ئامان قاپتۇ، بالىمۇ ئامان قاپتۇ. بۇ ئىشلارنى پادىشاھ زادىلا سەزمەپتۇ. ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە، پادىشاھ يەنە بىرقانچە كۈنلۈك شىكارغا مېڭىپتۇ. پادىشاھنىڭ شىكارغا چىقىپ كېتىشى ھامان، بۇ ئايالقا ئەتىل كۆرسەتكەن بىر ھىيلىگەر موماي كىرىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئايالىغا: ئەي خان ئايىم، سىلىنىڭ ئۆتكەنكى ئىككى قېتىملىپ ئىشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى بالىدىكى گەپ ئەمەسكەن.. بەلكى ئېغىلدىكى قۇلان تېيىدىكى گەپكەن. ھېلىقى كۈنى كەچتە قاراپ تۇرسام، بالا ئېغىلغا كىرىشىگىلا، بۇ تاي بىر كۈلۈپ، بىر يىغلىدى. بالا ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىۋىدى.ھەممە گەپنى بالىغا ئېيتىپ بەردى ۋە قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىنىمۇ بالىغا دەپ بەردى. شۇڭا، ئەگەر بالىنى ئۆلتۈر دېسىلە، ئەڭ ئاۋۋال ئاشۇ قۇلان تاينى ئۆلتۈرسىلە، ئابالىنى ئۆلتۈرەلەيدىلا، —دېگەن ئەقىلنى كۆرسىتىپتۇ. ئايال بۇ ھىيلىگەر موماي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يەنە يېڭى سۇيىقەستنى تۈزۈپتۇ. ئايال بىرقانچە تېۋىپقا تون ئالتۇن- كۈمۈش بېرىپ، ئۆزى ئاغرىپ قالغان بولۇپ تېۋىپلارغا :خان ئايىمغا ئېغىلدىكى قۇلان تاينىڭ يۈرىكى داۋا بولغۇدەك، بۇنىڭدىن باشقا نەرسە داۋا بولالمىغۇدەك. دېگۈزۇپ قۇلان تاينى شۇ باھانە بىلەن يوقاتماقچى بوپتۇ، ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ، پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەپتۇ.پادىشاھنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپلا بۇ ھىيلىگەر ئايال ۋاي ئانىمەي ۋاي ئانىمەي، دەپ يۈرىكىنى مۇجۇپ ۋارقىراىپ - جارقىراپ، ئۇيان - بۇيان دومىلاپ يېتىۋاپتۇ. شىكاردىن ئەمدىلا كەلگەن پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ دەرھال ئايالىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ قارىسا ئايالى ھىچ بولالمىغان، پادىشاھ: ۋاي خېنىم نىم بولدىڭىز دەپ سوراپتۇ .خان ئايىم : يۈرۈكۈم ئاغرىۋاتىدۇ ئەمدى قانداق قىلارمەن، دەپ چاچلىرىنى چۇۋۇشقا، ئۆزىنى ھەر تەرەپكە تاشلاشقا باشلاپتۇ، تېۋىپلار خان ئايىمنى كۆرۈپتۇ ۋە ئامال يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ. ئايال ئۆزى : پالانى - بوكۇنى تېۋىپلار كېلىپ كۆرۈپ باقسۇن. دەپتۇ. قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ دەرھال ئايالى دىگەن تېۋىپلارنى چاقىرىپتۇ، تىۋىپلار كىلىپ، خان ئايىمنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ -ئاپلا، ئەي ھۆرمەتلىك پادشاھىم، خان ئايىمدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئوخشايدىلا، دەپتۇ، پادىشاھ چۆچۈپ كېتىپ : بۇنىڭغا نېمە داۋا؟ مىنىڭ يۈرۈكۈم لازىم بولسىمۇ دەڭلار، دەپتۇ، ئۇلار كىتاپلارنى ئاختۇرغان، قايتا-قايتا تومۇرىنى تۇتقان بولۇپ ئاخىر
- ئەي پادىشاھىم، خان ئايىمنىڭ بۇ كېسىلىگە يەر يۈزىدىكى نەرسىلەر داۋا بولالمىغۇدەك، ئاسماندىن غايىبانە چۈشكەن بىرەر ھايۋاننىڭ يۈرىكى داۋا بولغۇدەك. ئاڭلىساق، سىلىنىڭ ئېغىللىرىدا شۇنداق بىر قۇلان تاي بار ئىمىش، خان ئايىمغا ئۇنىڭدىن باشقىسى بىكار،— دەپتۇ. پادىشاھ قوشۇلۇپتۇ، لېكىن تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي، بۇ تاي بالام بىلەن تەڭ غايىبتىن پەيدا بولغان ھەم بالام بۇ تايغا ئىنتايىن ئامراق ئىدى، ئۇنىڭغا قانداق پىچاق سۈرەرمەن دەپ قاتتىق ئويلىنىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە بالىسى مەكتەپكە بارغۇچە، پادىشاھ مەكتەپكە بېرىپ: - بۈگۈن مېنىڭ بالامنى قەتئىي تالاغا چىقارماڭلار، ئەگەر تالاغا چىقىرىپ قويساڭلار، سىلەرنىڭ كاللاڭلارنى ئالىمەن !— دەپ ئۇستازلىرىدىن ۋەدە ئاپتۇ. بالا مەكتەپكە ماڭغۇچە يەنە بىر قېتىم قۇلان تېيىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئېغىلغا كىرىپتۇ. بۇ چاغدا تاي يىغلاپ تۇرۇپ: - ئەي بالا، بۈگۈن مەن ئۆلىدىغان بولدۇم. مەن ئۆلگەن كۈننىڭ ئەتىسى سەنمۇ ئۆلىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ گېلىمغا پىچاق سۈرگەن ھامان بۇ شەھەردىن چىقىپ كەتكىن،— دەپتۇ. بالا شۇ زامان: - ئەي ئەقىللىك قۇلان تېيىم، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، سېنى قەتئىي ئۆلتۈرگۈزمەيمەن. سەن مېنى نۇرغۇن خەتەرلەردىن قۇتۇلدۇردۇڭ، مېنىڭ ھايات قېلىشىم سېنىڭ بولغانلىقىڭدىن،_ دەپتۇ. قۇلان تاي بالىغا: - ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىل: سەن مەكتەپكە كەتكەندە، ئاتاڭ مېنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قاسساپلا مېنىڭ پۇت-قولۇمنى چۈشەيدۇ ۋە مېنى يەرگە يېقىتىدۇ، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. مېنى ئېغىلدىن ئاچىققاندا بىرنجى قېتىم كىشنەيمەن، پۇت-قولۇمنى بوغقاندا ئىككىنجى قېتىم كىشنەيمەن، يەرگە يىقىتقاندا ئۈچىنجى قېتىم كىشنەيمەن. پىچاقنى گېلىمغا تەڭلىگەندە سەن مېنىڭ يېنىمغا يېتىپ كەلگىن ۋە« ئاتا، توختاڭ!» دېگىن. ئاتاڭ سېنى كۆرۈپ مېنى ئۆلتۈرگۈزمەيدۇ. سەن ئاتاڭنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ: «ئەي مېھىرلىك پادىشاھ ئاتا، مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز، تاي بولسا مېنىڭ ھەمراھىم. مەن ھازىرغىچە بىرۇخسەت بۇ تاينى بىر قېتىممۇ مىنىپ باقمىدىم، بۈگۈن مېنىڭ قۇلان تېيىم ئۆلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان بىر ئىلتىماسىم بار» دېگىن. ئاتاڭ: «ھە بالام، دېگىن» دېگەندىن كېيىن،«سىز پادىشاھلىق تونىنى بەرسىڭىز، ئالتۇن ئېگەر بىلەن قۇلان تېيىمنى توقۇپ بەرسىڭىز. مەن پادىشاھلىق تونىنى كىيىپ، قۇلان تاي بىلەن پۈتۈن شەھەرنى بىر ئايلىنىپ كەلسەم، ئاندىن كېيىن قۇلان تېيىمنى ئۆلتۈرۈپ ئانامغا يېگۈزسىڭىز، ئانام ساقىيىپ قالسۇن» دەيسەن. ئاتاڭ ساڭا چىدىماي ماقۇل دەيدۇ، قالغان ئىشنى ئۆزۈم ئەپلەيمەن،— دېگەن مەسلىھەتنى بېرىپتۇ. بالا: - ماقۇل،— دەپ قۇلان تاي بىلەن خوشلىشىپ مەكتەپكە كېتىپتۇ. دەل ئاشۋاقتى مەزگىلىدە، بالا مەكتەپتە ئولتۇرسا، قۇلان تاي بىرىنجى قېتىم كىشنەپتۇ، بالا تەييار بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئىككىنچى قېتىم كىشنىكەندە ئۇستازى سېزىپ قىلىپ، ئىشىككە دەم سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇچىنجى قېتىم كىشنىگەندە بالا تاقەتسىزلىنىپ، روجەكتىن چىقىپ ئۇچقاندەك تاينىڭ ئالدىغا يېتىپ كەپتۇ ۋە: ئاتا توختاڭ!— دەپتۇ. ئاتىسى بالىنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ پىچاقنى تاشلاپ: ۋوي بالام، نېمە بولدىڭىز؟ — دەپ سوراپتۇ. بالا تىزلىنىپ: - ئەي ئاتا، مەن بولسام سىزنىڭ ئوغلىڭىز، تاي بولسا مېنىڭ ھەمراھىم. مەن تۇغۇلغىلى ئون يەتتە يىل بولدى، تاي پەيدا بولغىلىمۇ ئون يەتتە يىل بولدى. مەن سىزدىن بىرۇخسەت تاينى بىر قېتىممۇ مىنىپ باقمىدىم. بۈگۈن ئۆلتۈرەي دەۋاتىسىز، مېنىڭ سىزگە بىر ئىلتىماسىم بار،— دەپتۇ
- ئوغلۇم، ئىلتىماسىڭنى ئېيت،— دەپتۇ پادىشاھ. بالا شۇ زامان:- ئەي ئەزىز ئاتا ! بۈگۈن سىز ماڭا پادىشاھلىق تونىنىبەرسىڭىز، قۇلان تېيىمنى ئالتۇن ئېگەر بىلەن توقۇپ بەرسىڭىز، مەن پادىشاھلىق تونىنى كىيىپ، قۇلان تاينى مىنىپ، پۈتۈن شەھەرنى بىر ئايلىنىپ كەلسەم، ئاندىن تاينى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكى بىلەن ئانامنى ساقايتىۋالسىڭىز بولماسمۇ؟_ دەپتۇ.ئوغلىنىڭ رازى بولۇپ دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرھال تاينىڭ پۇتلىرىنى يېشىپ، ئالتۇن ئېگەرنى ئاچىقتۇرۇپ توقۇتۇپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تونىنى يېشىپ بالىغا كىيدۈرۈپ، تايغا مىندۈرۈپ قويۇپتۇ. بالا تايغا مىنىپ شەھەرنى ئايلىنىپ سېپىلنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەندە، قۇلان تاي قانات چىقىرىپ بىر تۇلپارغا ئايلىنىپتۇ - دە، ئۇچۇپ ھاۋاغا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر كېلىپ، پادىشاھقا:- ئەي ساخاۋەتلىك، مېھىر - شەپقەتلىك شاھىم، بالىڭىز پادىشاھلىق تونىنى كىيىپ، ئالتۇن ئېگەرلىك قۇلان تايغا مىنىپ شەھەر سېپىلىنىڭ كەينىگە ئۆتكەندە، قۇلان تاي قانات چىقىرىپ تۇلپارغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتتى، بالىڭىزدىن قىلچە ئەندىشە قىلماڭ !— دبيىشىپتۇ. لېكىن، پادىشاھ بىردىنبىر بالىسى ۋە قۇلان تايدىن ئايرىلغىنى ئۈچۈن ھەسرەت-نادامەت چېكىپتۇ. كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قارا نىيەت ئالىنىڭ ھېلىسىدىن بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، ئايالىنى جادۇدا قىرىق يېرىدىن توغراپ، گۆشىنى قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم قىلىپ بېرىپتۇ، لېكىن دەردى چىقماي، ھەسرەت-نادامەت چېكىپ ئۆتىۋېرىپتۇ. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەمدى ئىككى كەلىمە گەپنى شاھزادە بىلەن قۇلان تايدىن ئاڭلاپ باقايلى: قۇلان تاي بالىنى ئېلىپ كەچكىچە ئۇچۇپتۇ، بىر چاغدا بىر يەرگە چۈشۈپتۇ. يەرگە چۈشكەندىن كېيىن، قۇلان تاي:- ئەي شاھزادە، سېنى مەن ھازىر بىر قويچى تازنىڭ سىياقىغا كىرگۈزىمەن. تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتسەڭ بىر باغ بار، ئۇ پادىشاھنىڭ بېغى. شۇ باغقا كىرىپ پۇتۇڭنى سۇغا تىقىپ ئولتۇرىسەن. بۈگۈن پادىشاھنىڭ باغنى سەيلە قىلىدىغان كۈنى. پادىشاھ باغقا كىرىپ: «ھەي بالا، سەن كىم؟» دېسە، «بىلمەيمەن» دېگىن. يەنە سورىسا، يەنە: «بىلمەيمەن» دېگىن. باشقا ھېچقانداق گەپ قىلما. مەن مۇشۇ يەردە قالىمەن. ساڭا بىر تال تۈكۈمنى بېرىمەن. ماڭا ھاجىتىڭ چۈشكەندە ئۇنى كۆيدۈرسەڭ، مەن ھازىر بولىمەن، — دەپتۇ ۋە شاھزادىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر قويچى تازنىڭ سىياقىغا كىرگۈزۈپتۇ. شاھزادە تاغدىن ئارتىلىپ ئۆتسە، بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ باغقا كىرىپ پۇتىنى ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا پادىشاھ باغقا كىرىپتۇ، قارىسا بىر تاز پۇتىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:- ھەي بالا، سەن كىم،_ دەپ سوراپتۇ. شاھزادە:- بىلمەيمەن،— دەپتۇ. پادىشاھ يەنە ياندۇرۇپ:- ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سوراپتۇ. شاھزادە يەنىلا:- بىلمەيمەن، _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. پادىشاھ يەنە-سەن نەدىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سوراپتۇ. شاھزادە يەنەپادىشاھقا:- بىلمەيمەن، — دەپتۇ. بۇنىڭغا ھەيران قالغان پادىشاھ:- سەن مۇشۇ باغنى باقامسەن؟_ دەپ سوراپتۇ. شاھزادە يەنە:- بىلمەيمەن، — دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ
ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ تاماق يەپ كەل دەپ بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە ئاپىرىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن داستىخان سالدۇرۇپ تاماق بېرىپ گەپ سورىسا يەنىلا بىلمەيمەن دىن باشقا گەپ قىلماپتۇ، پادىشاھ بۇ تاز بىلمەيمەندىن باشقىنى بىلمەيدىكەن ئۇنى ئاشۇ باغنى باقتۇرۇپ قوياي، كۆرگەن بىلگەنلىرىنىمۇ سىرتتا سۆزلەپ يۈرمىگۈدەك دەپ باغنى بېقىشقا قويۇپ قويۇپتۇ، شاھزادە شۇنىڭ بىلەن باغ باققۇچى بولۇپ قاپتۇ، ئۇنى پادىشاھتىن تارتىپ مۇلازىملارغىچە بىلمەس تاز دەپ ئاتايدىكەن، ئۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى ھېلىقى قولان تاي بار جايغا بېرىپ ئۇنىڭ تۈكىنى كۆيدۈرسە تاي ھازىر بولىدىكەن، شاھزادە پادىشاھلىق تونىنى كىيىپ ئالتۇن ئىگەرلىك تايغا مىنىپ ئوينايدىكەن، قايتىپ كەلگەندە يەنە تاز بالا سىياقىغا كىرىپ باغقا قارايدىكەن، بۇ پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى بار ئىكەن، بۇ قىزلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ئىكەن، لېكىن ئەڭ كىچىك قىزى ھەممىدىن ئەقىللىق ھەممىدىن گۈزەل ئىكەن، ئۇ قىز راۋاقتا ئولتۇرۇپ ھەر كۈنى باغنى تاماشا قىلىدىكەن، قىز ھەر پەيشەنبە كۈنى بۇ تازنىڭ ئەتىگەندە باغدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ، مەلىكە بۇ تازنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى كەلگەندە ئۇنىڭ كەينىدىن بىلدۈرمەي مېڭىپتۇ، قارىسا تاز باغنىڭ دەرۋازىسىنى قۇلۇپلاپ قويۇپ باغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپتۇ، ئۇ يەردە بىر تۇلپار تۇرغۇدەك، تاز پادىشاھلىق توننى كىيىپ ئالتۇن ئىگەرلىك تۇلپارغا مىنىپ بىر كۈن ئويناپ كەچ بولغاندا يەنە تاز سىياقىغا كىرىپ باغقا قايتىپ كېلىپتۇ، بۇنى كۆرگەن كەنجى مەلىكە ۋاقىت سائىتى كەلسە مۇشۇنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلسام بولغۇدەك دېگەن ئويغا كەپتۇ، بىر كۈنى ئالمىلار تازا پىشىپ مەي بولغاندا پادىشاھنىڭ قىزلىرى پادىشاھقا،- ئاتا مۇشۇنداق گۈزەل باغدا يالغۇز بىلمەس تاز مېۋىلەرنى يەپ ئويناپ يۈرىۋاتىدۇ، بىز نېمە ئۈچۈن باغقا كىرمەيمىز دەپ تۇرۇۋاپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۇلارنىڭ باغقا كىرىشكە ئىجازەت بېرىپتۇ، قىزلار باغقا كىرىپ بىلمەس تازنى چاقىرىپ ئالما ئۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىلمەس تاز چوڭ قىزغا بىر سېسىپ كەتكەن ئالمىنى، ئىككىنچى قىزغا يېرىم سېسىق ئالمىنى، ئەڭ كىچىك قىزىغا بولسا تازا پىشىپ مەي بولغان ئالمىنى ئۈزۈپ بېرىپتۇ، بۇ قىزلار قىياچىيا چىقىرىشىپ يىغلىشىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ بىلمەس تاز بەرگەن ئالمىلارنى شىرەنىڭ ئۈسسە قويۇپتۇ، پادىشاھ قارىسا چوڭ قىزى بىر سېسىق ئالمىنى ئىككىنچى قىزىمى يېرىمى سېسىغان ئالمىنى ئەڭ كىچىك قىزى تازا مەي باغلاپ سارغىيىپ پىشقان ئالمىنى ئەكىرىپتۇ، بۇنى كۆرگەن پادىشاھ قىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ئويلىنىپ قاپتۇ، چوڭ قىزىمغا سېسىق ئالمىنى بەرگىنى بۇ قىزنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ سېسىغان ئالمىدەك بولۇپ قاپتۇ دېگىنىكەن، ئىككىنچىسىنى يېرىم ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ دېگىنىكەن، ئۈچىنچى قىزىمغا تازا پىشقان ئالمىنى بەرگىنى ، بۇ قىزنىڭ دەل ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ دەرھال ياتلىق قىل دېگىنىكەن، دەپ بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىگە يېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دەرھال قىزلارنى قىچقىرىپ ئەي قىزلىرىم سىلەرنىڭ ياتلىق بولىدىغان ۋاقتىڭلار بولۇپ قالدى، ئەتە سىلەر راۋاققا چىقىپ، مۇشۇ ئالمىلارنى قولۇڭلاردا تۇتۇپ تۇرۇڭلار، مەن پەرمان چۈشۈرۈپ پۈتۈن يۇرت كويىدىكى كىشىلەرنى راۋاقنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزىمەن، سىلەر كىمنى خالىساڭلار شۇنىڭغا قولۇڭلاردىكى ئالمىلارنى ئېتىڭلار، مەن سىلەرنى شۇنىڭغا ياتلىق قىلىمەن دەپتۇ، قىزلار ماقۇل بولۇپتۇ، پادىشاھ دەرھال چۈشۈرۈپتۇ، ئەتىسىدىن باشلاپ بارلىق ئەر كىشىلەرنىڭ راۋاقنىڭ ئالدىدىن بىر بىرلەپ ئۆتۈشنى قىزلىرى كىمگە ئالما تاشلىسا قىزلىرىنى شۇنىڭغا توي قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ، يۇرت خەلقى بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھقا كۈي ئوغۇل بولۇش ئۈچۈن چىرايلىق كىيىنىپ ئەتىسى ئەتىگەندىلا راۋاق ئالدىغا جەم بولۇپتۇ، پادىشاھنىڭ قىزلىرىمۇ يېتىپ كېلىپتۇ، كىشىلەر بىر-بىرلەپ راۋاق ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇ، چوڭ مەلىكە بىر باي سودىگەرگە، ئىككىنچى مەلىكە شۇ شەھەردىكى بىر بىكار تەلەپكە ئالما تاشلاپتۇ، ئەڭ كىچىك مەلىكە بولسا ھېچكىمگە تاشلىماپتۇ، كەچكىچە ھەممە ئادەم ئۆتۈپ بولۇپتۇ كىچىك مەلىكە يەنىلا ئالمىنى تاشلىماپتۇ، بۇنى ئۇققان پادىشاھ: بۇ قىزىم نېمىشقا تاشلىمايدىغاندۇ دەپ نەۋكەرلىرىدىن يەنە كىمنىڭ قالغانلىقىنى سوراپتۇ- نەۋكەرلەر: باغقا قارايدىغان بىلمەس دېگەن تازدىن باشقا ھېچكىم قالمىدى، دەپ مەلۇم قىپتۇ.پادىشاھ.
پادىشاھ دەپتۇ: ئۇمۇ ئادەم بولغاندىن كېيىن كېلىپ راۋاق ئالدىدىن ئۆتۈپ باقسۇن، دەپ ئەمەر قىلىپتۇ ،نەۋكەرلەر بىلمەس تازنى دەرھال چاقىرىپ كېلىپتۇ، بىلمەس تاز راۋاق ئالدىدىن شۇنداق ئۆتۈشىگە كەنجى مەلىكە ئۇنىڭغا تاشلاپتۇ ،پادىشاھ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ يەتتە كۈن توي يەتمىش كۈن مەشرەپ قىلىپ قىزلىرىنى ئۇزىتىپتۇ، ئىككى ئاچىسى سىڭلىسىنى تىللاپ: سەن يۈزى قېلىن پۈتۈن يۇرتتا نى نى يىگىتلەر تۇرسا مۇشۇ تازغىمۇ تېگەمسەن دەپتۇ، كەنجى مەلىكە يىغلاپ: ھەي يىگىت، سەن نېمىشقا ئۆزۈڭنى ئاشكارا قىلمايسەن؟ مەن مۇشۇنداق ئاھانەتكە قالىمەنمۇ دەپ بىلمەس تازغا يالۋۇرۇپتۇ. لېكىن ئۇ ئۇ قىزنىڭ قۇلىقىغا: ھەي مەلىكەم، ھازىر مېنىڭ ئۆزۈمنى ئاشكارا قىلىدىغان ۋاقتىم ئەمەس، ۋاقتى كەلگەندە ئىككى ئاچاڭ سېنىڭ قولۇڭغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كەنجى مەلىكىنىڭ كۆڭلى تېنىپتۇ ،پادىشاھ ئۇلارنى ئۆز ھۇجرىسىغا يولغا سېلىپتۇ ، ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆز پېتىچە ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئەمدى گەپنى بۇياقتىن ئاڭلايلى : بۇ پادىشاھنىڭ يۇرتنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى تاغدا بىر زور يىلان بار بولۇپ ھەر كۈنى بىر ئادەمنى يەيدىكەن، بۇرۇن پادىشاھ بۇ يىلان بىلەن ھەر كۈنى بىر ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىشكە پۈتۈشكەن ئىكەن بولمىسا بۇ يىلان يۇرتنى ۋەيران قىلىدىكەن، بۇ قېتىم نۆۋەت پادىشاھنىڭ چوڭ قىزىغا كېلىپتۇ، پادىشاھ ئامالسىز چوڭ قىزىنى ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپتۇ، يېرىم كېچە بولغاندا ئوردىدا يىغا زار بولۇپ كېتىپتۇ ، بىلمەس تاز مەلىكىدىن: ھەي مەلىكەم ، بۇ نېمە يىغا دەپ سوراپتۇ، مەلىكە ئېرىغا: تاغدا بىر غايەت زور يىلان بار ئىدى، ھەر كۈنى بىر ئادەم يەيدۇ ، بۈگۈن نۆۋەت چوڭ ئاچام غا كېلىپتۇ ،شۇڭا ئۆيدىكىلەر يىغا زار قىلىشىۋاتىدۇ ، يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئوتتۇرانچى ئاچامغا ئالتە كۈندىن كېيىن ماڭا نۆۋەت كېلىدۇ، سىز ئەمدى مەندىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدىڭىز دەپتۇ يىغلاپ تۇرۇپ، مەن سىزدىن ئۆتۈنەي چوڭ ئاچامنى بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلدۇرۇپ قالسىڭىز دەپ يالۋۇرۇپتۇ . لېكىن بىلمەس تاز: ھەي مەلىكەم ، مەن ئاددىي بىر ئادەم تۇرسام ، يەنە كېلىپ يىلاننىمۇ كۆرمىگەن تۇرسام قانداق قىلىپ ئاچىڭىزنى قۇتۇلدۇرالايمەن، بۇنى ئاڭلاپ مەلىكە يىغلاپ يېتىپ قاپتۇ، بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن بىلمەس تاز ، مەن باغقا سۇ ئېچىپ قويغان ئىدىم بىر يوقلاپ كېلەي، دەپ باغنىڭ ئارقىسىغا چىقىپ تاينىڭ كۈنى كۆيدۈرگەن ئىكەن ، قولۇم تاي يېتىپ كېلىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا قانداق قىلىش توغرىسىدا يول كۆرسىتىپتۇ، ئۇ دەررۇ كىيىملىرىنى يۆتكەپ قېيىنئېگىچىسى ئولتۇرغان يەرگە بېرىپتۇ ۋە ئەي مەلىكەم، بۇ يەردە نېمىشقا يىغلاپ ئولتۇرىسىز دەپ سوراپتۇ، مەلىكە قارىسا يېنىدا شاھ سۈپەت بىرى يەردە تۇرغان، مەلىكە قورقۇپ كېتىپ ئەي پادىشاھىم ، سىز بۇ يەردىن دەرھال كېتىڭ ، سىز بىر پادىشاھ ئىكەنسىز، سىزگە قاراشلىق ئەل-يۇرىت باردۇ، يىلان يېسە مېنى يېسۇن ، سىز يەم بولماڭ دەپتۇ ، بۇ چاغدا سىم-سىم يامغۇر ئارىلاش بوران چىقىشقا باشلاپتۇ . بۇ يىلاننىڭ شەپىسى ئىكەن . شاھزادە دەرھال مەلىكىنى بىر دۆڭنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇپ قويۇپ ئۆزى يىلاننىڭ كېلىشىنى ساقلاپتۇ، بىرچاغدا يىلان كېلىپ شاھزادىنى دەم تارتىپتۇ، شاھزادە بولسا قىلچىنى توغرىسىغا تۇتقان پېتى يېلاننىڭ ئاغزىدىن كىرىپ قۇيرۇقىدىن چىقىپتۇ، ھەم ئايلىنىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىك تۇرۇپتۇ، بۇ چاغدا يىلان زۇۋانىغا كېلىپ: ئەي مەخلۇق، سەن ئادەممۇ ياكى دىۋىمۇ ، مەن ھەر قانداق نەرسىنى دەم تارىتسام ساق قالمايتى، سەن ئەجەب ئاغزىمدىن كىرىپ قۇيرۇقۇمدىن چىقىپسىنا؟ دەپ نەرە تارتىپتۇ، شاھزادە تەمتىرىمەي
- ھەي مەلئۇن ! مەن ئۆلۈكنىڭ سۆزلىگىنىنى بۈگۈن كۆردۈم، سەن قېنى سىلكىنىپ باقمامسەن!— دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن يىلان شۇنداق بىر سىلكىنىپتىكەن، بىر تەرىپى بىر تۈزلەڭلىككە چۈشۈپ تاغ بوپتۇ. يەنە بىر پارچىسى دەرياغا چۈشۈپ كۆۋرۈك بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە شاھزادىگە ئېسىلىۋاپتۇ ۋە:- مەن سىزدەك باتۇرنى چوقۇم ئاتام بىلەن كۆرۈشتۈرىمەن، _ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، شاھزادە يىلاننىڭ تېرىسىدىن ئۈچ تال تاسما تىلىۋېلىپ بېلىگە يۆگەپ، مەلىكە بىلەن بىللە ئوردىغا كەپتۇ. بۇ تېخى تاڭ ئاتمىغان چاغ ئىكەن، ئوردا ئىچىدە بولسا، قىزىنىڭ ھازىسى بولۇۋاتقانىكەن. شاھزادە دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ:- مەلىكەم، سىز كىرىپ تۇرۇڭ، مەن تاينى باغلىۋېتىپ كېلەي،— دەپ تايغا مىنىپ بىرلا ئۇچۇپ ھېلىقى تاغنىڭ كەينىگە چۈشۈپتۇ ۋە ئاۋۋالقى تاز سىياقىغا كىرىپ، ئايالىنىڭ يېنىغا كىرىپ چاندۇرماي ئۇخلاپتۇ ئەتىسى ئەتىگەندە بۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز - كۆزىنى يۇغان چاغدا، مەلىكە ئېرىنىڭ قولىدا ئاچىسىنىڭ قول ياغلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئەسلىدە چوڭ مەلىكە شاھزادىگە قول ياغلىقىنى بەرگەنىكەن. مەلىكە شۇنىڭ بىلەن:- ھەي بىلمەس تاز، سىزنىڭ قولىڭىزدا ئاچامنىڭ قول ياغلىقى تۇرىدۇغۇ؟ سىز ئاخشام ئاچامنى قۇتقۇزغان ئوخشايسىز شۇنداقمۇ؟ ئۆيدە يىغا -زارمۇ توختاپتۇ،_ دەپتۇ. بىلمەس تاز:- بۇ قانداقسىگە ئاچىڭىزنىڭ قول ياغلىقى بولسۇن، ئاچىڭىزدا بار قول ياغلىق مەندىمۇ بار. ئۇ يەرگە بارمىسام، يىلان بار جاينىمۇ بىلمىسەم،—دەپتۇ. مەلىكە:- مەن چوڭ ئۆيگە بېرىپ كېلەي، — دەپ ئوردىغا كىرسە، ئاچىسى بەخرامان ئولتۇرغان. كەنجى مەلىكە خۇشال بولۇپ:- ئەي ئاچا، سىزنى كىم قۇتقۇزۇپ قالدى؟_ دەپ سوراپتۇ. ئاچىسى:- مېنى بىر شاھزادە قۇتقۇزۇپ قالدى،— دەپتۇ، ئاندىن سىڭلىسىنى تىللاپ، — سەن بىر تازنىڭ ئايالى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆيگە ئاياغ باسقۇچى بولما ! — دەپ قوغلاپتۇ. بۇ ئاھانەتكە چىدىمىغان مەلىكە: «خەير بوپتۇ، سېنى ئاشۇ بىلمەس تاز قۇتقۇزمىغان بولسا، ئاللىقاچان يىلاننىڭ يېمى بولاتتىڭ» دەپ ئويلاپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ ۋە بىلمەس تازغا يىغلاپ تۇرۇپ:- ھەي بىلمەس تاز، سەن مۇشۇنچىۋالا ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭنى ئاشكارىلىماي، مېنى نېمىشقا مۇنچىۋالا ئاھانەتكە قويىسەن؟ — دەپتۇ. بىلمەس تاز بولسا ئايالىغا:- ئەي گۈزەل مەلىكەم، نېمىگە بۇنچە ئالدىرايسىز ! پادىشاھنىڭ تېخى نۇرغۇن سىنىقى بار، شۇ سىناقلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئاشكارىلىساممۇ كېچىكمەيمىز،— دەپ ئايالىغا تەسەللى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەلىكە تاقەت قىلىشقا باشلاپتۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ ئوۋ گۆشى يېگۈسى كېلىپ قېلىپ، ئۈچ كۈيئوغلىنى قىچقىرىپ:- ئەي بالىلىرىم، مېنىڭ ئوۋ گۆشى يېگۈم كېلىۋاتىدۇ، ماڭا ئوۋ گۆشى ئەكېلىپ بەرسەڭلار، — دەپتۇ. ئۇلار: «خوپ، بولىدۇ» دەپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئىككى چوڭ كۈيئوغۇل ئىككى يارام ئاتقا مىنىپ مىنىپتۇ. بىلمەس تار بوسا، قۇلان ئارغىماقنى كەلتۈرۈۈپ شۇنىڭغا مىنىپتۇ، لېكىن بۇ ئارغىماق ھېلىقى ئىككىسىگە بىر كۆك باش تورپاق بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ. شۇڭا، چوڭ باجىسى ئۇنى زاڭلىق قىلىپ:- ھەي باجا، سەن بۇ كۆك باش تورپىقىڭغا مىنىپ نېمىمۇ ئاتالارسەن؟— دەپتۇ. بىلمەس تاز شۇ ھامان
- ھە، باجا، سىلەر ئاتساڭلار تاپقىنىڭلارنى بىللە ئەكېلەرمىز ! ئۈچىمىز تۇققان ئەمەسمۇ؟ —دەپتۇ.- ھەممىمىز بىللە ماڭساق ئوۋنى ياخشى قىلالمايمىز. سەن ماۋۇ تەرەپكە ماڭ، بىز ماۋۇ تەرەپكە ماڭايلى، — دەپ ئۇلار بىلمەس تازدىن ئايرىلىپتۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن ئايرىلغانغا خۇش بوپتۇ، بىلمەس تازمۇ ئۇلاردىن ئايرىلغانغا خۇش بوپتۇ. ئۇ تاغدىن ئارتىلىشى بىلەن، كۆك باش تورپاق ئارغىماققا ئايلىنىپتۇ، بىلمەس تاز بولسا شاھزادە سىياقىغا كەپتۇ. تاغدىن شۇنداق ئارتىلىشىغا ياۋا تۆگە ئۇچراپتۇ. شاھزادە ئوقيانى ئوقلاپ:- بىر توپ تۆگە بىر پاي ئوقتا ئۆلگەيسەن، لېكىن ئىچ-قارنىڭ تاتلىق، گۆشۈڭ ئاچچىق بولغايسەن ! — دەپلا ئوق ئۈزۈپتىكەن، بىر توپ تۆگە بىر پاي ئوقتا يىقىلىپتۇ. تۆگىلەرنى شۇ زامان بوغۇزلاپ، بىر تۆگىنىڭ جىگىرىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئىككى باجىسى كېلىپ قاپتۇ، قارىسا، بوغۇزلانغان نۇرغۇن تۆگە يەردە ياتقان، بۇنىكۆرۈپ باجىلىرى خۇشامەت قىلىپ:- ئەي پادىشاھىم، سىز يالغۇز مۇشۇنچىۋالا تۆگىنى قانداقمۇ ئەكېتەرسىز؟— دەپتۇ. شاھزادە ئۇلارغا:- مەن زېرىكىپ ئوۋغا چىققانىدىم، بۇ تاغقا كەلسەم بۇ جانىۋارلار ئۇچرىدى، ئۇلارنى ئاتتىم. بۇنچىۋالا ئوۋ گۆشىنىڭ ماڭا ھاجىتى يوق،— دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باجىلىرى:- ۋاي پادىشاھىم، بۇنى بىزگە سېتىپ بەرسىڭىز،— دەپ تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە:- مەن بۇنى ساتمايمەن، ئەگەر ئالاي دېسەڭلار پۇل ئالمايمەن، لېكىن تېقىمىڭلارنى ئاچساڭلار تامغامنى بېسىپ قويسام بولدى،— دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇشال بولۇپ تېقىملىرىنى ئېچىپ بېرىپتۇ، شاھزادە ئۇلارنىڭ تېقىمىغا: «بىلمەس پادىشاھنىڭ قۇلى» دېگەن خېتى بار تامغىنى بېسپ قويۇپتۇ. ئىككى باجىسى خۇشاللىقىدا بۇ بىر توپ تۆگىنىڭ گۆشىدىن كۆتۈرەلىگىنىچە ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ. شاھزادە تاز سىياقىدا ئۆيگە كىرسە، ئايالى ئۇنىڭدىن:- سىز بىرەر نەرسە ئاتمىدىڭىزمۇ؟ — دەپ سوراپتۇ. بىلمەس تاز:- مەن ئاتقان نەرسىلەرنى ئىككى باجام ئەكېلىۋاتىدۇ،— دەپتۇ. ئەتىسى بىلمەس تاز ئايالىغا:- چوڭ ئۆيگە بېرىپ باق، — دەپتۇ. مەلىكە چوڭ ئۆيگە بارسا، ئىككى ئاچىسى يەنە تەنە قىلىپ:- بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنىڭ ئېتىپ كەلگەن تۆگىلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ بىلمەس تاز نېمە ئېتىپ كەپتۇ؟— دەپ سوراپتۇ - دە، — ماۋۇ تۆگىلەرنىڭ كاللا - پاچاقلىرىنى ئاپىرىپ سېلىپ يەڭلار، — دەپ پۈتۈن تۆگىلەرنىڭ كاللا - پاچاق، ئىچ - قارنىنى كەنجى مەلىكىگە بېرىپتۇ. كەنجى مەلىكە ئۆيىگە كېلىپ:- مېنى ئاچىلىرىم كاللا - پاچاقنى ئال، دەپ مەسخىرە قىلدى، بىز مۇشۇنداق نەرسە يېگۈدەك بولۇپ قالدۇقمۇ؟—دەپ ۋايساپتۇ، لېكىن بىلمەس تاز ھېچ ئىككىلەنمەي:- كاللا - پاچاقنى بىزگە بەرگەن بولسا، ياخشى قىپتۇ، ئىككىمىز بېرىپ توشۇيلى، ئۇلار گۆشىنى ھەرگىزمۇ يېيەلمەيدۇ،— دەپ ئىككىسى كاللا - پاچاقلارنى توشۇپ ئەكېلىۋاپتۇ.ئەتىسى ئىككى چوڭ كۈيئوغۇل پادىشاھنى گۆش سېلىپ مېھمان قىپتۇ. پادىشاھ خۇشال بولۇپ بۇ گۆشنى يېسە گۆش ئاچچىق بولۇپ، زادىلا يىيەلمەي، ئاخىر ئىككى كۈيئوغلىنى ئەيىبلىگىلى تۇرۇپتۇ. ئەتىسى بىلمەس تاز بىلەن كەنجى مەلىكە كاللا - پاچاقلارنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇنىڭدىن نەچچە خىل شېرىن تائاملارنى ئېتىپ پادىشاھنى ۋە ئانىسىنى مېھمانغا چاقىرىپتۇ.پادىشاھ:- قېنى بېرىپ باقايلى، ئۇلار قانچىلىك بىر نەرسە قىلغاندۇ؟ —دەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە كاللا-پاچاق يەپتۇ. پادىشاھنىڭ يېگەنسېرى يىگۈسى كېلىپ، ئاخىر
- ئوغلۇم، بۇ تائاملار ئىنتايىن تەملىك بوپتۇ. كاللا-پاچاقلارنى سىلەرمۇ يەڭلار، بىزگىمۇ ئاپىرىپ بېرىپ تۇرۇڭلار، دەپ رەھمەت ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ. بىلمەس تاز بىلەن ئايالى ھەر كۈنى بىر كاللا - پاچاقنى پىشۇرۇپ پادىشاھقا ئاپىرىىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ كىچىك كۈيئوغلىدىن ناھايىتى رازى بوپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان مەلىكىنىڭ ئىككى ئاچىسى تېخىمۇ تاپا - تەنە قىلىپ، سىڭلىسىنى تىللىغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ ئاھانەتكە چىدىمىغان كەنجى مەلىكە بىلمەس تازغا:- سىز ئەمدى ئۆزىڭىزنى ئاشكارا قىلمىسىڭىز ئۆلۈۋالىمەن، بۇ دەردكە زادى چىدىمىدىم، — دەپتۇ.- ئۇنداق بولسا، سىز تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ھېلى كېلىمەن،— دەپ تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، قۇلان تايغا:- ئەي سۆيۈملۈك قۇلان تېيىم، ئايالىم ئىنتايىن ئازابلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن ئۇ ماڭا سەن ئەمدى ئۆزۈڭنى ئاشكارىلىمىساڭ ئۆلۈۋالىمەن دېدى، ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟—دەپ قۇلان تايدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. قۇلان تاي بىلمەس تازغا:- ئۆزۈڭنى ئاشكارىلاشقا تېخى ۋاقىت بار ئىدى، ئامال بولمىسا مەيلى. سەن ئەتىگەنلىككە پادىشاھلىق تونىنى كىيىپ، پادىشاھ يۈز - كۆزىنى يۇيۇشقا چىققانغا ئۈلگۈرۈپ بارىسەن. ئۇ سېنى كۆرۈپلا: «ۋاي پادىشاھىم، خۇش كېلىپلا» دەپ سېنى ئۆيگە باشلايدۇ. سەن پادىشاھقا «ئاتا دېگەن سۆزدىن باشقا سۆزنى قىلما، — دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەتىسى بىلمەس تاز تاينىڭ دېگىنى بويىچە سەھەردە پادىشاھلىق تونىنى كىيىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا:«سالام ئاتا»، دەپ كىرىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:- كېلىڭ، پادىشاھىم، ئۆيگە كىرىڭ،— دەپتۇ. شاھزادە:- ئاتا، ئاۋۋال ئۆزلىرى كىرسىلە، — دەپ تۇرۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھەيران بولۇپ:- مەن قانداق سىزنىڭ ئاتىڭىز بولىمەن؟ — دەپ سوراپتۇ. بىلمەس تاز شۇ ھامان تەزىم قىلىپ تۇرۇپ:- مەن سىزنىڭ كىچىك قىزىڭىزنىڭ ئېرى بىلمەس تاز بولىمەن،— دەپتۇ. پادىشاھ ھەيران قېلىپ:- مېنىڭ كىچىك كۈيئوغلۇم بىر تاز تۇرسا، سىز بىر پادىشاھ تۇرسىڭىز، قانداقسىغا مېنىڭ كۈيئوغلۇم بولىسىز؟— دەپتۇ. شاھزادە دەرھال:- ئاتا، سىز ئىشەنمىسىڭىز قىزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ،_ دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال قىرىق يىگىتنى چاقىرىپ كېلىپ، شاھزادىنى ئۇنىڭ ئارىسىغا قوشۇپتۇ ۋە كىچىك قىزىنى چاقىرتىپ كېلىپ:- قىزىم، مۇشۇ قىرىق بىر يىگىتنىڭ ئارىسىدا قايسىسىى سىزنىڭ ئېرىڭىز؟— دەپ سوراپتۇ. مەلىكە ئۇدۇل كېلىپپ شاھزادىنى قولىدىن تۇتۇپ ئوتتۇرىغا ئاچىقىپ:- ئەي شاھ ئاتا ! مېنىڭ ئېرىم بىلمەس تاز مۇشۇ، بۇ، يەتمىش ئىككى شەھەرنىڭ پادىشاھى مىڭكۇ باتۇرنىڭ ئوغلى،—دەپتۇ. بۇ گەپتىن پادىشاھ قورقۇپ داڭ قېتىپ قاپتۇ. ئەسلىي مىڭكۇ پادىشاھ بۇنداق پادىشاھلىقتىن نەچچە يۈزنى باشقۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ شاھزادىنى تۆرگە چىقىرىپ، كاتتا زىياپەت بىلەن كۈتۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا شاھزادە ئۆزىنى ئاشكارىلاپ:- ئەي ئاتا، سىز بىزنى شىكارغا ئەۋەتكەندە مەن بىر توپ تۆگە ئاتتىم، ئۇ تۆگىلەرنى ئىككى كۈيئوغلىڭىزغا بەردىم، ئۇلارنىڭ يوتىسىغا: «بىلمەس پادىشاھنىڭ قۇلى» دېگەن تامغىنىى بېسىپ، ئۇلارنى قۇل قىلىپ ئۆز ئىلكىمگە ئۆتكۈزۈۋالغانىدىم، — دەپتۇ. پادىشاھ دەرھال ئىككى چوڭ كۈيۈ ئوغلىنى قىچقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئوڭ تېقىمىنى ئاچۇرۇپ قارىسا، ھەقىقەتەن «بىلمەس پادىشاھنىڭ قۇلى» دېگەن تامغا تۇرغان. بۇ چاغدا پادىشاھنىڭ چوڭ قىزى:- ئەي ئاتا، يىلاننى ئۆلتۈرۈپ، مېنى ۋە يۇرتنى قۇتقۇزغان يىگىت مۇشۇ. ئۇ بىزنىڭ كۈيئوغلىمىز بىلمەس تازكەن ئەمەسمۇ ؟— دەپتۇ ۋە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىڭلىسىغا قىلغان ئاھانەتلىرىنى ئويلاپ بەكمۇ خىجالەت بوپتۇ. شاھزادە مانا شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ يۇرتقا پادىشاھ بوپتۇ، ئىككى باجىسى بولسا پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن دەرۋازا ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرارىمىش. چۆچەكنىڭ داۋامى مۇشۇ يەردە تۈگىدى