: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
شاھزادە نەۋجاھان
شاھزادە نەۋجاھان
زامانى ئاۋۋالدا بىر شەھەر بار ئىكەن، ئۇ شەھەرنىڭ بايلىقىنى سىغدۇرۇشقا جاھان تار ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئىسمى بەختىيار ئىكەن. پادىشاھ بەختىيار قىرىق يىل سەلتەنەت سۈرۈپ ئون ئىككى خوتۇن ئاپتۇ، ئەمما ھېچبىرىدىن پەرزەنت كۆرمەي، تامام خوتۇنلىرىدىن كۆڭلى قاپتۇ. شۇ ۋەجىدىن شاھنىڭ كۆڭلى تولا غەش بولۇپ، ئىشتىھاسى سۇسلاپ، ئەتلىرى بوشاپ، تەرسالىشىپ، بارغانسېرى جۇدۇنلۇق بولۇپ كېتىپتۇ.بىر كۈنى ۋەزىر -ۋۇزرالار باش قوشۇپ يىغىلىش قۇرۇپتۇ، شاھقا يەنە بىر خوتۇن ئېلىپ بەرمەك كېرەك، دەپ گەپنى ئۈزۈپتۇ. مەسلىھەت بويىچە بەختىيار شاھ ئۆيلىنىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ خوتۇنى ھامىلىدار بوپتۇ. توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت ۋە توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بۇ خۇشاللىقتىن بېشى كۆككە يەتكەن پادىشاھ بەختىيار پۈتۈن ئەلگە قىرىق كۈن زىياپەت بېرىپ ئات تويى قىپتۇ ۋە:«بۇ جاھاندىكى ھەقىقىي كۈنلىرىم مۇشۇ ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن باشلاندى» دەپ شادىمان بولۇپ، توي-تاماشانىڭ قىرىق بىرىنچى كۈنى ئوغلىنىڭ ئېتىنى نەۋجاھان دەپ قويۇپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان ئوقۇش يېشىغا توشقاندا مەكتەپكە بېرىپتۇ.بىر كۈنى شاھزادە نەۋجاھان مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، يول ئۈستىدە تەڭتۇش بايۋەچچە - بەگزادىلەرنىڭ ئالتۇن ساقا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئوردىغا يانغاندىن كىيىن:«ئاتا، مەن بىلەن تەڭ بالىلار ئالتۇن ساقا ئوينايدىكەن، مەنمۇ ئالتۇن ساقا ئوينايمەن» دەپتۇ. شاھ نەۋجاھانغىمۇ ئالتۇن ساقا سوقتۇرۇپ بېرىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ شاھزادە نەۋجاھان مەكتەپتىن يېنىپ مەيداندا ئالتۇن ساقا ئوينايدىغان بوپتۇ. شۇ تەرىقىدە نەچچە يىل ئۆتۈپ، نەۋجاھاننىڭ بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ چوپچوڭلا يىگىت بوپتۇ.بىر كۈى شاھزادە نەۋجاھان تەڭتۇشلىرى بىلەن ئويناۋاتسا، كوچىنىڭ بىر تەرىپىدىن چېپىپ كېلىۋاتقان ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. نەۋجاھان ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراپ، تۈرلۈك ئوۋچىلىق قوراللىرى ئاسقان، ئېتىنىڭ كەينىگە ئوۋ قىلغان كېيىك، توشقانلارنى غانجۇغىلاپ تاڭغان ئوۋچىلانى كۆرۇپتۇ-دە، مەن مۇشۇ شەھەردىن چىقماي چوڭ بوپتىمەن، مانا ئەمدى كۈچ-قۇۋۋەتكىمۇ تولۇپتىمەن، ئاشۇ ئوۋچىلار بىلەن شەھەر سىرتىنى كۆرۈپ كەلمەيمەنمۇ، دەپ خىيال قىلىپ، ئوردىغا كېلىپلا ئاتىسىدىن ئۆزىنى ئاشۇ ئوۋچىلارغا قوشۇپ قويۇشنى تەلەپ قىپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ ئوغلىنى ئوۋچىلارغا قوشۇپ قويۇپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان ئوۋچىلارغا قوشۇلۇپ شەھەردىن چىقىپ، بىر ئاچالغا يېتىپ كەپتۇ.- ئەي شاھزادە،- دەپتۇ ئوۋچىلار، — ئادىتىمىز بويىچە ھەر بىرىمىز بىردىن يولغا ئات سالىمىز، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن يانىمىز. ئەمما، سىز بۇ جايلارنىڭ ئوي-چوڭقۇرىنى بىلمەيسىز، شۇڭا خالىغان بىرسىمىزگە قوشۇلۇپ ئوۋ قىلىڭ.- ئەي ئوۋچىلار،— دەپتۇ شاھزادە نەۋجاھان، - مەن يېتىلىپ قالغان يىگىتمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يوللار ھەر بىرىمىزگە بىردىن توغرا كېلىدىكەن، شۇڭا مەنمۇ يالغۇز ئوۋ قىلىمەن.- بۇ گېپىڭىزگە ماقۇل دىيىشكە ھەددىمىز ئەمەس. سىزنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىڭىز بىزنىڭ گەدىنىمىزدە، شۇڭا خالىغان بىرسىمىزنى تاللاڭ،— دەپ ئوۋچىلارمۇ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. ئەمما، يىگىتنىڭ غۇرۇرى غالىب كېلىپ، ئوۋچىلارنىڭ يېلىنىش - يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئۇدۇل كەلگەن بىر يولغا ئات سېلىپ بوراندەك چېپىپ كېتىيتۇ. شاھزادە ئېسىل ئارغىماقنى چاپتۇرۇپ، بورانلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ مېڭىۋېرىپتۇ، ئەمما ئوۋ قىلغۇدەك ھېچ نەرسە ئۇچرىتالماپتۇ. قۇرۇق قول يېنىشقا نومۇس قىلغان نەۋجاھان يولىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپتۇ، بىر چاغدا ئالدى تەرەپتە بىر قارا چېكىت كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان ئوقيانى بەتلەپ، كىرىچىنى راسا تارتقان پېتى ئات چاپتۇرۇپ ھېلىقى قارا چېكىتكە يېقىنلاپتۇ.
قارىسا، ھاردۇق يەتكەنلىكتىن كۆزلىرىنىڭ نۇرى قېچىپ، چىرايى تاتارغان، ساقىلى ئۇچتەك ئاقارغان، ئېگىلگەن بەللىرى تالدا چىگىلگەن بىر ئادەم ئىكەن. شاھزادە نەۋجاھان ئۇ ئادەمگە سالام بېرىپتۇ. ئۇ ئادەممۇ سالام قايتۇرۇپ توختاپتۇ. نەۋجاھان سوراپتۇ: - ئەي ئاتا، سەپەرلىرىنىڭ مەنزىلى قايان؟ تېز مېڭىشلىرىنىڭ سەۋەبى نېمە؟- ئەي ئوغلۇم، — دەپتۇ بوۋاي نەۋجاھانغا، _ بۇنى سورىمىساڭ ياخشى بولاتتى، سوراپ قالدىڭ، جاۋاب بەرمىسەم ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. خەير، جاۋاب بېرەي. تۈنۈگۈن كېچە بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە ئاسماندىن بىر ئاي چۈشۈپ، چەپ يېنىمدىن كىرىپ ئوڭ يېنىمدىن چىقىپ كەتتى. بۈگۈن كېچە يەنە چۈشۈمدە كۈن ئوڭ يېنىمدىن كىرىپ چەپ يېنىمدىن چىقىپ كەتتى. كۆرگەن چۈشۈمنى پالچىلارغا ئېيتسام، ئۇلار يۇلتۇز كۆرۈپ:«ئەي چۈش ئىگىسى، سىز بۇ يەردىن ئۈچ ئايلىق يىراقتىكى بىر جايغا بارسىڭىز، كۆرگەن چۈشىڭىزنىڭ پايدا - زىيىنىنى كۆرىسىز» دېدى، شۇڭا مەن بۈگۈن ئەتىگەن يولغا چىققانىدىم.ئىككى پۇتىنىڭ بىرى گۆرگە ساڭگىلىغان، بىر چۈشنىڭ تەبىرى ئۈچۈن ئۈچ ئايلىق مەنزىلگە بارىدىغان بوۋاينىڭ غەيرەت -شىجائىتىگە ھەيران قالغان نەۋجاھان بىر بوۋاي جېنىدا شۇنچىۋالا ئېغىر مۇشەققەتنى ئۈستىگە ئاپتۇ، نېمە ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ ئىشىغا ھەمدەم بولمايمەن، دەپ ئويلاپ: - ئەي ئاتا، مەنزىللىرى بەك يىراقكەن، ئۆزلىرى مۇشۇ جايدا مېنى ساقلاپ تۇرسىلا، سىلى ئۈچۈن مەن بېرىپ، چۈشلىرىنىڭ پايدا-زىيىنىنى ئەكېلىپ ئۆزلىرىگە تاپشۇراي،— دەپتۇ.ئەي ئوغلۇم،— دەپتۇ بوۋاي،— ھېممىتىڭگە كۆپ رەھمەت، ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، چۈنكى ھەرىكەتسىز ئىشتا بەرىكەت يوق! بوۋاينىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگەن شاھزادە نەۋجاھان بوۋاينى بۇ مۇشەققەتتىن بىر يولى قۇتۇلدۇرماق بولۇپ: - ئەي ئاتا، ئۇنداق بولسا، چۈشلىرىنى ماڭا سېتىپ بەرسىلە، — دەپتۇ.- ئەي ئوغلۇم، - دەپتۇ بوۋاي بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن،— ئۆزۈڭ خېلى تۈزۈك يىگىتتەك قىلىسەن، ماقۇل، چۈشۈمنى ساڭا سېتىپ بەرسەم بېرەي، ئەمما باھاسى ناھايىتى قىممەت، ئىككى دانە گۆھەر بەرسەڭ بېرىمەن.- بولدى، ئالدىم،— دەپتۇ شاھزادە نەۋجاھان ۋە يېنىدىن ئىككى دانە گۆھەرنى ئېلىپ بوۋايغا بېرىپ، ئۈچ ئايلىق مەنزىلنى كۆزلەپ ئات ساپتۇ.شاھزادە نەۋجاھان ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ئۈچ ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ، بىر بىپايان جاڭگالغا يېتىپ بېرىپتىكەن، كۆزلىرىگە بىر تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر ئەسكى ئۆي كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان ئۈچ كۈن توختىماي يول يۈرۈپ ھېرىپ - ئېچىپتىمەن، ئېتىممۇ ھېرىپتۇ، بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە ئارام ئېلىپ، ئەتە يولۇمنى داۋاملاشتۇراي، دەپ ئەسكى ئۆينى چۈشكۈن قىپتۇ- دە، ئاتنىڭ بوغۇز يېگەن ئاۋازىنى تىڭشاپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بىر چاغدا ئاتلىرىنىڭ «دۈپۈر - دۈپۈر» ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتىپ، بۇ چۆلدە ئۈچ كۈن تەنھا يول يۈرۈپتىمەن، ھېچ نەرسە ئۇچۇرمىغانىدى، ئەمدى بۇ نېمە سىر - ئەسرادۇر، دەپ ئويلىنىپ تۇرغانىكەن، ئىككى ئاتنى يېتىلىۋالغان نىقابلىق بىر كىشى ئەسكى ئۆيگە كىرىپ: - يىگىت، ماۋۇ ئاتقا مىنىپ، كەينىمدىن مېڭىڭ ! دەپتۇ. ھەيرانلىق ئىچىدە قالغان شاھزادە نەۋجاھان نېمە بولسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي، دەپ گەپ - سۆز قىلماي نىقابلانغان كىشىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىپتۇ. ھېلىقى كىشى يەنە
- ئېتىڭىزنى مېنىڭ ئېتىمنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاڭ، ئارىلىقنى ئۆزىڭىز چاغلاڭ،— دەپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان ئىككى ئاتنىڭ ئارىلىقىنى چاغلاپ، ھېلىقى كىشىنىڭ ئېتىنىڭ قۇيرۇقىغا ئۆز ئېتىنى باغلاپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر كېچە يول يۈرۈپلا بىر ئايلىق يولنى تۈگىتىپتۇ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن شاھزادە نەۋجاھان ماڭ دېدى، ماڭدىم، ئەمما بۇ كىشى كىم، بىلمەيمەن. ئالدىغا ئۆتۈپ بىر قاراپ باقاي، ئۆزىدىن گەپ سوراپ باقاي، دەپ نىقابلىق كىشىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئاتنى توختىتىپتۇ ۋە:- ئەي نىقابلىق كىشى، كىم بولىسىز؟ مېنى قەيەرگە ئاپىرىسىز؟— دەپتۇ.- مەن،- دەپتۇ نىقابلىق كىشى نىقابىنى كۆتۈرگەچ،_ سىزنى مۇشۇ جايغا ئەكەلگەن ئادەم بولىمەن.شاھزادە نەۋجاھان كۆرۈپتۇكى، كۆز ئالدىدا بىر ئاي، بەلكى ئايدىنمۇ گۈزەل بىر قىز تۇرغۇدەك. نەۋجاھان ھېلىقى بوۋاينىڭ چۈشىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ چەپ يېنىدىن كىرىپ ئوڭ يېنىدىن چىقىپ كەتكەن ئاي مۇشۇ جانان ئىكەن، دەپ ئويلاپ شۇ ھامان قىزغا ئاشىق بوپتۇ. قىزنىڭ ئاپتاپتەك چىرايى بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ:- ئەي يىگىت، ئاتام بىلەن ئانام كۇھىقاپ شەھىرىدە تۇرىدۇ. ئۇلار مېنى تاغامنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى بولغانىدى، بىراق تاغام بىلەن ئاتام ئۇرۇشۇپ قېلىپ مېنى ئۇنىڭغا بەرمەيدىغان بولدى. تاغامنىڭ ئوغلى بىلەن ئىككىمىز ۋەدىلەشكەنىدۇق. ئاتا-ئانامنىڭ مېنى ئۇنىڭغا بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، مەن تاغامنىڭ ئوغلىنى سىز بىلەن ئۇچراشقان جايدا ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇغانىدىم. مەن سىزنى تاغامنىڭ ئوغلى، دەپ بىلىپ بۇ جايغا باشلاپ كەپتىمەن. ئەمدى مېنى ئەپۇ قىلىڭ- دە، بۇ يەردىن دەرھال كېتىڭ، — دەپتۇ.- ئەي تەڭدىشى يوق گۈزەل،— دەپتۇ شاھزادە نەۋجاھان،— مەن بىر مۇساپىرمەن، مېنىڭ خەجلەيدىغان پۇلۇم، يېمەك-ئىچمىكىم ئەسكى تاملىقتا قالدى. مانا ئەمدى سىزنىڭ ئىشق-پىراقىڭىز يۈرىكىمگە بۈركۈتتەك چاڭگال سالدى، كېتەلمەيمەن.- ئەي يىگىت،— دەپتۇ قىز خىجىللىق ئىلكىدە،— بۇ ئەيىب مەندە، بىراق مېنىڭ جۈپتىكارىم بار، سىزنى ئېلىپ قالالمايمەن.- ئەي گۈزەل، ئىشق ئەھلىنىڭ دىلبىرى، سىزنىڭ ئاي كەبى رۇخسارىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇش، سۆھبىتىڭىزگە ھەر دائىم داخىل بولۇپ تۇرۇش ئارزۇ - ئارمانلىرىمنىڭ مەقسەت-مەنزىلىدۇر. ئەگەر جۈپتىكارىڭىز پەيدا بولسا، مەن سىزگە سادىق خىزمەتكار بولاي، پەيدا بولمىسا، مەن سىزگە جۈپتىكار بولاي. مېنى ئېلىپ قالسىڭىز، ھالىمغا بىر باقسىڭىز،- دەپ تارام - تارام ياش تۆكۈپ يالۋۇرۇپتۇ نەۋجاھان. شاھزادە نەۋجاھاننىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىغان قىز:- بوپتۇ، مەن سىزنى ئېلىپ قالاي، بىراق مۇنداق بىر شەرتنى سەمىڭىزگە سالاي، شەرت شۇكى، ئەگەر بىر ئاي ئىچىدە تاغامنىڭ ئوغلى پەيدا بولسا، بىزگە خىزمەتكار بولۇڭ، بىر ئاي ئىچىدە پەيدا بولمىسا، ئىككىمىز ئەر - خوتۇن بولايلى،— دەپتۇ.شاھزادە نەۋجاھان بۇ شەرتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىپتۇ. ئۇلار شۇنداق ۋەدىلەر بىلەن چۆل - باياۋانلارنى كېزىپتۇ، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇپ يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ ئىنتايىن مول يۈرۈپ، ساق بىر ئاي ئۆتكەندە بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ - دە، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر تۈپ چىنارغا ئاتلىرىنى باغلاپتۇ
- ئەي نەۋجاھان، _ دەپتۇ قىز،— بىز يول يۈرگىلى ساق بىر ئاي بولدى، تاغامنىڭ ئوغلى پەيدا بولمىدى، ئەمدى لەۋزىمگە ئەمەل قىلىپ سىزگە خوتۇن بولۇشۇم كېرەك. سىز شەھەرگە كىرىپ ئاز - تولا يېمەكلىك سېتىۋېلىپ، بىر ياشانغان دۇرۇس ئادەمنى تەكلىپ قىلغاچ چىقىڭ، ئۇ كىشى باش بولۇپ تويىمىزنى قىلىپ قويسۇن. شاھزادە نەۋجاھان ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى دەرھال ئورۇنلاپتۇ. بوۋاي باش بولۇپ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپتۇ. بوۋاي يېڭى ئەر - خوتۇنلارنى مۇبارەكلەپ بولۇپ قايتماقچى بولغاندا، قىز: - ئەي بوۋا، ئۆزلىرىگە يەنە بىر ئېھتىياجىمىز بار. بىز بۇ شەھەرگە مۇساپىر، ئولتۇرغۇدەك ئۆيىمىزمۇ يوق. مالال كۆرمەي ئوبدانراق بىر يۈرۈش ئۆي تېپىپ بەرگەن بولسىلا، ئۆزلىرىنى ئوبدان رازى قىلاتتۇق،— دەپتۇ. بوۋاينىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلار شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى كاتتا ياسالغان بىر ئىمارەتنى سېتىۋېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەلۇم كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، شاھزادە نەۋجاھاننىڭ خوتۇنى: - ئەي نەۋجاھان، بىز بۇ شەھەردە ماكانلىشىپ قالدۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ:«سىلەر نېمە ئادەم؟» دەپ سۈرۈشتۈرۈپ قالسا، بىرنەرسە دېيەلمەي قالىمىز، شۇڭا سىز ئوردىغا بېرىپ بۇ شەھەرنىڭ پۇقرالىقىغا تىزىملىتىپ قويۇڭ،— دەپ ئېرىگە ئىككى گۆھەر بېرىپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان دەرھال ئوردىغا بېرىپ، ئەدەپ-قائىدىلەرنى بەجا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قوينىدىكى ئىككى دانە گۆھەرنى چىقىرىپ پادىشاھقا سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئىزھار قىپتۇ. پادىشاھ رىۋايەتلەردىن ئاڭلىغان، ئەمما كۆرۈپ باقمىغان گۆھەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇرسەن بوپتۇ ۋە شاھزادە نەۋجاھاننى ئوڭ قول ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ. نەۋجاھان:«دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرالمايمەن» دەپ ئۆزرە ئېيتىپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ: - سىز ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئوردىغا كېلىپ مەن بىلەن بىر پىيالە چاي ئىچىپ تۇرسىڭىزلا بولدى، باشقا ۋەزىپە تاپشۇرمايمەن،— دەپ ئۆز ئەمرىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، شاھزادە نەۋجاھان ئەتىسىدىن باشلاپ ھە ئەتتىگىنى پادىشاھ بىلەن بىر پىيالە چاي ئىچىپ، قالغان ۋاقتىنى خوتۇنى بىلەن خۇشال ئۆتكۈزۈپتۇ. نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىمۇ تاغىسىنىڭ ئوغلىنى ئۇنتۇپ، نەۋجاھاننى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. بىر كۈنى خوتۇنى نەۋجاھاننى بازارغا ئەۋەتىپ بىر پارچە يىپەك رەخت ۋە ھەر خىل مەشۇتلارنى ئەكەلدۈرۈپتۇ. بىر كېچە ئۇخلىماي بىر بەلباغ تىكىپتۇ. نەۋجاھان ئەتىگىنى ئويغانسا، ئۆيدە ئاجايىپ چىرايلىق كەشتلەنگەن بىر بەلباغ تۇرغۇدەك. بۇنداق چىرايلىق بەلباغنى نەۋجاھان ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىكەن. خوتۇنى بەلباغنى ئۇنىڭ بېلىگە باغلاپ قويۇپتۇ. نەۋجاھان شۇ ئەتىگىنى ئوردىغا چايغا بارغاندا، پادىشاھ چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ نەۋجاھاننىڭ بېلىدىكى بەلباغنى كۆرۈپتۇ ۋە: - ئەي ۋەزىر، بۇ بەلباغنى كىم تىكتى؟_ دەپ سوراپتۇ. - پادىشاھقا مەلۇم بولغايكى، بۇ بەلباغنى خوتۇنۇم تىكتى،— دەپتۇ نەۋجاھان. - بۇ بەلباغ ئەجەب چىرايلىق ئىكەن،— دەپتۇ پادىشاھ. پادىشاھنىڭ بەلباغقا كۆزى چۈشكەنلىكىنى بىلگەن نەۋجاھان دەرھال بېلىدىن يېشىپ شاھقا تەقدىم قىپتۇ، پادىشاھمۇ شۇ ھامان بېلىگە باغلاپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان چاينى ئىچىپ بولۇپ، پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە ماڭغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئەللىك خوتۇنى ۋە يۈز كېنىزەكنى سارايغا يىغىپ بەلباغنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: - قايسىڭلار مۇشۇنداق بەلباغ تىكەلەيسىلەر؟— دەپ سوراپتۇ
پادىشاھنىڭ ئەللىك خوتۇنى بىلەن يۈز كېنىزىكى جىمجىت تۇرۇپتۇ. پادىشاھ بۇ سوئالنى ئىككىنچى قېتىم يەنە تەكرارلىغاندا، ئەللىك خوتۇنى ئىچىدىن بىرسى:- ئەي شاھىنشاھ، بۇنداق بەلباغنى ئادەمزات تىكەلمەيدۇ، بۇ ئىش پەقەت پەرىزاتلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ،— دەپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ قولىدىكى بەلباغقا سىنچىلاپ قاراپ، تىككەن بەلبىغى بۇنداق چىرايلىق، ئۆزى قانچە چىرايلىقتۇ؟ دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ، نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىغا غايىبانە ئاشىقى بىقارار بوپتۇ، پېشانىسىدىن كىرگەن ئوت تاپىنىدىن چىقىپ بىھۇش بولۇپ يىقىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىغا ئاشىقى بىقارار بولغانلىقىنى پەملىگەن بىر ۋەزىر:- ئەي شاھىم، بۇ ئىش ئاسان، نەۋجاھان قوللىرىدىكى بىر ۋەزىر. سىلى ئۇنىڭغا يەنە ئىككى دانە گۆھەر سوۋغات قىلىشنى ئەمىر قىلسىلا، ناۋادا ئۇ ئىككى دانە گۆھەر ئەكەلسە:«خەزىنىدە تۆت دانە گۆھەر بار ئىدى، سەن ئۇنى ئوغرىلاپ شاھقا سوۋغات قىپسەن» دەپ زىندانغا تاشلايمىز، خوتۇنى سىلىگە قالىدۇ. ئەگەر ئەكېلەلمىسە:«شاھنىڭ پەرمانىنى بەجا كەلتۈرمىدىڭ» دەپ گۇناھ قويۇپ زىندانغا تاشلايمىز، خوتۇنى يەنە ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە قالىدۇ،— دەپتۇ.ۋەزىرنىڭ بۇ تەكلىپىنى لايىق كۆرگەن پادىشاھ ئەتىسى ناشتا ۋاقتىدا، نەۋجاھاننىڭ يەنە ئىككى دانە گۆھەر تەقدىم قىلىشىنى تەلەپ قىپتۇ. شاھنىڭ ئەمرىگە نائىلاج ماقۇل بولغان نەۋجاھان ئۆيدە يەنە ئىككى دانە گۆھەر بولسىغۇ ئەكېلىپ بېرەرمەن، بولمىسا قانداق قىلارمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۆيگە غەمكىن يېنىپتۇ. نەۋجاھاننىڭ شۇنچە غەمكىن، پەرىشان ھالىتىنى كۆرگەن خوتۇنى:- ئەي نەۋجاھان، بۈگۈن نېمانچە غەمكىن بولۇپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. نەۋجاھان پادىشاھنىڭ تەلىپىنى ئېيتىپتۇ.- ئەي ئامرىقىم، گۆھەردىن غەم قىلماڭ، بۇنىڭ چارىسىنى ئۆزۈم قىلىمەن، — دەپتۇ خوتۇنى ۋە دەرھال قەغەز - قەلەم ئاچىقىپ بىر پارچە خەت يېزىپ نەۋجاھانغا تۇتقۇزۇپتۇ - دە:- ئەي نەۋجاھان، سىز بۈگۈنلا يولغا چىقىپ، بىز كەلگەن دەريانى بويلاپ ماڭسىڭىز دېڭىز بويىغا بارىسىز، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن كۈنپېتىش تەرەپكە ئازراق ماڭسىڭىز، سۇنىڭ ئىچىدىن چوڭلۇقى تۆگىدەك كېلىدىغان بىر ئاق تاش كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئېتىڭىزنى شۇ يەردە قويۇپ، ئاق تاشقا دەسسەپ تاشنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئاتلىسىڭىز، پۇتىڭىزغا ئۈستىنى سۇ بېسىپ كەتكەن بىر كۆۋرۈك ئۇرۇنىدۇ. شۇ كۆۋرۈكنى پۇتىڭىز ئارقىلىق سىيپاپ مېڭىۋەرسىڭىز، بىر قاپقاققا بارىسىز، قاپقاقنى كۆتۈرسىڭىز يول كۆرۈنىدۇ، شۇ يول ئارقىلىق بىر يەرگە كىرىپ كېتىسىز -دە، ئاخىر تۇمانلىق بىر يولغا چىقىسىز. شۇ يول بىلەن مېڭىپ بەش ئاۋاز يېتىم يەرگە بارسىڭىز بىر گۈمبەز ئۇچرايدۇ، گۈمبەز ئىچىدە بىر ساراي بار، سارايغا كىرسىڭىز بىر ئالتۇن تەخت بار، تەخت ئۈستىدە بىر مەلىكە ياتىدۇ، مەلىكىنىڭ باش تەرىپىدە بىر شېشە دورا بار، دورىنى ئېلىپ يۈزىگە تېمىتسىڭىز، مەلىكە ھوشىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا بۇ خەتنى بەرسىڭىز، سىزگە قانچىلىك گۆھەر لازىم بولسا شۇنچىلىك بېرىدۇ، — دەپتۇ.نەۋجاھان خوتۇنىنىڭ دېگەنلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، خەتنى قوينىغا سېلىپ يولغا چىقىپتۇ.ئەمدى شاھزادە نەۋجاھان يولىغا كېتىۋەرسۇن، گەپنى پادىشاھتىن ئىشىتىمىز:پادىشاھ نەۋجاھاندىن گۆھەر تەلەپ قىلغان چاغدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ، نەۋجاھاننىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. پادىشاھ نەۋجاھاننىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىككى چاپارمەننى نەۋجاھاننىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپتۇ. چاپارمەنلەر نەۋجاھاننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ دەرۋازىنى قاقسا، نەۋجاھاننىڭ خوتۇنى ئۆيدە تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى، نېمە گېپى بارلىقىنى سوراپتۇ. چاپارمەنلەر
- بىز پادىشاھنىڭ چاپارمەنلىرى، ۋەزىر نەۋجاھان ئۈچ كۈن بولدى ئوردىغا بارمىدى، شۇڭا ئۇنى چاقىرغىلى كەلگەنىدۇق،_ دېيىشىپتۇ.- پادىشاھ نەۋجاھاننى بىر خىزمەتكە بۇيرۇغان، كەلگەندە بارىدۇ، — دەپتۇ نەۋجاھاننىڭ خوتۇنى.چاپارمەنلەر قايتىپ كېلىپ، بولغان ئەھۋالنى شاھقا مەلۇم قىپتۇ. شاھ دەرھال قىرىق نەپەر كېنىزەكنى جابدۇتۇپ، نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىنى تەكلىپ قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. كېنىزەكلەر نەۋجاھاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەرۋازىنى قېقىپتۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئادەم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشىپتۇ. نەۋجاھاننىڭ خوتۇنى ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىپتۇ. ئۇلار بۇ خوتۇننىڭ ھۆسن- جامالىنى كۆرۈپ ئەس- ھوشىنى يوقىتىپتۇ، تەييارلىغان غىزالىرىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس بوپتۇ. داستىخان يىغىشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كېنىزەكلەر كېلىش مەقسىتىنى ئىزھار قىپتۇ. نەۋجاھاننىڭ خوتۇنى:- ئەي كېنىزەكلەر، قايتىپ بېرىپ ئۇلۇغ شاھىمىزغا ئېيتىپ قويۇڭلار، نەۋجاھانىم ئۆيدە يوق، ئوردىغا مېھماندارچىلىققا بېرىشقا بىئىلاجمەن،— دەپتۇ - دە، كېنىزەكلەرنى ئۇزىتىپ قويۇپ دەرۋازىنى چىڭ تاقاپتۇ.كېنىزەكلەر ئوردىغا بېرىپ، نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىنىڭ ھۆسن-جامالىنى، غىزا-تائاملىرىنى ۋە بولغان گەپ - سۆزلەرنى بىرىنى ئون قىلىپ شاھقا مەلۇم قىپتۇ. نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىنىڭ ھۆسن - جامالىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان شاھ قىرىق جاللاتنى ھازىر قىلىپ، نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىنى ئېلىپ كىلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇ قىرىق نەپەر جاللات قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، نەۋجاھاننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ ۋە دەرۋازىنى قېقىپ:- ھەي نەۋجاھاننىڭ خوتۇنى، ئاڭلىمىدىم - ئىشىتمىدىن دېمە، كېيىن پۇشايمان يېمە، ئۇلۇغ شاھىمىزدىن پەرمان شۇكى، سەن دەرھال ئالدىمىزغا چۈشۈپ ئوردىغا بارىسەن، شاھ ئالىيلىرىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ يانىسەن ! - دېيىشىپتۇ.دەرۋازا ئېچىلمىغاندىن كېيىن، جاللاتلار،— ئەي خوتۇن، دەرھال ئۆيدىن چىق ! چىقساڭ چىقتىڭ، چىقمىساڭ دەرۋازاڭنى چېقىپ، كاللاڭنى كېسىپ، قېنىڭنى قۇتىغا ئېلىپ، بېشىڭنى نەيزىنىڭ ئۇچىغا ئېسىپ ئوردىغا يانىمىز !— دەپ سۈرەن سېلىپ، جاھاننى بېشىغا كىيىشىپتۇ. نەۋجاھاننىڭ خوتۇنى ھويلىغا چىقىپ:- ئەي جاللاتلار، ئارقاڭلارغا يېنىڭلار، بېرىپ پادىشاھىڭلارغا ئېيتىڭلار، مەن سىلەرنى ھەم پادىشاھىڭلارنى كەچۈردۈم. بىرىنچىدىن، مەن شەھىرىڭلارغا پۇقرا بولۇپ تۇزۇڭلارنى يېدىم؛ ئىككىنچىدىن، ئېرىم شاھ خىزمىتى ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ ئېزىپ قالمىسۇن دېدىم. بولمىسا ئورداڭلارنى خارابىستانغا، شەھىرىڭلارنى مازارىستانغا ئايلاندۇرۇۋېتەر ئىدىم،— دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جاللاتلار:- ئەي ساراڭ خوتۇن، پەلىپەتىش گەپلىرىڭنى قوي، يوغانچىلىق قىلغانغا توي ! - دېيىشىپ، دەرۋازىنى چاققىلى تۇرۇپتۇ. ئەمما، جاللاتلارنىڭ قوللىرى قۇرۇپ، قىلىچلىرى يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. قورقۇپ كەتكەن جاللاتلار ئالدى كەينىگە قارىماي قېچىپ، بىردەمدىلا ئوردىغا يېتىپتۇ.پادىشاھ جاللاتلارنىڭ ئەرز- شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ سىر- ئەسرالارنىڭ تېگىگە يەتمەك بولۇپ، پالچىلارنى يىغىپ پال سالدۇرۇپتۇ. پالچىلار ئېيتىپتۇكى:- ئە- شاھى جاھان، شەھەرلىرى ئامان بولسۇن، جانابىي ئالىيلىرى كۇھىقاپ پەرىزاتلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قاپلا، ئۇلارغا يامان كۆزلىرىنى ساپلا. ئەگەر ئۇلارنى ئارامىدا قويمىسىلا، شەھىرىمىزگە ئاپەت يېغىپ پۈتۈنلەي خاراب بولىدىكەن.پالچىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ:- ھېچكىم نەۋجاھاننىڭ ئۆيىگە چېقىلمىسۇن ! دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ
ئەمدى ئۇلار ئۆز جايىدا تۇرۇپ تۇرسۇن، شاھزادە نەۋجاھاننى ئىزدەپ تاپايلى، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىدىن گەپ ئاچايلى:شاھزادە نەۋجاھان خوتۇنى دېگەن يول بىلەن مېڭىپ گۈمبەزنى تېپىپتۇ. گۈمبەز ئىچىگە كىرىپ ئاجايىپ كاتتا بىر ساراينى، ساراينىڭ تۆرىدە تۇرغان نەقىشلىك ئالتۇن تەختنى ۋە تەخت ئۈستىدە بىھۇش ياتقان كۈن مەسەللىك، ئاپتاپ تەبىئەتلىك ساھىبجامال مەلىكىنى كۆرۈپتۇ. نەۋجاھان ھېلىقى بوۋاي چۈشىدە كۆرگەن كۈن شۇمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قاپتۇ ۋە شېشىدىكى دورىدىن بىر تېمىم تېمىتىپتۇ. بىھوش ياتقان مەلىكە چۆچۈپ-ئويغىنىپ، يېنىدا تۇرغان نەۋجاھاننى كۆرۈپ:- ئەي يىگىت، سىز كىم؟ بۇ يەرگە نېمىدەپ كەلدىڭىز؟—دەپ سوراپتۇ.نەۋجاھان خوتۇنى يېزىپ بەرگەن خەتنى مەلىكىگە ئۇزىتىپتۇ. مەلىكە خەتنى كۆرۈپ، يىگىتنىڭ كېلىش مەقسىتىنى چۈشىنىپتۇ-دە:- ئەي يىگىت، ئاۋۇ ئۆيدە لىققىدە گۆھەر بار، ئۆزىڭىز خالىغانچە ئېلىڭ، — دەپ بىر ئىشىكنى كۆرسىتىپتۇ. نەۋجاھان بىر خۇرجۇن گۆھەر ئېلىپ، مەلىكىگە رەھمەت - تەشەككۈر ئېيتىپ كەينىگە يېنىپتۇ. شاھزادە نەۋجاھان ساراينىڭ ئىشىكىگە يەتكەندە، مەلىكە: - ئەي يىگىت، مەندىن نېمىشقا گەپ سورىمايسىز؟ - دەپتۇ.- كەچۈرۈڭ، مەلىكەم،— دەپتۇ نەۋجاھان كەينىگە يېنىپ، - بىرىنچىدىن، مەن پادىشاھىمنى تەقەززا قىلىشنى خالىمىدىم؛ ئىككىنچىدىن، كەچۈرمىشلىرىڭىزنى سوراپ يارىڭىزغا تۇز سېپىشنى خالىمىدىم. ئەگەر سىز سۆزلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز جېنىم بىلەن ئاڭلايمەن.شاھزادە نەۋجاھان خۇرجۇننى قويۇپ مەلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ.- مەن، _ دەپتۇ مەلىكە سۆزىنى باشلاپ،— كۇھىقاپ پادىشاھىنىڭ قىزى ئىدىم. بىر كۈنى جىمار ئىسىملىك جادۇگەر ئەپقېچىپ مۇشۇ سۇنىڭ تېگىگە سېھرىي بەند قىلدى. شاھ ئاتام نۇرغۇن لەشكەر بىلەن كېلىپ جەڭ قىلىپ يېڭىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن بۇ كۈلپەتكە مۇپتىلا بولدۇم. ئون يىلدىن بۇيان جادۇگەر مېنى قولىغا ئېلىپ خۇددى ئالتۇن-تىللانى ئوينىغاندەك ئوينايدۇ، ئالما پۇرىغاندەك پۇرايدۇ، چىقىپ كېتىدىغان چاغدا بىھوش قىلىپ قويىدۇ، ئۆزى كەلگەندىن كېيىن ھوشۇمغا كەلتۈرىدۇ، ئاتا - ئانامنى بىر كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتسەم دەيمەن، بىراق بۇ ئارزۇيۇمغا يېتەلەمدىمەن-يېتەلمەمدىمەن بىلمەيمەن. گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، مەلىكە خۇددى دەمدەر ئۈنلىگەندەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىپتۇ. مەلىكىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ ئىچى ئاغرىپ، يۈرەك - باغرى پارە- پارە بولغان نەۋجاھان: - ئەي مەلىكەم، يىغلىماڭ، مەن سىزنى قۇتۇلدۇرىمەن، دەپ دەس ئورنىدىن قوپۇپتۇ.- ھىممىتىڭىزگە رەھمەت،_ دەپتۇ مەلىكە،— بىراق سىزنىڭ جادۇگەرگە كۈچىڭىز يەتمەيدۇ، ياش جېنىڭىزغا زامىن بولۇشنى خالىمايمەن، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ، دوستۇمغا سالام دەڭ.- ئەي كۈن مەسەللىك، ئاپتاپ تەبىئەتلىك مەلىكەم،— دەپتۇ نەۋجاھان، — كەچۈرمىشلىرىڭىزنى ئاڭلىمىغان بولسام مەيلى ئىدى، ئەمما ئاڭلىدىم، سىزنى بۇ ھالدا تاشلاپ قويۇپ كېتىش ئەرلىك غۇرۇرۇمغا نۇقساندۇر، سىزنى قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ بۇ جايدىن كەتمەيمەن.نەۋجاھان گۆھەر قاچىلانغان خۇرجۇننى ھېلىقى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ كەتكىلى ئۇنىماپتۇ.- ئەي يىگىت، ماقۇل، مېنى قۇتۇلدۇرۇڭ، — دەپتۇ مەلىكە،— ئەمما جادۇگەرنىڭ جېنى ئۆز تېنىدە بولمايدۇ، بۇ سىرنى بىلمەي قول سالالمايسىز، ھازىرچە بىر دالدىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭ، ئاۋۋال مەن سىر ئالاي
شۇ ئەسنادا بىر ئاسماندا، بىر يەردە «پال-پۇل» ئوتلار چاقنىتىپ، بەتبەشىرە جادۇگەر يېتىپ كەپتۇ ۋە بىھوش بولۇپ يېتىۋالغان مەلىكىنى دورا تېمىتىپ ھوشىغا كەلتۈرۈپ، ئالىقىنىغا ئېلىپ ئويناشقا باشلاپتۇ. مەلىكە:- ئەي جىمار، مەن سېنىڭ قولۇڭغا چۈشكىلى ئون يىل بولدى. بۈگۈن كۆڭلۈم بۆلەكچە خۇشال تۇرىدۇ، ئەگەر شاراب بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى، — دەپتۇ.ئون يىلدىن بېرى مەلىكىنىڭ ئاران بىر قېتىم چىش يېرىپ گەپ قىلغىنىغا خۇشال بولغان جىمار: «بۇ ئاسان گەپ» دەپ قولىنى بىر شىلتىغانىكەن، دەرھال ئون ئىدىش شاراب ھازىر بوپتۇ. مەلىكە خۇشال بولۇپ، يوغان بىر جامنى ئېلىپ جىمارغا شاراب قۇيۇشقا باشلاپتۇ. مەلىكىنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن مەمنۇن بولغان جادۇگەر ھەش-پەش دېگۈچە ئون ئىدىش شارابنى ئىچىپ بولۇپ دەلدەڭشىپ قاپتۇ. مەلىكە ئەڭ ئاخىرقى بىر جام شارابنى ناز-كەرەشمە بىلەن جىمارغا تۇتۇپ:- ئەي ئامرىقىم، سەن بىلەن بىللە تۇرغىلى ئون يىل بولدى، ئەمما مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن يۈرەك- باغرىم قانغا تولدى، — دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جىمار دەرھال:- ئەي مەلىكەم، مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن، پەقەت سېنىڭ ئوتۇڭدىلا كۆيىمەن، — دەپتۇ.- بۇ گېپىڭگە ئىشەنمەيمەن، — دەپتۇ مەلىكە.- قەسەم قىلىپ بېرەي،_ دەپتۇ جادۇگەر.- قەسىمىڭگىمۇ ئىشەنمەيمەن، — دەپتۇ مەلىكە.- ئۇنداق بولسا،_ دەپتۇ جادۇگەر دەلدەڭشىپ تۇرۇپ قانداق قىلسام ئىشىنىسەن، ئەي مەلىكەم؟ مېنىڭ ساڭا ئاشىقلىقىمغا ئىشەنمەسلىكىڭگە نېمە ئاساسىڭ بار؟- ئاساسىم شۇكى،— دەپتۇ مەلىكە، — ئاشىق ھەر قانداق چاغدا مەشۇقىدىن سىر يوشۇرمايدۇ.- ئەي مەلىكە،_ دەپتۇ جادۇگەر، — گېپىڭ شۇ بولسا، سىر يوشۇرماسلىققا قەسەم قىلاي، ھەرقانداق سىرىم بولسا ئېيتىپ بېرەي، سورىغىن.- ئۇنداق بولسا، جېنىڭ قەيەردە، ئەي جىمار؟بۇ گەپنى ئاڭلىغان جادۇگەر بېشىنى بىر سىلكىۋېتىپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك قىلىپ:- مېنىڭ جېنىم بۇ يەردىن ئۈچ ئايلىق يىراقلىقتىكى بىر جايغا سېھرىي بەند قىلىقلىق. ئۇ يەردە بىر چىنار بار، چىنارنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە بىر قۇرۇق شاخ بار، قۇرۇق شاخقا بىر قارا كەپتەر كۈندە ئۈچ قېتىم قونىدۇ، قالغان چاغدا ئۆزىنى ئاشكارا قىلمايدۇ، شۇ كەپتەرنى ئاتسا، ئەگەر كەپتەر ئۆلسە ۋە يەرگە چۈشسە، كەپتەر چۈشكەن جاينى كولىسا بىر ساندۇق چىقىدۇ، ساندۇقنى ئاچسا قىرىق بالداقلىق بىر شوتا چىقىدۇ، شۇ شوتىدىن چۈشسە تۇمانلىق بىر يولغا چىقىدۇ، شۇ يول بىلەن مېڭىپ بىر يەرگە بارغان بىر دەرەخ بار، دەرەخنىڭ ياپراقلىرى بەكمۇ كەڭ، شۇ ياپراقلارنىڭ ئىچىدە بىر تۆمۈر قەپەس بار، قەپەس ئىچىدە بىر قۇش بار، شۇ جانىۋارنىڭ يۈرىكى جېنىمدۇر. ئەگەر جانىۋارنى قەپەستىن ئالماي، قولىنى تىقىپ تۇتۇپ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىيالىسا مەن تۈگىشىمەن، ئەگەر قۇش ئۇچۇپ چىقىپ كەتسە پۈتۈن جاھان سۇغا غەرق بولىدۇ.جادۇگەر جىمارنىڭ پۈتۈن سىرىنى بىلىۋالغان مەلىكە:- ئەي ئاشىق جىمار، مانا ئەمدى ئوبدان بولدى، بىز ھەقىقەتەن ئاشىق-مەشۇقلارغا ئوخشىدۇق، — دەپ ناز قىلىپ، يەنە مۇنداق دەپتۇ:- ئەي پالۋىنىم، سەن دۇنيادا تەڭداشسىز پالۋان ئىكەنسەن، شۇنداق تۇرۇپ يەنە بىر يەرگە كەتسەڭ، مېنى بىھوش قىلىپ قويىسەن، سەن يوق چاغدا سېنى پۇراپ ياتالمايدىكەنمەن. مەن سېنى پۇراپ ياتسام دەيمەن. شۇڭا، بۇ يەردىن ئالتە ئايلىق يىراق يولدا رەيھانگۈل دەيدىغان بىر خۇش پۇراق گىياھ بار ئىمىش، شۇ گۈلنى ئەكېلىپ، ئۆزۈڭ چىقىپ كېتىدىغان چاغدا كۆكسۈمدە قويۇپ قويساڭ، مەن شۇ گۈلنى خۇددى سېنى پۇرىغاندەك پۇراپ ياتسام.
مەلىكىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن سۆيۈنۈپ كەتكەن جادۇگەر مەلىكىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ خۇددى ئالمىنى ئوينىغاندەك بىرپەس ئويناپ، ئاندىن بىھوش قىلىۋېتىپ، رەيھانگۈلنى ئەكېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. جادۇگەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شاھزادە نەۋجاھان مەلىكىنى دەرھال ھوشىغا كەلتۈرۈپ، جادۇگەرنىڭ سىرىنى سوراپتۇ.- ئەي يىگىت،— دەپتۇ مەلىكە كۆزىگە ياش ئېلىپ، — بۇ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش ئىكەن، مەن سىزنىڭ ۋە دوستۇمنىڭ بەختىگە زامىن بولۇشنى خالىمايمەن. سىز دەرھال قايتىپ كېتىپ رەپىقىڭىزنى تېپىڭ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاھزادە نەۋجاھان:«كەتسەم كېتەي، لېكىن جادۇگەرنىڭ سىرىنى بىلىپ كېتەي» دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. مەلىكە ئاخىر جادۇگەردىن ئاڭلىغانلىرىنى قويماي دەپ بېرىپتۇ.شاھزادە نەۋجاھان مەلىكە بىلەن خوشلىشىپ كەينىگە يېنىپ، سۇنىڭ ئىچىدىكى ئاق تاشتىن سەكرەپ ئۆتۈپ ئېتىغا مىنىپتۇ. ئات بىر ئايلىق يولنى بىر كۈندە باسىدىغان ئات ئىكەن، نەۋجاھان ئانقا مىنىپ ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ئۈچ ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ چىنارنىڭ تۈۋىگە كەپتۇ، ئاتنى چىنارغا باغلاپ، ئوقيانى بەتلەپ، قۇرۇق شاخنى نىشانغا ئېلىپ، ئۆزى بىر جايغا يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ. بۇ چاغدا قاپقارا بىر كەپتەر كېلىپ قۇرۇق شاخقا قونۇپ قانات قېقىپ:«ئەي يامان جادۇگەر دەپ توۋلاپتۇ. ئەسلىدە بۇ كەپتەر ئۈچ قېتىم توۋلىسا، جادۇگەر چىنارنىڭ يېنىغا ھازىر بولىدىكەن. كەپتەر نەۋجاھاننىڭ جادۇگەرنىڭ جېنىنى قەستلەپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ قالغانىكەن. كەپتەر يەنە پەي قېقىپ ئىككىنچى قېتىم توۋلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا نەۋجاھاننىڭ ئوقى كېلىپ كەپتەرنىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇۋېتىپتۇ. جان تالىشىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ئۆلگەن كەپتەر پوككىدە يەرگە چۈشۈپتۇ. نەۋجاھان دەرھال ئورنىدىن قوپۇپ، كەپتەر چۈشكەن يەرنى كولىغانىكەن، يەردىن بىر ساندۇق چىقىپتۇ، ساندۇقنى ئاچسا ئىچىدىن قىرىق بالداقلىق بىر شوتا چىقىپتۇ، نەۋجاھان شوتا بىلەن پەسكە چۈشۈپ تۇمانلىق بىر يولغا چىقىپتۇ ۋە بۇ يولنى بويلاپ مېڭىپ، بىر تۈپ كەڭ ياپراقلىق دەرەخنى تېپىپتۇ. نەۋجاھان كۆرۈپتۇكى، ياپراقلار ئارىسىدا بىر تۆمۈر قەپەس، قەپەس ئىچىدە بىر قۇش پەستىن قونداققا، قونداقتىن پەسكە توختىماي سەكرەپ تۇرغۇدەك. نەۋجاھان قەپەسكە قولىنى تىقىپ چەبدەسلىك بىلەن قۇشنى تۇتۇپلا بېشىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. قۇشنىڭ بېشى ئۈزۈلۈشى بىلەن جاھاننى قاپقارا سىياھتەك قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ ۋە بىرپەستىن كېيىن دەھشەتلىك بوران چىقىپ، جاھاننى چاڭ - توزان ئىچىدە قالدۇرۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بوران توختاپ، پاللىدە كۈن چىقىپتۇ. نەۋجاھان شۇنداق كۆزىنى ئاچسا، ئۆزىنى بىر يارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈپتۇ. مەن كۈنچىقىش تەرەپتىن كەلگەنىدىم، يەنە شۇ ياققا ماڭاي، دەپ ئۇزۇن يول مېڭىپتۇ، ئەمما دېڭىزنى زادىلا تاپالماي، بىر قومۇشلۇققا كىرىپ قاپتۇ. ھېلىقى گۈمبەزدىن ئەسەرمۇ يوق. نەۋجاھان قومۇشلۇق ئىچىدە يولنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپتۇ.
بىر يەرگە بارغاندا بىر ئىمارەتنى كۆرۈپ، ھەرنېمە بولسا بىر ئادەمزات بار يەرگە كېلىپ قاپتىمەن، دەپ ئىمارەتكە كىرىپتۇ. ئىمارەتنىڭ ئىچىدىن:«مەرھابا، باتۇر يىگىت» دېگىنىچە كۈھىقاپ پادىشاھىنىڭ قىزى چىقىپتۇ ۋە:- ئەي باتۇر، سىزنىڭ ھىممىتىڭىز بىلەن جادۇگەرنىڭ تىلسىماتى غەرق بولدى، مەنمۇ سېھرىي بەندتىن ئازاد بولدۇم. سىزگە كۆپ رەھمەت. قېنى، ئىچكىرى كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇڭ، مەن ئاتا - ئانامنى چاقىراي، _ دەپ بىر تال چېچىنى يۇلۇۋېلىپ ئوچاقتىكى ئوتقا ساپتۇ، ھايال ئۆتمەي بىر شامال بىلەن تەڭ نۇرغۇن كۆك كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ ئىمارەت ئالدىغا چۈشۈپ دەرھال پەرىزاتلارغا ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە شاھزادە نەۋجاھاننىڭ خوتۇنىمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ كەينىدىن تۆتتىن سەككىز پەرىزات كۆتۈرگەن ئىككى ئالتۇن تەخت، تەخت ئۈستىدە مەلىكىنىڭ ئاتىسى ۋە ئانىسى يېتىپ كەپتۇ. مەلىكە ئاتا - ئانىسى ۋە پەرىزاتلار بىلەن قۇچاقلىشىپ، يىغلاپ كۆرۈشۈپ تۇرۇپ:- ئەي شاھ ئاتا، بۇ يىگىت مېنى قۇتۇلدۇرغان شەپقەتچىم بولىدۇ، سالام بېرىڭلار، — دەپتۇ ۋە بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى بايان قىپتۇ.مەلىكىنىڭ ئاتا- ئانىسى شاھزادە نەۋجاھانغا سالام بېرىپ، ئەدەپ - قائىدىلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن:- ئەي ئادەمزات بالىسى، قىزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ يورۇق جاھانغا ئېلىپ چىقىپسىز، بۇ ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن قىزىمىزنى سىزگە تۇتتۇق، قىزىمىزغا ئۆيلىنىڭ، — دەپتۇ.- ئەي كۈھىقاپ پادىشاھى، ئالىيجاناب كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، مېنىڭ رەپىقەم بار، مەلىكىنى ئەمرىمگە ئالالمايمەن، — دەپتۇ شاھزادە نەۋجاھان.شۇ چاغقىچە پەرىزاتلار توپىدا شاھزادىگە سالام بېرەلمەي تۇرغان خوتۇنى ئوتتۇرىغا چىقىپ:- ئەي ۋاپادار جۈپتىكارىم، مەن مەلىكەم بىلەن بىر دەقىتىدە تۇغۇلغان، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. كىچىكىمىزدە ئەگەر ئەرگە تەگسەك، ئىككىمىز بىر ئەرگە تېگىمىز دەپ ئەھدىلەشكەنىدۇق. بىراق، مەلىكەمنى جادۇگەر جىمار ئەپقېچىپ سېھرىي بەند قىلىپ قويدى. سىزنىڭ پادىشاھىڭىزغا گۆھەر لازىم بولغاندا ئۆيدىمۇ بار ئىدى، ئەمما مەن سىزنى ئەتەي مەلىكەم سېھرىي بەند قىلىنغان تىلسىماتقا ئەۋەتتىم، مەقسىتىم سىز ئارقىلىق مەلىكىنى قۇتۇلدۇرۇپ، كىچىك ۋاقتىمىزدىكى قەسىمىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. مانا بۈگۈن مەقسىتىمىزگە يېتىدىغان پەيت كەلدى. مەن مىڭلارچە رازىكى، سىز مەلىكە بىلەنمۇ ئۆيلىنىڭ،— دەپ مەلىكە بىلەن قۇچاقلىشىپ، يىغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ.بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن شاھزادە نەۋجاھان مەلىكىگە ئۆيلىنىپتۇ، ھەممەيلەن ئۇلارنى مۇبارەكلىشىپتۇ. ئاتا - بالىلار قانغۇدەك ھال - مۇڭ بولۇشقاندىن كېيىن، كۇھىقاپ پادىشاھى شاھزادە نەۋجاھاننى كۇھىقاپ شەھىرىگە بېرىپ ماكانلىشىشقا تەكلىپ قىپتۇ. بۇ تەكلىپكە نەۋجاھان:- ئى شاھ ئاتا، خان ئانا، مەن بىر پادىشاھنىڭ تىكەندەك يالغۇز ئوغلى ئىدىم. بىر كۈنى شىكارغا چىقتىم، بىر بوۋاي بىلەن ئۇچراشتىم، بوۋايدىن چۈش سېتىۋېلىپ سەپەر قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىم ھەربىرلىرىگە مەلۇم بولدى. مەن ئاۋۋال ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك چېيىنى مەن بىلەن بىللە ئىچكەن شۇ پادىشاھنىڭ بىر پىيالە چېيىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن شۇ شەھەرگە قايتسام، شاھ تەلەپ قىلغان گۆھەرلەرنى ئالدىدا قويۇپ رازى قىلسام، ئاندىن كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىل بولغان، ئىز - دېرىكىمنى ئالالماي كۆزلىرىنىڭ گۆھىرى ئاققان شاھ ئاتام، خان ئانامنى تاپسام، باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتسام، ئۇلارمۇ رەپىقىلىرىمنى كۆرسە، قىزىم دەپ ماڭلىيىغا سۆيسە دەيمەن، _ دەپتۇ.
شاھزادە نەۋجاھاننىڭ گېپىنى ئورۇنلۇق، دەپ قارىغان كۈھىقاپ پادىشاھى ئىجازەت بېرىپتۇ ۋە نەۋجاھان بىلەن بىللە ئاۋۋال ھېلىقى شەھەرگە بېرىپ پادىشاھنى رازى قىلىپ، ئاندىن نەۋجاھان بىلەن خوتۇنلىرىنى شۇ شەھەردىن ئۇزىتىپ قويۇپ، ئۆزلىرى كۇھىقاپ شەھىرىگە يانماقچى بوپتۇ.ئۇلار نەۋجاھانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ. نەۋجاھان ئىككى دانە گۆھەرنى شايى ياغلىققا ئوراپ، قوينىنى گۆھەر بىلەن تولدۇرۇپ ئوردىغا مېڭىپتۇ. كۇھىقاپ پادىشاھى ئون نەپەر پەرىزاتنى قوشۇپ:- ئەي پۇقرالىرىم، سىلەر ھېچكىمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي، شاھزادە نەۋجاھاننى قوغداپ ئوردىغا كىرىڭلار. ئەگەر ئۇلار شاھزادىگە چېقىلمىسا، سىلەرمۇ ھېچكىمگە چېقىلماڭلار، ئەگەر كىمدىكىم شاھزادىگە چېقىلسا، سىلەرمۇ شۇ كىشىنىڭ جازاسىنى بېرىڭلار، — دەپ يولغا ساپتۇ.شاھزادە نەۋجاھان ئوردىغا كىرىپ پادىشاھقا سالام، ئەدەپ-قائىدىلەرنى بەجا كەلتۈرۈپ بولۇپ، شايى ياغلىقتىكى ئىككى دانە گۆھەرنى ئالدىغا قويۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا پادىشاھقا ئەقىل ئۆگەتكەن ھېلىقى ۋەزىر ئوتتۇرىغا چىقىپ:- ئى تۇزكور ئوغرى، ئەمدى تۇتۇلدۇڭمۇ؟ پادىشاھنىڭ خەزىنىسىدىكى تۆت گۆھەرنى ئوغرىلاپ، يەنە ئۇنى شاھقا تەقدىم قىلىشقا يۈزۈڭ قانداق چىدىدى؟ — دەپ ۋارقىراپتۇ.ۋەزىرنىڭ بۇ قەدەر تۆھمەتخورلۇقىنى كۆرگەن پەرىزاتلار چىداپ تۇرالماي، كۆڭلىدە تۆھمەتلىرىڭ ئۈچۈن بىر سوۋغات بېرەيلى دېيىشتپ، ۋەزىرنى گەپ قىلسا كەكلىكتەك كاكاكلايدىغان قىلىۋېتىپتۇ.ئەي ۋەزىر،— دەپتۇ نەۋجاھان، — ئەگەر يەنە لازىم بولسا مانا گۆھەر.شاھزادە نەۋجاھان بېلىنى شۇنداق يېشىپتىكەن، بىر قويۇن گۆھەر يەرگە تۆكۈلۈپتۇ.ۋەزىرنىڭ كەينىگە كىرىپ تۆھمەتكە بېرىلگەن پادىشاھ ئوردا ئەھلىدىن قاتتىق ئۇيىلىپتۇ، ئەمما نومۇسنى قان بىلەن يۇيماقچى بولۇپ:«جاللات !» دەپ ۋارقىراپتۇ. شۇ ھامان تەخت كەينىدىكى پەردە ئارقىسىدىن تۆت جاللات چىقىپ نەۋجاھانغا ئېتىلىپتۇ، شۇ ئەسنادا نەۋجاھاننى قوغداپ بىللە كەلگەن پەرىزاتلار جاللاتلارنى يەر بىلەن يەكسان قىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن پادىشاھ ئالمان - تالمان تەختتىن چۈشۈپ، نەۋجاھاننىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ كەچۈرۈم سوراپتۇ. نەۋجاھان ئۇنى ئامان قويۇپ، ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ، ۋەزىرلەر ئىچىدىكى دۇرۇس، تەدبىرلىك بىر ۋەزىرنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.شاھزادە نەۋجاھان بۇ شەھەردىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ، ئۆز شەھىرىگە يانماقچى بوپتۇ. كۇھىقاپ پادىشاھى:- ئەي بالىلىرىم، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنى يادلاپ تۇرۇڭلار ۋە پات -پات يوقلاپ تۇرۇڭلار. بېشىڭلارغا كۈن چۈشكەندە چېچىڭلارنى كۆيدۈرسەڭلار، بىز شۇ ھامان يېنىڭلارغا ھازىر بولىمىز، سىلەرگە ھەمدەم بولۇشقا تەييار بولىمىز، — دەپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئالتۇن تەختلىرىگە چىقىپ كۇھىقاپ شەھىرىگە يېنىپتۇ.شاھزادە نەۋجاھان خوتۇنلىرىنى ئېلىپ، ئارغىماقلارغا مىنىپ، يولنىڭ تانابىنى تارتىپ، بىر ئايلىق يولنى بىر كۈنگە قىسقارتىپ، ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ئۆز شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. ئوغلىنى ۋە ئىككى كېلىنىنى كۆرگەن پادىشاھ بەختىيار بىلەن خانىش ئۇلارنى باغرىغا بېسىپتۇ، ماڭلىيىغا سۆيۈپتۇ. قىرىق كۈن كاتتا توي-تاماشا ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى خەزىنىنى نەچچە قېتىم ئېچىپتۇ، ئۇلارنىڭ بېشىدىن پەتنۇس - پەتنۇس ئالتۇن چاچقۇلارنى چېچىپتۇ. قىرىق كۈنلۈك توي- تاماشا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پادىشاھ نەۋجاھاننى ئالدىغا چاقىرىپ:- ئەي ئوغلۇم، مەن ئەمدى ياشىنىپ قالدىم ھەم ئىشلەپ تالدىم. ئەمدى بۇ چوڭ سەلتەنەت ساڭا خاس،_ دەپ نەۋجاھاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي تەختكە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ، شاھزادە نەۋجاھان ئوردىدا ئالتۇن تەختتە، ئۆيدە ئاي بىلەن كۈن ئوتتۇرىسىدا راھەتتە ياشاۋاتقانىمىش، تۆھمەتخور ۋەزىر كەكلىكتەك كاكاكلاپ نەۋجاھاننى قاغاۋاتقانىمىش، ئاچ كۆز پادىشاھ چۆل كېزىپ پۇشايمان يەۋاتقانىمىش، كۇھىقاپ پادىشاھى نەۋرەمنىڭ تويىنى بىر كۆرسەم دەۋاتقانىمىش. تۈگىدى