: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

نىيتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك

نىيتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك

بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بىلەن بىر موماي بولغانىكەن، ئۇلار ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا كىشىلەرگە چاكار بولۇپ ئىشلەپ، كۈندىلىك يېمىكىنى كۈندە تېپىپ، سېرىقتال كۈن كەچۈرۈپ كەلگەنىكەن. ئۇلار شۇ ھالدا نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزۈپ، چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىپ، بەللىرى مۈكچىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلىق بولۇپ، ئامەت - تەلەي يۈزىنى ئاچسا، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈمىدىنى يوقاتماپتۇ. بىراق، ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۇلار بىرەر پەرزەنتلىك بولالماپتۇ. ئۇلار قېرىپ ئىش - ئوقەتتىنمۇ قاپتۇ، كۈنى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىپتۇ. ئاخىر ئۇلار شەھەرنى تاشلاپ، تاغ ئارىسىنى ماكان تۇتۇپتۇ - دە، ئوت - گىياھلارنىڭ يىلتىزىنى كولاپ يېيىشكە مەجبۇر بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ياۋايى تۇرمۇش بوۋاي - موماينى تېخىمۇ ھالسىزلاندۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇلار ئۆلەر ھالەتتە يېتىپ نالە قىلىپ: — ئاھ تەقدىر، بىزگە نېمىشقىمۇ دەرد سالىدىغانسەن؟! بىزگىمۇ ئوڭ كۆزۈڭنى سېلىپ قويساڭ بولمايتتىمۇ؟ دەپ قاتتىق يىغلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ نالىسىدىن تاغلار لەرزىگە كېلىپ، خادا تاشلار يېرىلىپ غۇلاپ چۈشۈپتۇ. شۇ چاغدا سالاپەتلىك بىر بوۋاي ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. — خوپ، — دەپتۇ بوۋاي ئۇلارغا،_ مەن سىلەرگە ئۈچ قېتىم تىلەش ئىمكانىيىتىنى بېرەي، بىرى مومايغا، ئىككىسى بوۋايغا تەئەللۇق بولسۇن. كىم نېمىنى خالىسا سورىغان ھامان كەلتۈرەي، ئاۋۋال نېمىنى تىلەيدىغانلىقىڭلارنى ئوبدان كىلىشۋىلىڭلار. —مۇشۇ تاغنى تامامەن ئالتۇن قىلىپ بېرىشنى تىلەيلى،_دەپتۇ موماي نەپسىنى باسالمىغان ھالدا ئالدىراپ. — قانائەتچانراق بولغىنىمىز تۈزۈك،— دەپتۇ بوۋاي مومايغا تەسەللى بېرىپ،— سەن سېغىپ ئىچكۈدەك بىر موزايلىق سىيىر تىلە، مەن تېرىقچىلىق قىلغۇدەك بىرئاز يەر، سۇ تىلەي، شۇنىڭ بىلەن ئانچە - مۇنچە مىدىرلاپ يۈرۈپ ھال - كۈنىمىزنى ياخشىلىۋالايلى. _ ئانچە-مۇنچە مىدىرلاپ يۈرۈش؟ بۇ نېمە دېگەنلىرى ! دەپتۇ موماي بوۋايغا ۋارقىراپ،— بۇ تىرىكچىلىك يولىدا گاڭگىراپ يۈرگەنلەرنىڭ ئىشى. بوۋاي ئۆزى بېرىشنى ۋەدە قىلغانىكەن، مەن قايتا جاپا چېكىدىغان يولنى تاللىمايمەن، مېنىڭ راھەت تەختىدە پۇت - قولۇمنى سۇنۇپ ياتقۇم بار. بوۋاي موماينىڭ سۆزىگە يەنىلا قوشۇلماپتۇ، موماي ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ - دە، قاتتىق جاڭجاللىشىپ، بوۋاينى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. موماينىڭ تەرسالىقىدىن رەنجىگەن بوۋاي بىر ئاز خامۇش بولۇپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئەمما، قەدىناسلىق مېھرى بىلەن يەنە كۆڭلىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن موماينىڭ كەينىدىن تاغ بېسىپ مېڭىپتۇ. غەزەپلەنگەن موماي ماڭا - ماڭا تاغدىن ھالقىپ بىر تۈزلەڭلىككە چىقىپ قاپتۇ. تۈزلەڭلىكتە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھارۋا يولى بولۇپ، ئۇنىڭدا پادىشاھنىڭ شاھزادىسى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىدە مەپىگە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقانىكەن. موماينىڭ كۆزى شاھزادىگە چۈشۈپتۇ - دە، پەيلى بۇزۇلۇپتۇ..ئۇ ئارقىسىدىن ۋارقىراپ كېلىۋاتقان قەدىناسىغا قاراپمۇ قويماي، ھېلىقى بوۋايغا تىلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ: — ئى خاسىيەتلىك بوۋاي، مەن شۇ تاپتا پەرىدىن قالغۇسىز شۇنداق چىرايلىق قىز بولۇشۇم كېرەككى، شاھزادە مېنى كۆرۈش بىلەن ئاشىقى - بىقارار بولۇپ، مېنى ئۆز ئەمرىگى ئېلىش ئۈچۈن مەپىسىگە سېلىپ ئەكەتسۇن ! موماينىڭ تىلىكى ئېغىزدىن چىقىشى بىلەن ئىجابەت بوپتۇ، شاھزادە ئۆزى ئۈچۈنلا يارىتىلغان بۇ گۈزەلنى ھۆرمەت بىلەن مەپىسىگە سېلىپ ئەكېتىپتۇ. موماينىڭ كەينىدىن ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يېتىپ كەلگەن بوۋاي ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن خاپا بوپتۇ - دە، ھېلىقى بوۋايغا نالە قىپتۇ: _ ئەي كارامەتلىك ئاقساقال، ئۇ ئار - نومۇسنى يوقاتقان دەيۈزنى قانجۇققا ئايلاندۇرۇۋېتەرسەن !! شاھزادىنىڭ يېنىدا قىن- قىنىغا پاتماي نازلىنىپ ئولتۇرغان گۈزەل شۇ ئان ئىت سۈرىتىگە كىرىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق چۆچۈگەن شاھزادە توۋلىغىنىچە ئۇنى مەپىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ- دە، ئاتلىرىنى بولۇشىچە چاپتۇرۇپ، ھەش - پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىب بوپتۇ. ئىتقا ئايلانغان موماي توپىغا مىلەنگىنىچە غىڭشىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۇيان - بۇيان مېڭىپتۇ. ئاقىۋەتتە بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئاستىغا تاشلاپ، يېلىنغىنىچە كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق نەپرەتلىنىپ: — بولدى، كۆرگۈلۈكۈڭ مۇشۇ ئىكەن، ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق ياشا !— دەپ ئەسكى كەپىسىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئىت بولسا يالۋۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغىنىچە كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەپتۇ. بوۋاينىڭ ئاخىر ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپتۇ. ئۇ ھېلىقى بوۋاي ئۆز ئىختىيارىغا بەرگەن ئاخىرقى تىلىكىنى ئايالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە ئىشلىتىپتۇ. موماي ئەسلىگە كېلىپ، قىلمىشىدىن ئەپسۇسلىنىپ زار - زار يىغلاپتۇ. بوۋاي ئۇنى جىمىلەپ مۇنداق دەپتۇ:

، پەيلىگە يارىشا كۈن كۆرەر ھەركىم

. ياشالماس - يايرالماس ئۇنىڭدىن ئوشۇق

:شۇ بىر سۆز قېپ قالسۇن بىزدىن ئەۋلادقا

«نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك»

ئېيتىشلارغا قارىغاندا،«نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن تۈگىدى