: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
پادىچى بوۋاي
پادىچى بوۋاي
زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر كەمبەغەل بوۋاي ئۆتكەنىكەن، ئۇ بوۋاينىڭ زېرەك بىر ئوغلى بولغانىكەن. ئۇلار ئەسلىدە بىر پارچە ئېتىزغا بۇغداي تېرىپ، ئۇنىڭدىن ئاز - تولا بۇغداي ئېلىپ جېنىنى جان ئېتىپ كەپتىكەن. شۇنداق يىللارنىڭ بىرىدە يىل بويى يامغۇر ياغماي، بىر تالمۇ دان ئالالماپتۇ. بوۋاي جان بېقىش كويىدا بىر مەھەللىنىڭ پادىسىنى بېقىپتۇ، باققاندىمۇ ئەلنى رازى قىلغۇدەك بېقىپتۇ.شۇ چاغدا بۇ ئەلنىڭ بېگىمۇ ئۆزىنىڭ قىرىق بىر كالىسىنى باقىدىغان بىر ياخشى پادىچى ئىزدىتىپ يۈرگەنىكەن. ئۇ ئىزدەپ-سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ پادىچى بوۋاينىڭ پادىنى ياخشى باقىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇنى چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ كالىلىرىنى بېقىشنى بۇيرۇپتۇ. بوۋاي چارىسىز ماقۇل بوپتۇ. بەگنىڭ قىرىق بىر كالىسىنىڭ ئىچىدە بىر كالىسى قىرىق چېلەك، قالغان قىرىق كالىسى قىرىق چېلەك سۈت چىقىرىدىكەن. شۇڭا، قىرىق چېلەك سۈت چىقىرىدىغان كالا بەگ ئۈچۈن بەكمۇ ئەتىۋارلىق ئىكەن. مۇشۇ ۋەجىدىن بەگ ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم، كەچتە بىر قېتىم كالىلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئاندىن خاتىرجەم بولىدىكەن.كۈنلەر كەينىدىن كۈنلەر، ئايلار كەينىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ، كالىلار ياخشى تويۇپ سەمرىپتۇ. بەگ كۆڭلىدە رازى بوپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بەگنىڭ قىرىق چېلەك سۈت چىقىرىدىغان كالىسى تۇيۇقسىز يوقىلىپ كېتىپتۇ. بوۋاي يېقىن ئەتراپلارنى ئىزدەپتۇ، بىراق زادىلا تاپالماپتۇ. ئاخىر قىرى كالىنى ھەيدەپ قايتىپ كەپتۇ. بەگ ئادىتى بويىچە چىقىپ قارىسا، كالىسى كۆرۈنمەپتۇ، سۈرۈشتۈرۈپ يوقالقانلىقىنى بېلىپتۇ. بەگ دەرغەزەپكە كەپتۇ -دە: «قاراۋۇل!» دەپ ۋارقىراپتۇ. قاراۋۇل شۇ ھامان يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ - دە: ئۇلۇغ بېگىم، كالتىكىم بىلەن كىمنىڭ جازاسىنى بېرىمەن؟_ دەپتۇ.- جانابىي بېگىمىز، — دەپتۇ بەگنىڭ بىر ئادىل مەسلىھەتچىسى،— بۇ بوۋاينى ئۆلتۈرۈۋەتسەك، كالىنى تاپماق تەس بولارمىكىن، ئۇنىڭغا بىر ھەپتە مۆھلەت بېرەيلى. شۇنىڭغىچە كالىنى تاپالمىسا، ئاندىن ئۇنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلساق.بەگ ئويلىنىپ، بوۋايغا بىر ھەپتە مۆھلەت بېرىپتۇ. پادىچى بوۋاي تايىقىنى تۇتقىنىچە كالىنى ئىزدەپتۇ، چۆللەرنى كېزىپتۇ، جاڭگاللارغا كىرىپتۇ، ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ، ھەپتە ئاخىرىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئۇ كالىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۆلۈم كۆزىگە كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ، يالغۇز بالىسىنى ئويلاپتۇ. ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن مېڭىۋېرىپ، بىر تاغقا بېرىپ قاپتۇ. ئۇ تاغدا بىر چوڭ غار بار ئىكەن. بوۋاي كالا مۇشۇ غارغا كىرىپ قامىلىپ قالغانمىدۇ؟ دېگەن ئوي بىلەن غارغا يېقىنلاپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا بىر دەھشەتلىك سادا بىلەن تەڭ قاتتىق بوران چىقىپ، بوۋاينى بىر يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلاپتۇ. بوۋاي تىرىشىپ- تىرمىشىپ يەنە غارنىڭ ئاغزغا يېقىنلاپ بېرىپتۇ. بۇ قېتىم يەنە شۇنداق سادا بىلەن ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ. بوۋاي دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋاپتۇ. ئوت يالقۇنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىىن، بوۋاي غار ئاغزىغا قارىغۇدەك بولسا، بىر ئادەم تۇرغۇدەك. ئۇ بوۋايدىن:- ھەي بوۋاي سېىنى بۇ يەرگە كېلىشكە نېمە مەجبۇر قىلدى دەپ سوراپتۇ.-مەن بەگنىڭ قىرىق بىر كالىسىنى باقاتتىم،— دەپتۇ بوۋاي،— قىرىق چېلەك سۈت چىقىدىغان بىر ئەتىۋارلىق كالىسى يوقىلىپ كەتتى. ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى ئىزدەۋاتىمەن، ھېچ تاپالمىدىم. ئىزدەپ كېلىپ قارىسام بۇ غار كۆرۈندى. مۇشۇ غاردا قامىلىپ قالغانمىدۇ، دېگەن ئوي بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم دەپتۇ
سىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭنى بىلەتتىم. بۇ غار سېھىرگەرلەر ماكانى. سەن بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقساڭ كالىنى ئۆز ئۆيۈڭگە يەتكۈزىمىز، — دەپتۇ ھېلىقى سېھىرگەر. _ قولۇمدىن كەلسە ھاجىتىڭلاردىن چىقاي، _ دەپتۇ بوۋاي.. _ سېنىڭ بىر يالغۇز ئوغلۇڭ بار، — دەپتۇ سېھىرگەر، شۇ ئوغلۇڭنى بېرىسەن دە، كالىنى ئەتە بەگكە ئاپىرىپ بېرىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلىسەن.. بوۋاي ياق دېسە بەگ ئۆلتۈرلىدۇ، ماقۇل دەي دېسە يالغۇز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بوۋاينىڭ تەڭقىسلىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ: سەن بالاڭ بىلەن مەسلىھەتلەش،— دەپتۇ سېھىرگەر، — كۆزۈڭنى يۇم، مەن:«ئاچ» دېگەندە كۆزۈڭنى ئاچىسەن. بوۋاي كۆزىنى يۇمۇپتۇ، بىر ھازادىن كېيىن «ئاچ» دېگەن سادا بىلەن كۆزىنى ئېچىپتۇ، قارىسا ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇدەك. ئاتىسىنىڭ غەم - قايغۇدا قالغانلىقىنى بىلگەن ئوغۇل: — ئاتا، كالا تېپىلمىغان بولسا، سېنىڭ ئورنۇڭغا بەگنىڭ ئالدىغا مەن بارىمەن، — دەپتۇ. بوۋاي ئوغلىغا سېھىرگەر بىلەن بولغان سۆھبەتنى دەپ بېرىپتۇ. زېرەك ئوغۇل ئاتىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ سېھىرگەرلەر ماكانىغا بارماقچى بوپتۇ. ھەممىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان سېھىرگەر شۇ ھامان پەيدا بولۇپ، كالىنى بوۋاينىڭ ھويلىسىغا يەتكۈزۈپتۇ دە، بىر دومىلاپ چوڭ بىر قۇشقا ئايلىنىپ، بوۋاينىڭ ئوغلىنى ئەكېتىپتۇ. بوۋاي ئوغلىنىڭ دەردىدە زار قاقشاپ قاپتۇ. قۇش يىگىتنى بىر ھەشەمەتلىك بىنانىڭ يېنىغا تاشلاپ غايىب بوپتۇ. يىگىت بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرسە، بىر موماينىڭ تەنھا يىپ ئېگىرىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە سالام بېرىپتۇ. موماي: _ كەلگىن، بالام، يۇقىرى ئۆتكىن، دەپتۇدە، دەرھال مېۋە، قەنت- گېزەكلەر بىلەن چاي تەييارلاپ يىگىتنى مېھمان قىپتۇ. يىگىت چاي ئىچىۋېتىپ ئىشىك تەرەپكە شۇنداق قاراپتۇ دە، بىر چوڭ يىلاننىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ چۆچۈپتۇ.. — بالام، قورقمىغىن، — دەپتۇ موماي چىقىپ كېتىۋېتىپ،— زىيىنى يوق، ئىختىيارىغا قويۇپ بەر. موماي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يىلان يىگىتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ دە، بىر دومىلاپ، ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار، قەلەم قاشلىق، سۇمبۇل چاچلىق، زىلۋا بويلۇق بىر گۈزەل قىزغا ئايلىنىپتۇ. قىز يىگىتكە قاراپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خۇش تەبەسسۇم بىلەن ھال ئەھۋاللىشىپتۇ. يىگىتنىڭ قەلبىدە بىر ئوت كۆيگەندەك بوپتۇ، قىز ئۇنىڭ پۇتۈن مېھرىنى تارتىۋاپتۇ.. — بۇ ئۆي - جاي، ئىمارەتلەر بىزنىڭكى، — دەپتۇ قىز،— چارباغلارنى سەيلە قىلىڭ، بىللە چىقايلى ! قىز بۇ قەددى- قامەتلىك، زېرەك يىگىتنى ئەگەشتۈرۈپ، چارباغنى قىرىق كۈن ئايلىنىپتۇ. ئاندىن سېھىرگەر چوڭ توي مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، يىگىتنى قىزىغا ئۆيلەندۈرۈپ قويۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۇپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى يىگىتنىڭ ئاتىسىنى يوقلاپ كېلىش ئويى قوزغىلىپتۇ، بۇ ئويىنى خوتۇنىغائېيتىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ: — سېھىرگەر مېنىڭ ئاتام بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا، بىرىنچى كۈنى بىر تۇلپار سوراڭ، ئىككىنچى كۈنى بىر خىسلەتلىك ئۈزۈك سوراڭ، ئۈچىنچى كۈنى رۇخسەت سوراڭ.. يىگىت خوتۇنىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە بىرىنچى كۈن تۇلپارنى سوراپتۇ، ئىككىنچى كۈنى خىسلەتلىك ئۈزۈكنى سوراپتۇ، ئۈچىنچى كۈنى ئاتىسىنى يوقلاش ئارزۇسىنى ئېيتىپ رۇخسەت سوراپتۇ. سېھىرگەر سورىغانلىرىنى بېرىپ رۇخسەت بېرىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى يولغا تەييارلىق قىپتۇ
يولغا ئاتلانغان كۈنى قىز بىر دومىلاپلا يىلان قىياپىتىگە كىرىپ، ئاتنىڭ پۇتىغا يۆگىشىۋاپتۇ. ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇچقاندەكلا يېتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنىڭ پىراقىدا ئازابلىنىپ يېتىپ قالغانىكەن. - ئاتا، مەن قايتىپ كەلدىم،— دەپتۇ يىگىت. بالىسىنىڭ تىرىكلىكىدىن ئۈمىد ئۈزگەن بوۋاي دەسلەپتە ئىشەنمەپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئىشىكىمنىڭ ئالدىغا كەلگەنىكەن، دىدارىنى كۆرۈشۈم كېرەك، دەپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ - دە، بالىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ. - سەن ئۆز بالاممۇ ياكى بالامنىڭ روھىمۇ؟_ دەپتۇ بوۋاي،— ئوغلۇم، سېنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئاخىر نېسىپ بوپتۇ. قېنى ئۆيگە كىر. بوۋاي ئوغلى بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، باغلاپ قويغان تۇلپارغا كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ پۇتىدىكى يىلاننى كۆرۈپ، قورقۇنچ بېسىپتۇ. - ئاتا، ئەندىشە قىلما، ئۆيگە كىرەيلى،_ دەپتۇ يىگىت. ئاتا-بالا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، يىگىت ھەممە ئەھۋالنى ئاتىسىغا دەپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا يىلان بىر دومىلاپ قىزنىڭ قىياپىتىگە كېلىپ ئۆيگە كىرىپتۇ، بوۋايغا تەزىم قىلىپ، ھال-ئەھۋاللىشىپتۇ. بوۋاي كېلىنىنى كۈتۈۋالغۇدەك ھېچ نەرسىسى بولمىغاچقا، بەكمۇ خىجالەت بوپتۇ. - ئاتا، خىجالەت بولما، ھېلىمۇ قورايلىق ئېتىزىمىز ئۆزىمىزدە ئىكەن، ھەممە نەرسە تەل بولىدۇ،_ دەپتۇ يىگىت. يىگىت خىسلەتلىك ئۈزۈكنى قولمغا ئىلىپ:«قېنى، خىسلەتلىك ئۈزۈك، كارامىتىڭنى كۆرسەت» دەپتىكەن، دەرۋازىسى ياقۇتتىن، تۈۋرۈكلىرى ئالتۇندىن، تەكتى مەرمەردىن ياسالغان بىر چوڭ ساراي پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ نۇرىدا كېچە كۈندۈزگە ئايلىنىپتۇ. يىگىت بىلەن كېلىن بوۋاينى قولتۇقلاپ، زىلچا-گىلەملەر بىلەن ئورالغان بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئېسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىپتۇ. ئەمدىكى گەپنى شۇ يۇرتنىڭ بېگىدىن ئاڭلايلى: ئوردىنىڭ داڭقى تېزلا بەگ ئوردىسىدىن ھالقىپ، يىراق-چەتلەرگىچە يېتىپتۇ. بەگ ئۆز تەۋەسىگە ساراي سالغان «ئېسىلزادە»نىڭ كارامىتىنىڭ سىرىنى بىلەلمەپتۇ، بىر نەچچە كۈنگىچە كۈتۈپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت تۇلپارنى مىنىپ شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. پايلاقچىلار بۇ خەۋەرنى دەرھال بەگكە يەتكۈزۈپتۇ. بەگ ئەھۋالنى كۆزىتىپ بېقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خوجىدارىنى ئەۋەتىپتۇ. خوجىدار مۇھاپىزەتچى، مۇلازىملارنى ئەگەشتۈرۈپ داغدۇغا بىلەن بۇ سارايغا كىرىپ كەپتۇ. ساراي شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك بولغان بىلەن بىرمۇ لەشكەر كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ قايسى ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، جاھاندا تەڭدىشى يوق بىر قىز چىقىپ خوجىدارغا سالام بېرىپتۇ. قىز پەلەمپەيدىن چاققانلىق بىلەن چۈشۈپ، ياشىنىپ قالغان خوجىدارنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ، تۈرلۈك-تۈمەن نازۇنېمەتلەر بىلەن ئۇنى مېھمان قىپتۇ. خوجىدار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بەگكە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە:«ئۇلۇغ بېگىم، بۇ قىز گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى ئىكەن. ئۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن شەربەتلەر، زۇمرەتتەك سۇلار خىجىل ئىكەن، سۇ ئىچكەندە گېلىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. بۇ گۈزەل پەقەت شەۋكەتلىك بېگىمىزگىلا مەنسۇپ» دەپتۇ. بەگ بۇ قىزنىڭ تەرىپىىنى ئاڭلاپ، ماڭا تەۋە يۇرتتا مۇنداق گۈزەل ساھىبجامالنىڭ مېنىڭ سارىيىمدا بولماي، ئۇ يەردە تۇرۇشى مەن ئۈچۈن ھاقارەت، ئۇ گۈلنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەنلا ھۇزۇرلىنىشىم كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. بىراق، ئۇ بىر پادىشاھ ياكى شاھزادە بولسا، يوشۇرۇپ قويغان ئەسكەرلىرى باردۇ، دىگەن ئوي بىلەن يەنە پايلاقچى ئەۋەتىپ تىڭتىڭلاپ كۆرۈپتۇ
پايلاقچىلار قىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىدىن خەۋەر بېرىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ بەگ بەش يۈز ئاتلىق لەشكەر ئەۋەتىپتۇ. ئاتلىق لەشكەرلەر ئۈچ قېتىم چۇقان كۆتۈرۈپتۇ، لېكىن بۇ ئوردىدىن بىرمۇ لەشكەر چىقماپتۇ. ئاخىرىدا لەشكەرلەر ئوتتۇز ئاتلىقتىن سەپ تۈزۈپ، ياقۇت دەرۋازىدىن باستۇرۇپ كىرىپتۇ. بۇ ھېكىمەتلىك ياقۇت دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتى ئۆزلۈكىدىن شۇنداق بىر ئېچىلىپ يېپىلىپتىكەن، لەشكەرلەر شۇ يەردىلا ئاتلىرىدىن موللاق ئېتىپ، ھەممىسى يەر چىشلەپتۇ. بەگ بۇ قىزنى قولغا چۈشۈرەلمەي، باشقىچە ھىيلە ئىشلىتىپ، يىگىتنى ئۆلتۈرۈپ، قىزنى قولغا چۈشۈرمەكچى بوپتۇ. ئارىدىن بىر مەھەل ئۆتۈپ يىگىت شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە، بولغان ۋەقەنى خوتۇنىدىن بىرمۇ بىر ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنىغا بولغان مېھرى تېخىمۇ ئېشىپتۇ. ئۇلار بەگنىڭ يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، بىر پالاكەت كەلتۈردىغانلىقىنى مۆلچەرلەپتۇ. ئۇلار :«ھەرنىمە بولسا، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتايلى»دېيشىپتۇ. بەگمۇ يىگىتنى چاقىرتىپ ، تۇلپارنى قولغا چۈشۈرۈپ ، يىگىتكە بىر تۆھمەتنى ئارتىپ زىندانغا تاشلاش ئارقىلىق قىزنى سارايغا ئەكېلىۋالماقچى بوپتۇ- دە، ئەتىسى يىگىتنى بەگ ھۇزۇرىغا چاقىرتىپتۇ. يىگىت بەگنىڭ سارىيغا تۇلپارنى مىنىپ بېرىپتۇ. تۇلپارنى بىر يەرگە باغلاپ، بەگنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. پايلاقچىلار يوشۇرۇنچە تۇلپارنىڭ يېنىغا كېلىپ .ئۇنى ئەپقاچماقچى بوپتۇ. تۇلپار ئالدىغا كەلگەننى چىشلەپتۇ، ئارقىسىدىن كەلگەننى تېپىپتۇ، ھېچكىمنى يېقىن كەلتۈرمەپتۇ، يىگىت بۇنى تۇيۇپ قاپتۇ، بەگ بۇ يىگىتنىڭ ھېكمىتىگە ئۆزىنىڭ قۇدىرىتى يەتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ، يىگىت قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، بەگنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋاقتىدىمۇ مەسلىھەتچىسى بەگكە مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: — ئەي ھۆرمەتلىك بېگىمىز، مەرھۇم ئاتىلىرى بىر سېھىرلىك ئىشقا بەكمۇ قىزىققانىدى، بىراق مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. مەرھۇم بوۋىلىرىمۇ بۇ يولدا ئۇرۇنۇپ باققانىكەن. بىز بۇ يىگىتنى مۇشۇ يولغا سالساق، ئۇ بۇ ئىشنى ھەرگىز ئورۇنلىيالمايدۇ. سىلى مەرھۇم ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش:«بۇنى ئورۇنلايسەن، ئورۇنلىساڭ بەگلىكىمنى بېرىمەن، ئورۇنلىيالمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن» دەيدىلا. مانا بۇ مەقسەتلىرىگە يېتىشنىڭ چارىسى. — خوش، بۇ سېھىرلىك ئىش نېمىكەن؟— دەپتۇ بەگ، — بۇ سېھىردا ئىككى تۈرلۈك نەرسە بار ئىمىش،— دەپتۇ مەسلىھەتچى،— بىرى، شۇنداق بىر ساز ئىمىش. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە، ئالەمدىكى جېمى نەغمە - ناۋادىن خالىغىنىنى ئۆزى چېلىپ بېرەرىمىش، كۆڭۈلنى بەكمۇ خۇش قىلارىمىش، يەنە بىرى، ئىپار كېيىك ئىمىش. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە، ئەتراپ خۇش پۇراققا تولارمىش، شۇ ئەتراپتىكى پۇقرالاردىن كېسەل بولغانلار ساقىيارمىش، زادى كېسەل بولماي، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساغلام ئۆتەرمىش. بەگ بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ- دە: —يا شۇ قىزغا ئېرىشەي، يا بۇ سېھىرلىك نەرسىلەرگە ئىرىشەي. بۇ سېھىرلىك نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسەملا، بەگلىكىمدىن ۋاز كېچەي،—دەپتۇ. يىگىت قايتا بەگ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلىپتۇ. —ھەي يىگىت،— دەپتۇ بەگ،—مەن سېنىڭ زېرەك ۋە ئەقىللىكلىكىڭگە قايىل بولدۇم. مېنىڭ. ئىككى نەرسىگىلا ھاجىتىم بار
شۇنى ئورۇنلىساڭ ، بەگلىكىمنى ساڭا ئۆتۈنىمەن، ھاجىتىمدىن چىقالمىساڭ، مېنىڭدىن رەنجىمە. —قولۇمدىن كەلسىلا ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا تەييارمەن،— دەپتۇ يىگىت. بەگ سېھىر قىلىنغان ساز بىلەن ئىپار كېيىكنى نەدىن بولسا، شۇ يەردىن تېپىپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. يىگىت: _ خوپ، مەن ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش يولىغا ئۆزۈمنى ئاتىغان، ئۆلمىسەملا تەلەپلىرىنى ئورۇنلايمەن،—دەپتۇ. يىگىت قايتىپ بارغاندىن كېيىن بولغان ۋەقەنى، بەگنىڭ ھاجىتىنى خوتۇنىغا دەپ بېرىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ: _ ئاتام تۇرۇۋاتقان غاردىن قىرىق بىر كۈنلۈك يىراق بىر تاغنىڭ يېنىدا يەنە بىر غار بار. غارنىڭ ئىچىدە دىۋىلەر ئۇخلايدۇ. دىۋىلەر ئۇخلاپ قالغان بولسا، ئەتراپ تىمتاس، جىمجىتلىققا چۆمۈلىدۇ، ئۇچار قۇشلارمۇ سايرىمايدۇ. بۇ چاغدا سىز يېتەرلىك ئوزۇق، ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ، نېرىدىكى بىر كاماردا بىر ئايغىچە يېتىڭ، قاچان ئۇچار قۇشلار سايرىغان، يېقىملىق ساز - نەغمە ئاڭلانغان چاغدىلا غارغا كىرىڭ. ئۇ چاغدا دىۋىلەر بىر يىللىق يەرگە سەپەر قىلغان بولىدۇ. سىز غارنىڭ بىرىنچى ئىشىكىنى ئاچقاندىن كېيىن، بىرىنچى ئويۇقتا ئالتۇن تاۋاقتا دانلاۋاتقان بىر دەمدەر بار. بۇ دىۋىلەرنىڭ جېنى، سىز ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋېتىڭ، بولمىسا دىۋىلەر يېتىپ كېلىدۇ - دە، سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بوينىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئويۇقتىكى ئالتۇن ساندۇق ئىچىدە قىرىق ئاچقۇچ بار، ئۈنى ئېلىپ ئۆيلەرنى بىر - بىرلەپ ئاچسىڭىز، قىرىقىنچى ئۆينى ئىچىدە نۇر چاقناپ تۇرغان بىر گۆھەردىن ياسالغان ھاسا بار ئۈنى ئېلىپلا قېچىڭ. سىزنى بىر توپ ئاتلىقلار قوغلايدۇ يېتىشەلمىسە، شۇ بويىچە يىنىت كىلىڭ، يېتىشىۋېلىپ ئارىغا ئېلىۋالسا:«ھەي ئەزىز تۇلپارىم» دەپ، تۇلپارنىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇڭ، مۈشكۈلىڭىز ئاسان بولىدۇ. بەگنىڭ يەنە بىر ھاجىتىنىڭ سىرىنى سىز سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەپ بېرىمەن. يىگىت خوتۇنىنىڭ دېگىنى بويىچە سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. تاغنىڭ كامېرىدا ئىككى ھەپتە يېتىپتۇ، خوتۇنىنىڭ دېگىنىنى بىرمۇ بىر ئورۇنلاپ، سېھىرلىك ھاسىنى ئالغان پېتى قېچىپتۇ. ئارقىسىدىن قوغلىغان بىر توپ ئاتلىقلار يىگىتنى يېرىم يولدا ئارىغا ئىلىۋاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ:«ھەي ئەزىز تۇلپارىم» دەپ، تۇلپارنىڭ بېشىنى بىرلا سىلاپ قويغانىكەن، تۇلپار تۈگۈلۈپ تۇرۇپ بىر سەكرەپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. قوغلىغانلار ئاسمانغا قارىغىنىچە چۆل- جەزىرىدە قاپتۇ. يىگىت سالامەت قايتىپ كىلىپ، بەگكە سېھىرلىك گۆھەر - ھاسا شەكىللىك سازنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپتۇ. بەگ سازنىڭ نەچچە مىڭ خىل نەغمە - ناۋاسىغا مەپتۇن بوپتۇ. ئەمما، بىردىنلا يەنە بىر سېھىر ھەققىدىكى سۆزىنى ئەسلەپ، ئىپار كېيىكنى تېپىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. يىگىت خوتۇنىدىن بۇنى تېپىپ كېلىش توغرىسىدىكى سىرنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ: — ھەي زېرەك باتۇرۇم، سىزنىڭ ئۆز جېنىڭىزنى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ئاتىغانلىقىڭىزغا قايىلمەن. سىز ئەڭ قىيىن ئىشنى ئورۇنلىدىڭىز. ئىپار كېيىكنىڭ جاپالىق يولىنى سىز ئاللىقاچان بېسىپ بولغان. ئەسلىدە ئىپار كېيىك مېنىڭ ئىدى. سىز سورىمىغاندىن كېيىن، مەن ئەكەلمىگەن. خەير، بوپتۇ، بەگكە كېرەك بولسا بېرەيلى. سىز ئاتامنىڭ ماكانىغا بېرىڭ، چارباغدا كېيىك بار، ئۇ ياتقان بولسا زادى تۇتماڭ، ئوتلاۋاتقان بولسا تۇتۇڭ. يىگىت خوتۇنىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە غارغا بېرىپ، چارباغقا كىرىپتۇ. ئۇ ئىزدەپ بارسا، ئىپار كېيىك ياتقۇدەك. يىگىت يېرىم كۈن قاراپ تۇرۇپتۇ، كېيىك ئوتلاشقا باشلىغاندىلا قوغلاپتۇ. ئىپار كېيىك تۇتۇق بەرمەي ئويناقلاپ قېچىپتۇ، قوغلاۋەرگەندىن كېيىن، بىر تاغنى ئاتلاپ، بىر ئۆيگە قېىچىپ كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت تۇلپارىنى بىر دەرەخكە باغلاپ، ئىپار كېيىكنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىسا قىزنىڭ ئاتىسى كىتاب ئوقۇۋېتىپتۇ، كېيىك سەل بېرىسىدا كۆشەپ يېتىيتۇ. يىگىت قېيىنئاتىسى كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈشىگە سالام بېرىپ ئەھۋاللىشىپتۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىپار كېيىكنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى دەپتۇ. — ئوغلۇم، — دەپتۇ قىزنىڭ ئاتىسى،— بۇ ئىپار كېيىكنى بۇرۇنلا سورىماي، خېلى ئاۋارە بوپسەن، بۇنچىلىك ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. سەن دېمىڭنى ئېلىپ ئاندىن قايتقىن، ئىپار كېيىك سېنىڭدىن بۇرۇن يېتىپ بارىدۇ. يىگىت دېمىنى ئېلىپ، تۇلپارغا مىنىپ ئۆيىگە كەلسە، دېگەندەك ئىپار كېيىك خوتۇنىنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ. ئەتىسى يىگىت ئىپار كېيىكنى يېتىلەپ، بەگنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ، راست دېگەندەك، ئوردىنى خۇش پۇراق قاپلاپتۇ، كېسەل بولغانلار ساقىيىپتۇ، ھەممە كىشى كۈچكە تولغاندەك بوپتۇ. بەگ بۇ سېھىرلىك نەرسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆز تەۋەسىدىكى جىمى ئادەمنى توپلاپ، ئالدى بىلەن ئاتا - بوۋىسىنىڭ سېھىرلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىش يولىدا مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى سۆزلەپتۇ، ئاندىن ئۇلار ئۈچۈن نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۆزىنى بۇ سېھىرلىك نەرسىلەرگەن ئېرىشتۈرگەن زېرەك، ئەقىللىك، باتۇر يىگىتكە ۋەدىسى بويىچە بەگلىكنى ئۆتۈنۈپتۇ. يىگىت ئەلگە قىرىق كېچە-كۈندۇز مەرىكە ئۆتكۈزۇپ بېرىپتۇ. يۇرت ئىچىدە يىگىت ۋە ئايالى ئابرۇي تېپىپتۇ، ئەل باياشاتلىققا ئېرىشىپتۇ. تۈگىدى