: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

شىلەپە ئۈستىدىكى پاقا​

شىلەپە ئۈستىدىكى پاقا​

بىز شۇ كېچىسى ھىندىستاننىڭ «سەرگەردان» فىلىمىنى كۆردۇق، بۇ بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدىكى تۇنجى كۆرگەن چەتئەل كىنوسى ئىدى. قىقاس-چۇقانلار، ئىسقىرتىشلار، كىنوچىنى غەزەپ بىلەن تىللاشلار ئارقىلىق بۇ فىلىمنى تۈن تەڭ بولغاندا ئاران كۆرۈپ تۈگەتكەن ئىدۇق. شۇ كۈنى كەچ بىز بۇ كىنو توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلالمىغاچقا، ئەتىسى مەھەللىمىزنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى «قازغان دۆۋە»نىڭ يېنىغا يىغىلىپ، بۇ كىنودىكى ۋەقەلىكنى دوراپ ئوينايدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. ئەتىسى مەن كۈندىكىدىن بالدۇر ئويغاندىم، خۇددى كوچىدا بىرنەرسەمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئەتىگەنلىك ناشتامنى جىرىس ئۇنىدا قىلىنغان پومنان بىلەن ھاپىلا-شاپىلا قىلدىم-دە، ئۇدۇل قوشنىمىز مىدەلىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم. مەن ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا كىرىشىمگە مىدەلىم:-دادا، مەن راجىدەك ئوغرى بولىمەن، زاكىردەك قاراقچىمۇ بولىمەن،-دەپ بالىلارچە كۆرەڭلىك بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. مەن مىدەلىمنىڭ دادىسىغا دېگەن سۆزىدىن چۆچۈپ كەتتىم. ئويۇمدا مىدەلىمنىڭ دادىسى ئۇنىڭ ئاغزىغا كېلىشتۈرۈپ ئۇرىدۇ ياكى پاچىقىنى چاقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. چۈنكى مېنىڭ دادامنىڭ قۇلىقىغا بۇنداق يامانغا جورىيدىغان گەپ كىرىپ قالىدىغان بولسا قىلچىلىك قاراپ ئولتۇرماي ئاغزىمغا ئۇرىدىغان ياكى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ «دادا، بۇنداق گەپنى ئىككىنچى ئاغزىمغا ئالمايمەن!» دېگەن چاغدىلا ئۆيگە كىرگۈزەتتى. بىراق مىدەلىمنىڭ دادىسى ئۇنداق قىلمىدى. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى بۇ ئادەم مىدەلىمنى لىككىدە كۆتىرىپ ھاۋالاتقاندىن كېيىن:-ئالامەتتە مېنىڭ ئوغلۇم!-دەپ ئەركىلەتكىنى بولدى. شۇ چاغلاردا مىدەلىم 11ياشلاردا مەن توققۇز ياشتا ئىدىم. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. سېرىق ئالتۇندەك جۇلالاپ تۇرىدىغان چاچلىرى، قۇمچاقتەك تىنىمسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان كۆز قارىچۇقى بىلەن ئۇ باشقا بالىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى.-داداڭ ئۇرمايدىكەن ھە سېنى؟-دېدىم مەن بىز كوچىغا چىققاندا. مىدەلىمنىڭ قۇمچاقتەك تېز ھەرىكەتلىنىدىغان كۆز قارىچۇقىنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتتى.-بىكاردىن نېمىشقا ئۇرىدۇ؟ قىزىققۇ سەن!-دېدى ئۇ.-مەن دادامغا شۇنداق دەيدىغان بولسام پاچىقىمنى چاقاتتى،-دېدىم مەن.-ئوسال دادىكەن سېنىڭ داداڭ.-ئۇ شۇنداق دەپ ئىككى بارمىقىنى ئاغزىغا سېلىپ شۇنداق بىر ئىسقىرتىۋىدى، بىردەمدىلا مەھەللىدىكى دوستلىرىمىز بىزنىڭ يېنىمىزدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ داداڭ ئوسال دادىكەن» دېگەن سۆزىدىن ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىر نەرسە دېيەلمىدىم. يىغىلغان ئاغىنىلەر مەھەللىدىن چىقىپ، قاچانلاردىدۇر قېزىلىپ ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىلگەن قازغان دۆۋىگە بېرىپ ئويۇنىمىزنى باشلىدۇق. بىز قازغان دۆۋىنىڭ ھەربىر تۆشۈكلىرىگە بىمالال كىرىپ، مۆكۈشمەك ئويناۋاتساق، يالقۇن:-مىزگىنىم يوقاپ كەتتى،-دەپ ۋاقىراپ كەتتى، بىز ئويۇننى يىغىشتۇردۇق. يالقۇن مىزگاننى ئىزدەپ كىرمىگەن تۆشۈكى قالمىدى، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالىتىنى كۆرۈپ باشقا بالىلارنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولدى. يالقۇن ھەر قېتىم ئوينىغىلى چىقسا مىسرەڭ مىزگىنىنى بىرگە ئېلىپ چىقاتتى، بىزدە ئۇنداق مىزگان بولمىغاچقا ھەممىمىز ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنەتتۇق.ئويۇن ئوينىساق ئۇ مىزگاننى مىزگانچى ھەربىيلەردەك ياڭراق ئاۋازدا چېلىپ، ھەممىمىزنى «جەڭ»گە ئۈندەيتتى، بۇ چاغدا بىزنىڭ جاسارىتىمىز ئۇرغۇپ «دۈشمەن»گە غەزەپ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېرە-پېرەن قىلىۋېتەتتۇق. بۈگۈن ئۇنىڭ بۇ خاسىيەتلىك مىسرەڭ مىزگىنىنىڭ ئاياغ ئاستىدىن يوقاپ كېتىشى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىپ قويدى. بىز بېشىمىز ساڭگىلىغان، كۆڭلىمىز يېرىم بولغان ھالدا ئۆيىمىزگە قايتتۇق. مەن شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەن ھاجەتخانىغا كېتىۋېتىپ، مىدەلىمنىڭ ھويلىسى تەرەپتىن ئۈنى پۈتۈپ قالغان غازنىڭ ئاۋازىدەك غەيرى بىر ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم تېپچەكلەپ كەتتى. شۇ ھامان ھاجەتكىمۇ بارماي ئۇدۇل مىدەلىمنىڭ ھويلىسىغا كىردىم. مىدەلىم مېنى كۆرۈپ ئاغزىدىكى چىڭقىلىپ پۈدەۋاتقان مىزگاننى قولىغا ئېلىپ، بىگىز بارمىقىنى ئاغزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ، «گەپ قىلما!« دېگەندەك ئىشارە قىلدى ھەم ئالدىدىكى يەرنى كۆرسەتتى. ئۇ كۆرسەتكەن يەرگە قارىسام مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتىكى بىر چار پاقا ئۇنىڭ ئالدىدا قورسىقىنى يەرگە چاپلاپ مىدەلىمگە قاراپ ياتاتتى. يات ئادەمنىڭ كىرگەنلىكى سەۋەپ بولدىمۇ ياكى مىزگاننىڭ ئۈنى ئۆچكەنلىكى سەۋەپ بولدىمۇ، پاقا مېنىڭ كىرىشىم بىلەنلا جايىدىن لىككىدە سەكرەپ كۆزدىن غايىپ بولدى. ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ-ئېسىت، نەدە تايىنى يوق ۋاقىتتا كىرىپ پاقىنى قاچۇرىۋەتتىڭ،-دىدى مىدەلىم، ئۇنىڭ ئەپتىدىن قولىدىكى مىزگاننى ئوغۇرلىۋالغانلىقىدىن نومۇس قىلىش يوق ئىدى.-ئاغزىڭدىكى يالقۇننىڭ مىزگىنىغۇ، ئوغرىلىۋاپسەندە؟-دېدىم مەن ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ.-شۇنداق ئوغرىلىۋالدىم، گېپىڭ بارمۇ؟ يا چېقىپ قويغۇڭ بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ...-ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرمىدى. مەن ئۈنچىقمىدىم، بىراق ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى. شۇڭا تېزلا ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ھويلىسىدىن چىقىپ كەتتىم. دادام مېنىڭ پەرىشان ھالىتىمنى كۆرۈپ:-بالام، ئەتىگەندىلا توڭ غورا يەۋالغاندەك چىرايىڭ پۈرۈشۈپ كېتىپتىغۇ، نېمە بولدۇڭ، بىر نېمە بولمىغانسەن؟-دەپ سورىدى. مەن بولغان ئىشنى دەپ بېرىۋىدىم، ئاخشام مىزگاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن ئاچچىقلانغان دادام، بۇ قېتىم مىزگاننىڭ تېپىلغانلىقىنى مەندىن ئۇقۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، دادام چىقىپ كېتىشىگىلا يۈرىكىم سېلىپ «نېمىشقىمۇ بۇ گەپنى دادامغا دېگەندىمەن؟» دەپ ئاغزىمغا ئۇرۇپ كەتتىم، راستىنى ئېيتسام مەن مىدەلىمدىن بۇ ئىش تۈپەيلى ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. بولغۇلۇق بولغان ئىدى، ئەمدى مىڭ قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيتتى. شۇڭا تۇرغان جايىمدىلا پىرقىراپ قالدىم. ئادەم بايقاشنى بىلمىسە قاقشاشنى ھەمراھ قىلىدىكەن، شۇ كۈنى مەھەللىمىزدە چوڭ جېدەل بولدى. دادام ئۇدۇل چىقىپ مىدەلىمنىڭ دادىسىغا مىزگان ئىشىنى دەپتىكەن، تەرسا مىجەز قادىر مىسۋاش دەيدىغان بۇ ئادەم دادامنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان گەپ:-نېمە خەققە تۆھمەت چاپلايسەن ھەزىلەك! بالام نەدە تۇرۇپ خەقنىڭ مىزگىنىنى ئالىدۇ؟!-ھەي تانغاق، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مىزگاننى بالام كۆرۈپتىغۇ، مېنىڭ بالام يالغان سۆزلەيدىغان بالا ئەمەس.-يالغان سۆزلىمەيدىغان بالىمىش!-دادام ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى دەپ بولغۇچە قادىر مىسۋاش دادامنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپتۇ، ئىككى قوشنا كاللا-موللاق بولىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە يالقۇن دادىسى ئەيسا بىلەن كىرىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن جېدەل تېخىمۇ ئاۋۇدى. مەن ھاڭۋاققىنىمچە مىدەلىمنىڭ ھويلىسىدىكى جېدەلنى ئاڭلاپ تۇرسام دادام يۈگرۈپ دېگۈدەك ھويلىغا كىردى-دە، مېنى قادىر مىسۋاشلارنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى.-مەن ساڭا ئىشىنىمەن ئوغلۇم، ئەركەكتەك گاچ-گاچ سۆزلە! ئەتىگەن مىدەلىمنىڭ قولىدا مىزگاننى كۆرگىنىڭ راستمۇ–يالغان؟-مەن مىدەلىمگە قارىدىم، ئۇ قولىدىكى تۇتۇۋالغان يوغان چارپاقىنى ماڭا نوقۇدى. يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. مەن پاقىدىن قورقتۇممۇ، مىدەلىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇممۇ بىلەلمەي قالدىم.-مەن ئەسلى مىدەلىمنىڭ باشقا نەرسىنى چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك قىلىمەن،-دەپ سالدىم. بۇ گەپ بىلەن يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن شاپىلاق زەربىسىدىن بىر يېنىمغا گۈپپىدە چۈشۈپ يۈز-كۆزۈم توپىغا مىلىنىپ كەتتى. دادام قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ سىلكىنىۋاتقان ۋۇجۇدىدىن غۇرۇرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خورلانغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم، مەن تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتراپىمغا قارىدىم، دادام يوق، ئەمما مىدەلىم «ياخشى» دېگەندەك قىلىپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ تۇراتتى. ئەنە شۇ بىر ئېغىز يالغان گۇۋاھلىق بېرىش تۈپەيلى، مەن ئۆزۈم سۆيگەن يۇرتتىن ۋە دوستلىرىمدىن ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىمنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.-مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشقا يۈزۈم قالمىدى، مەن بالا ئەمەس، بىر يالغانچى، يۈزسىزنى، توخۇ يۈرەك، ئاقنانچىنى بېقىپتىمەن، بۇ يەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسەك بۇ مېنىڭ چىرىغىمنى يېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ چىقىدۇ، مەن بۇنىڭغا يول قويالمايمەن، شۇڭا كېتىمىز يىراق–يىراقلارغا كېتىمىز، چوڭلار «ئۆي ئالما، قوشنا ئال!» دەپ بىكار ئېيتمىغان، بىز بۇنداق ئادەملەر بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇرساق كەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېيتقۇسىز پۇشايمانغا قالىمىز… دادام سۆزلىمەكتە ئىدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى سىلكىنمەكتە ئىدى، ئاپاممۇ، مەنمۇ، مەھەللىدىكىلەرمۇ دادامنىڭ غۇرۇرلۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتۇق. ئەمما شۇنچىلىك ئىش ئۈچۈن يۇرتنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىغا بىز ئىشەنمەيتتۇق، مېنىڭ پۈتۈن ئەس خىيالىم مىدەلىم ئائىلىسى خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ، مىزگان ئىشىنى دېسە بولاتتى دېگەندىلا ئىدى. ئەمما ئىش ئويلىغىنىمدەك بولمىدى، مىدەلىملەرمۇ خاتالىقىنى بوينىغا ئالمىدى، داداممۇ بۇ يۇرتتىن كېتىش نىيىتىدىن يانمىدى، شۇ ئىش بولۇپ ئىككى كۈن ئۆتۈپلا دادام ئۆيىمىزنى ئېلىشىغا سېتىپ بىزنى ئېلىپ ماڭدى. مەن يۈرىكىمنى بىرى يەۋاتقاندەك ئازابلاندىم. ئاپامغا تەلمۈردۈم، ئاپام دادامغا غىڭ قىلالمايتتى، مەھەللىدىكى ئادەملەرگە قارىدىم. ئۇلارمۇ دادامنى قارارىدىن ياندۇرالمىدى. مەھەللىدىكى ئاداشلىرىم بوينىنى قىسىپ قالدى. شۇ چاغدا مىدەلىمنىڭمۇ ماڭا چىدىماي قالغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. بىز كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ يېڭى بىلەن كۆزىنى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ بىز يۇرتىمىزغا ئۇزۇن يىل قەدەم باسمىدۇق. ئەينى چاغدىكى دادامنىڭ ئازابلىق ھالىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، مەن جەسۇر دادامنىڭ مۈكچەيگەن ئومۇرتقىسىدىن چىققان غاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ئىدىم. تاقىر يەرگە ئېڭىشىپ كېتىۋاتقان دادامنىڭ مەغرۇر گەۋدىسى بارا-بارا كىچىكلەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاشۇنچىلىك ئىشقىمۇ يۇرتنى تاشلاپ كېتىشى قەتئىي ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭ نەرىگە دەز كەتكۈزگەندۇ؟ ئادەم شۇنداقمۇ جاھىل بولامدۇ؟ مەن بۇ سوئالىمغا جاۋاپ تاپالماي قىينىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام مېنى ئولتۇرغۇزىۋېلىپ:-مەن خاتا قىلمىدىم بالام،-دېدى. ئىچىمدە غۇم بولسىمۇ ئاپام ئىككىمىز بىر قېتىممۇ دادامغا بۇ ئىشنى خاتا قىلدىڭ دېمىگەن ئىدۇق. بۇ گەپنى ئاپاممۇ، مەنمۇ دادامغا تىكىلىپ تۇرۇپ دېيىشكە قۇربىمىز يەتمەيتتى،-مەن سېنىڭ مۇناپىق بولۇپ قېلىشىڭدىن، ئوغرى بولۇپ قېلىشىڭدىن قورقتۇم،-مەن دادامنىڭ بۇ گەپنى نېمە سەۋەپتىن دەۋاتقانلىقىنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىدىم. ئەمما دادامنىڭ بۇ يۇرتقا كەلگەندىن بېرى شۈكلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇردۇم، ئۇنىڭدىكى مەردانىلىقنىڭ سۇسلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشقا مەن سەۋەپچىدەك ئۆزۈمنى گۇناھكار ھېس قىلىپ، تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەيدىغان بولۇپ قالدىم. دادام بۇ يۇرتقا كېلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەپچىلگىنە بىر تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئېچىۋېلىپ ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى، دادامنىڭ بۇ ھۈنەردە قولى گۈل ئىدى. ئاز مەزگىل ئۆتە–ئۆتمەيلا دادامنىڭ بۇ ھۈنەردىكى داڭقى يىراق-يېقىنغا تارىلىپ كۈنلىرىمىز ئىزىغا چۈشتى. مەنمۇ ئوقۇش قوينىدا بەختلىك ياشىماقتا ئىدىم. ھەر كۈنى ئۆيگە ھېرىپ-ئېچىپ كىرگەن دادام:-مەن قارا قورساق ئادەم بالام، ساڭا كۆپ گەپ دەپ بېرەلمەيمەن. ئەمما ساڭا دەيدىغىنىم دوستنى ياخشى تاللا، دوستنى ياخشى تۇتمىساڭ بولمايدۇ،-دېيىشنى ئۇنتۇمايتتى. بەزىدە مەن ئۆيگە باشلاپ كەلگەن دوستلىرىمغا ئۇزاق قاراپ كەتكەندىن كېيىن:-ياخشى دوستلىرىڭ بەلەن بالىلاركەن، كاززاپ ئەمەسكەن،-دەيتتى. مەن دادامنى ھەقىقەتەن سىنچى ئادەم دەپ ئويلايتتىم، ئۇ بىر ئادەمگە شۇنداق قاراپلا ئىچ –قارنىنى بىلىپ قالغاندەك توغرا باھا بېرەلەيتتى، ۋاقىت ئاققان سۇدەك تېز ئۆتمەكتە ئىدى. مەنمۇ دادامنىڭ كۈتكىنىدەك ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، مەن پەقەت ئۆيىمىزگە يىلدا بىر قېتىملا كېلەلەيتتىم، ھەر قېتىم كەلگىنىمدە دادامنىڭ باشقىچە تۈسكە كىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ بەش يىللىق ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ بولدۇم. ئوقۇشنى تاماملاپ ئۆيگە كەلگىنىمدە دادامنىڭ تامامەن قېرىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا چىقماي ئەتىدىن كەچكىچە ياتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىيۇ، بىر يەرلىرى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندەك چىرايلىرى پۈرۈشۈپ كەتتى.-دادا، مەن سېنى داۋالىتاي.-دېدىم مەن زەبەردەست دادامنىڭ بۇ ھالىدىن يۈرىكىم سۇ بولۇپ.-داۋالاندىم بالام، ئەمدى پۇل بۇزمايلى، سەندىن بىر ئۆتۈنۈشۈم…-دادام سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرمىدى.-ئېيتە دادا، سەن مېنى ئەر يەتكۈزدۈڭ، قانداق تەلىپىڭ بولسا مەن ئورۇندايمەن.-مەن خىجىل بولۇۋاتىمەن،-دادامنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايى قىزارغاندەك بولۇپ قالدى.-دەۋەرگىن دادا، ھەرگىز ئارىسالدى بولما.-بالام مەن يۇرتنى سېغىنىۋاتىمەن، كۆچۈپ كېتەيلىمىكىن،-دادام بۇ گەپنى بەكمۇ تەستە ئېغىزىدىن چىقاردى. مەن قىلچە تارتىشمىدىم.-بولىدۇ دادا، مەنمۇ يۇرتنى سېغىندىم. كۆچۈپ كېتەيلى.-مېنىڭ يۈرىكىمگە نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم، ئۇ تىپچەكلەۋاتاتتى، دادامغا قارىدىم، ئۇ ئوڭايسىزلانغاندەك تۇراتتى. مەن دادامنىڭ خىجىل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم. بىراق كۆزىدىكى ئىلتىجادىن يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە تەشۋىش تۇمانلىرى ئەگىپ قالغاندەك بولدى. دادامنىڭ بىر نەرسىگە ئالدىراپ قېلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ چىرايىدىن مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ قوشۇلۇشۇمغىلا تەقەززا ئەمەستەك، بولسا ھازىرلا كۈدە-كۆرپىمىزنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقساق خوشال بولىدىغىنى ئېنىق ئىدى. مېنىڭ خىيالىم مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئىدى، چۈنكى مەن سۆيگەن قىزمۇ مۇشۇ يەرلىك ئىدى. بۇ ئۈمىدىم زور بولسىمۇ بۇنى دادامغا دېسەم ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولىدىغانلىقى خىيالىمدىن كەچتى. دادام مەن ئۈچۈن بەك-بەك قۇربانلىق بەرگەن يەردە مەن ئۆز ئارزۇيۇمنى قۇربان قىلسام نېمە بولۇپتۇ؟ يەنە كېلىپ مەن كەتمەكچى بولغان يەر مېنىڭمۇ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يەرغۇ؟ مەن شۇلارنى ئويلىدىم. ئاپام بىچارە يەنىلا قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمەيتتى. ئۇنىڭ كۆنگىنى رايىشلىق ئىدى، ئۆمرۈمدە ئاپامنىڭ بىرەر قېتىممۇ دادامنىڭ قارارىغا قارشى چىقمىغانلىقى مېنىڭ ئىچىمنى پۇشۇراتتى. ئاپام دادامنى پادىشاھتەك، ئۆزى ئۇنىڭ خاس مۇلازىمىدەك ھېس قىلامدۇ قانداق؟ ياكى دادام ئاپامنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇۋەتكەنمۇ؟ مەن بۇ ئىشقا جاۋاپ تاپالماي قىينىلاتتىم. ئاپامغا نىسبەتەن ئۆزى بىر قوللۇق تېرىغان گۈللەرمۇ دادامنىڭ مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇشى بىلەن پورەكلەپ ئېچىلىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.مەن دادامنىڭ تەقەززاسىنى تامامەن چۈشىنىپ بولدۇم. چىن سۆزۈمنى دېسەم دادامنىڭ ئويلاۋاتقىنى، ئۆلۈكىنىڭ ياقا يۇرتتا قالماسلىقى ئىدى، گەرچە مەن بۇنى سېزىپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ، يۈرىكىم لەختە-لەختە قان بولۇپ يىغلاۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئازابنى چىرايىمدا ئىپادىلەپ قويۇشتىن شۇنچىلىك قاتتىق ئېھتىيات قىلىۋاتاتتىم. داداممۇ ئۆزىنىڭ ساناقلىقلا كۈنى قالغانلىقىنى ئاپام ئىككىمىزگە بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىۋاتاتتى. شۇڭا مەن دادامغا ئەڭ زور تەسەللىي بېرىدىغان بۇ ئىشنى تېزرەك پۈتتۈرۈش ئۈچۈن رەسمىيەتلىرىمنى بېجىرىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىز ئۇزۇن ئولتۇرغان بۇ ئۆينى ياخشى باھادا ساتتىم ھەم ياخشى بىر كۈننى تاللاپ يولغا چىقتۇق. دادامنىڭ شۇ كۈنى ئاپىسى بىلەن بىللە تويغا ماڭغان بالىدەك خوش بولۇپ كەتكەن ھالىتىگە قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى. دادام يولغا چىققاندا كەينىگە قاراپ قويمىدى. رايىش ئاپام بىلەن مەن گىرۋەكلىرىگە سېنكا بېرىپ ئاقارتىلغان ئۆيىمىزگە، بېغىمىزدىكى مىۋە دەرەخلىرىگە، دادامنىڭ بوينىنى قىسىپ قالغان تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا ئۇلارنىڭ غۇۋا سىماسى قالغۇچە يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ قالدۇق.مەن ئۆينى ساتقان چاغدىكى بىر ئىشنى چۈشىنەلمەي قالدىم. دادام تۆمۈرچىخانىسىنى سېتىۋېتىشكە قوشۇلمىدى. شۇ كۈنى دادام ئورنىدىن بۇرۇن ئاغرىپ باقمىغاندەك روھلۇق تۇردى. دادام مېنى چاقىرىۋېلىپ، مەڭلىكنى چاقىرىۋېلىشىمنى ئېيتتى، مەڭلىك دادامنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلغان ۋاقىتلىرىدىكى شاگىرتى ئىدى. مەن مەڭلىكنى چاقىرتىپ كىرگەندە دادام ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇ بىزنى كۆرۈپ يېنىدىن ئايرىمايدىغان ئاچقۇچىنى ئېلىپ تۆمۈرچىخانىنىڭ ئىشىكىگە يانتۇ قىلىپ بەلدەم قىلغان تۆمۈرنىڭ ھالقىسىغا سېلىنغان شادا قۇلۇپنى ئاچتى. تۆمۈرچىخانىنىڭ ئىچى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى. تورۇسنى ئاقۇش جانسىز تور قاپلىغان بولۇپ، سامىنى چىقىپ قالغان كاكىل سۇۋاقلىق تامغا تۈرلۈك تۆمۈرچىلىك قىلىدىغان سايمانلار رەت-رېتى بىلەن ئېسىلغان ئىدى. نېپىز توپا قونغان سەندەلنىڭ يۈزى چوقۇر ئادەمنىڭ يۈزىدەك مۈدۈر-چوقۇر بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇزۇن يىل سوقۇلغان تۆمۈرلەرنىڭ ئىزناسىغا گۇۋاھ ئىدى. ياندا تۇرغان بازغاننىڭ سېپى بىرى زەيتۇن يېغىدا ياغلاپ قويغاندەك سىلىقلىشىپ كەتكەن ئىدى. دادام بۇ دۇكىنىغا بۈگۈنلا كىرگەندەك ئىچىگە ئۇزاق قاراپ كەتتى. سەندەلنى سىلاپ قويدى. سېپى ئىنچىكە بازغاننى كۆتۈرۈپ دەڭسەپ باقتى. ئاندىن مەڭلىككە قارىدى. ئۇنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرى دەريا بېلىقىدەك بۆرتۈپ تۇرغان بېلىكىنى ئاتىلارچە مېھرى بىلەن سىلاپ قويدى، ئاندىن ئۇنىڭ تۆگە پەنجىسىدەك يوغان قولىنى ئۆزىنىڭ ئېتى قالمىغان تارشىدەك قولى بىلەن تۇتتى.-بالام، مەن ساڭا بۇ دۇكاننى قالدۇردۇم، بۇ ھۈنەر ساڭا بۇرۇنقىدەك نەپ ئەكىلەلمەسلىكى مۇمكىن، بازارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاۋاتلىقى قالمىدى، شۇنداقتىمۇ بۇ دۇكان ساڭا ئەسقاتىدۇ، سەندەل-بازغانلارنى ساقلاپ قوي، دۇكاننى قانداق ئۆزگەرتىپ پايدىلانساڭ بۇ سېنىڭ ئۆز مەيلىڭ.-دادام شۇ گەپنىلا قىلدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىدەك بىر سايىنى غىل –پال ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇ شۇنداق دەپ شادا قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچىنى ھالقىسىدىن ئايرىپ مەڭلىككە تەڭلىدى. مەڭلىك كەمسۆز يىگىت ئىدى. ئۆز كۆڭلىنى بىراۋغا لايىقىدا ئىپادىلەپ بېرىشنىمۇ بىلمەيتتى، شۇنداقتىمۇ:-ئۇستام، مەن سىزگە چىدىمايمەن، بىراق قېرىغان دادام، ئانامنى باقمىسام بولمايدۇ، بولمىسا سىز بىلەن كېتەتتىم. مەن بۇ دۇكاننى ئۆزگەرتمەيمەن، يەنىلا تۆمۈرچىلىك قىلىمەن، مەن ئويلاپ قالدىم، ئات تاقىلىمىساممۇ باشقىلارغا لازىملىق نەرسىلەرنى ياساپ سىزنىڭ چىرىغىڭىزنى ئۆچۈرمەيمەن،-دېدى. كەمسۆز مەڭلىكنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆز دادامنى ھاياجانلاندۇرغان ئىدى، مەن بۇنى ئۇنىڭ پارقىراپ قالغان كۆز قارىچۇقىدىن بىلىپ قالدىم.-رەھمەت مەڭلىك بالام، ئۇنداق دەپ بۇ ئىشنى ئۆزۈڭگە يۈك قىلىۋالما، بۇ دۇكاننىڭ ئىزى قالسا بولدى، جان بېقىشىڭ ئۈچۈن قايسى تەرەپتىن ئوڭ كەلسە شۇنىڭغا ئۆزگەرتىپ پايدىلانساڭ بولىدۇ. دادام شۇنداق دەپ كەينىگە ياندى. ئۇ دۇكاننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە يەردە ياتقان تاقا مىخنى كۆرۈپ قالدى، دادام ئېڭىشتى، ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىنىڭ غاراسلاۋاتقان ئاۋازى يەنە بىر قېتىم قۇلىقىمغا ئاڭلاندى. دادام مىخنى سەندەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئۇنداق قىلمىدى. دادام بۇ مىخنى ئارزۇلۇق نەۋرىسىنى يۆگەككە يۆگىگەندەك، قول ياغلىقىنىڭ بىر بۇرجىكىگە يۆگەپ يانچۇقىغا سالدى. مەڭلىك دادامغا يەنە بىر نەرسە دېمەكچىدەك ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولۇپ توختاپ قالدى. ئارقىدىن يەنە :-خوش ئەمەت ئۇستام، مەن سىزنى ئىزدەپ بارىمەن، ھازىر...-دادام ئارقىسىغا بۇرۇلدى:-ماڭا پۇل بەرمەكچىمىدىڭ؟ مېنىڭ كۆڭلۈم شۇنچىلىك پەسمۇ؟ دۇكاننى ساقلاپ قالالمىساڭمۇ بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولغان سەندەل بىلەن بازغاننى ساقلاپ قالالىساڭ ماڭا تۇتاملاپ پۇل بەرگەندەك بولىسەن، مەن بۇنى نېمىشقا ئۆزۈم ئەكەتمىدىم؟ نېمىشقا مۇنۇ ئوغلۇمنىڭ ساقلىشىغا قالدۇرمىدىم؟ مۇشۇنى بىلسەڭ بولدى، بولدى ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلما، مەن يىغلاپ سالىمەن.-بىز دۇكان ئىشىدا ئەنە شۇنداق دېيىشىپ بۇ يەردىن ئايرىلغان ئىدۇق .ئاپتوبۇس يەڭگىل سىلكىنىپ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى، ئاپام ئۇخلىيالمايۋاتاتتى. ئۇ كارۋاتلىق ئورۇندا بىردەم سوزۇلۇپ يېتىپ باقسا بىردەم ئولتۇرىۋالاتتى. ئۇ كەينىمىزدىكى يۈكىمىز بېسىلغان ماشىنىنىڭ غېمىدە بولىۋاتامدۇ ياكى باشقا ئويدىمۇ بۇنى مەن بىلمىدىم. مەن تەگسىز خىياللارغا چۆمدۈم، تۇرۇپ دادامغا قارىدىم، دادامنىڭمۇ ئۇخلاۋاتقان ياكى خىيال سۈرىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىدىم. بىزنىڭ قەلبىمىز ئاققان ئېرىقلاردەك يول-يول قورۇقلار يۈرىكىمگە يىلتىز تارتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئېتى قالمىغان يۈزىدىكى بۆرتۈپ چىققان مەڭىز سۆڭىكىدە ئىنچىكە قىل قان تومۇرلار بىربىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ئىدى. دادام مېنى «سەمىمىي ئادەم بولسۇن، ئادەمدەك ئادەم بولسۇن» دېگەن ئىدى، ئۆپكەم ئۆرۈلگەندەك بولدى. لېكىن ئۇنىڭ ئانىسىنى ئېمىپ ئۇخلاپ قالغان بوۋاقتەك بىغۇبار تۇرقى مېنى خېلى خاتىرجەم قىلىپ قويدى. بىز ئاخىرى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ يۇرتىمىزغا يېتىپ كەلدۇق، ئوخشىمايدىغىنى بىز كۆچكەن چاغدىكى نەچچە كۈنلۈك مۇساپە ھازىر ئۈچ كۈنگە قىسقارغان ئىدى. ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئىلگىرىكى يۇرتۇمنى تونۇيالماي قالدىم. بۇرۇنقى تام ئۆيلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. پەقەت سانجاق-سانجاق قارىغايلىرى بىلەن بەھەيۋەت كۆرىنىدىغان ئەجدىھادەك تاغلار، كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدىغان ئېگىز چوققىلار ئۆز ئىسكەتىنى يوقاتماي، بالىلىقىمدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. بىز كۈدە-كۆرپىلىرىمىزنى بېكەتتە كىرا ساقلاپ تۇرغان موتسېكلىتقا بېسىپ تاغاملارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق. سالمىقى ئېغىر يۈكلەر كەينىمىزدىكى يۈك ماشىنىسىدا كېلىۋاتاتتى. تاغام بىزنىڭ ھويلىسىدا تەرەپباللا پەيدا بولغىنىمىزنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، تاغاممۇ قېرىغان ئىدى، مەن ئىنسانلارنى مەلۇم بىر پەيتكە كەلگەندە تېزلا قېرىپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇ ئالدىدىكى بىزگە قاراپ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتتى. قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن كۆزىنى ئۇۋۇلىۋەتتى. دادام ئىنىسىنى باغرىغا باستى، ئۇلارنى مەن يېشىنى توختاتقان چوڭ ئادەملەردەك ئەمەس، كىچىك بالىلاردەك ھېس قىلىپ قالدىم، دادام ئىنىسىنى باغرىغا باستى. ئۇلارنىڭ سىلكىنىۋاتقان بەدىنىدىن يىغلاۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ئاپاممۇ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. دادام بىلەن تاغام بىر ھازا بىر-بىرىنى قويىۋەتمەي قۇچاقلىشىپ تۇردى. بىر-بىرىنى ھىدلىدى، ئەمما بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. ئاڭغىچە ئۆيدىن تاغامنىڭ ئايالى بولسا كېرەك، نازۇك چىراي بىر ئايال بىرنەچچە بالا بىلەن تەڭلا چىقىپ كەلدى. ھويلىدا ئۇچرىشىش خۇشاللىقىدىنمۇ، ئايرىلىش ھىجرانىدىنمۇ ئەيتاۋۇر مۇڭلۇق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ يىغىدىن تەشۋىشكە چۆمگەن قوشنىلار بىر-بىرلەپ تاغامنىڭ ھويلىسىغا كىرىشكە باشلىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنى تونۇيدىغانلارمۇ ھەم تونۇمايدىغانلارمۇ بار ئىدى، بۇ يىغىنىڭ قېرىنداشلىق يىغىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن قوشنىلارنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەن ئىدى. تال تېرەكتە ۋىچىرلاپ سايراشتىن توختىغان قۇشلار قايتىدىن چاڭ كەلتۈرۈپ سايراشقا باشلىدى.ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىز يۇرتداشلارنىڭ قىزغىن ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ نۆۋەت بىلەن ئۆيمۇ–ئۆي مېھماندارچىلىققا چاقىرىلدۇق، دادام ئوڭشىلىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دەسلەپكى كەلگەن چاغدىكى ئوڭايسىزلىنىش ھالىتىدىن، زەپىرەڭدەك سارغايغان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. بىراق بۇنىڭ ئۆچۈش ئالدىدىكى چىراغنىڭ يورۇپ كېتىدىغانلىقىدەك ھالەت ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. دادام يۇرتقا كېلىپ بىر ھەپتىلا جۇشقۇن ھالەتتە تۇرالىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يىقىلدى، ئەمما قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئۇ شۇ يىقىلغان بىلەن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق، مەن چەكسىز ھەسرەتكە تولغان قەلبىمگە تەسەللىي ئىزدىمەكتە ئىدىم، يىراقلارغا نەزەر سالدىم. بالىلىقتا ئويناپ–كۈلگەن قازغان دۆۋىگە بېرىپ باقتىم. نېمىشقىدۇر مەن ئەمدى مىدەلىمنى ئويلاپ قېلىۋاتاتتىم، ئۇنى بىز كەلگەندىمۇ، دادام ئالەمدىن ئۆتكەندىمۇ كۆرەلمىگەن ئىدىم. بىراۋدىن سوراي دەيتتىم-يۇ، بىرى «سورىما!» دېگەندەك سوراشقا تىلىم بارمايتتى. شۇنداق ئارىسالدى يۈرگەن كۈنلەردە بىز يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆيگە بىرى كىرىپ كەلدى. ئوزايىدىن دۆلەتمەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، زامانغا لايىق كىيىنگەن بۇ ئادەم بىرى بېشىڭدىكى شىلەپىنى ئېلىۋەت دېگەندەك شىلەپىسىنى ئېلىپلا مېنى باغرىغا باستى.-ھېكمەتمۇ سەن ئاغىنەم، بارمۇ سەن زادى؟-ئۇ مېنىڭ مۈرەمنى شاپىلاقلاپ قۇچاقلاپ بولۇپ ماڭا قارىدى. مەن قۇمچاقتەك توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان كۆزگە قارىدىم. ئازراق ئاق ئارىلىغان بولسىمۇ ئىسكەتىنى يوقاتمىغان مىسرەڭ چاچقا قارىدىم. ئۇ مىدەلىم ئىدى.-مىدەلىممۇ سەن؟-بىز قايتا قۇچاقلاشتۇق.-مەمەتكام ساقىيالماپتۇ، مەن كۆرۈشۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەپتىمەن.-ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشۈپ توپىغا سىڭىپ كەتتى. مەن ئۇنى ئۆيگە باشلىدىم. ئاپام تاغامنىڭ ئوغلى تاغدىن ئەكىلىپ بەرگەن قىزغۇچ تېۋىلغىنى تەكشى كەسلەپ ئۇچىنى قىڭراق بىلەن ئۇچلاۋاتاتتى... كۈندۈزلىرى ئاپام ئۆي ئىشلىرىدىن قولى بوشىسا دادام ھايات ۋاقتىدا كىيگەن كىيىملەرنى دادام ئەتىلا بىر يەردىن كېلىپ قالىدىغاندەك ياكى دادام مېھمانغا بارىدىغاندەك يۇيۇپ دەزماللىسا، بەزىدە ئىخلاس بىلەن رەتلەپ قاتلاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. بۇ ئىشلاردىن ئاپامنىڭ قانچىلىك ئىچ كۆيىكى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئۇنىڭغا نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلمەيۋاتاتتىم، پەقەت سىرتتىن كۆزەتكۈچىلىك رولىنىلا ئويناپ يۈرەتتىم.ئاپام دادامغا كىچىكلا ياتلىق قىلىنغان ئىكەن، شۇڭا ئاپامنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۇنى مومايلار قاتارىدا ئەمەس، بەرق ئۇرۇپ تۇرغان چوكانلار قاتارىدا پەرەز قىلسا بولاتتى. ئۇ ئەسلىدىنلا كەمسۆز بولغاچقا دادام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاساسەن سۆزلىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئاپامنىڭ ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ مېنى ۋە دادامنى تىللاپ باققىنىنى، رەنجىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، ئاپامنىڭ رايىش ھالىتىگە قاراپ بەزىدە «ئاپام دادامغا خاتا تېگىپ قالغانمىدۇ؟ دادام ئاپامنىڭ يۈرىكىنى مۇجىۋەتكەنمىدۇ –يا؟» دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم. بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. دادام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى، كۆڭلۈمدىكى بۇ تۈگۈنلەر بىر-بىرلەپ يېشىلىشكە باشلىدى. بىر كۈنى ئاپامنىڭ دادامنىڭ ئۇزۇن يىل بېشىدىن چۈشۈرمەي كىيگەن مانچېستېر دوپپىسىنى ھېدلاۋاتقانلىقىنى، ھېدلاپ بولۇپ ئۇنىڭ سەل ئۆڭگەن قىزغۇچ تىۋىتىنى مېھرى بىلەن سىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەنە شۇ چاغدا مەن ھەممىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندىم. دادام بىلەن ئاپامنىڭ ئەر–ئاياللىق ئۆمرىدە بەكمۇ بەختلىك ياشىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى سىرلىق ھالرەڭ پەردىسى ئىچىدە چوغدەك يېلىنجاپ تۇرغان مۇھەببەت ئىكەن، بۇنداق مۇھەببەتنىڭ لەززىتى ھەقىقەتەن تەڭداشسىز بولۇشى ئېنىق ئىدى. ئاپام مىدەلىم ئىككىمىز كىرىشىمىزگىلا قولىدىكى ئىشنى قويۇپ مىدەلىم بىلەن ئامانلاشتى. ئاپام مىدەلىمگە ئۇزاق قارىدى. مىدەلىم ئاپامنىڭ قارىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك يەرگە قارىۋالدى.-سەن مىدەلىمغۇ؟-ئاپام پەس ئاۋازدا سورىدى. مەن ئۆتكەندە تونىماي قاپتۇدە دەپ ئويلۇدۇم.-ھەئە، مەن مىدەلىم،-مىدەلىم كىچىك بالىدەك بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي جاۋاپ بەردى.-يۇقۇرىغا ئۆتۈپ كۆرپىدە ئولتۇر، سېنى مۇشۇنداق ھالەتتە كۆرگىنىمدىن خوش بولدۇم بالام، ياخشى تۇرۇپسەن، ئىسكەتىڭمۇ يامان ئەمەس،-ئاپام شۇنداق دېۋىدى، مىدەلىم بوينىدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك جايىدا قىمشىپ قويدى.-رەھمەت، رەنىخان ئاپا، سىزمۇ ياخشى تۇرۇپسىز.-ئاپام ئۈندىمىدى. مىدەلىم كۆرپىگە يەكتىز بولۇپ جايلاشتى، چاي ئارىلىقىدا ئۇنى يانفونى سايراپ كەتتى. ئۇ يانفونىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ:-ئاداش ئۆزرىلىكمەن، رەنىخان ئاپا ئالدىڭىزدا خىجىلمەن، ئايرىم ئۆيۈمگە چاقىرىۋالىمەن، ئەسلى بۈگۈن سىلەر بىلەن قانغۇدەك مۇڭدىشىش ئويۇم بار ئىدى. بۇداق بۇداققا كەلمەپتۇ، چوڭ ئېتىز ئوتاققا دېگەندەك ئىش پىشماي قالدى.-ھە، نەگە ئالدىرايسەن؟ بىردەم ئولتۇرغىنە مىدەلىم،-دېدىم مەن.-ئاداش، خوتەنگە ئەۋەتىدىغان قىزىل قولتۇق پاقا بارتى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ ماڭىدىغان ئادەم كەلدى.-پاقا؟-مەن ھەيران قالدىم.-شۇنداق ئاداش، قىزىل قولتۇق پاقا سودىسى، قالدى ئىشلارنى مەن ساڭا ئايرىم دەيمەن.-ئۇ شۇنى دەپلا ھويلىدىن تېز-تېز قەدەم ئېلىپ چىقىپ كەتتى. «پاقا؟» ئىختىيارسىز ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم. كۆڭلۈمنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدە قارا سايە ئەلەڭلىگەندەك بولدى. شۇ كۈنى كەچ ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدىم. خىيالىمغا يەنە يىراقتا قالغان مۇھەببىتىم كىرىۋالدى، ئۇنىڭ بىر يەرلىرى ئاپامغا ئوخشايتتى. ئىككىمىز بىر ئىشخانىدا ئىشلەشنىمۇ كېلىشكەن ئىدۇق. مەن ھازىر ئىشقا چىقىشنىڭ تەييارلىقىنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولغان ئىدىم، ئويلىرىم گادىرماشلىشىپ ھېلى بىر ئىشنى ئويلىسام ئۇنىڭغا سوڭدىشىپلا يەنە بىر ئوي كاللامغا كىرىۋالاتتى، خىياللىرىم ئەگىپ-ئەگىپ يەنىلا مىدەلىمنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالاتتى. ئۇنىڭ بىر قېتىملا «راجىدەك ئوغرى بولىمەن، زاكىردەك قاراقچى بولىمەن» دېگەن سۆزى، دادىسىنىڭ ئۇنى ماختاپ ھاۋاغا ئاتقانلىقى ئېسىمگە كېلىۋالدى. ئۇنىڭ بىز ئايرىلغاندىن بۇيان قانداق كەچمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى ھەققىدىكى تەقەززالىق، مېنى ئارامىمغا قويمايۋاتاتتى. شۇ خىياللار ئىلكىدە قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىمنى تۇيماپتىمەن. ئويغانسام كۈن خېلىلا ئۆرلەپ كېتىپتۇ. تالاغا چىقتىم، ئاپام ھويلا–ئاراملارنى پاكىز تازىلىۋېتىپ، دادام بەك ياخشى كۆرىدىغان تەشتەكتىكى «كۈندە باھار» دەپ ئاتىۋالغان گۈلىمىزگە سۇ قۇيىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ماڭا قارىدى، تۇرقىدىن ماڭا بىر نەرسە دېگۈسى باردەك قىلاتتى، لېكىن ئۈندىمىدى.شۇ كۈنى مەن مىدەلىمنى ئۆيىمىزگە كىرىپ قالسىكەن دەپ ئۈمىد قىلدىم. بىراق ئۇ كىرمىدى، مەنمۇ ئىزدەشنى توغرا كۆرمىدىم. بۈگۈنمۇ نېمە ئىشلار بىلەن كۈننىڭ كەچ بولغانلىقىنى سەزمەيلا قالدىم. كەچتە سەھەردە يەنە ئۇخلاپ قالماسلىقنى ئويلاپ كاللامغا كىرىۋالغان خىياللارنى چىقىرىۋېتىشكە شۇنچە تىرىشتىم. بىراق يەنىلا تەگسىز خىياللاردىن قۇتۇلالمىدىم. ئۆزۈم توغرىسىدا، دادام توغرىسىدا، ئاپام توغرىسىدا، سۆيگۈنۈم ھەققىدە كۆپ-كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىدىم. ئاخىرىدا خىيالىم يەنىلا مىدەلىمگە يىلتىز تارتىپ توختاپ قالدى. ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى، بېشىمنى يوتقانغا چۈمكەپ باقتىم ھەم ئۆزۈمدىنمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتىم. «ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالمىغاندىمەن؟» دەپمۇ ئويلىدىم. قانداقلا بولمىسۇن ئادەم مىڭ خىياللارنى قىلسىمۇ يەنىلا ئۇخلاپ قالىدىكەن. ئەتىسى سەھەر تۇردۇم، شۇڭلاشقىمۇ كەيپىياتىم چاغ ئىدى. كەچكە يېقىن مىدەلىم ھويلىمىزدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن خوشاللىق چىقىپ تۇراتتى.-ئاداش، ئەمدى بىرنەچچە كۈن مەن بىكار، بۈگۈن سېنى ۋە رەنىخان ئاچامنى ئالاھىدە ئۆيگە چاقىرغىلى كەلدىم. ھايال بولماي چىقىڭلار، مەن قالغان كەم–كۈتىلەرنى تولۇقلاپ تۇراي، چوقۇم چىقىڭلار ئۆي ئەنە ئاۋۇ تېلېفون مۇنارىنىڭ يېنىدا، كىمدىن سورىساڭمۇ دەپ بېرىدۇ، چوقۇم چىقىڭلار جۇمۇ،-دېگىنىچە كەينىگە ياندى.-ئاۋارە بولمىساڭمۇ بولاتتى.-دېدىم مەن.-مەن تېخى ئاۋارە بولىدىغان ئىشنى قىلمىدىم، بىراق سىلەرنى ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن كۆڭلۈم يېرىم.-مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ھەيران قالدىم. كۆڭلۈمدىكى چىگىشلەرنى يېشىۋېتىش خىيالىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە تېزراق چىقىشنى ئويلىدىم، ئاپام كېيىنرەك چىقىدىغان بولدى. مەن ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئاپام:-بالام ھېكمەت،-ئۇ ماڭا مېنى ئەمدى كۆرىۋاتقاندەك قاراپ كەتتى. ئاپامنىڭ مۇشۇ يېشىمغا يەتكىچە بىرەر قېتىم ئىسمىمنى ئاتاپ باقمىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن ئاپامغا قارىدىم. ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى باردەك قىلاتتى.-سېنىڭ قۇرداشلىرىڭ ئىككىدىن بالىلىق بولۇپ بوپتۇ،-ئاپام بۇنداق گەپنى ماڭا بىرەر قېتىم دەپ باقمىغان ئىدى. مەن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدىم،-مېھمانغا ماڭدىڭ مۇنداقلا چىقما، ئايىغىڭنى مايلىغىن، بىزدە دۈشمەن پۇتقا قارايدۇ، دوست باشقا دەيدىغان گەپ بار، مۇنۇ چاپاننى كىيىۋال.-ئاپام ماڭا ئۇزاتقان چاپاننى قاچانلاردا ئالغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ چاپان مەن ئۈچۈنلا تىكىلگەندەك بەدىنىمگە خوپ كەلدى، مەن ئۈستى-بېشىمغا ئوڭ–سولۇمغا بويۇنداپ تەكشى قارىدىم، يانچۇقلىرىغا قولۇمنى سېلىپ كۆردۈم تۆش يانچۇققا قولۇمنى سېلىۋىدىم قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلدى. ئالسام قارا دۇخاۋا رەختكە ئورىلىپ، ئۈستىدىن زەر يىپتا چىگىپ قويۇلغان بىگىز بارماق چوڭلۇقىدىكى تۈگۈنچەك ئىدى.-بۇ نېمىدۇ؟-مەن ئاپامغا قارىدىم.-تاقىنىڭ مىخى، داداڭ ساقلاپتىكەن يانچۇقىدىن چىقتى، ئەمدى سەن ساقلا.-مەن ھەيران بولغان ھالدا تۈگۈنچەكنى يەشتىم. راست دېگەندەك دادام بىز كېيىنكى يۇرتىمىزدىن قايتقاندا تۆمۈرچىخانىنىڭ ئىشىكى يېنىدىن تېپىۋالغان تاقا مىخكەن. كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئەمما يىغلىمىدىم. تاقا مىخنى قايتىدىن قارا دۇخاۋىغا ئوراپ ئاۋايلاپ يانچۇقۇمغا سالدىم. ئاپام پىشانەمنى سىلاپ قويدى. بۈگۈن ئاپامنىڭ ئەڭ كۆپ گەپ قىلغانلىقىنى بايقىدىم. ئۆيدىن چىقىپ تۇرۇشۇمغا مىدەلىم ئۇچراشتى.- ئالقانچىلىك يەر بولسىمۇ ئۆينى تاپالماي قالمىسۇن دەپ كىرىشىم، رەنىخان ئاچامچۇ؟-ئاپامنىڭ ئازراق ئىشى باركەن، كېيىنرەك چىقىدۇ.-مەيلى، ئايالىم كىرىپ ئېلىپ چىقار،-دېدى مىدەلىم.-سوراپ بولسىمۇ ئۆيۈڭنى تېپىۋالاتتىم.-بىز ئۇزاق ماڭمايلا، شۇنچىلىك چىرايلىق نەقىشلەنگەن تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.-مانا بۇ مېنىڭ كەپەم،-دېدى مىدەلىم.-كەپە دەيسەنغۇ، ئوردىمۇ نېمە بۇ ئۆي!-دەرۋازىدىن كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. قاتارىغا سىم تارتىلغان ھويلىدا سانسىزلىغان قىزىل قولتۇق پاقىلار ئېسىۋېتىلگەن ئىدى، تېنىم شۈركەنگەندەك بولدى. بەزى پاقىلار قۇرۇپ قاقتەك بولۇپ قالغان ئىدى. پاقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولتۇقى قىزىل بولۇپ، كۈن نۇرىدا قان رەڭگىدە كۆرىنەتتى.-نېمە بولدى ساڭا، چىرايىڭ ئۆلۈكنىڭ چىرايىغا ئوخشاپ قالدىغۇ؟-جەسەت ئامبىرىغا ئەكىرىۋاتساڭ، نېمە بولماقچىدىم،-دېدىم مەن.-ھا، ھا، ھا…- مىدەلىم قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،-مۇشۇ جانىۋارلار مېنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان.-مىدەلىم شۇنداق دېگىنىچە جەينىكىمدىن تۇتۇپ ئۆيگە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۆيى ھەقىقەتەن ئوردا ئىدى. مەن ئۆينىڭ تام–تورۇسلىرىغا قاراپ ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.-بولدى، ئۆي كۆرمىگەندەك قاراۋەرمىگىنە ئادەمنى نومۇس قىلدۇرۇپ، ئىچكىرلە،-دېدى مىدەلىم. ساراي ئۆيمۇ شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئىدى. تام تەرەپكە قويۇلغان شىرەنىڭ ئۈستى تۈرلۈك يېمەك –ئىچمەك بىلەن بەئەينى گۈللۈك باغقىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بىز ئەمدىلا ئامانلىق سورىشىپ تۇرۇشىمىزغا، ئۆيگە ئاپتاپتەك نۇرلۇق بىر ئايال كىرىپ كەلدى.-بۇ ياق مېنىڭ قۇشناچىم،-تونۇشتۇردى مىدەلىم. ئايال مەن بىلەن قايتا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، سىركايلارغا چاي قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىچىدە سوقۇم گۆشنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئەگىپ ئىشتىھانى غىدىقلايتتى. مەن يازدىمۇ سوقۇم گۆشنىڭ ھېدىنى ھىدلاپ مىدەلىمگە قارىدىم. ئۇ خىيالىمنى بىلىپ قالغاندەك:-ساڭىلا ساقلىغاندەك ئىش بولدى، ئۇنغا كۆمۈپ ساقلىغان سوقۇم ئىدى.-دېدى. گەپ ئاياغلاشمايلا بايىقى ئاپتاپ چىراي ئايال بىر لېگەندە دۆۋىلەپ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان گۆشنى كۆتۈرۈپ كىردى.-ھە بۈگۈن كەڭرى مۇڭدىشىمىز. ئاۋال تائام، ئاندىن كالام بولسۇن.-مىدەلىم شۇنداق دېگەچ گۆشلۈك بىر ئۇستىخاننى ئېلىپ، پىچىقى بىلەن قولۇمغا تۇتقۇزدى. بۇرنۇمغا گۆشنىڭ مېزىلىك ھېدى يەنە بىر قېتىم گۈپپىدە قىلىپ ئۇرۇلدى. بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىنى غەشلىك چۇلغىۋالغان ئىدى. مىدەلىم بۇنى سەزگەن چېغى:-ئاداش ئۇنچىۋالامۇ تاۋى نازۇك، چۈمسە بولۇپ كەتمە،-دىدى.-چۈمسەلىك ياكى تاۋى نازۇكلۇق ئەمەس ئاداش، مەن سېنى بۇنچىۋالامۇ رەھىمسىز دەپ ئويلىماپتىمەن.-بۇ رەھىمسىزلىك ئەمەس، جان بېقىش، ئەنە شۇ جانىۋارلىرىم بولغاچقا مەن بۇنى بايقىغاچقا مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتىم. بىراق ئاشۇ سەن بىلەن بىرگە بارىدىغان سازلىقتىكى، قارا چېكەتكىدەك لۆمشۈپ تۇرىدىغان قىزىل قولتۇق پاقىلار ھازىر يوق.-دەل مۇشۇ ئىش مېنىڭ كۆڭلۈمنى غەش قىلماقتا، سەن پاقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتساڭ، ئۇنىڭ قىساسىغا قېلىشىڭ ئېنىق. ھەرقانداق ئىشنىڭ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى، سەن بىر ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى ئۈزىۋېتىشكە تاس قاپسەن.-مەن ئوقۇمىغان ئاداش، ئوزۇقلۇق زەنجىرى دېگەن نېمە ئۇ بۇنى مەن بىلمەيمەن. ئەمما پاقا مەندىن قىساس ئېلىپ بولدى،-مەن تەئەججۇپ بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدىم،-مېنىڭ چىرىغىمنى ياندۇرىدىغان ۋارىسىم يوق، مەن ئەۋلاد قالدۇرالمىدىم. ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم ئۆيلەندىم، ئاخىرى تەقدىرىمگە تەن بەردىم. مەسىلە مەندە ئىكەن.-مىدەلىمنىڭ قۇمچاقتەك توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىدىغان كۆز قارىچۇقى بىر نۇقتىدا توختاپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاچچىق بىر ھەسرەتنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ئالدىدىكى لۆڭگىدە قولىنى سۈرتۈپ، كۆينىكىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ، يېڭىنى كەينىگە سۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ قول ۋە كۆكرىكىدىكى نەقىشلەرگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم.-بولغۇلۇق بولدى، سەن مېنى بۇ يولدىن توسالمايسەن،-دېدى مىدەلىم.-سەن كىچىك ۋاقتىڭدا بىر گەپنى قىلغان.-راجىدەك ئوغرى، زاكىردەك قاراقچى بولىمەن، دېگەن گەپمۇ؟-ئۇنتۇماپسەندە ؟-ئۇنتۇمىدىم، قاراقچى بولمىغان بولساممۇ ئوغرى بولدۇم. شۇ گەپنى دېگەندە خوش بولۇپ مېنى ھاۋاغا ئاتقان داداممۇ دۇنياغا تۈۋرۈك بولمىدى. بىراق مەن دادامدىن رەنجىمەيمەن، ئۇ راجى، زاكىر دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئاپاممۇ ئۆلۈپ كەتتى، شۇ چاغلاردا دەيمەن سەن بىلەن مەنلا يالغۇز بالا بولۇپ قالغانلىقىمىز قىزىق، شۇنىڭ بىلەن قانىتىم سۇندى، قانىتى سۇنغان قۇش نېمىمۇ قىلالايتتى دەيسەن، قېقىلدىم، سوقۇلدۇم مانا بۇ سەن كۆرگەن نەقىشلەر ئەنە شۇ ئازابلىق ئۆمرۈمنىڭ يالدامىسى،-مىدەلىم سۆزلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ قۇمچاقتەك تېز ھەرىكەتلىنىدىغان كۆز قارىچۇقى توختاپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئارىلاپ–ئارىلاپ قولىدىكى ئۇستىخاندىن گۆش شىلىپ ئېلىپ ماڭا سۇناتتى،-شۇنداق قىلىپ سەن ئوقۇۋاتقان شەھەرگىمۇ باردىم. بىر قېتىم مەن سېنى كوچىدا كۆرۈپ قالغان ئىدىم. مانا مۇشۇ كۆزۈڭ، مانا مۇشۇ مېڭىڭ ئەينەن تۇرۇپتۇ، يۈگۈرۈپ بېرىپ «مېنى قۇتقۇزىۋالغىن ھېكمەت» دېگىم كېلىپ كەتتى. بىراق ئالدىڭغا بارالمىدىم، ئۇ سۆزنىمۇ قىلالمىدىم. مەن شۇ چاغدا ئۇچقۇر ئوغرىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدىم. داداڭنىڭ بىر ئېغىز يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ قويغىنىڭ سەۋەپلىك كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتنى تاشلاپ كەتكەنلىكى ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ئىدى. شۇڭا سېنى قايتا بۇلغاپ قويماسلىقنى ئويلىدىم. سېنىڭ قاراڭ يۈتكىچە قاراپ قالدىم. كۆزۈمدىن نېمىشقىكىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى. شۇ كۈنى ئەتىگەن كىرپىكىم تۆكۈلگەن ئىدى، شۇ چاغدا بىرەرسى بىلەن كۆرۈشەمدىم نېمە دەپ ئويلىغان، بۇ مۇھىم ئادەم سەن ئىكەنسەن، بىراق مەن ئاشۇ مۇساپىر كۈنلىرىمدە سېنى ھىدلىيالمىدىم. قولۇڭنى چىڭ تۇتۇپ مېنى كەچۈرۈڭلار دېيەلمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن خوتەنگە كەتتىم، ئۇ يەردە دادامنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنى بارلىقىنى بىلەتتىم. دادام جان ئۈزۈش ئالدىدا ماڭا شۇ گەپنى قىلغان. مەن خوتەنگە كېتىش ئالدىدا سېنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش ئىستىكىدە بولدۇم، سەن ماڭا ئۇچراشقان كوچىدا نەچچە كۈن ئايلىنىپ يۈردۈم. ئاخىرى سېنى كۆردۈم، سەندىكى سالاپەتكە قاراپ ھەسەت قىلغاندەك بولۇپ قالدىم. بىراق يەنىلا كۆرۈشۈشكە جۈرئىتىم بولمىدى، ئارقاڭدىن ئەگەشتىم، سەن بىر دەرۋازىدىن كىرىپ تەڭ قۇراملىق ياشلار ئارىسىغا سىڭىپ كەتتىڭ. ئەنە شۇ چاغدا داداڭنىڭ نەقەدەر قالتىس ئادەملىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.-مىدەلىم سۆزلەۋاتاتتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ ماڭا توغرامچا سۇناتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي جىم ئولتۇرۇپ تىڭشىماقتا ئىدىم.-شۇنداق قىلىپ خوتەنگە كەلدىم. تۇغقاننىمۇ تاپتىم، بۇ ئادەم بازاردا تىۋىپلىق قىلىدىغان ئادەم ئىكەن، ئۇ ئادەم ئەھۋالىمنى ئاڭلاپ گەپ–سۆز قىلمايلا مېنى قۇچاقلىدى، توۋا ئۇنىڭ بەدىنىدە دادامنىڭ ھىدى بار ئىدى. بۇ ھىدنى پۇرىمىغانغا ئۇزاق بولغاچقىمىكىن ياكى يېتىملىكنىڭ ھەسرىتى يۈرىكىمنى لەختە-لەختە قىلغانمىكىن ئۆزۈمنى تۇتالماي ھېقىقلاپ يىغلاپ كەتتىم. كېيىن بىلسەم بۇ ئادەم مېنىڭ تاغام بولىدىكەن، ئەينى يىللىرى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ قايتا ئۇچرىشىشقا نېسىپ بولمىغان ئىكەن. ياشانغان بۇ تاغاممۇ مېنى قويىۋەتمەي بىر ھازا باغرىغا باستى. ئەنە شۇ چاغدا مەن قىزىل قولتۇق پاقىنىڭ دورىلىق پاقا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بىزنىڭ بۇ يەردە قىزىل قولتۇق پاقا دېگىنىڭ قۇمرۇسقىدەك جىق، شۇنىڭ بىلەن دەسمىسىز ئوقەتكە كىرىشىپ كەتتىم. بەلكىم شۇنچە كۆپ پاقىنى قانداق تۇتارسەن دەپمۇ ئويلىغانسەن، ياسىن تەتۇر ئۇستىخاننى بىلىسەنغۇ ئۇنى پاقا تۇتۇش پىرى دېسەڭمۇ بولىدۇ. بىراق ئۇمۇ پاقىنىڭ قىساسىغا قالدى. ھازىر ئۇنىڭدا تەتۇر ئۇستىخان يوق، ۋىجىكلەپ، پاقىدەك قۇرۇپ ھازىر بەش ياشلىق بالىنىڭ ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. قىزى كۆتۈرۈپ باقىدۇ، ئۇنى ئەتە-ئۆگۈنگىچە ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن. ئەنە شۇ ئادەم تورلاشتۇرۇپ نۇرغۇن پاقىنى تۇتاتتى-دە، مىشكاپقا قاچىلاپ ئاغزىنى بوغۇپ ئاپتاپقا تاشلايتتى، تۇنجۇققان پاقىلارنىڭ جان ئاچچىقىدا قىلغان ھەرىكىتىدىن مىشكاپ نەچچە ئون مېتىر يەرگە دومىلاپ باراتتى، مىشكاپنىڭ دومىلىشى توختىغاندا پاقىلارمۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ بولاتتى. ئاندىن بايا سەن كۆرگەندەك سىمغا ئېسىپ قۇرۇتۇپ ساتىمىز. بۇنىڭ ۋەھىمىسى يۈرىكىمنى قىسىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا پايدىنى دەپ قول ئۈزەلمىدىم، ياسىن ئۇستىخاننىڭ قۇرۇپ كېتىشى، مېنىڭ ئەۋلادسىز قېلىشىم پاقىنىڭ قىساسىدىن بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا…-ئەمدى بولسىمۇ قول ئۈزسەڭ بولاتتى، قولۇڭدا تىۋىپلىق ھۈنىرىمۇ باركەن، شۇنىڭ بىلەنمۇ جېنىڭنى جان ئېتەتتىڭ،-مەن شۇ گەپنى قىستۇردۇم.-ئالدىرىما ئاداش، بۇ قېتىم سازلىقنى يەنە بىر ئايلىنىۋېتىپ قول ئۈزىمەن.-سازلىقنى ئايلىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوقتى...بىز شۇ كۈنى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ئاپام بىزنىڭ قىزغىن پاراڭلىرىمىزنى ئۈزۈپ قويۇشنى خالىمىغان چېغى بىز بار ئۆيگە كىرمىدى. ئەمما مېنىڭ بۇ ئۆيدە قونۇپ قېلىشىمغا قوشۇلمىدى. شۇ پاراڭلار بولۇنۇپ بىرنەچچە كۈنگىچە مەن مىدەلىمنى كۆرمىدىم. ئاڭلىسام ئۇ سازلىققا قىزىل قولتۇق پاقا تۇتقىلى كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئىشتىن قايتىپ ھويلىغا كىرىشىمگە «مىدەلىم سازلىققا چۆكۈپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى. يۇرتداشلار بىلەن مەھەللىمىزنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كەڭ كەتكەن سازلىققا قاراپ يول ئالدۇق. پاقىسىز قالغان بۇ سازلىق ئىلگىرىكىدەك سۇلۇق بولمىسىمۇ، ئۇ يەر، بۇ يەردە پاقىنىڭ كۆزىدەك ساز سۈيى بۇلدۇق-بۇلدۇق قىلىپ تۇراتتى. كىشىلەر سازلىق ئىچىدە ئاۋايلاپ مېڭىپ بىر يەردە توختاپ قېلىشتى. ساز سۈيىدە مىدەلىمنىڭ شىلەپىسى لەيلەپ قالغان بولۇپ، شىلەپە ئۈستىدە بىر تال قىزىل قولتۇق پاقا ئۇيان–بۇيان قاراپ تۇراتتى. شۇ كۈنى كاللامدا نۇرغۇن خىياللار ئەگىپ ئازابلانماقتا ئىدىم. بىر ئويلىسام ناھايىتى ئۇزاق ياشىغاندەك، بىر ئويلىسام تۈنۈگۈنلا تۇغۇلغاندەك. مەن مىدەلىمنىڭ ئۆلۈمىگە ئازابلاندىممۇ ۋە ياكى قىزىل قولتۇق پاقىنىڭ تەقدىرىگە ئازابلاندىممۇ بۇنى بىلەلمىدىم.