: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
زېرەك
زېرەك
بۇنىڭدىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى يىراقتىكى كاتتا بىر شەھەردە بىر مېھرىبان ئانا ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئاتىسىدىن يېتىم قالغان دانا، تادان، زېرەك دەيدىغان ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. دانا بىلەن تاداننىڭ خوتۇن - بالىلىرى بار ئىكەن. بۇ ئانا ئاتىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان بۇ ئۈچ ئوغلىنى ئاتا مېھرىگە زار قىلماي قاتارغا قوشۇپتۇ. ئوغۇللارنىڭ چوڭى دانا قىلىچۋاز، ئوتتۇرانچى ئوغۇل تادان نەيزىۋاز بولۇپ يېتىلىپتۇ. كەنجى ئوغۇل زېرەك ئىككى ئاكىسىنىڭ ماھارىتىنى ئۆگەنگەندىن سىرت، ئوقيا ئېتىشقىمۇ ماھىر بولۇپ يېتىلىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىسىنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار ئانىسىنىڭ كۆزىنى داۋالاشنىڭ ئامالىنى قىلالماي قاپتۇ- دە، ئۈچ ئوغۇل باش قوشۇپ:«ئانىمىز بىزنى چوڭ قىلغۇچە ئاز جاپا چەكمىدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. بىز ئانىمىزنىڭ كۆزىنى چوقۇم ساقايتايلى» دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۇلار ھەر تەرەپتىن تېۋىپ ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ، لېكىن بىرەر ئۇستا تېۋىپ تاپالمايتۇ. ئۇلارنىڭ بېشى قېتىپ كېتىپ بارسا، ئالدىغا بىر مەككار موماي ئۇچرايتۇ. موماي ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ: -ئەي يىگىتلەر، نېمىگە شۇنچە دەرتكە پېتىپ كەتتىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. دەللە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ: - «كېسەلنىڭ ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كەپتۇ» دىگەن شۇ-دە. مانا، سىلەر مېنى خويمۇ ئۇچرىتىپ قالدىڭلار. مەن سىلەرگە ئوخشاش ئانىسى ئۈچۈن شۇنچە غەم يېگەن ئوغۇللارنى كۆرمىگەنىكەنمەن. مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن، لېكىن بىر شەرتىم بار، ماقۇل بولساڭلار، ئاناڭلارنىڭ كېسىلىنى ساقايتىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىمەن،— دەپتۇ. ئۇلار تەڭلا: - ئەگەر ئانىمىزنىڭ كېسىلى ساقىيىدىغانلا ئىش بولسا، بىر شەرت ئەمەس، ئون شەرت بولسىمۇ ئورۇنلايمىز،— دېيىشىپتۇ. موماي چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ: - مېنىڭ شەرتىم: مەن بۇيرۇغان دورىنى «يالغۇز قاپاق» دەيدۇ، ئۇنى پەقەت بىرلا ئادەم ئەكېلىشى كېرەك،— دەپتۇ. ئۈچ ئوغۇل: «شۇنداق قىلىمىز» دەپ قەسەم ئىچىشىپتۇ. موماي ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئاڭلاپ: - سىلەر مۇشۇ يەردىن كۈنچىقىشقا قاراپ قىرىق كۈن يول يۈرسەڭلار، خەيبەر شەھىرىگە يېتىپ بارىسىلەر. ئۇ يەردە بىر چارباغ بار، چارباغدا ماڭا ئوخشاش بىر موماي بار، چارباغ ئاشۇ بوماينىڭ. چارباغدا قىرىق بىر ئۆي بار. ئۆيلەرنىڭ بىرىدە بىر تىلسىم قازان قايناپ تۇرىدۇ، ئۇ قايناپ تاشقاندا شىپالىق دورا قاپاققا چۈشىدۇ.«يالغۇز قاپاق» دېگەن شۇ. ئاشۇ دورا تېمىتىلسا، ئاناڭلارنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ،— دەپ يول كۆرسىتىپتۇ. ئاكا- ئۇكىلار خۇشال بولۇشۇپ مومايغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپتۇ. ئۈچىسى مەسلىھەتلىشىپ دانانى يولغا ساپتۇ. دانا قىرىق كۈنلۈك ئوزۇق ئېلىپ، قىلىچىنى ھەمراھ قىلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ قىرىق كېچە- كۈندۈز يول يۈرۈپ، نۇرغۇن چۆل- جەزىرىلەرنى كەينىدە قالدۇرۇپ، موماي كۆرسەتكەن چارباغقا يېتىپ بېرىپتۇ. دانا باغنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ كىرىپلا ئۆزلىرىگە يول كۆرسەتكەن موماينىڭ كۆزلىرىگە قان تولغان ھالەتتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىپتۇ.
- سالام موما،— دەپ ئەھۋال سوراپتۇ دانا. - ئەگەر سالىمىڭ بولمىغان بولسا بىر يالماپ يۇتۇۋېتەتتىم. مەن سېنىڭ كېلىشىڭنى كۈتۈپ تۇرغان. مانا ئاچقۇچ، دورىنى ئۆزۈڭ تېپىۋال،— دەپتۇ يالماۋۇز. دانا قىرىق بىر ئاچقۇچنى ئېلىپ باغقا كىرىپتۇ. بىرىنجى ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىشىغا ئون ئىككى دىۋە ئالدىنى توسۇپتۇ. دانا دىۋىلەر بىلەن يەتتە كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ، ھەممىسىنى يەر چىشلىتىپتۇ. دانا بىرىنچى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئىچىگە كىرىشىگە، يالماۋۇز كەينىدىن كېلىپ ئۇنى سولاپ قويۇپتۇ. تادان بىلەن زېرەك ئۇنىڭ يولىغا تەشنا بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئارىدىن توقسان كۈن ئۆتۈپتۇ، دانا قايتىپ كەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، تادان يولغا چىقىپتۇ. تادان ئاكىسى بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى كەينىدە قالدۇرۇپ چارباغنى تېپىپ بېرىپتۇ. تادانمۇ ئۇ يالماۋۇزدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ باغقا كىرىپتۇ. ئۇ بىرىنجى ئۆيدىن تىنچ- ئامان ئۆتۈپ ئىككىنجى ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىشىغا، يىلانلار ئالدىنى توسۇپتۇ. ئۇ يىلانلارنى يەتتە كېچە -كۈندۈزدە ئۆلتۈرۈپ بوپتۇ. ئۇ ئەمدى ئۆيگە كىرىشىگە، يالماۋۇز ئارقىسىدىن كېلىپ ئۇنى ئاكىسىنىڭ يېنىغا سولاپتۇ. ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپتۇ. يالماۋۇز: - ئەمدى زېرەك كەلسە ئۆچۈڭلارنى تەڭ كاۋاپ قىلىپ يەيمەن، — دەپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇلار يالماۋۇزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەسرەت چېكىشىپتۇ. زېرەك تاداننىڭ كېلىدىغان كۈنىنى ساناپ سەكەن كۈننى ساناپ تەستە ئۆتكۈزۈپتۇ، لېكىن تادان كەلمەپتۇ. ئۇ بۇنىڭدىن ئىككى ئاكىسىنىڭ خەتەرگە يولۇققانلىقىنى بىلىپ، ئانىسىنىڭ قوللىرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ: - ئەي ئانا، ئامان بولغايسەن. مەن ئىككى ئاكامنى تېپىپ، سېنىڭ كۆزۈڭنى داۋالاتمىسام قارا يۈز بولۇپ قالىمەن، ماڭا رازىلىق بەرگىن،— دەپتۇ. ئانا ئوغلىغا ئاقيول تىلەپ رازىلىق بېرىپتۇ. زېرەك سەپەر تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ، ئاكىلىرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپتۇ. زېرەك يەتتە كۈن يول يۈرۈپ بىر بۇلاق بېشىغا كېلىپ، بۇلاق بويىدىكى چىنارنىڭ سايىسىدا ئارام ئاپتۇ. ئۇ ئۇخلاپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئاپپاق ساقال، قامەتلىك بىر بوۋاينى كۆرۈپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقۇدەك. زېرەك بوۋايغا سالام بېرىپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىپ: - ئەي ئوغلۇم، سەپىرىڭ قايان، مەقسىتىڭ نېمە؟— دەپ سوراپتۇ. زېرەك ئانىسى ۋە ئاكىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. - ئەي ئوغلۇم، سەن كۆرگەن ئۇ موماي ئادەم ئەمەس، يەتتە باشلىق يالماۋۇز، ئىككى ئاكاڭ ئۇ ئالۋاستىغا تۇتقۇن بولدى. ئۇيقۇڭنى ئاچ، پەخەس بول. ساڭا ئوڭۇشلۇق تىلەي، — دەپتۇ. زېرەك چۆچۈپ ئويغىنىپ، ئۆزىگە كۈچ - قۇۋۋەت يىغىپ يولىنى داۋام ئېتىپتۇ. يالماۋۇز پال سېلىپ، زېرەكنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋەھىمىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ زېرەكنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمەسلىكنى ئويلاپ كۆڭلىگە شۇملۇق پۈكۈپتۇ. ئۇ زېرەكنى كېلەر يولىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىغا نەچچە يەرگە سېھىر- جادۇ قۇرۇپتۇ. زېرەك يولدا كېتىۋېتىپ بىرمۇنچە تۆگىلەرنى ھەيدەپ كېلىۋاتقان بىر ئادەمگە ئۇچراپتۇ. زېرەك ئۇ ئادەمگە سالام بېرىپتۇ. ئۇ ئادەم زېرەكنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىپ: - سەن كىم؟ بۇ ئادەم ئاياغ باسماس چۆلدە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ. زېرەك ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىپتۇ. - ئەي ئوغلۇم، مەن خەيبەر شەھىرىدىن كەلدىم. سەن خەتەرلىك يولغا مېڭىپسەن، شۇنداقتىمۇ يولۇڭدىن يانما. مەن ساڭا بىر نار تۆگەمنى بېرەي، پالاكەتچىلىككە يولۇقساڭ ئەسقېتىپ قالار، — دەپ بىر نار تۆگىنى بېرىپ كېتىپ قاپتۇ
زېرەك نار تۆگىنى مىنىپ كېلىۋاتسا، يەنە بىر ئادەم نۇرغۇن يىلقىنى ھەيدەپ كەپتۇ. ئۇلار كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىپتۇ. ئۇ ئادەم زېرەككە، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مۈشكۈلۈڭ ئاسان بولار، دەپ بىر ئايغىرنى بېرىپ كېتىپ قاپتۇ. زېرەك يولىنى داۋام قىلىپ كېتىۋاتسا، نۇرغۇن كالىلارنى ھەيدەپ يەنە بىر ئادەم ئۇچراپتۇ. ئۇلار ئەھۋاللىشىپ خوشلىشىدىغان چاغدا بۇ ئادەم لازىم بولۇپ قالار، دەپ بىر بۇقىنى بېرىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. زېرەك ئۇ كىشى بىلەن خوشلىشىپ تۆگىگە مىنىپ، ئايغىر بىلەن بۇقىنى يېتىلەپ مېڭىپتۇ. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە ئۈچ كۈن يول يۈرگەندە، توساتتىن يەر - جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپتۇ. زېرەك ئاسماندا شۇنداق چوڭ بىر قۇشنىڭ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. نار تۆگە: - ئەي ئىگەم، ئۇ بىر سار، ئۇنىڭ جاجىسىنى بەر بولمىسا سېنى پالاكەت باسىدۇ،— دەپتۇ. زېرەك ئوقيانى ئېلىپ قۇشنى ئېتىپتۇ. قۇش ئېچىنىشلىق بىر چىرقىراپلا پەيگە ئايلىنىپ توزۇپ كېتىپتۇ. زېرەك يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، چۆلدە بىر تاختاي ئۇچراپتۇ، تاختايغا:«بۇ سېھرى ماكان، كىم ئاياغ باسسا بۆرىگە يەم بولىدۇ» دەپ يېزىلغانىكەن. دەل شۇ چاغدا بىرمۇنچە بۆرە يويۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلاپتۇ. ئۇ بۆرىلەرنى يا بىلەن ئېتىپتۇ، بىر تال ئوقتا بىر بۆرىنى يەر چىشلىتىپتۇ، لېكىن بۆرە ئازلىماي، بىرى ئۆلسە ئونى كۆپىيىپتۇ. بۇ ئەسلىي يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ سېھرى-جادۇسى ئىكەن، ئاخىر زېرەكنىڭ ئوقى تۈگەپتۇ. ئۇ بۆرىلەرنى قىلىچ بىلەن چېپىشقا باشلاپتۇ. ئۇ بىر كېچە - كۈندۇز بۆرىلەر بىلەن ئېلىشىپ ماغدۇرىدىن كېتىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بۇقا زۇۋانغا كېلىپ: - ئەي ئىگەم، مېنىڭ نوختامنى يېشىۋەت،— دەپتۇ. زېرەك بۇقىنىڭ بېشىدىكى نوختىنى يېشىۋېتىپتۇ. بۇقا شۇ ھامان بۆرىلەرگە ئېتىلىپ، بىر كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ ماغدۇرىدىن كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بۇقا يەنە: - ئەي ئىگەم، مېنىڭ قارنىمنى يېرىۋېتىپ يولۇڭغا راۋان بول، _ دەپتۇ. زېرەك ئىلاجسىز بۇقىنىڭ قارنىغا خەنجەر ئۇرۇپتۇ. بۆرىلەر قان ھىدىنى پۇراپ ھەممىسى بۇقىغا يېپىشىپتۇ. زېرەك تۆگىگە مىنىپ، ئايغىرنى يېتىلەپ كېتىپ قاپتۇ. ئۇ بۆرىلەردىن قۇتۇلۇپ يەنە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپتۇ. شۇ چاغدا جاھاننى يەنە قاراڭغۇلۇق قاپلاپتۇ. زېرەك ئاسمانغا قاراپ بىر پارچە قارا بۇلۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇ چاغدا تۆگە يەنە: - ئەي ئىگەم، ئۇنىڭ جاجىسىنى بەرگىن، — دەپتۇ. زېرەك يانى قولىغا ئېلىپ، قارا بۇلۇتقا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ. شۇ ھامان دەھشەتلىك چاقماق چېقىلىپ، بۇلۇت ئىس- تۈتەككە ئايلىنىپ تارقىلىپ كېتىپ، جاھان يورۇپتۇ. ئۇ بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ئالدىغا بىر تاختاي ئۇچراپتۇ، تاختايغا: «بۇ يەرگە قەدەم باسقانلار قۇزغۇنغا يەم بولىدۇ» دەپ يېزىلغانىكەن. زېرەك تاختاينى سۇندۇرۇۋېتىپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا ئاسماندا بىرمۇنچە قۇزغۇن پەيدا بولۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. زېرەك قىلىچ بىلەن قۇزغۇنلارنى چېپىپتۇ. شۇ چاغدا ئايغىر زۇۋانغا كېلىپ: - ئەي ئىگەم، مېنىڭ قارنىمنى يېرىۋېتىپ تېز يولۇڭغا راۋان بول دەپتۇ. زېرەك ئىلاجسىز ئايغىرنىڭ قورسىقىغا قىلىچ ئۇرۇپتۇ، ئايغىر نىڭ قارنىدىن قان چاچراپ چىقىپتۇ. قۇزغۇنلار قان ھىدىنى پۇراپ ئايغىرغا يېپىشىپتۇ. زېرەك قۇزغۇنلاردىن قۇتۇلۇپ، تۆگىسىنى مىنىپ يولىنى داۋام ئېتىپتۇ. ئۇ ئۈچ كۈن يول يۈرگەندىن كىيىن ئالدىدىن قۇيۇنتاز كۆتۈرۈلۈپتۇ. قۇيۇنتاز يېقىنلانشقانسېرى ئۇنى دەم تارتىپ سۈمۈرۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا تۆگە يەنە
- ئەي ئىگەم، ئۇنىڭ جاجىسىنى بەرگىن،— دەپتۇ. زېرەك قولىغا يانى ئېلىپ، قۇيۇنتازنىڭ مەركىزىنى نىشانلاپ ئوق ئۈزۈپتۇ. شۇ ھامان دەھشەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قۇيۇنتاز غايىب بوپتۇ. ئۇ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇ بىر يەرگە بارغاندا، ئالدىغا: «بۇ يەرگە قەدەم باسقانلار سېرىق ھەرىگە يەم بولىدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي ئۇچراپتۇ. ئۇ تاختاينى ئۇرۇپ چېقىۋېتىپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا كەپتەردەك-كەپتەردەك چوڭلۇقتىكى بىر توپ سېرىق ھەرە يوپۇرۇلۇپ كەپتۇ. زېرەك ئېلىشىشقا تەييار بولۇپ تۇرغاندا، نار تۆگە زۇۋانغا كېلىپ: - ئەي ئىگەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشقىلى بولمايدۇ. مېنىڭ قورسىقىمنى يېرىپ ئۇلارغا يەم قىلىپ بېرىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، — دەپتۇ. زېرەك تۆگىنىڭ قورسىقىغا قىلىچ ئۇرۇپتۇ. ھەرىلەر قان ھىدىنى پۇراپ تۆگىگە ئېتىلىپتۇ. زېرەك ھەرىلەردىن تىنچ - ئامان قۇتۇلۇپ يولىنى داۋام قىپتۇ. ئۇ ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ بېغىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ تۇزلۇق قاپاقتەك ئولتۇرغان موماينى كۆرۈپ سالام بېرىپتۇ. موماي بېشىنى كۆتۈرمەي: - ئەگەر سالىمىڭ بولمىغان بولسا، بىر تىنىقتا يۇتاتتىم. سەن بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. زېرەك كېلىش مەقسىتىنى ئېيتىپ: - باغنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرسىلە، — دەپتۇ. يالماۋۇز: - مانا، ئۆزۈڭ ئېچىۋال، — دەپ قىرىق بىر تال ئاقۇچنى تاشلاپ بېرىپتۇ. زېرەك يەردىن ئاچقۇچنى ئېلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇشىغا، يالماۋۇز بىر سىلكىنىپ ئەسلى سىياقىغا ئۆزگىرىپ زېرەكنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ: - سەن مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلۇپ چىقالىساڭ يالغۇز قاپاقنى بېرىمەن، بولمىسا جېنىڭنى ئالىمەن،— دەپ زېرەكنىڭ قولىنى سىقىپتۇ. زېرەكنىڭ بىلىكى قاراسلاپ، پۈتۈن بەدىنى سىرقىراپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپتۇ. زېرەك ئازابقا چىدىماي بوش تۇرغان قولى بىلەن يېنىدىن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ يالماۋۇزنىڭ قولىنى چېپىپتۇ. يالماۋۇزنىڭ قولى ئۈزۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كەپتۇ. يالماۋۇز شۇ ھامان زېرەككە ئېتىلىپتۇ. زېرەك يالماۋۇز بىلەن ئېلىشىشقا باشلاپتۇ. زېرەك يەتتە كۈندە يالماۋۇزنىڭ ئالتە بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. يالماۋۇزنىڭ بىر بېشى قالغاندا، زېرەك ئوقياسىنى ئېلىپ يالماۋۇزنى نىشانلاپ ئېتىپتۇ. يالماۋۇز ئاخىر ئۆلۈپتۇ. زېرەك قىرىق بىر تال ئاچقۇچنى ئېلىپ باغنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپتۇ. ئۇ باغ ئىچىدىكى دەرۋازىغا يېقىن بېرىشىغا، ئىككى دىۋە پەيدا بولۇپ: - ئەي مەرد يىگىت، بىزنى ئازاد قىلىۋەتسەڭ، — دەپتۇ. زېرەك ئۇلارنىڭ پۇت - قوللىرىغا زەنجىر - كىشەن سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ: - سىلەر بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ — دەپ سوراپتۇ. ئۇلار: - يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىزنى تۇتۇپ كېلىپ مۇشۇ دەرۋازىنى ساقلاشقا بەند قىلىۋەتكەن. بىزنى زەنجىر- كىشەندىن ئازاد قىلىساڭ، سىنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرساق،— دەپتۇ. زېرەك دىۋىلەرنىڭ پۇت - قولىدىكى زەنجىر-كىشەنلەرنى ئېلىپ تاشلاپ: - سىلەر ئادەمزاتقا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بېرىپ، ئۆز ماكانىڭلارغا قايتىڭلار، — دەپتۇ. دىۋىلەر: - ئەگەر بېشىڭغا كۈن چۈشۈپ، بىزگە موھتاج بولغاندا چېچىمىزنى كۆيدۈرسەڭ بىز تەييار بولىمىز،— دەپ بىرسى بىر تۇتامدىن چېچىنى يۇلۇپ بېرىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
زېرەك يەتتە دەرۋازىدىن كىرىپ قولىدىكى ئاچقۇچ بىلەن بىرىنچى ئۆينى ئېچىپتۇ. قارىسا تىلسىم قازان قايناپ، شىپالىق دورا قاپاققا چۈشۈۋاتقانىكەن. ئۇ قاپاق توشقاندا قاپاقنى ئېلىۋاپتۇ، شۇ ھامان قازان قايناشتىن توختاپتۇ. ئۇ ئىككى ئاكىسىنى ئىزدەپ باشقا ئۆيلەرنى بىر-بىرلەپ ئېچىپتۇ. ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئادەم بار ئىكەن، ئىشىك ئېچىلسىلا ئۆيدىكى ئادەملەر تەڭلا: - مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز،— دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. زېرەك ھەممە ئۆيدىكى ئادەملەرنى ئازاد قىلىۋېتىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى ئاكىسىنى تېپىپ كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىپتۇ. زېرەك ئاكىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئادەملەردىن: - سىلەر نەدىن كەلگەن ئادەملەر؟— دەپ سوراپتۇ. ئۇلار: - ئەي پالۋان يىگىت، بۇ چۆل-جەزىرىدىكى باغ ئەسلىي بىر كاتتا شەھەر ئىدى. بۇ شەھەرنى خەيبەر شەھىرى، دەپ ئاتايتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەر پادىشاھىنىڭ يالغۇز قىزىنىڭ قولى تۇتماس، پۇتى باسماس بولۇپ قالدى. پۈتۈن يۇرتتىكى تېۋىپلار قىزنىڭ كېسىلىگە داۋا تاپالمىدى. ئاخىر پادىشاھ:«كىم قىزىمنىڭ كىسىلىنى ساقايتسا، شەھەرنىڭ يېرىمىنى بېرىمەن» دەپ جاكارلىدى. شۇ كۈنلەردە ئۇ يالماۋۇز موماي پەيدا بولۇپ پادىشاھنىڭ قىزىنى داۋالاپ ساقايتتى. پادىشاھ لەۋزىدە تۇرۇپ شەھەرنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا بۆلۈپ بەردى. موماي شەھەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، ھەر ۋاقلىق تامىقىغا بىر ئادەمنى يېيىشكە باشلىدى، ئاخىر پادىشاھنىڭ قىزىنىمۇ يەپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر خانىۋەيران بولدى. سىز ئۇ يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ بىزنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز. سىز بىزگە پادىشاھ بولۇپ بۇ شەھەرنى قايتا قۇرۇڭ، — دەپ زېرەكنىڭ ئايىغىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشىپتۇ. زېرەك ئۇلارنى ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزۇپ: - مەن سىلەرگە پادىشاھ بولغىلى ئەمەس، ئانامنىڭ كۆزىگە شىپالىق دورا ئىزدەپ كەتكەن ئىككى ئاكامنى ئىزدەپ كەلگەن. مەن ئىككى ئاكامنىمۇ، ئانامنىڭ كۆزىگە شىپا بولىدىغان دورىنىمۇ تاپتىم. ئەمدى بىز ئۆز شەھىرىمىزگە بېرىپ ئانىمىزنىڭ كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئانىمىزنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىمىز، شۇ چاغدا سىلەرگە پادىشاھ بولسام، — دەپتۇ. ئۇلار: - ئەي مەرد يىگىت، ئانىڭىزنى بىز يۈدۈپ ئەكېلەيلى،— دەپ تۇرۇۋاپتۇ. شۇ چاغدا زېرەكنىڭ ئېسىگە ئۆزى قويۇۋەتكەن ئىككى دىۋە كەپتۇ. ئۇ دىۋىلەر بەرگەن چاچتىن بىر تالنى كۆيدۈرگەنىكەن، دىۋىلەر غارقىراپ ئۇچۇپ كەپتۇ. دىۋىلەر زېرەكنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: - ئەي مەرد يىگىت، نېمە تاپشۇرۇقۇڭىز بار؟ — دەپ سوراپتۇ. زېرەك دىۋىلەرگە: - سىلەر مېنىڭ شەھىرىمگە بېرىپ، ئانام بىلەن ئىككى ئاكامنىڭ خوتۇن- بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دەپتۇ. دىۋىلەر زېرەكنىڭ شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇپتۇ. ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئىككى دىۋە زېرەكنىڭ ئانىسى، ئىككى ئاكىسىنىڭ خوتۇن- بالىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ. زېرەك قاپاقتىكى شىپالىق دورا بىلەن ئانىسىنىڭ كۆزىنى يۇيۇپتۇ، ئانىسىنىڭ كۆزى ئېچىلىپتۇ. ئانا يورۇق دۇنيانى قايتا كۆرگەنلىكىگە خۇشال بولۇپ، ئوغۇللىرىنى باغرىغا بېسىىپتۇ. زېرەك پادىشاھ بولۇپ تەختتە ئولتۇرۇپتۇ. ئىككى ئاكىسىنى ئوڭ قول ۋە سول قول ۋەزىر قىلىپ، خەيبەر شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا بەل باغلاپتۇ. شەھەرنى ياخشى باشقۇرغاچقا، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ شەھەردە ھايات قايناشقا باشلاپتۇ. بازارلادا سودا قىزىپ، دوقمۇش-دوقمۇشلاردىن ناخشا-سازنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان بوپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە زېرەك بىر چۈش كۆرۈپتۇ.
ئانسىنىڭ كۆزى ئېچىلىپتۇ. ئانا يورۇق دۇنيانى قايتا كۆرگەنلىكىگە خۇشال بولۇپ، ئوغۇللىرىنى باغرىغا بېسىپتۇ، زېرەك پادىشاھ بولۇپ تەختتە ئولتۇرۇپتۇ. ئىككى ئاكىسىنى ئوڭ قول ۋە سول قول ۋەزىر قىلىپ، خەيبەر شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا بەل باغلاپتۇ. شەھەرنى ياخشى باشقۇرغاچقا، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ شەھەردە ھايات قايناشقا باشلاپتۇ. بازارلاردا سودا قىزىپ، دوقمۇش - دوقمۇشلاردىن ناخشا - سازنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان بوپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە زېرەك بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە بىر ساھىبجامال قىز بىردە رەڭگارەڭ گۈللەر ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، جانان چىنىدىن چىققان ئاۋازدەك زىل كۈلۈپ يۈرسە، بىردە يىلان - چايانلارنىڭ ئارىسىدا قېلىپ، غايەت زور يىلاننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىپ، قولىنى زېرەككە سۇنۇپ زار - زار يىغلارىمىش. زېرەك ئۇنى تارتىپ چىقىرىۋالىمەن، دەپ قول سۇنۇپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. زېرەك بۇ چۈشنى ئۇدا ئۈچ كېچە كۆرۈپتۇ. تۆتىنچى كېچىسى يەنە شۇ چۈشنى كۆرۈپ، چۈشىدىكى مەلىكىدىن: — ئەي دىلبەر، سەن قايسى باغنىڭ رەناسى، سېنى قايسى باغدىن تاپىمەن؟ — دەپ سوراپتۇ. قىز: مەن دىليار شەھىرىنىڭ مەلىكىسى، دىل كۆيەر جاناننىڭ رەناسىمەن. مېنى ئىزدىسىڭىز جەبىر - مۇشەققەت چۆلىدىن تاپارسىز، — دەپ، يىلاننىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇپ قولىنى سۇنۇپ زار - زار يىغلاپتۇ. زېرەك مەلىكىنىڭ يىغىسىغا تاقەت قىلالماي، ئۇنى چاقىرىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، زېرەكنىڭ چىرايى ئېچىلماپتۇ، گېلىدىن تاماق ئۆتمەپتۇ. زېرەكنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئىككى ئاكىسى: — ئەي ئۇكام، ھەپتە كۈن بولدى، چىرايىڭ ئېچىلمايدۇ، كۆڭلۈڭگە نېمە مالامەت يەتتى،_ دەپ سوراپتۇ. زېرە ئاكىلىرىغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىپ: —ئەي ئاكىلار، بۇ گەپلەرنى سىلەرگە دېيىشكە تىلىم كۆيىدۇ، لېكىن چۈشۈمدە كۆرگەن ئاشۇ مەلىكىنى تېپىىپ كەلمىسەم بولمايدۇ، — دەپتۇ. دانا بىلەن تادان ئارتۇق گەپ قىلماي رازىلىق بېرىپتۇ. زېرەك سەپەر تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ، يولغا چىقىش ئالدىدا ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان تەختنىڭ ئىككى يېنىغا ئىككى تال ئالتۇن زىخنى سانجىپ قويۇپ: —ئەي ئاكىلىرىم، سىلەر مۇشۇ زىخلارنى ئوبدان كۆزىتىڭلار. ئوڭ تەرەپتىكى زىختىن سۇ تامسا، ئىنىمىز ساق- سالامەت ئىكەن دەپ خاتىرجەم بولۇڭلار، سول تەرەپتىكىسىدىن قان تامسا، ئىنىمىز خەتەرگە ئۇچراپتۇ دەپ مېنى ئىزدەپ دەرھال دىليار شەھىرىگە بېرىڭلار،— دەپ يولغا چىقىپتۇ. زېرەك نۇرغۇن چۆل - جەزىرىلەرنى كەينىدە قالدۇرۇپ، كۆپ جەبىر - جاپا چېكىپ دىليار شەھىرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. زېرەك شەھەردىكى ھەممە ئادەمنىڭ ماتەم تونى كىيىشكىنىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپتۇ. ئۇ بىر بوۋايغا سالام بېرىپ: — ئەي بوۋا، بۇ ئادەملەر نېمىگە ماتەم تونى كىيىۋالدى؟ —دەپ سوراپتۇ. بوۋاي زېرەكنىڭ ئۈستبېشىغا قاراپ: — ئەي ئوغلۇم، سەن بۇ شەھەرلىك ئەمەس ئوخشايسەن. بۇ شەھەرگە قىرىق كۈن ئىلگىرى غايەت زور بىر يىلان پەيدا بولۇپ قالدى. يىلان پادىشاھنىڭ چارباغدا سەيلە قىلىۋاتقان قىزىنى تۇتۇۋالدى. يىلان مەلىكىنى ئۇچار قۇشمۇ چىقالمايدىغان تاغنىڭ ئۈستىگە ئاچىقىپ قەپەسكە سولاپ قويۇپ، كۈندە كىلىپ پادىشاھقا تەھدىت سېلىپ بىر قىزنى تۇتۇپ كېتىدۇ. پادىشاھ قارشىلىق كۆرسەتسە، ئاغزىدىن ئوت پۈركۈپ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ. پادىشاھمۇ ئىلاج قىلالمىدى يا بىرەر مەرد پالۋان چىقىپ يىلاننى يوقاتمىدى، شۇڭا ھەممە كىشى غەم - قايغۇدا قېلىپ، ماتەم تونى كىيىشتى،_ دەپتۇ. زېرەك بوۋايدىن: ئاشۇ يىلان قايسى تەرەپتە؟ — دەپ سوراپتۇ. بوۋاي يىلان بار تەرەپنى كۆرسىتىپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ. زبرەك يەتتە كۈن يول يۈرۈپ بوۋاي ئېيتقان تاغ تۈۋىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بۇ تاغ ناھايىتى ئېگىز بولغاچقا، زېرەك ھەرقانچە قىلىپمۇ تاغقا چىقالماپتۇ. ئۇ ئاخىر ئىلاج قىلالماي دىۋىلەرنىڭ چېچىنى كۆيدۈرۈپتۇ. دىۋىلەر شۇ زامان ئالدىدا پەيدا بولۇپ: _ ئەي مەرد يىگىت، نېمە ھاجىتىڭ بار؟ — دەپ سوراپتۇ. زېرەك ئەھۋالنى ئېيتىپ: — مېنى مۇشۇ تاغ ئۈستىگە ئاچىقىپ قويۇڭلار ! ! دەپتۇ. دىۋىلەر زېرەكنى تاغ ئۈستىگە ئاچىقىپ قويۇپتۇ. زېرەك كۆپ ئىزدىمەيلا بىر ئۆينى تېپىپتۇ. ئۇ ئۆينىڭ يا ئىشىكى، يا روجىكى يوق ئىكەن، ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە كىچىككىنە بىر تۈڭلۈك بار ئىكەن. زېرەك تۈڭلۈكتىن قاراپ، ئىچىدە بىرسىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ: — كىم سەن؟— دەپ سوراپتۇ. ئۆي ئىچىدىن بىر قىز بالىنىڭ: — ئۆزىڭىز كىم؟ ئادەم بولسىڭىز جېنىڭىزنى ئەپقېچىڭ، يىلان كېلىپ قالسا تىرىك قالمايسىز،— دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. زېرەك تۈڭلۈكتىن قىزنى ئېنىق كۆرگەندىن كېيىن، بېلىدىكى يەتتە غۇلاچ بەلباغنى يېشىپ ئۆي ئىچىگە تاشلاپ بېرىپتۇ. قىز بەلباغنى بېلىگە باغلاپتۇ، زېرەك قىزنى تارتىپ چىقىرىپتۇ. بۇ دەل ئۇ چۈشىدە كۆرگەن قىز ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ ھۆسن - جامالىنى كۆرۈپ ئەقلى لال بوپتۇ- دە، قىزغا سالام بېرىپ: — ئەي مەلىكە، سىز كىم بولىسىز؟— دەپ سوراپتۇ. مەلىكە: — مەن دىليار شەھىرىنىڭ پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى دىلسۇز بولىمەن، سىز ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟— دەپتۇ. زېرەك ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، ئاندىن: ئەي مەلىكەم، مەن سىزنى چۈشۈمدە كۆرۈپ ئاشىق بولغان، سىزنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىڭىزنى بىلىپ قۇتۇلدۇرغىلى كەلدىم،— دەپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. مەلىكە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ؟ —ئەي مەرد يىگىت، مەن بۇ يەردىن كەتكەن بىلەنمۇ يىلاننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايمەن. ياخشىسى، سىز ئۆز جېنىڭىزغا زامىن بولماڭ، بۇ يەردىن تېز كېتىۋېلىڭ، — دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. زېرەك: _ ئەي مەلىكە، مەن سىزنى تاشلاپ كېتەلمەيمەن، يىلاننىمۇ تىرىك قويمايمەن. قېنى ئېيتىڭا، يىلان قاچان كېلىدۇ؟— دەپ سوراپتۇ. مەلىكە: _يىلان مەن كۆلسەم كېلىدۇ، يىغلىسام كېتىدۇ،— دەپتۇ. قېنى كۈلۈڭ، يىلان كەلسۇن، يىلاندىن تېزرەك قۇتۇلۇپ، بۇ يەردىن كېتەيلى، — دەپتۇ زېرەك.ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ مەلىكە شۇنداق كۈلۈپتۇكى، ئۇنىڭ كۈلكىسىنى ئاڭلىغان بۇلبۇللار سايراشتىن توختاپتۇ. ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن زېرەك جىسمىغا كۈچ- قۇۋۋەت يىغىپتۇ. ئۇ ئوقياسىنى ئېلىپ قورام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپتۇ. قىزنىڭ كۈلكىسى توختىشى بىلەن يىلان گۈركىرەپ يېتىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن يەر - جاھان تىترەپ كېتىپتۇ. زېرەك يىلاننىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇ تاغدا، بېشىنىڭ بۇ تاغدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. يىلان زېرەكنى كۆرۈپ؟ —سەن كىم، بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ — دەپ ۋارقىراپتۇ. زېرەك: - مەن سېنىڭ جاجاڭنى بەرگىلى كەلگەن ئادەم !! دەپتۇ. يىلان قاقاھلاپ كۈلۈپ: — سەن تىرناقچىلىك تۇرۇپ مېنى قانداق يوقىتىسەن؟؟ قېنى، مەن سېنىڭ كارامىتىڭنى كۆرەي، — دەپتۇ. زېرەك ئوقياسىنى ئېلىپ: — بۇ مەلىكىنى تۇتقىنىڭنىڭ جاجىسى بولسۇن، — بىر ئوق ئۈزۈپتۇ. ئوق يىلاننىڭ ئوڭ تەرىپىگە تېگىپتۇ، يىلان بىر تولغىنىپ: يەنە باشقا كارامىتىڭ بارمۇ؟ — دەپتۇ. زېرەك يەنە بىر ئوقنى تەييارلاپ: — بۇ بىگۇناھ ئۆلگەن قىزلار ئۈچۈن، — دەپ ئېتىپتۇ، ئوق يىلاننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تېگىپتۇ. يىلان تولغىنىپ: —يەنە نېمە كارامىتىڭ بار؟ — دەپتۇ. زېرەك يەنە: — بۇ ئۆزۈم ئۈچۈن، — دەپ ئوق ئۈزۈپتۇ. ئوق يىلاننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تېگىپتۇ. يىلان يەنە بىر سىلكىنىۋېتىپ: — سەن كارامىتىڭنى كۆرسىتىپ بولغان بولساڭ، مېنىڭ دەم تارتىشىمنى كۆر، — دەپ بىر سۈمۈرگەنىكەن، زېرەك غازاڭدەك ئۇچۇپ يىلاننىڭ ئاغزىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، قىلىچىنى چىقىرىپ مەيدىسىگە توغرا تۇتۇۋاپتۇ. يىلان شۇنداق سۈمۈرۈپتۇكى، بىر سۈمۈرۈشتە زېرەك يىلاننىڭ ئېغىزىدىن كىرىپ، قۇيرۇقىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. يىلان بىر سىلكىنىپ ئىككى پارچە بولۇپ كېتىپتۇ، يىلاننىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. مەلىكە زېرەكنىڭ پالۋانلىقىدىن سۆيۈنۈپتۇ. مەلىكە زېرەككە: — بىز بۇ تاغدىن قانداق چۈشىمىز؟ — دەپتۇ. زېرەك يىلاننىڭ تېرىسىدىن قىلىچى بىلەن تاسما تىلىپ، بىر - بىرىگە ئۇلاپتۇ، تاسمىنىڭ بىر ئۇچىنى يوغان قورام تاشقا باغلاپ قويۇپ، بىر ئۇچىنى تاغدىن پەسكە تاشلاپتۇ. ئۇلا تاسمىغا ئېسىلىپ تاغدىن چۈشۈپتۇ. ئۇلار تاغدىن چۈشۇم بىرئاز مېڭىشىغا قاراقچىلارغا ئۇچراپ قاپتۇ. زېرەك ئۆزى يالغۇز بىر توپ قاراقچىلار بىلەن يەتتە كېچە- كۈندۇز ئېلىشىپ، يەتتە يېرى يارىلىنىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ قاراقچىلارنىڭ بىر ئېتىنى تۇتۇپ، مەلىكە دىلسۇزنى ئاتقا مىندۈرۈپ: —خەير مەلىكە، جېنىڭىزنىڭ ئامالىنى قىلىڭ، ھايات بولساق كۆرۈشەرمىز،— دەپ ئاتقا بىر قامچا ساپتۇ. ئات بىرلا.يۇلقۇنۇپ، قورشاپ تۇرغان قاراقچىلارنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ. زېرەك قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار زېرەكنى زىندانغا سولاپ قويۇپتۇ. ئەمدى ئىككى كەلىمە سۆزنى مەلىكە دىلسۇزدىن ئىشىتەيلى: مەلىكە قاراقچىلارنىڭ ئارىسىدىن بۆسۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇدۇل دىليار شەھىرىگە كېلىپ، بولغان ئەھۋالنى ئاتىسىغا سۆزلەپ بېرىپ: —دەرھال ئاشۇ مەرد يىگىتكە ياردەم بېرىڭ، بولمىسا ئۇ قاراقچىلارنىڭ قولىدا بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىدۇ، — دەپ يىغلاپتۇ. لېكىن، پادىشاھ قىزىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشەنمەي: — مېنىڭ ئىككى مىڭ لەشكىرىم تەڭ كېلەلمىگەن زور يىلاننى بىر ئادەم قانداق يوقاتسۇن؟ سەن ئۇ يەردىن قېچىپ كېلىپ پۈتۈن شەھەرنى ۋەيران قىلىدىغان بولدۇڭ. يىلان كەلگۈچە سېنى سولاپ قوياي، يىلان كەلگەندە چىقىرىپ بەرمىسەم بولمايدۇ،— دەپ مەلىكىنى سولاپ قويۇپتۇ. مەلىكە زار -زار يىغلىغان بولسىمۇ، پادىشاھ پەرۋا قىلماپتۇ.. ئەمدى ئىككى كەلىمە سۆزنى زېرەكنىڭ ئىككى ئاكىسى دانا بىلەن تاداندىن ئىشىتەيلى: ئۇلار زېرەك سەپەرگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يۇرتنى ئادىللىق بىلەن ياخشى باشقۇرۇپتۇ ھەم تەختنىڭ ئىككى يېنىغا سانجىپ قويغان ئالتۇن زىخقا ياخشى قاراپتۇ. ئۇلار نۆۋەتلىشىپ زىخلارنى دائىم كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەختنىڭ سول يېنىغا سانجىلغان ئالتۇن زىختىن قان تامچىلاپتۇ، ئۇلار بۇنى كۆرۈپ:«ئىنىمىز خەتەرگە ئۇچراپتۇ، دەرھال ياردەمگە بارمىساق بولمايدۇ» دېيىشىپ، نۇرغۇن لەشكەرلەرنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ دىليار شەھىرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇلار پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھ قىزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، قىزىنى سولاقتىن بوشىتىپ: — ئۇ مەرد يىگىتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى مۇشۇ قىزىم بىلىدۇ، سىلەرگە يول باشلاپ بارسۇن،— دەپ مەلىكىنى ئۇلارغا قوشۇپ قويۇپتۇ.مەلىكە دانا بىلەن تاداننى قاراقچىلار ماكانىغا باشلاپ بېرىپتۇ. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن قاراقچىلارنىڭ ھەممىسىنى يەر چىشلىتىپ، زېرەكنى زىنداندىن چىقىرىپتۇ. ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ ۋە دىليار شەھىرىگە قايتىپ كەپتۇ. دىليار شەھىرىنىڭ پادىشاھى قىزى ۋە زېرەكتىن ئەپۇ سوراپتۇ ھەم مەلىكە بىلەن زېرەكنىڭ تويىنى قىلىشقا پەرمان چۈشۈرۈپ، يەتتە كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. زېرەك بىلەن مەلىكە دىلسۇز ۋىسال تېپىپتۇ. توي بولۇپ قىرىق كۈندىن كېيىن زېرەك دىليار شەھىرىنىڭ پادىشاھىدىن خەيبەر شەھىرىگە كېتىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. پادىشاھ رۇخسەت قىپتۇ.زبرەك، مەلىكە، دانا، تادانلار ئۆز شەھىرىگە داغدۇغا بىلەن قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار خەيبەر شەھىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ، ئەل - يۇرتنى خاتىرجەم قىپتۇ. تۈگىدى