: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
دانىشمەن ئانا
دانىشمەن ئانا
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئاتنىڭ ساغرىسىدا تورغاي ئۇۋىلايدىغان زاماندا بىر ياش زەرگەر ئۆتكەنىكەن، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھۈنەرۋەن يوق ئىكەن. بىر كۈنى زەرگەر يىگىت ئۇزاقتىن بېرى تاللاپ، ساندۇقىدا ساقلاپ كەلگەن لەئەل ياقۇتلاردىن كۆز قۇيۇپ بىر جۈپ بۇلاپكا سوقۇپ دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇپ ئولتۇرۇشىغا، بىر مۇنچە مەپە كېلىپ دۇكاننىڭ ئۇدۇلىدا توختاپتۇ. ئوتتۇردىكى مەپىدە پادىشاھنىڭ قىزى مەلىكە گۈلجەمىلە بار ئىكەن. مەلىكە يوپۇقنى قايرىپ مەپىدىن بېشىنى چىقىرىپ بۇلاپكىغا قارىغاندا، كۆزى زەرگەر يىگىتكە چۈشۈپ قاپتۇ. يىگىت يىگىتلەرنىڭ كۆزى، ئىزدەپ يۈرگەننىڭ دەل ئۆزى چىقىپ قاپتۇ. مەلىكە ئاتىسىدىن بىسوراق ئەركەك چىۋىن بىلەنمۇ ئۇچرىشالمايدىكەن. ئۇ ئىلاجسىز يىگىتكە قاراپ لەپپىدە بىر كۆز تاشلاپ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىپتۇ - دە، مەپىسىنى چاپتۇرۇپ كېتىپ قاپتۇ. مەلىكە ئاي دېسە ئايدىن ئارتۇق، كۈن دېسە كۈندىن نۇرلۇق، بىر يۈتۈم سۇ بىلەن يۈتۈۋەتكۈدەك چىرايلىق قىز ئىكەن. ئۇنىڭ كۆزىدىن چاچرىغان بىر پارچە ئوت يىگىتنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپتۇ، يىگىت بولالماي دۇكاننى تاقاپ قايتىپتۇ. ئانا ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئوغلى مەيدىسىنى نەم يەرگە يېقىپ، بولاپكىسىنى بېقىپ، يىلاندەك تولغىنىپ ياتقۇدەك. ئانا ئەنسىرەپ: - جېنىم بالام، بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياق... مەپە... قىز .... دەپ ئىڭراپتۇ يىگىت. - ۋاى، تۈزۈكرەك سۆزلىگىنە، بالام، نېمە دەۋاتىسەن زادى؟— دەپتۇ ئانا يېقىنراق كېلىپ. ئوغۇل بېشىنى كۆتۈرۈپ، بولغان ۋەقەنى بايان قىپتۇ. ئانا پېشانىسىن تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ بىرھازا ئويلىنىپتۇ - دە، ئاندىن: - بالام، گېپىڭگە زەن سالسام، شاھىمىزنىڭ قىزى مەلىكە گۈلجەمىلەگە كۆيۈپ قاپسەن. بۇ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىغاندەك بىر ئىش بوپتۇ. مەيدەڭگە مۇز، دۈمبەڭگە تۇز يېقىپ يۈرىۋەرمەي، نىيىتىڭدىن يانغىن،— دەپتۇ. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كېتىپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ بېشىنى يۆلەپ، ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ، ئاغزىغا سۇ تېمىتىپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. - ئوبدان بالام، كۆزۈڭنى ئاچقىن، ئىلاجىنى مەن قىلاي، مۇرادىڭغا يەتكىن، — دەپتۇ ئانا،— مەلىكە ھەر ھەپتىنىڭ جۈپ كۈنلىرى ئويناپ- كۈلگىلى چاربېغىغا كىرىدۇ، كېچىسى باغدىكى ھۇجرىسىدا قونىدۇ، شۇ چاغدا سەنمۇ بېرىپ ماراپ تۇرغىن. مەلىكىنىڭ ساڭا راستلا مەيلى بولسا، سېنى كۆرگەندىن كېيىن بەلگە بېرىدۇ، ئېسىڭدە ساقلاپ، ماڭا كېلىپ دېگىن. زەرگەر يىگىت جۈپ كۈننى كۈتۈپ، چارباغنىڭ ئارقىسىدا يېتىپتۇ. پەيشەنبە كۈن ئىكەن، مەلىكە باغقا كىرىپ، كېنىزەكلىرى بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناپتۇ، كۆلچەڭ بويىدىكى شىپاڭغا چىقىپ، ئالدىنى زەرگەر يىگىتنىڭ دۇكىنى تەرەپكە قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن يىگىت شۇ ياقتىن تامغا يامىشىپ، بېشىنى كۆرسىتىپتۇ. مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇقىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋۋل ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن ئارقىسىنى كۆرسىتىپتۇ، ئاندىن بېشىدىكى تارغاقنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرۇپ كۆلچەككە تاشلاپتۇ - دە، شىپاڭدىن چۈشۈپ گۈللۈك ئارىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت مەلىكىنىڭ بىرەر ئېغىز لەۋزىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ ئىنتىزار ئىكەن، تامغا مىنىپ، باغقا تەلمۈرۈپ كۈننى كەچ قىپتۇ. مەلىكە قايتا كۆرۈنمەپتۇ. يىگىت سەرسان كۆڭلىنى باغدا قويۇپ، ئۆزى قايتىپتۇ. ئانا مەلىكىنىڭ بېشارىتىنى ئوغلىدىن ئاڭلاپ خۇش بوپتۇ.
- جان بالام، گېپىمگە قۇلاق سال !— دەپتۇ ئانا، - ئىشىڭ ئوڭغا تارتىپتۇ. مەلىكىنىڭ ئەينەكنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى كۆرسەتكىنى— كۈندۈزدە كەلمەي، كېچىدە كەل دېگىنى. تارغىقىنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرۇپ كۆلچەككە تاشلىغىنى — باغنىڭ كۆلچەككە سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچىنىڭ ۋادەكلىرىنى سۇندۇرۇپ، شۇ يەر بىلەن كىر دېگىنى. گۈللۈككە كىرىپ كەتكىنى— ئاشۇ گۈللۈكتە ئۇچرىشىمىز دېگىنى. ئوبدان بالام، بۈگۈن كېچە، ئەتە كۈندۈزى قانغۇچە ئۇخلىۋېلىپ، كەچتە بارغىن. يىگىت شېرىن خىياللارغا چۆمۈپ، سول كۆكسىنى مۇجۇپ، پىغان ئىچىدە چولپان يۇلتۇزغا قاراپ ئۆگزىدە يېتىپتۇ، تاڭنى كۈتۈپتۇ. تاڭمۇ ئېتىپتۇ، كەچمۇ بوپتۇ. يىگىت پىچىقىنى ئۆتۈكىنىڭ قونچىغا تىقىپ، ئاي قاراڭغۇسىدا يولغا چىقىپ، كۆزلىگەن يېرىگە بېرىپتۇ، سۈڭگۈچنىڭ ۋادەكلىرىنى قومۇرۇپ باغقا كىرىپتۇ. گۈللۈكتە مەلىكە يوق ئىكەن. يىگىت بىر دوقمۇشنى تاللاپ، مەلىكىنى ماراپ ئولتۇرۇپتۇ، ئولتۇرا-ئولتۇرا گۈل پۇرىقىدا مەست بولۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. مەلىكىنى سۆيگەن يىگىت زېرىكمەي-تېرىكمەي كۈتۈشى، كىرپىك قاقماي تۈننى تاڭغا ئۇلىشى شەرت ئىكەن، شۇنداق قىلالىغانلار سىتاقتىن ئۆتكەن بولىدىكەن. ئىلگىرى كۈرمىڭ يىگىت شەرتنى بەجا كەلتۈرەلمەي داغدا قاپتىكەن. مەلىكە گۈللۈككە كېلىپ، زەرگەر يىگىتنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بىزار بوپتۇ، يەنە ئۇنىڭ قامىتىگە قاراپ، ئۆز يۈرىكىنى سىلاپ بېقىپتۇ. «مەرتەم-مەرتەم، ئۈچ مەرتەم دەپتىكەن، خەير، بوپتۇ، يەنە بىر مەرتەم سىناپ باقاي، دىگەن يەرگە كېلىپ، يىگىتنىڭ قېشىدا بىردەم تۇرۇپتۇ - دە، كېتىپ قاپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. تاڭ يورۇپ قالسا، يىگىتكە زىيان-زەخمەت يېتىدىكەن، مەلىكىگىمۇ باغقا كىرىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەن. يىگىت لېۋىنى چىشلەپ، ئېڭىكىنى ئۇۋۇلاپ، چارباغدىن ئايرىلىپتۇ، زار-زار قاقشاپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ پەرىشان ھالىغا ئېچىنىپ سوراپتۇ: - بالام، بىرەر شەپە بولمىدىمۇ؟ - ياق، ئانا. - يانچۇقۇڭ دومباق تۇرىدۇ، بالام، قاراپ باققىنا... يىگىت يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ، بىر تال چالا كۆيگەن كۆمۈرنى ئاپتۇ ۋە ھەيران بولۇپ: - ئانا، بۇ نېمە ئىش؟_ دەپ سوراپتۇ. ئانا كۈلۈپ كېتىپ دەپتۇ: - بىلسەڭ، ئوغلۇم، ئۇخلاپ قېلىپ، مەلىكىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالماپسەن. ئۇنىڭ كۆمۈرنى يانچۇقۇڭغا سېلىپ قويغىنى — سەن ماڭا چالا-بۇلا كۆيگەنمىدىڭ؟ ئوتۇڭ ھېلىتىن ئۆچۈپتۇ، دېگىنى. خەيرىيەت، بەختىڭ بار ئىكەن، يول قويۇپتۇ. ئەتە كېچە لايغەزەللىك قىلماي، كۆزلىرىڭنى يۇمماي ئولتۇرغىن. قوپ، ئوبدان ئۇخلىۋال، بالام. يىگىت: «ماقۇل» دەپ بېشىنى چۈمكەپ يېتىپتۇ، ياتقاندىمۇ كۆزىنى تېڭىپ، كۆمۈرنى قوينىغا سېلىپ، كۆڭلى باغدا، تېنى كاڭدا يېتىپتۇ. كۈن پېتىپ، خەلقىئالەم جىمىپتۇ. يىگىت يولغا چىقىپتۇ. ئانا ئاقيول تىلەپ: «ئۇخلاپ قالمىغىن» دەپ جىكىلەپتۇ. يىگىت يول بويى: «ئۇخلىمايمەن، ئۇخلىمايمەن ! ئۇخلاپ قالىدىغان بولسام…» دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. گۈل تۈۋىدە ئولتۇرۇپ مەلىكىنى كۈتۈپتۇ، بىردەم كۈتۈپ، گۈل پۇرقىدا مەسىت بولۇپ يەنە ئۇخلاپ قاپتۇ. مەلىكە قاش-كىرپىكلىرىنى ياساپ، ياش كۆڭلىنى زەرگەر يىگىتكە ئاتاپ، گۈل تۈۋىگە كېلىپ قارىسا، يىگىت خورەك تارتىپ ياتقۇدەك. مەلىكە ئاچچىغىغا پايلىماي، ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي، يىگىتنىڭ ئالقىنىغا بىر دانە ياڭاق تاشلاپ قويۇپ، كەلگەن يولىغا قايتىپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. يىگىت كۆزىنى ئېچىپ، يورۇقتىن قېچىپ، يىغلىغان پېتى ئۇدۇل ئۆيىگە كەپتۇ. ئانا ياڭاقنى قولىغا ئېلىپ خاپا بوپتۇ
- ئۇيقۇ سۈيىدىغۇ يۇغۇرماپتىم، بالام، يەنە ئۇخلاپ قاپسەن. مەلىكە، پادا باققاندا دوست بوپتۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق، دەپتۇ. پېشانەڭدىن كۆر، ئەمدى بولدى قىل. يىگىت پۇشايماننى ئالغىلى قاچا، ئۆزىنى يۆلىگىلى ئاچا تاپالماي، يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. - بوپتۇ، - دەپتۇ ئانا ئوغلىنىڭ نالىسىگە چىدىماي، - بەنە بىر قېتىم بارغىن. بۇ قېتىم مۇنداق قىلارسەن: ئۇيقۇڭ كەلگەندە، بىر بارمىقىڭنى كېسىۋال، يەنە بولالمىساڭ، كېسىلگەن قولۇڭنى تۇزغا چىلا، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئېيتقانلىرىمنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت، ئەمدى ئامالىم يوق. يىگىت ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ. مەلىكە ئاشىقىنى ئويغاق ھالدا ئۇچرىتىپ قوينىغا ئاپتۇ. ئىككى ياش يۈرەك مۇڭلىرىنى تۆكۈپ، كۆڭلىگە شېرىن خىياللارنى پۈكۈپ، مۇڭدىشا-مۇڭدىشا ئۇخلاپ قېلىشىپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. گۈللۈككە قارايدىغان گۈلچى قېرى ئۇلارنىڭ گىرە سېلىشىپ يېتىشقانلىقىنى كۆرۈپ پادىشاھقا مەلۇم قىپتۇ. - داد پادىشاھىم، — دەپتۇ ئۇ تىزلىنىپ،— مەلىكە يىگىتكە قاراپتۇ، يىگىتنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى يېقىپ، تىنىقىنى پۇراپتۇ. - جاللات ! - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ. - خوش، ئالىيلىرى، — دەپ تىك تۇرۇپتۇ ئىككى جاللات. - گۈللۈكتە يېتىپتۇ ئىككى نائەھلى، بىرى ئەر، بىرى گۈلجەمىلە. تاشلاڭلار بەتبەختلەرنى زىندانغا، قانسۇن بىراقلا ئارزۇ-ئارمانغا، — دەپتۇ پادىشاھ. جاللاتلار مەلىكە بىلەن يىگىتنى زىندانغا تاشلاپتۇ. مەلىكە بىلەن يىگىت ئارا تامدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، بىر-بىرىنىڭ دىدارىنى كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە ئارا تامدىكى تۆشۈككە بېشىنى تىقىپ، يىگىتتىن ئۆزىنىڭ ئىشارەت-بېشارەتلىرىنىڭ مەنىسىگە قانداق يەتكەنلىكىنى سورىغانىكەن، يىگىت ئانىسى ئارقىلىق يەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. مەلىكە خۇش بولۇپ: - ئانىڭىز دانىشمەن ئىكەن. ئۇ بىزنى زىنداندىن قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ، — دەپتۇ ۋە ئىككى دانە ئاق قاشتاشنى لاتىغا ئوراپ، گۇندىپاي ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ئانا بۇنى كۆرۈپ ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ، ئىككى لېگەن پولۇ ئېتىپ، بىر لېگەن بىلەن گۇندىپاينىڭ ئاغزىنى ياغلاپتۇ، بىرىنى زىندانغا ئەكىرىپ، ئىككى ياشقا يېگۈزۈپتۇ، ئاندىن مەسلىھەت بېرىپ: - ئوغلۇم، ئايالچە ياسىنىپ چىقىپ كەتكىن، مەلىكىنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم توغرىلايمەن، دەپتۇ. يىگىت خۇش بولۇپ، ئانىسىنىڭ قولىغا سۆيۈپتۇ ۋە ئانىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، داستىخاننى قولتۇقىغا قىسىپ، خېنىملاردەك يورغىلاپ، گۇندىپاينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. دانىشمەن ئانا مەلىكىگە گۈلچى قېرى ئۈستىدىن ئەرز قىلدۇرۇپتۇ. ئەرزنى كۆرۈپ ھەيران قالغان شاھ زىندانغا كىشى ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپتىكەن، مەلىكىنىڭ يارىمۇ ئايال بولۇپ چىقىىتۇ. پادىشاھ ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىپتۇ ۋە جاللاتلارغا گۈلچى قېرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا مىخلاشنى، مەلىكە بىلەن يىگىتنىڭ ئانىسىنى ئازاد قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىشتىن ھەيران ئىكەن، سىرنى ئۇقالماي سەرسان ئىكەن. ئاخىر بىر كۈنى مەلىكىدىن سوراپتۇ: - قىزىم، سەن بىلەن ياتقان ئايال كىشى كىم بولىدۇ؟ - ئۆزىدىن سوراڭ، جېنىم ئاتا، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەلىكە كۈلۈپ تۇرۇپ. پادىشاھ قىزى ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئانىسىنى سارىيىغا چاقىرتىپتۇ. دانىشمەن ئانا: - كەمىنىنى سورىسىلا، پادىشاھىم، ياخشىلارنىڭ ئەلچىسى بولىمەن، بويىغا يەتكەن قىز-يىگىتنىڭ ھالىغا يېتىمەن. ئۆز قىزى، ئۆز ئوغلىنىڭ بەختىگە ئولتۇرغان جانابلىرىدەك ئاتا-ئانىلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن— دەپتىكەن، پادىشاھ قورقۇپ تىترەپ كېتىپتۇ. - ھەي ياخشىلارنىڭ ئەلچىسى، بېشىمنى ئۆزۈڭ ئوڭشىغايسەن، - دەپ ئايالنىڭ ئالدىغا تاشلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ. - بۇنىڭ چارىسى ئاسان، شەھەرلىرىدە مەلىكە گۈلجەمىلە بىلەن كىچىكىدىن ئاشىق-مەشۇق بولۇشقان قاۋۇل بىر زەرگەر يىگىت بار. ئىككىسىنىڭ بېشىنى قېتىپ قويسىلا جانلىرى ئامان قالىدۇ. شاھ دانىشمەن ئانىغا رەھمەت ئىىتىپ، ئالدىغا بىر لېگەن تىللا قويۇپتۇ، زەرگەر يىگىتنى چاقىرتىپ كېلىپ، مەلىكىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ بېرىپتۇ. زەگەر يىگىت بىلەن مەلىكە گۈلجەمىلە مۇراد - مەقسىتىگە يېتىپتۇ. تۈگىدى