: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
باتۇر قىز
باتۇر قىز
بۇرۇنقى زاماندا قول ئىلىكىدە يېتىپ ئاشقۇدەك دۇنياسى بار بىر بوۋاي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالتە ئوغلى، بىر قىزى بار ئىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەنجى ئوغلى تىجارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ، ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، قايتىپ كەلمەپتۇ، ئاتىسى ئۇنىڭ دەردىدە كۆيۈپ - پىشىپ يىغلاپ، ئاخىر ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، بوۋاينىڭ كۆزىنى داۋالىغىلى كەلگەن تېۋىب: — يىراق رۇم شەھىرىدە بۇنىڭ دورىسى بار، شۇ دورىدىن ئەكېلىپ كۆزىڭىزگە سۈرتسە كۆزىڭىز روشەنلىشىدۇ،—دەپتۇ. بوۋاي ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ : — بالىلىرىم، كىم ماڭا مېھرىبان بولسا، رۇم شەھىرىدىن كۆز دورىسىنى ئەكېلىدۇ. قېنى ئېيتىڭلار، يول راسخوتى ئۈچۈن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن، — دەپتۇ. — ئەي ئاتا، «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» دەپتىكەن، پۇللا بولسا دورىنى ئەكېلىمىز، — دېيشىپتۇ ئوغۇللار. بوۋاي ئۇلارغا يېتىپ ئاشقۇدەك ئالتۇن - كۈمۈش بېرىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. بەش ئوغۇل رۇم شەھرىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار شۇ ماڭغانچە داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەرلەردە يۈرۈپ، پۇل - پۇچەكلىرىنى بۇزۇپ - چېچىپتۇ، ئاخىر بىر پۇلسىز ئۆيىگە قايتىشىپتۇ. ئاكىلىرىنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن قىز ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ: — جېنىم ئاتا، رۇم شەھىرىگە ئۆزۈم باراي، ئاقيول تىلەپ رازىلىق بېرىڭ! — دەپتۇ. بوۋاي قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: — قىزىم، شۇ دورىنى ئەكېلىپ كۆزۈمنى ئاچساڭ، سەندىن مىڭ مەرتەم رازى ئىدىم ! — دەپتۇ. قىز قىرىق قېچىرغا يول لازىمەتلىكلىرىنى ئارتىپ، ئۆزى ئاتقا مىنىپ رۇم شەھىرىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئاتىسى شۇ يۇرىتتىكى نامرات ئائىلىلەردىن ئون قىزنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى رازى قىلىپ، قىزىغا قوشۇپ قويۇپتۇ. ئۇلار ئۇزاق يول يۈرۈپ، دەم ئېلىش ئۈچۈن بىر مەنزىلدە توختاپتۇ. قىز ھەمراھلىرىغا: — دوستلىرىم، سىلەرنى ئاتام قوشۇپ قويغان بولسىمۇ، مەن ھەممىڭلارنى ئازاد قىلدىم، ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپ ئەركىن ئويناپ - كۈلۈپ يۈرۈڭلار،— دەپتۇ، قىز ھەمراھلىرىغا نۇرغۇن مال - مۈلۈك ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپتۇ - دە، ئۆزى يالغۇز كېتىۋىرىپتۇ. ئۇ يول يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. بىر چاغدا ئۇنىڭ ئالدىدىن بەھەيۋەت بىر زور يىلان چىقىپ كەپتۇ - دە، قىزنىڭ ھەممە قېچىرلىرىنى بىر - بىرلەپ دەم تارتىپتۇ، لېكىن قىز پەرۋا قىلماي كېتىۋېرىپتۇ. شۇ چاغدا زور يىلان قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ سوراپتۇ: — ئەي ئادەمزات، ھەممە قېچىرلىرىڭنى يېدىم، قاراپمۇ قويمىدىڭ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ قىز پىسەنت قىلماي: — سەن ئاچ ئىكەنسەن، رەھىم قىلدىم، ئۇنداق بولمىغاندا سەن بىلەن ئېلىشاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتام ئەما بولۇپ قالغان. رۇم پادىشاھىنىڭ خەزىنىسىدە بىر دورا بار ئىكەن، شۇنى ئەكېلىپ، ئاتامنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا ئالدىراۋاتىمەن، — دەپتۇ. — ئەي ياخشى ئاتىنىڭ ياخشى بالىسى، ئۇنداق بولسا ئۈستۈمگە مىن !— دەپتۇ يىلان، — ياخشى نىيەت بىلەن يولغا چىققانلىقىڭ ئۈچۈن رۇم شەھىرىگە ئۆزۈم ئاپىرىپ قويىمەن. قىز يىلاننىڭ ئۈستىگە مىنىپتۇ ۋە بىردەمدىلا رۇم شەھىرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. يىلان قىزغا
- ھازىر قاراۋۇللار ئۇخلاۋاتىدۇ، خەزىنىگە قورقماستىن كىرىۋەرگىن. خەزىنىنىڭ دورىخانىسىدا قۇتىدىمۇ، قەغەزدىمۇ دورا بار. قۇتىدىكى دورىنى ئالساڭ، قەغەزدىكى دورىغا قول تەگكۈزمە، قەغەزدىكىنى ئالساڭ، قۇتىدىكى دورىغا قول تەگكۈزمە ! — دەپتۇ. قىز يىلاننىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ خەزىنىگە كىرىپتۇ، خەزىنىدىن دورىخانىغا ئۆتۈپتۇ. قۇتىدىكى ۋە قەغەزدىكى دورىلار بىر-بىرىدىن خۇش پۇراق ئىكەن، قىز قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي، تەۋەككۈل قىلىپ ئىككىلا دورىنى قولىغا ئاپتۇ. بىردىنلا ئاجايىپ-غارايىپ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، قىز بەند بولۇپ قاپتۇ. قاراۋۇللار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، شاھ ئوردىسىغا ئەكىرىپتۇ. - نېمىشقا خەزىنىگە ئوغرىلىققا چۈشتۈڭ؟— دەپ سوراپتۇ شاھ. - ئاتام كۆرمەس بولۇپ قېلىۋىدى، دورىغا كەلگەنىدىم، ئىجازىتىڭىزنى ئالمايلا كىرىپ قاپتىمەن، كەچۈرۈڭ ! -دوپتۇ قىز. - مۇغەمبەرلىك قىلىۋاتىسەن. مەيلى، ساڭا ئىشىنەي، لېكىن ماڭا ئەنەدىرخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ كېلىپ بەرسەڭ دورىنى بېرىمەن ۋە سېنىمۇ ئازار قىلىمەن، بولمىسا بېشىڭنى توڭ سويمىنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلايمەن! - دەپتۇ پادىشاھ. - بولىدۇ- دەپتۇ قىز تەزىم قىلىپ،— قىرىق كۈن مۆھلەت بېرىڭ. قىز قىرىق كۈن مۆھلەت بىلەن يىلاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. - ئەي ئادەمزات، نېمە قىلىپ قويدۇڭ؟ _ دەپ سوراپتۇ يىلان. قىز: - ھەر ئىككىلا دورىنى ئالىمەن، دەپ قولغا چۈشۈپ قالدىم، قۇتىلار سېھىر قىلىنغانىكەن،- دەپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ شەرتىنى ئېيتىپتۇ. - بولغۇلۇق بوپتۇ، يۈر، كېتەيلى،- دەپتۇ يىلان ۋە قىزنى ئەنەدىرخاننىڭ شەھىرىگە بىردەمدىلا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. يىلان قىزغا: - خان قىزى بىر ئۇخلىغاندا قىرىق كۈن ئۇخلايدۇ. ئۇ ئوتتۇز توققۇز كۈندىن بۇيان ئۇيقۇدا، ئەتە تاڭ ئاتسا ئويغىنىدۇ. قىزنىڭ ئالدىغا كىرگىنىڭدە، ئۆزىگە تەگسەڭ، دوپپىسىغا تەگمە، دوپپىسىغا تەگسەڭ، ئۆزىگە تەگمە. قىزنىڭ ھوجرىسىغا كىرىشتە ئىككى ئۆي بار، ئۆيلەرگە لىقمۇلىق پاختا بېسىلغان، قويۇن ۋە يانچۇقلىرىڭغا پاختىنى تولدۇرۋالغاندىن كېيىن مەلىكە ياتقان ئۆيگە كىرگىن. پەلەمپەينىڭ ئىككى يېنىغا قوڭغۇراقلار ئېسىلغان، قوڭغۇراڭلارنىڭ ئىچىگە پاختا تىقىۋەت، جىرىڭلىمايدۇ،— دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. قىز يانچۇقلىرىغا پاختا تولدۇرۇپ، قوڭغۇراقلارغا پاختا تىقىپتۇ - دە، مەلىكە ياتقان ئۆيگە كىرىپتۇ. مەلىكە تاتلىق ئۇخلاۋاتقانىكەن. قىرىق كىنىزەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنى قوغداپ ياتقانىكەن. مەلىكىنىڭ بېشىدا بىر چوڭ دوپپا بار بولۇپ، دوپپا مەلكىدىن چىرايلىق، مەلىكە دوپپىدىن چىرايلىق ئىكەن. قىز مەلىكىنىمۇ، دوپپىنىمۇ بىرلىكتە كۆتۈرۈپتۇ، دەل شۇ چاغدا ھەيۋەتلىك گۈلدۈرلەش سادالىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەممە ئەتراپ تەۋرەپ كېتىپتۇ، ئىشىكلەر يېپىلىپ، قىز بەند بولۇپ قېلىپ تۇتۇلۇپتۇ. بۇ يەرمۇ سېھىر قىلىنغانىكەن. قوللىرى قايرىلىپ باغلانغان قىز خان ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. غەزەپلەنگەن خان
— نېمە سەۋەبتىن قىزىمنى ئوغرىلىماقچى بولدۇڭ؟ دەپ ۋارقىراپتۇ. — ئاتام كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى، دورا ئىزدەپ رۇم شەھىرىگە بېرىپ قولغا چۈشۈپ قالدىم. رۇم پادىشاھى: «ئەنەدىرخاننىڭ مەلىكىسىنى ئېلىپ كېلىپ بەرسەڭ دورا بېرىمەن، بولمىسا بېشىڭنى سويمىنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلايمەن» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەنىدىم،— دەپتۇ قىز. — سۆزۈڭگە قارىسام راستچىل كۆرۈنىسەن. كۈنپېتىش تەرەپتە كۇھىقاپ دېگەن جاي بار، ئۇ يەردە بىر جادۇگەر ياشايدۇ. ئۇنىڭ بىر قارا تۇلپار ئېتى بار، شۇنى ئەكەلسەڭ قىزىمنى بېرىمەن، بولمىسا تېرەڭنى شىلىمەن ! دەپتۇ ئەنەدىرخان. — بولىدۇ،— دەپتۇ قىز،— تۆت كۈنلۈك مۆھلەت بېرىڭ. — بارغىن، تۆت كۈنلۈك مۆھلەت بەردىم، — دەپتۇ خان. قىز يىلاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە بولغان ئەھۋالنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. يىلان قىزنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار بىر كېچە- كۈندۈزدە كۇھىقاپقا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە جادۇگەرنىڭ ئاتخانىسىغا يېقىن كەپتۇ. — جادۇگەر ئۇخلىماقچى،— دەپتۇ يىلان،— مۇشۇ يەردىن لەخمە كولاپ، ئوقۇر تېگىدىن بېشىڭنى چىقار. تۇلپار سېنى كۆرۈپ كىشنەيدۇ. جادۇگەر: «ئادەم پۇرىقى كېلىۋاتىدۇغۇ» دەپ تۆت تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، تاپالماي كېلىپ يەنە جايىدا ياتقاندا بېشىڭنى چىقار، تۇلپار تېخىمۇ قاتتىق كىشنەيدۇ. جادۇگەر تۇلپارغا غەزەپلىنىپ: «ھەي نائىنساب ھايۋان، مېنى ئىككى قېتىم تەشۋىشكە سالدىڭ، يەنە شۇنداق قىلساڭ سېنى يەيمەن» دەيدۇ -دە، ياتقىلى چىقىپ كېتىدۇ. سەن ئەنە شۇ چاغدىلا بېشىڭنى چىقىرىپ:«ئەي تۇلپار، سۇ ئورنىغا سۈت، يەم ئورنىغا كۆك كىشمىش بېرىپ باقىمەن. بۇ زالىمنىڭ قولىدا ئازاب چېكىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. مەن سېنى ئەكېتەي» دەيسەن. تۇلپار بېشىنى ئېگىپ جىم تۇرىدۇ. ئوقۇرنىڭ يېنىدا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ئېگەر - جابدۇق بار، تۇلپارنى دەرھال ئېگەرلە، ئاندىن يېتىلەپ مېنىڭ ئالدىمغا كەل. قىز يىلاننىڭ ئېيتقانلىرىنى تولۇق بېجىرىپ، ئاخىر تۇلپارنى يىلاننىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ. يىلان قىز بىلەن تۇلپارنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ، ئەنەدىرخاننىڭ شەھىرىگە ئەكەپتۇ ۋە قىزغا: — ئەى قىز، بۇ تۇلپارنى ئۆزۈڭ ئال، مەن بىر دومىلاپلا خۇددى مۇشۇنداق تۇلپارغا ئايلىنىمەن. سەن مېنى خانغا بەر،خان قىزىنى ساڭا بېرىدۇ. مەلىكىنى ئېلىپ كېتىۋەرگىن، خان قىزىنى ساڭا بېرىدۇ. مەلىكىنى ئېلىپ كېتىۋەرگىن، مەن ئارقاڭدىن بارىمەن، — دەپتۇ يىلان. قىز ماقۇل بوپتۇ. يىلان بىر دومىلاپلا تۇلپارغا ئايلىنىپتۇ. قىز ئۇنى خانغا تەقدىم قىپتۇ. خان قىزىنى بېرىپتۇ. قىز بىلەن مەلىكە تۇلپارغا مىنىپ رۇم شەھىرىگە راۋان بوپتۇ. ئەمدى گەپنى خاندىن ئاڭلايلى: خان ئاتنى ئېگەرلەپ، ئالتۇن ئۈزەڭگىگە سول پۇتىنى قويۇپ، ئوڭ پۇتىنى ئەمدىلا كۆتۈرۈپتىكەن، تۇلپار چىۋىنغا ئايلىنىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ... يىلان ھايال بولماي قىزلارغا يېتىشىۋاپتۇ. ئۇلار رۇم شەھىرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. يىلان بىر دومىلىغانىكەن، ئەنەدىرخاننىڭ مەلىكىسىدىنمۇ چىرايلىق بىر قىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ. داۋامى بار
- مېنى پادىشاھقا تەقدىم قىلىپ، دورىلارنى ئەكېتىۋېرىڭلا- دەپتۇ يىلان. قىز ئۇنى رۇم شاھىغا بېرىپ، دورىنى ئېلىپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شاھ ئەلگە چوڭ توي بېرىپتۇ. توي تۈگىشى بىلەنلا قىز بىر دومىلاپ كۇمۇتىغا ئايلىنىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ… يىلان قىزلارغا يېتىشىۋېلىپ، ئىككىلا قىزنى ۋە تۇلپارنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ قىزنىڭ يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. قىز ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ، دورىنى ئاتىسىنىڭ كۆزىگە سۈرتكەنىكەن، كۆزى ئېچىلىپ، يورۇق دۇنيانى يېڭىباشتىن كۆرۈپتۇ. - جېنىم قىزىم، كۆزۈمنىڭ نۇرى ! — دەپ قىزنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپتۇ ئاتىسى. دەل شۇ چاغدا يىلان بىر سىلكىنگەنىكەن، ئۈستىدىكى تېرىلىرى سىيرىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، چىرايلىق ۋە قاۋۇل بىر يىگىت پەيدا بولۇپ قاپتۇ. قارسا بۇ يىگىت قىزنىڭ ئاكىسى، بوۋاينىڭ كەنجى ئوغلى ئىكەن. بوۋاي كەنجى ئوغلىنى كۆرۈپ: - ئاھ... ئوغلۇم ! كۆز نۇرۇم !— دەپ ئۇنى باغرىغا بېسىپتۇ. ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام كۆرۈشۈپتۇ. ئەلگە چوڭ توي بېرىلىپتۇ. تويدا ئوغلىدىن: - قېنى ئوغلۇم، نېمە بولدى؟ سۆزلەپ بەر ! - دەپ سوراپتۇ بوۋاي. ئوغۇل دەپتۇ: - مەن ئەنەدىرخاننىڭ قىزىغا ئاشىق بولۇپ، خانغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالدىم. ئۇ مىنى كۇھىقاپقا ئەۋەتتى. چادۇگەرنىڭ تۇلپارىنى ئىلىپ كېلىمەن دەپ، جادۇگەرنىڭ قولىغا چۈشتۈم. ئۇ مېنى يىلانغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئاتا-ئانىسىغا مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىز بولغان، ئۇلارنى دەپ جېنىنى ئايىمىغان ئوغۇل ياكى قىز مېنى بۇ سېھىردىن قۇتۇلدۇرۇۋالالايتتى. جېنىم ئاتا، سىزنى دەپ سىڭلىم كۆپ جاپالارنى چەكتى، ۋەدىسىنى ئورۇنلىدى، مېنى سېھىردىن خالاس قىلدى. - يارايسەن ئوغلۇم، رەھمەت ساڭا ! - دەپتۇ ئاتىسى. يىگىت ئاخىر ئەنەدىرخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپتۇ، ھەممەيلەن مۇراد-مەقسەتلىرىگە يېتىپ كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىنى بەخىت ۋە خوشاللىق بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. تۈگىدى