: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
مەلىكە بەرنا
مەلىكە بەرنا
تۇنجى كۈنى روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ،بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرىمەن ،خۇددى تام تۈۋىدىن ھوشۇ چىققاندەك ،تۈزۈكرەك سەۋەبمۇ يوقلا يۈز بەرگەن بىر مەيدان جىدەلدىن كېيىن ، ئايالىم خۇددى ،بۇرۇن ماڭا قوقاق سېلىپ ئېيىتقىنىدەكلا ،ئىككى ئوغلىمىزنى ماڭا قالدۇرۇپ ،ئۆزى يالغۇزلا ئىككى قولىنى سېلىپلا كېتىپ قالدى . بۇرۇن ئۇ دائىم، -ئەگەر سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ غورۇرۇمغا تەگكۈدەكلا بىر ئىش قىلىدىكەنسىز ،مەن ئىككى ئوغلىڭىزنى سىزگە تاشلاپ بېرىپلا كېتىپ قالىمەن -دەپ ئېيىتقان چاغلىرىدا ،ئۇنى ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ ياكى قورقۇتۇپ قويۇۋاتىدۇ ،دەپلا چۈشنەتتىم ،چۈنكى ئۇ ئىككى ئوغلىمىزغا باشقا ھەرقانداق ئانىلاردىنمۇ بەك مېھرىبان بولۇپ ،ئۇلارغا بەكلا كۆيۈنەتتى ،شۇڭا ئۇنى ،ئىككى ئوغلىمىزنى ماڭا تاشلاپ بېرىپ كېتەلمەيدۇ دەپ كېسىپلا ئىشەنچ قىلغان ئېدىم . مانا ئەمدىلىكتە ،بۈگۈن ئايالىم ،ئۆز قەدەملىرى بېلەن مېنىڭ بۇ ئىشەنچىمنىڭ ئېنتايىن ،بېمەنە بىر ھېسىيات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىپ كېتىپ قالدى . كەتسەڭ كېتىۋەرگىن ،سەن كەتكەنگە مەن ياشىيالماي قالامدىكەنمەن ،توختىماي كوتۇلدايسەن ،ۋىتۋالاقتەك سۆزلەپ ،ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىن تارتىپ ،تاڭ ئاتقۇچە زۇۋانىڭ بېسىقمايدۇ، مېنىڭ قىلغان ھېچقانداق بىر ئىشىم ساڭا ياراپ باققىنى يوق، ئەر بولۇپ سېنىڭ ئالدىڭدا بىرەر قېتىم ھۆرمەتكە ئېرىشىپ باققان ۋاقتىم تېخى يوق ،مەنمۇ سەندەك ئىت زۇۋان خوتۇندىن زېرىكىپ ئاران تۇرىۋاتقانتىم ،كەتسەڭ كېتىۋەمەمسەن، قاراپ تۇر ،ئىككى ئوغلىمىزنى قانداق باقىدىكەنمەنكىن .تېخى ماڭا سەندىن باشقا خوتۇن تەگمەيمىش ،تەگكەن تەقدىردىمۇ ،مېنىڭ خۇيلۇرۇمغا چىدىماي يامانلاپ چىقىپ كېتەمىش -خەپ توختاپ تۇر ،ساڭا بىر كۆرستىىپ قويمايدىغان بولسام ،بۇ ئۆينى خوتۇنسىزمۇ قانداق تۇتالايدىغانلىقىمنى . ئايالىمنىڭ بايا ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئويلىغانسېرى ،غەزىپىم ئۆرلەپ ،ئۆزۈمنى باسالماي ،ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ سۆزلەپ ،ئورنۇمدىن تۇرۇپلا كەتتىم. ھەمدە ئىككى ئوغلۇمنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى بولغۇچە ،ئۆزۈمنىڭ بىر ھۈنۈرۈمنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ،،ئايالىم ،ھەركۈنى بىرخىل ئوخشىمايدىغان تاماقلارنى ئېتىش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ،تاماق رىسالىسىنى ئېلىپ ،ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . توڭلاتقۇدا ،ھەممە سەيلەر تۈرى بېلەن تۇراتتى ،گۆشمۇ يېڭىلا ئەكىرىلگەن بولسا كېرەك ،رەڭگىنى يوقاتماي تېخىچە پارقىراپ تۇراتتى .قاقباش خوتۇن ،ئاغزى ئىتتىك بولغىنىغا يارىشا ئۆز ئىشىغا پۇختىدە، نېمىلا دىگەن بېلەن ،بۇنىڭ پايدىسىنى بۈگۈن بىركۈن بولسىمۇ مەن كۆرىدىغان بولدۇم -ئۆز-ئۆزۈمگە كوتۇلدىغاچ ،توڭلاتقۇدىن ،لازىمەتلىك سەيلەرنى ئېلىپ،تاماق رىسالىسىنى ئالدىمغا يېيىپ ، ،ئوخشۇتۇپ بىر سەي قورۇش ئۈچۈن تەييارلىقىمنى باشلىۋەتتىم . مېنى قىلالمايدۇ دەپ، قالغانمىدىڭ مەن سەن ئېيىتقاندەك ئۇنداق قولىدىن پوق كەلمەيدىغان ئەركەكلەردىن ئەمەس بىلىپ قوي ،سەن مىسىلداپ ،بىركۈن قىلغان ئىشنى مەن بىر سائەتتىلا قىپ بولالايمەن -قولۇمدا سەي توغراۋاتىمەن، ئاغزىمدا يەنە شۇ خوتۇنۇمغا بولغان قورساق كۆپۈكلۈرىمنى بايان ئەيلەۋاتىمەن -تاماق ئىتىپ بېرىۋاتىمەن، تاماق ئېتىۋاتىمەن دەپ، ئاغزىڭدىن چۈشۈرمەيسەن ،سېنىڭ تاماق ئەتكىنىڭ شۇنداق يوغان ئىشمۇ ،تاماق ئەتكەن ئادەم شۇنداق چوڭ ئادەممۇ؟ تاماق ئەتكەنلىكى ئۈچۈنلا نېمە دېسە بولۇۋېرەمدىكەن، ئەجەبا مەن تاماق ئىتەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن سېنىڭ قولۇڭغا قاراپ ئولتۇرۇشۇم ،مەجبۇرمىكەن، ياق ،مۇمكىن ئەمەس ،سەن ئەتكەن تاماقنى مەنمۇ ئېتەلەيمەن، قارىغىنە ،سەيلەرنى قانداق ئاقلاۋاتىمەنكىن ،ۋايجان -سۆزلەۋېتىپلا تۇيۇقسىزلا قولۇمغا قولۇمدىكى پىچاق يىنىككىنە سۈركەلگەندەك قىلىپ ،قولۇمدىن ئازراق قان سىرغىپ چىقتى ،تۇيۇقسىزلا ،ئايالىمنىڭ قايسى بىركۈنى ئېيىتقان ،سىزچە تاماق ئېتىش شۇنداق ئاسانمىكەن ،سىز يىگەن ئوخشىغان بىر تاماق ئۈچۈن ،مېنىڭ قانچە قېتىم قولۇمنى كېسىپ سەي توغرايدىغانلىقىمنى، دوڭغۇرۇپ قىينىلىپ تۇرۇپ خېمىر يۇغرۇپ ،ئاش تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك قىينىلدىغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟-دىگەن سۆزلىرى يادىمغا كېلىپ -قان ئېقىۋاتقان قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ -بۇ قانچىلىك ئىشتى ،قول قانىسا نېمە بوپتۇ، سېنىڭ زۇۋانىڭدىن قۇتۇلىدىغانلا ئىش بولسا ،بارمىقىم كېسىلىپ كەتسىمۇ مەيلى مېنىڭ -دەپ غوتۇلدىغىنىمچە ،ھۇجرا ئۆيدىن پېلاستىر ئېلىپ چىقىپ قولۇمنى تېڭىۋالغاندىن كېيىن ئىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم . ھەر ھالدا ،تۇنجى قېتىم قورۇغان سېيىم خېلىلا رەڭ تۈزىگەن ھالدا تەييار بولدى . كۆدۈڭما ،ۋېتىۋالاق خوتۇن ،سەي قورۇش بىر تەس ئىش ئەمەسقۇ ،سەن قىلغان ئىشنى مەنمۇ قىلالايمەن -ئۆزۈم قورۇغان سەيگە قاراپ، مەمنۇنلۇق ئىچىدە بىر كۈلۈمسرىىۋەتكەندىن كېيىن ،ئوخشۇتۇپ بىر لەغمەن ئېتىش ئۈچۈن، سىرىتتىن لەغمەن پىلتىسى ئەكىرىشكە چىقىپ كەتتىم .. --ۋاي دادا ،بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ قارىغىنە-لەغمەن پىلتىسىنى ئېلىپ ،قايتىپ كىرسەم ،كىچىك ئوغلۇم ئېرپان ئىشىكنىڭ بوسۇغۇسىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ . ھېلىقى خوتۇن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ،بۈگۈنكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىگەن ئوخشىمامدۇ ؟ كىچىك بالغىمۇ گەپ ئۈگەتكىنىنى خەپ ۋىتىۋدلاق خوتۇن -ئۆز -ئۆزۈمگە شۇنداق دىگەندىن كېيىن -ئوغلۇمنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەيلا ئېغز ئاچتىم . --ئوغلۇم ،مەن ساڭا چۈشەندۈرەي قارا ،ئاپاڭ ،ئۇ -ئوغلۇمغا ئاپاڭ كەتتى دىيىشكە يەنىلا ئاغزىم بارماي كېككەچلەپ قالدىم -ئەمدى سەنمۇ چوڭ بوپ قالدىڭ ،سەككىز ياشقا كىرىپ قالدىڭ ئەمەسمۇ ؟ ئەلۋەتتە ،مەنمۇ سىلەرنى ئاپاڭلاردەك باقالمىساممۇ ،ئاپاڭلاردەك بېقىشقا تىرىشىمەن، قالدىسىغا ئاكاڭ ئىككىڭلارمۇ بار ئەمەسمۇ، شۇڭا ئوغلۇم ،ماڭا ئىشەنگىن ،قارىغىنە ئۆيدە سىلەرگە ئوخشۇتۇپ سەي قورۇپ قويدۇم ئاپاڭنىڭ قورۇغان سېيىدىن قېلىشمايدۇ، قارا ،ماۋۇ لەغمەننى ئۆز قولۇم بىلەن سىلەرگە سەپ بېرىمەن يۈرە ئۆيگە كىرەيلى .ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ --دادا ،سەن نېمە دەۋاتىسەن ،سېنىڭ ئوخشۇتۇپ قورىغان سېيىڭ مۇشۇما ؟-نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئاڭقىرالمىغاندەك ماڭا قاراپ قېتىپ تۇرغان كىچىك ئوغلۇمغا شۇلارنى دەپ ،ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كىرمەكچى بولۇپ تۇرىشىمغا ،،چوڭ ئوغلۇم رەپقەت كۆيۈپ قاپقارا چۈچىلە بولۇپ، قازاننىڭ تېگىگە ئولتۇرۇشۇپ قالغان ،بىر قازان سەينى ئېلىپ چىقىپ ماڭا كۆرسەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى -دادا ،سەن قاچانمۇ ،مۇشۇنداق ئالدىراڭغۇ مىجەزىڭنى ئۆزگەرتەرسەن، ئەگەر ئىنىم ئىككىمىز ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولساق ،بۇ سەي كۆيۈپلا قالماي ،قازانغا ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەن بولاتتى ،ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ،ئوت ئۆيگە تۇتۇشۇپ كەتكەن بولاتتى ،ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا... --ۋاي ئوغلۇم ،مۇشۇ ئاپاڭغا ئوخشاش كوت كوت مىجەزىڭنى قاچانمۇ ئۆزگەرتەرسەن ،بەك تولا دەپ كەتتىم ساڭا -ئوغلۇمنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، ئاشخانىغا قاراپ بېقىش ئۈچۈن ،ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . ئاشخانا ئۆيدىكى بايا مەن قويۇپ چىكەتكەن قالايمىقانچىلىقلار پاكىزە يىغۇشتۇرۇلغان بولۇپ ،گاز ئېتىۋېتىلىپ، ئوتمۇ ئۆچۈرىۋېتىلگەن ئېدى ،بۇ ئىشلارنى ئەلۋەتتە چوڭ ئوغلۇم قىلغان ئېدى-ئەخلەتنى قانداق قىلدىڭلار ؟ --ئەخلەتنى مەن تۆكۈپ كىردىم دادا ،نېمانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ سىنىڭ ،بايا ئەخلەت تۆكۈپ كىرىۋاتسام ئىشىك ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالدۇققۇ، ساڭا قىلغان ئىشلىرىڭنى دەپ بېرەي دەۋاتسام ماڭا بىرمۇنچە سۆزلەپ كەتتىڭ -چوڭ ئوغلۇمدىن سورىغان سوئالىمغا كىچىك ئوغلۇملا جاۋاب بېرىۋەتتى . --ھە ،شۇنداقمۇ، ئەمىسە مەن سىلەرگە قايتىدىن سەي قورۇپ تاماق ئېتىپ بېرەي ھە ،-سەل خىجىل بولغاندەك بولۇپ ،باللىرىمغا نومۇس كۈچىدىن قىزىرىپ تۇرۇپ ،شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،قولۇمدىكى لەغمەن پىلتىسىنى قويۇپ ،توڭلاتقۇغا قاراپ ماڭدىم . دادا ،شۇ تاپتا قورساقلار ئېچىپ كوكىراپ كېتىۋاتسا ،سەن سەي قورۇپ بولغۇچە چىداپ ئولتۇرامدۇق ،بولدى ،بىزگە سىرىتقا چىقىپ تاماق ئەپ بىرە -چوڭ ئوغلۇمنىڭ بۇ سۆزى بېلەن تەڭ ،مېنىڭ ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئاپىسىدىن قېلىشقىدەك يېرىم يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش خېيالىم كۈپۈككە ئايلىنىپ يۇۋاشلىقچە توڭلاتقۇنىڭ ئاغزىنى يېپىپ ،يۈرۈڭلار باللىرىم ،بوپتۇ ،بۈگۈن سىرىتتىن تاماق يەيلى -دەپ ،سىرىتقا قاراپ ماڭدىم . --ھەي دادا ،سېنى قانداق قىلامىز ،مۇشۇ خېمىرنى مۇشۇ يەردە قويۇپ ئۇنتۇلۇپ قالساڭ، ئەتىگىچە بۇزۇلۇپ يىگىلى بولارمۇ بۇ ئىسسىقتا -رەپقەت ماڭا قاراپ باشلىرىنى چايقاپ قويغاندىن كېيىن ،بايا مەن قويۇپ قويغان لەغمەن پىلتىسىنى ئېلىپ ،توڭلاتقۇغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ،ماڭا ئەگىشىپ ماڭدى . --ئاناڭدىن قېلىشمىغۇدەكلا بىر بالا بولدۇڭ ،نېمە دىگەن تولا گەپ بۇ -ئوغلۇمنىڭ مېنى چاندۇرغىنىغا ئوبدانلا ئاچچىقىم كەلگەن ئېدى . تاماق ۋاقتىدا باللىرىمغا ،ئاپىسىنىڭ يامانلاپ كەتكەنلىكىنى قانداق ئېيتىشنى خېلى ئۇزۇن ئويلاشقان بولساممۇ ،ئەمما قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلەلمەي ،تاماقنىمۇ يەپ بولۇپ ،يەنە زۇۋانسىز ئۇلارنى ئېلىپ ،ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. ئۇلار نېمىشقا ئاپام قېنى دەپ جىدەل قىلىشمايدىغاندۇ ،ئەجەبا ،ئاپىسى ئۇلارغا دەپ بولغان ئوخشىمامدۇ ؟ ياق ،چوقۇم دېمىىدى ،دىگەن بولسا ،باللىرىم مۇشۇ خۇيى بىلەن ،چوقۇم ،ئاپامنى قايتۇرۇپ كەل دەپ بېشىمنى ئوچاق ئېتىۋېتەر بولغىيدى . --باللىرىم ،بۇ ئىشنى سىلەر ھامان بىلىسىلەر ،شۇڭا بالدۇرراق بىلگىنىڭلار ياخشى ،بەزى ئىشلارنى سىلەر بىلمەيسىلەر ،پەقەت چوڭلار ئۆزى بىلىشىدۇ، شۇڭا .... --شۇڭا دادا ،بىز سېنى توغرا چۈشىنىپ ،ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق ،بولدى بىزگە ئاپامنىڭ گېپىنى دېمىسەڭمۇ بولىدۇ ،بايا ئاپامنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى كۆرۈپ بولدۇق ،ئۇ ئىنىم ئىككىمىزنىڭ يالۋۇرۇشىمىزغا قارىماستىن بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ،تېخى بىزگە ،مېنى ئەمدى ئىزدىگۈچى بولماڭلار دېدى ،شۇڭا بىز ئەمدى ئاپىمىزنى ئىزدىمەيمىز ،ساڭا سادىق بولۇپ ،سەن بېلەن ياشايمىز -باللىرىمغا چۈشەندۈرمەك بولۇپ ،تەستە ئېغزىمنى ئېچىپ تۇرسام چوڭ ئوغلۇم سۆزۈمنىڭ بېلىگە تەپتى ،قارىماققا ئۇنىڭ سۆزى قۇلقۇمغا خېلىلا يېقىملىق ئاڭلىنىۋاتقان ئېدى ،چۈنكى ،ئۇ مېنىڭ ئايالىمغا بولغان غەزىپىمگە ئورتاق بولۇۋاتاتتى ،شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئۆز ئانىسى توغرىسىدا ئېيىتقان ۋاپاسىزانە گەپ سۆزلىرىمۇ قۇلقۇمغا كىرىپ چىقمايۋاتاتتى .. --ياخشى ئوغلۇم ،ناھايىتى ئوبدان ئويلاپسەن ،ئاپىرىن ساڭا ،-ئەمدى كىرىپ ئۇخلاڭلار --دادا ،نېمانداق قىلىدىغانسەن، بىز كىرىپ ئۇخلىساق ،تاپشۇرىقىمىزنى سەن ئىشلەپ قويامسەن -چوڭ ئوغلۇم ماڭا قاراپ شۇنداق دەپ ،ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭغان ئېنىسىنى توختاتتى .. --توغرا تاپشۇرۇقۇڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن -خىجىللىقتىن كۆزلىرىم قىزاردى -كۆز ئالدىمدا ئايالىمنىڭ ،سائەت ئوندىن ئاشقۇچە بالىلارغا، تېلىۋېزور كۆرمەڭلار ،تاپشۇرقۇڭلارنى ئىشلەڭلار ،تىلفون ئوينىساڭلار بولمايدۇ -دەپ كوتۇلداپ، تاپشۇرۇق ئىشلىتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى پەيدا بولۇپ، يۈرۈكۈمدە بىر مىنۇتلۇق تىترەش پەيدا بولدىيۇ ،ئەمما ،ئۇنىڭ ھۇجرىغا قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئېيتىدىغان ، --سىز نېمانچە قالايمىقان ئادەم ھە ،سىز ئىشلىگەن خىزمەتنى مەنمۇ نىشلەۋاتىمەن، ھېرىپ ئېچىپ كەلگىنىمدە ،مەن تاماق ئەتكۈچە بالىلارنىڭ تاپشۇرقىغا بىر قاراشقاچ تۇرسىڭىز مەنمۇ بالدۇرراق پۇت قولۇمنى سوزۇپ يېتىپ باقسام نېمە بولار زادى ،ئىسىت سىزگە تىگىپ ،زادى نېمە راھەت كۆرگەندىمەن ،دېگەن ئاچچىق سۆزلىرى يادىمغا كېلىۋېلىپ ، ،چىشلىرىمنى كاراسلىتىۋەتتى .كەچتە ھېرىپ ئېچىپ ،ئايالىم ،ئون بولغۇچە ئىشلتىپ بولىدىغان تاپشۇرۇقنى ،ئون بىردىن ئاشقۇچە ئاران تۈگۈتۈپ ،ھۇجرامغا كىرىپلا كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ياتتىم ،قۇلاق تۈۋىمدە ،ئايالىمنىڭ جاۋۇلداق ئاۋازى ،كۆز ئالدىمدا ،مېنىڭ ئايالىم ئالغاچ كېلشىمنى بۇيرىغان ،بىر دورىنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇنتۇپ قالغانلىقىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ،بىر مەيدان جىدەل
- نەدىن كەلدىڭ؟ - ئاتا-ئانامنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىدىن كەلگەنلىكىم ئۆزىڭىزگە ئايانغۇ مەلىكەم. - نەگە بارىسەن؟ تۇرار يېرىڭ قەيەردە؟ - ئاشىق ئۈچۈن يۇرتنىڭ ياتى يوق، ئەل ئوغلى ئۈچۈن، ھەممە يەر ماكان، مەن سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يەتكىلى كەلدىم. - ئىنساننىڭ ئالىي پەزىلىتى نېمىدە؟ دەپ سوراپتۇ مەلىكە. - ئۆز بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ۋە ئۆز ۋەتىنىگە، خەلقىگە، دوستىغا خىيانەت قىلماسلىقتا،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت. - كىشىلەر قايسى ياخشىلىقتىن قاچىدۇ، قايسى يامانلىقنى سۆيىدۇ؟ - كىشىلەر قار-يامغۇردىن ئىبارەت تەبىئەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئارتۇق مال-دۇنيا، پىتنە-پاساتنى سۆيىدۇ. بۇ ئومۇمىي ئادەتتۇر. - ئادەمنى پەسلەشتۈرىدىغان سۈپەت نېمە؟ - تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە يالغانچىلىقتۇر. - قانداق كىشى رەھىمدىل ۋە قانداق كىشى رەھىمسىز، پىخسىق بولىدۇ. - يوقسۇزلۇق، ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى رەھىمدىل بولىدۇ. شەخسىيەتچى، ئۆزۈمچىل بايلار پىخسىق ۋە بېخىل كېلىدۇ. - دۇنيادا ئەڭ كەڭ نەرسە نېمە؟ - ئالەم بوشلۇقى، شۇنداقلا پادىشاھلارنىڭ ئادالىتىدىن ئارتۇق كەڭلىك يوق. - سانسىز ۋە چەكسىز نەرسە نېمە؟ - جانلىق سانسىز، ئالەم چەكسىزدۇر. - ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىدە؟ - مەرىپەت، ئەجىر-مېھنەت، پاك مۇھەببەتتە. - تويماس نەرسە ئۇچراتتىڭمۇ؟ - ئۇچراتتىم: كۆز قاراپ تويمايدۇ، مۇھەببەتلىك كىشىلەر بىر-بىرىگە، ئوت ئوتۇنغا، باي مالغا، ئادەم ئۆمۈرگە تويمايدۇ. مەلىكە بەرنا كۆڭلىدە: «بەللى، ئەزىمەت» دېيىشكە مەجبۇر بوپتۇ، لېكىن يەنىلا تەن بەرمەي، مەغرۇرلۇق بىلەن سوئالىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ: - ئادەم نېمىدىن خارلىنىدۇ؟ - ھەممىگە ئايانكى، ھۈنەرنى، دۇرۇس ئەمگەكنى خورلىغۇچىلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى خارلىققا قېلىپ ۋەيران بولۇشى مۇقەررەردۇر. - نېمىلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ؟ - ساقلىقتىن ئاغرىق، ھاياتلىقتىن ماماتلىق، توقلۇقتىن ئاچلىق، خۇشاللىقتىن خاپىلىق مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ. - خىزمەت قىلىشتىن يانماسلىق كىمگە مەنسۇپ؟ - بالا ئاتا-ئانا خىزمىتىدىن، مەرد ئەل خىزمىتىدىن، ئۆي ئىگىسى مېھمان خىزمىتىدىن يانمايدۇ. - ئادەم نېمىدىن نومۇسقا قالىدۇ؟ - چاقىرمىغان يەرگە بېرىش، بوھتان قىلىش، دۈشمەندىن، بېخىلدىن ياردەم تىلەش ئادەمنى ئۆلۈمدىن ئارتۇقراق نومۇسقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى مۇقەررەردۇر. - ئەڭ ئېغىر نەرسە نېمە؟ - غېرىبلىق، جۇدالىق، مۇھتاجلىق، تەڭداشسىز ئېغىردۇر. - ئۇستازى يوق ھۈنەرۋەن بارمۇ؟ - بار، مۇھەببەتلىك يۈرەك ئۇستازسىز ھۈنەرۋەن. - نېمە بايلىق ھېسابلىنىدۇ؟ - سالامەتلىك ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشتىن ئارتۇق بايلىق يوق. - ئادەمنىڭ ئەڭ يامان دۈشمىنى قايسى؟ - ئەجىرسىز توپلانغان مال - دۇنيا ئەڭ يامان دۈشمەندۇر. - مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا سازاۋەر بولۇشنى خالامسەن؟ - سىزنى خىيال قىلىش بىلەن خۇشالمەن. نادىرنىڭ جاۋابىدىن تولۇق قانائەتلەنگەن مەلىكە بەرنا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، نادىرغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن شاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ ئالتۇن تەختكە چىقىرىپتۇ- دە: - سىزنىڭ ئەمرىڭىزدە بولۇشقا رازىمەن،— دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. داقا-دۇمباق، كاناي-سۇناي چېلىنىپتۇ، زىلچا-گىلەملەر سېلىنىپتۇ، داش قازانلار ئېسىلىپتۇ، ھەممە چوڭ-كىچىك مۇراسىمغا قېتىلىپتۇ، راۋاقلارنىڭ ئۈستىدىن تەڭگە-تىللا چېچىلىپتۇ... شۇنداق قىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز توي-تاماشا بوپتۇ. مەلىكە بەرناغا ئۆيلىنىۋالغان نادىر ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ، بەختلىك ياشاپتۇ.تۈگىدى