: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
گەپ بەرمەس بىلەن نەپ بەرمەس
A+A-
گەپ بەرمەس بىلەن نەپ بەرمەس
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، بىر باي بىلەن بىر زېرەك چاكار ئۆتكەنىكەن. باينىڭ ئېتى نەپ بەرمەس، خىزمەتچىنىڭ ئېتى گەپ بەرمەس ئىكەن. گەپ بەرمەس باينىڭ ئۆيىگە كەلگۈچە، نەپ بەرمەس نۇرغۇن مالايلىرىنى قاقشىتىپ ئۆتكەنىكەن. گەپ بەرمەس كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىمۇ خېلى قاقشىتىپتۇ. لېكىن گەپ بەرمەس ئۇنىڭدىن ئاخىر ئۆچۈمنى ئالىمەنغۇ دەپ ئويلاپ، لېۋىنى چىشلەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قوشنا يېزىدىن باينى بىر دوستى تويغا ئېيتىپ كەپتۇ. بۇ ئىشتىن خۇشال بولغان باي: - ھوي ئۆلگۈر مالاي، بارمۇسەن؟ _ دەپ ۋارقىراپتۇ. — مەن بار، باي ئاكا ! دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ گەپ بەرمەس. — ئاتنى توقۇ، تويغا بارىمىز، — دەپتۇ باي. گەپ بەرمەس: — ئوبدان، _ دەپ چىقىپ ئاتنى توقۇپ چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. باي چىقىپ: — نېمە ھاڭۋىقىپ تۇرىسەن؟ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئۆشنەڭگە سېلىپ ماڭ، ئالدىمغا چۈش، مەمەدان ! دەپتۇ. گەپ بەرمەس ئاغزىدا: «ماقۇل» دېسە، ئىچىدە:«خەپ توختا ! دەپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئاز ماڭدىمۇ، كۆپ ماڭدىمۇ ئۇنىسى نامەلۇم، يولنى تۈگىتىپ توي بولغان ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. باي ئاتتىن چۈشۈپ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى مالايغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى سورۇن راسلىغان ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ، توي تۈگەپ مېھمانلار قايتىپ چىقىپتۇ. باي ئۆي ئىگىسى بىلەن خوشلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كېرىلىپ چىقىپ: — ھەي مالاي !— دەپتۇ. _ خوش تەخسىر،— دەپتۇ گەپ بەرمەس. — تويدىن ساڭا بىرەر نەرسە تەگدىمۇ؟ — تەگدى، تەخسىر، تەگدى. — نېمە تەگدى؟ -كاتتىلاردىن كېيىن سىلى غاجىلاپ تاشلىۋەتكەن سۆڭەك قاڭقىپ كېلىپ پېشانەمگە تەگدى. -ھوي قارا يۈز، مەن سېنى بىرنەرسە يېدىڭمۇ دەۋاتىمەن؟ -ۋاي يېمەمدىغان، تەخسىر، يېدىم. — نېمە يېدىڭ؟ -سىلىنى تويدا پولۇ تېپىپ يېيەلەرمۇ، يېيەلمەسمۇ دەپ غەم يېدىم. -ئەستا ! ھوي، مەن قارنىڭغا بىرنېمە ئىچتىڭمۇ دەپ سوراۋاتىمەن! — ئىچتىم، باي ئاكا، ئىچتىم. -ھە، مانى دېمەمسەن ! نېمە ئىچتىڭ؟ — دەپ يەنە سوراپتۇ باي. -ئىككىنچى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يول ماڭماسلىققا قەسەم ئىچتىم، — دەپتۇ گەپ بەرمەس. مالىيىنى گەپتە يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن باي ئۇنىڭدىن باشقا گەپ سورىماي، ئېتىغا مىنىپ يېزىسىغا قايتىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ، مەن بۇ گەپ بەرمەسنىڭ قورسىقىنى بىر ئامال قىلىپ تويدۇرۇپ قويمىسام، مېنى تېخىمۇ رەسۋا قىلغۇدەك دەپ ئويلاپ، يولغا يېقىن بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە قارىتىپ ئاتنى يېتىلەشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي باي بۇ ئۆيگىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئاغىنىسى ئۇنى ھۆرمەتلەپ داستىخانغا ياغلىق توقاچ بىلەن قېتىق قويۇپتۇ. باي قورسىقىنىڭ چالا قالغان يېرىنى تويدۇرۇپ بولۇپ: -سىلىنىڭ ئۆيدە قېتىقنى ئوخشىتىپ ئۇيۇتىدىكە، بىزنىڭ بالىلار قېتىق ئۇيۇتۇشنى ۋە توقاچ يېقىشنى بىلمەيدۇ، قېتىقتىن كۆنەلگۈلۈك، توقاچتىن ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئازراق بەرسەڭلار،— دەپتۇ. -ۋاي بولىدۇ، تەخسىر،— دەپتۇ ئۆي ئىگىسى ۋە يەتتە چارا قېتىق بىلەن يەتتە قاتلىما ئۈستىگە يەتتە توقاچ قويۇپ يۆگەپ ئېچىقىپتۇ. باي ئۇنى ئۆي ئىگىسىنىڭ قولىدىن-رەھمەت، تەشەككۈر، بىلەن ئېلىپ ئىشىك تۈۋىگە ئېچىقىپ، گەپ بەرمەسكە بېرىپ: -بۇنىڭدىن بىر چارا قېتىقنى ئىچ، بىر توقاچنى يە، قالغان ئالتە چارا قېتىق بىلەن قاتلىما، توقاچلارنى ئۆيگە ئېلىپ بارىسەن،— دەپ جېكىلەپتۇ. گەپ بەرمەس: — بولىدۇ، باي ئاكا،— دەپ قولىدىن ئاپتۇ ۋە باي ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ چىققۇچە قورسىقى ئاچقانلىقتىن قېتىق بىلەن توقاچ، قاتلىمىنى پاك - پاكىز سوقۇۋېتىپ، قۇرۇق چارىلارنى داستىخانغا يۆگەپ قويۇپتۇ. باي خېلىدىن كېيىن ئاغىنىسى بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ ئېتىغا مىنىپ يولغا چۈشۈپتۇ. ئۆيگە يېقىن قالغاندا گۇگۇم چۈشۈپتۇ. گەپ بەرمەس پۇتلىشىپ يىقىلغان بولۇپ ئېغىناپتۇ. باي: -ھوي مەمەدان، قېتىق تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن يەنە! دەپتۇ. — ھە، تۆكۈلگەنتى، تاپالمايۋاتىمەن،_ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ گەپ بەرمەس. — نان ئۇۋىلىپ كەتمىسۇن،— دېگەنىكەن، ئۇنىڭغا: — ھە، ئۇۋاقلىرىنى ئىزدەۋاتىمەن،_ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ گەپ بەرمەس. باي بۇ سۆزدىن قېتىق بىلەن توقاچنىڭ ئاللىقاچان جىمىقتۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى، گەپ بەرمەسنىڭ ھازىرقى قىلىقى، سۆزى ئۇنىڭ ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئاچچىقى كەپتۇ، تېرىكىپ گەپ قىلالماپتۇ. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئاچچىقى بىلەن ئاتنى بېرىپ: — ھازىر ئاتنى يېتىلەيسەن، ئاندىن قاڭتۇرىسەن، تاڭغا يېقىن ئوتقا قويىسەن،— دەپ قاتتىق تاپىلاپ قويۇپ مېھمانخانىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. گەپ بەرمەس: خەپ، سېنىڭدىن ئۆچۈمنى ئالىدىغان ۋاقىت ئەمدى يەتتىغۇ، دەپ كۆڭلىگە بىرنەرسىنى پۈكۈپ، سۆز قىلماي ئاتنى ئاپتۇ. تاڭغا يېقىن ھويلىنىڭ ئۇدۇلىغا بېكىتىلگەن دارغا ئاتنى تېڭىپ، پاخال دۆۋىلەپ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپتۇ. تاڭ ئېتىپ باي چىقسا ئېتى چۇچىلا بولۇپ كەتكەنىكەن. — ھوي، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟— دەپتۇ باي چىدىيالماي. -ئوتقا قويغىنىم، تەخسىر، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ گەپ بەرمەس. بۇ گەپ بىلەن باينىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ ۋە مالاينى كۆزدىن يوقاتمىسا ئۆزىنىڭ يەنىمۇ كۆرىدىغىنى بارلىقىنى پەملەپ قاپتۇ-دە، گەپ بەرمەسنى: «كۆزۈمدىن يوقال !» دەپ ئۆيدىن ھەيدىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، گەپ بەرمەس نەپ بەرمەسنىڭ دەككىسىنى بېرىپ، كېلىشتۈرۈپ ئۆچىنى ئاپتۇ.