: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
چۈجە خورازنىڭ ماھارەت ئىگىلىشى
چۈجە خورازنىڭ ماھارەت ئىگىلىشى
كۆپچىلىك دائىم خۇشال يۈرىدىغان چۈجە خورازنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە تازا خۇشال ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ. مېكىيان چۈجە خورازنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: - بالام، سەن نېمىشقا بۇنچە بىئارام بولىسەن؟ سەنمۇ چوڭ بولاي دەپ قالدىڭ، ئوبدانراق ماھارەت ئىگىلىسەڭ بولاتتى! چۈجە خوراز كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ: - ئاپا، مەن دەل ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلىكىمدىن خاپا بولۇۋاتىمەن! مېكىيان ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن: — بالام، ئاشۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەرسەنمۇ؟_ دەپ سوراپتۇ. چۈجە خوراز ئەلەم بىلەن: — ئاپا، مېنىڭ راستتىنلا ماھارەت ئۆگەنگۈم بار، لېكىن مەن سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنەي دېسەم ئۆردەكچاققا يېتەلمىگۈدەكمەن، ئۇچۇشنى ئۆگىنەي دېسەمم كەپتەرچاققا يېتەلمەيدىكەنمەن، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنەي دېسەم سېغىزخانغا تېخىمۇ يېتەلمەيدىكەنمەن! ئاپا، مەن زادى قانداق قىلسام بولار؟— دەپتۇ. مېكيان بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: — ئەخمەق بالام، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى بولىدۇ، سەن ئۆزۈڭنىڭ كەمچىللىكىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرساڭ ئەلۋەتتە باشقىلارغا يېتەلمەيسەن. ئەگەر ئۇلار بىلەن چىللاشتا بەسلەشسەڭ، كىم ساڭا تەڭ كېلەلەيدۇ؟ ھازىر سېنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭ بولسا چىللاشنى ياخشى ئۆگىنىش،— دەپتۇ. ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان چۈجە خوراز ئارقا-ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپتۇ ھەمدە ئاپىسىغا چىللاشنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىدىغانغا ۋەدە بېرىپتۇ. چۈجە خوراز چوڭ بولۇپ خورازغا ئايلىنىپتۇ. ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ياڭراق، جاراڭلىق، تورلۇق چىللىغان ئاۋاز يېزىنىڭ تىمتاس ھاۋا بوشلۇقىنى يېرىپ ئۆتەتتى، ئۇ دەل خورازنىڭ كىشىلەرنى سەھەر تۇرۇشقا ئۈندەۋاتقىنى ئىدى. خۇلاسە: ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، ھەم ئۆزىگە تۇشلۇق كەمچىللىكى بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى تونۇشتا، ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى، قانداق يېتەرسىزلىكلىرى بارلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ماھارەت ئۆگەنگەندە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك. سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغانلار سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشى، ئۇچۇشنى ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغانلار ئۇچۇشنى ئۆگىنىشى، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغانلار ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىش زۆرۇر... پەقەت بىز ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇيالىساق ۋە جارى قىلدۇرالىساقلا، چوقۇم غەلىبە قازىنالايمىز.