: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

مەنمەنچى قۇچقاچنىڭ ئاقىۋىتى

مەنمەنچى قۇچقاچنىڭ ئاقىۋىتى

«ھايۋانات پادىشاھلىقى» دىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى باھالاشتا سۇمۇرغ قۇشقاچتىن پىكىر ئېلىپ: — سىزنىڭ بۇ يەردە نۇرغۇن ھەمراھلىرىڭىز بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرنى تاللاپ چىققىلى بولارمۇ؟_ دەپ سوراپتۇ. قۇشقاچ: - ۋىچىر -ۋىچىر! تەس! سۇمۇرغ: — قارلىغاچ قانداقراق؟_ دەپ سوراپتۇ. قۇشقاچ دەرەخ يوپۇرمىقىدىن تىكىلگەن بىر خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ، بىر بەتنى ئېچىپ: — ۋىچىر !5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇ بىر تال پېيىنى ئۆي ئىگىسىنىڭ مېھمانخانىسىغا تاشلىۋەتتى، 3-كۈنى ئۇ ئىككى تال چۆپنى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھويلىسىغا چېچىۋەتتى، 6-كۈنى ئۇ يەنە بىر كاللەك لاينى ئۆي ئىگىسىنىڭ بوسۇغىسىغا چۈشۈرۈۋەتتى... ئۇ بولمايدۇ، بولمايدۇ!— دەپ ئوقۇپتۇ. — خوراز قانداقراق؟_ سۇمۇرغ يەنە سوراپتۇ. — ۋىچىر -ۋىچىر! ئۇنىڭ تېخىمۇ سالاھىيىتى يوق- دەپتۇ قۇشقاچ خاتىرە بېتىنى ۋاراقلاپ، 6-ئاينىڭ 7- كۈنى ئۇ 1 سېكۇنت بۇرۇن چىللىغان، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ 2 سېكۇنت كېچىكىپ چىللىغان. _ ئۇنداقتا، سېرىق ئىتچۇ؟_ سۇمۇرغ سەۋرچانلىق بىلەن سوراپتۇ. _ ۋىچىر -ۋىچىر! ئۇ بەكلا قوپال! قاراڭ، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ ئوغرىنى قوغلايمەن دەپ، خوجايىننىڭ تەرخەمەك چېچىكىنىڭ ئىككى تال بەرگىسىنى چۈشۈرۇۋەتتى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇ ئاغمىخاننى تۇتىمەن دەپ مېكىياننى قورقۇتۇپ قاقاقلىتىۋەتتى. دەپتۇ قۇشقاچ خاتىرە دەپتەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ. سۇمۇرغ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ: — سىزنىڭ بۇ گېپىڭىزگە قارىغاندا، سىلەرنىڭ بۇ يەردىن ئەمگەك نەمۇنىچىسىنى سايلاپ چىقالمايدىكەنمىزدە؟ -دەپتۇ. قۇشقاچ ئالدىراپ - تېنەپ ئىنكار قىپتۇ: _ ياق، ياق، ياق، كىم سايلاپ چىققىلى بولمايدۇ دەيدۇ؟ — ئۇنداقتا، كىمنىڭ سالاھىيىتى توشىدۇ؟ — ۋىچىر! مېنىڭچۇ!— دەپتۇ قۇشقاچ ئۆزىنى كۆرسىتىپ. — سىزمۇ؟_ دەپتۇ سۇمۇرغ بىرپەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن،— مەن سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟ قۇشقاچ: — سوراۋېرىڭ، مەن چوقۇم سىز رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىمەن، — دەپتۇ. — سىز شۇنچە كۆپ زېھنىڭىزنى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئىزدەشكە سەرپ قىلسىڭىز نەدىمۇ دۇرۇس ئىش قىلغۇدەك ۋاقتىڭىز چىقسۇن؟ — ۋىچىر... ۋىچىر...ۋىچىر... قۇچقاچ قىزارغىنىچە تام تۆشۈكىگە كىرىپ كېتىپتۇ. خۇلاسە:ئادەمدە چوقۇم ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، روھىي ھالەت ياخشى بولمىسا، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ پايدىسى يوق. بىر ئادەمنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى چەكلىك بولىدۇ، بۇ ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىشنى قىلالمايدۇ. شۇڭا، بىز چوقۇم چەكلىك زېھنىمىزنى رەسمىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىشقا قارىتىشىمىز، ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا زېھنىمىزنى ئۇپراتماسلىقىمىز زۆرۇر.