: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

توشقاننىڭ ھېكىمەتلىك تىراگىدىيەسى

توشقاننىڭ ھېكىمەتلىك تىراگىدىيەسى

كۈل رەڭ توشقانچاق قويۇق ئوت - چۆپلەر ئۆسكەن كىچىك تاغ باغرىدا ئورەك كولاپ ماكانلىشىپ، مۇستەقىل ياشاشقا باشلاپتۇ. ئۇ قېرى كۈل رەڭ توشقاننىڭ تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى چۆپلەرنى قەتئىي يېمەي، ھەمىشە ئۇۋىسىدىن يىراقراق جايغا بېرىپ ئوتلايدىكەن. ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىنى ئۇزۇن ئوت- چۆپلەر توسۇۋالغان بولۇپ، ئىچىدە تۇرۇش ئىنتايىن بىخەتەر ئىكەن. كۈل رەڭ توشقانچاقنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەركۈنى نۇرغۇن ئوت- چۆپ يەيدىكەن، ئۇ يىراق يول مېڭىپ باشقا يەردىن ئوت- چۆپ ئىزدەپ يېيىشكە رازىكى، ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپلەرنى قەتئىي يېمەيدىكەن. ئۇ ئەگەر ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوت - چۆپلەرنى يەپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىۋەتسە خەتەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. بىر كۈنى بىر تۈلكە ئاخىر كۈل رەڭ توشقانچاقنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى بايقاپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ. كۈل رەڭ توشقانچاق بېشىنى چىقىرىشىغا تۈلكە كاپپىدە تۇتۇۋاپتۇ. ئۇ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ: — سېنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايىڭ ھەرقانچە مەخپىي بولسىمۇ، مەن سېنى ھامىنى بايقىيالايمەن! سەن بىر ئەخمەق توشقانسەن!— دەپتۇ. كۈل رەڭ توشقانچاق گاڭگىراپ قېلىپ،ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دەپتۇ: — مەن «توشقان ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى چۆپنى يېمەيدۇ» دېگەن تەلىمگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلدىم، ئەزەلدىن ئۇۋامنىڭ ئەتراپىدىكى بىرەر تال چۆپنىمۇ يەپ باقمىغان تۇرسام قانداقسىغا بايقىلىپ قالغاندىمەن؟ تۈلكە سوغۇققىنا ھالدا مۇنداق دەپتۇ: — سەن تۇرغان ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ھەقىقەتەن بەك مەخپىي، مەن ئاسانلىقچە بايقىۋالالمايتتىم. ئەمما، سەن ئۇۋاڭ ئەتراپىدىكى چۆپنى يېمەسلىكنىلا بىلگىنىڭ بىلەن، ئۇۋاڭ ئەتراپىغا سىيمەسلىكنى بىلمەيدىكەنسەن ئەمەسمۇ!! ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىنى سۈيدۈكۈڭنىڭ بەتبۇي ھىدى قاپلاپ كېتىپتۇ، مەن سېنىڭ مۇشۇ ئەتراپتا تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، دەرۋەقە ئويلىغىنىمدەك بولدى. كۈل رەڭ توشقانچاق بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: _ مەن پەقەت «توشقان ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى چۆپنى يېمەيدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان،«توشقان ئۇۋىسى ئەتراپىغا سىيمەيدۇ» دېگەن گەپنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن! مېنىڭ تىراگېدىيەم ئۆزۈمنىڭ نادانلىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىخەستەلىكىمدىن بولدى،_ دەپتۇ. خۇلاسە: تۇرمۇش ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ. تۇرمۇش توغرىسىدىكى ھەرقانداق قائىدە ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر پەقەت بىزنىڭ مەلۇم بىر تەرەپتىكى ھەرىكىتىمىزگىلا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ بولالمايدۇ. تۇرمۇشتا بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، ھەرگىزمۇ بىر - ئىككى نۇقتىنى بىلىۋالساملا ھەممە ئىشىم پۈتىدۇ، دەپ قارىماسلىق لازىم. «ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش، بۇ بولسا ھەقىقىي ھېكمەت.