: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

پادىشاھنىڭ ۋەلىي ئەھتى تەيىللىشى

پادىشاھنىڭ ۋەلىي ئەھتى تەيىللىشى

بۇرۇنقى زاماندا راسچىنلىقى ۋە ئەخلاقى بىلەن سەلتەنەت سۈرگەن بىر ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان ئىكەن كۈنلەر ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ ئۇ شاھنىڭ ياشلىق باھىرى كېتىپ ياشىنىپ قاپتۇ دە ئۆزىنىڭ ئورنىغا بىر تەخىت ۋارىسى تەيىنلەپ ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان ياخشى بىر پاراسەتلىك سەمىيمى ۋەلىي ئەھتى تەيىللەش ئارزۇسى بۇلۇپ توقاللىرىدىن بولغان ئون نەچچە پەرزەنتىنىڭ قايسىنى ۋەلى ئەھتى قىلىش ئىشى شاھنىڭ بېشىنى قاتتۇرۇپتۇ بىر كۈنى پادىشاھ ئامال تېپىپ بارلىق توقاللىرىدىن بولغان پەرزەنتىللىرىنى ئوردىغا يىغىپ شۇنداق دەپتۇ باللىرىم مەن ياشىنىپ قالدىم ئورنۇمغا بىرىڭلار ۋارىسلىق قىلىپ ئەل غېمىنى يېيىشىڭلا كېرەك ئەمىلىيەتتە سىلەر ھەممىڭلار بوللالايسىلەر لىكىن ئارىڭلاردىن پەقەت بىرىڭلالا ۋەلىي ئەھتى بولمىساڭلا بولمايدۇ ، مەن بىر ئامال ئويلۇدۇم سىلەرگە گۈلنىڭ ئۇرىقىنى بىرەي سىلەر ئېلىپ كېتىپ گۈل ئۇرقىنى تېرىپ پەرۋىش قىلىڭلار قايسىڭلا ئۇرۇقنى تېرىپ چوڭ چىرايلىق خۇش پۇراق گۈلگە ئايلاندۇرالىساڭلا شۇ تەخىت ۋارىسى بولسۇن دەپتۇ بالىلار ماقۇل بۇلشۇپ گۇل ئۇرۇقىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىشىپتۇ ئارىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ پەرزەنتىلەر چىرايلىق كۆركەم خۇش پۇراق گۈللەرنى ئۆز قۇلى بىلەن كۆتۈرشۈپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرۇغا خۇشال ھالدا كەپتۇ ئارىدىن كىچىك ئوغۇل قۇرۇق تەشتەكنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئاكىلىرىڭ شۇنچە چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ كەپتۇ سىنىڭ تەشتىكىڭ شۇ پېتىغۇ دەپ سوراپتۇ ؟ ئۇ بالا خان ئاتا كەچۈرۈڭ مەن شۇنچە پەرۋىش قىلساممۇ بۇ ئۇرۇق ئۈنمىدى مەن ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدۈم مەن ۋەلىي ئەھتى بۇلۇشقا لايىق ئەمەسمەن دەپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپتۇ پادىشاھ مەن قارار قىلىپ بولدۇم سەن مىنىڭ تەخىت ۋارىسىم بولدۇڭ دەپتۇ ئەتراپتىكى پەرزەنىتلىرى خان ئاتا بۇ قانداق ئىش بىزنىڭ گۈللەرنى كۆرمىدىڭىزمۇ ئۇ گۈلنىمۇ ئۈندۈرەلمەپتۇ ئۆزىڭىز قايسىڭلار چىرايلىق گۈل ئۈندۈرەلىسەڭلار شۇ تەخىت ۋارىسى بولدۇ دىگەنمىدىڭىز گىپىڭىزدە تۇرمامسىز ؟ دەپ غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ پادىشاھ مەن شۇنداق دىگەن ، ئەلۋەتتە گىپىمدە تۇرمەن ئەمما مەن سىلەرگە بەرگەن ئۇرۇقنى كۆيدۈرۋەتكەن ھەرگىز ئۈنمەيتتى دەپتۇ