: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
باي ۋە شاگىرىت
باي ۋە شاگىرىت
بىر كۈنى بىر باي ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق شاگىرتىغا باي بولۇش ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ نىشان تۈزۈپ بېرىۋاتقاندا، شاگىرىت ئۇستازىنىڭ قەغەزگە يېزىۋاتقان سان-سېفىرلىرىغا قاراپ ھەيران قاپتۇ. ھەمدە بۇ سانلار ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، تەسەۋۇرىدىكى پىلانلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپتۇ. ئۇ بۇ نىشانلارنىڭ ھەقىقەتەن قوغلىشىشقا ئەرزىيدىغانلىقنى ھېس قىپتۇ. لېكىن ئۆزىدە ئارمانغا چۈشلۇق دەرماننىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۆزى يەتمەيدىغانلىقنى بايغا ئېيتىپتۇ. باي: -قانداق قىلىپ شۇنچە كۆپ بايلىققا ئىگە بولغانلىغىمنىڭ سىرىنى بىلگۈڭ بارمۇ؟ بىلسەڭ، مەن ئەڭ دەسلەپتىلا ئۆزۈم ئۈچۈن ناھايتى چوڭ ھەم ئۇلۇغ بىر نىشان تىكلىگەن. دەسلەپتە ناھايىتى كۆپ قىيىنچلىقلارغا ئۇچرىغان، كېيىنچە مەنمۇ بۇنىڭغا ئاستا-ئاستا كۆنۈپ كەتكەن،-دەپتۇ ۋە شاگىرىتىنى بىر كۆكتاتلىققا باشلاپ بېرىپتۇ. كۆكتاتلىقتا نۇرغۇن كاۋىلار بولۇپ، شەكىل جەھەتتە بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، پەقەت كۆكتاتلىقنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر كاۋىلا ئادەتتىكىدىن بەك كىچىك، شەكلىمۇ غەلىتە بولۇپ ئۇنىڭ سەۋەبى ئۇ باشقا بىر ئەينەك قاچىدا يىلتىز تارتقان ئىكەن. باي شاگىرتىغا قاراپ: -سەن شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مەغلۇب بولىشىدىكى سەۋەبىنى چۈشىنەمسەن؟ چۈنكى ئۇلار غايىسىنى ناھايىتى تار دائىردىلا بېكىتىۋالغان بولۇپ كۆزلىگەن نىشانى كونكرىت ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئەڭ ئاجىز كىشلەر توپى ئىچىدىكى كۈچلۈكلىرى خالاس. بىزنىڭ نىشانىمىز بىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ئېنىق بولغان نىشاننى تىكلىشىمىز ۋە قەلبىمىزدىكى ئىچكى كۈچنى توغرا يۆنىلىشكە ئىگە قىلىپ، قەلبىمىزدىكى بىباھا ئالتۇن كاننى ئۈزلۈكسىز قېزىپ ئۈستىدىكى چاڭ-توزاننى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تاللىغان نىشانى ناھايىتى كىچىك ياكى بەك ئاددى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھاياتىدا پۇشايماندىن باشقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەستە تۇتۇش كېرەككى، ئەگەر بىز ھەر كۈنى پەقەت بىر تەڭگە ئۈچۈنلا كۈرەش قىلساق، بىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىمىز پەقەت ئەشۇ بىر تەڭگىلا بولىدۇ خالاس،-دەپتۇ.