: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

مېھىرلىك قىزىل كۈنلۈك

مېھىرلىك قىزىل كۈنلۈك

ئۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ ھاۋا تۇتۇق ئىدى، ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ دېيىلگەن بولغاچقا، پېڭبو سىرتقا چىققاندا كۈنلۈك ئېلىۋالغان ئىدى. چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە، دەرۋەقە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، پېڭبو سىنىپتىن چىقىپ چىرايلىق قىزىل كۈنلۈكنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىدىن مەمنۇن بولدى. بەشىنچى يىللىققا چىققان پېڭبو بۇنداق ئۇششاق ئىشلاردا چوڭلارنىڭ بېشىنى قاتۇرمايتتى. ئۇ كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ماڭغان ۋاقىتتا، يامغۇر تامچىلىرىنىڭ كۈنلۈك ئۈستىگە تاراسلىتىپ چۈشكەن ئاۋازى ئۇنى خوشاللىققا چۆمدۈردى. ئۆيگە تەخمىنەن 50 مېتىرچە قالغاندا، قارىماققا ئۇنىڭدىن سەل چوڭراق بىر ئوغۇل بالا يېنىدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ كۈنلۈكى يوق بولۇپ، بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ـــ ھەي، ـــ پېڭبو ئۇنى چاقىردى، ـــ بۇ كۈنلۈكنى ئالغىن، مەن ئۆيۈمگە كېلىپ قالدىم. پېڭبو كۈنلۈكنى ھېلىقى بالىغا بەردى. ئوغۇل بالا ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ دۇدۇقلاپ سورىدى. ـــ كۈنلۈكىڭىزنى قانداق قايتۇرۇپ بېرىمەن؟ قانچىنچى بىنادا تۇرىسىز؟ يامغۇر تېخىچە يېغىۋاتاتتى. پېڭبو ئالدى تەرەپنى كۆرسەتتى: ـــ ئۈچىنچى ئىشىك 9-نومۇر، بىراق قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۆيىمىزدە يەنە نەچچىسى بار. ئاندىن بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. ئىككى كۈندىن كېيىن كەچقۇرۇن، پېڭبونىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ئىشىك ئالدىدا ئانىسى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر ئايال تۇراتتى. ئايالنىڭ قولىدا قىزىل كۈنلۈك ۋە نەپىس سوۋغات قۇتىسىنى بار ئىدى، ئۇ پېڭبونىڭ ئاتا ـ ئانىسىدىن بۇنى چوقۇم قۇبۇل قىلىشىنى ئۆتۈندى. بۇ ئايال ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا، بالىسىنى باشقۇرۇشقا سەل قارىغان، شۇنىڭ بىلەن بالىسى ئەخلاقى ناچار بىر قانچە بالا بىلەن دوست بولۇپ قالغان، بالىسى كۈن بويى بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى تېرىكتۈرىدىكەن. ئىككى كۈن ئىلگىرى يامغۇر ياغقان چاغدا، دادىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئۇنى ئۇرغاچقا، بالا ئاچچىقىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن نەچچە سائەتتىن كېيىنلا ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە بىر قىزىل كۈنلۈكنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. بالا شۇ كۈنى ھۆل كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېگەن: ـــ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بار ئىكەن، ئۇ ھۆل بولۇپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ كۈنلۈكىنى ماڭا بەردى، بەك خۇشال بولدۇم. ئىلگىرى مەن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيتتىم، ئۆزۈمنىڭ دېگىنىنى قىلاتتىم...» ھېلىقى ئانا پېڭبونىڭ ئاتا-ئانىسىغا قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتى: ـــ رەھمەت، رەھمەت، بۇنىڭ ھەممىسى قىزىڭلارنىڭ سەۋەبىدىن بولدى. ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ھەرىكىتى ئويلىمىغان نەتىجىگە ئېرىشكەن پېڭ بو ناھايىتى خۇشال بولدى