: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

ياغاچچى بىلەن بوياقچى

A+A-

ياغاچچى بىلەن بوياقچى

بار ئىكەن، يوق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ بىر ياغاچچىسى بىلەن بىر بوياقچىسى بار ئىكەن. بۇ ئىككى ئ‍ۇستا پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئوردا - سارايلىرىنى ياساپ زىننەتلەيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پادىشاھ ئۆلۈپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بوپتۇ. ياش پادىشاھ ھېلىقى ئىككى ئۇستىنى خۇددى ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسى ئەتىۋارلىغاندەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپتۇ. ياغاچچى ئۇستا تولىمۇ تەدبىرلىك، دۇرۇس ئادەم ئىكەن، لېكىن بوياقچى ئىچى تار، كۆرەلمەس، قارا كۆڭۈل ئادەم ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ياغاچچى ئۇستىنى ياخشى كۆرگىنىنى كۆرەلمەيدىكەن، شۇڭا دائىم ياغاچچىنىڭ بىرەر ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرسىمۇ، لېكىن چويلىغا توختىغۇدەك بىر ئەيىب تاپالماپتۇ. ئىچى يامان بوياقچى ئۇنداق ئويلاپ، مۇنداق ئويلاپ ئاخىر ياغاچچىنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ئامالىنى تېپىپتۇ - دە، بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. — ئى پادىشاھىم،— دەپ قول قوۋۇشتۇرۇپ، ئۆز مەقسىتىنى بايان قىلىشقا باشلاپتۇ بوياقچى، — جانابلىرىنىڭ ئالدىغا ناھايىتى نازۇك بىر ئىش بىلەن كەلدىم، ئېيتاي دېسەم، قاراپ تۇرۇپ ئۆز ھەمراھىم ياغاچچى ئۇستىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ قالارمەنمىكىن دەپ قورقتۇم، ئېيتماي دېسەم، جانابلىرىنىڭ بەرگەن تۇزىنى ئاياغ ئاستى قىلغاندەك بولۇپ قالىمەنمىكىن دەپ قورقتۇم. ئاخىر ئويلاپ، جانابلىرىغا بولغان ساداقىتىمنى يوقىتىپ قويۇشنى ئۆزۈمگە گۇناھ دەپ بىلىپ، بۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن ھۇزۇرلىرىغا كەلدىم-دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ پۈتۈن دىققىتىنى بوياقچىغا قارىتىپ: -قېنى، ماڭا بولغان ساداقىتىڭنى بايان قىلغايسەن. دەپتۇ. __ تەخسىر، پېقىرلىرى ئاخشام ئاجايىپ بىر سىرلىق چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە ئاجايىپ كاتتا باغنىڭ ئىچىدە يۈرگۈدەكمەن. باغنىڭ ئاجايىپ گۈزەل سەيلىگاھلىرىنى ئارىلاپ، تاماشا قىلىپ بىر پېشايۋاننىڭ قېشىغا بارسام، كۆزۈمگە تونۇش بىر كىشى كۆرۈندى. تەنلىرىم يايرىغاندەك بولدى. بايقىغۇدەك بولسام، ئۇ جانابلىرىنىڭ ئاتىسى مەرھۇم شاھىمىز ئىكەن. ئۇ شاھ مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە يېنىغا چاقىردى، قېشىغا باردىم. ئاتىلىرىنىڭ يۈز - كۆزى نۇرغا تولغان، ئەتراپىدا پەرىلەر جەۋلان قىلىپ تۇرۇپتۇ، لېكىن پادىشاھىمنىڭ ئۇلار بىلەن زادى كارى يوق. مەن پادىشاھىمنىڭ نېمە ئۈچۈندۇر خاپا بولۇپ تۇرغىنىنى بايقىدىم. شاھىمدىن ئەھۋال سورىدىم. شاھىم مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي، جانابلىرىنى سورىدى. مەن: «ئوغۇللىرى كاتتا سەلتەنەت بىلەن پادىشاھلىقىنى قىلىۋاتىدۇ» دېدىم. لېكىن، ئاتىلىرى بۇ جاۋابقىمۇ قىزىقمىدى. مەن ھەيران بولدۇم. ئاتىلىرى ئاخىر ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ گۈزەل باغدا كاتتا ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇم. كۆرۈپ تۇرۇپسەن، باغنىڭ ئىچى پاراغەت بىلەن تولغان، بىراق بۇ يەرلەردىكى ئىمارەتلەر مەن پادىشاھلىقتا ئولتۇرغاندا ياساتقان ئىمارەتلىرىمگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن مېنى ئانچە قىزىقتۇرالمىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئىمارەتلىرىمگە ئوخشاش ئىمارەتلەردە تۇرۇشنى خالايتتىم لېكىن بۇ يەردە ئۇنداق ئۆيلەرنى ياسايدىغان مېنىڭ ياغاچچى ئۇستام يوق. ئەمدى سەن ئۇ دۇنياغا قايتساڭ، ئوغلۇمغا ئېېتىپ قويغىن، ئىلاج قىلىپ شۇ ياغاچچى ئۇستىنى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتسۇن.» دەل شۇ ۋاقىتتا ئاتىلىرى كۆزۈمدىن غايىب بولدى. مەن ھاياجان ئىچىدە ئويغىنىپ كەتتىم. ئويغانسام، دەل سەھەر ۋاقتى بوپتۇ. مانا، بولغان ئەھۋال شۇ. بۇنى جانابلىرىغا يەتكۈزمەسلىكنى ئۆزۈمگە مۇناسىپ كۆرمىدىم، — دەپ بوياقچى كۆز يېشى قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپتۇ ۋە ئ‍اخىرىدا ئاتىسىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، قانداق قىلىش لازىملىقىنى ئويلاپتۇ، دەررۇ ئوردا دانىشمەنلىرىنى چاقىرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ. دانىشمەنلەر كىتاب ئېچىپ، ئاخىر: — بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىگە جاكار قىلىپ، بىر ھەپتىگىچە ئوتۇن يىغدۇرۇش لازىم. ئەنە شۇ ئوتۇننىڭ ئېگىزلىكىگە كۆز يەتمەيدىغان بولغاندا ئۇنىڭغا ئوت يېقىش كېرەك. ياغاچچى ئۇستىنى بولسا، شۇ ئوتۇننىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ كۆيدۈرسەك، شەرت ئادا بولىدۇ. ئوت كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرىشتىلەر ياغاچچىنى كۆتۈرۈپ ئۇ دۇنياغا ئاپىرىپ قويىدۇ،— دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. دانىشمەنلەرنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە پادىشاھ ياغاچچىغا بىر ھەپتە مۆھلەت بېرىپتۇ ۋە ئاھالىلەرگە جاكارلاپ ئوتۇن يىغدۇرۇپتۇ. بۇنى ئۇققان ياغاچچى دەررۇ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى كۆرۈپتۇ: ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدىن تاكى ئوتۇن دۆۋىلەنگەن يەرگە قەدەر لەخمە كولاپتۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن پادىشاھنىڭ جاللاتلىرى كېلىپ ياغاچچىنى ئوتۇن دۆۋىلەنگەن يەرگە ئېلىپ بېرىپتۇ -دە، ئوتۇننىڭ تېگىگە باستۇرۇپتۇ. ياغاچچى ئوتۇننىڭ ئاستىغا كىرىپ، مىڭ تەسلىكتە ھېلىقى تۆشۈكنى تېپىپ، لەخمە بىلەن ساق-سالامەت ئۆيىگە كېلىۋاپتۇ. ئوتۇن بىرقانچە كۈن كۆيۈپ ئۆچۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، ياش پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپتۇ. "ياغاچچى ئىككى ئاي ۋاقىتنى ھېچكىمگە كۆرۈنمەي ئۆيىدە ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇ ئويلا- ئويلا، -مەن بۇ بوياقچىغا ھېچبىر يامانلىق قىلمىسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا قەست قىلىدۇ؟ زادى ئۇ كۆڭلى قارا ئادەم ئىكەن. ئەمدى ماڭا كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشسۇن، دەپ بىر ئامال ئويلاپتۇ - دە، بىر كۈنى سەھەر تۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. ئۇ دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىپ، پادىشاھ ياتىدىغان ئۆينىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چۈشۈپتۇ. ئۆگزىنىڭ قاتتىق غاراسلاپ كەتكىنىدىن پادىشاھ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ، دەررۇ نۆكەرلىرىنى نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ. نۆكەرلەر ئۆگزىگە چىقىپ قارىسا، ھېلىقى ياغاچچى تۇرغۇدەك. ئۇلار ھەيران بولۇشۇپتۇ. ياغاچچى ئۇلارغا: — قورقماڭلار، مەن ئاسماندىن چۈشتۈم. مەرھۇم پادىشاھىمغا ئۇ دۇنيادا ئىمارەت ياساپ بەردىم. ئەجىلىم تېخى پۈتمىگىنى ئۈچۈن يەنە بۇ دۇنياغا قايتىپ كەلدىم،— دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان نۆكەرلەر ياغاچچىنى ئۆگزىدىن چۈشۈرۈپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا ئەكىرىپتۇ. پادىشاھمۇ ھەيران قاپتۇ. ياغاچچى پادىشاھقا تەزىم قىلىپ، ئۆز سۆزىنى بايان قىپتۇ: — ئەي ئۇلۇغ شاھىم، بۇيرۇققا بىنائەن مەن جانابلىرىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ خىزمىتىگە بېرىپ قايتتىم، ئىمارەت ياساپ بەردىم. ئاتىلىرى بۇ ئىشىم ئۈچۈن سىلىگە ناھايىتى جىق مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە جانابلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ زىيادە بولۇشىنى تىلىدى. خوش، ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، تەخسىر، مەن ئىمارەتنىڭ ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى تاماملىدىم، بىراق سىر - بوياقلار بىلەن قىلىنىدىغان زىننەتلىرى تېخى ئىشلەنمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلىرى تېخى ئۇ ئۆيگە ئورۇنلاشمىدى. مەن بۇياققا قايتىشتا، ئاتىلىرى: «ئۆينىڭ زىننەتلىرى تېخى ئىشلەنمىدى، ئوغلۇم دەرھال بوياقچى ئۇستامنى ئەۋەتىۋەتسۇن. ئەگەر ئوغلۇم بۇنىمۇ بېجىرسە، مەن ھەددى - ھېسابسىز خۇش بولاتتىم» دېدى ۋە بۇ گەپنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ماڭا تاپشۇردى. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياغاچچىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ ئىككىنچى ئارزۇسىنىمۇ ئورۇنلاشقا بەل باغلاپ، نۇرغۇن ئوتۇن يىغدۇرۇپ، يەتتە كۈندىن كېيىن بوياقچىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ. ئۇنداق قاغانغا مۇنداق چۆمۈچ دىگەن شۇ دە.