: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
چىڭتۇ بىلەن بەكتۇ
چىڭتۇ بىلەن بەكتۇ
بۇرۇنقى زاماندا كۈچتۈڭگۈرلەر ياشايدىغان نۇرغۇن شەھەرلەر بولغان ئىكەن، بۇ شەھەرلەر ھەرخىل مىجەزلىك، ياڭزىمۇ-ياڭزا ھۈنەرلىك كىشىلەر بىلەن تولغان ئىكەن. شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرسى «چىڭتۇ» لەقەملىك مامۇت ئوغرى، يەنە بىرى «بەكتۇ» لەقەملىك داۋۇت ئوغرى ئىكەن. مامۇت ئوغرى دېگىنى تۈمەن دەرياسى بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ ئارىسىدا، ھىمىت سىيىتنىڭ نېرىسىدا ياشىسا، داۋۇت ئوغرى دېگىنى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىنىڭ ياقىسىدا، پىيالما چۆلىنىڭ ئارقىسىدا تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇلار ھىيلە-ھەييارلىقتا باش كۆتۈرگەن، بىرسى قاپاق پۇچۇقىدا ئاش كۆتۈرسە، يەنە بىرسى چىمچىلىقىدا تاش كۆتۈرگەن نوچىلار ئىكەن. مامۇت ئوغرى بىرەر ئىشنى كۆڭلىگە پۈكسە، مىختەك قادىلىپ چىڭ تۇرۇۋالىدىكەن، شۇڭا ئەل ئىچىدە «چىڭتۇ» دېگەن نام بىلەن داڭلىق ئىكەن. داۋۇت ئوغرىمۇ ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى، ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن «بەكتۇ» دېگەن لەقەمنى ئالغان ئىكەن. بىر كۈنى بەكتۇ چىڭتۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتۇ، سۆزلەپ بەرگۈچىلەر ئۇنى «كەمەكتەك ھەييار، مۇت نەرسىنىڭ قېشىدا دائىم تەييار، ئۆتۈپ كەتكەن ساختىپەز، ھۈنىرى سامسىپەز، ياققان سامسىلىرىدا گۆش يوق، بەرى بەز...» دەپ داڭلاپتۇ. يەنە بەزىلەر «ئەگەر بەسلەشسەك داۋۇتنى يېڭىۋېتىمەن، قېشىمغا كەلسە ساقىلىمنىڭ بىر تال تۈكىدە باغلاپ تېڭىۋېتىمەن» دېدى دەپ دەي-دەيگە سېلىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بەكتۇ بىلىنى يەتمىش يەردىن باغلاپ، ئېتىغا ئارام بەرمەي قوغلاپ، چىڭتۇ بىلەن بەسلەشكىلى، يۇۋاش بولمىسا قەسىتلەشكىلى نىيەت قىلىپ يولغا چىقىپتۇ. بەكتۇنىڭ قۇلاقلىرى دىڭ، ئۇستىخىنى چىڭ، ئېتى 15 كۈلۈك يولنى 10 كۈندە تۈگىتىپ مەنزىلگە يېتىپ كەپتۇ. بەكتۇ چىڭتۇنىڭ شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، ئېتىدىن چۈشمەي، گاڭگۇڭلۇقنىڭ نىشانى بولغان بۇرۇتىنى تاراپ، ئۇچرىغانلاردىن چىڭتۇنىڭ ئۆيىنى سوراپ، كەچكە يېقىن بىر ھويلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. بۇ چىڭتۇنىڭ ئۆيىكەن. بۇ چاغدا چىڭتۇ شەھەر مەركىزىدىكى سامسا دۇكىنىدىن يانمىغان، بىر كۈنلۈك سودا-سېتىقتىن چۈشكەن پۇلغا قانمىغان، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى توسۇپ دۇكىنىغا باشلاۋاتقان، خېرىدارلار ئامالسىزلىقتىن دۇكانغا قەدەم تاشلاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە خوتۇنىدىن بۆلەك كىشى يوقكەن. دەرۋازىنىڭ چىڭ-چىڭ قېقىلىشىدىن بىر ئەنسىزلىكنى سەزگەن چىڭتۇنىڭ ئايالى ئىچكەركى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، دەرۋازا ئاراشلىرىدىن سىرتىنى ماراپتۇ. مارىغۇدەك بولسا، ئات قامچىلىرى كېلىشكەن بىر ئەر. «ئۆزلىرى كىم، كىمنى ئىزدەيلا؟» دەپ سوراپتۇ. سوراپتۇ-يۇ، بەكتۇغا زوقلىنىپ قاراپتۇ. -مامۇتاخۇن چىڭتۇ ئۆيدە بارمىدۇ؟ ئازراق ھېساب-كىتابىمىز بار ئىدى قىلىشقۇلۇقتى، ئىشنى چىرايلىقچە تۈگەتسە مەيلى، بولمىسا بىر قەپەز ئېلىشقۇلۇقتى، بەل تۇتىشىمەن دېسە چېلىشقۇلۇقتى، پۇخادىن چىققۇچە سېلىشقۇلۇقتى!؟- دەپتۇ. ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان، ئۇرۇش، جىدەل دېسە بېلىنى يەتتە يەردىن باغلايدىغان، كۆرەڭلىك قىلىپ بۇرۇتىنى دۈمبىدە ياغلايدىغان، ئۆي ئىچى بىلەن كارى بولماي، ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى داغلايدىغان ئېرى مامۇت ئوغرىدىن تەپ تارتماي دەرۋازا قاققان كىشىگە بۇ خوتۇننىڭ ئاجايىپ مەستلىكى كېلىپتۇ. ئۆيگە باشلاي دېسە تېخى، كىرگۈزمەي تالادا تۇرغۇزۇۋېرەي دېسە تېخى، ناھايتى تەسلىكى كېلىپتۇ. ئاخىرى زوق بىلەن ھەۋەس ئەندىشىدىن ئۈستۈن كېلىپ دەرۋازىنى ئېچىپتۇ. بۇ خوتۇننىڭ نەپسى-ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ چاقچاق غۇنچىلىرىنى چېچىپتۇ. بوسۇغىدىن ئاتلاپ ھوجرىغا كىرىپ بولغىچە، پەتنۇستا قوش قوللاپ تۇتقان چايغا سالغان مۇشتتەك ناۋات ئېرىپ بولغىچە، بەكتۇمۇ ئىشلارنىڭ ھېسابىغا رەھمەت تازىمىنى بېرىپ بولغۇچە چىڭتۇنىڭ ئايالى مۇرادىنى ۋايىغا، ئىش-كۈشىنى جايىغا يەتكۈزۈپ بولۇپتۇ. ئاي بۇلۇتنىڭ ئىچىگە چۆككەن، توخۇ قونداققا چىققان، كېچە تەڭدىن ئۆتكەن بىر چاغدا چىڭتۇ سامسا دۇكىنىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيىگە كېلىپتۇ. ئاتنىڭ بوغۇز چاينىشىدىن، ساماۋەرنىڭ توختىماي قاينىشىدىن ئۆيدە يوچۇن مېھمان بارلىقىنى سەزگەن چىڭتۇ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا يۈرۈپ، مىڭبىر خىياللارنى سۈرۈپ ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىسا، ئەتلەس كۆرپىنىڭ ئۈستىدە بەدەشقان قۇرۇپ بىر كىشى ئولتۇرغۇدەك. ھەر ئىككىسى چاندۇرماي كۆرۈشۈپتۇ، تىنچ-ئامانلىق سورىشىپتۇ. چىڭتۇ بەكتۇنىڭ بۇ ياققا كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئۇققاندىن كېيىن، تەمتىرەپ يۈرىكى سىقىلغاندەك، تاپىنىغا ئۇرۇس مىخى قېقىلغاندەك ھېس قىپتۇ، ئەمما چاندۇرغۇسى كەلمەپتۇ. ئايالىغا بۇيرۇپ داستىخان-مەزە تەييار قىلدۇرۇپتۇ. بىر كەمدە گۆش بېسىلغان پولو پىشىپتۇ. چىڭتۇنىڭ ئايالى بەكتۇنىڭ ئالدىغا نەقىشلەپ ئىشلەنگەن چوڭ بىر ئالتۇن لېگەندە ئاش قويۇپتۇ. بەكتۇ ئاشنى يېگەچ ئولتۇرۇپ قانداق قىلىپ لېگەننى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلاپتۇ. بەكتۇنىڭ بۇ خىيالىنى چىڭتۇمۇ سېزىۋاپتۇ. داستىخان يىغىشتۇرۇلغاندىن كېيىن، باشقا ئىشلارنى ئەتە قىلىشىدىغان ياكى ئېلىشىدىغان، قاش-قاپاققا سېلىشىدىغان ياكى ھەمكارلىشىپ يارىشىدىغان، ئىش كۈشلىرىگە بىللىشىپ قارىشىدىغان بولۇپ ئۇخلىغىلى يېتىپتۇ. چېڭتۇنىڭ كۆز ئالدىغا بەكتۇنىڭ ئاتۇن لېگەنگە تىكىلگەن قاراشلىرى كېلىۋېلىپ ئۇيقۇسى قېچىپتۇ. «قانداق قىلسام بولاركىن؟» دەپ بىر ھازاغىچە پال ئېچىپتۇ. ئاخىرى لېگەننىڭ چۆرىسىنى يىپتا چېگىپ، ئىچىگە لىق سۇ قۇيۇپتۇ ۋە ئۆزى ياتقان جاينىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويۇپتۇ.«مۇشۇنداق قىلسام، ناۋادا بەكتۇ لېگەنگە قول تەگكۈزسە، ئىچىدىكى سۇ تۆكۈلۈپ مېنى ئۇيقىدىن ئويغىتىدۇ» دېگەن خىيال بىلەن خاتىرجەم بولۇپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. چىڭتۇنىڭ ئۇخلىشىنى كۈتۈپ ياتقان بەكتۇ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ-دە، قاچا-قۇچا قويىدىغان جايلارنى، ئىچكى-تاشقارقى ئۆي، ھوجرا-سارايلارنى چالا قويماي ئىزدەپمۇ ھېلىقى لېگەننى تاپالماپتۇ. بىر چاغدا قارىغۇدەك بولسا، لېگەن چىڭتۇ ياتقان ئۆينىڭ بالاسىغا - ئۇنىڭ نەق بېشى ئۈستىگە ئۇدۇل قىلىپ ئېسىقلىق تۇرغىدەك. بەكتۇ لېگەننىڭ ئىچىگە لىق سۇ تولدۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەم بىلەن سۇنى سۈمۈرۈشكە باشلاپتۇ. سۈيى تۈگىگەن ھامان يىپىنى ئۈزۈپ لېگەننى قولغا چۈشۈرۈپ، تۇيدۇرماي سىرتقا چىقىپتۇ. ئەمما دەرۋازىدىن چىقىشنىڭ ئامالىنى ھېچقانداق قىلىپمۇ تاپالماپتۇ. چۈنكى ئىشىكلەرگە ئات كاللىسىدەك يوغان قۇلۇپلار سېلىنغان ئىكەن. بەكتۇ دەرھال ئات ئېغىلىغا كىرىپ بىر ئىگەرنىڭ پۈشتىلىڭىنى يۇلىۋېلىپ، ئاشۇ پۇشتاڭنىڭ ياردىمى بىلەن ھەممە دەرۋازا، ئىشىكلەرنىڭ تۇرۇملىرىنى چىقىرىپ تامغا يۆلەپ قويۇپتۇ. ئاندىن كېيىن چىڭتۇدىن باشقا كىشىنى يېقىن يولاتمايدىغان يورغا ئېتىنى بىر ئامال قىلىپ ئىگەرلەپ مىنگىنىچە ئۇدۇل يول بىلەن شامالدەك تېز يۈرۈپ كېتىپتۇ. ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى دەريانىڭ قوشۇلغان جايى - قوشلاشقا يېتىپ كەپتۇ. بۇ يەرنىڭ سۈيى ئالامەت كۆپ، قايناملىرى ئاجايىپ چوڭقۇر ئىكەن. بەكتۇ ئاشۇ قاينامنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگىچە چۆكۈپ، ئالتۇن لېگەننى بىر قورام تاشقا باستۇرۇپ قويۇپ چىقىپتۇ-دە، كەلگەن يولى بىلەن چىڭتۇنىڭ ھويلىسىغا قايتىپ كەپتۇ. قارىسا چىڭتۇ بەخىرامان ئۇخلاۋاتقۇدەك، بەكتۇمۇ ھېچنىمە كۆرمىگەن بولۇپ يوتقانغا يۆگىنىپتۇ. بۇ ئىشلار شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىپتۇكى، بىر ئاش پىشىم ۋاقىتمۇ ئۆتمەپتۇ. بەكتۇنىڭ كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا ئىلىنىشى بىلەن چىڭتۇ ئويغىنىپتۇ، تورۇسقا قارىسا، لېگەن جايىدا يوق، نەچچە تولغىنىپتۇ. بەكتۇ ھېچ ئىش بولمغاندەك خورەك تارتىۋاتقۇدەك، «بۇنداق مەھكەم ھويلىدىن ھېلىغىچە بىركىم بىر نەرسە ئوغۇرلاپ باققان ئەمەس، بۇ چوقۇم بەكتۇنىڭ ئىشى» دەپ پەرەز قىلغان چىڭتۇ ھويلىدىكى ئات تۇيىقىنىڭ ئىزىنى بويلاپ قوشلاشقىچە بېرىپتۇ، بارغۇچە راسا ھېرىپتۇ. ئاختۇرۇپ يۈرۈپ قاينام تېگىدىن ئالتۇن لېگەننى سۈزىۋاپتۇ-دە، كەلگەن يولى بىلەن ئارقىسىغا قايتىپتۇ. چىڭتۇمۇ ھېچ نەرسە بىلمىگەن، كۆرمىگەن بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ، چىڭتۇ بىلەن بەكتۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپتۇ. چىڭتۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئايالى يەنە ئاشۇ لېگەندە تاماق كەلتۈرۈپتۇ. بەكتۇ تاماقنى يەۋېتىپ، كېچىدىن قىلغان ئىشلىرىنى بەخىرامان دەۋېتىپ، پۇتىنى لىكىلدىتىپ تەۋرىتىپ ئولتۇرغان ئىكەن. چىڭتۇمۇ تامىقىنى يېگەچ، لېگەننى قايتۇرۇپ كېلىش جەريانىنى دېگەچ، بۇرۇتىنى تولغاپ، ساقىلىنى ئولغاپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇ ئىككەيلەن بىر-بىرىنىڭ چاققانلىقىغا، بىرسىنىڭ تۇيدۇرماي ئېلىپ قاچسا، يەنە بىرسىنىڭ چاندۇرماي تاپقانلىقىغا قايىل ۋە مايىل بولۇپ، يېڭىدىن-يېڭى ھۈنەر-كارامەتلىرىنى نامايىش قىلماقچى بولۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ
بۇ ئىككەيلەن بىر-بىرىنىڭ چاققانلىقىغا، بىرسىنىڭ تۇيدۇرماي ئېلىپ قاچسا، يەنە بىرسىنىڭ چاندۇرماي تاپقانلىقىغا قايىل ۋە مايىل بولۇپ، يېڭىدىن-يېڭى ھۈنەر-كارامەتلىرىنى نامايىش قىلماقچى بولۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار كۈن چىقىش تامغا قاراپ ئۈچ كۈن مېڭىپتۇ، بىر چاغدا ئاۋات بىر شەھەرگە يىتىپ كەپتۇ. بىرسى «داۋاملىق يول ماڭايلى» دەپ بەك تۇرىۋاپتۇ، يەنە بىرسى «مۇشۇ يەردە توختايلى» دەپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ. بەك تۇرغىنى چىڭ تۇرغىنىغا يول قويۇپ، چىڭ تۇرغىنى بەك تۇرغىنىغا قول قويۇپ، شەھەر كوچىلىرىنى ئارىلاپ مېڭىۋاتقۇدەك، بىر-بىرىنى پىرىپتە قىلىشنىڭ ئەپلىك پەيتىنى مارىلاپ كېلىۋاتقۇدەك بولسا، بىر تالاي قارىلىق كىشىلەرگە ئۇچراپتۇ. «نېمە گەپ؟ كىم ئۆلدى؟» دېگەن سۇئالغا: -ھەسەنباي قازا تاپتى، ئۆلۈمى بازار تاپتى، جەسىتى مازار تاپتى، ئۇنىڭدا ئېلىش-بېرىشى بارلار پايدىنى تازا تاپتى...- دېگەن جاۋابنى ئاڭلىغان چىڭتۇ بىلەن بەكتۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىشىپ، مۇددىئانى بىلىشىپ، ئۆز ئارا كېڭىشىپ، ئىشنىڭ ئاخىرغا خەيرلىك تىلىشىپ، ھەسەنباينىڭ ھويلىسىغا كىرىپتۇ. يولدا كەلگىچە ئۇلار مۇنداق دېيىشىپتۇ: -ھەسەنباي دېگەن ئۇ تەرىپى رىمغىچە، بۇ تەرىپى چىنغىچە كارۋان ماڭغۇزىدىغان، مال دۇنياسىنىڭ ھېسابى يوق، ئۆزى سېخى بولغىنى بىلەن ئىنسابى يوق بىر سودىگەر. بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ھازىدار قىياپەتتە كىرىپ، «ھەسەنبايدا ھەققىمىز بار ئىدى» دەپ تۇرىۋالايلى، ئاز-تولا ئوقەت يۇلىۋالايلى، ئىشەنسە تېخى ياخشى، ئىشەنمىسە گۇۋاھچى تەلەپ قىلسا، ئىككىمىزدىن بىرسىمىز تىرىك موردا بولىۋالايلى... گەپ مۇشۇ يەرگىچە قۇلاققا خۇش يېقىپتۇ. ئەمما، كىمنىڭ گۆرگە كىرىپ «تىرىك موردا» بولۇشىغا كەلگەندە كېڭەش بۇزۇلۇپ، تالاش-تارتىش سوزۇلۇپ، بىرسىنىڭ گېپى بىرسىگە بوش يېقىپتۇ. ئاخىرى كىم گۆرگە كىرىپ ياتسا، ئۆلمەي تۇرۇپ موردا ئازابىنى تارتسا، يەنە ئەرۋاھنى دوراپ گۇۋاھلىق بەرسە، ھەسەنبايدىن يۇلۇۋالىدىغان پۇلنىڭ يەتتە ئۆلۈشىنى ئالىدىغان، ئۈچ ئۈلۈشى تالادا تۇرغىنىغا قالىدىغان بولۇشۇپ مەسلىھەتكە كېلىشكەندىن كېيىن، پۇل دېسە جېنىنى بېرىدىغان، ئىش دېسە يېنىنى بېرىدىغان مامۇت ئوغرى - چىڭتۇ مەيدە مۇشتلاپ چىقىپتۇ، ئۆزىنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسىنى ھەسەنباينىڭ جەسىتى يېنىغا تىقىپتۇ، ئەمما ھايال ئۆتمەي ۋاي توۋا قىچقىرىپ قەبرە تېمىنى مۇشتلاپ قېقىپتۇ. -ۋاي توۋا!... مىڭ توۋا!... مەن ئۇ يەردە ياتالمايدىكەنمەن، ھەسەنباينىڭ جەسىتى قېشىغا پاتالمايدىكەنمەن!- دەپتۇ مامۇت ئوغرى،- ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردە سەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتسەڭ، مەن ھەسەنباينىڭ ئۆيىگە دەۋاگەر بولۇپ بارسام. شۇنداق قىلىپ بەكتۇ گۆرگە كىرىدىغان، ھەسەن باينىڭ ئاۋازىغا ئوخشىتىپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان، چىڭتۇ ھەققىيات داۋاسى قىلىدىغان، كىشىلەرنى قەبرە بېشىغا باشلاپ كېلىدىغان بوپتۇ. بەكتۇنىڭ يېنىغا 5-10 نان، بىر قاپاق سۇ قويۇپ ئوراننىڭ ئېغىزىنى كۆمۈۋەتكەندىن كېيىن، چىڭتۇنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ ئەتىسى تاڭ سەھەر مەزگىلىدە ھەسەنباينىڭ ھويلىسىغا «ۋاي قېرىندىشىم، ئېسىت رەھمەتلىك ئاغىنەم» دەپ يىغلىغىنىچە كىرىپ كەپتۇ. ئۇ بىر پەس ھازا ئاچقاندىن كېيىن، مۇددىئانى بايان قىلىپ: -رەھمەتلىك ھەسەنبايغا ياقا يۇرتتا سودىگەرچىلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە 10 مىڭ تىللا قەرز بېرىۋېدىم، مەن ئاشۇ ئامانىتىمنى ئېلىش نىيىتىدە بۇ ياقلارغا كېلىۋېدىم، قازاۋىقەدەر بۇرادىرىم ھەسەنباي ئۇ ئالەمگە كېتىپتۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولسۇن دېسەڭلار، ئاشۇ قەرزنى بېرۋەتسەڭلا؟- دەپتۇ. ھەسەن باينىڭ بالىلىرى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قۇيقا چاچلىرى تىك بۇلۇپ ‹تىلخەت بارمىدى؟› دەپ سوراپتىكەن، چىڭتۇ: -ھەسەن باي بىلەن يېقىن ئۈلپەتلەردىن ئىدۇق، ئارىمىز يېقىن بولغاچقا ئۇنىڭدىن تىلخەت تەلەپ قىلمىغانتىم، مۇبادا لەۋزىمگە پۈتمىسەڭلار، ھەسەنباينىڭ لەھەت بېشىغا بارايلى، گېپىمنىڭ راست يالغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورايلى. ئەگەر ‹ھەققىياتى بار› دېسە، بىرەرسىلە، ‹يوقىدى› دېسە، مەنمۇ ئاڭلارمەن، سىلەرمۇ كۆرەرسىلەر، دوستۇم دوستۇم ئۈچۈن ئۇنچىلىك پۇلدىن كېچەلمىگۈدەك نامەردلەردىن ئەمەسمەن،- دەپتۇ. ئىش چىڭتۇنىڭ دېگىنىچە بولۇپتۇ، تۇپراق بېشى بۇ ئىشقا قىزىققان كىشىلەر بىلەن تولۇپتۇ. ھەسەنباينىڭ چوڭ ئوغلى داداىسىنىڭ قەبرىسىدىكى خادا ياغاچنى مىدىرلىتىپ تۇرۇپ: -دادا، دادا! ئۆزلىرىدە مامۇت ئىسىملىك، چىڭتۇ لەقەملىك بىرسىنىڭ 10 مىڭ تىللا ئېلىشى بارمىدى؟- دەپ سوراپتۇ. خادا ئۈچ مەرتەم مىدىرلاپ، سۇئال ئۈچ مەرتەم تەكرارلانغاندىن كېيىن، قەبرە ئاستىدىن: -ئىھ بالىلىرىم، بۇرادىرىم مامۇت چىڭتۇنىڭ 10مىڭ تىللاسى زىممەمدە بارلىقى راست، مۇشۇ ھەققىياتنى بېرىۋېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا قازا تاپقىنىم ئۈچۈن، ھازىر تولىمۇ ئېغىر ۋىجدان ئازابىدىمەن، ئىلاج بولسا شۇ ھەققىياتنى بەجا كەلتۈرگەيسىلەر! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بەكتۇنىڭ ئاۋازىنى «دادامنىڭ ئاۋازى» چۈشەنگەن، بۇ ھىيلىگە ئىشەنگەن ھەسەنباينىڭ بالىلىرى ئۆيگە بېرىپلا 10 مىڭ تىللانى چىڭتۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپتۇ، بۇ سېھرىگەرلىكتە ھەسەنباينىڭ نادان بالىلىرى ئۇتقۇزۇپتۇ. چىڭتۇ بەكتۇنى لەھەتتىن ئېچىۋېلىشنىڭ ئورنىغا، 10مىڭ تىللانى ئېلىپ جېنىنى قۇتقۇزۇپتۇ.... ئەمدى گەپنى داۋۇت ئىسىملىك بەكتۇدىن ئاڭلايلى: ئۇ ھەسەنباينىڭ بالىلىرىغا دادىسى نامىدىن گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، ‹«چىڭتۇ كېلىپ ئېچىۋالىدىغۇ» دېگەن ئۈمىد بىلەن بىر-ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ، قاپاقتىكى سۇ، خالتىدىكى نان ئاخىرلىشىپتۇ، بەكتۇ ماغدۇرىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالاي دېگەندە ياشاش ئارزۇسى كۈچلۈك كېلىپ، گۆرنىڭ ئاغزىنى تاتىلاشقا باشلاپتۇ. بىر تەرەپتىن كولىسا، يەنە بىر تەرەپتىن توپا چۈشۈپ ئېچىلغان تۆشۈك كۆمۈلۈپ قېلىۋېرىپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ يەر ئاستىدا ناھەق-نارىۋا ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمىغان بەكتۇ جاننى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ كولاۋېرىپتۇ.بەش كۈن بولاي دېگەندە گۆرنى ئېچىپ سىرتقا چىقىپتۇ. بەكتۇ شەھەرگە كىرىپ، ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە تېپىپ يەپ مادارىغا كىرگەندىن كېيىن، مامۇت ئوغرى چىڭتۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ پىيادە يولغا چىقىپتۇ. بەكتۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقىنىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان چىڭتۇ كۆڭلىگە بىر پىلاننى پۈكۈپ، خوتۇنىغا «مۇنداق، مۇنداق قىل» دەپ ئىش تاپىلاپ، ئۆزىنى ئۆلدىگە چىقىرىپ، يۇرتىغا ئاش بېرىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بەكتۇ يېتىپ كەپتۇ. بۇ يەردىكى ئەھۋالغا بىر قاراپلا ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ «ۋاي قېرىندىشىم، ۋاي قەدىناسىم دوستۇم» دېگىنىچە ھازا ئېچىپتۇ. جامائەت مېيىتنى ئۇزىتىپ ماڭغىلى قوپقاندا، بەكتۇ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ: -دوستۇمنىڭ ماڭا قىلغان بىر مۇنچە ۋەسىيىتى بارئىدى، بۇ ۋەسىيىتىنىڭ بىرسىنى ئادا قىلىۋالسام،- دپ تۇرىۋاپتۇ. ئەل-جامائەت: -ئۇ قانداق ۋەسىيەت ئىدى؟- دەپ سوراپتىكەن، بەكتۇ: -ئۇ ھايات چېغىدا، ئەگەر ئىككىمىزدىن قايسى بىرىمىز بالدۇر ئۆلسەك، يەرلىككە قويۇلۇشتىن ئاۋال بەدىنىمىزنى داغماللاپ، جىسمىمىزدىكى ناپاكلىقنى كۆيدۈرسەك، ھاياتلىقتا قىلغان گۇناھلىرىمىز جىسمىمىز بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا بارمىسا، دېگەنتى، قازارا چىڭتۇ مەندىن ئەۋۋەل بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىپتۇ، دوستۇمنىڭ ئارزۇسى شۇ ئىدى، دېگىنىنى بەجا كەلتۈرسەك. ئەل-جامائەت بەكتۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپتۇ. چىڭتۇنىڭ ئايالى ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ چوڭ لوم تۆمۈر چوغدەك قىزىتىلىپ، ئۇنى چىڭتۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە يېقىشقا باشلاپتۇ. چىڭتۇنىڭ بەدىنى كۆيۈپ يېغىرغا ئايلىنىپتۇ، لېكىن يالغان ئۆلۈك بولۇپ يېتىۋالغان مامۇت ئوغرى ئۆزىنىڭ «چىڭتۇ» دېگەن لەقىمىگە مۇناسىپ ھالدا «ۋايجان» دەپمۇ قويماي جىممىدە يېتىۋېرىپتۇ. بۇ چارە ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، بەكتۇ ئەل-جامائەتكە يەنە مۇنداق دەپتۇ: -دوستۇمنىڭ بىرىنچى ۋەسىيىتى ئادا بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئىككىنچى ۋەسىيىتىنىمۇ ئادا قىلماق كېرەك، بىز قايسى بىرىمىز بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسەك ھايات قالغىنىمىز ئۈچ كۈنگىچە يەنە بىرىمىزگە ھەمراھ بولماقچى بولغانىدۇق، شۇڭا ئۈچ كۈنلۈك ئوزۇق-تۆلۈك تەييارلاپ بېرىلسە، مەن ئاغىنەم چىڭتۇغا ھەمراھ بولۇپ گۆرىدە بىللە ياتسام. شۇنداق قىلىپ، بەكتۇر شامىگۆرگە كىرىپ چىڭتۇنىڭ قېشىدا بىللە يېتىپتۇ. چىڭتۇ شۇنچىلىك مەھكەملىك كۆرسىتىپتۇكى، نە بەدىنىدىكى كۆيۈكلەرنىڭ ئاغرىشىغا، نە بەكتۇنىڭ چىمداشلىرىغا «غىڭ» قىلىپ ئىنكاس قايتۇرماي، راستىنلا ئۆلگەن كىشىدەك جىممىدە يېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بەكتۇنى زېرىكتۈرۈپ قېشىدىن چىقىرۋېتىش، ھەتتا ئۆلگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ، ئون مىڭ تىللانى يالغۇز ئۆزىلا تەسەررۇپ قىلىش ئىكەن. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ. بەكتۇمۇ چىداپ ئۈچ كۈن كۈتۈپتۇ، تۆتىنچى كۈنىگە ئۆتەر كېچىسى ئۇلار ياتقان شامىگۆرگە بىر نەچچە ئوغرى بىر دۆۋە مال-دۇنيانى كۆتۈرگىنىچە سەكرەپ چۈشۈپتۇ. ئەسلىدە بۇلار ئوغۇرلىغان نەرسىلەرنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن بۇ يەرگەن كىرگەن ئىكەن، ئوغۇرلار كۆپ تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن نەرسە-كېرەكلىرىنى بۆلۈشۈپ بولۇپتۇ. ئەمما بىر دانە قېلىچنى ئايرىشالماي، ياكى بىرسى يەنە بىرسىگە بېرىۋەتكىلى پايلىشالماي غۇلغۇلىغا چۈشۈپتۇ. ئاخىرى تالاشقانلاردىن بىرسى مۇنداق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ: -بۇ گۆردە ئىككى جەسەت بار ئىكەن، مەن ئاۋۇ جەسەتنى بىر قېلىچ ئۇرۇپ ئىككى پارە قىلىۋەتسەم، قېلىچ مېنىڭ بولىدۇ، ئۇنداق قىلالمىسام قېلىچ سىلەرنىڭ بولسۇن! ئۇ شۇنداق دەپ قېلىچنى قولىغا ئېلىپتۇ-دە، چىڭتۇ بار تەرەپكە قاراپ يول سېلىشقا تەمشىلىپتۇ، بۇ ئىشلارنى كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ كۆرۈپ ياتقان چىڭتۇ چىداملىقىنى يوقىتىپ، ئۆلۈم دەھشىتىدە چىرقىراپ تاشلاپتۇ. ئوغرىلار دەسلەپتە ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپتۇ، ئارقىدىن «ئەرۋاھ كەلدى» دەپ چۇرقىراشقىنىچە جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، مال-دۇنيالىرىنى گۆرگە تاشلاپ قېچىپ كېتىشىپتۇ. «مىنى چېپىۋېتىدىغان بولدى» دەپ خىيالغا كەلگەن چىڭتۇ ئاللىقاچان ھۇشىدىن كەتكەن ئىكەن. بەكتۇ ياتقان يېرىدىن ئاستا قوپۇپ شامىگۆر ئاغزىغا بېرىپتۇ، ئۇ سىرتقا قارىسا، ئوغرىلار ھېچقەيەرلەردە كۆرۈنمەپتۇ. بەكتۇ گۆر ئىچىگە قايتىپ كىرىپ، چىڭتۇنى سىلكىپ ھەر قانچە مىدىرلاتسىمۇ زۇۋان سۈرمەپتۇ. ئۇ ئاخىرى بىر ھىيلە ئويلاپ تېپىپتۇ-دە، قېلچنىڭ بىسىنى چىڭتۇنىڭ كىكىردىكىگە بوشراقلا سۈركەپتۇ، چىڭتۇ «ئوغرىلار چېپىش خىيالىدىن ۋاز كېچىپ بوغۇزلىۋەتكىلى قوپقان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ داد-پەريات كۆتۈرۈپتۇ ۋە: -مەن ئۆلۈك ئەمەس، ماڭا قېلىچ ئۇرماڭلار، ئۆيۈمنىڭ پالانى يېرىدە كۆمۈكلۈك 10 مىڭ تىللا بار، ئاشۇ پۇلنى سىلەرنىڭ تەسەررۇپىڭلارغا ئىنئام قىلاي،- دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. چىڭتۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بەكتۇ 10 مىڭ تىللانىڭ جايىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن شامىگۆردىن چىقىپتۇ-دە، ئۇدۇل ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. بۇ چاغدا ئالەم سۈزۈلۈشكە باشلىغان، چىڭتۇنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ چىرايلىق سىڭلىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ «ئىشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولاركىن؟» دەپ ئەندىشىدە ئولتۇرغان ئىكەن. بەكتۇ چىڭتۇنىڭ ئېيتىپ بەرگەن بەلگىسى بويىچە ھېلىقى 10 مىڭ تىللانى كۆمەكتىن ئېچىپ خۇرجۇنغا قاچىلاپتۇ. ئاندىن كېيىن چىڭتۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ: -خېنىم، بۇرادىرىمىز چىڭتۇ ئۈچ ۋەسىيەت قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ ئىككىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى ئۈچىنچى ۋەسىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەزگىلى كەلدى، قېنى، تەييار بولۇپ ئارقىمدىن ماڭسىلا،- دەپتۇ ئۇ ۋە مۇشۇ گەپلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاتخانىغا كىرىپ چىڭتۇنىڭ ئۇچقۇر ئېتىنى توقۇپ چىقىپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا كېپەنلىكنى سۆرىگەن پېتى چىڭتۇ ھويلىغا كىرىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بەكتۇ ئاتنى توقۇپ، 10 مىڭ تىللا بار خۇرجۇننى ئىگەرگە ئارتىپ، سىڭلىسىنىڭ قولىدىن يېتىلىگەن پېتى سىرتقا چىقىۋاتقۇدەك. -تەقدىرگە تەن بەردىم،- دەپتۇ چىڭتۇ،- ھەر قانچە قىلىپمۇ يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئارىسىدىن كەلگەن داۋۇت بەكتۇغا تەڭ كېلەلمىدىم، باشتىمۇ مامۇت ئوغرىدىم، ئاخىردىمۇ مامۇت ئوغرىى پېتىم قالدىم، چىڭتۇ دېگەن لەقىمىم ھېسابقا ئۆتمىدى...- دېگىنىچە بوسۇغىغا پۇتلىشىپ دۇم چۈشۈپتۇ. مامۇت ئوغرى ساقايدىمۇ، ياكى ئۆلۈمىنى تىلەپ تاپتىمۇ، داۋۇت ئوغرى چىڭتۇنىڭ سىڭلىسىنى ئەمرىگە ئالدىمۇ ياكى ئاكىسىنىڭ قېشىدا قالدىمۇ، بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ ئەل ئىچىدە بەكتۇ بىلەن چىڭتۇنىڭ يۇقىرىقى ھېكايىسى ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرگىنى راست.