: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
داستىخاندىكى جېدەل
داستىخاندىكى جېدەل
ئۆتكەن زاماننىڭ يەر تەۋرىگەن يىلى، چوڭ دەريانىڭ سۈيى تاشقان مەزگىلى ئىكەن. ئوچاق ئىقلىمىنىڭ قازان شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مانتىگۈل بېگىمنىڭ چوڭ قىزى چۆچۈرە خېنىم پۈتۈن غىزا ئەربابلىرىنى يىغىپ توختام سۆھبىتى قىلىش نىيىتىدە، داستىخان مەيدانىنى تۈزۈپ، غىزا مېھمانلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. مىسكەر پەملىك ئۇستىنىڭ ئاسراندى بالىسى، رەڭگى رويى سارغايغان يايپاڭ چىلاپچا شالدام خوجا، ئۇنىڭ كەينىدىن تۇچ ئۇستىنىڭ ئامراق ئوغلى ئاپتۇۋا زېرەك نازۇك بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇپ كىرىپ، تەۋازۇ بىلەن مېھمانلار بىلەن بىر - بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىقىپ كەتتى. قازان شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى مەرھۇم پادىشاھىنىڭ چوڭ خوتۇنى لۆڭگە خان چەت ئەل سەپىرىدىن كەلگۈچە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ تېز مېڭىشتىن قاپتىكەن، ئۇمۇ ئارقىدىنلا قانچە غەيرەتلەر بىلەن سۆرىلىپ كېلىپ مېھمانلار بىلەن قولمۇقول كۆرۈشۈپ چىقىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۆينىڭ تاشقىرىسىدا، ئالتۇن ئىشتان كىيگەن بوزرۈك بەگنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولغان جانابىي ساماۋار ئەتراپىغا چەينەك سۇخەندازلىرىنى يىغىپ، سوقا - سۆھبەت باشلىماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا جاراڭ-جۇرۇڭ، داغدۇغا بىلەن يۇرتنىڭ ياشلىرىدىن بولغان پىيالە يىگىتلەر سەپ- سەپ بولۇپ مەيدانغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تاشقىرىدىن ھەيۋەت بىلەن «پوش - پوش !» دېگەن سۈرلۈك ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ تاشقىرىدىكى ساماۋار ئۇستىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۇنىڭ پوش-پوشلىرى چەينەك يىگىتلىرىنىڭ قىيا - چىيالىرى بىلەن پىيالە يىگىتلىرىنىڭ ۋاڭ - چۇڭلىرىنى پەسەيتتى. بىراق، پىيالە يىگىتلەر ئاسماننى قوينىغا يوشۇرماقچى بولۇشتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاسماننىڭ تۈۋرۈكلىرى لىڭشىپ، جاھان زىلزىلىگە كېلىپ كەتتى. ئارقىدىن داستىخان مەيدانىغا ئۇزۇن چوڭ كوچىدىن «پوش - پوش» دېگەن خۇشامەتلىك ئاۋازلار بىلەن پەتنۇس تەختىراۋانىغا ئولتۇرۇپ، تونۇر ئىقلىمىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئىككى يېنىدا مۇھاپىزەتچىلەر توختاتقان ھالدا مەزە تۆرەم چىنە - چەينەك، سىپاھ ۋە مەسلىھەتچىلىرىنى ماڭدۇرۇپ يېتىپ كەلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر مەزە تۆرەمنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىغا، سورۇنغا ئازادە ۋە سۈپەتلىك كەلگەن سىنچايخان خېنىم شاما ھاسىلىرىنى قولتۇقلىرىغا قىستۇرغان، تىنغان رەڭگىنى قىزارتقان ھالدا پىيالە ھارۋىسىدا مۇلايىم سۈپەت بىلەن بويۇنلىرىنى جىم ئېگىپ ئولتۇرۇشىغا، قاتلىما نوچى چۇۋۇلغان بەلبېغىنى تۈزەپ، پەرىشان كۆڭلى بىلەن جانابىي مەزە تۆرەمگە غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى تىرىپىرەن قىلغاندىن كېيىن، مەزە تۆرەمنىڭ دۈپدۈگىلەك سېمىز پالۋانلىرىدىن بولغان سامسا باتۇر، پەرمۇدە پالۋاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئۆزى باداشقاننى كەڭ قۇرۇپ ئولتۇردى. ئۇلار شېكەر باغ مەھەللىسىدىن مېھمانلار ھۇزۇرىغا يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بىشەكشېرىن بەگ، پېلەك - مېلەكلىرىنى تاشلاپ ئالا بەقەسەم تونلىرىنى كىيىپ كەلگەن كۆكچى نوچى، شېكەر سۈيى خېنىم، ئاقچى بايۋەچچە، سەۋزە نازۇك كېلىنچەك، تاۋۇزجان سۆزمەنلەرنى نالە - پەريادلىرىغا قۇلاق سالماستىن ئارقا-ئارقىدىن جان تەسلىم قىلدۇرۇۋەتتى. مەرھۇم بىشەكشېرىن بەگ، تاۋۇزجان سۆزمەنلەرنىڭ قانلىرى دەريا-دەريا بولۇپ ئاقتى. تاۋۇزجان سۆزمەننىڭ مۇبارەك ئۇرۇقلىرى دانە-دانە بولۇپ داستىخان مەيدانىغا تېرىلىپ كەتتى، بىر ئازدىن كېيىن ئەھلى مەھەللە كاتتىلىرى، بۇ قۇربانلار شەنىگە تەسىرلىك مەدھىگە ماختاشلار بىلەن يادنامە قىلىشتى، بىراق بۇنىڭغا ئوخشاش قان تۆكۈشكە تاقەت قىلالمىغان مەزە تۆرەمنىڭ تومۇرى ھەددىدىن زىيادە كۆپۈپ دەرغەزەپ بىلەن قان تۆكۈشكە سەۋەبچى بولغانلار داستىخان مەيدانىغا ھازىر قىلىنسۇن دەپ ئەمر قىلغاندىن كېيىن، چۆمۈچ ياساۋۇللىرى بىلەن قازان سەيلىسى قىلىپ يۈرگەن شورپا بەگنى چىنە كۆلچەكلىرىگە قاچىلاپ، قارىمۇچ دانچىلىرىنى يانچىپ يۈزلىرىگە چېچىپ، ئېلىپ كېتىشتى، شورپا بەگ ناھايىتى قورقۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرۇشىغا، بۇ ئەيىبنىڭ چۆچۈرە خېنىمدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، دەرھال چۆچۈرە خېنىمگە دورغا ماڭدۇرۇلدى. چۆچۈرە خېنىم قۇلاقلىرىنى باشتىن ئاخىر دىڭ قىلىپ يۇمغاقسۈتتىن ئوسما قويۇپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، چامغۇر بوغچىلىرىنى قولتۇقىغا قىستۇرغان ھالدا دورىغا تۇتۇق بەرمەي ئۇ بۇلۇڭدىن بۇ بۇلۇڭغا قېچىپ يۈرگەنلەردە، جاناۋى مەزە تۆرەمنىڭ ئاچچىقى زىيادە بولىدى-دە، دەرھال قوشۇق دورغىسىغا چۆچۈرە خېنىمنى سوراققا تارتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، چۆچۈرە خېنىمنىڭ تەختىراۋانى قازان شەھرىدىكى داس بىگىمگە ئامانەت قويۇلدى. بۇ ماجرادىن كېيىن، يۇتازا ھورۇن قاسقان ھۇجرىسىدىن ئالدىراشلىق بىلەن تەرلەپ تەپچىپ چىققان پېتى جىگەردەك بەلباغلىرىنى ئوراپ بەللىرىنى بوشراق باغلاپ، لېگەن ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ماڭاي دېيىشكە، مانتا باداڭ قاپاقلىرىنى يۇمۇپ، قورساقلىرىنى دومبايتىپ، ئاتىكارچىلىق بىلەن دەررۇ يۇتازا ھورۇننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئورۇن ئالدى . ئۇلار بىر-بىرگە ماي تارتىشىپ مەيدان تەرەپكە مېڭىشتى، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تۇڭ شياڭ ئامبىلى لازا دارېن ، شوسەي كوجاڭ، چەيزە شىجاڭ، ئاچچىقسۇ لوزوڭ، تۇرۇپ گۇۋاھچىلار چىنە تەخسىلىرىدە ئولتۇرۇپ چوكا مىلتىقىلىرىنى بەتلەپ شىشە جاڭلىرىنى ئۇرۇپ جاراڭلىتىپ مەيدانغا يېتىپ كەلدىلەر، ھەممەيلەن دەرھال ئۆرە تۆپى بولۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۇلارنى تۆرىگە باشلاشتى، بىر ئازدىن كېيىن شوسەي كوجاڭنىڭ غەزەپلىك كۆزى مانتا بەگكە چۈشۈپ قالدى، بۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم مەنسەپ ئاداۋىتىدە بولۇشقان ئىدى، شوسەي كوجاڭ دەرھال پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ لازا دارىنغا ئەرىز-مەلۇمات قىلدىلەر، لازا دارىن مانتا بەگنى كۆرسىتىپ، چوكا مىلتىقى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئاچچىقسۇ لوزىڭنىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىپ، قورساقلىرىنى يېرىپ، ئۈچەي باغنى چۇۋۇپ تاشلاپ جازا بېرىڭلار! دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، تەرەپ-تەرەپتىن خوش-خوش دېگەن تاۋازۇ كۆتۈرۈلۈپ ھۆكۈم ئورۇنلاندى . كېيىن بۇ پىتنە ئىغۋانىڭ سەۋەبچىسى بولغان يۇتازا ھورۇننى چەمتەرچەس باغلاپ تەختتىن ئالدۇرۇپ، شاھانە بەلباغلىرىنى چۇۋۇپ تاشلاپ تېرە پېرەن قىلىشقا ھۆكۈم چىقىرىلدى، شۇ ئەسنادا سىنچاي سۈلھىيىچىلىرى بۇ ماجرادىن ئەندىشە قىلىپ تەرەپ-تەرەپكە يۈگۈرمەكتە ئىدى، بىر ئازدىن كېيىن كۆپ ئىلتىماسلار ئارقىلىق، جانابى شاھى سۇلتان پولو كەمپۈر دومباقلىرىنى چېلىپ، چىنە پاساتلىرىنى تەييار قىلىپ، قوۋۇرغا دەرسنى، ئېلىپ، بېھى تامغىسىنى بېسىپ، سەۋزە ئوقيالىرىنى بەتلەپ مەيدانغا يېتىپ كەلدى، داستىخان مەيدانىغا يىغىلغان پۈتۈن تائام پۇقرالىرى تارقىلىپ قېچىشقا باشلىدى... ھەممە ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان جانابىي شاھى سۇلتان پولو داستىخان سورۇنىغا ئۇلۇغۋار نەزەر تاشلاپ ، ئاخىرى مۇنداق مەزمۇندا ھۆكۈم نامە ئېلان قىلىندى -بىرىنچى، مانتىگۈل بېگىمنىڭ چوڭ قىزى جۇۋاۋىخان يەل پاتۇرنىڭ ھەيدىشى بىلەن ئاچچىق ئۈچەي، تاتلىق ئۈچەي كوچىلىرى ئارقىلىق تورۇمتاي كۆل بېشى كوچىسى يار بېشى بىلەن كونا داتاڭغا ھەيدەپ كىرگۈزۈلۈپ، تۆشۈك دەرۋازىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن -ئىككىنچى، بۇ پىتنە ئېغىۋانى تۇغدۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان چۆچۈرە خېنىم، داستىخان مەيدانىغا چىقىشتىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا ئاۋۋىلى مۇقەددەس ساپ نىيەتلىك مەنچىزە خېنىم تەيىنلەنسۇن ئۈچىنچى، مەزە تۆرەمنىڭ مەنسەپلىرى بىلەن تامغىلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ ھاكىملىققا توقاچ بالىغا بەلگىلەنسۇن تۆتىن چى، سابىق مەزە تۆرەمنىڭ يۇمىلاق لەشكەرلىرىدىن بولغان پەرمۇدا پالۋان، سامسا باتۇرلىرى تۇتۇلۇپ، كېكىردەك ۋە كاناي تۈرمىلىرىگە قامالسۇن بەشىنچى، مەرھۇم تاۋۇزدىن سۆزمەن ئۈچۈن شېكەرشېرىن خېنىمغا ئۆزرە قويۇلسۇن ئالتىنچى، كۆكچى نوچى، بېشەكشۈن بەگلەرگە سەمەن ۋە پەيزاۋاتلاردىن ئورۇن بېرىلسۇن يەتتىنچى، بۇ تائاملارنى قورساق ئىچىدە گۈلدۈر-قاراس ، تاراق-تۇرۇق قىلىپ مۇشلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، كىشىلەرنى بىسەرەمجان قىلىدىغان ناتوغرا ئەھۋاللارنىڭ يەنە ئۆتۈلمەسلىكىگە سىنچايخان يۈگۈرۈك مەسۇل بولسۇن! بۇ ھۆكۈمنامىگە شاھى سۇلتان پولو، ئاچچىقسۇ لوزوڭ ۋە شۇسەي كوجاڭلار ئىمزا قويۇپتۇ
ھىممەت كەمىرىنى بېلىمگە باغلاپ، تىلىمنى ئەقىل سۆزى بىلەن ياغلاپ، ھەرقايسىلىرىنىڭ بۇ چوڭ سورۇنىغا كېلىپ قالدىم، بىر قاراپلا «كۈلۈۋالساق» دېگەن تەمەلىرىنىمۇ بىلىپ قالدىم. مېنى ھەرقايسىلىرى بىلىشمەيلا، بۇ چاغقىچە كۆرگەن بولساقمۇ، كۆرۈشمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن تازا ئوبدان تونۇشمايلا، ھەرقاچان: [بۇ قېرى قانچىلىك بىرنەرسە دەپ بېرەر] دەپ كۆزلىرىگە ئىلىشمايلا، شۇڭا تەزىم قىلساممۇ رەت قىلماي چاۋاكمۇ چېلىشمايلا، شۇنداق بولسىمۇ گەپ قىلىپ بېرەي، ئاڭلايلا، كۈلۈشمەيلا، تالاغا چىققاندا باشقىلارغا دېيىشمەيلا. بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەنۇ، توق ئىكەن. ئېيىق باقاۋۇل ئىكەن، بۆرە ھاكاۋۇر ئىكەن، تۈلكە ھىيلىگەر ئىكەن، يولۋاس قاراقچى ئىكەن، مۈشۈك ماراقچى ئىكەن، ھۆپۈپ دورغا ئىكەن، ئاتلىرى يورغا ئىكەن، سېغىزخان جەدى ئىكەن، قۇيرۇقى يەردە ئىكەن، نازۇك خېنىم ئەردە ئىكەن، نورمىسى سەردە ئىكەن، ھۈنەرۋەن شەھەردە ئىكەن، ئاق قۇشقاچ چېقىمچى ئىكەن، بوز تورغاي بېقىمچى ئىكەن، سالما غېجەكچى ئىكەن، پاقا دۇمباقچى ئىكەن، ئالا قاغا چاتاقچى ئىكەن، قارا قاغا يالغانچى ئىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوچاق ئىقلىمىنىڭ قارا قازان ۋىلايىتىدىن دىڭ قۇلاق چۆچۈرە خېنىم بىلەن قاسقانچوڭنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى مانتا بېگىم سۇپرا ئوردىسىدا بولۇپ ئۆتكەن پتىرىدا قارىمۇچلۇق قىيما مۆتىۋەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن جورا بولۇشقا ۋەدە بېرىشكەن بولسىمۇ، بىر - بىرىدىن ئېسىللىك تالىشىپ، غىزا ئىقلىمىنىڭ يۇرت كاتتىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، دەۋا ئېيتىپ بىر تەرەپ بولۇپ كېتىشمەك بولۇشتى. پاختەكلىدىن سەۋزە بۇرۇت پولۇ بايۋەچچە، قاقۇللىدىن چامغۇر سۆڭەك ئاقشاق نوچى، ئوپالدىن گۈلە گۈللۈك ئۇماچ دورغا، ئاققاشتىن موندەك ساقال يوبدان بىلەرمەن، يامانياردىن توڭكاي چىش ياما سالاچى، چويلا مەھەللىسىدىن سۆرەپ سالا لەڭمەنچوڭ بىلەن پالكۆز تەڭمەنگۈل، جۇمبىلە كوچىسىدا يوغان بەلباغلىق يۇتازا بەگ بىلەن ئەمەلدارلار تائىپىسىدىن لازا سوجاڭ، ئاچچىقسۇ كوجاڭ، بەسەي جۇرېن، جاڭيۇ جۈيجاڭ، باغ ئايمىقىنىڭ مېۋىلەر تەبىقىسىدىن ئانار چوڭ، ئەنجۈر باي،ئامۇت يۈزبېشى، ئالمىخان سەتەڭ قاتارلىقلار نەق مەيداندا ھازىر بولۇشتى. ۋاكالەتچى ساھىبخانىلىققا تەيىنلەنگەن داستىخان ئايىم مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراۋاتقاندا، مىسكەرچى ئۇستىكار ئەپلىكنىڭ بېقىۋالدى ئوغلى سېرىق چىراي چىلاپچا شالدام بىلەن تۇچ جارچىنىڭ ئامراق ئوغلى ئاپتۇۋا جارچى قىز بالىنىڭ نازۇك بوينىدەك ئۇزۇن بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇپ، نازاكەت ۋە تەۋازۇ بىلەن ئايلىنىپ بارلىق مېھمانلار بىلەن بىرمۇبىر كۆرۈشۈپ چىقىپ كېتىشتى. مېھمانخانا ئىقلىمىنىڭ تۆر شەھىرىدىكى قوزۇق تەختىدە ئولتۇرۇشلۇق، ياش تۇرۇپلا تۇل قالغان لۆڭگىخان چىرايلىق چەت ئەل سەپىرىدىن كەلگۈچە پالەچ كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ قېلىپ، يول مېڭىشتىن قالغان بولسىمۇ، كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مۈدۈرۈلۈپ - سۆرۈلۈپ، چىلاپچا شالدام ۋە ئاپتۇۋا كۈلگەككە ئەگىشىپ، مېھمانلارنىڭ تەۋەرۈك قوللىرىنى يۈزلىرىگە يېقىپ چىقىپ كەتتى. شۇ زامان داستىخان ئايىممۇ ئۆز نۆۋىتىنى قولدىن بەرمەى مېھمانخانىغا ئۆزىنى ئاتتى. پەتنۇس تەختىدە ئولتۇرۇپ گېزەك كېنىزەكلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا سۆلەت بىلەن يېتىپ كەلگەن مەزەگۈل خېنىم تونۇر ئىقلىمىدىن بولغان قاتلىما نوچىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىرمان شاھزادە، توقاچ بايۋەچچە، سامسىگۈل ۋە گۆشگىردە باتۇرلارنى يېتىلىشىپ-پوش - پوش، مەرھەمەت، قېنى-تەكەللۇپلىرى ئارا سۆلەت ۋە نازاكەت بىلەن داستىغان تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ئۆز ئەدەپ - ئىناۋەتلىرىنى ساقلىماي سامبۇسا گېزەك كېنىزەكلەر بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇشۇپ، تونۇش، ناتونۇش مېھمانلارنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىۋاتقان ئەركە نايناق گۆشگىردە باتۇر بىلەن سامساگۈلنىڭ شوخلۇقىدىن رەنجىگەن قاتلىما نوچى شۇنداق ئاچچىقلاندىكى، قەۋەت-قەۋەت يۆگەلگەن بەلباغلىرى چۇۋۇلۇپ، سېمىز يۈزلىرىدىن ياغلىرى تەپچىپ كەتتى. دەل شۇ پەيتتە ھويلىدا ئالتۇن تونلۇق تۇچ مۆتىۋەرنىڭ باش شاگىرتى ساماۋار باي ئەتراپىغا چەينەك چاپارمەنلىرىنى ۋە پىيالە شاگىرتلىرىنى يىغىپ ھالقا قۇرۇپ سوقا - سۆھبەت باشلىۋەتكەنىدى. ئۇلارمۇ تەكلىپ بىلەن پاراڭلىرىنى توختىتىپ مېھمانخانا پەگاھىدىكى شىرە ئۈستىدىن ئورۇن ئېلىشتى. داستىخان ئۈستىدە مەزەخان تۆرەمنى يوقلاپ كېلىشىپ تۇرۇشقانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن شاما گۈللىرىنى چېكىسىگە قىستۇرغان سىنچاي خېنىم تارتىنچاقلىقىدىن رەڭگى قىزارغان پېتى مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن لەۋ يېقىشىپ كۆرۈشتى. لەۋ يېقىپ كۆرۈشۈش شېرىنلىكىدىن ھەممەيلەن مەستۇمۇستەغراق بولۇشتى بولغاي، سورۇننى بىردەملىك سۈرلۈك جىمجىتلىق قاپلىدى. شۇ پەيتتە شېكەرباغ مەھەللىسىدىن دۈپدۈگلەك بېشەكشېرىن بەگ بىلەن يېشىل تونلۇق كۆكچى نوچى، سەۋزە نازۇك قاراقاش خېنىم بىلەن بەقەسەم نىمچە كىيگەن شېكەرشۈن ئاغىچا، ئاقچى بايۋەچچە بىلەن ئاچچىقى يامان چاچۈرۈك نوچىلار ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كېلىشتى. بۇلارنىڭ ئۆزىدىن بالدۇر كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تاۋۇز سۆزمەننىڭ ئاچچىقى شۇنداق كەلدىكى، غەزىپىگە پايلىماي پىچاق تېگە - تەگمەيلا قارنى يېرىلىپ كەتتى. باغرى يۇمشاق بېشەكشېرىن بەگنىڭ تۆھپىكار دەرىجىسىگە يەتكەن تاۋۇز سۆزمەنگە شۇنچىلىك ئىچى ئاغرىدىكى، كۆز ياشلىرى دەريا-دەرايا بولۇپ ئاقتى. تاۋۇز سۆزمەننىڭ قىپقىزىل قانلىرى داستىخاننى بويىۋەتتى، مۇبارەك ئۇرۇقلىرى دانە - دانە بولۇپ چېچىلىپ كەتتى. بۇ ئالامەتنى كۆرۈشكە كېچىكىپرەك كەلگەن شوريا چاققاننىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن پارقىراپ كەتتى. سىنچاي خېنىم پىيالە بەتىنكىلىرىنى جىرىڭشىتىپ، چېكىسىگە قىسىۋالغان شاما گۈللىرىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىغىمۇ قارىماي پەتنۇس خادىكلىرىغا ئولتۇرۇپ، ساماۋار باي بىلەن چەينەك شاگىرتلىرىغا دادخورلۇق ئېيتىش ئۈچۈن بەدەر قاچتى. بۇ ئارىدا ماجىرانى سورۇن بىلەن تەمىنلىگەن چۆچۈرە خېنىمنى شۇ گۇناھى ئۈچۈن جاۋاب بېرىشكە چاقىرىش ئۈچۈن چۆمۈچ يۈزبېشى بىلەن قوشۇق ئونبېشى ماڭدۇرۇلدى. گۇناھىدىن قورقۇپ كېتىپ پىننە - يۇمغاقسۈتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالغان چۆچۈرە خېنىم ئاخىر چۆمۈچ يۈزبېشىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، قوشۇق ئونبېشىغا تۇتۇلۇپ قالدى. چۆچۈرە خېنىم يەنە قېچىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن، نەپ بەرمەس تۇتقاۋۇلنىڭ تۈنىكە ھويلىسىغا قاماپ قويۇلدى. ئۇزاقتىن بۇيان تاپاۋەت كويىدا سوراقچىلىقنى تەمە قىلىپ يۈرگەن يۇتازا بايۋەچچە مانتا بېگىمنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋەققەت سوراقچى بولىمەن دەپ، ئۆز - ئۆزىنى تەيىنلەپ كېرىلگىنىچە تەلەڭگە تېيىغا مىنىپ سورۇنغا يېتىپ كەلدى. ئەزەلدىن يۇتازا بايۋەچچە بەگلىكىمنى تارتىۋالمىغىيدى، دېگەن ئەندىشە بىلەن ئورۇقلاپ، تېرىسى نېپىزلەپ، يۇتازا بايۋەچچىنى ئاستىرىتتىن كۆزىتىپ يۈرگەن گۇمانخور مانتا بېگىم يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاسقان ھۇجرىسىدىن تەخسە كەشىنى چالا سېپىپ، ھور پەرەنجىسىنى يېپىنغىنىچە سورۇنغا كىرىپلا غەزەپتىن يېرىلىپ كەتتى. بۇ ماجىرانى تۈگىتەلمەي تۇرغاندا تۆپە - تۆپىلەپ ماجرا قايناپ كېتىپ سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسىنى ساراسىمگە سالدى. يەنىمۇ يوغانراق ئىش چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە چۈشكەن داستىخان ئايىمنىڭ يۇرت ئامبىلى توكا بىلەن ئاقساق شويىغا قىلغان ئەرزى بىلەن، لازا سوجاڭ، ئاچچىقسۇ كوجاڭ، شوسەي لەنجاڭ، شەنسەي پەيجاڭلار چوكا مىلتىقلىرىنى بەتلىشىپ ماجىرا مەيدانىدا ھازىر بولۇشتى. سورۇن ئەھلى قورقۇنچىدىن ئۆرى تۆپە بولۇشۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىشتى. خۇشامەتكە پۇرسەت تاپقانلار بولسا، تەمەلىك تەزمىلىرى بىلەن بۇ ئەمەلدارلارغا داستىخان تۆرىدىن ئورۇن كۆرسەتتى. لازا سوجاڭ بىلەن ئاچچىقسۇ كوجاڭ، شوسەي لەنجاڭ بىلەن شەنسەي پەيجاڭلار دەرھال سوراققا تۇتۇش قىلدى. ئالدى بىلەن مانتا بېگىم قايناپ تۇرۇپ يۇتازا بايۋەچچە ئۈستىدىن شىكايەت باشلىۋىدى، يۇتازا بايۋەچچىمۇ بوش كەلمەي، قاقشاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ شىكايەت قىلىپ كەتتى. ئەمەل - مەنسەپ، ھوقۇق - نەپ تالىشىپ بىر- بىرىنىڭ ئۈستىدىن خىجىل بولماي، يالغان - ياۋىداق شىكايەت باشلاپ سوراق تەرتىپىنى بۇزغان مانتا بېگىم بىلەن يۇتازا بايۋەچچىگە مۇنداق جازا ھۆكۈم قىلىندى: بىر - بىرىنىڭ ئۈستىدىن يالغان - ياۋىداق شىكايەت ئىلىپ، سوت تەرتىپى ۋە سورۇن ئىنتىزامىنى بۇزغان مانتا بېگىم بىلەن يۇتازا بايۋەچچىنىڭ قارنى يېرىلىپ، بەلباغلىرى ئۇۋۇۋېتىلسۇن. بۇ جازانى شوسەي چاپارمەن نەق مەيداندا ئىجرا قىلسۇن. ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن مەيداننى ۋەھىمە باستى. سىنچاي خېنىممۇ دەرھال سۈلھى يورغىسىنى سورۇندا چاپتۇرۇشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا بۇ دەۋا بىلەن ماجرانىڭ ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان جانابىى شاھى سۇلتان پولۇ غەزەپتىن يۈزىدىن مېيى يەيچىپ تىترەپ تۇرغان ھالدا نەغمە - ناۋالىرىنى ياڭرىتىپ، لېگەن تەختىراۋاندا ئولتۇرۇپ، قوۋۇرغا تاچىب كىيىپ، بېھى تامغىلىرىنى كۆتۈرۈپ سورۇنغا يېتىپ كەلدىم ئۇمۇمى ئەھۋالدىن بىر قۇر خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، داستىخان مەدانىدىكى شاھانە ئورۇننى ئۆزى ئىگىلەپ مۇنداق بىر قەتئىي ھۆكۈم چىقاردى: بىرىنچى، مانتا بېگىمنىڭ خوتۇنى چۆچۈرە خېنىم جۇۋاۋىگۈلدىن ئېرىنى كۈنلەپ ماجىرا پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈگرە ئارغامچىسىدا چەمبەرچاس باغلىنىپ، ئوتتۇز ئىككى چىشلىق جادۇدا توغرىلىپ، يۇتقۇنچاق دەرۋازىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كاناي، قىزىلئۆڭگەچ مەھەللىسى ئارقىلىق ئاشقازان زىندانىدا مەلھەم قىلىنسۇن. ئاچچىق ئۈچەي يولى. تاتلىق ئۈچەي كوچىسىدا سازايى قىلىنىپ، سۇيۇقى سۈيدۈك دەرۋازىسىدىن، قويۇقى كۈيتۈڭ دەرۋازىسىدىن سۈرگۈن قىلىنسۇن. مەرھۇم مانتا بېگىمنىڭ بەگلىك ئەمىلى غىزا ئەھلى يىغىلىپ بەگ سايلىۋالغۇچە، مەزكۇر مەزەگۈل تۆرەمگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلسۇن. بۇ پەرمان توقاچقا تۈكچە تامغا بېسىلغان مەخسۇس نامە بىلەن ئەھلى غىزاغا جاكار قىلىنسۇن. ئىككىنچى، مەزكۇر ماجىرا توختىتىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشى ئاخىرلاشقۇچە ماجىرانىڭ غوۋغا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سوراق ۋە سوت ئىشلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىشەكشېرىن نوچىغا قوغاندىن، ئاقچى بايۋەچچىگە ئاقتامدىن، كۆكچى نوچىغا كۆكچىدىن، قارىكۆسەي بايغا ئىشلەمچىدىن، شېكەرشۈن خېنىمغا شېكەرباغ بىلەن قاقۇللىدىن، ئاچچىقى چۇس ئاق ناۋاتقا كاندىرىدىن، سەۋزە نازۇك ئايىمغا سۇللۇغدىن، چاچۈرۈككە ئۈجمىلىكتىن، چىلگە گۈل يۇمىلاققا سەمەندىن، چارقوغۇنغا مورتۇمدىن، مەرھۇم تاۋۇز سۆزمەننىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىگە پاختەكلىدىن، قارىقاش چوكانغا يېڭىئېرىق بىلەن چېچەكلىكتىن، ئانار مارجانچى بىلەن بەر ھەسەلچىگە بەشكېرەمدىن، ئۈزۈم سىپايىگە تۇرپاندىن، چىلان قىزىل تونغا بويلا بىلەن قاغىلىقتىن، ياڭاق بىلەن بادامغا زەمندىن، ئامۇت كۆك تۇمشۇققا يېڭى ئۆستەڭدىن، ئاقچا ياغلىق سوقا جانانى خېنىملار بىلەن خۇۋەينى بوڭبوڭغا تاشمىلىقتىن ئورۇن بېرىلىپ، دەرھال بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تاپشۇرۇلسۇن. ئۈچىنچى، نەشە ئوغا، موخوركا غوۋغانىڭ قەغەز - سەرەڭگە ئوت قۇيرۇقلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ، داستىخان مەيدانىدا ئوت يېقىپ، بۇس چىقىرىپ ئىس - تۈتەك تارقىتىشى قەتئىي چەكلەنسۇن. تۆتىنچى، ئەھلى سورۇن ئالدىدا ئەيمەنمەستىن تىغ كۆتۈرۈپ تاۋۇز سۆزمەن قاتارلىقلارنى جېنىدىن جۇدا قىلغان پىچاق قاتىل ئاسما يامۇلنىڭ غىلاپ زىندانىغا بېشىنى يەرگە، پۇتىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئېسىپ قويۇلسۇن. بۇ ھۆكۈم ھازىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە، دەرھال ئىجرا قىلىنسۇن. ھۆكۈم چىقارغۇچى: شاھى سۇلتان پولۇ. تۈگىدى