: ھازىرقى ئورنىڭز

<باش بەت

<چۆچەك

قار مەلىكە

قار مەلىكە

ئۈچىنچى ئاي كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئاسماندىن ئاق پەيلەر تۆكۈلگەندەك لەپىلدەپ ياغقان قارلار دالىنى ئاق لىباسقا پۈركەپتۇ، يەر-جاھان تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. بىر خانىش ياغاچ رامكىلىق دېرىزىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ، جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھقا كىيىم تىكىۋاتقانىكەن. توساتتىن بىر سوغۇق شامال چىقىپ، خانىش ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىپتۇ-دە، يىڭنىسى قولىغا سانچىلىپ كېتىپ قان چىقىپتۇ، ئۈچ تامچە قان قېلىن قارغا ساقىپ چۈشۈپتۇ. توق قىزىل قان ئاپئاق قاردا چاقناپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خانىش شۇ يەردە ئولتۇرۇپ: ئەگەر مېنىڭ بالام بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى، ئۇنىڭ رەڭگى خۇددى مۇشۇ قاردەك ئاق، قاندەك قىزىل، چېچى گويا مۇشۇ ئەبنوس دەرىخىدەك قارا بولغان بولسا، قانداق ياخشى بولاتتى-ھە"! دەپ ئويلاپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ سەپەرگە جابدۇنۇپ، سادىق چاپارمەنلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇننى باشلاپ جەڭگاھقا ئاتلىنىپتۇ. خانىش ھەر كۈنى دېرىزىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ پادىشاھنىڭ بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدىكەن. ئون ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ، روۋدېستۋو بايرىمى كۈنىمۇ كېلىىپ قاپتۇ، خانىش دېرىزە ئالدىدا 300 كۈن ساقلاپ تۇرۇپتۇ، ئۆزىنىڭ قەدىرلىك ئېرىنى ساقلاپ بولغىچە، ھارپا ئاخشىمى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان قىز پەرزەنتى تۇغۇلۇپتۇ. قىزنىڭ رەڭكى قاردەك ئاق، قاندەك قىزىل، چېچى قاپقارا بولۇپ، ئەينى چاغدا خانىشنىڭ ئويلىغىنىدەكلا ئىكەن. بۇ چاغدا پادىشاھ قوشۇنلىرىنى باشلاپ غەلبە بىلەن قايتىپ كەپتۇ، ھەقىقەتەن ئامەت قوش كەپتۇ. ئەمما كىم بىلسۇن، خانىش ئۇزاق سېغىنىش ۋە غەم-قايغۇدىن ئاللىقاچان ھالىدىن كەتكەن ئىكەن، ئۇ قەدىناس ئېرىگە بىرلا نەزەر تاشلاپ، مەڭگۈلۈك كۆز يۇمۇپتۇ. پادىشاھ قاتتىق ئازابلىنىپتۇ، بارلىق مېھرىنى كىچىك مەلىكىگە بېغىشلاپتۇ. ئۈچىنچى يىلى ئەتىيازدا پادىشاھ يەنە بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۇنىڭغا تاج كىيدۈرۈپ خانىش قىلىپتۇ. بۇ ئايال گۈزەل بولۇپ، بەدىنى زىلۋا ھەم قاملاشقان، رەڭگى ئاق ھەم يۇمران، ساھىبجامال ئىكەن؛ يەنە كېلىپ ئۇ ئەقىللىق، چاققان ئايال بولۇپ، ھەممە ئىشقا پۇختا ئىكەن. ئەمما بۇ چىرايلىق خانىش تەكەببۇر، سىپايىگەرلىك بىلەن ھەيۋە قىلىدىغان ساختىپەز، ھەسەتخور ئىكەن. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا بىر ئايالنى ئەڭ چىرايلىق دېيىشىنى قەتئىي خالىمايدىكەن. شۇڭا خان ئوردىسىدا مەيلى مالاي ياكى ۋەزىر بولسۇن، ھېچكىم ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. خانىشنىڭ قىزلىق مېلى ئىچىدە بىر سېھىرلىك ئەينەك بولۇپ، ھېچقاچان يالغان گەپ قىلمايدىكەن. خانىش ھەر كۈنى ئەتىگەندە قوپقاندا پادىشاھنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ئۇ ھەر كۈنى ئەينەكتىن سورايدىكەن: _ ئەي سۆيۈملۈك ئەينىكىم! ماڭا ئېيتقىنا، ماڭا راستچىللىق بىلەن ئېيتقىنا، مەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالمۇ؟ رەڭگىم ھەممە ئايالدىن بەك قىزىل ھەم ئاقمۇ؟ ئەينەك زۇۋانغا كىرىپ مۇنداق جاۋاب بېرىدىكەن: سۆيۈملۈك خانىشىم، گۈزەللىكىڭگە گەپ كەتمەيدۇ، سەن ھەممىدىن بەك چىرايلىق، ھەممىدىن بەك قىزىل، ھەممىدىن بەك ئاق. خانىش ھەر كۈنى بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسا ناھايىتى مەمنۇن بولىدىكەن، چۈنكى ئۇ ئەينەكنىڭ راست گەپ قىلىدىغىنىنى بىلىدىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، مەلىكە بارا-بارا ئۆسۈپ يېتىلىپ، بويىغا يېتىپ، كۈندىن-كۈنگە گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ يۈزى ئاپئاق، قېشى قارا ھەم ئەگىم، رەڭگى ئاق ھەم قىزىل، چاچلىرى قارا ھەم پارقىراق بولۇپ، مىجەزىمۇ ياخشى، مۇلايىم ئىكەن، ئوردىدىكى مالايلارمۇ، ۋەزىرلەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن. مەلىكە 16 ياشقا كىرگەن يىلى قوشنا ئەلنىڭ شاھزادىسى يېسەي ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۇنى سوراپ كەپتۇ. پادىشاھ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ ھەمدە يەتتە ئاۋات شەھەرنى، 140 ھەيۋەتلىك قەسىرنى مەلىكىنىڭ قىزلىق مېلى قىلىپ تەييارلىماقچى بوپتۇ. توي پۈتۈشكەن ۋاقىتتا باشلىنىپتۇ. پادىشاھ مەلىكىنىڭ تويىغا ئاتاپ مول زىياپەت ھازىرلاپ، مېھمانلارنى ئەڭ ئېسىل تائام، ئېسىل ھاراق بىلەن كۈتۈشكە تەييارلىق قىلىپتۇ. خانىش بىلەن مەلىكە ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرىسىدا ياسىنىپ-تارىنىپتۇ. خانىش ئۇپا-ئەڭلىك سۈرۈپ، گۆھەر تاجىنى تاقاپتۇ، ئۇ ئەينىكىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپتۇ. ئەينەك زۇۋانغا كىرىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى جاۋابى بۇرۇنقىسىغا ئوخشىماپتۇ: سۆيۈملۈك خانىشىم، سەن ناھايىتى گۈزەل، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمما مەلىكە ھەممىدىن بەك چىرايلىق، ھەممىدىن بەك ئاق ھەم قىزىل. خانىش بۇنى ئاڭلاپ غەزەپتىن سەكرەپ كېتىپتۇ، تاجىنى يەرگە ئېتىپ، ئالتۇن كەشىنى چۆرۈۋېتىپ، پولنى قاتتىق تېپىپ، ئەينەكنى قوپاللىق بىلەن ئۇرۇپ ئۇنى تىللاپتۇ: — ھۇ نىجىس ئەينەك، نېمىشقا مېنى يامان نىيەتتە ئالدايسەن، مەلىكىنى گەرچە باشقىلار چىرايلىق دېيىشسىمۇ، لىكىن ئۇ مەن بىلەن قانداقمۇ بەسلىشەلىسۇن؟ ھۇ نىجىس ئەينەك، ماڭا چاققان ئېيت، مەن ھەممىدىن گۈزەل، پۈتۈن دۆلەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە مەندەك گۈزەلدىن يەنە بىرى تېپىلمايدۇ! ئەمما ئەينەك ھەر قاچان راست گەپ قىلىدىكەن، ئۇ دەرھال ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاب بېرىپتۇ: - سۆيۈملۈك خانىشىم، مەلىكە ھەممىدىن بەك چىرايلىق، ھەممىدىن بەك ئاق ھەم قىزىل. خانىش ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ، ئۇنى ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا قوپاللىق بىلەن چۆرۈۋېتىپتۇ، ئەمما بۇنداق قىلسىمۇ ئىچىدە لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ھەسەت ئوتىنى ئۆچۈرەلمەپتۇ. خانىش ھۇجرىنىڭ ئىچىدە غەزەپ بىلەن ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپتۇ، كۆڭلىدە بىر شۇم غەرەز پەيدا بوپتۇ. -سەياننا، قېشىمغا چاققان كىر— دەپ دېدىكىنى توۋلاپتۇ خانىش. سەياننا تاشقىرىدىن يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن سوراپتۇ: — خانىش ئايىم، نېمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ خانىش زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇنىڭغا ئىش تاپىلاپتۇ: — سەياننا، مەن ساڭا بىر ئىشنى تاپشۇرىمەن، دەرھال بېرىپ ئورۇنلا، ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمايدىكەنسەن جېنىڭنى ئالىمەن، مەلىكە دېگەن بۇ سەت سېكىلەك تېخى مەن بىلەن گۈزەللىكتە بەسلەشكۈدەك بوپتۇ، سەن مەلىكىنى دەرھال ھېلىقى قويۇق ئورمانلىققا باشلاپ كىرىپ قارىغايغا مەھكەم باغلىۋەت، ئۇ ئاچ بۆرىلەرگە تىرىك يەم بولسا ئاندىن ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشىدۇ. سەن بىر تال قارىغاي شېخىنى سۇندۇرۇپ كېلىپ، ماڭا ۋەزىپەڭنى ئورۇنلىغانلىقىڭنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىسەن. سەياننا خانىشنىڭ بۇيرۇقىغا ئامالسىز بويسۇنۇپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ ئورمانلىقتا ئوۋ ئوۋلاپ يارىلانغانلىقىنى، مەلىكىنىڭ تېزدىن ئۆزىگە ئەگىشىپ پادىشاھنى كۆرگىلى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى ئالداپتۇ. مەلىكە بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ، گىرىملىرىنىمۇ تاشلاپ سەيانناغا ئەگىشىپ قويۇق ئورمانلىققا كىرىپ، ناھايىتى يىراق بىر يەرگە كېلىپ قاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سەياننا مەلىكىگە راستىنى دەپتۇ: تاش يۈرەك خانىش سېنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەك گۈزەل، چىرايلىق ئىكەنلىكىڭنى كۆرۈپ، سېنى ئورمانلىققا ئېلىپ كىرىپ بۆرىلەرگە يەم قىلىۋېتىشىمنى بۇيرۇدى. ئوبدان بالام، ساڭا زىيانكەشلىك قىلغۇم يوق، جېنىڭنى ئېلىپ دەرھال قېچىپ كەتكىن! ئ‍ۇ گېپىنى دەپ بولۇپ، بىر تال قارىغاي شېخىنى سۇندۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز قايتىپ كېتىپتۇ. سەياننا ئوردىغا قايتىپ كېلىپ، خانىشقا قارىغاي شېخىنى كۆرسىتىپ، ئىشىنى دوكلات قىلىپتۇ. خانىش ئۇنى نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ

پادىشاھ تەييارلىغان مول زىياپەت باشلىنىپتۇ، ئەمما مەلىكە كۆرۈنمەپتۇ. ئۇلار ئۇنى ئوردىدىن، شەھەردىن ئالا قويماي ئىزدىشىپ، ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. پادىشاھ ئازابلىنىپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ، شاھزادە يېسەي پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ، ئاتقا مىنىپ شەھەردىن چىقىپتۇ، ئۇ بولغۇسى گۈزەل ئايالىنى ساق سالامەت قايتۇرۇپ كېلىشكە بەل باغلاپتۇ. پەقەت خانىشلا ئىچىدە خۇشال بوپتۇ، ئورمانلىققا يالغۇز بەند قىلىۋېتىلگەن مەلىكە دەرھال ھالاك بولىدۇ، مەن يەنە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ئايلىنىمەن" دەپ ئويلاپتۇ. بۇ چاغدا مەلىكە ئورمانلىقتا يالغۇز قېلىپ ناھايىتى قورقۇپتۇ. ئۇ بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ بىر دەم خىيال سۈرگەندىن كېيىن، بىر نىشاننى تاللاپ ئالدىغا مېڭىۋېرىپتۇ، ئۇچلۇق تاشلاردىن، تىكەنلىك ئوت-چۆپلەردىن كېسىپ ئۆتۈپتۇ، بەزىدە ئۇنىڭ يېنىدىن بۆرىلەر ئۆتۈپتۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ چېقىلماپتۇ. مەلىكە ئورمانلىقتا مېڭىپتۇ-مېڭىپتۇ، قانچىلىك ماڭغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندىلا ئاندىن بىر دەرەخكە يۆلىنىپ ئارام ئاپتۇ. كېچىنىڭ قانچىلىك ئۇزاق بولغىنىنى بىلەلمەپتۇ، ئاخىرى تاڭ يورۇپتۇ، مەلىكە يەنە ئالدىغا مېڭىۋېرىپتۇ. ناشتىلىق ۋاقتىدا ئۇ ئۆگزىسى ئېگىز بىر ئۆينى كۆرۈپ خۇشال بوپتۇ. بىر ئىت ئۇنىڭ ھىدىنى پۇراپ قاۋىغىنىچە ئېتىلىپ كەپتۇ، ئەمما ئۇنى كۆرۈپلا قاۋاشتىن توختاپ، قۇيرۇقىنى شىپپاڭلىتىپ ئۇنى باشلاپ دەرۋازىدىن كىرىپتۇ. ھويلا جىمجىت ئىكەن، ئىت مەلىكىنىڭ ئارقىسىدىن جىمجىت ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا قىزغىنلىق، سەمىمىيلىك كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئۆي يورۇق، ئازادە تۆر ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا دۇب ياغىچىدىن ياسالغان شىرە، شىرەنىڭ يېنىدا كىگىز سېلىنغان ئۇزۇن ئورۇندۇق بار ئىكەن؛ شىرەگە يەتتە كۈمۈش لېگەن قويۇلغان بولۇپ، ھەر بىر لېگەندە بىردىن كۈمۈش پىچاق، كۈمۈش ۋىلكا، ئىستاكان، يەنە كۈمۈش قوشۇق بار ئىكەن، تامنىڭ بىقىنىدا كاھىشتىن سېلىنغان كاڭ ئوچاقلىق كارىۋات قويۇقلۇق ئىكەن. مەلىكە ئاچ ھەم ئۇسسۇز بولغاچقا شىرەدىكى لېگەندىن سەي ۋە بولكا ئېلىپ، ھېچنېمىگە قارىماي يەپ كېتىپتۇ. ئۇ تويغاندىن كېيىن ئۆينى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشىپتۇ، ھەيكەلدىكى توپا- توزانلارنى سۈرتۈپتۇ، ھەيكەلنىڭ ئالدىدىكى شامنى ياندۇرۇپتۇ، ئۇچاقتىكى ئوتنى تازا كۆيدۈرۈپ، كاڭنى ئىسسىتىپ، ئېگىز كارىۋاتقا چىقىپتۇ. ئۇ بىر كېچە ئۇخلىمىغاچقا، تىزلا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. مەلىكە شۇ ئۇخلىغانچە چۈشتە ئاندىن ئويغىنىپتۇ. بۇ چاغدا ھويلىدىن قەدەم تىۋىشلىرى ئاڭلىنىپتۇ، مەلىكە ئالدىراپ كارىۋاتقىلا مۆكۈنۈپتۇ، ئۈنىنىمۇ چىقىرالماپتۇ. ئۇ ئىشىكنىڭ غىچ قىلغان ئاۋازىنىلا ئاڭلاپتۇ، ئۆيگە يەتتە ئادەم كىرىپتۇ. بۇلار يەتتە پالۋان بولۇپ، ھەممىسى يۈزلىرى قىپقىزىل، بىر-بىرىدىن كۈچتۈڭگۈر، سەمىمىي يىگىتلەر ئىكەن. ئۇلار رەتلىك، پاكىز ئۆينى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. ئۇلاردىن بىرى -ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ئۆيدىكى ھەممە نەرسە شۇنچە رەتلىك، پاكىز بولۇپ قاپتۇ، چوقۇم بىركىم بۇ ئۆينى يىغىشتۇرۇپ قويدى دەپتۇ. يەنە بىرى: بىركىم شىرەدىكى سەي، بولكىغا چېقىلىپتۇ" دەپتۇ. يەنە بىرى: ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم ئاچ قالغان، دەپتۇ. ئاندىن مەلىكە يەنە بىرىنىڭ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا: سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى، قەيەردىن كەلگەن مېھمان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمىز، شۇنداقتىمۇ بۇياققا چىقىڭ، بىز دوست بولايلى، ئۆيىمىزنى يىغىشتۇرۇپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىز ھەممىمىز سەمىمىي، دوستانە ئادەملەر، بۇ ياققا چىقىڭ دەپتۇ. مەلىكە ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولۇپ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھەر بىرىگە تەزىم قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: — قەدىردان ئاكىلار، ئالدىڭلاردا ھەقىقەتەن خىجىلمەن، رۇخسىتىڭلارنى ئالمايلا ئۆيۈڭلارغا كىرىۋېرىپتىمەن، يەنە تېخى تامىقىڭلارنى يەۋېرىپتىمەن، راستتىنلا خىجىلمەن، چۈنكى مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ھېچنېمە يېمىگەن. مەن ئورمانلىقتا ئېزىپ قالدىم، كېچىدە ئارام ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، ھېرىپ-ئېچىپ ھەم ئۇسساپ كەتكەن چاغدا ئۆيۈڭلارنى كۆردۈم. مەن سىلەرنى كەڭ قورساق، سەمىمى پالۋانلار دەپ ئويلايمەن. مېنى، مەندەك ئەدەپسىز مېھماننى كەچۈرگەيسىلەر. يەتتە پالۋاننىڭ ھەممىسى مەلىكىنىڭ گۈزەللىكىگە ھاڭ- تاڭ قاپتۇ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭ ھېلىقى يوقاپ كەتكەن مەلىكە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشىپتۇ. مەلىكىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار تېخى بۈگۈن ئەتىگەندە بىر يولۇچىدىن ئاڭلىغان بولۇپ، مەلىكىنىڭ كۈتۈلمىگەندە بۇ يەرگە كېلىپ قېلىشىنى ھېچقايسىسى ئويلاپ باقمىغانىدى. پالۋانلارنىڭ ئاكىسى مەلىكىگە مۇنداق دەپتۇ: سۆيۈملۈك مەلىكەم، تارتىنماڭ، بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنسىز بىزنىڭ ئۆز سىڭلىمىز، بىز سىزنىڭ ئاكىلىرىڭىز، كېلىڭ سۆيۈملۈك سىڭىل، بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ، چۈشلۈك تاماق يەيمىز.. شۇنداق قىلىپ يەتتە پالۋان پىشقان قاتلىمىلارنى ئېلىپ، ئىستاكانلىرىغا ئۆزلىرى ياسىغان شارابلارنى قۇيۇپ، مەلىكە بىلەن بىللە تاماق يەپتۇ. ئۇلار بىر-بىرىدىن ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق، تەبىئىي بولۇپ، مەلىكىگە ئۆز سىڭلىسىدەك ئوچۇق-يورۇق مۇئامىلە قىلىشىپتۇ. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار مەلىكىنى ئەڭ ئۈستىدىكى يورۇق ئۆيدە ئارام ئېلىشقا ئېلىپ چىقىپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەلىكە ئورمانلىقتا يەتتە پالۋان بىلەن بىللە تۇرۇپ قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنى خۇشال-خۇرام، بەختىيار، ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىپتۇ. يەتتە پالۋاننىڭ قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشى ئورمانلىقتا ئوۋ ئوۋلاش ئىكەن، بۇ ئورمانلىق ئۇلارنىڭ زېمىنى ئىكەن. ھەر كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، شەرقتە تاڭ شەپىقى كۆتۈرۈلگەندە يەتتە قېرىنداش بىرلىكتە ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىدىكەن. ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى كۆلگە بېرىپ ياۋا ئۆردەكلەرنى ئىزدەيدىكەن، ياكى ئورمانلىققا كىرىپ بۇغا-مارال، بۆرىلەرنىڭ شەپىسىنى تىڭ-تىڭلايدىكەن. ئەگەر بىراۋلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغىنىنى كۆرسە ھەممىسى بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى ئورمانلىقتىن قوغلىۋېتىدىكەن. ئۇلار ھەر كۈنى ھايۋانلاردىن بىر ئاز ئوۋلاپ، ئاندىن غەنىيمەتلىرىنى ئېلىپ ناخشا توۋلاپ ئۆيىگە قايتىدىكەن. مەلىكە خۇددى ئۆي ئايالىغا ئوخشاش ئۆيلەرنى تازىلاپ، تاماق تەييارلايدىكەن. يەتتە پالۋان ھەر كۈنى ئۆيىگە قايتىپ كەلسە ئۇلارغا ئىسسىق، مېزىلىك تائام ۋ تولدۇرۇپ قۇيۇلغان شاراب تەييار تۇرىدىكەن. ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى خۇش چىراي قارشى ئالغان گۈزەل مەلىكىنى كۆرسە ئەڭ خۇشال بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ گۈزەل قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەتتە پالۋان ھەسرەتتە قاپتۇ: ھەممىمىز بۇ قىزغا ئاشىق، لېكىن ئۇ پەقەت بىر، يەتتەيلەنگە تەڭ ياتلىق بولالمايدۇ"! يەتتە پالۋان ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ، ھېچقانداق ياخشى ئامال تاپالماپتۇ. كېيىن پالۋانلارنىڭ ئاكىسى مەلىكىگە: — قىزچاق، سىزمۇ بىلىسىز، سىز بىزنىڭ ياخشى سىڭلىمىز. بىز يەتتە قېرىنداش ھازىر سىزگە ئاشىق بولۇپ قالدۇق، سىز بىلەن توي قىلالىسا ھەر كىم خۇشال بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئارىمىزدىن بىرىنى تاللاڭ، ئۇ ئاندىن سىز بىلەن شەرەپلىك ھالدا توي قىلسۇن. قالغانلىرىمىز يەنىلا سىز ئۈچۈن خۇشال بولىمىز، سىزنى يەنىلا سۆيۈملۈك سىڭلىمىز دەپ بىلىمىز. مەلىكە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ھېچ ئويلانماستىنلا بېشىنى چايقاپتۇ: — ئاكا، بۇ مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن ئەمەس! يەتتە پالۋان ناھايىتى ھەيران قاپتۇ، پالۋانلارنىڭ ئاكىسى سوراپتۇ: — نېمىشقا؟ زادى نېمىشقا؟ ئەجەبا سىز ھەممىمىزنى رەت قىلامسىز؟ سۆيۈملۈك سىڭىل، قېنى بىزگە ئېيتىڭچۇ؟ بىز دۆت، سىز ئەقىللىق بولغاچقا، سىزگە ماس كەلمەيۋاتامدىمىز؟ ياكى بىز سەت، سىز گۈزەل بولغاچقا سىزگە يارىمايۋاتامدىمىز؟ ۋە ياكى بىز پەس، سىز ئېسىل بولغاچقا، سىزگە تەڭلىشەلمەيۋاتامدىمىز؟ -ئەي قەدىردان ئاكىلار، سىلەرگە نېمە دېسەم بولار،— مەلىكە پالۋانلارغا ئالدىراپ چۈشەندۈرۈپ،— كۆڭلۈمدە ھەممىڭلار ئوخشاش سەمىمىي، باتۇر، ئەقىللىق يىگىتلەر، مەن ھەممىڭلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن مەن تەقدىرىمنى ئاللىقاچان باشقا بىرىگە تاپشۇرغان، مەن ئاللىقاچان توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان قىز. مەن شاھزادە يېسەينى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن، بۇ مۇھەببەت سىلەرگە بولغان مۇھەببەتكە ئوخشىمايدۇ! پەتتە پالۋان مەلىكىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ، بۇ چاغدا تۆتىنچى پالۋان چاققان كېلىپ، مەلىكىگە تەزىم قىلىپ: _ سۆيۈملۈك سىڭىل، ئەدەپسىزلىكىمىزنى كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ ئاللىقاچان توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمىز. بىزنى كەچۈرۈڭ، بىز بۇندىن كېيىن بۇ ئىشنى ھەرگىز تىلغا ئالمايمىز، سىزمۇ بىزدىن ھەرگىز خاپا بولماڭ،— دەپتۇ. — مەن خاپا بولمايمەن قەدىردان ئاكىلار،— دەپتۇ مەلىكە پەس ئاۋازدا، — سىلەرمۇ مېنىڭ رەت قىلىشىم سەۋەبىدىن ماڭا قارىماي قويماڭلار. — ئۇنداق قىلمايمىز سۆيۈملۈك سىڭلىم، — دەپتۇ يەتتە پالۋان تەڭلا، ئۇلار مەلىكىگە تەزىم قىلىپ ئاندىن ئورمانلىققا ئاستا قايتىشىپتۇ. بۇ كۈنى ئاخشىمى يەتتە پالۋان سېمىز بىر بۆرىنى ئوۋلاپ قايتىپتۇ، مەلىكە ئۇلار بىلەن بىللە بۇ كاتتا غەنىيمەتنى تەبرىكلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەلىكە پالۋانلار بىلەن بىللە ئىناق، خۇشال ھايات كەچۈرۈپتۇ. مەلىكە ئۆرمانلىقتا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى-رەزىل خانىش مەلىكىنى ئاللىقاچان بۆرىلەرگە يەم بولدى، دۇنيادا مەن ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ جەلپكار دەپ يۈرۈپتۇ.. بىر كۈنى ئۇ ھۇجرىسىدا ئولتۇرۇپ سېھىرلىك ئەينىكىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئاپتۇ-دە، ئۇنى كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن دەرھال تېپىپ سوراپتۇ: — سۆيۈملۈك ئەينىكىم! ماڭا ئېيتقىنا، راستىڭنى دېگىنە، مەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالمۇ؟ ھەممە ئادەمدىن ئاق ھەم قىزىلمۇ؟ ئەمما ئۇ ئەينەكنىڭ مۇنداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى پەقەت ئويلىماپتۇ: — سۆيۈملۈك خانىشىم، سېنىڭ گۈزەللىكىڭگە قىل سىغمايدۇ، ئەمما بۈك-باراقسان دۇب دەرەخزارلىقىدا، يەتتە پالۋاننىڭ ئۆيىدە تونۇلمىغان بىر مەلىكە ئولتۇرىدۇ، ئۇ سېنىڭدىنمۇ چىرايلىق، سېنىڭدىنمۇ قىزىل ھەم ئاق. تەكەببۇر خانىش غەزەپلىنىپ كېتىپتۇ، بىچارە سەياننانى تاپتۇرۇپ كېلىپ سوراققا تارتىپ قامچىلاپتۇ. سەياننا بۇ قىيناشقا چىدىماي ئاخىرى ھەممىنى دەۋېتىپتۇ، خانىش ئۇنى زىندانغا سولاپتۇ. رەزىل خانىش ئۆزى بىلەن گۈزەللىكتە بەسلەشكەن رەقىبى مەلىكىنى جەزمەن ئۆز قولى بىلەن يوقىتىش قارارىغا كەپتۇ.

بىر كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق چاغدا يەتتە پالۋان ئەتىگەندىلا ئىشىكتىن چىقىپ ئوۋچىلىق قىلغىلى مېڭىپتۇ. مەلىكە ئۆيدە قېلىپ ئۆينى تازىلاپ، ئاندىن دېرىزە يېنىدا يىپ ئېگىرگەچ، قەدىردان ئاكىلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەلىكە دېرىزە يېنىدا ناخشا ئېيتقاچ يىپ ئېگىرىپ ئولتۇرسا، ئىشىك ئالدىدا توساتتىن ئىت قاۋاپ كېتىپتۇ، مەلىكە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا،مىلىچمال ساتىدىغان بىر موماي ئىشىك ئالدىدا تۇرغۇدەك. موماي ھاسىسى بىلەن ئىتنى قوغلىغاچ توۋلاپتۇ: — مال ساتىمەن، مال ساتىمەن! مەلىكە دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ: _ تىنچلىقمۇ قەدىرلىك موما، نېمە ساتىسىز؟— دەپتۇ. موماي: _ دەل سەندەك چىرايلىق قىزلارغا ماس كېلىدىغان چىرايلىق نەرسە، ھەر خىل رەڭلىك، ھەر خىل پاسوندىكى لېنتىلارنى ساتىمەن،— دەپتۇ ۋە بەش خىل رەڭلىك يىپتىن توقۇلغان بىر تال لېنتىنى چىقىرىپتۇ. مەلىكە بۇنداق لېنتىنى ئىلگىرى زادى كۆرۈپ باقمىغانىكەن، ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، ئىتنى بىر ياققا ھەيدىۋېتىپ ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ: :موما، مەن مۇشۇ لېنتىنى ئالاي دەپتۇ. مەلىكە پۇلنى تۆلەپ بولسىمۇ موماي رەڭدار لېنتىنى ئۇنىڭغا بەرمەي: — قىزچاق، سەن شۇنچە گۈزەل ئىكەنسەن، دۇنيادا تەڭداشسىز گۈزەل ئىكەنسەن. كەل، مەن ساڭا بۇ لېنتىنى باغلاپ، بۇ گۈزەللىكىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي،— دەپتۇ. مەلىكە بۇنىڭ رەزىل ئۆگەي ئانىسى تاپقان ھىيلە ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلەلمەپتۇ. ئۆيدىكى ئىت توختىماي قاۋاپ، مومايغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى چىشلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەلىكە ئۇنى قوغلىۋىتىپتۇ. مەلىكە موماينىڭ يېڭى لېنتا باغلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپتۇ، ئەمما موماي لېنتىنى توساتتىن مەلىكىنىڭ بوينىغا چىڭ باغلىۋاپتۇ، مەلىكە نەپەسلىنەلمەي يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئىت ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ؟ موماينى چىشلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھاسىسىنى شىلتىپ ئىتنى قوغلىغاچ -مەلىكە، سەن ئەمدى دۇنيادىن ئۆتكەن گۈزەللەر گۈزىلى بولىدىغان بولدۇڭ" دەپتۇ. ئىت توختىماي ئېتىلىپ كېلىپ چىشلىگەچكە، موماي ھويلىدا تۇرالماي تالاغا قېچىپ چىقىپتۇ. يەتتە پالۋان ئاخشىمى ئۆيگە كېلىپ قارىسا، سۆيۈملۈك مەلىكە يەردە مىدىر-سىدىر قىلماي ئۆلۈكتەك ياتقۇدەك، ئىت ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ، ئاچچىق قاۋاپ تۇرغىدەك. يەتتە پالۋان ھەيران بولۇپ، مەلىكىنى قۇچىقىغا ئېلىپ قارىسا، ئۇنىڭ بوينىدا چىڭ بوغۇۋېتىلگەن لېنتا تۇرغىدەك، ئۇلار لېنتىنى دەرھال كېسىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە ئاران نەپەس ئېلىپ، ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەپتۇ. يەتتە پالۋان مەلىكىدىن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى مەلىكىنىڭ ئۆگەي ئانىسى قىلغانلىقىنى پەملەپ مەلىكىگە: —سۆيۈملۈك سىڭىل، سىز كۆرگەن ئۇ سېتىقچى موماي باشقا بىر كىم ئەمەس، دەل سىزنىڭ رەزىل ئۆگەي ئانىڭىز. چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ، ئۇنى يەنە كېلەمدىكىن دەپ ئويلايمىز، بىز يوق چاغدا ئۆيگە ھېچكىمنى كىرگۈزمەڭ، —دەپتۇ. مەلىكە ماقۇل دەپتۇ. خانىش ئوردىغا قايتىپ كېلىپ، سېھىرلىك ئەينەكتىن يەنە "كىم ئەڭ گۈزەل" دەپ سوراپتۇ، ئەينەك يەنىلا يەتتە پالۋاننىڭ ئۆيىدىكى قىز ئەڭ گۈزەل" دەپتۇ. خانىش بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەلىكىنىڭ تېخى ھاياتلىقىنى بىلىپ، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتىشكە قەسەم قىلىپتۇ. ئۇ بىر ئايال پېرىخۇندىن زەھەر ياساش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، بىر دانە زەھەرلىك تارغاق ياساپتۇ. بۇ تارغاق ئاجايىپ ئىكەن: قولىغا ئالسا، تۇتسا ھېچنېمە بولمايدىكەن، ئەمما ئۇنىڭدا چاچ تارىسا ئادەم زەھەرلىنىپ قالىدىكەن. خانىش بۇ تارغاقنى ياساپ بولۇپ، يەنە موماي سىياقىدا ياسىنىپتۇ؛ يەتتە پالۋاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مال ساتىمەن، مال ساتىمەن" دەپ توۋلاپتۇ. يەتتە پالۋان بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ كۆل بويىغا ياۋا ئۆردەك ئوۋلىغىلى كەتكەن بولۇپ، مەلىكە كىر يۇيۇۋاتقانىكەن، ئۇ تالاغا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا: _ بىز ھېچنېمە ئالمايمىز، يولۇڭغا ماڭ، مەن بۇ ئۆيگە بىر كىمنىڭ كىرىشىنى خالىمايمەن، — دەپتۇ. ئەمما موماي تالادا تۇرۇپ يەنە: -ساڭا بىر نەرسە كۆرسەتسەمغۇ بولار،— دەپتۇ ۋە ھېلىقى زەھەرلىك تارغاقنى چىقىرىپ ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ. مەلىكە بۇ تارغاقنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قاپتۇ ھەمدە موماينىڭ مېھرىبان چىرايىنى، يېقىملىق تۇرقىنى كۆرۈپ ئۆز-ئۆزىگە: بۇ موماينىڭ خانىش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، خانىش ئەزەلدىن مۇز چىراي- دەپتۇ-دە، بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ. - موما، بۇ تارغىقىڭنى نەچچىگە ساتىسەن؟—دەپتۇ مەلىكە. - پاھ، قىزچاق، سەن نېمانچە چىرايلىق! پەقەت سەنلا بۇ تارغىقىمغا لايىق ئىكەنسەن. قارا، بۇ تارغاقنىڭ جازىسى زۇمرەتتىن، چىشلىرى پىل چىشىدىن ياسالغان، ئۈستىگە تېخى مارجان كۆز قويۇلغان، بۇ تارغاق بىلەن چېچىڭنى تارىساڭ چېچىڭ قاپقارا بولۇپ، مەڭگۈ ئاقارمايدۇ. قىزچاق، مەن بىر قاراپلا سېنى مۇشۇ تارغاقنىڭ ئىگىسى بولۇشقا لايىق دەپ ئويلىدىم. مۇنداق بولسۇن، سەندىن پەقەت ئۈچ تىللا ئالاي،، دەپتۇ موماي. مەلىكە بۇ تارغاقنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، موماينىڭ ئۆزىنى گۈزەل دەپ توختىماي ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بوپتۇ-دە، مومايغا -بوپتۇ، ئۈچ تىللا بولسا بولسۇن، مەن بۇ تارغاقنى ئالدىم، دەپ، ئۈچ تىللانى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. موماي يەنە مەلىكىگە: _ قىزچاق، سەن بەك چىرايلىق ئىكەنسەن، مەندەك قېرى مومايمۇ سېنى كۆرسە ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، كەل، مەن سېنىڭ چېچىڭنى تاراپ قوياي،— دەپتۇ. بىچارە مەلىكە موماينىڭ شۇم نىيىتىنى بىلمەي، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ چېچىنى تارىغۇزۇپتۇ. تارغاق باشقا سانجىلىشى بىلەن تەڭ زەھەر ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپتۇ، مەلىكە بىردەمدىلا ھوشىنى يوقىتىپ يەرگە يىقىلىپتۇ. موماي بۇ يەردە خۇشال تۇرغان پەيتتە توساتتىن سىرتتىن ئىتنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپتۇ. ئەسلىدە، يەتتە پالۋان ئىتىنى ئېلىپ كۆل بويىغا كېلىپ بىر تالمۇ ئۆردەك ئوۋلاپ بولالماي تۇرۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئىتى قاتتىق قاۋاپ كەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ كىيىمىنى چىشلەپ ئۆيى تەرەپكە تارتقانىدى. پالۋانلار: بۇ ئىت بىر نېمىنى سەزدىمۇ نېمە، ئۆيدە يالغۇز قالغان مەلىكىگە بىر ئىش بولدىمۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپ، ئوۋچىلىقىنى دەرھال تاشلاپ، ئۆيلىرىگە تېزدىن ئاتلانغانىدى. موماي ئىتنىڭ قاۋاشلىرىنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن بىر دەممۇ تۇرالماي، ئورمانلىققا بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. يەتتە پالۋان ئۆيىگە كېلىپ قارىسا، دەرۋەقە مەلىكە يەردە ياتقۇدەك، ئۇلار مەلىكىنى دەرھال قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇنى يەنە ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. ئۇلار مەلىكىگە نەسىھەت قىلىپ: سۆيۈملۈك سىڭىل، بۇنىڭدىن كېيىن بەكمۇ دىققەت قىلىڭ، ھەرقانداق ناتونۇش ئادەمنى ئەمدى ھەرگىز ئۆيگە كىرگۈزمەڭ، چۈنكى بىز سىزنى يوقىتىپ قويساق چەكسىز ئازابلىنىمىز دەپتۇ. مەلىكە قىزىرىپ، پەس ئاۋازدا ماقۇل دەپتۇ. رەزىل خانىش ئورمانلىقتىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ يەنە ئەينەك بىلەن پاراڭلىشىپتۇ، ئەمما ئەينەك يەنىلا يەتتە پالۋاننىڭ ئۆيىدىكى قىزنىڭ ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. خانىش بۇ قېتىممۇ مەلىكىنى ئۆلتۈرەلمىگەنلىكىنى بىلىپ، ھەسەت ئوتىدا لاۋۇلداپ يېنىپتۇ :مەن جەزمەن ئەڭ ياخشى چارە تېپىپ، سەندەك لەنىتىنى ھامان ئۆلتۈرىۋېتىمەن! دەپ كۆڭلىدە يەنە بىر قېتىم قەسەم قىلىپتۇ

خانىش ئوردىدا قاتتىق ئويلىنىپ، ئاخىرى بىر يامان چارىنى تېپىپ چىقىپتۇ. ئاندىن ئۇ مەخپىي ھۇجرىسىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز بېكىنىپ ئاخىرى بىر دانە ئالما ياساپ چىقىپتۇ. بۇ ئالمىنىڭ يېرىمى قىزىل، يېرىمى ئاق ئىكەن؛ قىزىل تەرىپى ئوتقاشتەك قىزىل، ئاق تەرىپى قاردەك ئاق ئىكەن، تېخى يىراقتىنمۇ ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىغىلى بولىدىكەن، پۇرىقى كىشىنى ئىنتايىن زوقلاندۇرىدىكەن. بۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، شامال چىقىۋاتقانىكەن. يەتتە پالۋان ئەتىگەندىلا ناشتا قىلىپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. مەلىكە ئۆيدە يالغۇز قېلىپ، ئۆينى يىغىشتۇرۇپتۇ، كىر يۇيۇپ، تاماق ئېتىپتۇ، ئىت ھويلىدا ئەسنەپ يېتىپتۇ. چۈش بوپتۇ، ھاۋا يەنىلا تۇتۇق ئىكەن، شامال كۈچىيىىپ كېتىپتۇ، مەلىكە يەتتە پالۋاندىن ئەنسىرەپ، دېرىزىنىڭ يېنىدا يىپ ئېگىرىپ ئولتۇرسا، توساتتىن ھويلىدا ئىت قاۋاپ كېتىپتۇ. مەلىكە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، بىر تىلەمچى ئايال تالادا تۇرغىدەك، ئۇ كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ يىرتىلمىغان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان، يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ دۈمبىسى مۈكچىيىپ كەتكەن ئىكەن، ئىت ھويلىدا قاۋاپ، ئېتىكلىك ئىشىكنى غەزەپ بىلەن تاتىلاپتۇ، ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقىپ موماينى چىشلەيدىغان ئەلپازدا ۋەھشىيلىشىپتۇ. ئايال ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ توختىماي -قىزچاق، ماڭا بىر بولكا بەرسىڭىز، مەن ئورمانلىقتا يولدىن ئېزىپ قالدىم، ئۈچ كۈن ئايلاندىم، تاماق يېمىدىم. مەلىكە موماينىڭ بۇنداق بىچارىلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ بولكا بېرىپتۇ. بۇ چاغدا ئىت ئېتىلىپ چىقىپ، مومايغا ئېسىلىپتۇ. موماي ھاسىسى بىلەن ئىتنى قوغلىغاچ: قىزچاق، سەن ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۈل ئىنسانكەنسەن، بۇ ئىتىڭ ماڭا ئېسىلىپ ئازاب سالدى، ئۇتى قوغلىۋېتەلەمسەن؟— دەپتۇ. -ماقۇل موما، مەن ئۇنى چاقىراي،_ دەپتۇ مەلىكە ۋە ئىتقا قاتتىق بۇيرۇق قىلىپ، ئۇنى ھويلىغا كىرگۈزۈۋېتىپتۇ. قىزچاق، سەن ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۈل ئىكەنسەن، لېكىن ئىت مۇشۇنداق غەلىتە ئىكەن، مېنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدى. قىزچاق، بولكاڭغا رەھمەت، — دەپتۇ موماي.ئۇ ئىتنىڭ ھويلىغا كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ سەل قورقۇپتۇ. بولىدۇ، مەن ساڭا ئەكىلىپ بېرەي، — دەپتۇ مەلىكە ۋە تالاغا مېڭىشقا تەمشىلىپتۇ، ئەمما ئىت ئۇنىڭ يېنىدا قاۋاپ، يولنى توسۇپ، ئىشىكتىن چىققىلى قويماي تۇرۇۋاپتۇ. -راستتىنلا ئامال بولمىدى، خوجايىنلىرىنى ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ بۇ، — دەپتۇ مەلىكە ۋە مېڭىشتىن توختاپتۇ.موماي مەلىكىنىڭ ئالدىغا ماڭمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزى تەۋەككۈل قىلىپ مېڭىپ كەپتۇ، بۇ ئىت راستتىنلا غەلىتە ئىكەن، بەلكىم ياخشى ئۇخلىمىغان ئوخشايدۇ دەپتۇ. ئەمما بۇ ئىتنىڭ كەيپىياتى ساز بولۇپ، موماينىڭ مەلىكىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەنە ئېتىلىپ كەپتۇ، ئورمانلىقتىكى بۆرىدىنمۇ بەك ۋەھشىيلىشىپ كېتىپتۇ. مەلىكە ئىتنى دەرھال چاقىرىپ، مومايغا:- موما، بولدىلا، بۇ ئىت بۈگۈن سەل ئېلىشىپ قاپتۇ، قېنى ئېلىڭ، بولكىنى تۇتۇڭ!! دەپ بولكىنى تاشلاپ بېرىپتۇ. قېرى موماي بولكىنى ئېلىپ، مەلىكىگە: «قىزچاق، رەھمەت ساڭا، ئەمدى بۇ ئىشىك ئالدىدىكى چىملىقتا ئولتۇرۇپ بۇ ئۈچ كۈندىن بۇيانقى تۇنجى چۈشلۈك تامىقىمنى يېيىشكە رۇخسەت قىلساڭ؛ دەپتۇ. مەلىكە ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ، ئىت قېچىپ چىقىپ ئۇنىڭ چۈشلۈك تاماق يېيىشىگە دەخلى قىلمىسۇن دەپ ھويلىنىڭ ئىشكىنى تاقاپتۇ. موماي چىملىقتا ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تاماق يېگەندەك قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. ئۇ توساتتىن بىر نېمىنى ئېسىگە ئالغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ، يانچۇقىدىن بىر دانە ئالمىنى چىقىرىپ: "قىزچاق، ياخشىلىقىڭغا رەھمەت، بۇ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرغىدەك تۈزۈك نەرسەممۇ يوق، بۇ بىر تال ئالمىنى ئىككىمىز بۆلۈشۈپ يېسەك" دەپتۇ ۋە يانچۇقىدىن بىر قەلەمتۇراچنى چىقىرىپ، ئالمىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئاق تەرىپىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ، قىزىل تەرىپىنى مەلىكىگە تاشلاپ بېرىپتۇ. بۇ چاغدا ئىت تۇيۇقسىز سەكرەپ، قاتتىق ھاۋشىپ، ئۇ ياقتىن تاشلاپ بېرىلگەن ئالمىنى چىشلەپ تۇتۇۋالماقچى بوپتۇ، ئەمما مەلىكە ئىككى قولىنى چىقىرىپ،ئالمىنى تۇتۇۋاپتۇ، كىشىنى نەقەدەر ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خۇش پۇراق-ھە! ھەم شۇنچىلىك كۆركەم، قىپقىزىل بىر ئالما، مەلىكە ھەقىقەتەن خۇشال بوپ كتىپتۇ. شۇ ئەسنادا موماي: ئاق كۆڭۈل قىزچاق، ماڭا بەرگەن چۈشلۈك تامىقىڭغا رەھمەت. مەن ماڭاي، قىزچاق، يەنە كۆرۈشەرمىز" دەپتۇ-دە، ئالمىسىنى يېگەچ شەرققە قاراپ مېڭىپتۇ.ئىت مەلىكىگە ئەگىشىپ ئۆيگە كىرىپتۇ، ئۇ بىر ياقتىن قاۋىسا، بىر ياقتىن مەلىكىنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارايدىكەن. مەلىكە يېرىم ئالمىنى دېرىزە تەكچىسىگە ئېلىپ قويۇپ، ئىتنىڭ ئۇزۇن تۈكلىرىنى سىلاپتۇ،-جىمراق بول سۆيۈملۈكۈم، ھېچ بىلمىدىم، بۈگۈن نېمە بولدۇڭ، ياتقىن سۆيۈملۈكۈم، بىر دەم ياتساڭ ئوڭشىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن، دەپتۇ ۋە دېرىزىنىڭ ئاستىغا كېلىپ يىپ ئېگىرىپ ئولتۇرۇپتۇ! ئاكىلىرى قايتىپ كەلگەندە ئۇلارغا كەچلىك تاماق تەييارلىماقچى بوپتۇ. شۇغىنىسى، ئۇ قىپقىزىل ئالما شۇنچە پارقىراق، شۇنچە كۆركەم، شۇنچە خۇش پۇراق ئىكەن، ئىچىگە ھەسەل شىرنىسى قاچىلانغاندەك تۇيۇلىدىكەن، مەلىكە ئۇ ئالمىغا ئىختىيارسىز قارايدىكەن، ئالمىنىڭ كىشىنى مەست قىلىدىغان خۇش پۇراقلىرى شامالغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ دىماغلىرىغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىكەن. تاماق ۋاقتىدا ئاكىلىرىم بىلەن بىللە يەي، دەپتۇ مەلىكە ئۆزىگە، ئەمما ئۇ كىشىنى مەست قىلىدىغان خۇش پۇراق كېلىۋېرىپ، مەلىكە پەقەت تاقەت قىلالماپتۇ. -مەن ئۆزۈمنىڭ نېسىۋىسىنى يەي دەپتۇ مەلىكە. ئاندىن ئاشخانىدىن بىر قەلەمتۇراچنى ئېلىپ، ئالمىدىن كىچىك بىر پارچە كېسىپ ئېلىپ، ئوتقاشتەك قىزىل لېۋىگە ئاپىرىپ ئالدىرىماي ئازراقلا چىشلەپ يۇتىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت بېشى قېيىپ، نەپەسلىرى توختاپ قاپتۇ، ئىككى قولى ساڭگىلاپ چۈشۈپتۇ، قولىدىكى ئالما يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ؛ ھەيكەلنىڭ ئاستىغىلا يىقىلىپ چۈشۈپ، كۆز قارىچۇقلىرى ئارقىغا تارتىلىپ، بېشى ئۇزۇن ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، جىمجىت، ئۈن-تىنسىز قېتىپ قاپتۇ. ئەسلىدە رەزىل خانىش بۇ قېتىم ياسىغان يېرىمى ئاق، يېرىمى قىزىل ئالمىنىڭ ئاق تەرىپىدە زەھەر يوق بولۇپ، قىزىل تەرىپىنى يېسىلا ئادەم زەھەرلىنىپ قالىدىكەن. بۇ كۈنى يەتتە قېرىنداش ناھايىتى كەچ قايتىپ كەپتۇ، ئۇلار ئۆيىگە كەلمەي تۇرۇپلا ئىتنىڭ قاتتىق قاۋىغىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ، چوقۇم بىر ئىش چىقتى،—دېيىشىپتۇ يەتتە پالۋان،— تېز ئاتلىنايلى. يەتتە پالۋان ئاتلىرىنى قاتتىق چاپتۇرۇپ، ئۆيىگە ئۇچقاندەك يېتىپ كەپتۇ. قارىسا مەلىكىنىڭ كۆز قارىچۇقلىرى ئارقىغا تارتىلىپ كەتكەن، نەپەسلىرى ئاللىقاچان توختىغان، يەتتە پالۋان دەررۇ ئۇنىڭ بوينىدىكى رەڭدار لېنتىنى يېشىپتۇ، چېچىنى تاراپتۇ، سۇ ۋە ھاراق بىلەن ئۇنى يۇيۇپتۇ، لېكىن ھېچقايسىسىنىڭ ئۈنۈمى بولماپتۇ، -سۆيۈملۈك مەلىكە ئۆلۈپ قاپتۇ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ. يەتتە پالۋان مەلىكىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قاتتىق قايغۇرۇپتۇ. شۇ ئەسنادا ئىت توساتتىن ئۆيگە كىرىپ، ھېلىقى ئالمىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى بىرلا چىشلەپ يۇتىۋېتىپتۇ-دە، يەرگە يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ. پالۋانلار شۇ چاغدىلا ئالمىنىڭ ئىچىگە زەھەر قۇيۇلغانلىقىنى بىلىپتۇ. پالۋانلار مەلىكىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا قاراپلا ئولتۇرۇپتۇ، ھېچكىممۇ ئۇنى كۆمىدىغان گەپنى قىلماپتۇ؛ ئۇلار مەلىكىنىڭ قېشىدا ئاشۇنداق ئولتۇرۇپتۇ، ئاش-تاماق يېمەپتۇ، سۇمۇ ئىچمەپتۇ، مەلىكىگە مەڭگۈ مۇشۇنداق ھەمراھ بولۇشنىلا ئويلاپتۇ.. يەتتە پالۋان مەلىكىنىڭ جەسىتى يېنىدا ئۈچ كۈن ئولتۇرۇپتۇ، قارىسا مەلىكە قىلچىمۇ ئۆزگەرمەي شۇنچىلىك خاتىرجەم، تىرىكتەك ياتقۇدەك، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ياتقان بولۇپ، خۇش تەبەسسۇمى لېۋىدە بەختىيارلىق بىلەن جىلۋىلىنىپ تۇرغىدەك. پالۋانلار يەنە ئۈچ كۈن كۈتۈپتۇ، ئەمما مەلىكە يەنىلا ئويغانماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مەلىكىنىڭ جەسىتىنى چاققانغىنە ياسىتىلغان خىرۇستال ساندۇققا سېلىپ قويۇپتۇ، مەلىكىنىڭ قىياپىتى يەنىلا ئۆزگەرمەپتۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى يەتتە پالۋان مەلىكىنىڭ جەسىتى سېلىنغان خرۇستال ساندۇقنى كۆتۈرۈپ چەت ياقىدىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە ئاپىرىپتۇ

ئۆڭكۈرىگە ئاپىرىپتۇ؛ ئۆڭكۈرگە ئالتە تال تۆمۈر تۈۋرۈك قېقىپ، ئاندىن خرۇستال ساندۇققا ئالتە تال تۆمۈر ھالقا بېكىتىپ، تۈۋرۈككە ئېسىپ قويۇپتۇ، تۆت تەرىپىنى رېشاتكىلاپتۇ. يەتتە پالۋان بۇ ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەلىكىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن سىڭلىسىنىڭ روھىغا تەزىم قىلىپتۇ. پالۋانلارنىڭ ئاكىسى: "سۆيۈملۈك سىڭىل، بۇ يەردە ئارام ئېلىڭ، سىز شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل، شۇنچىلىك گۈزەل. گەرچە رەزىل قوللارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان بولسىڭىزمۇ، بىز سىزنىڭ جەسىتىڭىزنى مەڭگۈ قوغدايمىز، قېشىڭىزدا مەڭگۈ ھەمراھ بولىمىز، ئارام ئېلىڭ سۆيۈملۈك سىڭىل"! دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ يەتتە پالۋان ھەر كۈنى ئۆڭكۈردە تۇرۇشقا بىر ئادەم ئەۋەتىپ، مەلىكىنىڭ جەسىتىگە ھەمراھ بوپتۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، مەلىكىنىڭ جەسىتى جەسەت ساندۇقىدا شۇنچە ئۇزۇن تۇرسىمۇ، چىرايى ھېچقانداق ئۆزگەرمەپتۇ. ئۇ گويا ئۇخلاتقاندەك ياتىدىكەن، رەڭكى ئاق ھەم قىزىل بولۇپ، لىۋى ئوتقاشتەك قىزىل، چېچى دائىم قارا ئەبنۇستەك قاپقارا پارقىراق تۇرىدىكەن، بۇرۇنقىدەكلا كۈلۈمسىرەپ ياتىدىكەن. پالۋانلار ناھايىتى خۇشال ئىكەن، ،مەلىكە چوقۇم ئۆلمىدى، ھامان بىر كۈنى ئويغىنىپ، پالۋانلار بىلەن بىللە گۈزەل ھايات كەچۈرىدۇ دەپ ئويلايدىكەن. رەزىل خانىش ئورمانلىقتىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئەينەكتىن بۇرۇنقى سوئالىنى سوراپتۇ. بۇ قېتىم ئەينەك ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. خانىشنىڭ خۇشاللىقى كۆككە يېتىپتۇ، بۇ قېتىم ئۇ مەلىكىنىڭ راستتىنلا ئۆلگەنلىكىنى بىلىپتۇ. بۇ ۋاقىتلاردا پادىشاھنىڭ كېسىلى ئىزچىل ياخشىلىنالماپتۇ، خانىشمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ خوتۇننى ئالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپتۇ. مەلىكىنىڭ يىگىتى شاھزادە يېسەي مەلىكە يوقاپ كەتكەندىن تارتىپ كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپتۇ؛ ئارغىماققا مىنىپ، ھەممە ياقتا چېپىپ، شۇنچە ئىزدەپمۇ مەلىكىنى تاپالماي، قەلبى چەكسىز ھەسرەتكە تولۇپتۇ. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھېرىپ كەتكەن شاھزادە بىر- كۈنى كەچقۇرۇندا ئاتقا مىنىپ كېتىۋېتىپ، كەچكى شەپەق ئاستىدا تۇرۇپ، ئوتقاشتەك قىزىل قۇياشقا قاراپ: ياخشىمۇسەن ئەدىرلىك قۇياشىم، سەن ھەر كۈنى ئاسماندا ھەرىكەتلىنىسەن، دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىسەن. ئۇنداقتا سەن رەڭكى ئاق ھەم قىزىل، لەۋلىرى توق قىزىل، ساھىبجامال، چاچلىرى قارا ھەم پارقىراق ياش بىر مەلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ ماڭا ئېيتقىنا قەدىرلىك قۇياش ، مەن ئۇنىڭ يىگىتى. مەن ئۇنى ھەممە يەردىن ئۈچ يىل ئىزدىدىم، ھازىر ئاتمۇ ھېرىپ قالدى، ئەمما مەن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىدىم" دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن قۇياش راستتىنلا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: "قەدىرلىك شاھزادەم، مەن بۇ مەلىكىنى-سېنىڭ گۈزەل مەھبۇبەڭنى كۆرمىدىم، بەلكىم ئۇ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى، بەلكىم كۈندۈزى تالاغا چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن، سەن قوشنامدىن سوراپ باق، بەلكىم ئاي قانداقتۇر بىر يەردە ئۇنى كۆرگەن، ئىزىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن! شاھزادە قۇياشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئازابلىنىپتۇ ھەم قايغۇرۇپتۇ، كېچىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. ئاي ئەمدى چىقىشىغا شاھزادە تاقەت قىلالماي، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپتۇ: ئەي ئاي، مېنىڭ ياخشى دوستۇم! سەن رەڭگى قىزىل ھەم ئاق، ساھىبجامال، چاچلىرى ئەبنوس دەرىخىدەك قارا ھەم پارقىراق، گۈزەل بىر مەلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ ماڭا ئېيتقىنا قەدىرلىك ئاي، مەن ئۇنىڭ يىگىتى، ئۇنى ئىزدەپ ئېتىم بىلەن ئۈچ يىل چېپىپ يۈردۈم. ئەمما ئاي ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: -ئەي قەدىرىىڭ شاھزادەم، قېرىندىشىم، ھەقىقەتەن خىجىلمەن. مەن بۇ گۈزەل قىزنى، سېنىڭ گۈزەل مەھبۇبەگنى كۆرمىدىم، چۈنكى مەن ھەركۈنى بۇ يەردە بولالمايمەن. بەلكىم مەن كېچىلىرى كۆزەتتە تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇ زېمىندا سەيلە قىلمىغان بولسا كىرەك، يۇپيورۇق ئاي يەنە مۇنداق دەپتۇ: بېلىڭنى قويۇۋەتمە ئوبدان قېرىندىشىم، ساڭا بىر چارىنى دەپ بېرەي. سەن بېرىپ شامالدىن سوراپ باققىن، ئۇنىڭ بارمايدىغان يېرى يوق، بەلكى ئۇ سېنىڭ گۈزەل مەلىكەڭنىڭ نەدىلىكىنى بىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن شاھزادە غەيرەتكە كېلىپ، ئېتىغا مىنىپ، شامال تەرەپكە ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ۋارقىراپ تۇرۇپ شامالغا ئىلتىجا قىلىپتۇ: ئەي شامال، سەن ھەر ياقتا كېزىپ يۈرىسەن، كۆپنى كۆرىسەن، ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن رەڭگى قىزىل ھەم ئاق ساھىبجامال، چاچلىرى قارا ھەم پارقىراق، گۈزەل بىر مەلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ ماڭا ئېيتقىنا، مەن ئۇنىڭ يىگىتى، ئۇ ئوردىدىن يوقاپ كەتكەندىن بېرى تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ ئۇنى ئىزدەۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى. — شۇنداقمۇ، بىچارە ئوغلانىم! — دەپتۇ شىددەتلىك شامال ئۇنىڭغا جاۋابەن،— مەن سېنىڭ مەھبۇبەڭنى كۆرگەن، ئۇ دۇنيادا ئەڭ گۈزەل قىز، لېكىن بۇ گۈزەل قىز ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۆڭكۈردە بىر خرۇستال جەسەت ساندۇقى بار، مەھبۇبەڭ شۇ يەردە خاتىرجەم ياتماقتا. ھەر كۈنى بىر پالۋان ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۈزلۈكسىز قوغداپ تۇرماقتا. شامال سۆزىنى تۈگىتىپلا ئورمانلىق قېتىغا كىرىپ كېتىپتۇ، شاھزادە ئىختىيارسىز يىغلاپ كىتىپتۇ. ئۇئېتىغا سەكرەپ مىنىپ، ئېتىنى قامچىلاپ ئۇچقاندەك چېپىپتۇ، دەرھال ئاشۇ ئۆڭكۈرگە بېرىپ گۈزەل مەلىكىسىنى كۆرۈشكە ئالدىراپتۇ. شاھزادە جان-جەھلى بىلەن تاغقا يامىشىپتۇ، كۆزلىرى ياشقا تولۇپتۇ. بۇ تاغدا پەقەت يول يوق بولۇپ، ھەممە ياق ئۇچلۇق تاشلار بىلەن قاپلانغان ئىكەن. شاھزادە پۇت-قولىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ ناھايىتى تەسلىكتە تاغ قاپتىلىغا ئاران چىقىپتۇ. كۈتۈلمىگەندە شاھزادىنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ، بىر تال گىياھمۇ ئۈنمىگەن تاقىر سايلىق نامايان بولۇپتۇ. سايلىقنىڭ ئەڭ چېتى قاپقارا ئۆڭكۈرنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن باشلىنىدىكەن. شاھزادە ئالدىراپ يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىسا، قاراڭغۇ، سوغۇق ئۆڭكۈردە ئالتە تۈۋرۈك، تۈۋرۈكتە تۆمۈر ھالقا، ھالقىغا بىر خرۇستال جەسەت ساندۇقى ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ، جەسەت ساندۇقى شامالدا يەڭگىل تەۋرىنىپ تۇرىدىكەن، بىر پالۋان جەسەت ساندۇقىنىڭ يېنىدا مىدىرلىماي قاراپ تۇرىدىكەن. ئۇ مەھبۇبىنى يەنە بىر كۆرۈۋېلىشقا ئالدىراپ، ھېچنېمىگە قارىماي خرۇستال جەسەت ساندۇقىغا يۈگۈرۈپ كەپتۇ. توساتتىن كۈچلۈك بىر قول ئۇنىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ، يەرگە يىقىتىپتۇ. ئۇ بىرىنىڭ: سەن نېمە ئادەم؟ سىڭلىمنىڭ جەسىتىنى نېمىشقا ئوغرىلىقچە كۆرگىلى كېلىسەن؟ دەپ غەزەپلىك ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپتۇ. شاھزادە شۇ چاغدىلا ئاندىن شامالنىڭ پالۋانلار ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆز يېشىنى توختىتىپ، ئورنىدىن قوپۇپ، يۈزلىرىنى سۈرتۈپ پالۋانغا :ھۆرمەتلىك بىلەن: پالۋان، قەدىرلىك ئاكا، مەن شاھزادە يېسەي، بۇ خرۇستال ساندۇقتىكى مەلىكە مېنىڭ لايىقىم. مېنى ئۆتكىلى قويغىن، مەن ئ‍ۇنڭ گۈزەل جامالىنى بىر كۆرۈۋالاي. مەن ئۇنى ئۈچ يىل ئىزدىدىم، ئۇنى بىر كۆرۈۋالغىلى قويغىن" دەپتۇ. پالۋان ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ، ئۇنى قويۇۋېتىپتۇ. شاھزادە خرۇستال ساندۇققا يېقىنلاپ كېلىپ، ساندۇقتا ياتقان مەلىكىگە قاراپتۇ، مەلىكە يەنىلا شۇنچە كۈزەل ئ‍ىكەن، ئۇنىڭ ئاق ھەم قىزىل رەڭگى، ساھىبجامال رۇخسارى، بولۇپمۇ لېۋىدە قېتىپ قالغان تەبەسسۇمى شۇنچىلىك تونۇش، يېقىملىق بولۇپ، قىلچە ئۆزگەرمىگەنىكەن. شاھزادە خرۇستال ساندۇققا ئېسىلىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. سۆيۈملۈك مەھبۇبەسى مۇشۇنداقلا مەڭگۈلۈك خوشلاشتىمۇ؟ شاھزادە خرۇستال ساندۇقنى ئىختىيارسىز مۇشتلاپ كېتىپتۇ، توساتتىن جاراڭڭىدە، قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ خرۇستال ساندۇق چېقىلىپ كېتىپتۇ،مەلىكە خرۇستال سۇنۇقلىرى بىلەن بىللە يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، تۈۋرۈكتە ئالتە تال ھالقىلا قېلىپ، تەۋرىنىپ تۇرۇپتۇ. شاھزادە بىلەن پالۋان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قاپتۇ، ئەمما كىم بىلسۇن، مەلىكە توساتتىن ئويغىنىپ ئۇلارنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە مەلىكە يىقىلىپ چۈشكەندە ئۇ يېگەن زەھەرلىك ئالمىنىڭ پارچىسى گېلىدىن يېنىپ چىققان ئىكەن. مەلىكە ئاستا-ئاستا كۆزىنى ئېچىپ، ئاندىن ئولتۇرۇپ، ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ئەتراپىغا قاراپ، شاھزادە بىلەن پالۋاننى. كۆرۈپ: -ۋاي قەدىرلىك ئاكا! مەن نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم ، بۇ يەردە قانچىلىك ئۇخلىدىم؟ دەپ سوراپتۇ پالۋاندىن. - سۆيۈملۈك سىڭلىم، سىز بۇ يەردە بىر يىل ئون ئۈچ كۈن ئۇخلىدىڭىز، بۈگۈن يېسەي بۇ يەرگە كېلىپ سىزنى ئېغىر ئۇيقۇدىن قۇتقۇزدى، دەپتۇ پالۋان. شاھزادە يېسەي مەلىكىنى چېقىلىپ كەتكەن جەسەت ساندۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپتۇ، ئىككەيلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كېتىپتۇ. ئاندىن شاھزادە مەلىكىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ قەدىردان ئاكىسى بىلەن بىللە ئۆڭكۈردىن چىقىپتۇ! يەتتە پالۋاننىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ شۇ يەردە ئارام ئاپتۇ. يەتتە پالۋان مەلىكىنىڭ تىرىلگەنلىكىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپتۇ، ئۇلار دەرھال مەلىكىنىڭ بۇرۇنقى ھۇجرىسىنى تازىلاپ، ئۇنى ئارام ئېلىشقا ئۈندەپتۇ. ئەمما مەلىكە :مەن ناھايىتى ئۇزاق ئۇخلاپتىمەن، سىلەر ھەر كۈنى ماڭا ھەمراھ بولۇپسىلەر، سىلەرگە قانداق رەھمەت ئېيتسام بولار. بۈگۈن ھەممىڭلار ئارام ئېلىڭلار، مەن سىلەرگە تاماق ئېتىپ، ھاراق ئىسسىتىپ بېرەي. بۈگۈن بىز قانغۇدەك ئىچىپ مەست بولايلى، چۈنكى مەن ئەتە يىگىتىم بىلەن بىللە كېتىمەن، سىلەر بىلەن ئەمدى بىللە بولالمايمەن، دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەلىكە ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتىپتۇ، پالۋانلار بىلەن شاھزادە ئۆيدە سۆھبەت قۇرۇپ ھاراق ئىچىپتۇ. ئاندىن مەلىكە تاماقلارنى ئەكىلىپ، پالۋانلار بىلەن بىللە تاماق يەپتۇ، ئۇلار ئۈچ يىلدىن بېرى كۆرسەتكەن غەمخورلۇقى ۋە مۇھەببىتىگە رەھمەت ئېيتىپتۇ،-قەدىردان ئاكىلار، سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، ھەممىڭلار سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، باتۇر كىشىلەر، ھەممىڭلار ھەقىقىي ئەركەك" دەپتۇ. بۇ كۈنى ئۇلار تۈن تەڭ بولغىچە خۇشال-خۇرام ئ‍ولتۇرۇشىپتۇ. ئەتىسى شاھزادە يېسەي مەلىكىنى ئېلىپ خان ئوردىسىغا قايتىپتۇ. يەتتە پالۋان مەلىكىنى ئورمانلىقتىن چىققىچە ئۇزىتىپ، ئايرىلىشقا كۆزلىرى قىيماستىن، سۆيۈملۈك سىڭلىسىنىڭ گۈزەل سىماسى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە غايىب بولغىچە قاراپ تۇرۇپتۇ. شاھزادە مەلىكىنى باشلاپ، يول بويى ئۇنىڭ بىلەن خۇشال پاراڭلىشىپ مېڭىپتۇ. مەلىكىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكى، ئوردىغا دەرھال يېتىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پايتەختكە تېزدىن يېتىپ بېرىپتۇ، پايتەختتىكى كىشىلەر ناھايىتى خۇشال بولۇشۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ مەلىكىنى قارشى ئاپتۇ، ھەممىسى مەلىكىنىڭ گۈزەل تەبەسسۇمىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. مەلىكە كىشىلەرنىڭ تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە شەھەرگە كىرىپتۇ. بۇ كۈنى رەزىل خانىش ئازراق ئىچىۋالغان بولۇپ، بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ ھۇجرىسىغا كىرىپتۇ، سۆيۈملۈك ئەينىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دۇنيادا كىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ئايال ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. ئەينەكنىڭ جاۋابى ئۇنى قاتتىق تېرىكتۈرۈپتۇ: — سۆيۈملۈك خانىشىم، سېنىڭ گۈزەللىكىڭگە گەپ كەتمەيدۇ، ئەمما مەلىكە ھەممىدىن گۈزەل، ھەممىدىن ئاق ھەم قىزىل. خانىش ئىچىۋالغاچقا، ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ ئەينەكنى يەرگە ئېتىپ چۇل-چۇل قىلىۋېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ مەلىكىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە، ئەينەكنىڭ بۇ قېتىم ئۆزىنى ئالدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. — ھۇ لەنىتى ئەينەك، ماڭا يالغان سۆزلەشكە قانداق پېتىندىڭ! — دەپتۇ خانىش ئەينەكنى تاشلىۋېتىپ، ئۇنى تىللىغاچ تالاغا مېڭىپتۇ. مەلىكە بىلەن شاھزادە دەل ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقان ئىكەن، خانىش ھاڭ-تاڭ قاپتۇ، ئەرۋاھقا يولۇقتۇممۇ؟ دەپ ئويلاپ، قورقۇنچتىن دەرھال بىر ياققا قېچىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى ھۇجرىسىدا يېتىۋېلىپ: مەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال، مەن ھەممىدىن چىرايلىق، ھەممىدىن ئاق ۋە قىزىل دەپ توۋلاپ، بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆلۈپتۇ. پادىشاھ شاھزادە يېسەي بىلەن مەلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كېسىلىمۇ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىپتۇ. ئۇ مەلىكىنىڭ تويىغا تەييارلىق قىلىشقا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ھەشەمەتلىك توي ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. شاھزادە يېسەي گۈزەل مەلىكىنى ئېلىپ چېركاۋغا بېرىپتۇ. ئۇلار قەسەم بېرىپ ئەر-خوتۇن بولۇشۇپتۇ ھەمدە ئىناق ياشاپ، ئۆمرىنى ناھايىتى بەختلىك ئۆتكۈزۈپتۇ. تۈگىدى