: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
ياڭاق پالۋان
ياڭاق پالۋان
مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى، باشقا يىللارغا ئوخشاشلا بۇ كۈندە مارى بىلەن ئاكىسى فىلىس بۇيرۇق بويىچە ئۆز ھۇجرىسىدا بولۇپ، مىلاد دەرىخى قويۇلغان ئۆيگە كىرىشكە ئامالسىز ئىدى. سىرتنى ئاستا- ئاستا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى، چىراغ يېقىلمىغاچقا ئۆي ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ، ئادەمنى سەل قورقۇنچ باساتتى. مارى بۇ يىل يەتتە ياشقا كىرگەنىدى، ئاكىسى فىلىس چوڭلارنىڭ ياندىكى ئۆيدە سوۋغاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى. بىرەيلەن بىر ياغاچ ساندۇقنى قولتۇقلىغىنىچە كارىدوردىن ئاستا ئۆتۈپ كەتتى. — ئۇ چوقۇم دوششىمىن تاغام،— دېدى فىلىس، مارى بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدا چاۋاك چېلىۋەتتى: — ئۇ بۈگۈن بىزگە قانداق سوۋغا ئەكەلگەندۇ؟ دوششىمىن تاغا مارى بىلەن فىلىسنىڭ تەربىيەچىسى ئىدى. ئۇ ئادەم ئورۇق ھەم ۋىجىك، يەنە كېلىپ بىر كۆزىگە دېڭىز قاراقچىسىغا ئوخشاش كۆز توسقۇچ تاقىۋالغان، تاقىر باش بولسىمۇ، ئادەتتە يالغان چاچ كىيىپ يۈرگەچكە چېچى يوقلۇقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. گەرچە دوششىمىن تاغا كۆرۈمسىز بولسىمۇ، قولى ئەپچىل بولۇپ، بۇزۇلۇپ قالغان ھەرقانداق سائەتكە، ئۇنىڭ قولى تەگكەن ھامان چىكىلداپ مېڭىپ كېتەتتى. مارىنىڭ ئۆيىدىكى چوڭ سائەت توختاپ قالغان ھامان دوششىمىن تاغا دەرھال كېلىپ ئاۋۋال يالغان چېچىنى ئېلىۋېتىپ چاپىنىنى سالاتتى-دە، كۆك رەڭلىك پەرتۇقىنى تاقاپ ھەر خىل غەلىتە سايمانلىرىنى چىقىرىپ سائەتنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. ئۇ سائەت بىلەن بىرپەس ھەپىلەشكەندىن كېيىن سائەتنىڭ «جاراڭ - جۇرۇڭ» قىلغان ئاۋازى ياڭرايتتى. دوششىمىن تاغا ھەر قېتىم بۇ ئۆيگە كەلگەندە مارى بىلەن فىلىسقا بىرەر ئويۇنچۇق ئالغاچ كېلەتتى، بىر قېتىم ئۇ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تەزىم قىلىدىغان بىر قونچاق، يەنە بىر قېتىم ئوماققىنا بىر قۇتا ئەكەلگەن بولۇپ، قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشىغا ئىچىدىن بىر قۇش چىققانىدى. ئىشقىلىپ، ئۇ ئەكەلگەن ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئىدى. لېكىن، ئەڭ ئېسىل سوۋغىنى يەنىلا مىلاد بايرىمىغا ئېلىپ قوياتتى، دوششىمىن تاغا ھەر يىلى مۇشۇ چاغدا ئۇلارغا باشقا چاغلاردىكىدىنمۇ ئىسىل سوۋغاتلارنى بېرەتتى ئەمما، بۇ سوۋغاتلار بەك نەپىس بولغاچقا، دادىسى بىلەن ئاپىسى ئۇلارغا بەرمەيتى، چۈنكى ئۇلار بۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى بالىلارغا بەرسەك زايە كېتىدۇ، دەپ قارايتتى. مارى بىلەن ئاكىسى دوششىمىن تاغىنىڭ بۇ يىللىق بايراملىق سوۋغىسىىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. فىلىس:«بۇ يىل دوششىمىن تاغام بىزگە زەمبىرەك ئاتالايدىغان ئۈستەل چىرىغى بىلەن قورچاق ئەسكەر سوۋغا قىلىدۇ»دەپ ئويلايتتى — دوششىمىن تاغام ماڭا ئىچىدە چىرايلىق ئەتىرگۈل كۆلى ۋە مامۇق پەيلىك ئاققۇلار بار بىر باغچە سوۋغا قىلىمەن دېگەن،— دېدى مارى. — مۇمكىن ئەمەس،— دېدى فىلىس قايىل بولماي،— ئۇ باغچە سوۋغا قىلغان تەقدىردىمۇ دادام - ئاپاملار بىزگە بەرمەيدۇ. ئىككىسى ھەرقانچە باش قاتۇرۇپمۇ دوششىمىن تاغىنىڭ بۇ يىل نېمە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ تاپالمىدى. مارىنىڭ بىر بالا قورچاق ئالغۇسى بار ئىدى، چۈنكى ئۇ دۇرۇ ئىسىملىك قورچىقىنى تولا ئويناۋېرىپ سىرلىرى چۈشۈپ سەتلىشىپ كەتكەنىدى. يەنە بىر يېلى كېللى ئىسىملىك بالا قورچىقىمۇ بولۇپ، ئۆتكەندە بىرەيلەن ئۇنىڭ قورچىقىغا چىرايلىق بىر كۈنلۈك سوۋغا قىلغانىدى، مارى ئۇنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدى. مارى:«ئاپام مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدۇ، شۇڭا بۇ يىل چىرايلىق بىر بالا قورچاق ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. فىلىس بولسا تۈلكە بىلەن ئويۇنچۇق ئاتلىق ئەسكەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. مارى بىلەن فىلىس ئۆزلىرىگە ئامراق ئاتا- ئانىسىنىڭ چوقۇم ئېسىل سوۋغا بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇ تاپتا ئاشۇ سوۋغاتلار رەڭگارەڭ قاپلىرى بىلەن مىلاد دەرىخىنىڭ تۈۋىدە بۇ ئىككىسىنى كۈتۈپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز يېقىملىق قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن تەڭ مىلاد دەرىخى قويۇلغان ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. مارى بىلەن فىلىس دەرھال ئىشىككە قارىدى، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنى تولىمۇ چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. -كېلىڭلار بالىلىرىم سىلەرنى قانداق ئېسىل نەرسىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈڭلار!— دېدى ئۇلارنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى. بۇلتۇرقى مىلاد بايرىمىدا سوۋغا قوبۇل قىلغان مەنزىرە ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەگەر ئېسىڭىزدە بولسا مارى بىلەن فىلىسنىڭ شۇ تاپتىكى كەيپىياتىنى بىلەلەيسىز. بالىلار نۇر چېچىپ تۇرغان مىلاد دەرىخىگە تىكىلگىچە خۇشاللىقىدا ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. مىلاد دەرىخىدىكى مېۋىلەر خۇددى ئالتۇن كۈمۈشتەك ساڭگىلاپ تۇراتتى، ھەربىر شاخقا ئېسىلغان رەڭگارەڭ كەمپۈتلەر، خۇش ھىدىنى چېچىپ تۇرغان گۈللەرگە ئوخشايتتى. شاخ ئارىسىغا شام يېقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان نۇر تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى. فىلىىس ھاياجاندىن سەكرەپ _ ۋاھ ! قالتىس سوۋغاتلاركەنغۇ!— دەپ توۋلىۋەتتى. شۇنداق، بۇ يىل مارى بىلەن فىلىسنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، مۇشۇنداق كاتتا سوۋغاتقا ئېرىشكەنىدى. شىرە ئۈستىدە مارى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بالا قورچاقتىن بىرنەچچىسى تۇراتتى، ئۇنىڭ قېشىدا گۈل كەشتىلەنگەن چىرايلىق يىپەك كۆڭلەك ئېسىقلىق تۇراتتى. مارى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇ كۆڭلەككە ئوبدان قاراپ چىققاندىن كېيىن: _بۇ كۆڭلەك بەك چىرايلىقكەن، بۇنى ماڭا سوۋغا قىلغانمىدۇ؟ ئۇنى كىيىۋالسام بولارمۇ!دېدى ئۇ -ئۆزىگە. فىلىسكە چاپىنى بار تۈلكە سوۋغا قىلغانىدى، ئۇ بۇ سوۋغاتقا بەكمۇ ئىنتىزار ئىدى گەرچە ئۇ يالغان تۈلكە بولسىمۇ، ئاتتەك چوڭلۇقتا بولۇپ، تېخى ئاتقا ئوخشاش نوختا سېلىنغانىدى. فىلىس بىر ئىرغىپلا تۈلكىگە مىنىۋالدى ھەمدە ئۈستەلنى بىرنەچچە قېتىم ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن كۆرەڭلىگەن ھالدا _ قاراڭلار، ياۋايى ھايۋانمۇ چاغلىقكەنغۇ؟ مەن ھامان ئۇنى كۆندۈرىمەن، دېدى. دادىسى بىلەن ئاپىسى ئۇنىڭغا يەنە بىرقانچە قورچاق ئەسكەر سوۋغا قىلدى. شۇ تاپتا بۇ ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلغىنىچە ئۈستەلدە تۇراتتى، ئۇلار زەر يىپتا كەشتىلەنگەن فورما كىيىپ، كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدىغان قورال ئېسىۋالغان بولۇپ، ئاق بوز ئاتنىڭ ئۈستىدە تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. بالىلار يەنە نۇرغۇن رەسىملىك كىتابقا ئېرىشكەنىدى، ئۇلار كىتابنى كۆرۈشكە ئالدىراپ تۇرغاندا جاراڭلىق قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ دوششىمىن تاغا ئەكەلگەن سوۋغاتلارنى كۆرىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ئۇلار ياندىكى بىر ئۈستەلنىڭ قېشىغا باردى، دوششىمىن تاغا ئەكەلگەن سىرلىق سوۋغاتلار بىر يىپەك كۈنلۈكنىڭ كەينىگە تىقىپ قويۇلغانىدى. ئۇ نېمىدۇر؟ ئۇ تولىمۇ چىرايلىق بېزەلگەن بىر ئوردىنىڭ مودېلى ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپى چىملىق بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولغانىدى. ئوردىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر سائەت، سائەت داڭ ئۇرۇشى بىلەنلا ئوردىنىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ، زال ئىچىدە مامۇق پۆپۈكلۈك شىلەپە كىيگەن ئەپەندىلەر بىلەن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان خانىملار مېڭىپ يۈرەتتى. زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا خىرۇستال ئاسما چىراغ ئېسىلغان بولۇپ، زالنى سۈتتەك يورۇتۇۋەتكەنىدى. دەل شۇ چاغدا سائەتتىن يېقىملىق مۇزىكا ياڭراپ زالدىكى قورچاقلار جۈپ - جۈپى بىلەن تانسىغا چۈشتى. كۆك رەڭلىك پەلتو كىيىۋالغان بىر ئەر دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ تالاغا قاراشقا باشلىدى، يەنە باشمالتاقچىلىك چوڭلۇقتىكى بىرقورچاق بولۇپ،ئۇ قورچاق دوششىمىن تاغىغا بەكمۇ ئوخشايتتى. — دوششىمىن تاغا، مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايچۇ،— دېدى فىلىس. ئۇ ھەمىشە مۇشۇنداق غەلىتە تەلەپلەرنى قوياتتى. —ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ ئوردا كىچىك تۇرسا، قانداق پاتىسىز؟ مارى بىلەن فىلىس مودېلنىڭ قېشىدا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قورچاقلارنىڭ بىر خىللا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى سەزدى. — ئۇلارنى ھەر خىل ئۆزگىرىدىغان قىلغىلى بولمامدۇ؟— دەپ سورىدى فىلىس. — بولمايدۇ،— دېدى دوششىمىن تاغا سەل ئوڭايسىزلىنىپ. — بۇ زاپچاسلار شۇنداق قۇراشتۇرۇلغان، خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايدۇ. _ بۇمۇ بولمايدىكەن،— دېدى فىلىس ئۈمىدسىزلىنىپ، — بۇ قورچاقلار بىر نەچە خىللا ھەرىكەتنى تەكرارلايدىكەن، يەنىلا مېنىڭ ئەسكەرلىرىم ياخشىكەن، ئۇلار بۇيرۇقۇمغا بويسۇنىدۇ. ئۇلارنى ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار دىسەم ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، چېكىنىڭلار دېسەم چېكىنىدۇ، بۇلاردەك بىر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ بىرلا خىل ھەرىكەت قىلمايدۇ.. مارىمۇ بۇنىڭدىن زېرىكىپ ئاستا كېتىپ قالدى. نېمىلا دېگەن بىلەن مارى ئاكىسىدىن ئەدەپلىك ئىدى. دوششىمىن تاغىنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى. -قارىغاندا، ئۇلار سوۋغامنى ياقتۇرمىغاندەك قىلىدۇ، ئۇنى ئەكەتسەم بولغۇدەك. مارىنىڭ ئاپىسى دوششىمىن تاغىنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ قالغانلىقىنى سېزىپ ئالمان - تالمان ئېغىز ئاچتى: — بالىلارغا بۇ ئوردىنىڭ تۈزۈلۈشىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، بۇ قورچاقلار قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن قارىغاندا چوقۇم- ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن لايىھەلەنگەن بولسا كېرەك. دوششىمىن تاغا دىققىتىنى يىغىپ ئوردىنىڭ زاپچاسلىرىنى بىر -بىرلەپ چۇۋۇغاندىن كېيىن بالىلارغا بۇ زاپچاسلارنىڭ قانداق قۇراشتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، ئاندىن يەنە قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقتى. دوششىمىن تاغا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلىگىنىدىن تولىمۇ خۇشال بولدى. ئۇ مارى بىلەن فىلىسقا كەمپۈت ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان جىگەر رەڭلىك قورچاق سوۋغا قىلدى، بۇ سوۋغاتنى ھەم ئوينىغىلى، ھەم يېگىلى بولاتتى، ئۇنىڭ مەززىلىك ھىدى مارى بىلەن فىلىسنى جەلپ قىلىۋالغانىدى مارىنىڭ ئاچىسى روئىجىمۇ يىپەك كۆڭلەكلىك بايراملىق سوۋغىغا ئېرىشكەنىدى. ئاپىسى قىزلارغا يېڭى كۆڭلەكنى كىيدۈرۈپ قويدى، روئىجى يېڭى كۆڭلەك كىيىۋىدى، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ھەممەيلەن ئۇنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى. بىراق، مارى كۆڭلەكنى ھازىرلا كىيىشكە كۆزى قىيماي، تازا قاراپ قېنىۋالغاندىن كېيىن كىيمەكچى بولدى.