: ھازىرقى ئورنىڭز
<باش بەت
<چۆچەك
پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى
پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى
ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى كىيىم-كىچەككە ئاجايىپ ئامراق بىر پادىشاھ بار ئىكەن. چىرايلىق كىيىنىش ئۈچۈن، بۇ پادىشاھ بارلىق مال بىساتىنى كىيىم - كېچەككە سەرپ قىلىشقا رازى ئىكەن، لېكىن ئۇ نە ھەربىي قوشۇنغا، نە نامرات پۇقرالارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن. ئۇ مەپىلىرىدە ئولتۇرۇپ سەيلە قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن، بۇ پادىشاھ ھەر كۈنى ھەر سائەتتە بىر قۇر يېڭى كىيىم ئالماشتۇرىدىكەن. باشقا دۆلەتلەردە، بەزىلەر پادىشاھنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، كىشىلەر ھەمىشە: ـــ پادىشاھ ئوردىدا ! دەپ جاۋاب بەرسە بۇ دۆلەتتە كىشىلەر پادىشاھنى تىلغا ئالغاندا پادىشاھ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە! دەيدىكەن ، بۇ ئۆزىنى بىلمەيدىغان پادىشاھقا ئامالسىز قالغانپۇقرالارنىڭ بىر كۆزىنى ئېچىپ بىر كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى باشقا شەھەردىن ئۆزىنى توقۇمىچى دەۋالغان ئىككى ئالدامچى بۇ شەھەرگە كەپتۇ. ئۇلار بۇ يەردىكى پادىشاھنىڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بۇ شەھەرگە كەلگەن ئىكەن . ئىككى ئالدامچى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان چىرايلىق رەختلەرنى توقۇپ چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ . بۇ خىل رەختنىڭ رەڭگى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە نەقىشلىرى نەپىس بولۇپلا قالماستىن تېخى ئۇنىڭدىن كىيىم تىكسە، يەنە بىر خىل ئىنتايىن قالتىس بىر رولى بار ئىكەن، يەنى كىمنىڭ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولىدىكەن، چۈنكى ئەخمەق ئادەم بۇ كىيىمنى كۆرەلمەيدىكەن . ئىككى ئالدامچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى پادىشاھ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ كېتىپتۇ، كۆڭلىدە: بۇ دەل مەن ئىزدەۋاتقان كىيىم، مەن كىيىمنى كىيسەم، پادىشاھلىقتىكى ئەمەلدارنىڭ كىشىلەرنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى، قايسى كىشىلەرنىڭ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن، ئەلۋەتتە مەن لاياقەتلىك ۋە ئەقىللىق ئادەملەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىمەن، دەپ ئويلاپتۇ . سىلەر دەرھال بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق مۇقەددەس كىيىمنى تىكىپ تەييار قىلىڭلار. مەن ھەسسىلەپ ئىنئام بېرىمەن پادىشاھنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن، ئىككى ئالدامچى نۇرغۇن پۇلنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئالدامچى خىزمەت قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار ئىككى رەخت توقۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ھەر كۈنى رەخت توقۇغان قىياپەتنى دوراپتۇ بىراق، كىشىلەر ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ھېلىقى ئىككى رەخت توقۇش ماشىنىسىغا ئوغرىلىقچە قاراپ باقسىمۇ لېكىن رەختنى كۆرەلمەپتۇ، نەدىمۇ رەخىت بولسۇن، لېكىن ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئىتراپ قىلىشنى خالىماپتۇ، ھېچكىم بۇ ئالدامچىلىقنى ئاشكارىلاشنى خالىماپتۇ . ئىككى ئالدامچى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرۋىلىپ، پات - پات پادىشاھتىن ئۆزلىرىگە ئەڭ ياخشى خام يىپەك، نۇرغۇن ئالتۇن يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە سالغان ئىكەن ئۇلار ھەر كۈنى ئاشۇ ئىككى قۇرۇق رەخت توقۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش يۈرىيدىكەن ـــ ئۇلار رەختنى قانداقراق توقۇپتۇ؟ پادىشاھ كۆپ قېتىم ۋەزىرلىرىدىن سوراپ باقماقچى بولىدۇ. بىراق، ئۇ دەرھال ھېلىقى ئىككى ئالدامچىنىڭ گېپىنى ئېسىگە ئالىدۇ، ئەخمەق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئادەم رەختنى كۆرەلمەيدۇ. پادىشاھ ھەر قېتىم بۇلارنى ئويلىغىنىدا سەل ئويلىنىپ قالاتتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇلاردىن قورقمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. لېكىن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ، پادىشاھ يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، يەنىلا بىر ئادەم ئەۋەتىپ كۆرۈپ باقسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ رەختنىڭ بىر خىل قالتىس كۈچى بارلىقىنى ئاڭلىغان، شۇڭا كۆپچىلىك خۇشال بولۇپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ زادى قانچىلىك ئەخمەق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان. مەن ئەڭ سەمىمىي قېرى ۋەزىرنى ئۇلارنىڭ يىنىغا ئەۋەتىپ كۆرۈپ باقاي، - دەپ ئويلىدى پادىشاھ - رەختنىڭ قانداقلىقىنى پەقەت ئۇلا بىلەلەيدۇ، چۈنكى ئۇ بەك ئەقىللىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىم ئۇنىڭدەك لاياقەتلىك ئەمەس. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئاق كۆڭۈل قېرى ۋەزىر ئىككى ئالدامچى خىزمەت قىلىدىغان جايغا كىلىدۇ. قېرى ۋەزىر بىر قاراپلا ئىككى ئالدامچىنىڭ ھېچ نەرسە يوق توقۇش ماشىنىسىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ھەتتا تەردىن كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. -بۇ قانداق ئىش؟ قېرى ۋەزىر چۈشىنەلمەي ئويلانغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى يوغان ئىچىلىپ چەكچىيىپ كەتتى. ـــ مەن نېمىشقا،كۆرەلمەيمەن؟ مەن ھېچنېمىنى كۆرمىدىمغۇ ! لېكىن ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بۇ گەپنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ھېلىقى ئىككى ئالدامچى قېرى ۋەزىرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، ئۇنى توقۇش ماشىنىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: ـــ قاراڭ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق گۈل! بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رەڭ، توغرىمۇ؟ ئۇلار ھېچقانداق نەرسە يوق توقۇش ماشىنىسىنى كۆرسەتكەندە قېرى ۋەزىرنىڭ كۆزلىرىنى چەكچىيىپ يوغىناپ كەتتى، لېكىن ئۇ يەنىلا توقۇش ماشىنىسىدىن ھېچ نەرسە كۆرمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېچنېمە يوق ئىدى . ـــ ئاھ قېرى ۋەزىر ئويلاپ:«ئەجەبا مەن راستتىنلا بىر ئەخمەقمۇ؟ مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان، مەن بۇ ئىشنى باشقىلارغا ھەرگىز بىلدۈرمەيمەن. ئەجىبا مەن خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمامدىم؟ ياق، مەن باشقىلارغا رەختنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويسام بولمايدۇ. ـــ ھەي، ۋەزىر، سىزنىڭ رەختكە ئازراقمۇ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟. -ئوبدان كۆرۈۋېلىڭ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل نەقىشلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ. قېرى ۋەزىر كۆزئەينىكىنى چىقىرىپ تاقاپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىنچىكىلىك بىلەن قارىدى، ئاندىن يەنە بېشىنى قىڭغىر قىلىپ ھۇزۇرلاندى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: نېمىدېگەن چىرايلىق گۈل نۇسخىلىرى، نېمىدېگەن چىرايلىق رەڭلەر، شۇنداق، مەن پادىشاھقا بۇ رەختتىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىمەن. ـــ ھە، بىز سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇق، ھەقىقەتەن خۇش بولدۇق! شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە بۇ ئاز ئۇچرايدىغان گۈل نۇسخىلىرى، تېپىلغۇسىز رەڭلەرنى بىر قۇر تەسۋىرلەپ چىقتى، يەنە ئۇلارغا نۇرغۇن يېڭى ئىسىملارنى قوشۇپ قويدى. بۇ پېشقەدەم ۋەزىر ئوردىغا قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا دوكلات قىلغاندا ئەينەن دېيەلىشى ئۈچۈن، ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى، بۇنداق بولغاندا ئىش ئاسانلاشمامدۇ! بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئىككى ئالدامچى يەنە نۇرغۇن پۇل ۋە تېخىمۇ كۆپ خام يىپەك تەلەپ قىلىپ ، بۇنى رەخت توقۇشقا لازىم دېدى. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە سالدى، ھەتتا بىر تال يىپنىمۇ توقۇش ماشىنىسىغا سالمىدى. بىراق ئۇلار يەنىلا ئالدىراش كۆرىنەتتى، توقۇش ماشىنىسى ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىمايتى، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، پادىشاھ يەنە بىر ۋەزىرنى رەخت توقۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى. بۇمۇ بىر ئىنتايىن سەمىمىي ۋەزىر ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ تەلىيى ھېلىقى قېرى ۋەزىردەك ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇمۇ قايتا-قايتا قارىدىيۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قۇرۇق رەخت توقۇش ماشىنىسىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى ئۇمۇ ھېچنېمىنى كۆرمىدى. قاراڭ، بۇ رەخت چىرايلىقمىكەن؟ ئىككى ئالدامچى قۇرۇق رەخت توقۇش ماشىنىسىنى كۆرسىتىپ سورىدى. ئارقىدىنلا ئۇلار يەنە بۇ ۋەزىرگە گۈل نۇسخىلىرىنىڭ قانداق چىرايلىق، رەڭگىنىڭ قانداق ئوچۇق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ـــ مەن ئەخمەق ئەمەس! بۇ ۋەزىر:«بۇ ئېھتىمال مېنىڭ ھازىرقى مەنسەپكە لايىق ئەمەسلىكىمدىن بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ لېكىن مەن باشقىلارغا ھەرگىز چاندۇرمايمەن! شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىر ئۆزى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغان رەختنى ماختاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بۇ ئىككى ئالدامچىغا مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، مەن سىلەرنىڭ قالتىس خىزمىتىڭلارنى پادىشاھقا ئەينەن مەلۇم قىلىمەن. شەھەردىكى ھەممە ئادەم بۇ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل رەخت توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتاتتى. بۇ رەختنى ئەمدىلا توقۇشقا باشلىغاندا، پادىشاھنىڭ ئۆزى بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى كەلدى. بۇ كۈنى ئۇ ئالايىتەن بىر توپ يېقىن ۋەزىرلەرنى تاللىدى، ئەلۋەتتە، ئىلگىرى رەخت كۆرگىلى كەلگەن ئىككى ۋەزىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بىرلىكتە رەخت كۆرگىلى باردى. ئىككى ئالدامچى پادىشاھنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ تېخىمۇ كۈچەپ كەتتى. ئۇلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن توقۇش ماشىنىسىدا ئىش،قىلىۋاتاتتى، لېكىن ھېچكىم توقۇش ماشىنىسىدا بىر تال يىپمۇ كۆرمىدى. ئالىيلىرى، بۇ رەخت چىرايلىقمىكەن؟ ـــ ئالىيلىرى، قارىسىلا ، نېمىدېگەن چىرايلىق گۈللەر، نېمىدېگەن چىرايلىق رەڭلەر ـ ھە!ـــ دېدى ئىككى ۋەزىر. ئىككى ۋەزىر قۇرۇق توقۇش ماشىنىسىنى كۆرسىتىپ پادىشاھقا مەززە قىلىپ سۆزلەپ بەردى. بۇ نېمىش بولغىنى ؟ مېنىڭ كۆزۈم بەك ئۆتكۈر ئىدىغۇ. لېكىن مەن ھېچنېمىنى كۆرمىدىم! ئەجەبا مەن بىر ئەخمەق ئادەممۇ؟ ئەجەبا مەن پادىشاھ بولۇشقا لايىق ئەمەسمۇ؟ قانداق قىلسام بولار؟ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پادىشاھ قايىل بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: ھە، بۇ رەخت بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن بەكلا رازى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بېشىنى لىڭشىتىپ رازىلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ توقۇش ماشىنىسىغا سىنچىلاپ قارىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ۋەزىر - ۋۇزرالارمۇ تەپسىلىي قاراپ چىقتى، لېكىن ئۇلار پادىشاھقا ئوخشاش ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ: ـــ ھە! بۇ رەخىت ھەقىقەتەن ئەيىپ نۇقسانسىز توقۇلغان ئىكەن ھە! ئەگەر بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى بۇ خىل رەختتىن تىكىلگەن كىيىمنى كىيسە، بۇ دۇنيادا بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئالىيلىرىمىز بىلەن تەڭداش ھېچقانداق بىر پادىشاھ بولمايدۇ! ۋەزىرلەر بەس بەس بىلەن مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىشىۋاتاتتى. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، بۇ يېڭى كىيىمنى كىيىپ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمىغا قاتناشماقچى بولدى. ئۇ پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەرگە، ياق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىشىلەرگە ئۇنىڭ بۇ يېڭى كىيىمنى كىيگەن قىياپىتىنى كۆرسەتمەكچى بولدى. ئۇ بۇ ئىككى كىشىنى ئوبدان مۇكاپاتلىماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن چەۋەنداز ئۇنۋانى ۋە تۈگمىگە ئېسىلىدىغان بىر دانە ئوردېن ئىنئام قىلدى ھەمدە ئۇلارغا «تەكلىپلىك توقۇمىچىلىق ئۇستىسى» دەپ نام بەردى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. ئالدىنقى كۈنى كەچتە، بۇ ئىككى ئالدامچى كېچىچە ئۇخلىماي, چىراغ يورۇقىدا، كېچىلەپ ئىشلەپ پادىشاھقا يېڭى كىيىم تىكىپ بەردى. ئۇلار توقۇش ماشىنىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن تەرىپىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، قولىنى سوزۇپ توقۇش ماشىنىسىدىن ھېچكىم كۆرەلمەيدىغان رەختلەرنى ئېلىپ، ئاندىن ئىككى چوڭ قايچا بىلەن بىر پەس كېسىپ، يەنە يىپى يوق يىڭنە بىلەن بىر قۇر تىكتى. ئاخىرىدا، بۇ ئىككى ئالدامچى خىزمىتىنى توختاتتى: ـــ قاراڭلار، يېڭى كىيىم پۈتتى! پادىشاھ بىر توپ ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ ئارىغا ئېلىشى بىلەن يېتىپ كەلدى، ئالدامچىلار خۇددى ئىنتايىن قىممەتلىك بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك، بىر قولىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا: ـــ قاراڭلار، بۇ ئىشتان! بۇ تون! بۇ چاپان! بۇ كىيىم خۇددى تومۇزغا قانىتىدەك يىنىك ، ئۇنى كىيسە خۇددى ھېچنېمە كىيمىگەندەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ دەل بىزنىڭ بۇ كىيىمىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى! ئالدامچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پادىشاھ بىلەن بىللە كەلگەنلەر: ـــ شۇنداق، بۇ كىيىم بەك چىرايلىق ئىكەن! دېيىشتى لېكىن ئۇلار ھېچنېمىنى كۆرمىگەن ئىدى، چۈنكى ئەسلىدىلا ھېچنېمە يوق ئىدى. ئەمدى پادىشاھ ئالىيلىرى ئۇچىلىرىدىكى كىيىملىرىنى سالغايلا، - دېدى ئىككى ئالدامچى، - بىز مۇشۇ چوڭ ئەينەك ئالدىدا ئالىيلىرىغا يېڭى كىيىم ئالماشتۇرۇپ قويايلى. پادىشاھ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئالدامچى پادىشاھنىڭ ئالدى - كەينىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇلار يالغاندىن يېڭىلا تىكىلگەن يېڭى كىيىملەرنى بىر - بىرلەپ پادىشاھنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئاندىن يەنە بىر - بىرلەپ پادىشاھنىڭ قولىدىن ئېلىپ ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بېلىگە بىر ھازا بىر نەرسىلەرنى چەگدى . پادىشاھ ئەينەك ئالدىدا بەدىنىنى بۇراپ: ــ تەڭرىم، بۇ كىيىم نېمىدېگەن يارىشىملىق، پاسونىنى نېمىدېگەن چىرايلىق ـ ھە! كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ:نېمىدېگەن چىرايلىق ! نەقەدەر ئوچۇق رەڭ ھە ! دۇنيادا بۇ كىيىمدىن چىرايلىق نەرسە يوق. -سىرتتىكى سايىۋەن تەييار بولدى، ئالىيلىرى يېڭى كىيىم كىيپ بولسىلا ، مۇراسىم باشلىنىدۇ. -ناھايىتى ياخشى، مەن ھازىرلا پۇقرالىرىمنىڭ كۆزىنى ئىچىپ قويىمەن . ئەلۋەتتە بۇنداق بولغاندا مەن قايسى كىشىلەرنىڭ ئەخمەق ياكى لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن. ئۇ يەنە ئەينەك ئالدىدا بەدىنىنى ئۆرۈپ چۆرىدى، چۈنكى ئۇ كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ كىيىمىدىن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدى! پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى، ۋەزىرلەر خۇددى يېڭى كىيىمىنى ھەقىقىي كۆرگەندەك پەشلىرىنى قولىغا، ئالغان ھەركەتنى دورىدى . ئۇلار پادىشاھقا ئەگىشىپ بىللە ماڭدى، قولىدا يېڭى كىيىمنىڭ پىشى بار ئىدى ، لېكىن كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق نەرسە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ھەيۋەتلىك قوشۇن كەلدى، پادىشاھ ئاشۇ ھەشەمەتلىك سايىۋەن ئاستىدا، قەددىنى تىك تۇتۇپ كېتىۋاتاتتى. كوچىدا ۋە دېرىزىلەردىن ماراپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى: ـــ ھەي، پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى بەك چىرايلىق ئىكەن! ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ كەينى نېمىدېگەن گۈزەل! كىيىم بەك يارىشىپتۇ!» دېدى. كىم بۇنداق دېمەيدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھېچنېمىنى كۆرمىگەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى ياكى بەك ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ـــ لېكىن ئۇ ھېچقانداق كىيىم كىيمەپتىغۇ! بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئىختىيارسىز ھالدا شۇنداق دېدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بۇ بالىنىڭ گېپىنى تۆۋەن ئاۋازدا تارقاتتى. ـــ پادىشاھ ھېچقانداق كىيىم كىيمەپتۇ، بىر كىچىك بالا ئۇنى ھېچقانداق كىيىم كىيمەپتۇ دەيدۇ! ـــ ئۇ ھەقىقەتەن ھېچقانداق كىيىم كىيمەپيىغۇ! ئاخىرىدا بارلىق پۇقرالار شۇنداق دېدى. بۇ چاغدا پادىشاھ سەل تىترەپ كەتتى، چۈنكى ئۇ پۇقرالارنىڭ گېپىنى توغرىدەك ھېس قىلدى. بىراق، پادىشاھ كۆڭلىدە:«مەن بۇ مۇراسىمىنى چوقۇم تاماملىشىم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا ئۇ تېخىمۇ مەغرۇرلانغان ھالدا ماڭدى، ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىمۇ قىلچە چاندۇرماستىن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، قولىدا پادىشاھنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان كىيمىنىڭ پىشىنى كۆتۈرۈپ كىتىپ باراتتى...تۈگىدى